• 2011-04-16

    باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنى بېيىتىش دەرس لايىھىسى - [ئەدەبىيات دەرسلىرى]

    باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنى بېيىتىش  دەرس لايىھىسى

    يوپۇرغا ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرسۇنگۇل ئابدۇرۇسۇل

    بۇ دەرس ئوقۇتۇش سۇرئىتى كالىندار پىلانىدا ئىككى سائەت پىلانلانغان بولۇپ، تۆۋەندە بۇ دەرسنىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرس لايىھەسى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ.

    ماتېريال تەھلىلى:

    بۇ دەرس تولۇقسز ئوتتۇرا  مەكتەپ 2- قېسىم تىل ئەدەبىيات دەرىسلىكىنىڭ بىرىنچى بۆلەككە دەرىسىلىك كىتاپنىڭ 25، 26- بەتلىرىگە ئورۇنلاشقان. بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئومومىي ماۋزۇسى «  شەيئىلەرگە مۇھەببەت » بولۇپ، « نان »، «سۇۋادان تېرەككە مەدىيە»، « بورانقۇش ناخشىسى »،« ئوقۇپ ھوزۇرلىنىنىڭ »  قاتارلىق تېكىستلەر كىرگۇزۇلگەن.

    يۇقارقى تىكىستلەردە ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەر ۋاستە قىلىنىپ تۇرۇپ باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق گۈزەل، جانلىق، ئوبرازلىق بولغان تېل يارتىلىپ، كۈچلۈك تەربىيلەش قىمىتىگە ئىگە ئىددىيە، كۆز قاراشلار، لىرىك ھېسيات قايىل قىلارلىق ئىپادىلەنگەن. يۇقارقى تېكىستلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىنلا « باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنى بېيىتىش » دىگەن يېزىلىق دەرسى ئورۇنلاشتۇرلۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى سائەتلەردە  تېكىست ئوقۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ھېس قىلغان تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ بېيتىش، شۇنداقلا ئەمەلىي يېزىقچىلىق مەشقىلىرىدە تەسەۋۋۇرنىڭ ئەدەبىي ئەسەردە تۇتقان ئورنى، رولىنى تونۇتۇش، باغلانما تەسەۋۋۇرنى قانداق قوللىنىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە قانداق ئىگەللىتىش مەقسەت قىلىنغان.

    ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى

    ئۈچ قاتلاملىق نىشان

    1.  بىلىم ۋە ماھارەت  نىشانى

    (1) باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىگەللەش.

    (2) ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ قوللىنىلغان ياكى قوللىنىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇش.

    (3) باغلانما تەسەۋۋۇرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاددىي جۇملىلەردە، ئابزاسلاردا قوللىنىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.

    2. جەريان ۋە ئۇسۇل

    تەسەۋۋۇر ھەققىدە ئويلىنىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ، كۆرسەتمىلىك رەسىملەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار قوزغىتىلىپ تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرلۇپ، باغلانما تەسەۋۋۇر ئۇقۇمى كەلتۇرۇپ چىقىرىلىدۇ.

    باغلانما تەسەۋۋۇرنى چۇشەندۇرۇش جەريانىدا ھەر خىل مەزمۇنىدىكى كۆرسەتمىلىك رەسىم، نەسىرى ئەسەرلەر ۋە شېئىرى ئەسەرلەردىن پارچىلار ئۈلگە قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىشكە، ئويلىنىشقا، ھەمكارلىشىپ مۇزاكىرە قىلىشقا يېتەكلىنىپ، ئاخىرىدا ئەمەلىي مەشققە تەشكىلىنىدۇ.

    2. ھېسيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى

    (1)            مول تەسەۋۋۇر، كۈچلۈك ھېسيات ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەردىن ئىستېتىك زوق ئالالايدىغان بولۇش.

    مۇھىم نوقتا: باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدە ئېنىق چۇشەنچىگە ئىگە بولۇش.

    قىيىن نوقتا: باغلانما تەسەۋۋۇردىن قانداق پايدىلىنىش، قانداق قوللىنىشىنى بىلىش.

    ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلگە كۆرسىتىش، مىسال كەلتۇرۇش ئۇسۇلى.

    ئۆگىنىش شەكلى: ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ، مەسىلە قويۇپ ئۆگىنىش ۋە مۇستەقىل ئۆگىنىش.

    دەرىسخانا بايلىقى: كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە پارچە رەسىملەر كۆرسىتىلىدۇ، مۇزىكا ئاڭلىتىلىدۇ، بىر قىسىم ماددىي نەرسىلەردىن پايدىلىنىلىدۇ.

    يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش جەريانى

    ئالدى بىلەن بىر تېپىشماق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا يېتەكلىنىپ، تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى ئۇقۇم ئىچىگە باشلاپ كىرىلىدۇ ۋە تۆۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا قوزغىتىلىدۇ.

    ئوقۇتۇش جەريانى:

    تەسەۋۋۇر قانداق جەريان؟

    تەسەۋۋۇر تۇرمۇشىمىزغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

    ( ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ. )

    ئۇنداقتا، تۆۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرۇپ باقايلى.

    ( تەسەۋۋۇر ئاساسىدا سىزىلغان بىرنەچچە پارچە رەسىم كۆرسىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىشكە يېتەكلىنىدۇ.)

    بىز يۇقىرىدا تەسەۋۋۇر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمىزىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئەمدى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا باغلانما تەسەۋۋۇرنى چۈشىنىپ باقايلى.

    ( مۇزىكا ئاڭلىتىلىدۇ.)

    (1) مۇزىكا ئارقىلىق ھېس قىلغانلىرى سۆزلىتىلىدۇ.

    (2) باغلانما تەسەۋۋۇرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۇرەتلەر كۆرسىتىلىدۇ.

    يۇقارقى رەسىمدە قانداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟

    سىزنىڭچە قانداق تەسەۋۋۇر باغلانما تەسەۋۋۇر بولىدىكەن؟

    ( ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرىدۇ.)

    باغلانما تەسەۋۋۇر  بىر شەيئى ئارقىلىق يەنە بىر شەيئىنى ئويلاشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق پائالىيەتتۇر.

    باغلانما تەسەۋۋۇر قانداق ئورۇن، قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ؟

    ( مەسىلە قويۇپ ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە يىتەكلىنىپ، باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۇشەنچىسى بېيىتىلىدۇ) مىسال كەلتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

    ئۇنداقتا بىز ئەدەبىي ئەسەرلەردە قوللىنىلغان باغلانما تەسەۋۋۇرلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى.

    ( ھەر خىل ژانېردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پارچىلار ئۇلگە ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ ۋە پارچىلاردىكى باغلانما تەسەۋۋۇرلارغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.)

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۇشەنچىسى بىر قەدەر ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن، بىر قسىم كۆرسەتمىلىك رەسىملەر ۋە ماددىي بويۇملاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار كۈزىتىشكە، تەسەۋۋۇر قىلىشقا، ئويلىغانلىرىنى يېزىپ بېقىشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

    ھېسيات تەربىيسى:

    دىمەك، باغلانما تەسەۋۋر بىز چۈشىنىپ يىتەلمەيدىغان، بىزدىن يىراق بولغان مەۋھۇم ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ دائىم مېڭىمىزدە، قەلبىمىزدە پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان لىرىك ئىلھام، پىسخىكىلىق جەرياندىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر خىل ماقالە ئەسەرلىرىمىزدە باغلانما تەسەۋۋۇرنى قوللىنىپ تۇرۇشقا جۇرئەتلىك بولىشىمىز كېرەك.

    تاپشۇرۇق:

    « يىلتىز، گىياھ، كۆۋرۈك » قاتارلىق شەيئىلەردىن بىرىنى ياكى ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى چۇشىنىدىغان شەيئىدىن بىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، لىرىك پارچە يېزىپ كېلىڭ.

     

    分享到: