-
2011-04-16
«باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنى بېيتىش» بىرىنچى سائەتلىك دەرس ئايانى - [ئەدەبىيات دەرسلىرى]
يوپۇرغا ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرسۇنگۇل ئابدۇرۇسۇل
ماتىرىيال تەھلىلى
بۇ دەرىس تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 2- قىسىم تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىكىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىگە، دەرسلىك كىتابنىڭ 25-26- بەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئومۇمى ماۋزۇسى «شەيئىلەرگە مۇھەببەت» بولۇپ، «نان»، «سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە»، «قاش تېشىغا مەدھىيە»، «بورانقۇش ناخشىسى»، «ئوقۇپ ھوزۇرلىنىڭ» قاتارلىق تېكىسىتلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
يۇقارقى تېكىسىتلەردە ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەر ۋاستە قىلىنىپ تۇرۇپ، باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق گۈزەل، جانلىق، ئوبرازلىق تىل مۇھىتى يارتىلىپ، كۈچلۈك تەربىيلەش قىممىتىگە ئىگە ئىددىيە، كۆز قاراشلار ۋە لېرىك ھېسىيات قايىل قىلارلىق ئىپادىلەنگەن. يۇقارقى تېكىسىتلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىنلا «باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنى بېيتىش» دېگەن يېزىقچىلىق دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى سائەتلەردە تېكىسىت ئوقۇش، ئۈگىنىش ئارقىلىق ھېس قىلغان تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ بېيتىش، باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە تۇتقان ئورنى، رولىنى تونۇتۇش، شۇنداقلا ئەملىي يېزىقچىلىق مەشىقلەردە باغلانما تەسەۋۋۇرنى قانداق قوللىنىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگەللىتىش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ دەرىسنىڭ بىرىنچى سائەتلىك نىشان ۋە جەريانلىرى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئۈچ قاتلاملىق نىشان
1. بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى:
1) باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىگەللىتىش.
بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سەۋەپ: ئوقۇغۇچىلار 7- يىللىق باسقۇچىدا ھەر خىل چۆچەكلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، تەسەۋۋۇر ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولغان بولسىمۇ، بىراق باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ قانداق تەسەۋۋۇر جەريانى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بىرىنچى سائىتىدە بۇ ھەقتە بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىشى كېرەك دەپ قارىدىم.
2) ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ قوللىنىلغان ياكى قوللىنىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇش.
بۇنداق بېكتىشىمدىكى سەۋەپ: ئوقۇغۇچىلار باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولسا، ئۇلار چوقۇم ئىلگىرى ئوقۇغان بىر قىسىم ئەسەرلەردە ئەسلىدە باغلانما تەسەۋۋۇر قوللىنىلغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئەگەر بەك چوڭقۇر ھېس قىلالمىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭدىن كىيىن ئوقۇغان ئەسەرلەرگە دىققەت قىلدىغان بولىدۇ، تەپەككۇرى كېڭىيىدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىنى بىر خىل ماھارەت نىشانى قىلىپ بىكىتتىم.
3) باغلانما تەسەۋۋۇرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاددى جۈملىلەردە، ئابزاسلاردا قوللىنىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
بۇنداق بېكتىشىمدىكى سەۋەپ: ئوقۇغۇچىلار باغلانما تەسەۋۋۇر ئىشلتىشتە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققى قىلىش كېرەك. سىمۋۇل تۈسى كۈچلۈك بىر پۈتۈن ئەسەرنى يېزىشنى تەلەپ قىلساق، بۇ نىشان ئوقۇغۇچىلارغا يىراق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى باغلانما تەسەۋۋۇر ئىچىگە ئاستا- ئاستا باشلاپ كىرىش مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
تېپىشماق ئېيتىش شەكلى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدىغان سۇئال شەكلى ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن.
بۇ ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، دەرىسخانا كەيپىياتىنى جانلىق قىلىشقا پايدىلىق. شۇنداقلا بۇ سائەتتە ئۆتىلىدىغان دەرىسكە ئاسانلا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. نىشانغا يىتىش جەريانىدا كۆرسەتمىلىك دەرىسلەردىن پايدىلىنىپ كۈزتىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا، ئىزدىنىشكە يىتەكلەيمەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلارنى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلەپ، باغلانما تەسەۋۋۇرنى چۈشىنىشكە پايدىلىق، زۆرۈر تېپىلغاندا نەسىرى ئەسەرلەر ۋە شېئىرى ئەسەرلەردىن ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق تەھلىل قىلىشقا يىتەكلەپ، باغلانما تەسەۋۋۇر ئۇقۇمى بىر قەدەر ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق مەشقىگە تەبئى يېقىنلاشتۇرۇشتا پايدىلىق.
3. ھېسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى
مول تەسەۋۋۇر، كۈچلۈك ھېسىيات ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەردىن ئىستىتىك زوق ئالالايدىغان بولۇش.
بۇنداق بېكتىشىمدىكى سەۋەپ: ئوقۇغۇچىلار باغلانما تەسەۋۋۇرنى چۈشىنىپ يىتەلىسە، تەبئى ھالدا ئۆزى ئوقۇغان ئەسەرلەردىكى باغلانما تەسەۋۋۇرغا ھۆكۈم قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئىستىتىك زوق ئالالايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىن زوقلىنىشنى بىلىشمۇ يېزىقچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى ۋە باشلانمىسى، شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر پۈتۈن ئەسەرنى تاماملاش ئەمەس، بەلكى بالىلارغا خاس زوقلىنىشنى ئۈگىتىشمۇ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى بىر خىل ئۈنۈم ھېسابلىنىدۇ.
مۇھىم نۇقتا: باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش.
بۇنىڭ مۇھىم بولۇشتىكى سەۋەبى: بۇ دەرىستىكى بارلىق جەريان مۇشۇ بىر ئۇقۇمنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار باغلانما تەسەۋۋۇرنى چۈشەنمىسە، يېزىقچىلىق ئەمەلىيتىدىمۇ ئىشىلىتەلمەيدۇ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى باغلانما تەسەۋۋۇرغىمۇ ھۆكۈم قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دەرىسنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى.
قىيىن نۇقتا: باغلانما تەسەۋۋۇردىن قانداق پايدىلىنىش، قانداق قوللىنىشنى بىلىش
بۇنداق بېكتىشىمدىكى سەۋەپ: ئوقۇغۇچىلار گەرچە بۇ سائەتلىك دەرىستە باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق يېزىقچىلىق ئەمەلىيتىدە ئۇنداق ئاسانلا قوللىنالمايدۇ. بۇ بىر مەزگىللىك مەشىق جەريانىدا ئىشقا ئاشىدىغان جەريان. شۇڭلاشقا بۇ دەرىسنىڭ قىيىن نۇقتىسى قىلىپ بەلگىلەندى.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، مىسال كەلتۈرۈش ئۇسۇلى
يەنى كىچىك سۇئاللار ئاساسىدا قوزغىتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى بېيتىش ھەققىدە ھەر خىل رەسىملەر ئۈلگە كۆرسىتىلىدۇ، مېنىڭچە بۇ خىل ئۇسۇل دەرىسنىڭ مەزمۇنىغا، خاراكتىرىگە ماس كېلىدۇ، چۈنكى باغلانما تەسەۋۋۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلدۇرۇش ئاساسىدا ھېس قىلدۇرىلىدىغان بولغاچقا، رەسىملەرنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پارچىلارنى ئۈلگە قىلىش بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دەرىس ئاخىرىدا باغلانما تەسەۋۋۇرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان يېزىقچىلىق مەشقىگە ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا باھالاش ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن.
ئۈگىنىش شەكلى
ئوتتۇرغا قويۇلغان قوزغىتىش خاراكتىرىدىكى سۇئاللارغا ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىش ئاساسىدا جاۋاپ بەرسە بولىدۇ، تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا ئىزدىنىپ، ئىجادى جاۋاپ بەرسە بولىدۇ. باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەسىلە قويۇپ ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، دەرىس ئاخىرىدىكى يېزىقچىلىق مەشقىدە مۇستەقىل ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى
تېپىشماق ياكى قوزغىتىش خاراكتىرىدىكى سۇئال ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش ئارقىلىق دەرىسخانا كەيپىياتى جانلىقلىققا ئىگە قىلىنىدۇ، شۇ ئاساستا تەسەۋۋۇر ئۇقۇمى ئىچىگە باشلاپ كىرىلىدۇ ۋە قوزغىتىش خاراكتىرىدىكى سۇئاللار سورىلىدۇ، رەسىملەر كۆرسىتىلىدۇ، شۇ ئاساستا تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بېيتىلىپ، باغلانما تەسەۋۋۇرنى ئۆتۈشكە يول ھازىرلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا مۇزىكا ئاڭلىتىلىدۇ ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھېسىياتىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ بىر شەيئى ئارقىلىق يەنە بىر شەيئىنى ئويلاشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق جەريان ئىكەنلىكى ھېس قىلدۇرىلىدۇ. ئارقىدىنلا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، باغلانما تەسەۋۋۇرنى يەنىمۇ ئەتراپلىق كۈزتىشكە يېتەكلەيدىغان سۈرەتلەر كۆرسىتىلىدۇ. شۇ ئاساستا باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى ئۇقۇم بىر قەدەر ئەتراپلىق يەتكۈزىلىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پارچە ئېلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇلۇپ، يېزىقچىلىق مەشقىگە ئاساس سېلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا باغلانما تەسەۋۋۇر قوللىنىلغان ئاددىي جۈملە ۋە ئابزاسىلارنى يېزىش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ماقالە، ئەسەرلەردە باغلانما تەسەۋۋۇرنى دادىل قوللىنالايدىغان، شۇنداقلا باغلانما تەسەۋۋۇر ئاساسىدىكى لىرىك ئەسەرلەرنى يازالايدىغان بولىشىغا ئاساس سېلىنىدۇ.
تاپشۇرۇق: «يىلتىز، گىياھ، كۆۋرۈك» قاتارلىق شەيئىلەردىن بىرنى ياكى ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان شەيئىدىن بىرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ لېرىك پارچە يېزىپ كېلىڭ.
بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت:
ئوقۇغۇچىلار دەرىسخانىدا ئېرىشكەن باغلانما تەسەۋۋۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى كۈزتىپ، شۇ شەيئىلەرنىڭ رولى، قىممىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ئەتراپىمىزدىكى قانداق ئىشلار بىلەن باغلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇ ئاساستا ئىلگىرى ئۆزى ھېس قىلمىغان يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ، نەزەر دائىرىسى، تەپەككۇرى كېڭىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ خىل تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.