-
2011-04-03
دەرس تەييارلاشتىكى ئاساسى مەزمۇن ۋە تەلەپلەر - [تەربىيلەش]
دەرس تەييارلاش،دەرس ئۆتۈشتىن ئىلگىرىكى ئالدىن تەييارلىق خىزمەت بولۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى بىر مۇھىم ھالقا. ئەستايىدىل دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىنڭ ئۈنۈملۈك يولى. دەرس تەييارلاشتىكى ئاساىسى مەزمۇن ۋە تەلەپلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
1. «دەرس ئۆلچىمى»نى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش. ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان پەننىڭ «دەرس ئۆلچىمى» نى تەكرار تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ ھەمدە «دەرس ئۆلچىمىنىڭ يەشمىسى» ،«ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پىروگراممىسى»دىكى ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىكىرنى تەتقىق قىلىپ،مەزكۇر پەن دەرسىنىڭ خارەكتىرى، ئورنى، نىشانى شۇنداقلا ئاساسى ئىددىيىسى، لايىھەلەشتىكى تەپەككۇر يولى ۋە ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلارنى ماكرو جەھەتتىن بىر پۈتۈن ئىگەللەش لازىم.
2. دەرسلىكنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش. دەرسلىكنى تولۇق ئوقۇپ، مۇستەقىل چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مۇشۇ مەۋسۇم(يىل)لىق ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى پىششىق ئىگەللەپ، دەرسلىكنىڭ ئورنى ۋە رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىلىمنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسى، ئاساسى يىپ ئۇچى ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى ئىگەللەش؛ دەرسلىكنىڭ تۈزۈلۈش رەت تەرتىۋى، تۈزگۈچىنىڭ مۇددىئاسى، بىلىم سېستىمىسى، لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرسلىكنىڭ مۇھىم، قىيىن نوقتىلىرى، مەشىق نوقتىلىرىنى ياخشى ئىگەللەش؛ دەرسلىكتىكى ئادەم تەربىيەلەش ئامىللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىلىم ۋە ماھارەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قاراشتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشاننى ياخشى ئىگەللەش لازىم.
3.ئوقۇغۇچىنى پىششىق بىلىش. «ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش»تەك مائارىپ ئىددىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، ئۆگۈنۈش مۇھىتى ھەمدە ھازىر بار بولغان ئاساسى بىلىم، ئاساسى ماھارەت سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىسى بىلەن تونۇشۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر پەنگە تۇتقان ئۆگۈنۈش پوزىتسىيەسى،ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى، ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ۋە ئۆگۈنۈش ئادىتىنى چۈشۈنۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈشتىكى قىيىنچىلىقى ۋە توسالغۇلىرىنى بايقاش ۋە ئانالىز قىلىش؛ ئىلمى، ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش تەدبىرىنى ئېنىق بىكىتىش لازىم.
4.ئوقوتۇش بايلىقىنى ئېچىش. ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بار بولغان ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش ماتىرىيالى،كىتاپ، ژورنال، رادىئو-تىلىۋىزىيە،تور، ئەسۋاپ-ئۈسكۈنە ئەسلىھەلەر، ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسى، ئورتاق بەرپا قىلغان ئورۇن، تەبىئى مەنزىرلىك جايلار، ئادىمىيەتلىك كۆرۈنۈشلەر ھەمدە ئەتراپتىكى كۈتۈپخانا، مۇزىي، پەن-تېخنىكا سارىيى، كان-كارىخانا، كەنىت، مەھەللە، قىسىم قاتارلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى ئېچىپ ۋە قېزىپ، بولۇپمۇ بار بولغان زامانىۋى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنۈسى، ئوپتىك دېسكا قاتارلىقلار تەمىنلىگەن سىن مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش تەييارلىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
5.مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللاش. ئوخشاش بولمىغان ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ئوبىكتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللاش لازىم. تاللىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، چوقۇم ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمىلىلەشتۇرەلىشى، ئوقۇتۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرالىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە مەكتەپنىڭ ماددى شارائىتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى،ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئاساس قىلىش ھەمدە تاللىغان ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى پەن ئالاھىدىلىكىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتىگە، ياش ئالاھىدىلىكىگە، ئەمىلى سەۋىيەسىگە ماس كېلىشى لازىم. زامانىۋى مائارىپ ۋاستىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلىدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈشتكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ«ئوقوتۇشتا ئۇسۇل بار، لېكىن مۇقىم قېلىپ يوق»بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
6.ئوقۇتۇش پىلانىنى بىكىتىش. يۇقارقى تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، مەكتەپ كالىندارىدا بەلگىلەنگەن ئوقۇتۇش ۋاختىغا ئاساسەن،مەزكۇر پەننىڭ مۇشۇ مەۋسۈملۇق (يىللىق ياكى باسقۇچلۇق) ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش لازىم. ئوقۇتۇش پىلانىدا يۇقارقى ھەرتۈرلۈك مەزمۇنلار گەۋدىلەندۈرۈلگەندىن سىرت، مەزكۇر پەنگە خاس بولغان ئۇنۋىرسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى، باھالاش لايىھەسى، ئۈگۈنۈشتە ئىلغارلارنى يىتەكلەپ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يارىدەم بېرىش پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇشى، مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش سۈرئەت(كالىندار) پىلان جەدىۋىلى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇشى لازىم.
ئوقوتۇش پىلانىدا ئاساسى بىلىمنى ئۈگۈنۈش، ئاساسى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەقلى قابىلىيەتنى ئېچىشنى ئويلۇشۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن يېتەكچىلىك قىلىش، ئىددىيە-ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ھەركەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى ئويلۇشىش، بولۇپمۇ بىلىم ۋە ماھارەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسيات پوزىتسىيە قىممەت قاراشتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشاننى كونكرىتنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى چوقۇم ئوقۇش باشلاشتىن كامىدا بىر ھەپتە بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك.
7.ئوقۇتۇشنى لايىھەلەش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇش، نىشاننى ئايدڭلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى بېكىتىش ئاساسىسدا ئوقۇتۇش لايىھەلەشنى ئېلىپ بېرىش لازىم. ئوقۇتۇشنى لايىھەلەش ئوقۇتۇش نىشانىنى ئۈنۈملۈك ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، ئوقۇتۇش لايىھەسى«نىمىنى ئوقۇتۇش ۋە نىمىنى ئۈگۈنۈش»، «قانداق ئوقۇتۇش ۋە قانداق ئۈگۈنۈش»،«قانداق ئوقۇتتۇم ۋە قانداق ئۈگەندى» قاتارلىق ئوقۇتۇش ۋە ئۈگۈنۈشتىن ئىبارەت قوش تەرەپلىمىلىك پائالىيەتنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش تەدبىرى ئىبارەت. ئوقۇتۇش لايىھەسى ئادەتتە بۆلەكلەر بويىچە ئوقۇتۇش لايىھەسى ۋە سائەتلىك ئوقۇتۇش لايىھەسىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغا بۆلىنىدۇ.
بۆلەكلەر بويىچە ئوقۇتۇش لايىھەسى بولسا، ئوقۇتۇش بۆلىكىنى بىرلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۆلەك ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئوقۇتۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى، ئوقۇتۇش بۆلىكىنىڭ نامى، بۆلەك ئوقۇتۇش(ئۈچ ئۆلچەملىك) نىشانى، بۆلەك بىلىم قۇرۇلمىسى، مۇھىم نوقتا، قىيىن نوقتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋال تەھلىلى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مۇھىم نوقتا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچى ۋە كونكىرىتنى ئۇسۇل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
سائەتلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى بولسا،دەرس سائىتىنى بىرلىك قىلىپ، كونكىرىت ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ۋاستىسىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش، ئوقۇتۇش جەريان تەرتىۋىنى يەنى«مۇھىت يارىتىش، قاتنىشىشقا يېتەكلەش ــــــ ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىش ـــــ يەكۈنلەش، دەلىللەش ۋە ئەمىلىيەتتە قوللۇنۇش»تىن ئىبارەت تەرتىپلەرنى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، سائەتلىك ئوقۇتۇش لايىھەسىدە ھەرقايسى ئوقۇتۇش ھالقىللىرى مۇكەممەل، باش-ئاخىرى زىچ باغلاشقان، قاتلاملىرى ئېنىق، رەت تەرتىۋى رۇشەن، ئاساندىن قىيىنغا يۈزلىنىشى مۇۋاپىق، پۈتۈن گەۋدىسى لوگىكىلىققا ئىگە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.
8.ئوقۇتۇش لايىھەسنى يېزىش. ئوقۇتۇش لايىھەسى، دەرس تەييارلاشنىڭ جەۋھىرى ، ئەڭ ئاخىرقى يېزىقچە ئىپادىلىنىش شەكلى. دەرس لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە: دەرس تېمىسى، دەرس تىپى، ۋاقتى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش نىشانى، مۇھىم نوقتا، قىيىن نوقتا، ئۈگۈنۈش ھالەت تەھلىلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش قەدەم باسقۇچى، ئوقۇتۇش ۋە ئۈگۈنۈشنىڭ كونكىرىت پائالىيەت شەكلى، ئوقۇتۇش قۇرالى ۋە ئوقۇتۇش قۇرالىنىڭ ئىشلىتىلىشى، دوسكا لايىھەلەش، تاپشۇرۇق لايىھەلەش، ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلۇنۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەرس لايىھەسى ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ ئىمكانىيەتكە ئورۇن قالدۇرغان بولۇشى كېرەك، ئوقۇتۇش لايىھەسىنى يېزىشتا”ئوقۇتۇش لايىھەسى“بىلەن”ئۈگۈنۈش لايىھەسى“نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ،ھەمدە ھەپتە بۇرۇن دەرس تەييارلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.
9.ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلۇنۇش. ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلۇنۇشمۇ دەرس تەييارلاشتىكى بىر مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يادرولۇق ئامىل. ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلۇنۇش ،ئوقۇتۇشتىن ئىلگىركى، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى، ئوقۇتۇشتىن كېيىنكىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بولۇنىدىغان بولۇپ،«ئوقۇتۇشتىن ئىلگىرىكى قايتا ئويلۇنۇش» بولسا،دەرستىن ئىلگىرىكى دەرس تەييارلاشنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەمملەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ؛«ئوقۇتۇش جەريانىدىكى قايتا ئويلۇنۇش» بولسا، دەرسخانا ئوقۇتۇش جەريانىدا بايقىغان يورۇق نوقتا ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا دەل ۋاقتىدا تولۇقلاپ، تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ؛«دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلۇنۇش» بولسا، دەرستىن كېيىن، دەل ۋاختىدا ئوقۇتۇش جەريانىنى ئەسلەپ، ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكنى يەكۈنلەپ، ئوقۇتۇش تەجىرىبىسنى نەزىرىيىۋىلەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
10.مۇئەييەنلىك ۋە جانلىقلىقنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش. دەرس تەييارلاش قېلىپلاشقان بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خاسلىققا ئىگە دەرس لايىھەسى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دەرس لايىھە شەكلى بولەكلەر شەكلىدە ، قۇرۇلما دئىاگرامما شەكلدە ، رەسىملىك چۈشەندۈرۈش شەكلىدە ، جەدىۋەل شەكلىدە بولسمۇ، كارتا شەكلىدە بولۇسىمۇ، يىپ ئۇچى خاتىرىسى، ئېلىكتىرلەشكەن دەرس لايىھەسى شەكلىدە بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسىمنىڭ كېسىپ كۆچۈرلگەن ، چاپلانغان بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دەرس تەييارلاشنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېسياتىنى قوزغۇتۇپ، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ئۆز-ئۆزىنى نامايەندە قىلىپ، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كەسپى جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.