-
2011-03-26
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى باھالاشنىڭ ئاساسى - [تەربىيلەش]
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا باھا بىرىشتە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ھەركەت ئىپادىسىدىكى ئىسپات ماتىريالى باھا بىرىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىسپات ماتىرىياللاردىن ياخشى پايدىلىنىشى كىرەك.
(1) سىنىپنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى (يوقلىما) نىڭ كۈندىلىك سىتاستىكا قىلىش ماتىرىيالى؛
(2) مۇھىم بولغان تاپشۇرۇق، ئەسەرلەر؛
(3) ھەرقايسى دەرسلەرنى ئۆگۈنىش جەھەتتىكى باسقۇچ خاراكتىرلىق ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق ئىمتىھان نەتىجىسى؛
(4) ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ۋە ئىسپات ماتىرىياللىرى؛
(5) مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئىتىراپ قىلىدىغان تەقدىرنامە ۋە گۇۋاھنامە؛
(6) مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئىتىراپ قىلىدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ تالانتىنى باھالاش قەغىزى، دوختۇرخانىنىڭ تەكشۇرۇپ بىكىتىش ئىسپاتى قاتارلىقلار؛
(7) مۇھىم بولغان باھا سۆزى؛
(8) ئۆز ئۆزىنى ئىپادىلىشى؛
ئىسپات ماتىرىياللىرىنى تەمىنلەشتە چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىغا قاتىق ئەمەل قىلىش كىرەك. ھەر قايسى ئورۇنلار ئۈنۈملىك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك ئىسپات ماتىرىياللىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كىرەك. مەكتەپلەر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش قوللانمىسى ياكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى قاتارلىقلارنى تۇرغۇزۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى ئۆز ۋاقتىدا،توغرا خاتىرىلەپ، ئىسپات ماتىرىياللىرىنى توپلاپ رەتلىشى كىرەك. كۈندىلىك ئوقو ئوقوتۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، سىنىپ مۇدىرلىرى، دەرس ئوقوتقۇچىلىرى، ئوقوغۇچىلار كادىرلىرى ۋە ئوقوغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئىسپات ماتىرىياللىرىنى توپلاش ۋە رەتلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ خىزمەتنى دائىمىيلاشتۇرۇش كىرەك.
4. باھالاش ئۇسۇلى
1) ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاپ بىكىتىشتە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالاش، ئوقوغۇچىلار ئۆز ئارا باھالاش(سىنىپ بويىنچە باھالاش)، ئوقوتقۇچىلار باھا بىرىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش كىرەك. ئۆز ئۆزىنى باھالاش ئاساسلىقى شەكىللەندۈرۈش خاراكتىرلىق باھالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، باھالاش نەتىجىسىدىن ئوقوتقۇچىلار پايدىلانسا بولىدۇ؛ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا باھالىشى ۋە ئوقوتقۇچىنىڭ باھاسى ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالىشى%10 نى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا باھالىشى %50 نى، ئوقوتقۇچىنىڭ باھالىشى %40 نى ئىگىلىسە بولىدۇ.
2) ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشتا ھەر بىر ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشان ئىچىدىكى ھەر قايسى باھالاش ئامىللىرىدىكى باھالاش نەتىجىسىدە ئوخشاش دەرىجىدىكى باھا سانى يىرىمنى ياكى يىرىمدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلسا، ئۇنداقتا مۇشۇ ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باھا نەتىجىسى شۇ دەرىجە بويىچە بولىدۇ، ئەگەر ئوخشاش بولمىغان باھا دەرىجىسىنىڭ سانى تەڭ بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئەڭ يۇقۇرى بولغان باھا دەرىجىسى بويىچە بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم ئوقوغۇچىنىڭ«ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش»تۈرى ئىچىدىكى «ئىپادىلەش ئىقتىدارى»، «زەڭ قويۇپ ئاڭلاش ئادىتى»، «ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى» قاتارلىقلارنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا B ،B، A بولسا، بۇ ئوقوغۇچىنىڭ بۇ تۇردىكى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاش دەرىجىسىBبولىدۇ؛ «پۇقرالىق ساپاسى» دىكى «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش»،«ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت»،«قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش»،«مەدەنىي ئادەت» قاتارلىقلارنىڭ باھالاش دەرىجىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئەلا، ئەلا،لاياقەتلىك،لاياقەتلىك بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئوقوغۇچىنىڭ بۇ تۈردىكى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باھالاش نەتىجىسى ئەلا دەپ بىكىتىلىدۇ.
5. باھالاش جەريانى
سىنىپلارنىڭ باھالاشنى قانات يايدۇرۇش تەرتىپى بولسا تەربىيىلەشكە تەشكىللەش — ئوقوغۇچىلار ئىسپات ماتىرىياللىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى بايان قىلىش— ئوقوغۇچى ئۆز ئۆزىنى باھالاش— ئوقوغۇچىلار ئۆز ئارا باھالاش— ئوقوتقۇچى باھا بىرىش— ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى بىكىتىش— ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىق باھا يىزىشتىن ئىبارەت تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. باھا بەرگەن ۋاقىتتا ئىسپات ماتىرىياللىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە خۇلاسىلاشقا ئالاھىدە دىقققەت قىلىپ، ھەممىگە ئوخشاش باھا بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. باھالاش قىلغاندا ئەگەر باھالاش گۇرپىسىدىكى ئەزالار ئارسىدا ئىختىلاپ بولۇپ قالسا، مەكتەپنىڭ قايتا تەكشۇرۇپ چىقىشىغا سۇنۇش لازىم. ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىق باھا سۆزى يازغاندا سىنىپ مۇدىرى ھەر قايسى تەرەپنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى تولۇق يىغىپ، مۇناسىۋەتلىك ئوقوتقۇچىلار بىلەن (3 ئادەمدىن ئاز بولماسلىقى كىرەك) ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ يىزىشى كىرەك.