• 2011-03-26

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئۆلچىمى - [تەربىيلەش]

    ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش نەتىجىسى ئۇنىۋېرىسال باھا سۆزى ۋە باھالانغان دەرىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىق باھا سۆزى بولسا ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بولغان بىر پۈتۈن باھاسى بولۇپ، نوقتىلىق ھالدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كىرەك. دەرىجىسىنى باھالاپ بىكىتىش ھەرقايسى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىدىكى باھالانغان نەتىجىسى دەرىجە شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «ئەخلاق-پەزىلەت» ۋە «پۇقرالىق ساپاسى» ئەلا، لاياقەتلىك، ياخشىلاشقا تىگىشلىك قاتارلىق 3 دەرىجە ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ. قالغان 4 جەھەتتىكىسىA، B،  C،D  دىن ئىبارەت 4 دەرىجە ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ.

    (1)ئەخلاق-پەزىلەت

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە لاياقەتلىك دەپ باھا بىرىلىدۇ.

    لاياقەتلىك بولۇش تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا ئەلا دەپ باھالىنىدۇ: مەكتەپ دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى 3 تە ياخشى ئوقوغۇچى، مۇنەۋۋەر ئوقوغۇچىلار كادىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى بولۇپ باھالانغان بولسا؛ كوللىكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، مۇھىتنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاممىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغان بولسا ھەمدە مەكتەپتىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرپىدىن تەقدىرلەنگەن بولسا.

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ياخشىلاشقا تىگىشلىك دەپ باھالىنىدۇ. مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، چارە كۆرۈلگەن بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەدىلىيە ئورگانلىرى تەرپىدىن چارە كۆرۈلگەنلەر.

    (2) پۇخرالىق ساپاسى

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە لاياقەتلىك دەپ باھا بىرىلىدۇ.

    لاياقەتلىك بولۇش تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا ئەلا دەپ باھالىنىدۇ. ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسۈتۈش ئىپادىسى بولغان ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرپىدىن تەقدىرلەنگەن بولسا؛ دۆلەت ۋە كوللىكتىپنىڭ مال – مۈلكىنى قوغداش جەھەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ھەمدە مەكتەپ ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك تارماقلار تەرپىدىن تەقدىرلەنگەن بولسا؛ باشقىلار.

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلگەنلەر ياخشىلاشقا تىگىشلىك دەپ باھالىنىدۇ: قانۇنسىز گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتقا قاتناشقان بولسا؛جىدەل-ماجىرا قىلىش، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداش، بۇلاش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلسا.

     (3) ئۆگۈنىش ئىقتىدارى

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە C دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. B دەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. تىل ۋە ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، گۇمانتارلىق ۋە جەمئىيەت، ئىلىم پەن قاتارلىق ساھەلەردىكى بارلىق ئوقولىدىغان بۆلەكلەرنىڭ ئىتىھانىسىدا نەتىجىسى ئەلا بولغانلار؛تەتقىقات خاراكتىرلىق ئۆگۈنىش جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئاپتونوم رايۇن ياكى بىڭتۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تەشكىلاتلار تەرپىدىن مۇكاپاتلانسا؛ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرى ياكى كىچىك ئىجادىيەت ، كىچىك كەشپىيات، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلىرى ئاپتونوم رايۇن ياكى بىڭتۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تەشكىلاتلار تەرپىدىن مۇكاپاتلانسا؛باشقىلار.

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى C دەرىجىلىك تەلەپكە يىتەلمىسەD دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ.

    (4) ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە C دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. Bدەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. مەكتەپ تەشكىللىگەن ۋە ئىتىراپ قىلغان پائالىيەتلەردە ئاساسلىق تەشكىللەش رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسا؛ مەكتەپ تەشكىللىگەن ۋە ئىتىراپ قىلغان مۇنازىرلىشىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولسا؛مەكتەپ تەشكىللىگەن ۋە ئىتىراپ قىلغان پائالىيەتلەردە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىپادىسى گەۋدىلىك بولسا؛مەكتەپنىڭ تەشكىلىي ئاپىراتلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولسا؛باشقىلار

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغۇچىلار D دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت سىنىپ دەرىجىلىك قاتارلىق كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشمىسا؛داۋاملىق باشقىلار بىلەن ئورۇنسىز توقونۇشسا ياكى قەستەن غەۋغا كۆتۇرسە.

     (5) ھەركەت ۋە ساغلاملىق

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە Cدەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. Bدەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ.تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق پىنىنىڭ بارلىق بۆلەكلەر ئىمتاھانىسىدا نەتىجىسى ئەلا بولسا؛دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك تەنھەركەتچى بولۇپ باھالانسا؛ئاپتونۇم رايۇن ياكى بىڭتۇەن تەشكىللىگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا يەككە تۈردە ئالدىنىقى 6-لىككە ئىرىشكەن بولسا ياكى كولىكتىپ تۈر بويىچە ئالدىنقى 6-لىككە ئىرىشكەن كوماندىدىكى ئاساسلىق تەنھەركەتچى بولسا؛ ۋىلايەت(ئوبلاست شەھەر)،دىۋىزىە تەشكىللىگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىللىرىدا يەككە تۈرلەر بويىچە ئالدىنقى 4-لىككە ئىرىشكەن بولسا ياكى كولىكتىپ تۈر بويىچە ئالدىنقى 4-لىككە ئىرىشكەن كوماندىدىكى ئاساسلىق تەنھەركەتچى بولسا؛ تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنىش جەھەتتە ياخشى پىسخىك ساپاسىنى نامايەن قىلغان، ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلغان ۋە ئوقوتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن بولسا؛باشقىلار

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغۇچىلار Dدەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. تىنى ساغلام تۇرۇپمۇ داۋاملىق «ئىككى گىمناستىكا» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاناشمىسا؛تىنى ساغلام تۇرۇپ «ئوقوغۇچىلارنىڭ تەن سۈپىتى ساغلاملىق ئۆلچىمى» نىڭ C دەرىجىسىدىكى تەلەپكە يىتەلمىسە؛زەھەر چىكىش، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش، تورغا خۇما بولۇپ قىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۈرىۋىلىپ تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەلمىگەنلەر؛ئىغىر دەرىجىدە پىسخىك توسقۇنلۇق بولۇپ، داۋاملىق ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، باشقىلارغا يولسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ناچار ھەركەتتە بولغانلار.

    مىيىپ ئوقوغۇچىلارغا باھا بىرىشتە مەكتەپ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن زورۇر بولغان چۈشەنچە بىرىشى، ھەمدە ئىسپات ماتىريالىرى ئىچىدە خاتىرە قالدۇرىلىشى كىرەك.

    (6) ئىستىتىكا ۋە ئىپادىلەش

    باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە يەتسە B دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. باھالاش جەدىۋىلىدىكى مۇناسىپ تەلەپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتسە C دەرىجە دەپ باھا بىرىلىدۇ. B دەرىجە تەلىپىگە يەتسە ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەردىن خالىغان بىرىنى ھازىرلىسا، A دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ.سەنئەت ساھەسىدىكى دەرسلەرنىڭ بارلىق بۆلەكلەر ئىمتىھانىسىدا نەتىجىسى ئەلا بولسا؛سەنئەت جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ،ۋىلايەت(دىۋىزىيە) دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەستىقلىغان كەسپى تارماقلار ئىتىراپ قىلغان بولسا؛ئاپتونۇم رايۇن ياكى بىڭتۇەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللىگەن ياكى ئىتىراپ قىلغان مۇزىكا، سەنئەت قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىردە مۇكاپاتلانغان بولسا؛ۋىلايەت (دىۋىزىيە) مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللىگەن ياكى ئىتىراپ قىلغان مۇزىكا، سەنئەت قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسا؛ناھىيە(تۇەن)دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، ھەمدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسا؛باشقىلار

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغۇچىلارD دەرىجە دەپ باھالىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ تەشكىللىگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسا؛دائىم سىرىق، زوراۋانلىق مەزمۇن تىپىدىكى كىتاپ، ئۈن سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەنلەر.

    يۇقۇرىدىكى6تۈردىكى«ئەخلاق-پەزىلەت»،«پۇقرالىق ساپاسى» قاتارلىقلاردىن باشقا 4 تۈردە Bدەرىجىگە ئىرىشىكەن ئوقوغۇچىلارنىڭ سانىنى باھالاشقا قاتنىشىدىغان ئوقوغۇچىلار ئومومى سانىنىڭ%50 تى ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىش كىرەك.

    ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىياتنى ياخشىلاشقا تىگىشلىك ياكى Dدەرىجە دەپ باھالاشتا،مەكتەپلەر ئالاھىدە ئىھتىياتچان بولىشى كىرەك؛ مۇنەۋۋەر ياكى A دەرىجە دەپ باھالاشتا باھالاش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجىرا قىلىش كىرەك، بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئىسپات ماتىرىياللىرىنى مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەكشۇرۇپ بىكىتىش تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئوقوغۇچىلارنى باھالاش جەدىۋىلى ئىچىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا تولدۇرۇش كىرەك.

    分享到: