-
2011-02-25
ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىر - [تەربىيلەش]
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ«ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس لايىھىسى(تەجرىبە)»، «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى باھالاش، ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسنى تەجرىبە قىلىش خىزمىتىنى تىخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۈر يىتەكچى پىكىر تۈزۈپ چىقىلدى.
بىرىنجى، يىتەكچى ئىدىيە
ئادەتتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشتە، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇشنى مەقسەت، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئومومىيۈزلۈك، ھەمدە خاسلىققا ئىگە ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش نىشان قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەربىيىلەش نىشانىنى تىرشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سىلىشتىن ئىبارەت.
ئىككىنجى، ئاساسىي پىرىنسىپ
1. باشلامچىلىق قىلىش پىرىنسىپى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرس لايىھىسىنىڭ تەلىۋىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئىلمىي بولغان باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستىمىسى ۋە باھالاش نەتىجىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ساپا مائارىپىنى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
2. ئومومىيۈزلۈك بولۇش پىرىنسىپى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنى يولغا قويۇشتا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ۋە ئومومىي جەھەتتىكى ئىپادىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، جانلىق، ئومومىيۈزلۈك باھالاش ئىلىپ بىرىپ، ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
3. ئادىل بولۇش پىرىنسىپى. ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش تۈزۈم قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، باھالاش تەرتىۋىنى قىلىپلاشتۇرۇپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ باراۋەر،ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
4. تەرققىيات خاراكتىرلىق پىرىنسىپى. جەريان خاراكتىرلىق باھالاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنى بىرلەشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، باھالاشنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئىپادىسىگە ئەھمىيەت بىرىپ، باھالاشنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش،تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باھالاشنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.
5.مەشغۇلاتچانلىق پىرىنسىپى. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى مۇۋاپىق،ماس كىلىدىغان،كونكېرت بولىشى، باھالاش جەريانى ئاددىي،ئوبىيىكتىپ، مەشغۇلات قىلش ئوڭاي بولىشى، باھالاش بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىشى كىرەك.
ئۈچىنجى، باھالاشنى يولغا قويۇش
1.باھالاشنىڭ مەزمۇنى
«مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى باھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دىكى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنىڭ مەزمۇنلىرى ئەخلاق - پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگۈنىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ھەركەت ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش قاتارلىق 6 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەقىيات نىشانى، باھالاش ئامىللىرى، ئاساسلىق ھەركەت ئىپادىسى قاتارلىق 3 دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى ئاساس خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىنىڭ باھالاش ئامىللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) ئەخلاق-پەزىلەت: ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش؛ ھەق-ناھەق قارىشى؛ جەمئىيەتنى چۈشىنىش؛ سەمىمىي ئىشەنچىلىك بولۇش.
2) پۇقرالىق ساپاسى: ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت؛ قانۇن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش؛ مەدەنىيلىك ئادىتى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش.
3) ئۆگۈنىش ئىقتىدارى: ئۆگۈنىش پوزۇتزىيىسى؛ ئۆگۈنىش قىزىقىشى؛ ئۆگۈنىش ئادىتى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىڭى.
4) ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق: ئىپادىلەش ئىقتىدارى؛ زەڭ قويۇپ ئاڭلاش ئادىتى؛ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى.
5) ھەركەت ۋە ساغلاملىق: تۇرمۇش شەكلى؛ بەدەن ئىقتىدارى؛ كەيپىيات؛ ئىرادە.
6) ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش: گۈزەللىكنى ھىس قىلىش؛ گۈزەللىكنى ئىپادىلەش.
كونكېرت مەزمۇنىنى قوشۇمچە 1 (ئاپتونۇم رايۇن، بىڭتۇەنىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش مەزمۇنلىرى) دىن كۆرۈڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ《باھالاش جەدىۋىلى》دەپ ئاتىلىدۇ)