پاسىبان كۇلۇبى » Turbo | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى /335-hp-bmw-5-active-hybrid.html /335-hp-bmw-5-active-hybrid.html#comments Sun, 02 Oct 2011 02:12:36 +0000 پاسىبان /?p=2873 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
P90081503

Hybrid نىڭ نېمىلىكىنى كۇلۇبىمىزدىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەن، ياكى توردىن مۇشۇ ساھەدىكى ماشىنىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن دوستلار ئېنىق بىلىشى مۇمكىن. بۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك دېگەن مەنىدە. يەنى، بېنزىنغا ئوخشاش يېقىلغۇ بىلەن ئېلىكتىر كۈچىنى كۈچ مەنبەسى قىلىدىغان ماشىنىلارنى ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنىلار، يەنى بىز دەۋاتقان Hybrid ماشىنىلار دەپ ئاتايمىز. يەنە بىر ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىلدى. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان TOYOTA ماركىسىنىڭ Perius دەيدىغان ماشىنىسى دەل مۇشۇ تېخنىكىدىن ياسىلىپ بىز بىلەن كەڭ ئۇچراشقان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئېنىرگىيە تېجەش كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ چاغلاردا ھەشەمەت ماركىلىرىدىن تارتىپ بۇنىڭغا كەڭ ئاۋاز قوشۇۋاتىدۇ. BMW مۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەن.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھەشەمەت ماركىسى BMW ئۆزىنىڭ 5 تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ياساش ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىپتۇدەك. 5 تۈرىنىڭ باتارىيەسى 3 كە قارىغاندا ئۇنچە بەك چوڭ كۈچ بېرەلمىسىمۇ، بۇ پاكىز ئېنىرگىيە يەنىلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

گىرمانىيە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى يېقىندا ئەڭ يېڭى مەھسۇلات ActiveHybrid 5 نى ئېلان قىلىپ كۆرگەزمە قىلدى.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

ActiveHybrid 5 بولسا ئەسلىدىكى 535i نىڭ ھەرقايسى ئىقتىدار ۋە قۇرۇلمىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاساستا لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ شىركەت لايىھەلىگەن 6 سېلىندىرلىق تۇربو (Turbo) ماتورغا 55 ئات كۈچىلىك ئېلىكتىر ماتور ۋە 8 خوتلۇق كورۇپكا ئورنىتىلغان.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

بىر دانە لېتىيلىق ئاككۇمۇلياتور مەخسۇس ئېلىكتىر ماتور ئۈچۈن توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېلىكتىر ماتورى بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 335 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ. پەقەتلا ئېلىكتىر ماتور بىلەن قوزغالسا 22 ئېنگلىز مېلى (تەخمىنەن 35 كېلومېتىر) لىك سۈرئەتكە چىقالايدۇ. باتارىيەسى تولۇق ۋاقتىدا ئاران 2.5 مېل ( 4 كېلومېتىر ) يول يۈرەلەيدۇ.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

قىياسلارغا قارىغاندا، گەرچە بۇ سان-سىفىرلار بەك ئويلىغىنىمىزدەك بولمىسىمۇ، 2 خانىلىق ماي سەرپىياتقا ئېگە 535i نىڭ ماشىنا ئېگىسىگە خېلىلا كۆپ سەرپىيات ئىقتىساد قىلىپ بېرەلەيدىكەن.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

ActiveHybrid ئېلىكتىر ماتورنىڭ ياردىمى بىلەن 60 MPH (تەخمىنەن 96 كېلومتېرلىق) سۈرئەتكە چىقىشى ئۈچۈن پەقەت 5.7 سېكونت ۋاقىت سەرپ قىلغان. بۇ نەتىجە ئەسلىدىكى 535i غا قارىغاندا خېلىلا تېزلەشكەن.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

BMW تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ ماشىنىنى كېلەر يىلنىڭ 3-ئايلىرىغىچە ئامېرىكىدىكى سېتىش نوقتىلىرىغا تەمىنلەشكە تېرىشىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ ماشىنىنىڭ ھەقىقىي ماي سەرپىياتى توغرىسىدا BMW ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەن. ماي سەرپىيات توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسى پەقەت قىياس، ئوي-پىكىردىن ئىبارەت ئىكەن.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

بۇ قېتىمقى ActiveHybrid 5 نىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئىلگىرىكى ActiveHybrid X6 نىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كېچىشىدىكى «تولۇقلىما» مىدۇ؟ ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم مۇشۇنداق ئويلىسا كېرەك. ئاللاھ نىسىپ قىلسا ActiveHybrid X6 نىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كېچىلىشى توغرىسىدا ئازراق مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمەن. ئۇ چاغقىچە ھەقىقىي ئىشلەپچىقىرىلماقچى بولغان بۇ «كاساپەت» نىڭ بىر قانچە پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

335 HP BMW 5 Active Hybrid

335 HP BMW 5 Active Hybrid

335 HP BMW 5 Active Hybrid

335 HP BMW 5 Active Hybrid

335 HP BMW 5 Active Hybrid

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/335-hp-bmw-5-active-hybrid.html/feed 4
دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنىلارنىڭ قانداق زاۋۇتتىن چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ /ultimate-factory-bugatti.html /ultimate-factory-bugatti.html#comments Mon, 13 Jun 2011 06:00:30 +0000 پاسىبان /?p=2153 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ۋولكسۋاگېننىڭ تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى London Taxi Concept

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولو
无觅 ]]>

بۇ – ئىنژىنىرلىق ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەسەر! بۇ – سائىتىگە 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن «ئۇچىدىغان» سەنئەت بويۇمى! بۇنىڭ بىر بۆلىكى ئايرۇپىلان، بىر بۆلىكى ئاپتوموبىل. بۇ مىتال ۋە پلاستىك ئېلىمېنتلارنىڭ سۈرئەت بىلەن يۇغۇرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن دۇنيادا پەقەت 300 دانىلا بار. مانا بۇ – دەھشەت قىممەتلىكىگە ماس كەلگۈدەك دەھشەت ماشىنا – بۇگادى ۋېيرون!

بىز ئىلگىرى بۇگاتى ( BUGATTI ) دېگەن بۇ نامنى چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ماشىنىنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا دېگەن نام بىلەن ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق، بۇ ماشىنا ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا.

بۇگاتى ئىتالىيەنىڭ ماركىسى بولۇپ، بۇنىڭ زاۋۇتى فرانسىيەدە. بۇ ماركا گىرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتىگە تەۋە. شىركەت قۇرغۇچىسى Ettore Bugatti ماركىغا ئۆزىنىڭ نامىنى بەرگەن. بۇگادى ۋېيروننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 25 مىليون خەلق پۇلى بولۇپ، بۇ تېخى باشلىنىش باھاسى. قوشۇمچە ئالىدىغان نەرسىلىرى بىلەن تەخمىنەن 30 مىليوندىن ئاشىدۇ. 2008-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى شاڭخەي دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزىدە 2 ھەپتە كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كىيىن 43 مىليون يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىلغان. بۇ ماشىنىنىڭ قىسقىچە پارامېتىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

ماركا : Bugatti 布加迪

باھاسى : 25 مىليوندىن باشلىنىدۇ

ئۆلچىمى : 4462mm*1998mm*1204mm

ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى : 407km/h

0-100 تىزلىنىش : 2.5 سېكونت

قوزغىلىش شەكلى : ماتور ئوتتۇرىدا، 4 چاق قوزغىلىدىغان.

تورموز : شامال ئۆتۈشىدىغان چاق-چۇق تورموز

ئېغىرلىقى : 1888 كېلوگرام

ماي باك ھەجمى : 100 لېتىر

ئورۇندۇق : 2

ماتور ھەجمى : 8 لېتىر

ئات كۈچى : 1001 HP

مانا يۇقارقىدەك. بۇنىڭغا 16 سېلىندىرلىق 8.0 لىك ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر 4 سېلىندىرغا 1 دىن تۇربو قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 4 دانە تۇربو بار. بۇ ماشىنىنى بۇگاتى ۋېيرون 16.4 دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب. 16 بولسا سېلىندىر سانىغا، 4 بولسا تۇربو سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماتورى 7996 cc بولۇپ، پەقەت 1000 ئايلىنىش سۈرئىتىدىلا 730 نىيوتۇن . مېتىرلىق تولغىنىش مومېنت كۈچى بېرەلەيدۇ. ماتور ئايلىنىپ 2200 گە كەلگەندە 1250 نىيۇتۇن . مېتىرلىق تولغىنىش مومېنتقا چىقىپ تاكى 5500 گىچە داۋاملىشىدۇ. ماتورى مۇشۇنداق كۈچلۈك بولغانلىقتىن تىنچ سۈرئەتتىن 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىشىغا پەقەت 2.5 سېكونت ۋاقىت كىتىدۇ. 200 لىك سۈرئەتكە بولسا 7.3 سېكونت، 300 لىك سۈرئەتكە 16.7 سېكونت (مېنىڭ ماشىنام بۇنچىلىك ۋاقىتتا ئاران 120 گە چىقىدۇ:evil: ) ۋاقىت كېتىدۇ! 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە بولسا 55.6 سېكونت ۋاقىت كېتىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن مۇشۇنچىلىك ۋاقىت كەتسىمۇ يەنىلا 400 دېگەن مۇشۇ سۈرئەتكە چىقالايدۇ! نۆۋەتتە بۇ سۈرئەتكە چىقىدىغان ماشىنىدىن پەقەت مۇشۇ بىرلا. ۋېيروننىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 407 كېلومېتىر.

بۇگاتى ۋېيروننىڭ بىر ئىككى پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى

بۇ ئەڭ دەسلەپكى بۇگاتى بىلەن ھازىرقى بۇگاتى

خوش، مانا مۇشۇنداق پەچەت ماشىنا زادى قانداق زاۋۇتتىن چىقىدىغاندۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز مېڭىڭ، تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ماشىنىنىڭ زاۋۇتىنى بىر زىيارەت قىلىپ كېلەيلى!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ultimate-factory-bugatti.html/feed 12
كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA /good-choice-for-little-family-lova.html /good-choice-for-little-family-lova.html#comments Sun, 22 May 2011 05:23:41 +0000 پاسىبان /?p=2043 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA (داۋامى)

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش
无觅 ]]>

دىيارىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. كوچىدىكى ماشىنىلارغا قارىساق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماشىنىلاردىن كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارغىچە بولغان بۇ قاتلام ئەڭ كۆپ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ. 1~2 پەرزەنتلىك ئائىلە ئۈچۈن ئىخچام، قولاي، ماي سەرپىياتى تۆۋەن ھەم رېمونت قىلىش چىقىملىرى ئاز بولغان ماشىنا ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشى بولالايدۇ.

بۇ ماشىنا ئەڭ دەسلەپ قولۇمغا چۈشكەن ۋاقتى سىڭلىمنىڭ توي كۈنى ئېدى. ماشىنىلارنى تىزىپ رەتلەش، يول باشلاش، تەرتىپكە سېلىشتەك «كاتتا ۋەزىپە» ماڭا كەپقالغان ئىكەن. لېكىن ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسى باشقىلارغا لازىم ئىكەن. شۇڭا بىرەيلەن بۇ ماشىنىنىىڭ ئاچقۇچىنى بەردى ۋە مۇشۇ ماشىنىدا بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى تاماملىشىمنى ئېيتتى. بۇ چاغدا مەن «ئاغىينەڭ بارمۇ» دېسە «بار» دېگۈدەك يوغان-يوغان ئاداشلىرىمدىن 4 نى سېلىۋالغان ئىدىم. ئەمدى ئۇلارنى بۇ «پىكاپ»قا چىقىرىپ قانداق سۆرەپ بولارمەن دەپ ئەندىشىدە قالدىمدە؟ يەنە كېلىپ ھېلى ئالدى، ھېلى كەينىگە چېپىپ يۈرۈيدىغان ئىش. خىيالىم بۇ ماشىنىنىڭ قۇۋۋىتى بۇنىڭغا يار بېرىش-بەرمەسلىكىدە قالدى. ئىلاجسىز ئۇلارنى بۇ ماشىنىغا ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىنى باشلىۋەتتىم.

ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندا دەسلەپ ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قىستاڭچىلىقمۇ ھېس قىلمىدىم. مەن ئىچىنى بەكلا كىچىك دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئورۇندۇقنىڭ ۋە ماشىنىنىڭ ئومومى ھالىتى ماڭا خېلى يۇمشاق، راھەت تۇيغۇ بەردى. بۇ ماشىنىغا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچەمدە خېلى ئۆزگىرىش بولدى. توي ماشىنىلىرىنىڭ ئالدى-كەينىگە تولا بېرىپ-كېلىپ ھېس قىلدىم. ماتور كۈچى ئويلىغىنىمدىن كۆپ ياخشى، كۈچلۈك ئىكەن. بۇ چاغدا كىچىكلىكىدىن ئەنسىرىگەن، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ئاددىي چاغلىغان بۇ ماشىنا ماڭا خېلى ياخشى تەسىر قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى بېزىلىشى ۋە باشقا جايلىرىغا تەپسىلىي زەن سېلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدىم. قىسقىغىنە بىرەر سائەتلىك سىناقتىن كىيىن ھېس قىلدىمكى، مۇشۇ ئىقتىدارىغا بېقىپلا بۇ ماشىنىغا ئۆز باھاسىغا يۈز كېلەلەيدىغان ماشىنا دەپ باھا بېرىشكە بولاتتى. خۇلاسە كالام – بۇ ماشىنا ئويلىغىنىمدىن كۆپ ياخشى ئىكەن.

سىرتقى كۆرىنىشى

ئالدى تەرەپ تور يېڭى نۇسقىسىدا خېلى چىرايلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلىپتۇ. ماركا بەلگىسى روشەن ئىپادىلەنگەن.

چوڭ چىرىقىمۇ بىر قاراشقا جەمەتى بولغان كرۇزنىڭ چىراقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

6 لىك بەنداش ماشىنىغا چىرايلىق تۈس قوشالىغان. بۇ بەنداش خېلى چىرايلىق ئىكەن.

كۆرۈش ئەينەكلىرى ئوخشاش رەڭلىك. قاراشقا ئورۇق، كىچىك كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇنچە «چۈپەي» ئەمەس

ئارقى تەرەپتىكى ماركا ۋە زاۋۇت ئىسمى يېزىلغان جاي ماشىنىنىڭ ئەسلى رەڭگى بويىچە سىرلانغان. كىشىگە ئالا-چىپار تۇيغۇ بەرمەيدۇ

تۇمان چىقىرىنىڭ ئورپ تۇرغان بۇ جايمۇ ئالدى تورى بىلەن ئوخشاش قىلىپ لايىھەلەنگەن

ئىچكى بېزىلىشى

لايىھەسى خېلىلا سىپتا. كشىگە تۆۋەن دەرىجىلىك ماشىنىدەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ.

تۇتقۇچدىكى، رولدىكى ۋە خوتتىكى جايلارغا سەپ سالساق رەڭ ئېلىمېنتلىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

رولى چېۋرولېت ئائىلىسىدىكىلەرگە ئورتاق. شۇ پۇراقنى ئەسلىتىدۇ.

كۆرسەتكۈچ ئەسۋاپلىرىنىڭ لايىھەلىرىمۇ چىرايلىق. خاسلىققا ئېگە

ئۆزى ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك ماشىنا بولسىمۇ ئاپتۇماتىك خوت نۇسقىسى كەم ئەمەس.

يان تەرەپتىكى كەينىنى كۆرۈشا ئەينەكلىرىنى ئاپتۇماتىك تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ساندۇقنى مانا مۇشۇ جاينى بېسىپلا ئاچالايدىكەنسىز.

تۇڭلۈك 1.6 لىك نۇسقىلىرىدا بار ئىكەن

تۇتقۇچىدا ئاسما ئوكۇل ئاسىدىغان جايمۇ كەم ئەمەسكەن

گىرىم ئەينىكى

AUX ئېغىزى بار بولۇپ، باشقا ئاۋاز چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاۋازىنى سىملىق ئۇلىغىلى بولىدۇ

خوتنىڭ ئالدىغا مەخپىي ئورۇنلاشقان 2 دانە ئىستاكان دەستىسى.

ئورۇندۇق ۋە بوشلۇقى

ئارقا رەت ئورۇندۇق

شوپۇر ئورۇندۇقى

سىرتتىن قارىغاندا ئىچى ئۇنچە ئاددىيمۇ ئەمەس

ئالدى رەتتىكى نەرسە-كېرەك ساندۇقى بەك چوڭ دېگۈدەكمۇ ئەمەسكەن

ئىشىككە ئورۇنلاشقان گېزىت ۋە كىتاب-ژورنال قويىدىغان ئورۇن

ساندۇق قارىماققا چوڭمۇ ئەمەستەك. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلە كىچىك تىپتىكى ماشىنىدە

لېكىن بۇنداق قىلغاندا خېلى كۆپ بوشلۇق قوشۇلىدىكەن.

ئالدى تەرەپتە يەنە بۇندا جايمۇ بار ئىكەن.

ئادەم ئولتۇرغاندىكى ھالەت

شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندا

ئولتۇرغاندا باش بىلەن تورۇسنىڭ ئارىلىقى خېلى بار بولۇپ، قىشتا قۇلاقچا-تۇماق بىلەن چىقىپ قالساقمۇ بەك قىستىلىپ قالمىغۇدەكمىز

ئالدە رەتتىكى پۇت ئارىلىقى

ئارقا رەتتىكى پۇت ئارىلىقى

ماتور ۋە تەگلىك

لوۋاغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئات كۈچى 94 ۋە 106. قۇۋۋىتى بولسا 69 ۋە 78 كېلوۋات. بۇ خىل قۇۋۋەتنى بىر قەدەر يۇقىرى دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بىرسى 1.6 لىك نۇسقىسىغا تۇربو ئورۇنلاشتۇرۇپ ئات كۈچىنى 150 تىن ئاشۇرغان ئىكەن. ئەڭ يۇقىرى ماتور ئايلىنىشى مىنۇتىغا 6200 قېتىم. بۇ چاغدا ئات كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. تولغىنىش مومېنتىنىڭ بولسا 1.4 لىكنىڭ 3200 دە، 1.6 لىكنىڭ 3600 دە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

ئاسمىسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكىسى مەكفورسىن شەكلىدىكى مۇستەقىل ئاسما. ئارقا تەرەپتىكىسى كۆۋرۈكلۈك ئاسما.

ئاپتۇماتىك خوتنىڭ 4 خوتلۇق، قول خوتنىڭ 5 خوتلۇق كورۇپكا ئىكەن. 1.4 لىك 1.6 لىكنىڭ ئوخشاش.

بۇرۇلۇش ياردەمچىسى بولسا شېستىرىنلىق مايلىق بۇرىغۇچ ئىكەن.

ئارقا تەرەپ ئاسمىسى

بۈگۈن ۋاقىت مۇشۇنچىلىك يار بەردى. ئاللاھ خالىسا ئەتە ئەمەلىي سىناق رەسىملىرى بىلەن تەپسىلىي قىلىپ داۋاملاشتۇرىمەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/good-choice-for-little-family-lova.html/feed 4
ياشلارنىڭ پەچچەت تاللىشى – ئېكسېل XT 1.6T /good-choice-for-those-who-love-sports-car.html /good-choice-for-those-who-love-sports-car.html#comments Sat, 30 Apr 2011 16:52:37 +0000 پاسىبان /?p=1647 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

6-قېتىملىق يىۋۇ ماشىنا كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈشلەر

تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (6) (فىلىملىك)

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى
无觅 ]]>

ماتورنىڭ ئات كۈچى بىلەن ھېساپلېشىپ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىۋار بەرگەندىن بۇيان بېكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدىغان بوپقالغان ئىدىم. چۈنكى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى (ئات كۈچى) نى سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ ماتورلىرى خېلىلا ئارقىدا ئېدى. لېكىن ئات كۈچى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ماينىمۇ ئاز يېمەيتتى. شۇڭا بۇنىڭ ماشىنلىرى مېنىڭ تاللاش تەرتىۋىمدە ئارقا رەتكە تىزىلاتتى. لېكىن ئېكسېل XT پەيدا بولغاندىن كىيىن مەندىكى بۇ قاراش مۇتلەق ئۆزگەردى.

سىرتقى كۆرىنىشىگە نەزەر

سىرتىدىن قاراشقا ياۋرۇپاچە پۇراق چىقىدىغان يېڭىچە ماشىنا گەۋدىسى كىشىگە چاپقۇرلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ماشىنا لايىھەلىنىشىدىنلا سپورت (تەنھەرىكەت) تۈرىدىكى ماشىنىلارغا خاس ئۇسلۇب بويىچە لايىھەلەنگەن.

بۇ ماشىنىنىڭ ئەسلى لايىھەسى OPEL نىڭ لايىھەسى. دىققەت قىلغان بولساڭلار OPEL نىڭ ASTRA دېگەن ماشىنىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش (بۇ ئادرىستىن بۇ ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز).

سىرتقى قىياپىتىنى مۇشۇنداق ئوخشىتىپ ياسىسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاشلا ياساپتۇ. بىر قېلىپنىڭ ماشىنىلىرى ئىكەن. ئالدى كۆرۈنىشىدە ئالدى تور قىسمى يېڭى ئەۋلاد بېكنىڭ خاس بولغان بىردەك لايىھەلىرى بويىچە ياسالغان. ئەگەر ئېكسېل GT (بۇ 3 ساندۇقلۇق نۇسقىسى) نى كۆرسە رېگالمۇ ياكى ئېكسېلمۇ پەرق قىلغىلى بولمىغۇدەك ئوخشاش ئىكەن.

ماشىنىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 4،419 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 1،814 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى بولسا 1،487 مىللىمېتىر. بۇ ئۇزۇنلۇق ئوخشاش تۈردىكى گولفقا قارىغاندا بىر ئاز ئارتۇقچىلىققا ئېگە. ئوق ئارىلىقى 2،685 مىللىمېتىر بولۇپ، ئارقا رەتتە ئولتۇرغان ئادەم ئۇنچە تار ھېس قىلمايدۇ.

ئىچكى بېزىلىشىگە نەزەر

ئىچكى بېزىلىشى مۇشۇ باھادىكى ماشىنىلارغا قارىغاندا بەك ناچار دېگۈدەك ئەمەس. ھازىرقى ئېقىمغا تامامەن ماسلاشقۇدەك يېڭىچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ماشىنىغا سپورت ئېلىمېنتلىرىنى كۆپلەپ سىڭدۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزىدىن كۆك نۇر چىقىرىدىغان كۆرسىتىش ئېكرانى سپورت ھالىتىگە ئۆتكەندىن كىيىن دەرھال قىزىل نۇر ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ.

بۇ كىشىگە ياشلاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىقنى، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ-قۇۋۋەتنى ئەسلىتىدۇ.

مەركىزىي كونترول رايونى بەزى ماشىنىلاردە ئۇنچە قالايمىقان ئەمەس. گەرچە 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە باھادىكى ماشىنا بولسىمۇ، ئوڭ ۋە سول تەرەپ تېمپىراتۇرىسىنى ئايرىم تەڭشىگىلى بولىدۇ.

يان تەرەپكە ئىشلىتىلگەن مېتال پارقىراقلىققا ئېگە ئىشىك تۇتقۇچلىرى ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلاردىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ باھا ئىچىدە بۇ خىل سەپلىمە خېلى يامان ئەمەس ھېساپلىنىدۇ.

ئورۇندۇق ۋە ئىچ بوشلۇقى

بايا ئېيتقاندەك 4 مېتىر 40 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان 2 ساندۇقلۇق ماشىنا ئۇنچە كىچىك ۋە تار بولمايدۇ.

ئارقا تەرەپتىكى مىھمانلارغىمۇ ئوخشاشلا ئىستاكان ۋە جەينەك قويىدىغان ئورۇن جايلاشتۇرۇلغان.

نەرسە-كېرەك ساقلاش بوشلۇقلىرى

گەرچە 2 ساندۇقلۇق ماشىنا بولسىمۇ ئارقا تەرەپ بوشلۇقى يەنىلا چوڭ

ماتورنىڭ ئات كۈچى ۋە تەگلىك پارامېتىرلىرى

باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا «پولات چاپقۇر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ماشىنا نېمىشقا بۇنچە قارشى ئېلىنىپ بۇ نامغا ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇنى ئەلۋەتتە ماتورىدىكى قۇۋۋەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

4 سېلىندىرلىك، تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ (Turbo) ئورۇنلاشتۇرۇلغان 1.6 لېتىرلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 136 كېلوۋات بولۇپ، ئات كۈچىگە سۇندۇرغاندا 183 ئات كۈچى بولىدۇ. بۇ ھازىرچە ئەسلى زاۋۇتتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى بويىچە رەتكە تىزىلغاندا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان قۇۋۋەت. بۇ دەل تۆۋەن ئېنىرگىيە سەرپىياتى بىلەن چاياندەك قۇۋۋەتكە ئېگە ماشىنىغا ئېرىشىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. تېمىنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قويغانلىقىمنى ئەمدى بىلگەنسىز؟

ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى ۋە ماتورى سپورت ماشىنىغا خاس بولسىلا كۇپايە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى مۇرەككەپ شارائىتلاردا شۇنىڭغا كۆرە كونتورللىقىنى ساقلىيالىشىدا. ئېكسېلنىڭ ئالدى تەرەپكە ئىشلەتكەن ئاسمىسى ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان مەكفورسىن شەكلىدىكى مۇستەقىل ئاسما بولۇپ، ئارقا تەرەپتىكى بېرىكمە تولغىنىش كۈچىلىك كۆۋرۈكلۈك ئاسما ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىلكىنىشتىن ساقلىغۇچ پۇرژىنىسى ۋە ئارقا تەرەپ ئاسمىسىدىكى پولاتنىڭ قاتتىقلىقى نورمالدىكىگە قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50% ۋە 30% كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ سپورت ھالىتىدە ماشىنىنىڭ كونتروللىقىغا بۆلەكچە كۈچ قوشۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان.

سىناش جەريانلىرى

تىزلىنىش سىنىقىدا ئېكسېل XT نىڭ 1.6T لىق نۇسقىسى 8.2 سېكونتلۇق پەچەت نەتىجە ياراتتى

0-60 كېلومېتىرغىچە 3.7 سېكونت، 0-100 گە 8.2 سېكونت سەرپ قىلغان.

100 كېلومېتىرلىق تورمۇز سىنىقىدا 39.4 مېتىر نەتىجە ياراتتى. بۇ نەتىجە ئەلا نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇنى 22.5 سانتىمېتىرلىق چاقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك.

ماي سەرپىيات سىنىقى XT نىڭ بىر تۇققىنى بولغان 3 ساندۇقلۇق ئېكسېل GT دە ئېلىپ بېرىلغان. 1.8 لېتىرلىق بۇ ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى 100 كېلومېتىرغا 7.16 لېتىر بولۇپ چىققان.

شاۋقۇن سىنىقىدا نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولغان. يەنى، ماتور قوزغىتىلغان تىنچ ھالەتتە 46.6 دېتسىبىل، 60 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە 61.1 دېتسىبىل، 80 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە 64.3 دېتسىبىل، 120 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە بولسا 70.2 دېتسىبىل بولغان.

ئىچكى بوشلۇقىغا تەپسىلىي نەزەر سالغىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈدەكمىز. بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر كېلىدىغان كىشى شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندا باش تەرەپتىن يەنە 1 مۇشت پاتقىدەك ئارىلىق قالغان.

بۇ ماشىنا سپورت نۇسقىسىدىكى ماشىنا بولغانلىقتىن ئورۇندۇقنىڭ ئوراش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، سپورت ماشىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە نامايەندە قىلغان. لېكىن ئورۇندۇقنى كەينىگە ياتقۇزىدىغان تۇتقۇچىنىڭ قولنى قىسىۋېلىش ئىھتىمالى بار ئىكەن.

يان تەرەپ تۇتقۇچ خېلىلا كەڭ ۋە ئۇزۇن بولۇپ، بويى ئېگىزرەك كىشىنىڭ قولىنى خاتىرجەم قويسىمۇ چانمىغۇدەك ھالەتتە ئىكەن. تېرىنىڭ ماتىرىيالى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، راھەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىكەن.

ئالدى تەرەپتە 3 دانە ئىستاكان قويۇش ئورنى بار بولۇپ، بۇ جەينەك قويىدىغان جاينىڭ ئۇزۇنلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە بۇ جاينى قىسقا ۋە ئۇزۇن قىلىپ تەڭشىگىلى بولسىمۇ ئۇزۇن قىلىپ جەينەك قويىدىغان قىلىپ تەڭشىگەندە ئەڭ ئىچىدىكى ئىستاكان ئورنى «غايىب» بولىدىكەن.

ئارقا تەرەپ ئورۇندۇقتىكى بوشلۇق تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە. پۇت ئارىلىقى ئالاھىدە كەڭمۇ ئەمەس. كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ باش تەرىپى تاقىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، باش قىسمى ئالاھىدە ئېگىزرەك قىلىپ لايىھەلەنگەن.

ئارقا ساندۇقىنىڭ ئەھۋالى رەسىمدىكىدەك. ئارقا ئورۇندۇقنى تۈزلىۋەتسەك تۈپتۈز تۇرماستىن ئازراق ئېگىز-پەس بوپقالىدىكەن. ئۈستىدە بىر ئىلغۇ بار. بۇ جايغا ئاپاراتقا ئوخشاش نازۇكراق نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇشقا بولىدۇ.

ساندۇقنىڭ بۇلىڭىدا يەنە بىر ئىلغۇ بار بولۇپ، نەرسىلەرنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ساندۇقنىڭ سول تەرىپىدە توك يول لېنىيەسى بار. ئوڭ تەرەپتە يەنە كىچىك تەكچە بار بولۇپ، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى سېلىپ قويغىلى بولىدۇ.

سىرتقى يۈزىنىڭ چوڭلۇقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن ئېنىق كۆرەلەيسىز.

ئېكسېل XT نىڭ 1.6T لىك نۇسقىسىغا ئىشلەتكەن چاق GoodYear نىڭ 225/50R17 لىك چاق. بەنداش 5 تاياقلىق 5 بولتىلىق بەنداش. قاراشقا ئۇنچە بەك سپورت تۇيغۇسى بەرمىسىمۇ خېلىلا چىرايلىق.

ئالدى ۋە كەينى تەرەپ ئاسمىسى بايا ئېيتقاندەك 2 خىل ئاسما.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنىڭ سەۋەبى سپورت ھالىتىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان كونترول ھالىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن. بۇنى زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشەندۈرسەك، ماشىنا جىددى بۇرالغاندا قارشى تەرەپكە چۈشىدىغان كۈچنى ئوتتۇرىدىكى كۆۋرۈك ئوقى ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپكە ئۇزىتىپ بېرىپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇدە، ماشىنىنىڭ ئېغىشى ئازلايدۇ. دېمەك بۇنىڭدا كونترول ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر سىن كۆرۈپ باقايلى:

ماشىنا باھاسى

ئېكسېل XT نىڭ 6 خىل تۈرى بار. زاۋۇت بېكىتكەن باھالىرى تۆۋەندىكىچە:

1.6L قول خوت. ماتورى: 1.6L   ئات كۈچى : 121  باھاسى : 134 مىڭ 9 يۈز.

1.6L ئاپتۇماتىك خوت. ماتورى: 1.6L   ئات كۈچى : 121  باھاسى : 149 مىڭ 9 يۈز.

1.6T ئاپتۇماتىك خوت ئادەتتىكى تىپلىق. ماتورى: 1.6T  ئات كۈچى : 183  باھاسى: 171 مىڭ 5 يۈز.

1.6T ئاپتۇماتىك خوت ھەشەمەت تىپلىق. ماتورى: 1.6T  ئات كۈچى : 183  باھاسى: 181 مىڭ 5 يۈز.

1.8L ئاپتۇماتىك خوت ئادەتتىكى تىپلىق. ماتورى: 1.8L   ئات كۈچى : 146  باھاسى : 159 مىڭ 5 يۈز.

1.8L ئاپتۇماتىك خوت. ماتورى: 1.8L   ئات كۈچى : 146  باھاسى : 186 مىڭ 9 يۈز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/good-choice-for-those-who-love-sports-car.html/feed 12
فورد فىيېستانىڭ دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى تەۋەللۇت قىلدى /20110118916.html /20110118916.html#comments Tue, 18 Jan 2011 14:26:08 +0000 پاسىبان /?p=916 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش
无觅 ]]>

فورد فىيېستانىڭ Fiesta RS تىپلىق دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقە ماشىنا كۆرگەزمىسى Autosport International Racing Car Show دە تۇنجى بولۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يېڭى مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ يوپۇقىنى فورد مۇسابىقە ئەترىتىگە تەۋە Mikko Hirvonen ئاچتى.

بۇندىن كىيىن بۇ ماشىنىمۇ ئاكىسى فوكۇسقا ئەگىشىپ دۇنيا ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى فېدراتسىيىسى FIA نىڭ (Federation of International Autosport) دۇنيا راللىي لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى WRC دا (World Rally Championship) مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە ئەترىتىنىڭ نامى «فورد ئەبۇزەبى دۇنيا راللىي ئەترىتى» دەپ بېكىتىلدى.

فورد ئۆتكەن يىل 9-ئايدا پارىژ كۆرگەزمىسىدە مۇشۇنداق بىر مۇسابىقە ماشىنىسى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. لىكىن، ئۇ چاغدىكى لايىھەدە ئازراق ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، فورد شىركىتىنىڭ ياۋرۇپا مۇسابىقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ : بىزنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىنى تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەنلىكىمىز، شۇنداقلا يېڭى مۇسابىقە ئەترىتىمىز قۇرۇلغانلىقتىن بۇرۇنقى لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. كېلەر ئاينىڭ 10~13 كۈنىدە شىۋىتسارىيەدە مۇسابىقىنى باشلايمىز، دېدى.

بۇ فىيېستا RS نىڭ 1.6 لىك ماتورىغا EcoBoost نىڭ تۇربوسى قوشۇلغان بولۇپ، 4 چاق قوزغىلىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. تېخىمۇ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110118916.html/feed 0
قالتىس چاپقۇر – پاجانى C9 نىڭ تەشۋىق فىلىمى /20110104629.html /20110104629.html#comments Tue, 04 Jan 2011 14:32:31 +0000 پاسىبان /?p=629 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (3) – توپ تېپىش
无觅 ]]>

پاجانى ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئارىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ باققانلار ناھايىتىمۇ ئاز، ھەتتا يوق بولىشى مۇمكىن. پاجانىنىڭ كۆپ ماشىنىسى يوق. لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرى بار. پات ئارىدا بازارغا سالماقچى بولغان تەلۋە ماشىنا C9 مۇ ئاشۇنداق «ئاز» ماشىنىلاردىندۇر.

پاجانىنىڭ مەن بىلىدىغان بىرلا ماشىنا تىپى بار. نامى زوندا (Zonda) . بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت نەچچىسىلا بار. شۇڭا بايا ئاۋۇ گەپنى كېسىپ ئېيتقىنىم ئىدى. ئۆتكەن كۈنلىرى ئۇنىڭ زوندا 750 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماشىنىسىنىڭ خەۋىرىنى كۆرگەن ئېدىم. ئۇنى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر بايغا ئالاھىدە ئاتاپ ياسىغان ئىكەن. بېنزنىڭ AMG  ماتور تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ ئۈچۈن  ئالاھىدە ياسىغان 12 سېلىندىرلىق ماتورنىڭ ئات كۈچى 750 كەن. بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت شۇ بىر دانىلا بار ئىكەن.

بۇ قېتىم ئېلان قىلماقچى بولغان C9 تىپىدىكى بۇ ماشىنىسىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. شىركەت تەرەپ پەقەت ناھايىتى قىسقا، ئامما ئۆزگىچە مەنىگە ئېگە تەشۋىق فىلىمىنى تارقىتىپتۇ. بۇنىڭ ئات كۈچى 700 دىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىنكەن. ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 1000 نىيۇتۇن.مېتىر . گەرچە 12 سېلىندىرنىڭ كۈچى يېتىشكەندەك قىلسىمۇ، يەنىمۇ يۇقىرى ئات كۈچىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن تۇربو (تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ)  تېخنىكىسىنى قوللىنىشى مۇمكىنكەن.  تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەشۋىق فىلىمى.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110104629.html/feed 6
BMW ئۇقۇم ماشىنىسى Vision Efficient Dynamics دۈبەيدە /20110103600.html /20110103600.html#comments Mon, 03 Jan 2011 14:40:29 +0000 پاسىبان /?p=600 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!
无觅 ]]>

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ  Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.

بۇ ماشىنا 2+2  كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، چايكا قانىتى شەكلىدىكى ئىشىكى بار. سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ گۈزەللىكى  ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنولاردىكى غايىۋانە ماشىنىلارنى ئەسلىتىدۇ. ماشىنا ئېگىزلىكى 1.24 مېتىر.  پۈتكۈل ماشىنا ئايرودىنامىكىغا ئاساسلىنىپ لايىھەلەنگەنلىكى ئۈچۈن قارشىلىقى پەقەت 0.22Cd .

ماتور قىسمىغا بولسا مۇھىت ئاسراشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ھالدا 1.5 لېتىرلىق 3 سېلىندىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق دېزىل ( سەلياركا) ماتور سەپلەنگەن. ئۇنىڭغا ئارقا چاقىغا ئورۇنلاشتۇرغان ياردەمچى ئېلىكتىر ماتور قوشۇلۇپ تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقىرى ئۈنۈمگە يىتەلەيدىغان ھەقىقى «غايىۋانە ماشىنا» مەيدانغا كەلگەن. ئېلىكتىر ماتور ۋە دېزىل ماتور بىرلىشىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  356 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ.

قوشۇلغان ئېلىكتىر ماتورنى 98 دانە جەمئىي 10.8 كېلوۋات سائەتلىك ھەجىمدىكى  لىتىيلىق باتارىيە توك بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ بۇ باتارىيەنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 84.82 كېلوگرام. لىق توك قاچىلاش ئۈچۈن پەقەت 2.5 سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ماشىنىمۇ سىرتتىن توك بىلەن توك قاچىلاشقا بولىدىغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ئۇقۇم ماشىنىسى.  ساپ توك بىلەن يول يۈرگەندە 50 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇققا بارالايدۇ.

ماي سەرپىياتى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، شۇنچە كۈچلۈك، شۇنچە ئىقتىدارلىق بۇ چاپقۇرنىڭ 100 كېلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى پەقەت 3.75 لېتىر. BMW تەرەپنىڭ يەنە بىر مەلۇماتىدا 1 لېتىر دېزىل بىلەن 25 كېلومېتىر يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاران 24 لېتىرلىق ماي باكىغا لىق تولدۇرۇپ 700 كېلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ.  0-100 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە پەقەت 4.8 سېكونتتىلا چىقىپ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى  250 km/h. بۇ سانلىق مەلۇماتلار BMW نىڭ بۇ جانۋارىنىڭ ھەقىقى ئەمەلىي كۈچىنى يورۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

ياۋرۇپادا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ماشىنىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا  2013-يىللىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىنكەن.  بۇ ماشىنىنىڭ دۈبەيدە پەيدا بولىشىدىن پۇلدارلار ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىلىپ ئارقا ھويلىدا پۈتۈشكەن بولىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

بۇ جانۋارنىڭ بىرقانچە پارچە چوڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

رەسىمنىڭ ئاخىرىنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.

ئەگەر يازمىلىرىمىز سىزگە يارىسا كۇلۇبىمىزنى  باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى:

/20110103600.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110103600.html/feed 1
2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولو /20101229484.html /20101229484.html#comments Wed, 29 Dec 2010 11:33:31 +0000 پاسىبان /?p=484 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII

2010-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : لېكساس IS-F

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : 3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇس (TOYOTA PRIUS)

ۋولكسۋاگېننىڭ تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى London Taxi Concept
无觅 ]]>

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يىپيېڭى پولو كەڭ جامائەت ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ پولو 5-ئەۋلاد بولۇپ، كونكىرتنى باھا ۋە پاسونلىرىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى پولوغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ئىككى خىل ماتور، 5 خوتلۇق قولخوت ۋە 6 خوتلۇق ئاپتۇماتىك خوت سەپلەنگەن 7 خىل پاسونى بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆرسەتمە باھاسى 85 مىڭ 9 يۈز يۈەندىن 123 مىڭ 9 يۈز يۈەنگىچە.

2011 نۇسخىدىكى 5-ئەۋلاد پولونى شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن ئەسلى پۇراق بويىچە گىرمانىيەدىن كىرگۈزۈپ جۇڭگۇ بازىرىغا خاس قىلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، يېڭى نۇسخىسىنىڭ  تاشقى كۆرىنىشىگە خاسلىققا ئېگە ئېلمىنتلار كۆپ قوشۇلغان. بۇ كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىلىرى ئىچىدە  نەپس ماشىنا ھېساپلىنىدۇ.

7خىل پاسونىنىڭ باھاسى بىز بايا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ھەر خىل قاتلامدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىمالال قاندۇرالايدۇ.  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان 8 خىل رەڭنى تاللىيالايمىز. ئىچكى بېزىلىشىمۇ ئىنتايىن نەپس بولۇپ، قارا رەڭلىك ۋە ئاق رەڭلىك ئىككى خىل بېزەك يەنە بىزنىڭ تاللىشىمىزغا قالدۇرۇلغان.

بۇ ماشىنا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ياخشى ماشىنا ئالماقچى بولغانلارغا يەنە بىر تاللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. بۇ خىل رىقابەت كۈچىگە تولغان ماشىنا ئالدىدا فورد فيېستا، خوندا فىت، تويوتا يارىس دېگەندەك رىقابەتچىلىرىگە بىر ئاز بىسىم چۈشۈشى مۇمكىن.

گىرمانىيە پۇرىقى بىلەن جۇڭگۇ ئىستىمالچىلىرىغا خاسلاشتۇرۇپ ياسالغان بۇ مەھسۇلات كۆركەم تاشقى كۆرۈنۈش، ئۇزۇن يىللىق ئىشەنچلىك ماركا،  راھەت بوشلۇق، مۇكەممەل كونترول، يۇقىرى تېخنىكىدىكى يۈرۈشلۈك سەپلىمىلەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى گىرمانىيە ماشىنا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ياسالغان 5-ئەۋلاد پولو چوقۇم كۆپ قىسىم ۋولكىسۋاگېن ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالايدۇ.

بۇ نۇسخىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ ئادىتى بويىچە ۋولكىسۋاگېننىڭ بەلگىسى بار يەردىن ئاچىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. سەپلەنگەن قويغۇچى CD/MP3/WMA تىپىدىكى دېسكىلارنى ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا AUX-in  ئېغىزى بار بولۇپ ئايفونغا ئوخشاش 3.5 مىللىمېتىرلىق ئېغىزى بولغان ھەرقانداق قويغۇچتىن چىققان ئاۋازنى ماشىنا ياڭراتقۇسىغا يوللىغىلى بولىدۇ. يەنە SD كارتا ئوقۇيالايدۇ.

چوڭ چىرىقىنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئەگىلگەندە بۇرۇلغان تەرەپنى ئالدىن يورۇتۇپ كېچىدە يول يۈرۈشتە تېخىمۇ بىخەتەر بولغان شارائىتقا ئېگە قىلىدۇ. ئېلىكتىر سېستىمىلىرىدىن ABS+EBD+CBC دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى بار. 4 تەرەپتە رادارلىق سىگنال قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.  6 دانە بىخەتەر ھاۋا خالتىسى بار. مانا بۇ ھەقىقى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ياسالغان ئىسىل ماشىنا – 5-ئەۋلاد پولو.

1.4 لېتىرلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 63 كېلوۋات، ئات كۈچى 85 ، 1.6 لېتىرلىقىنىڭ 77 كېلوۋات، 103 ئات كۈچى ئىكەن.

راستىنى ئېيتسام شەخسىي قارىشىم بويىچە  بۇ ئات كۈچى ھەقىقەتەن تۆۋەن. 1.4 لىك ماتورنىڭ 100ئات كۈچىدىىن ئاشىدىغانلىرى بار. ئاددىسى مېنىڭ ھازىر ھەيدەۋاتقان چاڭچىڭ ماركىلىق ماشىنىنىڭ تويوتادىن «ئىلھام» ئېلىپ ئۆزى ياسىغان 1.5 لىك ماتورنىڭ قۇۋۋىتىمۇ 105 ئات كۈچى، بۇ 1.6 لىك ۋولكىسۋاگېن ماتورنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك دېگەن گەپ. ۋولكىسۋاگېننىڭ ھەممە يېرى خو قولدەك ماشىنا. لېكىزەەەە ماتورغا كەلگەندە ياپونغا، ياكى ئۆزىگە  يېقىنراق BMW ياكى بېنزغا يېتىشەلمىدى ياكى يېتىشكىسى كەلمەي «خاسلىقى» نى ساقلاپ كەلدى.

بىچارە سانتانا تا ھازىرغىچە سېتىلىۋاتىدۇ، 1.8 لىك ماتورنىڭ ساقال-سۇمبىتى بىلەن ئات كۈچى 90 غا بارمايدۇ. مانا مۇشۇمۇ ۋولكسۋاگېننىڭ خاسلىقى بولسا كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ۋولكسۋاگېن سپورت تۈرىدىكى ماشىنىلارنى باشقا ماركىلارغا قارىغاندا كېچىكىپرەك تەتقىق قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئېسىل سپورت ماشىنىلىرىدىن CC ، گولف GTI، بورا R، يەنە چاپقۇرىدىنScirocco  قاتارلىق ماشىنىلىرىمۇ پەچەت. بۇ چاپقۇر  1.4 لىك قوش تۇربېنلىق . بۇ ماشىنا چاپقۇر ئالغۇسى بار، لېكىن  بېنزىننى ئازراق كۆيدۈرۈشنى خالايدىغانلارغا ئىسىل تاللاش.

ئەلۋەتتە،ئات كۈچىنى ئۇنچە قوغلىشىپ كەتمەيدىغانلارغا پولو ئوخشاش تۈردىكىلەرگە نىسبەتەن ئاقىلانە تاللاش بولالايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101229484.html/feed 0