پاسىبان كۇلۇبى » OpenFeint | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 App Store دا ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز؟ /201103251449.html /201103251449.html#comments Fri, 25 Mar 2011 10:15:58 +0000 پاسىبان /?p=1449 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئايفوندا TXT ھۆججىتى كۆرۈش دەرسلىكى (فىلىملىك)
无觅 ]]>

بۈگۈن 5 كۈن بوپتۇ. يېڭى ئويۇن تەۋسىيە قىلمىدىم. چۈنكى بۇندىن كىيىن ئويۇن مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۇلۇبتىكى مۇشۇ مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان كۇلۇب ئىشتىراكچىلىرى ئالدىدا تولىمۇ خىجىلمەن. بۇندىن كېيىن ئاساسلىقى ئايفون ۋە كۇلۇبىمىزنىڭ باشقا تۈرىگە تەۋە بولغان ساھەلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە، بەزىبىر تېخنىكىلىق بىلىملەر، شۇ ساھەدىكى يېڭىلىق دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن سىلەرنى يەنىلا قارشى ئالىمەن. چۈنكى مېنىڭ بۇ تاللىشىم سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن. شۇڭا بۈگۈن ئايفونىڭىز ۋە باشقا ئالما مەھسۇلاتلىرىڭىز ئۈچۈن App Store دا ئەسلى ھەقلىق بولغان، لېكىن 1~2 كۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىدىغان پەچەت ئويۇنلارنى قانداق ئىزدەپ تېپىش، دەل شۇ ۋاقتىدا ھەقسىز پايدىلىنىشقا دائىر ئەپچىل چارىلەرنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنى ئۆگىنىۋالسىڭىز مېنىڭ كۈندە سىلەرگە بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇلارنى بىلىۋالسىڭىزلا ئۆزىڭىز قول تىقىپ پەچەت ئويۇنلاردىن ھەقسىز ھوزۇر ئالالايسىز.

ئاۋال ئازراق سەپسەتە ساتاي. مەن ئەزەلدىن دەيدىغىنىم، 91 غا ئوخشاش ئەخلەتچى چوماقچىلارنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىلاج بولسا ئىشلەتمەسلىك. بۇ پىشقان ئايفونچىلارنىڭ ئورتاق قارىشى. راس، 91 دەسلەپتە ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن بەزى قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەچكە ھەممە ئادەم دىگۈدەك بۇ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتىشى مۇمكىن. لېكىن سىز 91 نىڭ ئايفونىڭىزغا چىتلاپ قويغان ئەخلەتلىرى، پروگراممىلاردىكى بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن كەلتۈرۈپ چىققان مۇقۇمسىزلىق، ئەخلەت كۆپ بولۇش سەۋەپلىك ئىجرا بولىشى ئاستىلاپ كېتىش، ئاقىۋەت سېستىمىنى قايتا قاچىلاي دەپ iTunes ئارقىلىق زاپاسلاپ قويماقچى بولغىنىڭىزدا ئۇنىڭغىمۇ ئۇلىيالماسلىق قاتارلىق كىيىن كۆرىلىدىغان ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا بۇ «قولاي» نەرسىنىڭ ئاخىرىغىچە «قولاي» لىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىزدە، مۇھىم ئۇچۇر ۋە خاتىرىلىرىڭىز iTunes ئارقىلىق زاپاسلىيالمىغانلىق سەۋەبىدىن غايىب بولغىنىدا بۇنى ئىشلەتكىنىڭىزدىن پۇشايمان قىلىسىز.

ئايفونغا 91 نى پەقەتلا ئۇلىماڭمۇ دېمەيمەن. چۈنكى مەنمۇ 来电秀 دېگەندەك نەرسىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ قويىمەن. ئەگەر مۇشۇ بىر نەرسىنىڭ App Store دا سېتىلىدىغان ھەقلىق نەشىرى بولغان بولسىمۇ پۇلغا ئېلىپ ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكەن بولاتتىم. گەپنىڭ قىسقىسى، ئىلاج بار بۇنىڭغا ئوخشاش ئوغرى نەشىرىدىكى نەرسىلەرنى ئاز ئىشلىتىش، قۇربىتىڭىز يەتسە پەقەتلا ئىشلەتمەسلىك – سىزنىڭ ئايفونىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. ھەقلىق نەشىردىكى ھەرقانداق پروگرامما ياكى ئويۇنلار ئالما شىركىتىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بوشلۇققا يوللىنىپ بازاردا سېتىلىدۇ. بۇ دېتاللار سىزنىڭ ئايفونىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇكى، ئەخلەتكە توشقۇزىۋەتمەيدۇ. iTunes سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ ئەڭ ئىسىل رېمونتچىسى. ئۇ سىزگە بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى نەرسىنى ئەمەس، باشقا 3-تەرەپ دېتاللىرى بۇزىۋەتكەن نەرسىنى تازىلاش، پاكىزلاش دېگەندەك قولايلىقىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سىز تۈرمىدىن قاچۇرمىغان، باشتىن-ئاخىر ھەقلىق نەشىردىكى دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكىنىڭىزدە بۇ جانۋارنىڭ تولىمۇ يۇۋاش، كاشىلا ئاساسەن كۆرۈلمەيدىغان ئەڭ مۇقىم تېلفۇن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز. شۇڭا يەنىلا دەيدىغىنىم، قۇربىتىڭىز يەتسە ئايفوننى مۇشۇنداق ئىشلىتىڭ. ھەممىگە يۈز كېلەلەيسىز!

ھەقلىق ئويۇننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇ ئىنتايىن مۇقىم. سېستىمىغا زىيىنى يوق. سىناق ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. ھېچقانداق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ياكى يېشىشنىڭ ھاجىتى يوق. توغرا يول بىلەن ئاددى ئۇسۇلدىلا قاچىلاپ پايدىلىنىسىز. لېكىن ھەقلىق ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ھەق تۆلەپ ئېلىش شەرت ئەمەس. بىر كۈنلەردە مۇشۇ نەرسىلەرمۇ ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. پەقەت سىز مۇشۇ پەيتنى توغرا تېپىپ چۈشۈرەلىسىڭىزلا … تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ھەقسىز ئويۇنلارنىڭ مەنبەسىگە ئېرىشىشنىڭ بىرقانچە يولى بار.

Free App a day

بۇنىڭ بىرىنجىسى، سۈپىتى ياخشىراقى ۋە داڭلىقراقى ئىسمى Free App a day دەيدىغان بىر تەشكىلات. بۇلارنىڭ ئىش پرىنسىپى بولسا كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ تور بېتىگە چىقىپ بىرەر ئەپ (ئويۇن ياكى پروگرامما) نىڭ ھەقسىز بولىشىنى تىلەپ تىلەك يېزىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تىلىكى ئەڭ كۆپ بولغان (يەنى ئەڭ كۆپ كىشىلەر ھەقسىز بولىشىنى ئۈمىد قىلغان) ئەپنىڭ ياسىغۇچىسى بولغان كىشى ياكى شىركەت بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. ياسىغۇچىدىن بۇ ئويۇننى بىر كۈن ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا بىزگە ئوخشاش ئويۇنخۇمارلار ئەڭ ئوبدان پايدىغا ئېرىشسەك ياسىغۇچى شىركەت بولسا كۆپلەپ چۈشۈرگەنلىك سەۋەبىدىن چۈشۈرۈش مىقدارى جەھەتتە رەتكە تىزىلغاندىكى پايدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چۈشۈرۈپ بولۇپ باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى پايدا ئالىدۇ. ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەندە بولسا بۇ ئويۇن ئاللىقاچان ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئويۇنلار قاتارىغان چىقىپ بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر 4 ياكى 5 يۇلتۇز باھا بېرىپ بولغان بولىدۇ-دە، ئويۇننىڭ داڭقى چىقىپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى قەدەمدە ھەقلىق سېتىشقا باشلايدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

بۇ تەشكىلاتنىڭ تور بېتى : http://www.freeappaday.com/

يۇقارقى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈش بەلكى سىز ئۈچۈن بىر ئاز مۈشكۈل كەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئادرىستىن مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ياسىغان، ھەر كۈنى ھەقسىز ئويۇننى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان ئەپنى ئالما بازىرىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

http://itunes.apple.com/cn/app/freeappaday-store-paid-apps/id409147624?mt=8

بۇنىڭ باھاسى 1 دوللار. سىز ھازىر 1 دوللارغا بۇنى سېتىۋالسىڭىز بۇ سىزگە نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز دوللارلىق ھەقلىق ئويۇنلارنىڭ ھەقسىز چۈشۈرۈش مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. 1 دوللار دەسمىي بىلەن ھەقلىق ئويۇنلاردىن مەڭگۈ ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايسىز. ئىناۋەتلىك كارتىسى بارلار سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر سىزدە بولمىسا مەن سىزگە ۋاكالىتە ئېلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. 1 دوللارلىق ئەپ 7 يۈەن بويىچە ھېساپلىنىدۇ.

Free App Calendar

بۇنىڭ 2-سى بولسا Free App Calendar بولۇپ، بۇلارنىڭ ئورگان تور بېتى http://www.freeappcalendar.com/ .بۇلارنىڭ ئىش پرىنسىپىمۇ ئۈستىدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئالما دۇكىنىدا مەخسۇس خەۋەرچى دېتالى يوق. شۇڭا ھەقسىز مەنبەلەرنى ئورگان بېتىگە چىقىپ ئىزدەش كېرەك.

Open Feint

3-سى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئويۇنچىلار سۇپىسى Open Feint . بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ دەيمەن. بەزى ئويۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تال يېشىل يوپۇرماقنىڭ بەلگىسى بار لوگو دەل مۇشۇ شۇ. ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ Game Center گە ئوخشاش دۇنيادىكى چوڭ ئويۇن سۇپىسى. بۇ ئەڭ دەسلەپ چىققان سۇپا. Game Center كىيىن پەيدا بولغان. بۇ سۇپا ئارقىلىق سىز دوسلىشالايسىز. دوسلىرىڭىز بىلەن بىللە ئوخشاش ئويۇننى تورلاشتۇرۇپ ئوينىيالايسىز ۋە ھەمبەھرلىنەلەيسىز دېگەندەك.

بۇ ئۇلارنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىكى ئايفون ئۈچۈن ھەقسىز ئويۇن تەمىنلەيدىغان ئادرىسى : http://openfeint.com/ios/free_games

iAppsToday

4-سى بولسا بىر قەدەر كىيىنرەك چىققان، جۇڭگودا كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتقان خەنزۇلارنىڭ iAppsToday نامى بىلەن قۇرۇلغان ھەقسىز ئويۇن تەمىنلەش سۇپىسى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى تور بېكىتى: http://www.iapps.im/ بۇلار ئاساسەن ئاشۇ توربەتلەردىكى ھەقسىز ئويۇن ياكى پروگراممىلارنى يىغىپ ئەكىلىپ تور بېكىتىدە تەۋسىيە قىلىپ چىقىرىپ قويىشىدۇ. ئۇلارنىڭ خەۋەرچى دېتالىنى iTunes ئارقىلىق چۈشۈرىۋېلىپ ئايفونىڭىزغا قاچىلىۋېلىپ كىچىكرەك بولسا ئايفون بىلەنلا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېڭى ئويۇنلارنى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئارقىلىق سىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد بولۇپ كۈندە تەخمىنەن 5~10 غىچە ئويۇن يوللىنىدۇ. بۇ بىزگە بىر قەدەر قولاي بولسا كېرەك. بۇلارنىڭ خەۋەرچىسىنى بۇ جاينى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

مانا مۇشۇنداق. ئەگەر سىز مۇشۇ 4 خىل ئۇسۇل بىلەن ھەر كۈنى قويماي ئاقتۇرۇپ كۈندە 1~2 گىچە ئويۇن ياكى پروگراممىنى قاچىلىغىلى تۇرسىڭىز 2 ئاي ئىچىدە ئايفونىڭىزدىكى ئويۇنلارنى ئويناپ تۈگىتىپ بولالماي قالىسىز. شۇڭا بۇ چارىلەرنى سىزگە قالدۇرۇپ قويدۇم. مېنىڭ ياردىمىمسىز كۈندە ھەقىقىي نەشىردىكى ھەقلىق ئويۇنلاردىن ھەقسىز بەھرلىنەلەيسىز.

بۇندىن كىيىن ئاساسلىقى ئايفوندىكى تېخنىكىلق قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىڭىز، سورىسىڭىز شۇلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ئەتراپلىق جاۋابىمنى بېرىمەن. بۇندىن كىيىن مېغىزلىق، پايدىلىق بىلىملەر يوللىنىدۇ. بەزى قىممىتى بار ھەقلىق دېتاللار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەقسىز ئويۇن ئەمدى تامام. بۇندىن كىيىن ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى يەنىلا سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا…

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103251449.html/feed 16
تەۋسىيە: يەنە بىر پەچچەت ئويۇن – دالا ۋېلىسىپىتى بۈگۈن ھەقسىز! /201103171401.html /201103171401.html#comments Thu, 17 Mar 2011 10:58:52 +0000 پاسىبان /?p=1401 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟
无觅 ]]>

چوڭ ھاسىلات بولمىش Xtreme Sports: Biker ناملىق 3D لىك دالا ۋېلىسىپىتى ئويۇنى بۈگۈن ھەقسىز تەمىنلەندى. ئويۇننى 1-شەخس كۆرۈنۈش يۈزى ھالىتىدە ئوينايدىغان بولۇپ، چىنلىقى ئاشۇرۇلغان. ئوينىغۇچى پەچەت خوتلۇق دالا ۋېلىسىپىتىنى تاغمۇ-تاغ چاپتۇرۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. Open Feint سۇپىسى ئارقىلىق نومۇرنى دۇنيا بويىچە رەتكە تىزغىلى بولىدۇ. Sport نى سۆيىدىغان بالىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز ھوزۇرلانغايسىلەر!

تەمىنلەنگەن مەيدان ئىچىدە پەقەت تاغ-دالىلارلا بولماستىن شەھەر كوچىلىرىمۇ بار. ئېغىرلىق سەزگۈچ ئارقىلىق كونترول قىلىمىز. تورموز ۋە خوتى ئىككى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بىرەر لاي-پاتقاقتىن ئۆتۈپ قالسا «يۈزىمىز»گە لاي چاچراپ كېتىدۇ. قولىمىز بىلەن «يۈزىمىز»نى ئېيتىۋېتىپ مۇسابىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھە؟

دۇنيا بويىچە ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى رەتكە تىزالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن يولغا ئوبدانراق قاراپ ھەيدەڭ.

رەسىملەر يەتمىسە سىننى بىر كۆرۈڭ. چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

ئويۇن ئىسمى : Xtreme Sports: Biker

ياسىغان شىركەت : Dirty Edge Ltd.

ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە

قوللايدىغان سۇپا: Open Feint

چوڭلۇقى : 56.2 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 2.2.1

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103171401.html/feed 3
ئايپەد ۋە ئايفون ئۈچۈن ئۆزگىچە ئويۇن – Crystal Dash (ئىچىدە يەنە 3 خىل ئويۇن ھەقسىز) /201103141357.html /201103141357.html#comments Mon, 14 Mar 2011 12:35:37 +0000 پاسىبان /?p=1357 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

ئايفوننىڭ ئۆزگىچە تەگلىكىدىن بىرنەچچە تال

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

بۇ بىر قاراشقا 连连看 گە ئوخشاپ كېتىدىغان، يەنە بىر قاراشقا 泡泡堂 غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئويۇن. قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن ئوينىسا خېلى يامان ئەمەس ئويۇن. كونكىرتنى قىلىپراق ئېيتقاندا بۇ ئويۇن Bejeweled گە ئوخشاپ كېتىدىغان يوقۇتۇش ئويۇنى.

تۆت بۇلۇڭدا ئوخشاش بولغان كرىستال بولسا ئاندىن يوقايدۇ. ئويۇندا ۋاقىت ئاستىلىتىش، قايتا تىزىش، بومبا ۋە چاقماق قاتارلىق قوراللار بار. ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ.

بۇ ئويۇندىمۇ 2 خىل ئويۇن ھالىتى تەمىنلەنگەن. جان ساقلاش ھالىتى ۋە تىز سۈرئەت ھالىتى. سۈرئەت ھالىتىدە 1 مىنۇت ئىچىدە سىزنىڭ قانچىلىك نەرسىنى يوقىتالايدىغانلىقىڭىزنى ھېساپلاپ نومۇر بېرىدۇ. جان ساقلاش ھالىتىدە بولسا مەخلۇقلار چىقىۋېرىدۇ. داۋامى سىزنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىڭىزغا باغلىق.

ئويۇننىڭ كۆرۈنىشى ھەرھالدا يامان ئەمەس. ئارامبەخش تۈرىدىكى ئويۇنلارغا ئامراق بۇرادەرلەرنىڭ ساقلىۋالىدىغان ئوبدان ئويۇنى.

ئويۇن ئىسمى : Crystal Dash

ياسىغان شىركەت : HuaXu LLC

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 13.5 MB

ئايفون چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئايپەد چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ياسىغۇچى شىركەتنىڭ سېتىش سۇپىسىغا قالدۇرغان سۆزىنى سىلەرگە قالدۇرۇپ قوياي. ئۇلار دەيدۇ: بىزنىڭ ھەرقايسى ئويۇن ۋە دېتاللىرىمىز «ئاق مەشۇقلار كۈنى» ئىچىدە 2 كۈن ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بىز ئاپەت يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈندە تاماشا قىلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بىزنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىمىز شۇكى، مۇشۇ نەرسىلەرگە ھەقسىز ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپەت رايونى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە قىلىپ بېرىشىڭلار، ھېچ بولمىسا بىر ئېغىز سۆز بولسىمۇ قىلىپ قويۇشۇڭلار ئۈچۈن. سىز ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. دۇنيانىڭ ئىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. سىز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىز تورنىڭ خالىغان بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا ئۆزىڭىزنىڭ بەخت تىلىكىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. بىز ئاخىرىدا نەچچە كۈندىن بۇيان تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، لىۋان، جۇڭگو ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇۋېلىشىغا، بالدۇرراق بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا قايتىشىغا دۇئا قىلايلى! قولنى-قولغا تۇتاشتۇرايلى!

بۇ شىركەتنىڭ باشقا ئويۇنلىرى (ھازىر ھەقسىز):

1. Crystal Soul

2. Castles Conqueror

3. Good Santa Bad Santa

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103141357.html/feed 0
تەۋسىيە : پەچەت مۇداپىئە ئويۇنى – Sentinel: Mars Defense /201102271184.html /201102271184.html#comments Sun, 27 Feb 2011 12:47:51 +0000 پاسىبان /?p=1184 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: مەن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن Sentinel 2

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life
无觅 ]]>

ئەڭ دەسلەپ ئايفون بىلەن ئۇچراشقان مەزگىللىرىم ئېدى. بۇ ئويۇنغا شۇنداق كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئايفوننى مۇشۇ ۋە يەنە مۇشۇنىڭدەك 1~2 خىل پەچەت ئويۇننى كۆرۈپ ئامراق بوپ قېلىپ سېتىۋالغان ئېدىم دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. بۇ ئويۇن ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان ئېدى. بۈگۈن Sentinel: Mars Defense نەشىرى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا ئامراق كىشىلەر چوقۇم چۈشۈرۈپ ئوينىشى لازىم بولغان پەچەت ئويۇن.

Sentinel نامىدىكى بۇ ئويۇننىڭ مارسىنى قوغداش دېگەن بۇ نۇسقىسىدىن باشقا يەرشارىنى قوغداش (iTunes تىن كۆرۈڭ) دېگەن يەنە بىر نەشىرى بار. مەن بۇنىڭغا بەكرەك ئامراق. لېكىن مارسنىڭمۇ يەنىلا پەچەت ئويۇن ھېساپلىنىدۇ. ئىككىسى كۆپ پەرق قىلمايدۇ. بىرىدە تاشقى پلانىت ئادەملىرى يەرشارىغا ھۇجۇم قىلسا بىز يەرشارىنى قوغدايدىغان بولۇپ رول ئالىمىز. مارىسنىڭكىدە بولسا بىز مارىسنى ئىنسانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايمىز.

ھەممە قوراللارنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھېدىلىكلىرى بار. بۇلارنى جايىدا ئىشلىتىپ ئوينىسىڭىز بۇ ئويۇننىڭ تولىمۇ پەچەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

ئويۇن ئىسمى : Sentinel: Mars Defense

ياسىغان شىركەت : Origin 8 Technologies Ltd.

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : OpenFeint

چوڭلۇقى : 12.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :


ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102271184.html/feed 0
قارغا ئېلىش ئويۇنى – ئالمىنى سوقالامسىز؟ (Hit the Apple) /20110116883.html /20110116883.html#comments Sun, 16 Jan 2011 03:21:30 +0000 پاسىبان /?p=883 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرامسىز؟ بۇنى Cydia قۇرغۇچىسى سىزگە ئېيتىپ بەرسۇن!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

بۈگۈنكى ماۋۇ ئويۇن بولىدىكەنتۇق. لېكىن چوقۇم 4.2 لىك سېستىما بولىشى كېرەك ئىكەن. ئويناش ئۇسۇلىمۇ بولىدىكەن. قولىمىز بىلەن ياچاقنى ئېگىپ نىشاننى قارغا ئېلىپ قويۇۋەتسەكلا بولىدىكەن. ئەڭ قىززىق يېرى شۇكى، بىز دەۋاتقان نىشان، نەس باسقان بىرسىنىڭ بېشىدىكى ئالما . ئەگەر جايىنى سوقالىسىڭىز ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولىسىز، ئۇنداق بولمايدىكەن Game Over .

قارىماققا ئاددىيدەك كۆرىنىدىكەن. لېكىن سەل جىددىيلىشىش كەيپىياتى قوشۇلۇپ قىيىنچىلىق تۇغۇلىشى مۇمكىن. ھازىرقى سېستىمىغا قاچىلىيالمىدىم. لېكىن ساقلاپ قويدۇم. خۇدا خالىسا يېڭى سىستىما چىققاندا قاچىلامەن. بولىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ.

ئويۇن ئىسمى : Hit the Apple

ياسىغان شىركەت : Flacon Mobile Inc

ئويۇن تۈرى : قارغا ئېلىش

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى: 16.8  MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110116883.html/feed 2
تەۋسىيە : يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇداپىئە ئويۇنى AutoRobot TD Defend and Defeat /20110115873.html /20110115873.html#comments Sat, 15 Jan 2011 14:19:38 +0000 پاسىبان /?p=873 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟
无觅 ]]>

بىر ئايفوندا ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان بىر ئويۇننى تېخى تۈنۈگۈن يوللاپ تۇرىۋېدىم، بۈگۈن مۇشۇنىڭدەك ئويۇندىن يەنە بىرسى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. بۇ  ئويۇننى گەرچە 1 ئايفوندا ئوينىمىغان بىلەن، كۆك چىش ياكى WiFi بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى AutoRobot TD Defend and Defeat . ئويۇننىڭ سۈزۈكلىكى ھەقىقەتەن يۇقىرى. ئايفون 4 كە ئۇيغۇن قىلىپ لايىھەلەنگەن يۇقېرى ئېنىقلىقتىكى HD ئويۇنى. ئويۇنخۇمارلار پۇرسەتنى چوقۇم ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئىككى ئايفون بولسا كۆك چىش ياكى WiFi سىمسىز تورى بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدىكەن. مەن ئويناپ باقمىدىم، ئەگەر شۇنداق بولسا چوقۇم بەك قىززىيدۇ.

60 ئۆتكەل، ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يۇقىرى سۈزۈكلۈك، iOS4 كە 100% ماسلىشىدىغان سىغىشىشچانلىق، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش، ئارقا سۇپىدا ماي سەرپ قىلماسلىق، ھەرىكەت راۋانلىقى، ئايپود ئىچىدىكى مۇزىكىنى قويالايدىغان دېگەندەك مۇشۇنچىۋالا ئىقتىدارى بار ئىسىل ئويۇن! مەن تەۋسىيە قىلغان ئويۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم. شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇردۇم.

ئويۇن ئىسمى : AutoRobot TD Defend and Defeat

ياسىغان شىركەت : Luke Yang

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى: 40.1  MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110115873.html/feed 1
تەۋسىيە ئويۇن – نىنجا توخۇلار /20110111768.html /20110111768.html#comments Tue, 11 Jan 2011 16:18:24 +0000 پاسىبان /?p=768 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

iPod touch 4 VS iPhone 4

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
بۇ ئويۇن بىر ئۆيدىكى چوشقا ۋە توخۇ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولۇپ بىز توخۇنىڭ رولىنى ئېلىپ «چوشقا» ئاتىمىز. ۋەقەلىكىدە چوشقىلار توخۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېسىل ئەڭگۈشتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا زەھەر قولىنى سالىدۇ. توخۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى بەختكە يارىشا ئامان قېلىپ، بۇ چوشقىلارغا قارىتا جەڭنى باشلايدۇ.

بۇ قېتىم ھەقسىز تارقاتقىنى 2-نەشىرى بولۇپ، 1-نەشىرى بىلەن كۆپ جايلىرى ئوخشىمايدۇ. بۇ ئويۇنمۇ مۇداپىئە ئويۇنلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. بىز ئاستى تەرەپتىكى توپنى باشقۇرۇش ئارقىلىق چوشقىلارنى توپ ئوقى بىلەن ئۆلتۈرۈپ يېقىن كەلتۈرمەيمىز.

ئويۇندا 3 خىل باشقۇرۇش ھالىتى، كۆپ خىل قورال، كۆپ خىل دۈشمەن بار. كۆرۈنۈشلىرى يېقىملىق. نېمىلا دېگەن بىلەن «چوشقا» ئۆلتۈرىدىغان ئويۇن بولسا قولدىن چىقارماي ئويناپ قويغۇلۇق :o))):

ئويۇن ئىسمى : Ninja Chicken 2

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Game Center, OpenFeint

چوڭلۇقى : 22.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110111768.html/feed 3
تەۋسىيە : كلاسسىك ئويۇن – Tesla Wars (ئىچىدە ئايپەد نۇسخىسىمۇ بار) /20101223322.html /20101223322.html#comments Thu, 23 Dec 2010 12:07:49 +0000 پاسىبان /?p=322 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان مۇداپىئە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. سەرەڭگە كارتونلار ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشۇرۇلغان ئىلىكتىر مۇنارىغا ھۇجۇم قىلىشىدۇ. ھەر بىر مەيدان ئاياغلاشقاندا دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئېرىشكەن پۇلغا قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بۈگۈن Pavel Tarabrin ئايفون ۋە ئايپەد ھەرئىككى نۇسخىسىنى ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. ناھايىتى كەپسىز سەرەڭگە ئادەملەر ئوتتۇرىدىكى پاسىل تامغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ سۈرئىتى تىز، بەزىلىرىنىڭ قوللىرىدا كەكە-پالتا، بەزىلىرىنىڭ AK-47 ، بەزىلىرى بومبا يۈدىۋالسا، بەزەنلىرى سىنارەد… ئىشقىلىپ ھەرخىل شەكىلدىكى ئوماق سەرەڭگىچاقلار پاسىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز پاسىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىكتىر مۇنارى ئارقىلىق ئۇلارنى توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، مۇداپىئەدە تۇرۇش. نەچچە يۈز ئۆتكەل، 3 خىل ئويناش ئۇسۇلى بولۇپ يەنە ۋاقىت چەكلىمىسىز ئويناش ھالىتىمۇ بار. بۇنىڭدا تاكى ئوتتۇرىدىكى پاسىل تام بىتچىت بولغۇچە ئويناۋېرىسىز. تېخىمۇ كونكىرتنى ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈرۈپ ئويناپ سىناپ بېقىڭ.

ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. دۈشمەننى قولىڭىز بىلەن باسسىڭىز، ئېلىكتىر مۇنارىدىن توك چىقىپ ئۇلارنى توك سوقۇپ ئۆلتۈرىدۇ.  ئويۇننى توختۇتۇپ تۇرۇپ ھەرخىل ياردەمچى ئوق-دورىلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەر بىر ئۆتكەل ئاياغلاشقاندا پۇلغا مۇنارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى ياكى قورال-جابدۇقلارنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

ئەپچىل چارىلەر :

  • ھەر بىر مەيداندا مۇۋاپىق نەرسىلەرنى يېڭىلاشقا دىققەت قىلىڭ. ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئاشۇرۇپ تۇرمىسىڭىز دۈشمەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ ھەم كۈچىيىپ كېتىدۇ.
  • ھەر بىر ئۆتكەل باشلىنىشتىن بۇرۇن تامنىڭ قېنىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ۋاقتىدا رېمونت قىلىش كېرەك.
  • ئويۇن ئوينىلىۋاتقان پەيتتە ئېنىرگىيە ئۆزلۈكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنى سىز پۇلغا تولۇقلىمىسىڭىزمۇ تولۇقلاش سۈرئىتىنى يېڭىلاش ئارقىلىق تىزلەشتۈرسىڭىز شۇ كۇپايە.
  • راكىتا قويۇپ بېرىلگەندە سىز ئاسماندا تۇرۇپمۇ بومبىنى پاچاقلىۋىتەلەيسىز. بۇ راكىتا قويۇپ بېرىلگەندىن كىينكى ئەڭ قىيىن، لېكىن ئەپچىل مۇداپىئە ئۇسۇلى. چۈنكى ئۇ خېلى كۆپ قان سىيرىۋىتىدۇ.
  • ئاۋال ماي تۇڭى كۆتىرىۋالغان دۈشمەننى ئېتىڭ. ئۇ پارتىلاپ ئەتراپتىكىلەرنىمۇ زەخمىلەندۈرەلەيدۇ.

ئويۇندىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ ئۆتەيلى:

ياسىغان شىركەت :  Pavel Tarabrin

ئويۇن ئىسمى : Tesla Wars

ئويۇن تۈرى: مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى: 25.6 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101223322.html/feed 4
يانچە ھەرىكەتلىك ئويۇن – پېرىل پىلانى /20101218212.html /20101218212.html#comments Sat, 18 Dec 2010 12:35:09 +0000 پاسىبان /?p=212 >. بۇ ئويۇن  20 ئۆتكەللىك بولۇپ، ئوخشاشىمىغان سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدا ھەرخىل دۈشمەنلەر (ئادەملەر ۋە ماشىنا ئادەملەر) گە ھەرخىل قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى سېتىۋىلىپ قەدەممۇ قەدەم يېڭى ئۆتكەل ۋە  يېڭى ئويناش ئۇسۇللىرى ئاچىسىز. ئويناش ئۇسۇلى ئۇنچە قىيىن ئەمەس، ئەگەر پىرسوناژ مەغلۇپ بولسا يەنە جايىدىنلا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.  iPod touch ، ئايفون ۋە ئايپەدلەردە ئويناشقا ماس كېلىۋېرىدۇ. ئويۇن كۆرىنىشىدىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى: ئويۇن ئىسمى : Project Peril ياسىغان شىركەت : Nicholas Chou (ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئادەم ياساپتىكەن) قوللايدىغان سۇپا : Open Feint چوڭلۇقى :  35 MB چۈشۈرۈش ئادرىسى : (سىزدە iTunes  بولىشى كېرەك ياكى ئاستىدىكى تەۋسىيەنى ئوقۇڭ) ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن. تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟ئايپەد ۋە ئايفون ئۈچۈن ئۆزگىچە ئويۇن – Crystal Dash (ئىچىدە يەنە 3 خىل ئويۇن ھەقسىز)قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Camتەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your lifeتەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپتەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orientتەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەكiOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەرئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (2) – ئالۋاستى گېتاربىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!iOS 5 كە تەييارلىق: iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ]]>

بۇ يانتۇ ئېكرانلىق ھەرىكەتلىك ئويۇن. ئىچىدىكى پىرسوناژمۇ ئوماققىنە چاسا شەكىللىك كارتون بولۇپ، بۇ پىرسوناژنىڭ ئالەم كىمىسى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا سىز بۇ پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ دۇنيانى <<قۇتقۇزىسىز>>. بۇ ئويۇن  20 ئۆتكەللىك بولۇپ، ئوخشاشىمىغان سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدا ھەرخىل دۈشمەنلەر (ئادەملەر ۋە ماشىنا ئادەملەر) گە ھەرخىل قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى سېتىۋىلىپ قەدەممۇ قەدەم يېڭى ئۆتكەل ۋە  يېڭى ئويناش ئۇسۇللىرى ئاچىسىز. ئويناش ئۇسۇلى ئۇنچە قىيىن ئەمەس، ئەگەر پىرسوناژ مەغلۇپ بولسا يەنە جايىدىنلا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.  iPod touch ، ئايفون ۋە ئايپەدلەردە ئويناشقا ماس كېلىۋېرىدۇ.

ئويۇن كۆرىنىشىدىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى:

ئويۇن ئىسمى : Project Peril

ياسىغان شىركەت : Nicholas Chou (ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئادەم ياساپتىكەن)

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى :  35 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : (سىزدە iTunes  بولىشى كېرەك ياكى ئاستىدىكى تەۋسىيەنى ئوقۇڭ)

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101218212.html/feed 0