مونوسى داڭلىق ئويۇن ئىشلەش شىركىتى Miniclip.com نىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، AppStore دا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن ئىدى. پېقىرمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرگەن پەچەت ئويۇن. بىر مەزگىللەردە كىرىشىپلا كەتكەن ئىدىم. ئۇ چاغدا 91 تېلفۇن ياردەمچىسى ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئېدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى زاۋۇتنىڭكىگە يېتەمدۇ؟ بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. دەرھال چۈشۈرىۋالغايسىز.
بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقاتقان بۇ ئويۇن بىر قەدەر ئىسىل RPG ئويۇنى بولۇپ، ئەسلى تىل بولىقىدىلا خەنچە قوللايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرۈنمە يۈزىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەنمەك بىر قەدەر قولاي. ئويۇن مۇكەممەل ۋەزىپە سېستىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. RPG ئويۇنىغا خاس ئالاھېدىلىك كىچىككىنە ئويۇندا ئەكس ئېتەلەيدۇ.
ئالما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئويۇنلارنىڭ سەرخىلللىشىش سۈرئىتى بەكلا تىزلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بۈگۈنكى ماۋۇ ئويۇن بەكلا كەلگەن ئويۇنكەن. قىشتا قار تىيىلىش مەيدانىغا بېرىپ تىيىلغاندىكى كۆرۈنۈش ھېسياتىنى ئۆزىگە يارقىن مۇجەسسەم قىلغان.
بىز Real Skijump HD ناملىق بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا ئىگىز تۆپىلىكتىن چۈشىدىغان قار تىيىلىش تەنھەرىكەتچىسىنىڭ رولىنى ئالىمىز. ئۈستىدىن چۈشىۋاتقۇچە زوڭزىيىپ تۇرىمىز. ئاستى تەرەپتىكى ئېگىزرەك سەكرەش رايونىغا كەلگەندە ئايفوننى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ بىللە قاڭقىيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچىدىكى «بىز» مۇ تەڭلا ئاسمانغا قاڭقىيدۇ.
بۈگۈنكى ماۋۇ ئويۇننىڭ ئېگىسىگە لاتارىيە چىقىپ قالدىمۇ، بىراقلا 7 خىل ئويۇننى ھەقسىز تارقىتىۋېتىپتۇ. ئويۇنلىرىمۇ خېلى ئىسىلكەن. كۆرىنىشىدىمۇ گەپ يوق. UI چوقۇم سىزنى رازى قىلىدۇ. ئەمىسە بازار چاققاننىڭ!
ھەممىمىزگە مەلۇم. ئايفون 4 نىڭ ئېكرانى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈزۈك ئېكران ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئىكراننى رېتىنا (Retina) ئېكرانى دەيمىز. HD بولسا High Definition نىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ، خەت مەنىسى بويىچە ئېيتساق يۇقىرى ئېنىقلىق دېگەن مەنا چىقىدۇ. رېتىنا ئېكرانى دەل HD ئېكران. ماۋۇ ئويۇنمۇ ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىنى قوللايدىغان HD ئويۇنكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۆسۈملۈك بىلەن مۇردا ئويۇنى بەكلا مودا بوپ كەتكەن ئېدى. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزگىچە ئويۇن ئىكەن.
گىرمانىيە FDG يانفون ئويۇنى ئىشلەش شىركىتىنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن بىر قانچە ئويۇنلىرى ئاجايىپ بازار تاپقان ئىدى. مۇزىكىلىرى ئىنتايىن يىنىك، ھەرىكەتلىرى شۇنداق ئوماق بۇ ئويۇن ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئويۇنى بولۇپ، ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئادەمنىڭ راستىنلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان پەچەت ئويۇنكەن. كۆرىنىشى رەڭگارەڭ ھەم بەكلا سۈزۈك. سىزمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
يېقىندىن بۇيان ھەقسىز بولىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ كۆپرەكى ئەقىل سىناش، چوڭ مىڭە چېنىقتۇرۇش دېگەندەك ئويۇنلار بولىۋاتىدۇ. ماۋۇ ماتىماتىكىلىق ھېساپلاش مۇسابىقە ئويۇنىمۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى بىلەيدىغان ئويۇننىڭ بىرىكەن. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. ئۆزى كىچىك بولسىمۇ خېلى ئۈنۈملۈك ئويۇندەك قىلىدۇ. ئەڭ كەلگەن يېرى، ئىككى كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىكەن. قېنى، ماتىماتىكلار ئۆزىڭىزنىڭ زادى قانچىلىك سۈرئەتتە قارشى تەرەپنى يېڭەلەيدىغانلىقىڭىزنى بى سىناپ كۆرۈڭ !
بۈگۈنكى ماۋۇ ئويۇن بولىدىكەنتۇق. لېكىن چوقۇم 4.2 لىك سېستىما بولىشى كېرەك ئىكەن. ئويناش ئۇسۇلىمۇ بولىدىكەن. قولىمىز بىلەن ياچاقنى ئېگىپ نىشاننى قارغا ئېلىپ قويۇۋەتسەكلا بولىدىكەن. ئەڭ قىززىق يېرى شۇكى، بىز دەۋاتقان نىشان، نەس باسقان بىرسىنىڭ بېشىدىكى ئالما . ئەگەر جايىنى سوقالىسىڭىز ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولىسىز، ئۇنداق بولمايدىكەن Game Over .
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار