ئەڭ دەسلەپ ئايفون بىلەن ئۇچراشقان مەزگىللىرىم ئېدى. بۇ ئويۇنغا شۇنداق كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئايفوننى مۇشۇ ۋە يەنە مۇشۇنىڭدەك 1~2 خىل پەچەت ئويۇننى كۆرۈپ ئامراق بوپ قېلىپ سېتىۋالغان ئېدىم دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. بۇ ئويۇن ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان ئېدى. بۈگۈن Sentinel: Mars Defense نەشىرى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا ئامراق كىشىلەر چوقۇم چۈشۈرۈپ ئوينىشى لازىم بولغان پەچەت ئويۇن.
تەگلىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تور يۈزىدىن چۈشۈرۈش ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. بىراق بۇ ئەپ ئىچىدىكى تەگلىك توردىكى رەسىملەر بولماستىن، ئۆز ئىچىدە 96 مىڭدىن ئارتۇق ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا لايىق سۈزۈك رەسىملەرنى مۇجەسسەملىگەن. ئەگەر بۇنى قاچىلىسىڭىزلا تور بولمىسىمۇ پەچەت سۈزۈكلۈكتىكى 96 مىڭ پارچە رەسىمدىن خالىغانچە تەگلىك ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ، دېگەن گەپ.
نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن ئاخىرى خىزمەت ئورنىمغىمۇ يېتىپ كەلدىم. بۈگۈن ئەتىگەن قارىسام ماۋۇ پەچەت ئوماق ئويۇن ھەقسىز تارقىتىلىپتىكەن. كۆرىنىشى ناھايىتى ئوماق ھەم بەك چىرايلىقكەن. بۇ مەنبەنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بالىڭىزنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان پەچەت ئويۇننى كەتكۈزۈپ قويمىغايسىز.
ئىلگىرى AppStore دا 3 دوللاردىن قىزغىن سېتىۋېلىنغان بۇ چاياندەك ئەپنىڭ ئايفون نۇسقىسىنى بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. مەن ئايفوننى دەسلەپتە ئىشلەتكەن ۋاقىتلىرىمدا 91 دىن چۈشۈرۈپ سىناپ باققان ئىدىم. ھازىرقى نەشىرى تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ كۆركەم ئىكەن. بۇ ئەپ سىزنىڭ ئايفون ياكى ئايتاچىڭىزنى بىر دانە سىمسىز مائوسقا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مائوسلا ئەمەس. كونۇپكا تاختىسىنى ئايفوننى بىر ئۈستىگە سىلكىش بىلەنلا پەيدا قىلالايسىز. ئاستىغا سىلكىسىڭىز كىرىپ كېتىدۇ. سىلكىگەندە كونۇپكا تاختىسى چىققان چاغدىكى ئاۋاز «شاق! شاق!» قىلىپ بەك پەچەت چىقىدۇ تېخى. ئادەمنى بەك نوچى بىر نەرسىنى ئىشلىتىۋاتقاندەك ھىسياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
iPTT ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز دۇنيادىكى ھەرقانداق جايدىكى ئادەم بىلەن تورلا بولسا پاراڭلىشالايسىز. بۇ خۇددى رادىئوغا ئوخشاشلا دولقۇننى تەڭشەپ قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغاندەكلا بىر ئىش. لېكىن بۇ رادىئونىڭ تارقاتقۇچىسى خالىغان بىر كىشى بولالايدۇ. سىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تور بولىشى كېرەك. ئەگەر ئايلىقى كۆتۈرىگە ئېلىۋېلىنغان 3G ئابونتى بولسىڭىز، سىرتقا چىققاندا دوسلىرىڭىز بىلەن ھەقسىز پاراڭلىشىدىغان ئىنتايىن قولاي بىر نەرسە بولىدۇ.
Facebrick ناملىق بۇ ئويۇن ئەقىل سىناش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، كۆرۈنۈش يۈزى خېلى سۈزۈك. ئومومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى ياخشى ھېساپلىنىدىغان ئەقىل سىناش ئويۇنى دېيىشكە بولىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسىنى چاغانلىق ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىدىغان ئويۇنكەن.
ئالتۇن كان ئىشىچىسى ناملىق بۇ ئويۇن بەلكى سىز بۇرۇن بىر مەزگىل ياقتۇرۇپ ئوينىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، بۇ خېلى كۆپ كىشىلەر ئىچىدە ناھايىتى كلاسسىك دەپ قارىغان ئويۇننىڭ بىرى. بۇنىڭ كومپىيۇتېردا ئوينايدىغان فلەش نۇسقىسىمۇ بولىدىغان. يەنە ئاندرويد ۋە نوكىيا تېلفۇنلىردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلار بار. مەيلى قايسىدا بولسۇن، بۇ يەنىلا ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇن.
چاغانلىق سوۋغا سۈپىتىدە AppStore دا 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu نامىدىكى بۇ ئويۇننى ھەقسىز تارقىتپتۇ. ئويۇننىڭ لايىھەلىنىشىدە كۈچلۈك جۇڭگوچە پۇراق بار. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى تارىخقا قىزىقىدىغان ياكى مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا قىزىدىغان ئالمىداشلار سىناپ باقسا بولىدىغان ئويۇن. AppStore دا خېلى ياخشى باھالار بېرىلگەن ئىكەن. يەنە بىر بولىدىغان يېرى – رېتىنا ئېكران قوللايدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار