راستىنى ئېيتسام بۇ ئەپنى دەسلەپتە كۆرۈپ كۈلۈپ تاشلىدىم. قىززىق ئەپلەر بولىدىكەن. بۇ ئەپنىڭ غەلىتىلىكىدىن راستىنلا تەۋسىيە قىلماي بولمىدى. بىزدە پەقەت iPhone بولسىلا باققاللاردىن خام كاۋا، خام تاۋۇزلارنى تاللاپ ئىلغىۋېتەلەيدىكەنمىز. :o))):
iPhone دا ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەپلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئالدىنقى قېتىم تەۋسىيە قىلغان ئەپمۇ ئادەمنىىڭ كاللىسىغا كەپ باقمايدىغان غەيرى ئەپ ئىدى. ماۋۇنى غەيرى دېگىلى بولامدۇ يوق، ئۆزۈڭلار بىر دەپ بېقىڭلار.
دورامچۇقلارنىڭ ئوماقلىقىدىن بۇنى قاچىلىمايدىغانلار ئاساسەن ناھايىتى ئازغۇ دەيمەن. دورامچۇقلار ئائىلىسىدىكى يېڭىلىقلارنى كۇلۇبىمىزدا ۋاقتى-ۋاقتىدا سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنۇپ تۇرغان ئىدۇق. بۈگۈن كونا رەقىبلەر قايتىدىن بىر يەرگە كەپتۇدەك. كەلگەندىمۇ جامائەتچىلىككە ئاشكارا جايدا كەپتۇدەك …
تۈنۈگۈن ئاخشام يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپچىلىك دوسلارنىڭ يېڭى سېستىمىغا قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار. يېڭى سېستىمىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كېچە سائەت 2 گىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم.
سىز بىرەر گېتار مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارىڭىزچە قولىڭىزنى گىتار چالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ «تەڭكەش» قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ مېنىڭچە مۇزىكىغا ئىشتىياقى كۈچلۈكلەر مۇشۇنداق بوپكەتسە كېرەك. بۇ ئەپ سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قامدىيالىشى مۇمكىن.
دىققەت قىلسام بۈگۈن (12-ئۆكتەبر) ھەممەيلەن iOS 5 نى ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولدى. راست ئەمەسمۇ! ئامېرىكا ۋاقتى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە سائەت پەرق قىلغانلىقتىن بىزنى مۇشۇنداق تەقەززا قىلدى. مانا ھازىر (شىنجاڭ ۋاقتى 12-چىسلا كەچ سائەت 11 دىن 5 ئۆتكەندە) iOS 5 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
ئەسلى «ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز» دېگەن يازمىدىن كىيىن، ھېچقانداق ئويۇننى تەۋسىيە قىلماي دېگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ماۋۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئېسىل ئويۇن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلغان ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئايرىم يازما يوللىدىم.
iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار