تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.
iPhone، iPod Touch، iPad قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنەڭلارنىڭ FaceTime دەيدىغان بىر جايىغا دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. بۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
خاسلىقنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىز ھەپتىگە بىرەردىن تەگلىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزىلەر كۈندە ئالماشتۇرسا كېرەك. بۇ ئادەت كىشىگە بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئايفوننى يېڭىدىن سېتىۋالغاندەك ھېسياتقا كەپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمدە بار بىرقانچە ئۆزگىچە تەگلىك رەسىملىرىنى سىلەرگە سۇندۇم.
iPhone دا QQ غا چىقىۋاتقانلار بىلەتتى. ئىلگىرىكى ئايفون ھەتتا كىچىك بىر پارچە رەسىمنىمۇ ئىۋەتەلمەيتتى. بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ 微信 نى قوشۇپ ئىشلىتىپ ھېرىپ كېتەتتى كىشى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان QQ نىڭ 2011 نۇسقىسىنى ئاشكارا سىناش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ بۈگۈن App Store دا سېتىشقا باشلاپتۇدەك. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقسىز!
ئەقىللىق تېلىفۇنلار ئىچىدە Google Android نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىشلىتىش مىقدارى ئالمىنىڭ iOS ئۈسكۈنىلىرىدىن ئېشىپ كېتىپتۇدەك. لېكىن BusinessInsider تور بېكىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالما ئۈچۈن 2 ئېغىز لىللا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئالمىنىڭ iOS سىنىڭ Google Android تىن زادى قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالاھېدىلىكنى تىزىپ چىقىپتۇدەك.
دورامچۇق مۈشۈك تام – دورامچۇقلار ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن چىققان ۋە ئەڭ يۈز تاپقان ئەرمەك ھايۋان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مۈشۈكنى Outfit7 شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مۈشۈك خەلقئارادا چوڭ يۈز تېىپىپ كوچىدىكى سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەشەمەت ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇدەك…
ھازىر iPhone كىشلەر تۇرمۇشىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ، جەمئيەتتە ئالما قىزغىنلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. ئوغرى-قاراقچىلارمۇ جەمئىيەتكە ماسلىشىشى كېرەكتە؟ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە شۇنداق ئىشتىن بىرى يۈز بېرىپتۇدەك. iPhone 4 مودا بولۇپ ھەممە ئوتتەك قىززىۋاتقان ياخشى «پەيت» نى تاللىغان «ئۆمۈچۈك پالۋان» يېقىندا قانۇن تورىغا چۈشۈپتۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار