دىققەت قىلسام بۈگۈن (12-ئۆكتەبر) ھەممەيلەن iOS 5 نى ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولدى. راست ئەمەسمۇ! ئامېرىكا ۋاقتى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە سائەت پەرق قىلغانلىقتىن بىزنى مۇشۇنداق تەقەززا قىلدى. مانا ھازىر (شىنجاڭ ۋاقتى 12-چىسلا كەچ سائەت 11 دىن 5 ئۆتكەندە) iOS 5 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
5-ئەۋلاد iPhone بولۇپ ئېلان قىلىنغان iPhone 4S نىڭ كامېراسى 8 مېگاپېكسىللىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىشتۇق. ئۇنىڭدا ھەتتا 30fps تېزلىكتىكى 1080P لىك سىنغىمۇ ئالغىلى بولىدىكەن. ئوپتىكىلىق لېنزا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سېنزورمۇ چوڭايتىلغان ئىكەن. ئالما تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كامېرا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەقىللىق تېلىفونلارغا ئىشلەتكەن ئەڭ ئىلغار كامېرا ئىكەن.
ئەسلى «ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز» دېگەن يازمىدىن كىيىن، ھېچقانداق ئويۇننى تەۋسىيە قىلماي دېگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ماۋۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئېسىل ئويۇن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلغان ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئايرىم يازما يوللىدىم.
iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟
iPhone نى Steve Jobs ياساپ قويغىنى بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىشتا پروگراممېر ئاۋانگارتلار تولىمۇ چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ iPhone شۇ قەدەر قوللىنىشچان بىر نەرسىكى، سىز ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھېدىلىكلىرىنى مەڭگۈ توپمۇ-تولۇق بايقاپ ۋە ئىشلىتىپ بولالمايسىز.
يازما نامىغا قاراپ ئالمىنىڭ ھازىرقى CEO سى Tim Cook نامىنى قويىۋاپتىغۇ دەپ قالغانسىز؟ بۇ ئەپنى ياسىغان پروگراممىر ئىسىمنى مەنچە قەستەن مۇشۇنداق ئالغان بولسا كېرەك. بۇ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋاقىت بەلگىلەپ قويىدىغان ئەسكەرتمىلىك سائەت ئىكەن. قوللىنىشچانلىققا ئېگە بۇ ئەپ بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ.
ئالدىنقى يازمىمىزدا ساياھەتكە چىققاندا ئىشلەيدىغان ئەپلەر دەپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئەپلەردىن نەچچىنى تەۋسىيە قىلىپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن رەسىمگە تارتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشىدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي.
ساياھەت بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ بىرى. رەسىمگە تارتىش بولسا بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولغاچ ساياھەتنىڭ ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلىكى. مۇشۇنداق گۈزەل مىنۇتلاردا ئايفونىمىزنى يېنىمىزدىن ئايرىمايمىز ئەلۋەتتە. لېكىن ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ئاپاراتنىڭ باشقا ئالاھىدە ئىقتىدار ياكى رەسىمگە ئۈنۈم قوشۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بولمىغانلىقتىن بەزى چاغلاردا تازا ھاجەتتىن چىقالماي قالىدۇ. تۆۋەندە مەن ئايفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بەزى ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلاي.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار