قويغۇچلارنىڭ ئىسىملىرىنى تۇتماقمۇ تەس بوپكەتتى. TPlayer, OPlayer … توردىكى ھەقسىزلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىدا ئەلۋەتتە سەۋەبى بار. ياكى بولمىسا ئىقتىدارى تۆۋەن، ياكى بولمىسا قويۇدىغان نەرسىسى ئاز. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم GPlayer .
راستىنى ئېيتسام بۇ ئەپنى دەسلەپتە كۆرۈپ كۈلۈپ تاشلىدىم. قىززىق ئەپلەر بولىدىكەن. بۇ ئەپنىڭ غەلىتىلىكىدىن راستىنلا تەۋسىيە قىلماي بولمىدى. بىزدە پەقەت iPhone بولسىلا باققاللاردىن خام كاۋا، خام تاۋۇزلارنى تاللاپ ئىلغىۋېتەلەيدىكەنمىز. :o))):
iPhone دا ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەپلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئالدىنقى قېتىم تەۋسىيە قىلغان ئەپمۇ ئادەمنىىڭ كاللىسىغا كەپ باقمايدىغان غەيرى ئەپ ئىدى. ماۋۇنى غەيرى دېگىلى بولامدۇ يوق، ئۆزۈڭلار بىر دەپ بېقىڭلار.
دورامچۇقلارنىڭ ئوماقلىقىدىن بۇنى قاچىلىمايدىغانلار ئاساسەن ناھايىتى ئازغۇ دەيمەن. دورامچۇقلار ئائىلىسىدىكى يېڭىلىقلارنى كۇلۇبىمىزدا ۋاقتى-ۋاقتىدا سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنۇپ تۇرغان ئىدۇق. بۈگۈن كونا رەقىبلەر قايتىدىن بىر يەرگە كەپتۇدەك. كەلگەندىمۇ جامائەتچىلىككە ئاشكارا جايدا كەپتۇدەك …
iPhone ھەر يىلى بىردىن يېڭىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھەر بىر قېتىم يېڭىلانغاندا خۇددى 3-ئەۋلادتىن 4-سىگە يېڭىلانغاندەك زور دەرىجىدە يېڭىلىقنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. بۇ قېتىمقى يېڭىلىق مۇشۇ سەۋەبلىك كۆپ قىسىم دوستلىرىمىزنى ئۈمىدسىز قالدۇردى. iPhone 4S نىڭ سىرتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغىنى بىلەن قاتتىق دېتالدا ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىشلەر بار. بۇنى تۆۋەندە بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى.
تۈنۈگۈن ئاخشام يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپچىلىك دوسلارنىڭ يېڭى سېستىمىغا قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار. يېڭى سېستىمىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كېچە سائەت 2 گىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم.
سىز بىرەر گېتار مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارىڭىزچە قولىڭىزنى گىتار چالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ «تەڭكەش» قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ مېنىڭچە مۇزىكىغا ئىشتىياقى كۈچلۈكلەر مۇشۇنداق بوپكەتسە كېرەك. بۇ ئەپ سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قامدىيالىشى مۇمكىن.
iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار