ھەرقانداق ئادەم ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغان كىنودا رول ئېلىپ داڭق قازىنىپ چولپان بولالمايدۇ. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى بولۇش ئىستىكى بولسىمۇ نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. لېكىن بۇ پروگرامما ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز باش رول ئالغان، ئۆزىڭىز رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە سىز خالىغان بىر مەزمۇندىكى كىنونىڭ تەشۋىق فىلىمىنى ئۆزىڭىز ئىشلىيەلەيسىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

كۆرۈنمە يۈزۈى ئىنتايىن سۈزۈك بولغان بۇ ئويۇن ئايفون، ئايپەد ۋە ئايتاچلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئويۇن.  دەسلەپ چىققان ۋاقىتلاردا كۆپلەپ سېتىۋېلىنىپ AppStore دا  بازىرى ئىتتىك ئويۇن بولۇپ قالغان. ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇنلارغا ئامراقلارغا ئىسىل پۇرسەت.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئىلگىرى سىز مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى كۆپ قېتىم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. نەچچە خىلىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئويۇن ئىلگىرىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن «يېڭى ئويۇن» .   بۇنى ئىنتايىن ئىسىل مۇسابىقە ماشىنا ئويۇنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى پەقەت باشقىچىلا.

داۋامىنى ئوقۇش »

نىنجا ياپون رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان جانبازلىققا ئىنتايىن ماھىر بولغان يوشۇرۇن قاتىل بولۇپ مۇشۇ نامدىكى ئويۇنلارھەممە جايدا  قارشى ئېلىنىدۇ.  نىنجا ئويۇنلىرىنى «موگو» ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئويناپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر ئويۇن بولىدىغان. قىز دوستىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان. داۋامىنى ئوقۇش »

تولۇق ئىقتىدارلىق ئۈن خاتىرىنىڭ نامى Moe’s Notes بولۇپ، بۈگۈن ئايفون ۋە ئايپەد نۇسخىسى تەڭلا ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ ئۈن خاتىرە ئۆزىدىكى ئەسلى بار بولغان، ياكى بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باققان ئۈن خاتىرىلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش، ئاۋازغا ئېلىش ۋە قىسقا فىلىمغا ئېلىش ئارقىلىق بارغان جايىڭىزدا ئېنىق – ئېنىق خاتىرە قالدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ App ئايفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ خاتىرە قالدۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئورۇننىمۇ ئاپتۇماتىك ساقلايدىغان بولۇپ، خاتىرىنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىنى  يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش »


كۆرىۋاتقىنىمىزدەك ئايفون ۋە ئايپەدتىكى iBooks دېگەن بۇ دېتال ناھايىتى نەپس ئىشلەنگەن ياغاچتىن ياسالغان كىتاب جازىسى شەكلىدە. بۇنى ئاچقىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا كۆرىنىدىغىنى كىتاب جازىسىغا تىزىلغان بىر قانچە ئېلكىتابلار. لېكىن بۇ PDF شەكلىدىكى كىتابلار بولماستىن AppStore نىڭ كىتاب بازىرىدىن سېتىۋالغان كىتابلاردۇر. ئايفون ۋە ئايپەدلەرنىڭ سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن iBooks نىڭ يېڭى نەشىرى PDF نى ئوقۇيالايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە iTunes نى ئاۋارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا كېچىكىپرەك كېلىشى بىلەن ئوموملىشىشمۇ سەل كىيىنرەك بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يەنە ئىقتىسادى ئامىللارمۇ بار.  بىر قىسىم ئالمىداشلارنىڭ iTunes ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئويۇن، پروگراممىلارنى ئايفون ياكى ئايپەدلىرىگە قاچىلىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن بىرەر نەرسە بولمىغاچ ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇقۇپتۇ. بۈگۈن بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىر-بىرلەپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. داۋامىنى ئوقۇش »

دورامچۇق ئويۇنلىرىنى ئويناپ باققان بولىشىڭلار مۇمكىن،  ئىنتايىن قىزىقارلىق. Outfir7 نىڭ مۇشۇنداق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى بار. ئالما دۇكىنىدىن ئاشۇ ئىسىمنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەك ھەممىسى چىقىدۇ. بۈگۈنكىسى بۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى Talking Rex the Dinosaur. بۇ شىركەت ياسىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك Talking XXX دېگەن نامدا. باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقسىز نۇسخىلىرىمۇ بار. لېكىن ھەممىسى Lite .  تولۇق ھەقسىز دېگىلى بولمايدۇ. بۈگۈن چۈشۈرەلەيدىغان بۇ دېنوزاۋۇر پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھەم تولۇق ئىقتىدارلىق. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش