2 ئادەم ئويۇن ئويناش ئۈچۈن 2 تېلفۇن بولىشى ھاجەتسىز. ماۋۇ ئويۇننى 1 ئايفون بولسىلا 2 كىشى بەخىرامان ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ پۇتبۇل ئويۇنى بولۇپ، نوختا توپ تېپىش ئاساس قىلىنغان. ھۇجۇم قىلغۇچى بارماق بىلەن توپ ئۇرىدۇ، مۇداپىئە تەرەپ تېلفۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى ماۋۇمۇ يەنىلا ئەقىل سىناش ئويۇنلىرىغا تەۋە ئويۇن. كۆرىنىشىنىڭ سۈزۈكلىكىدە گەپ يوق . لېكىن قىيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى. ئايفون 4 نىڭ سۈزۈك ئېكرانىغا ماسلىشىدىغان سۈزۈك كۆرىنىشكە ئېگە ئەقىل سىناش ئويۇنى. ئەگەر ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئالماس ئېلىپ ئۆتەلىسىڭىز سىزدە ئادەتتىكى كىشىلەردە يوق بولغان ئالاھىدە تەرەققى قىلغان چوڭ مىڭە بارلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىسىز.
بۇ ئويۇن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى، ئىنكاسىنى ۋە قولىنىڭ ئىتتىك ئاستىلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك سىناقلاردا سىنايدىغان بولۇپ، ھەممە جەھەتتىن تەڭ ماسلىشىپ ماڭسىڭىز ئاندىن ئالماس ئالالايسىز.
بىر مەزگىل بۇرۇن AppStore دا ئوت بولۇپ كەتكەن ئويۇن Angry Birds نۇرغۇنلىغان ئويۇنخۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ماۋۇسى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇن. لېكىن كۆرىنىشىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئويۇندا بىز بىر تال مەنچاناققا ئوخشايدىغان ماشىنا بىلەن تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىرىمىز. ئۇ ماشىنىمىزغا ھەرخىل نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئېتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرسەكلا بولىدۇ. ئۆلمىكى ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس. پەقەت سوقساقلا بولدى.
سىز مەيلى رادىئودا بولسۇن، مەيلى تېلىۋىزۇردا بولسۇن بىرەر جايدا بىر مۇزىكا ياكى ناخشىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، سىزگە يېقىپ قالسا شۇ ناخشىنىڭ نامىنى بىلىۋېلىپ، توردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ ئاڭلاشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ بىرەر كىشىدىن سوراي دېسىڭىز، شۇ ناخشىنى ئۆزىڭىز غىڭشىپ ئوقۇپ بېرىپ، ماۋۇ ناخشا قانداق ناخشا بولغىيتى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلسىڭىز بەزىدە زاڭلىققا ئۇچرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بۈگۈنكى ماۋۇ App دەل سىزنىڭ بۇ غېمىڭىزنى يوق قىلىدۇ. Soundhound بولسا AppStore دىكى ئاۋازغا ئاساسەن ناخشا تاپىدىغان دېتاللار ئىچىدىكى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا تاپىدىغان بازىرى ئىتتىك دېتال. بۇ دېتال ئايفون، ئايتاچ، ئايپەدنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ.
بۇ ئويۇن بىر ئۆيدىكى چوشقا ۋە توخۇ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولۇپ بىز توخۇنىڭ رولىنى ئېلىپ «چوشقا» ئاتىمىز. ۋەقەلىكىدە چوشقىلار توخۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېسىل ئەڭگۈشتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا زەھەر قولىنى سالىدۇ. توخۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى بەختكە يارىشا ئامان قېلىپ، بۇ چوشقىلارغا قارىتا جەڭنى باشلايدۇ.
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان مۇشۇنداق بىر ئويۇن بولىدىغان. ئاپام كىر يۇغاندا داسقا يېڭى سۇ قۇيۇپ سوپۇن سالغان چاغدا دەرھال كىچىك قۇتىدىن بىرگە سوپۇن سۈيىنى قاچىلىۋېلىپ ئۆزىمىز ياسىغان نەرسىگە چىلاپ پۈۋلەپ ئاشۇنداق شار چىقىرىپ ئوينايدىغانتۇق. كىيىن ئۇنىڭ بازاردا ھەرخىل ھەرياڭزا، ھەر چىرايلىقلىرى سېتىلىدىغان بوپ كەتكەن. ئايفون پروگرامما تۈزگۈچىلىرى شۇ چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن شۇ ئويۇنلارنى ئايفونغىمۇ كۆچۈرۈپ ئەكەپتۇ. بۈگۈن ئەمدى ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئايفونىمىزدا ئوينىغۇدەكمىز.
بۈگۈن ماۋۇ App قىززىق. ھەقلىق تولۇق نەشىرىنى ھەقسىز قىلىپ، سىناق نۇسخىسىنى 2 دوللار چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئالدىراشچىلىقتا ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ. ماۋۇلار بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ باھانى ئالماشتۇرىۋالغۇچە دەرھال چۈشرىۋالغۇلۇق.
Windows Me دىن باشلاپ سېستىمىنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋەتكەن بىر ئويۇن بولىدىغان . ئىسمى Space Pinball 3D ئىدىغۇ دەيمەن. بۈگۈنكى تەۋسىيە ئويۇن Deep Pinball مۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. لېكىن ۋىندوۋستىكىسىگە قارىغاندا كۆرۈنۈشى گۈزەل، ھەرىكەتلىرى ئېنىق، ئاۋازى پەچەت سۈزۈككەن. دەسلەپ دوللارغا ساتقان ۋاقىتلاردا پىنبال خۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ كلاسسىك 3D لىك پىنبال بولۇپ قالغان. بۈگۈندىن باشلاپ قىسقا مۇددەتلىك ھەقسىز تارقىتىپتۇ.

يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار