بۇ بىر قاراشقا 连连看 گە ئوخشاپ كېتىدىغان، يەنە بىر قاراشقا 泡泡堂 غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئويۇن. قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن ئوينىسا خېلى يامان ئەمەس ئويۇن. كونكىرتنى قىلىپراق ئېيتقاندا بۇ ئويۇن Bejeweled گە ئوخشاپ كېتىدىغان يوقۇتۇش ئويۇنى.
Van Pershing ناملىق بۇ ئويۇن يۈرۈشلۈك بولۇپ، بۈگۈنكىسى Van Pershing – The Showdown . بۇنىڭدىن باشقا Van Pershing – Monsters Hunter دەپ ئۆتكەل ئېشىپ ئوينايدىغان يەنە بىر ئويۇنى بار. بۇ ئويۇن Universal تېخنىكىسى بىلەن ياسالغاچقا ئايفون، ئايپود تاچ (ئايتاچ) ۋە ئايپەدلەرنىڭ ھەممىسى ماس كېلىۋېرىدۇ. بىر قانچە ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تەڭ ئىشلىتىۋاتقانلارغا ئوشۇقچە چىقىمنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن بۇ بۈگۈن ھەقسىز!
بۇ خەق نېمە بولاۋاتىدىكىن تاڭ، iPad2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ھەممىسى ياخشى ئويۇنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆككىلى تۇردى. ئايىغى ياراشتى جۇمۇ iPad2 نىڭ. Enigmo2 ئالما بازىرىدا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن بولۇپ، 2008-يىللىق Apple ئەڭ ياخشى ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. AppStore دا 2.99$ دىن ھېلىھەم ياخشى سېتىلىۋاتقان ئويۇن ئىدى. بۈگۈن بۇ كاتتا ئويۇن سوۋغا سۈپىتىدە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. فىزىكىلىق ئويۇنلارنى ئويناۋېرىپ ئالىم بوپ كېتىدىغان بولدىڭىزدە!
Isaac Newton’s Gravity ناملىق بۇ ئويۇن كۆرۈنۈش يۈزى ۋە لايىھەسى پەچچەت فىزىكىلىق ئەقىل سىناش، تېپىشماق تېپىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، Namco شىركىتىنىڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى. بۇ شىركەتنىڭ نامىنى SONY ئويۇنلىرىنى ئوينىغان بولسىڭىز چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. شۇنداق، بۇ ئويۇن ساھەسىدىكى خېلى چوڭ شىركەت. بۈگۈن بۇ ئويۇننىڭ ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسى ھەقسىز. ئەقىل سىناش ئويۇنىغا ئامراق فىزىكاخۇمارلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. ھەقلىق قىلىشىغا يەنە ئازلا قالدى!
ئايپەدنىڭ گەرچە ئىچىدە كومپاس بولغىنى بىلەن ئايفونغا ئوخشاش مەخسۇس كۆرىدىغان جايى يوق. كومپاسنىڭ بارلىقىنى بۇ ئىقتىدارىنى قوللىنىدىغان پروگراممىلارنى ئىشلىتىپلا بىلەلەيمىز. بۇ دېتال مەخسۇس ئايپەد ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ئايپەدنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان كومپاسىنى كولاپ چىقىدۇ. ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلار چوقۇم قاچىلاش لازىم بولغان دېتال.
نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن ئاخىرى خىزمەت ئورنىمغىمۇ يېتىپ كەلدىم. بۈگۈن ئەتىگەن قارىسام ماۋۇ پەچەت ئوماق ئويۇن ھەقسىز تارقىتىلىپتىكەن. كۆرىنىشى ناھايىتى ئوماق ھەم بەك چىرايلىقكەن. بۇ مەنبەنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بالىڭىزنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان پەچەت ئويۇننى كەتكۈزۈپ قويمىغايسىز.
Facebrick ناملىق بۇ ئويۇن ئەقىل سىناش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، كۆرۈنۈش يۈزى خېلى سۈزۈك. ئومومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى ياخشى ھېساپلىنىدىغان ئەقىل سىناش ئويۇنى دېيىشكە بولىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسىنى چاغانلىق ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىدىغان ئويۇنكەن.
چاغانلىق سوۋغا سۈپىتىدە AppStore دا 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu نامىدىكى بۇ ئويۇننى ھەقسىز تارقىتپتۇ. ئويۇننىڭ لايىھەلىنىشىدە كۈچلۈك جۇڭگوچە پۇراق بار. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى تارىخقا قىزىقىدىغان ياكى مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا قىزىدىغان ئالمىداشلار سىناپ باقسا بولىدىغان ئويۇن. AppStore دا خېلى ياخشى باھالار بېرىلگەن ئىكەن. يەنە بىر بولىدىغان يېرى – رېتىنا ئېكران قوللايدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار