تۈنۈگۈن ئاخشام يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپچىلىك دوسلارنىڭ يېڭى سېستىمىغا قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار. يېڭى سېستىمىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كېچە سائەت 2 گىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم.
سىز بىرەر گېتار مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارىڭىزچە قولىڭىزنى گىتار چالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ «تەڭكەش» قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ مېنىڭچە مۇزىكىغا ئىشتىياقى كۈچلۈكلەر مۇشۇنداق بوپكەتسە كېرەك. بۇ ئەپ سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قامدىيالىشى مۇمكىن.
iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.
دىققەت قىلسام بۈگۈن (12-ئۆكتەبر) ھەممەيلەن iOS 5 نى ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولدى. راست ئەمەسمۇ! ئامېرىكا ۋاقتى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە سائەت پەرق قىلغانلىقتىن بىزنى مۇشۇنداق تەقەززا قىلدى. مانا ھازىر (شىنجاڭ ۋاقتى 12-چىسلا كەچ سائەت 11 دىن 5 ئۆتكەندە) iOS 5 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟
ئالدىنقى يازمىمىزدا ساياھەتكە چىققاندا ئىشلەيدىغان ئەپلەر دەپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئەپلەردىن نەچچىنى تەۋسىيە قىلىپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن رەسىمگە تارتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشىدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي.
تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار