پاسىبان كۇلۇبى » iOS | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر /ios-5-screen-shot.html /ios-5-screen-shot.html#comments Fri, 14 Oct 2011 08:34:00 +0000 پاسىبان /ios-5-0-%d8%af%d9%89%d9%86-%d8%a8%d9%89%d8%b1-%d8%a6%d9%89%d9%83%d9%83%d9%89-%d9%be%d8%a7%d8%b1%da%86%db%95-%d8%b1%db%95%d8%b3%d9%89%d9%85%d9%84%db%95%d8%b1.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ساياھەتكە چىققاندا ئەسقاتىدىغان iPhone ئەپ توپلىمى

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

تۈنۈگۈن ئاخشام يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپچىلىك دوسلارنىڭ يېڭى سېستىمىغا قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار. يېڭى سېستىمىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كېچە سائەت 2 گىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم.

 

تۆۋەندە بۇ يېڭى سېستىمىدىن قاچىلىغۇسى بولسىمۇ قاچىلىيالماي تۇرغان، ماڭا ئوخشاش قۇلۇپى بار ئايفونداشلار بىر ئالدىن كۆرگەچ تۇرسۇن دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. يازمىدا ئەڭ دەسلەپكى قوزغالغاندىكى ھالەتتىن باشلاپ ھەرخىل ئىقتىدارلارنى بىرقۇر سىناپ ئۆتۈش جەريانى تەپسىلىي رەسىمگە تارتىلغان. قېنى، بىر باشتىن كۆرۈپ چىقايلى.

ئىلاۋە: iOS 5 نىڭ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان سېستىما بولىقىنى بۇ جايدىن تېپىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئاۋال بۇنىڭ سىنىنى كۆرۈپ باقايلى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios-5-screen-shot.html/feed 18
بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا! /ios-5-available-to-download.html /ios-5-available-to-download.html#comments Wed, 12 Oct 2011 17:08:13 +0000 پاسىبان /?p=3031 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

ساياھەتكە چىققاندا ئەسقاتىدىغان iPhone ئەپ توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش
无觅 ]]>
بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

دىققەت قىلسام بۈگۈن (12-ئۆكتەبر) ھەممەيلەن iOS 5 نى ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولدى. راست ئەمەسمۇ! ئامېرىكا ۋاقتى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە سائەت پەرق قىلغانلىقتىن بىزنى مۇشۇنداق تەقەززا قىلدى. مانا ھازىر (شىنجاڭ ۋاقتى 12-چىسلا كەچ سائەت 11 دىن 5 ئۆتكەندە) iOS 5 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.

چۈشۈرۈش

ئەڭ ئاۋال چۈشۈرش ئادرېسىنى قالدۇراي. ئاۋال چۈشكەچ تۇرسۇن.

iPhone 4S ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ؛

iPhone 4  ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ (GSM)؛

iPhone 3GS ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ؛

iPad 2 ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ (WiFi)؛

iPad 2 ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ (3G GSM)؛

iPad ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ؛

iPod Touch 4 ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ؛

iPod Touch 3 ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ؛

 

iOS 5 ھەققىدە

iOS 5 تىكى يېڭىلىقلارنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ (iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)

 

ئەگەر بۇنىڭدىكى يېڭىلىقلارنى ئۇيغۇرچە تىلدا چۈشۈنەي دېسىڭىز بۇ جاينى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك يازمىغا بېرىڭ . يېڭى سېستىمىدا 200 دىن ئارتۇق يېڭىلق بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم Siri ھەممىدىن بەك كىشىنى دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئايرىم بىر يازما يازدىم. بۇ يەردىن سىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېگە بولالايسىز.  قالغان يېڭىلىقلار ئۆزىڭىزنىڭ ئاستا-ئاستا چۈشۈنۈپ يېڭىتىشىڭىزگە ئېھتىياجلىق.

iOS 5 توغرىسىدا Apple تور بېتىدە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بار بولىشى مۇمكىن. بۇ يەرنى بېسىپ ئورگان بېتىگە بېرىڭ.

يېڭىلاش ئۇسۇلى

iTunes نى ئېچىپ، ئاۋال سول تەرەپتىكى 设备 نىڭ ئاستىدىكى «پالانچىنىڭ ئايفونى» دېگەننى ئوڭ تەرەپنى بېسىپ 备份 قىلىۋالىمىز. بۇنداقتا iPhone نىڭ ھازىرقى ھالىتىدە زاپاسلىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىزنىڭ تېلىفون خاتىرىمىز، تېلىفون دەپتىرىمىز، ئۇچۇر ۋە باشقا خاتىرىلىرىمىز دېگەن بىز قول بىلەن ئۆزگەرتكەن ھەممە تەڭشەكلەرنى ساقلاپ زاپاسلىۋالىدۇ. ئاندىن زاپاسلاپ بولغاندىن كىيىن، 更新 دېگەننى Shift بىلەن باسىمىز. (بۇنداق باسقاندا بىۋاستە توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىماستىن چۈشۈرۈپ بولغان سېستىما بولىقىنى تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ.) چىققان كۆزنەكتىن بايا چۈشۈرگەن سېستىما بولىقىنى كۆرسىتىپ بەرسەك بولدى. قالغان باسقۇچلارنى ئېكراندىكى كۆرسەتمە بويىچە قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش

خەۋەرلەردە iOS 5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى تېپىلىپمۇ بولغان ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇ يوچۇق ھەقىقىي نۇسقىسىدا ئېتىۋېتىلمىگەنلا بولسا بەلكى بۇنى ئەتىگىچە «iOS 5 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرىشىمىزمۇ مۇمكىن.

ئەسكەرتىش : ئەگەر 迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز، چۈشكەندىن كىيىن قۇيرۇقنامى rar ياكى zip ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالسا ئۆزىڭىز قولىڭىز بىلەن ipsw گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios-5-available-to-download.html/feed 79
iOS 5 كە تەييارلىق: iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ /itunes-105-available-to-download.html /itunes-105-available-to-download.html#comments Wed, 12 Oct 2011 03:44:28 +0000 پاسىبان /?p=3005 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

ئايپەد، ئايفونلارغا iTunes ئارقىلىق ئويۇن قاچىلاش كۆرسەتمىسى (رەسىملىك)

ساياھەتكە چىققاندا ئەسقاتىدىغان iPhone ئەپ توپلىمى
无觅 ]]>
iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟

 

ھازىر جۇڭگو ۋاقتى بويىچە ھېسابلىساق 12-چىسلا بولغىنى بىلەن ئامېرىكىدا ئۇلار ھازىر 11-ئۆكتەبر كەچتە ئۇخلاۋاتىدۇ. iOS 5 كە مەخسۇس ئىشلەنگەن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان Beta نۇسقىسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن iTunes 10.5 نىڭ بۈگۈن ھەقىقىي نۇسقىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. تۆۋەندىكىدەك 2 يول ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  • iTunes نىڭ ئۆزىدىكى 帮助 دىن 检查更新 نى باسساق، بىرئازدىن كىيىن قىستۇرما رەسىمدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ كۆزنەكتىكى 下载iTunes نى باسساق Apple Software Update قوزغىلىپ، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئالما ئەپلىرىنى چۈشۈرىدۇ.
  • 2-خىل ئۇسۇل ئورگان تەرەپ تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى. بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تور بەتنى زىيارەت قىلىپ، سول تەرەپتىكى  Download Now نى باسساقلا بولىدۇ. بېسىشتىن ئەۋۋەل دۆلەت تاللايدىغان جايغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە سىزنىڭ IP رىڭىزغا ئاساسەن ئاپتۇماتىك تاللايدۇ. رازى بولمىسىڭىز ئاستىدىكى جايدىن ئىزدەپ خالىغان تىلدىكىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ. رەسىمگە قاراڭ

itunes-105-available-to-download

بۇنى ھازىرچە چۈشۈرگەچ تۇرۇڭ. ئامېرىكا ۋاقتى 12-چىسلا بولىشىغا يەنە نەچچە سائەت بار. بەلكى كەچ تەرەپلەردە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. iOS 5 ئېلان قىلىنغان 1-ۋاقىتتا ئىنشا ئاللاھ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرىمەن.

سەمىمى ئەسكەرتىش: ئەڭ ياخشىسى iTunes نىڭ ئۆزىدىكى ئەسكەرتمە بويىچە چۈشۈرمەڭ. مەن قالدۇرغان ئادرىستىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر جايغا ساقلاپ قويۇڭ. كىيىن سېستىما بۇزۇلۇپ قالسا قايتۇرۇشقا قولايلىق.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/itunes-105-available-to-download.html/feed 25
iOS 5 نىڭ ئەمەلىي سىناقلىرى (فىلىملىك) /test-ios-5-with-film.html /test-ios-5-with-film.html#comments Thu, 23 Jun 2011 08:13:31 +0000 پاسىبان /?p=2207 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش
无觅 ]]>

iOS 5 تىكى بەزى يېڭىلىقلارنى ئالدىنقى تېمىمىزدا بىر قاتار ئېيتىپ ئۆتكەن ئېدۇق. ئىلشىتىپ كۆرۈش ماڭا تېخى نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئۇيەر-بۇيەرلەردىن تولا ئاڭلاپ، تولا كۆرۈپ كەتتىم. سىناق باسقۇچى ئاخىرلىشىپ ھەقىقى نۇسقىسى تارقىتىلسىمۇ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولغانلىقتىن دەرھال قاچىلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغقىچە سىناپ كۆرگەنلەرنىڭ ئايفونىنى كۆرگەچ تۇرايلى.

ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون دېگەن شۇدە… يېڭى سېستىما چىقسا تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغۇچە ساقلاپ تۇرمىساق تېخى. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىمۇ يەنە مودىم نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يېڭىلىغۇچىمۇ يۈرەك پوك-پوك … مۇشۇ نەچچە يۈز يۈەننىڭ كۆزىگە قارىمىساق شىياڭگاڭ نۇسقىسى ياكى جۇڭگو نۇسقىسىنى ئالغانمۇ ياخشىكەن دەپ قالىمەن. يېڭى نەشىرى چىقىپ بولغۇچە قورقماي يېڭىلاپ Fresh لەردىن تېتىغاچ تۇراتتۇق. ناھايىتى كەلسە تۈرمىدىن قاچۇرماي بىر مەزگىل ئىشلىتىدىغان گەپ شۇ.

خوش، سەل قۇرۇق گەپ سېتىپ قالدىم. نېمە يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئالدىنقى تېمىمىزدا تەپسىلىي ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. يەنە قايتا دەپ ئولتۇرماي. تۆۋەندىكىسى iOS 5 نىڭ ئالما ئورگان تەرەپ تونۇشتۇرغان فىلىمى ئىكەن. ئاستىدا خەنزۇچە خېتى بار. بۇنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى.

بۇنى كۆرۈپ بولغان بولساق ئەمەلىي سىناقتىن بىرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. تۆۋەندىكىسى 3-ئەۋلاد ئايفون (iPhone 3GS) بىلەن iPhone 4  نىڭ iOS 5 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى سېلىشتۇرما سىنىقى ئىكەن. كۆرۈپ ئۆتەيلى

يەنە سىزنىڭ قانداق ئەمەلىي سىناق تەجرىبىلىرىڭىز بار؟

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/test-ios-5-with-film.html/feed 10
iOS 5 نىڭ پەيزىنى سۈرەيلى! (پاسىبان كۇلۇبىدىن ROKR يازمىسى) /how-to-install-ios-5.html /how-to-install-ios-5.html#comments Thu, 23 Jun 2011 07:10:34 +0000 ROKR /?p=2219 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

سېستىما يېڭىلاشتىكى تەجرىبىلىرىم ( 1013خاتالىقىنى ھەل قىلىش)

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!
无觅 ]]>

iOS 5 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەرخىل يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇجاي-بۇجايلاردىن دىگۈدەك كۆرۈپ كەلدۇق. مەن ئۆزۈم قاچىلاپ سىناپ كۆرگەندىن كىيىن يېڭى سېستىمىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ يېڭىلىقلارنى ئۆز ئىچىدە مۇجەسسەملىگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. بۈگۈن مەن دوسلارغا iPhone 4 كە iOS 5 نى قانداق قاچىلاشنى سۆزلىمەكچىمەن. ئەلۋەتتە باشقا iPhone لارغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. ئەگەر سىزمۇ يېڭىلىقنى بالدۇرراق تېتىپ باقماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا سىزمۇ كېلىڭ!

بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېرىڭىزدا چوقۇم iTunes نىڭ 10.5 تىن يۇقىرى نەشىرى بولىشى ھەم iOS 5 سىستىما بولىقى ھۆججىتى بولىشى كىرەك. (قۇلۇپى بار تورداشلار ئەڭ ياخشى يىڭىلاشقا ئالدىرماڭ)
چۈشۈرۈشكە تىگىشلىك قۇراللار:
redsn0w_win_0.9.8b1
ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iTunes
ifunbox_sc بۇنىڭ ئورنىغا iTools نى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. iTools0614
SystemVersion.plist (بۇ بولسا تېلېفۇنغا بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بىرىش ئىشلىتىلىدۇ)
iso5نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://u.115.com/file/clwogk2w
ھەممە تەييار بولدى. ئەگەر سىز بىۋاستە 10.3 نەشىردىكى iTunes بىلەن مەشغۇلات قىلسىڭىز 3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئورگان تور بېتىدىن ئەڭ يېڭى نەشىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ۋەياكى كومپىيۇتېرىڭىزدىن بىۋاستە ئەڭ يېڭى نەشىرىگە يېڭىلاڭ.

يانفۇننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ 恢复 نى بىسىش بىلەن بىرگە shift كۇنۇپكىسىنى بىرگە بىسىڭ. iso5نى تاللاپ قايتۇرۇشقا بۇيرۇق بىرىڭ. ئەگەر 3194 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالسا C:\Windows\System32\drivers\etc\ ئاستىدىكى hostھۆججىتىنى ئۆزگەرتىڭ. 74.208.10.249 gs.apple.com دەل مۇشۇ ئادرىسىنى يۇيىۋىتىڭ. (خاتالىق ئۇچۇرى چىقمىسا يۇيمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ) مەشغۇلات تەرتىۋى تۆۋەندىكىچە:

22

22

22

33

مۇشۇ بويىچە مەشلات قىلىپ iTunes نى تاقاپ قايتا ئىچىڭ. ئىش تامام. iOS 5 قاچىلاشنى باشلايمىز.
قايتىپ بولغاندىن كىيىن ھىچقانداق مەشغۇلات قىلماي. تۈرمىدىن قاچۇرىمىز. بۇ بەلكىم تورداشلارغا كونا ساۋات بولۇپ قالدى.
redsn0w_win_0.9.8b1 بۇ تۈرمىدىن قىچىش قۇرالىنى چۈشۈرىمىز.
مەشخۇلاتى تۆۋەندىكىدەك:
1- قىتىم install cydia نى تاللايمىز. قالغاننى سىستىما مەشغۇلاتى بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ.
2- قىتىمدا ifunbox_sc ياكى iTools0614 دىن پايدىلىنىپ SystemVersion.plist ھۆججىتىنى /System/Library/CoreServices نىڭ ئاستىغا قويىمىز.
3- قىتىم يەنىلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىتالىنى تاللاپ، just boot tethered right now بۇ تىزىملىكنى تاللايمىز. (install cydia گە بەلگە قويماڭ)
بۇ قەدەمنى بېسىپ بولغاندىن كىيىن iPhone قايتا قوزغىلىپ iPhone نىڭ قارشى ئېلىش تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. iTunes ھېساۋاتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىپ كەتسەك بولدى.
تۆۋەندىكى iOS 5 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى ئېكران رەسىملىرى:

بۇ چوقۇم تورداشلارغا ئەڭ ياقىدىغان بىر يېرىغۇ دەيمەن. ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ناخشىلارنى خالىغانچە يۇيىۋەتكىلى بولمايتتى. يىڭى سېستىمىدا بولسا بۇ قىيىنچىلىقلار پۈتۈنلەي ھەل قىلىنغان. ئەمدى بەزىبىر ئەپلەرگە تايانمايدىغان بولدۇق. بۇ ئىقتىدار ئاساسەن ھەممە جايدا ئىشلەيدۇ.

22

ئەمدى iPod بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىمىز مۇمكىن. (بەكلا چىقىشىپ قالغان ئىدىم ئۇنىڭ بىلەن، كوڭلۇم بۇزىلىۋاتىدۇ)
ئىش تامام دوسلار، ئەمدى iOS 5 تىن قانغۇچە ھوزۇرلىنايلى. تۈرمىدىن قېچىش پۈتۈنلەي مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا بەزى Cydia غا كىرەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ئىشىنىمەنكى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ چوقۇم كىرەلەيسىز. چۈشەنمىگەن دوسلار بولسا خەت قالدۇرساڭلار بولىدۇ. ۋاقىت قىس بولغاچقا بەزى جايلىرى تەپسىلىي بولماي قالدى. ئەپۇ قىلىڭلار.

ئەسكەرتىش: قولۇپى بار دوسلار ئىمكان بار يېڭىلىماڭلار.

7-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىلىغان مەزمۇن :

iTunes 10.5 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://dl.dbank.com/c0qb4h6u74

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/how-to-install-ios-5.html/feed 52
iOS 5 تە قانداق يېڭىلىقلار بار بىلەمسىز؟ /ios5-whats-new.html /ios5-whats-new.html#comments Thu, 16 Jun 2011 07:08:04 +0000 پاسىبان /?p=2161 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھەپتىدە 2 قېتىم يېڭىلاش، iOS 4.3.5 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى

WWDC 2011 يىغىنى سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى
无觅 ]]>

WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن iOS 5 نىڭ Beta سىناق نۇسقىسى تارقىتىلدى. پروگراممىلار ئۆزىنىڭ پروگراممىر كودى ئارقىلىق بۇ يېڭىلىقنى ئەڭ دەسلەپتە سىناش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇشتى. iEatApples يېڭى سېستىما iOS 5 تىكى يېڭىلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇدەك. ئۇلار تونۇشتۇرغان يېڭىلىق جەمئىي 154 خىل ئىكەن.

ئاساسى بەت كۆرۈنىشى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك بولۇپ، قاراپلا بىر-ئىككى خىل ئۆزگىرىشلەرنى بايقىيالايمىز. تۆۋەندە بۇ يېڭىلىقلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتەيلى.

  • يىپيېڭى قۇلۇپ ئېكران كۆرۈنىشى
  • 1-قېتىم قوزغاتقاندىكى قارشى ئېلىش كۆرۈنىشى
  • كومپىيۇتېرغا ئۇلىمايلا ئاكتىپلاش
  • يېڭى PUSH مەركىزى
  • قۇلۇپ ئېكرانىدا كامېرا تىزلەتمىسى بار
  • پايچەك ۋە ھاۋارايى مەلۇماتى PUSH مەركىزىگە بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن
  • iPod نىڭ ئىسمى iMusic دەپ ئۆزگەرتىلىپ يېڭى Logo غا ئالماشتۇرۇلغان
  • يېڭىدىن قوشۇلغان سىن ئېلىش دېتالى
  • iMessage
  • قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندا يېشىل كونۇپكا نورمال قىسقا ئۇچۇرغا، كۆپ كونۇپكا iMessage گە ۋەكىللىك قىلىدۇ
  • گېزىت-ژورنال ئۈچۈن مەخسۇس قوشۇلغان Newsstand
  • رەسىم ئۈچۈن ھۆججەت جازىسى قۇرۇشقا بولىدۇ
  • سېستىما Twitter نى ئۆزئىچىگە ئالغان
  • مەخسۇس Twitter ئۈچۈن قوشۇلغان #  ۋە @ تىزلەتكە كونۇپكىسى بولغان كونۇپكا تاختىسى قوشۇلغان
  • رەسىم تەھرىرلەش
  • كامېرادا ئۈنۈم قوشۇش ئىقتىدارى كۆپەيتىلگەن.
  • New rounded buttons يېڭى يۇمىلاق كونۇپكىلار 
  • ئۇقتۇرۇش مەركىزى Notification Center
  • قايسى ئەپلەرنى Notification Center گە قوشۇش كېرەكلىكىنى تاللىغىلى بولىدۇ
  • تەڭشەك ئىچىدە ئۈسكۈنىنىڭ نامىنى بىۋاستە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
  • يېڭىچە يېڭىلاش ئۇسۇلى Air Delta Software ئارقىلىق سېستىمىنى يېڭىلاش
  • ئىشلىتىش مىقدارى ئىچىدە ھەر بىر ئەپنىڭ سېستىمىدا ئېگەللىگەن مەنبە كۆرىنىدۇ.
  • سىمسىز iTunes ماسقەدەملەش
  • ئاۋازلىق تېلىفۇن ئۇرۇش
  • ئۆزى بەلگىلەپ تىزلەتمە سۆز قوشۇش (مەسىلەن OMG دېسەك Oh My God دەپ چىقىرىدۇ)
  • قوشۇمچە ئىقتىدار تاللاش تۈرىدە Speak Selection تۈرى قوشۇلغان
  • ئۆزى بەلگىلەپ تىترەتكۈزۈش
  • قوشۇمچە ئىقتىدار 辅助功能
  • LED چاقماق ئەسكەرتمىسى
  • ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ ئوڭ-سول ئاۋاز يولىنى تاللاش
  • تەڭشەك بېتىگە يېڭىدىن قوشۇلغان iCloud تەڭشىكى
  • ئېلخەت تەڭشەيدىغان يېرىگە @Me.com قوشۇلغان
  • ئالاقە خاتىرىسىگە Twitter تۈرى قوشۇلغان
  • تەڭشەك ئاستىدىن مەزكۇر تېلفۇن نومۇرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ (ئەمەلىيەتتە بۇنى ھازىرمۇ ئۆزگەرتكىلى بولاتتىغۇ؟)
  • Facetime تاللاش تۈرىگە تېلىفۇن نومۇرى ۋە ئېلخەت ئادرىسىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ
  • سافارىدا مەخپىي زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ 隐私浏览
  • زىيارەت قىلىۋاتقان مەزكۇر بىكەتنىڭ يەرلىكتىكى ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش
  • تەڭشەك ئىچىگە iMassage نىڭ ئېچىش-تاقاش تاللاش تۈرى قوشۇلغان
  • Read Receipts (بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىدىم)
  • iMessage ئىشلىمىگەن ۋاقىتتا ئاپتۇماتىك ھالدا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئىۋەتىش
  • ئوقۇلمىغان ئۇچۇر ئۈچۈن قانچە قېتىم ئەسكەرتىش تاللىشى قوشۇلغان
  • ئاۋاز ۋە سىن ھۆججىتى ئۈچۈن ئايرىم ئەپ قوللىنىلغان
  • Photo Stream
  • ئاپتۇماتىك چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئېچىش-تاقاش
  • «WiFi غىلا ئۇلانغاندا ئاندىن چۈشۈرۈش» تاللاش تۈرى قوشۇلغان
  • خەرىتىدە يول لىنىيەسىنى تاللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • App Store دا ئەپ سېتىۋېلىش خاتىرىسى ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • تېلىفۇن خاتىرىسىدىن 1 تال 1 تالدىن ئۆچۈرگىلى بولىدۇ
  • iCloud ئارقىلىق زاپاسلاش
  • ئاۋاز چىڭايتىش كونۇپكىسى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىش (يانتۇ تۇتۇپ سۈرەتكە تارتقاندا ئىشلەيدۇ.)
  • مۇزىكا ھۆججىتى ئۈستىگە بېسىپ تۇرساق بۇنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ
  • ئېلخەت ئېۋەتكەندە ئادرىس دەپتىرىدىن كىشى ئىسمىنى تۇتۇپ تۇرۇپلا سۆرەپ ئەكىرگىلى بولىدۇ
  • ئېلخەت ماۋزۇسى يوق ھالەتتە ئېۋەتكەندە ئەسكەرتىدۇ
  • ئېلخەت تەڭشىكى ئىچىدىكى Windows Live Mail،Gmail، Exchange قاتارلىقلارنىڭ تۇغىنى ئۆزگەرتكەن
  • سېستىما لۇغىتى ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • خەرىتىگە پرېنتىرلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • خەرىتىدە يول ئەھۋالىنى يوشۇرۇش ۋە ئېچىش
  • تېلىفۇن دەپتىرىدىكى ھەر بىر كىشىگە ئوخشىمىغان تىترەش ئۇسۇلى تاللىغىلى بولىدۇ
  • 备忘录 دا  نەچچە دانە خاتىرە بارلىقىنى كۆرستىدۇ
  • Game Center غا رەسىم قوشقىلى بولىدۇ
  • Game Center تەڭشىكىگە شەخسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ۋە يوشۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • Game Center باش بېتىدە ئوينىغان ئويۇن نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ
  • Game Center دىكى دوسلىرىمىزنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرەلەيمىز
  • Game Center دىكى دوسلىرىمىز بىلەن ئويۇن بەھرلىنەلەيمىز
  • يېڭى ئويۇنلارنى Game Center ئارقىلىق چۈشۈرەلەيمىز
  • Game Center دا دوستقا قوشۇش بېتى يېڭىچە لايىھەدە
  • 备忘录 دا ئېكراننى خالىغانچە ئۆزگەرتسەك شۇ ھالەتكە ماس ئۆزگىرەيدۇ
  • تېلىفۇن دەپتىرىدىكى ھەر بىر كىشىگە ئوخشىمىغان ئۇچۇر ئاۋازى تەڭشىگىلى بولىدۇ
  • ھاۋارايىدا «مەزكۇر شەھەر» ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • ھاۋارايىنى ھەر بىر سائەتتە بىردىن يېڭىلىغىلى بولىدۇ
  • سافارىدا تىزىملىكنى ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • iPad نىڭ بۆلەككە بۆلگىلى بولىدىغان كونۇپكا تاختىسى
  • AirPlay Mirroring
  • iTunes بىلەن ماسقەدەملەۋاتقاندا iPhone نى يەنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ! (ماۋۇ بەك پەچەت ئىش بوپتۇ)
  • Emoji كونۇپكا تاختىسى قوشىۋېتىلگەن. (ماۋۇ ئېنىڭدىنمۇ پەچەت ئىش بوپتۇ. ئىلگىرى تاپالمىغانلار ئەمدى سېستىمىنىڭ ئۆزىدىلا قوشسا بولىدىكەن. كونا سېستىما ئۈچۈن Emoji نى قانداق ئېچىش توغرىسىدا ئاللاھ خالىسا مەن ئايرىم تېما يوللامەن.)
  • iCal ھالىتىدە ئېكراننى يانتۇ قىلساق ھەپتە بويىچە كۆرىنىدۇ
  • iPad كە قوشۇلغان يېڭىچە مۇزىكا دېتالى
  • iCloud ماسقەدەملەش ۋە زاپاسلاش
  • كالېنداردا بەت ئۆرىگىلى بولىدۇ.
  • رەسىمگە تارتىۋاتقاندا ئېكراننى سۈرسەك يېقىندا تارتقان سۈرەت كۆرىنىدۇ. تەتۈرسىگە سۈرسەك رەسىمگە تارتىش ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ
  • قىسقا ئۇچۇر رامكىسىدا خەت يازساق نۆۋەتتە iMessage ھالىتىدە ياكى قىسقا ئۇچۇر ھالىتىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەسكەرتىدۇ
  • مەخپىيلەشتۈرۈلمىگەن تېلفۇن كەلگەندە سىزنىڭ نۆۋەتتە بىخەتەر بولمىغان تور ھالىتىدە ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.
  • iMessage ئارقىلىق سىن ۋە رەسىم ئېۋەتكىلى بولىدۇ
  • ئوخشاش ئۈسكۈنىدە ئوخشىمىغان Apple ID  ئىشلەتكىلى بولىدۇ. (بۇمۇ پەچەت ئىش بوپتۇ)
  • قۇلۇپ ئېكرانىدا PUSH قوبۇل قىلىۋالساق، ئېكراننى يانتۇ قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەپكە كىرگىلى بولىدۇ
  • PUSH مەركىزىدىكى ھاۋارايىدا ئېكراننى يانتۇ قىلساق كەلگۈسى 5 كۈن ئىچىدىكى ھاۋارايى كۆرىنىدۇ
  • iPad تە يېڭىچە قول ئىشارىتى قوشۇلغان
  • SIM كارتىسى سېلىنمىغان ئايفوندىمۇ Facetime دا سۆزلەشكىلى بولىدۇ ( ئېلخەت شەكلىدىكى ID بولىشى كېرەك)
  • تېلىفۇن دەپتىرىدە يوق بولغان ناتونۇش كىشىدىن تېلىفۇن كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ شەھەر تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەرق قىلالىسا دۆلەت ۋە رايوننىمۇ كۆرسىتەلەيدۇ
  • سۈرەتكە تارتقاندا ئېكرانغا بېسىپ تۇرساق تىزىملىك چىقىدۇ، ئۇ جايدىن AE/AF نى تەڭشىگىلى بولىدۇ
  • سۈرەتكە تارتقاندا رەسىمنى چوڭايتقاندەك قول ئىشارىتى بىلەن يېقىنلىتىپ يىراقلاتقىلى بولىدۇ
  • كالىنداردا يان تەرەپتىكى ئاۋاز چوڭايتىش «+» نى بېسىش ئارقىلىق يېڭى پىلان قوشقىلى بولىدۇ
  • مۇزىكا ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ( مۇزىكا ئىسمى ئۈستىگە ئەكىلىپ يانغا سىيرىش ئارقىلىق 删除 دېگەن خەتنى پەيدا قىلالايسىز. بۇ نۆۋەتتىكى سېستىمىڭىزدىمۇ نۇرغۇن جايدا ئىشلەيدۇ. ھازىرلا سىناپ كۆرمەمسىز؟)
  • iCloud بوشلۇقىنى كېڭەيتىش (ئەلۋەتتە ئاقچىغا سېتىۋالىدىكەنسىز)
  • بىرەر ئەپتە Crash بولغاندا بۇرۇنقىدەك «لەپ» لا قىلىپ غايىپ بولۇپ كەتمەي ئەسكەرتمە كۆرىنىدۇ. يەنى، ئۆلسىمۇ چىرايلىقچە خوش دەپ قويۇپ ئۆلىدۇ…
  • ئەپ ئىچىدە ئەسكەرتمە سانىنى كۆرسىتەمدۇ يوق تەڭشىگىلى بولىدۇ. (بۇ ئىقتىدارنىڭ نېمىلىكىنى تازا بىلەلمىدىم، بىلگەنلەر چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار 可以选择是否在应用上显示提示数字)
  • iTunes تىن چۈشۈرگەن نەرسىنى iPhone ئۇلاغلىق ھالەتتە بىۋاستە iPhone غا قاچىلىۋېتىدۇ
  • كۆكچىش ئارقىلىق يىراقتىن قويىلىۋاتقان مۇزىكا ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ
  • «يەنە بىرئاز ئۇخلىۋالاي» ئىقتىدارى (قوڭغۇراق)
  • ىرقانچە Twitter ھېساۋاتىنى تەڭ ئىشلىتىش
  • ھەر بىر ئەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئايرىم ئۆچۈرۈش
  • iTunes قوڭغۇراق ئاۋازى دۇكىنى
  • پايچېك (ئەڭ يېڭى، دەل ھازىرقى ھالەتنى كۆرسىتەلەيدۇ)
  • ئاۋازلىق قىسقا ئۇچۇر
  • بىرقانچە ئېلخەتنى بىرلا تاللاپ «ئوقۇلمىغان» قىلىشقا بولىدۇ
  • بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە ئەپنى بىراقلا چۈشۈرەلەيدۇ (پەچەت ئىش بوپتۇ. بۇرۇنقىدەك بىرنى چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكىسىنى باشلاپ يۈرمەيدىكەن)
  • ئاۋازلىق كونترولغا يېڭى ئاۋاز قوشۇلغان
  • ئېلخەتتە ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش چوڭلىقى 250 دىن 1000 غا كۆپەيتىلگەن
  • Google Maps تە ئۇلىنىش قوشۇلغان
  • YouTube دا سىن كۆرىۋاتقاندا Home نى 2 باسساق بۇ سىننى يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرىنىدۇ
  • iOS تە Airport ۋە TimeCapsule تەڭشىكىنى تەڭشگىلى بولىدۇ
  • VoiceOver دا ئەرەپچە  قوللايدۇ
  • ئارقا سۇپىدا ئۇلىنىش ئاچالايدۇ (بۇنىمۇ تازا چۈشەنمىدىم)
  • Twitter دىكى باش سۈرەتنى تېلىفۇن دەپتىرىگە قوشقىلى بولىدۇ
  • iPad تە 1080p لىك سىننى قويالايدۇ
  • ئېلخەت مەزمۇنىدىنمۇ ئىزدىگىلى بولىدۇ
  • سافارىدا تاللاپ تۇرۇپ بىر بېكەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، Cookies
  • iOS 5 تە تېلىفۇن دەپتىرىدىكى كىشىلەرنىڭ Twitter، Facebook، Flickr، LinkedIn، Myspace قاتارلىق IDلىرىنى قوشقىلى بولىدۇ
  • iPad كونۇپكا تاختىسىغا «بەتتىن ئىزدەش» ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • iMessages دە GIF ھەرىكەتلىك رەسىمنى قوللايدۇ
  • Twitter يوق بولسا App Store دىن چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. تەڭشەك ئىچىدىن ئاچساقلا چۈشۈرىدۇ
  • ئېلخەتكە Hotmail مۇ قوشۇلغان
  • iPad تە سافارىدا ئارقىغا قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرساق بەت تىزىملىكى كۆرىنىدۇ
  • سافارىدا مەخپىي زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇسلۇب قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ
  • توغرا ئىملا تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى ئايرىم ئەتكىلى ئاچقىلى بولىدۇ. ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش بىلەن ئايرىۋېتىلگەن.
    مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قوشقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئانىسى، دادىسى دېگەندەك
  • ئاۋاز چوڭايتىش كونۇپكىسىغا سىنغا ئالغاندا باشلاش ۋە ئاياغلاشتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان
  • مەخپىي نومۇر ئارقىلىق قۇلۇپلاش دېگەن تۈرگە App سېتىۋالغاندا ئىشلىتىدىغان مەخپىي نومۇر قوشۇلغان
  • App Store دا باھاسىنى باسساق سېتىۋالاتتۇق، ھەقسىز بولسا Free ياكى 免费 نى باسساق چۈشۈرۈپ قاچىلايتتۇق. يېڭى سېستىمىدا بۇ جاي 安装 ياكى Install  غا ئۆزگىرەپتۇ.
  • App Store دا iForgot  دېگەن تۈر قوشۇلغان بولۇپ، مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئىشلەيدىكەن.

 ئۆزى بەلگىلەپ تىترەش قوشۇش

 ھاۋارايى

   يېڭى تاللاش تىزىملىكى

 

  لۇغەت

 

  ئۆزى بەلگىلەپ ئاۋاز تەڭشەش

 

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios5-whats-new.html/feed 17
WWDC 2011 يىغىنى سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى /wwdc-2011.html /wwdc-2011.html#comments Thu, 09 Jun 2011 12:49:31 +0000 پاسىبان /?p=2139 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تېز خەۋەر – ستىۋ جوبس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش
无觅 ]]>

ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار (پروگراممېرلار) چوڭ يىغىنى - 2011 WWDC سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئالمىنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسى بويىچە مەزمۇن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 6-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېىچىلىدىغانلىقى پەقەت نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى ستىۋ جوبس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاساسلىقى Mac OX Lion نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ۋە iOS 5 ئېلان قىلىندى. يىغىندىكى ئەڭ يېڭىلىق بولسا ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىېترى بولمىش يىپيىڭى iCloud تونۇشتۇرۇلدى.


ئەپسۇسلىنارلىقى يىغىندا كىشىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان 5-ئەۋلاد iPhone توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى. ئىلگىرىكى يىغىندا يىغىن ئۇسلۇبى بويىچە نەتىجىنى ئۆزىمىزگە ئويلىنىشقا قالدۇراتتى. بۇ يىغىندا بۇنداق بولماي ئاۋال نەتىجە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion ۋە iOS نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. بۇنداق بولغاندا بىزلەرنىڭ بۇ يېڭى سېستىمىلارنى يېڭىلىغىنىمىزدا قانداق يېڭىلىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە دەسلەپتىلا ھاسىل بولدى.

ئالمىنىڭ COO سى Tim Cook ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئالما بۇندىن كىيىن مەھسۇلاتنىڭ قاتتىق دېتالىغا بولغان ئۆزگەرتىشنى 2-ئورۇنغا قويۇپ، يۇمشاق دېتالنىڭ قاتلاملىشىشىغا، مۇكەممەللىشىشىگە 1-ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېدى. بۇنداق ئىبارىلەر يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ كېچىكىشىگە ياخشى باھانە بولالايدۇ. زادى قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىز جوبسنىڭ ئۆزىدىنلا ئاڭلىغۇمىز بارغۇ دەيمەن؟

كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئالغىلى يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان سىتىۋ جوبسنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا يەنە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى كۆپ قىسىم ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇشال قىلدى. بۇ تارىخىي شەخس سەھنىگە يەنە چىقىپ بىزگە يەنە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەر؟ ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە نەزەر سېلىپ باقايلى

2007-يىلدىن بۇيان iPhone دېگەن ئۇقۇمنىڭ يوقتىن بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە 4 يىل مابەينىدە، ئالما ئۆزىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ئارقىلىق دۇنياغا قايتا تونۇلدى. ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن پەقەت نامىنىلا ئاڭلاپ باققان لېكىن قىزىقمىغان، ياكى قىزىقىشنى خالىمىغان بۇ ماركىنىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇلار ئالما نېمىلا ياسىسۇن چوقۇم ئۇنى سۆيۈپ ئىشلىتىدۇ. ئالما ئەڭ ياخشىسىنى ياسايدۇ دەپ قارايدۇ. ئابونتلارنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشىگە ئالمىنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە ياساپ چىققان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەرخىللىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

ھەر يىلقى WWDC يىغىنىدا يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ سايىسىنى بولسىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ يىل بۇنداق بولمىدى. ئالمىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نىشانىغا نەزەر سالساق، ئالما ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تۇيغۇسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. قاتتىق دېتال ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالما شىركىتى ئاساسى نىشاننى يەنىلا قاتتىق دېتالغا مەركەزلەشتۈرىۋالمىدى. بۇ قېتىمقى يۈزلىنىش يەنىلا يۇمشاق دېتالنىڭ ئوخشاش شارائىتتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ راۋان، ئىشلەتكۈچىگە تېخىمۇ ياخشى تۇيغۇ بېرىدىغانلىقى، يۇمشاق دېتالنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، ئويۇندىكى سەزگۈنىڭ كۈچلۈكلىكى، باتارىيەنىڭ چىدامچانلىقى قاتارلىق تەرەپلەر بولدى. بۇنداق بولغاندا كونا ئۈسكۈنىلەردىمۇ ئوخشاشلا ئىسىل ئۈنۈملەردىن پايدىلانغىلى بولاتتى. ئەگەر قاتتىق دېتالغىلا كۈچىگەن بولسا كونا نەشىردىكى ئۈسكۈنىلەر ئۆزلىگىدىن زاماندىن قالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانىمۇ مۇشۇ بولدى. بۇ يىغىندا iCloud نىڭ iDevice نىڭ تەرەققىيات سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمراھى بولىدىغانلىقى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گوگلنىڭ پۇلى كۆپ. شۇڭا پروگراممىرلار يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا SAMSUNG نىڭ تاختا كومپيۇتېرىدىن بىر دانىدىن سوۋغا قىلغان ئىكەن. گەرچە ئالما شىركىتى ئۇنداق قىلمىسىمۇ، كىرىش بېلىتى 3 سائەت ئىچىدىلا پاك-پاكىز سېتىلىپ تۈگىگەن. باھاسى 1000 دوللار بولغان بۇ بېلەتنى كىشىلەر بۇلاپ-تالاپ كېتىشكەن. eBay تورىدا كىرىش بېلىتىنى 3000 دوللارغا تالاشتۇرۇپ ساتقان خەۋەرمۇ بار ئىكەن. ئالماخۇمارلارنىڭ تەلۋىلىكىنى كۆپ جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پروگراممىرلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قولىدا گەرچە بېلەت بولسىمۇ، يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئۆچرەت ساقلىغىلى تۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. قولىدا بېلەت تۇرسىمۇ مۇشۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتىكىن بىلمىدىم.

ئۆچرەتتە تۇرغانلار قاتارىدا ئانچە-مۇنچە تونۇش چىرايلار ئۇچراپمۇ قالىدىكەن. مەسىلەن Cydia قۇرغۇچىسى Saurik قا ئوخشاش. بۇ ئاكىمىزنى ھەممەيلەن تونۇيمىزغۇ دەيمەن. سەۋدايىغا ئوخشاش ئۇزۇن چاچ قويىۋالىدىغان مۇشۇ كىشى شۇ. بەلكى ستىۋكام يىغىندا بۇ مەجنۇننى كۆرۈپ قالسا چوقۇم ھومىيىپ قارايدىغۇ دەيمەن.


بۇ چولپان بىلەن رەسىمگە چۈشۈدىغانلار قاتارلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرىدىكەن. قارىماققا ئىلغار پەن-تېخنىكا يىغىنى ئەمەس، بىرەر سەنئەتكارنىڭ ناخشا كېچىلىكىدەك ھېسيات بېرىدىكەن.

بۇ قېتىمنى يىغىننىڭ ئاساسلىق 3 تېمىسى : ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion ، iOS 5 ۋە iCloud مۇلازىمېتىرى.

قارىساق قارا رەختكە ئوراپ قويغان «سىرلىق پلاكات» لارمۇ باركەن. ئەجەبا بۇ 5-ئەۋلاد iPhone مىدۇ؟

يىغىن مەيدانىغا كىردۇق. يىغىن ھازىرلا باشلىنىدۇ.

WWDC 2011 يىغىنى رەسمىي باشلاندى!

ستۋ جوبس چىقىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۆۋەندە جوبسنىڭ ئۆزىدىن iCloud نىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى ئاڭلاپ ئۆتەيلى

بۇ بولسا يىغىننىڭ تولۇق كۆرۈنىش فىلىمى (يۇقىرى ئېنىقلىقتىكىسى)

بۇ خەنچە چۈشەندۈرىشى بار نۇسقىسى

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/wwdc-2011.html/feed 10
iOS نىڭ Google Android تىن ئارتۇق زادى نېمىسى بار؟ /ios-vs-google-android.html /ios-vs-google-android.html#comments Sun, 05 Jun 2011 01:57:32 +0000 پاسىبان /?p=2116 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 كە تەييارلىق: iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

iOS 5 نىڭ ئەمەلىي سىناقلىرى (فىلىملىك)
无觅 ]]>

ئەقىللىق تېلىفۇنلار ئىچىدە Google Android نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىشلىتىش مىقدارى ئالمىنىڭ iOS ئۈسكۈنىلىرىدىن ئېشىپ كېتىپتۇدەك. لېكىن BusinessInsider تور بېكىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالما ئۈچۈن 2 ئېغىز لىللا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئالمىنىڭ iOS سىنىڭ Google Android تىن زادى قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالاھېدىلىكنى تىزىپ چىقىپتۇدەك.

1. iTunes تىكى App Store دۇككىنى

ئالما بۇ دۇككان ئارقىلىق ئابونتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مول ۋە سەرخىل بولغان ئەپ بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ. ئايفون ئارقىلىق سېتىۋالغان ئەپلەر ماسقەدەملىگۈچە كومپىيۇتېرغا زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ. سېتىۋېلىش باسقۇچلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ناھايىتىمۇ قولاي. بۇ Google Android قا قارىغان تولىمۇ، راستىنلا تولىمۇ قولاي.

2. تورلاشتۇرۇپ ھەمبەھرلىنىش (iOS لەر ئارا)

ئەگەر سىزنىڭ پەقەت بىرلا iPhone ىڭىز بولسا بەلكى بۇ ئىقتىدار تازا ئىشلەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىر قانچە iOS نىڭ ئېگىسى بولسىڭىز، سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۈسكۈنىلىرىڭىز ئارا تولىمۇ راۋان بولغان ئالاقە قۇرالايسىز. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android نىڭ بۇنداق ئارتۇقچىلىقى يوق.

3. iPhone ىمنى ئىزدەيمەن

بۇ ئىقتىدار iOS 4.0 دىن باشلاپ قوشۇلغان خاس ئىقتىدار بولۇپ، ھازىر بۇ ئىقتىدارى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. iPhone ىڭىز يۈتۈپ كەتكەن تەقدىردە سىز بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۈتكەن iPhone ىڭىزنىڭ تەخمىنىي ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھتىن ئورۇن بەلگىلەش ئارقىلىق تاپالايسىز، iPhone ىڭىزغا يىراقتىن ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايسىز (SIM كارتىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالەتتە)، iPhone ىڭىزنى يىراقتىن قۇلۇپلىيالايسىز. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android نىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق.

4. تېخنىكىلىق قوللاش

ئەگەر سىزنىڭ iPhone ىڭىزدىن ياكى باشقا ھەرقانداق iOS ئۈسكۈنىڭىزدىن چاتاق چىقىپ قالسا سىزگە ئەڭ يىقىن بولغان Apple Store (ئالما مەخسۇس سېتىش دۇككىنى) غا بېرىپ ئەڭ كەسپىي بولغان تېخنىكىلىق ياردەم ۋە رېمونتقا ئېرىشەلەيسىز. ئەمما Google Android تېلىفۇنىڭىز بۇزۇلسا ھەرخىل ھەرياڭزا بولغان رېمونتچىلارنى ئىزدەيسىز. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android تېلىفونى ئۈچۈن ئورتاق بولغان، Google Android ئۈچۈن مەخسۇس ئاجراتقان رېمونت مەركىزى يوق.

5. باتارىيە ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى

نەچچە يىللاردىن بۇيان ئالما شىركىتى iPhone نىڭ باتارىيەسىنى ئەڭ چوڭ تۈر نىشانى قىلىپ تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىدۇ. iPhone 4 نى ئېلىپ ئېيتساق بۇرۇنقىغا قارىغاندا 2 ھەسسە كۈچەيدى. بەلكى 5-ئاۋلاد iPhone بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىشى مۇمكىن. iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە iPad بولسا iOS نىڭ باتارىيەدىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئەڭ ياخشى ۋەكىل بولالايدۇ. ھازىر ئەڭ يېڭى نەشىرىدىكى iOS قاچىلانغان iPhone نى تولۇق توك بىلەن پۈتۈن 1 كۈن ئوينىساق باتارىيەسى ئوبدانلا يېتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android نىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن.

6. iTunes ۋە ماسقەدەملەش ئىقتىدارى

iTunes بولسا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم قاچىلاشقا تېگىشلىك بولغان دېتال. ناھايىتى ئاددىي بولغان مەشغۇلات ئارقىلىقلا كومپىيۇتېر ۋە ئۈسكۈنە ئارىسىدا خالىغانچە ئالاقە قۇرۇپ زاپاسلاپ ماڭغىلى، ماتىرىياللارنى ئۆز-ئارا ئېۋەتىشكىلى بولىدۇ. گەرچە Google Android نىڭمۇ DoubleTwist غا ئوخشاش ماسقەدەملىگۈچىسى بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇس! iTunes تەك تولۇق ئىقتىدارلىق ۋە قولاي ئەمەس.

7. iOS تولا ئىشلەپ كەتمەيدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەردىن خالىي

Google Android تېلىفۇنىنى ساتقۇچى (ئادەتتە ساتقۇچىلار كۆپىنچە تېلېگراف شىركەتلىرى بولىدۇ) ئالدىنئالا بىزگە ھېچقانداق ئىشلىتىش قىممىتى بولمىغان، ياكى ئىشلىتىلىشى بەكلا ئاز بولغان، بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان دېتاللاردىن نەچچىنى قاچىلاپ قويغان بولىدۇ. دەسلەپ Google Android بىلەن ئۇچراشقۇچىغا بۇ بىرخىل قالايمىقان، مۇرەككەپ نەرسىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.

ئەڭ ئاددىيسى مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام شۇنچە زامانلاردىن بۇيان قولۇمغا چۈشكەن تېلىفۇنلارنى بۇنداق نەرسىلەرگە ئۆزۈم تولىمۇ ئامراق بولغانلىقتىن 1~2 كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئىچ-باغرىنى قېزىپ چىقاتتىم. 2 ئاي بۇرۇن جۇڭگو تېلېگرافىدىن تور ئەكىرگەنگە سوۋغا قىلغان Google Android نىڭ 2.2 نەشىرى قاچىلانغان بىر تېلىفۇن قولۇمغا چۈشتى، Android نىمۇ بىر ئىشلىتىپ كۆرەي دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، راستىنى ئېيتسام تا ھازىرغىچە كەلگەن ئۇرغان تېلىفۇنلارنى تېزدىن تېپىپ قاملاشتۇرۇپ ئۇرۇپ بولالمايۋاتىمەن. مەن ئۈچۈن بۇ سېستىما بەكلا قولايسىزكەن. ماڭا قويۇپ بەرسە بۇنى تاللىغۇچە Nokia نىڭ Symbian نى تاللايدىغان ئوخشايمەن.

8. تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغان ئەپ ۋە ئويۇنلار

iOS پروگراممىرلىرى مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدۇ. گەرچە بۇ سۇپىدىن ئەپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئازراق پۇل خەجلەشكە توغرا كەلگىنى بىلەن بۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھېدىلىكى بار. ھەقلىق ساتقان ئەپ ئۈچۈن پروگراممىر تېخىمۇ زېھنىنى قويۇپ لايىھەلەيدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇ باھاغا يۈز كېلەلىگۈندەك ھالەتكە ئەكىلىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما ھەقسىز، لېكىن ناھايىتى ياخشى ئەپلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. گەرچە Google Android نىڭ كودى ئوچۇق، iOS قا قارىغاندا كۆپ ئەركىن بولغىنى بىلەن، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا App Store ئۆزىدە ئەڭ مول ۋە ئەڭ تولۇق بولغان ئەپلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماقتا. بۇنىڭدىكى ئويۇن ۋە ئەپلەرنىڭ سانى بىز بىلىدىغان SONY نىڭ PS دىن، Microsoft نىڭ XBOX دىن، ۋە يەنە باشقا ئويۇن دېتاللىرىدىن خېلىلا، خېلىلا كۆپ. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android بۇ جەھەتتە يەنىلا iOS نىڭ ئارقىدا.

9. ئەڭ گۈزەل بولغان سىرتقى كۆرىنىش لايىھەسى

ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئالما سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىگە ناھايىتى چوڭ قان-تەرىنى سىڭدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالمىنىڭ ھەرقانداق نەرسىسى بازاردىكى ئوخشاش تۈردىكى نەرسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەت باھلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ لايىھەسى گۈزەل بولۇپلا قالماستىن قولايلاشتۇرۇش، چۈشىنىشلىك قىلىش ئەڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇلغان. Google Android قا بولسا بىر ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن سىڭىشىپ كېتەلەيسىز. ئەڭ ئاددىيسى 2~3 ياشلىق بالىسى بار iPhone داشلار قايسىڭلارنىڭ بالاڭلار iPhone ىڭلارنى ئويناشنى بىلمەيدۇ؟ مېنىڭچە خېلى ئوبدانلا ئوينايدىغۇ دەيمەن؟ مانا بۇ بۇ ئارتۇقچىلىقنىڭ جاۋابى.

10. بىردەكلىك

ھەرخىل iOS ئىچىدە ئازراق ئوخشىماسلىق بولسىمۇ، بۇ ئوخشىماسلىق كىچىك ۋە چوڭ ئېكراندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىدەك كىچىك ئوخشىماسلىق. iPhone ئىشىلىتپ كۆنگەنلەر iPad كە ئىشىنىمەنكى 1 كۈندىلا 98% كۆنۈپ بولىدۇ. لېكىن Google Android تېلىفۇنى بىلەن تاختا كومپىيۇتېرى ئارىسىدا بۇ پەرق زور. ئالمىنىڭ پەقەت iOS لىرىدىلا ئەمەس، بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە كۆپ قىسىم جايلىرىدا خاسلىق، بىردەكلىك ساقلانغان. بۇ بولسا iOS نىڭ، جۈملىدىن ئالمىنىڭ خاسلىقى، چوڭ ئالاھېدىلىكى!
ئۈستىدە ئېيتىلىپ ئۆتكەن بۇ پەرقلەرگە ئاساسەن Google Android ۋە iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى پەرقنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتۇق. بۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ سىزگە يەكۈنلەپ بەرگەن خۇلاسىسى. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قارىشى سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ قايىل قىلارلىق، ئەلۋەتتە!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios-vs-google-android.html/feed 26