ئويۇننىڭ ئارقا كۆرىنىشى ئېنىرگىيە يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش بولۇپ، ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە تالىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ بازىسىنى بىتچىت قىلىمىز. ئايپەدتە ئوينىغاندا چوقۇم ئاجايىپ ئېسىل چىقىدۇ. ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلارغا ياخشى پۇرسەت. قولدىن بېرىپ قويمىغايسىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

ھەممىمىزگە مەلۇم. ئايفون 4 نىڭ ئېكرانى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈزۈك ئېكران ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئىكراننى رېتىنا (Retina) ئېكرانى دەيمىز. HD بولسا High Definition نىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ، خەت مەنىسى بويىچە ئېيتساق يۇقىرى ئېنىقلىق دېگەن مەنا چىقىدۇ. رېتىنا ئېكرانى دەل HD ئېكران. ماۋۇ ئويۇنمۇ ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىنى قوللايدىغان HD ئويۇنكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۆسۈملۈك بىلەن مۇردا ئويۇنى بەكلا مودا بوپ كەتكەن ئېدى. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزگىچە ئويۇن ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

گىرمانىيە FDG يانفون ئويۇنى ئىشلەش شىركىتىنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن بىر قانچە ئويۇنلىرى ئاجايىپ بازار تاپقان ئىدى. مۇزىكىلىرى ئىنتايىن يىنىك، ھەرىكەتلىرى شۇنداق ئوماق بۇ ئويۇن ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئويۇنى بولۇپ، ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئادەمنىڭ راستىنلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان پەچەت ئويۇنكەن. كۆرىنىشى رەڭگارەڭ ھەم بەكلا سۈزۈك. سىزمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۇ ئويۇن بىر ئۆيدىكى چوشقا ۋە توخۇ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولۇپ بىز توخۇنىڭ رولىنى ئېلىپ «چوشقا» ئاتىمىز. ۋەقەلىكىدە چوشقىلار توخۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېسىل ئەڭگۈشتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا زەھەر قولىنى سالىدۇ. توخۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى بەختكە يارىشا ئامان قېلىپ، بۇ چوشقىلارغا قارىتا جەڭنى باشلايدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

كۆرۈنمە يۈزۈى ئىنتايىن سۈزۈك بولغان بۇ ئويۇن ئايفون، ئايپەد ۋە ئايتاچلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئويۇن.  دەسلەپ چىققان ۋاقىتلاردا كۆپلەپ سېتىۋېلىنىپ AppStore دا  بازىرى ئىتتىك ئويۇن بولۇپ قالغان. ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇنلارغا ئامراقلارغا ئىسىل پۇرسەت.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئۆزى كىچىك، ئامما ئىنتايىن قىزىقارلىق بۇ ئويۇن بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلدى. بۇ ئويۇن باشقا ئويۇنغا قارىغاندا خاسلىققا ئېگە. باش پىرسوناژ تانكىغا ئوخشايدىغان ئۆزگىچە شەكىلدىكى قېزىش ماشىنىسىدىن بىرنى ھەيدەپ، يەرئاستىدىن ھەرخىل كان بايلىقلىرىنى قازىدۇ. تانكىنىڭ تېمپىراتۇرىسى، يۈك ئېلىش چېكى ۋە يېقىلغۇسى چەكلىك. ئوينىغاندا بۇلارغا دىققەت قىلىش لازىم. تانكىنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتسە ياكى قىززىپ پارتىلاپ كەتسە داۋامىنى ئوقۇش »

Trinity نۇرغۇن ئېسىل ئويۇنلارنى ئىشلىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئويۇنلىرىنى ئويۇنخۇمار دوسلار بۇرۇن ئويناپ باققان بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سەرەڭگە ئادەم يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرى بولىدىغان. بۈگۈن ئۇ يەنە يېڭى بىر ئويۇننى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇندى ۋە 3 كۈن ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش