پاسىبان كۇلۇبى » Cydia | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىش /half-perfect-jailbreak-ios5.html /half-perfect-jailbreak-ios5.html#comments Tue, 01 Nov 2011 12:17:00 +0000 پاسىبان /?p=3242 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 4.2.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى

iOS 4.3.1 نەشىرى ئېلان قىلىندى. يېڭىلىق ئەلۋەتتە بار. قۇلۇپى يوق ئالمىداشلار يىڭىلىسا تامامەن بولىدۇ

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى
无觅 ]]>
half-jailbreak-ios5-01

iPhone نىڭ تۈرلىرى ئاۋۇغانسىرى، تۈرمىدىن قېچىشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. تامدىن ئارتىلىپ قېچىش، يەرنى كولاپ قېچىش، تامنى چېقىپ قېچىش، گۇندىپاينى جايلاپ قېچىش، دوختۇرنى كەلتۈرۈپ قېچىش … شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىككى كۈندىن بۇيان «يېرىم مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش» دەپ بىر نېمە چىقىپتۇ دەيدۇ …

half-jailbreak-ios5-02

ئالدىنقى يازمىلاردا ئېيتقاندەك، نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندا ئەڭ چوڭ كەمچىللىكى بىرەر قورالنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق قايتا قوزغىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلالمايدۇ. Cydia ئاتامانى Saurik مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى دەيدۇ. مۇنداقكەن.

بۇ ئۇسۇل iPad 2 ۋە iPhone 4S كە ماس كەلمەيدىكەن. ئاۋال iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرىمىز. (بۇ يازمىغا قاراڭ) ئاندىن Cydia غا بۇ مەنبەنى قوشىمىز. (مەنبە قوشۇشنى بىلمىسىڭىز بۇ يازمىدىن ئۆگىنىڭ)

http://thebigboss.org/semitether

ئاندىن SemiTether دەپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان iDevice ئەمدى يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىسىز ئۆزى قايتا قوزغىلالايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئۇچۇر يوللاش، قوبۇل قىلىش، تېلىفون ئۇرۇش دېگەندەك مەشغۇلاتلاردىن نورمال بولغاندىن سىرت كەمچىللىكى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئىكەن.

  • ئېلخەت Mail نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن؛
  • Safari نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن؛
  • Cydia نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن؛
  • تۈرمىدىن قاچۇرسا ئاندىن نورمال ئىشلەيدىغان ئەپلەر نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.

يۇقارقى خاتالىقلارنى redsn0w ئارقىلىق قايتا قوزغىتىۋەتسەك نورمال ئىشلەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

بۈگۈن Saurik مۇشۇ خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرىنى تۈزەپتۇدەك. ھازىرقى نەشىرى 0.9.1 بولۇپ، بۇ نەشىردە Mobile Substrate نىڭ ياردىمى بىلەن مۇقىملىقى ئېشىپتۇدەك.

half-jailbreak-ios5-03

Mobile Substrate دېگەن Cydia ئاتىسى Saurik نىڭ قولى بىلەن پۈتكەن، تۈرمىدىن قاچقاندا ئاندىن نورمال ئىشلەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان، ئادەتتە Cydia دا SBSettings, Winterboard دېگەندەك ئەپلەرنى قاچىلىغاندا بىللە قاچىلىنىدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇلارنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە چوڭ پايدىسى تېگىدىغان ياردەمچى سۇپا. بۇنى قاچىلىمىغان بولسىڭىز ئىزدەپ قاچىلىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام.

SemiTether نىڭ يېڭى نەشىرىدىمۇ مۇشۇ ئوقەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىكەن. مۇشۇ سەۋەبلىك يۇقارقى بەزى كەمچىللىكلەرنى تۈزەتكەن ئوخشايدۇ. يېڭى نۇسقىسىدا سافارىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولارمىش. ئۇلار ھازىر مۇشۇ جەھەتتە كۈچەپ، كىيىنكى نەشىرىدە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامۇكەممەلنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل 5.0 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بوپقالامدۇ يوق، بىلمىدۇق…

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/half-perfect-jailbreak-ios5.html/feed 19
سېستىما يېڭىلاشتىكى تەجرىبىلىرىم ( 1013خاتالىقىنى ھەل قىلىش) /updated-to-ios-4-3-3.html /updated-to-ios-4-3-3.html#comments Wed, 07 Sep 2011 09:49:11 +0000 پاسىبان /?p=2690 ) ئايفونلارنى يېڭى سېستىما چىققاندا ناۋادا بىلمەي يېڭىلاپ قالغان تەقدىردىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ. لېكىن، قۇلۇپى بار ئايفوننى بولسا تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نوقتا، سېستىما يېڭىلاشتا مودىم نەشىرى baseband version 调制解调器固件 نى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلاش كېرەك. چۈنكى قۇلۇپى بار ئايفوننىڭ قۇلۇپىنى يېشىش مۇشۇ نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە iPhone 4 نىڭ 01.59.00 دېگەن مودىم نەشىرىدىن باشقا نەشىرلەرنىڭ قۇلۇپىنى يەشكىلى بولمايدۇ. دېمەك مودىم نەشىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بۇ خىلدىكى قۇلۇپى بار ئايفوننى ھەرقانچە تۈرمىدىن 10 قېتىم قاچۇرساقمۇ كارتا تونىمايدۇ دېگەن گەپ. بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا مېنى ئەنسىرىتىدىغان 2 چوڭ مەسىلە بار. بۇنىڭ 1-سى مودىم نەشىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ساقلىيالامدىم يوق؟ 2-سى، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى سېستىما 4.3.5 ، لېكىن مەن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدىغان 4.3.3 كە يېڭىلىشىم كېرەك. لېكىن بۇنى قاچىلىغۇچە iTunes ئالمىدىن تەستىق ئالىدىغان يەردىن ئۆتەلمەيمەن. چۈنكى مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نەشىرگە يېڭىلىماقچى. شۇڭا تەستىقلىغۇچى مۇلازىمېتىر 4.3.5 تىن تۆۋەن نەشىرنى تەستىقلىمايدۇ-دە يېڭىلاش مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنداق قىلدىم: TinyUmbrella نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 5.00.10 نى ئورگان تور بېتىدىن چۈشۈردۈم. DBank بوشلۇقىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ. بۇ ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ دەرسلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ. يەرلىككە 4.3.3 نىڭ SHSH نى ساقلىۋالدىم. كۈنلۈكنىڭ يېڭى نەشىرىدە 2 خىل ئەسكەرتمە چىقىۋالىدىكەن. بۇنىڭ مەنىسى، Cydia يېقىندىن بۇيان كۈنلۈكنىڭ ئۇلارنىڭ ئامبىرىدىن SHSH نى ئوقۇپ ئېلىشىنى چەكلىۋەتتى. شۇڭا سىز تاللاش تۈرىدىن ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرېدىن SHSH نى ئوقۇپ ئېلىش دېگەن تۈرنى ئېلىۋېتىڭ، دېگەن ئۇچۇر. يەنە بىرى بولسا، چېكىنگەندە hosts نى تەڭشىۋېتىش بولۇپ، بۇنى ئاساسى كۆزنەك ئىچىدىكى  Advanced نىڭ ئىچىدىن تەڭشەپ قويىمىز. رەسىمدىكىدەك: بۇ يەرنى توغرىلاپ قويغاندىن كىيىن چوقۇم يەرلىكتە SHSH نى ساقلىۋالغان بولىشىمىز كېرەك. رەسىمدە مەن SHSH نى ساقلىغان ئورۇنغا D:\.shsh نى كۆرسىتىپ قويدۇم. بۇ يەرنى كۆرسىتىپ ئاۋۇ ئىككى يەرنى ئېلىۋەتكەندىن  كىيىن SHSH نى يەرلىكتىنلا ئېلىپ ئوقۇيدۇ. شۇڭا يەرلىكتە SHSH نى Save SHSH دېگەن جاينى بېسىپ زاپاسلىۋېلىشىڭلار لازىم. زاپاسلاش پۈتكەندىن كىيىن Start TSS Server نى بېسىپ سېستىما يېڭىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. مۇشۇ يەر ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم TSS Server is running دېگەنگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن 1-مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. 2-مەسىلە ئالما مۇلازىمىتىېرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن يېڭىلاشنى رەت قىلىشى. بۇنى سېستىما چۈشۈرۈش سۆزلەنگەن يازمىغا ئوخشاش hosts دىكى ئالما مۇلازىمېتىر ئادرېسىنى Cydia نىڭكىگە ئۆزگەرتىۋېلىپ ھەل قىلدىم. ھەر ئىككى مەسىلە ھەل بولدى. ئەمدى زاپاسلاپ بولغاندىن كىيىن يېڭىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. يېڭىلاش ئۈچۈن iTunes تىن 恢复 دېگەن جاينى Shift بىلەن بېسىپ، 4.3.3 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتىپ بەردىم. چوقۇم Shift بىلەن بېسىش كېرەك. بولمىغاندا ئالما مۇلازىمېتىرىدىن ئەڭ يېڭى نەشىرىنىلا چۈشۈرۈپ شۇنى قاچىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇھىم نوقتا يېڭىلاپ بىر يەرگە كەلگەندە 1013 خاتالىقى چىقتى. بۇ خاتالىق چىققاندا ئايفوندا USB سىمىنىڭ iTunes قا ئۇلىغان بىر رەسىمى تۇرغان ھالەتتە قانداق قىلساق چېكىنمەي تۇرىۋالىدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئېيتىپ ئۆتەي: بۇ چاغدا بۇ خاتالىق ئۇچۇرىنى ئۆچۈرىۋەتمەي تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلدىم. كۆپ قىسىم ئايفونداشلار مۇشۇنى ھەل قىلالماي كۆپ سۇئال سوراپ كەتتى.  ئاۋال بۇ ئادرىستىن Fixrecovery43 نى چۈشۈردۈم. ئىچىدىكى 1 تال DLL ھۆججىتىنى C:\Windows\System32 نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. كۆچۈرۈپ بولۇپ، iTunes قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى iTunes Helper.exe نى تېپىپ ئىجرا قىلدىم. بۇنى ئىجرا قىلغاندا ئايرىم كۆزنەك ئېچىلمايدۇ. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولغىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنى قوزغىتىپ بولۇپ FixRecovery43 نى ئاچتىم. بۇ چاغدا iTunes ئاپتۇماتىك تاقىلىپ كېتىدۇ. ئاندىن DOS كۆزنىكىدە 2 قۇر خەت چىقىىپ تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئايفوننىڭ قايتىش كونۇپكىسى بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇردۇم. ئايفون ئۆچكەندىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى دەرھال قويۇۋەتتىم. قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇردۇم. ئاندىن كومپىيۇتېر قاتتىق دېتال تاپقاندەك ئىنكاس قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بايىقى DOS ھالىتىدىكى كۆزنەك (يەنى ئىجرا بولىۋاتقان FixRecovery ) خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن مەشغۇلات ئايفوندا داۋاملىشىدىكەن. خۇددى redsn0w ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرغاندەكلا. تەخمىنەن 4~5 مىنۇتتىن كىيىن ئايفون ساق-سالامەت نورمال قوزغالدى. :cute: يېڭى سېستىما قاچىلاپ تۇنجى قوزغالغاندا ئايفوننى ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاكتىپلاشتىن بۇرۇن پەقەت جىددى تېلىفۇن Emergency 紧急电话 غىلا تېلىفۇن قىلغىلى بولىدۇ. ئاكتىپلاشنى ئىچىگە كارتا سېلىپ تۇرۇپ iTunes قا چېتىپ ئاكتىپلايمىز. ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفونداشلار دىققەت قىلىشى كېرەككى: ئاكتىپلىغاندا چوقۇم AT&T نىڭ كارتىسىنى سېلىپ تۇرۇپ ئاكتىپلاش كېرەك. ناھايىتى كۆپ قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كارتىسى بىلەنلا ئاكتىپلاپ ئاقىۋەت FaceTime ئىشلىمەيدىغان، PUSH يەنى 推送 ئىقتىدارى نورمال ئىشلىمەيدىغان چاتاقلارغا يولۇققان. بۇ بىردەك يۈز بەرگەن مەسىلە. شۇڭا چوقۇم ئايفوننى ئالغاندا بەرگەن AT&T  نىڭ كارتىسىنى سېلىپ ئاندىن ئاكتىپلاش كېرەك. مېنىڭ ئۇ كارتام يۈتۈپ كەتكەن ئىكەن، توردا قارىسام 12 يۈەنگە ساتىدىكەن. كىراسى بىلەن 20 يۈەن ئەتراپىدا قولۇمغا تەگكۈدەك. شۇڭا سىرتقا چىقىپ تېلىفۇن بازىرىدىكى بىرىگە 10 يۈەنگە 1 قېتىم سېلىۋېلىپ ئاكتىپلىۋالدىم. ئاكتىپلاپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ كارتىسىنى سېلىپ قوزغىتىۋېدىم، سېگنالى چىقمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا تېلىفونۇم نورمال قوزغالدى. ئەلۋەتتە 1-بولۇپ قارايدىغىنىم مودىم نەشىرى. ئەگەر كۈنلۈك نورمال كۈچىنى كۆرسەتمەي مودىم نەشىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. چاپلاق بىلەن ئىشلەتمەي ئامال يوق. دەرھال قارىدىم. خۇداغا شۈكۈر، نەشىرى 4.3.3، مودىم نەشىرى يەنىلا 01.59.00  . نەشىرلەر ئارا نەچچە قېتىملاپ يېڭىلاپ كەپتىمەن. لېكىن بۇ سان ئېسىمدىن پەقەتلا چىكەتمەيدۇ. چۈنكى كارتا تونۇش تونىماسلىقى مۇشۇ سانغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. قۇلۇپى يوقلار قاراپ بېقىڭلار، 4.3 تىن يېڭى نەشىردىكى مودىم نەشىرىڭلار قانچە ئىكەن؟ شۇ چاغدا 01.59.00 دېگەن بۇ نەشىرنىڭ قانداق ساقلاپ كېلىنگەنلىكىنى، تولىمۇ كلاسسىك ئىكەنلىكىنى بىلىسلەر. تۈرمىدىن قاچۇرۇش شۇنىڭ بىلەن 2-قىلىدىغان ئىشىم تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولدى. يانچۇغۇمدىن Android تېلىفۇننى ئېلىپ 3G تورىنى WiFi ئارقىلىق ھەمبەھرلەندىم. ئايفونىمدا شۇنىڭ تورى بىلەن http://jailbreakme.com نى ئاچتىم. Cydia نى ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم. مۇشۇنداق ئاسانلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۆزۈمنىڭ تېلىفونىدا 2-قېتىم ئىدى. ئىلگىرى يەنە مۇشۇ تور بەتتە Slide to Jailbreak (يانغا سۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ) دېگەن بىر ئۇسۇل چىققان. خۇددى ئايفوننىڭ قۇلۇپ ئېكرانىنى ئاچقاندەكلا. يانغا سۈرۈپ بىر ئازدىن كىيىن ئېكرانغا Cydia قاچىلىنىپ چىقاتتى.  شۇنداق قىلىپ بۇنى قاچىلاپ بولۇپ، مەنبەگە 威锋网 نىڭ مەنبەسى http://apt.weiphone.com نى قوشتۇم. ئەلۋەتتە ئەڭ دەسلەپ قاچىلايدىنىم قۇلۇپ يېشىدىغان ھەقسىز گۆھەر ultrasn0w بولىدۇدە. قاچىلاپ قايتا قوزغىتىم تولىمۇ ھاياجانلاندىم. چۈنكى سېگنال توپتۇلۇق چىقىپ 中国移动 دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ يېڭى سېستىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ قۇلۇپنى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ ساق-سالامەت ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم. ئۆيگە كېلىپ iTunes تىن بايا زاپاسلىۋالغان بويىچە قايتۇردۇم. ئايفونىم خۇددى بۈگۈن چۈشتىكىدەكلا پەچەت ئوڭشىلىپ بولدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھېلىھەم ساق ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن. قۇلۇپى بار ئايفونداشلار مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە 4.3.3 نى قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. 1013 خاتالىقىنى مۇشۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە قايتا-قايتا سىناپ كۆرۈڭلار. چوقۇم غەلبە قىلىسىلەر، ئىنشا ئاللاھ! كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى كومپىيۇتېر بىلەن ئېۋەتكىڭىز بارمۇ؟iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىشسېستىما نەشىرىنى مۇنداق قىلىپ چۈشۈرىمىز!ئايفونىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنى قاچىلىماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (6) (فىلىملىك)تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (5)(فىلىملىك)تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (4)(فىلىملىك)تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (3)تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (2) (فىلىملىك)تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (1)مانا بۇ – ئايفونغا قاچىلىمىسا يامان بولىدىغان پروگرامما!]]>

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تېلىفونۇمنىڭ نەشىرى 4.2.1 دىلا ئىدى. 4.3 نەشىرىدە خېلى كۆپ يېڭىلىقلار يېڭىلانغان بولسىمۇ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولغاچقا خاتىرجەم يېڭىلىيالماي قىينىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن قاپيۈرەكلىك بىلەن 4.3.3 كە ئوڭۇشلۇق يېڭىلىۋالدىم.

ئامېرىكا نۇسقىسىدەك قۇلۇپى بار ئايفوننى خاتىرجەم يېڭىلىغىلى بولمايدىغان بىر چاتاق يېرى بار. قۇلۇپى يوق (شىياڭگاڭ ۋە جۇڭگو ئايفونلىرىدەك <لىيەنتوڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ>) ئايفونلارنى يېڭى سېستىما چىققاندا ناۋادا بىلمەي يېڭىلاپ قالغان تەقدىردىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ. لېكىن، قۇلۇپى بار ئايفوننى بولسا تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نوقتا، سېستىما يېڭىلاشتا مودىم نەشىرى baseband version 调制解调器固件 نى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلاش كېرەك. چۈنكى قۇلۇپى بار ئايفوننىڭ قۇلۇپىنى يېشىش مۇشۇ نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە iPhone 4 نىڭ 01.59.00 دېگەن مودىم نەشىرىدىن باشقا نەشىرلەرنىڭ قۇلۇپىنى يەشكىلى بولمايدۇ. دېمەك مودىم نەشىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بۇ خىلدىكى قۇلۇپى بار ئايفوننى ھەرقانچە تۈرمىدىن 10 قېتىم قاچۇرساقمۇ كارتا تونىمايدۇ دېگەن گەپ.

بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا مېنى ئەنسىرىتىدىغان 2 چوڭ مەسىلە بار. بۇنىڭ 1-سى مودىم نەشىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ساقلىيالامدىم يوق؟

2-سى، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى سېستىما 4.3.5 ، لېكىن مەن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدىغان 4.3.3 كە يېڭىلىشىم كېرەك. لېكىن بۇنى قاچىلىغۇچە iTunes ئالمىدىن تەستىق ئالىدىغان يەردىن ئۆتەلمەيمەن. چۈنكى مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نەشىرگە يېڭىلىماقچى. شۇڭا تەستىقلىغۇچى مۇلازىمېتىر 4.3.5 تىن تۆۋەن نەشىرنى تەستىقلىمايدۇ-دە يېڭىلاش مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنداق قىلدىم:

TinyUmbrella نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 5.00.10 نى ئورگان تور بېتىدىن چۈشۈردۈم. DBank بوشلۇقىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

بۇ ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ دەرسلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ. يەرلىككە 4.3.3 نىڭ SHSH نى ساقلىۋالدىم. كۈنلۈكنىڭ يېڭى نەشىرىدە 2 خىل ئەسكەرتمە چىقىۋالىدىكەن. بۇنىڭ مەنىسى، Cydia يېقىندىن بۇيان كۈنلۈكنىڭ ئۇلارنىڭ ئامبىرىدىن SHSH نى ئوقۇپ ئېلىشىنى چەكلىۋەتتى. شۇڭا سىز تاللاش تۈرىدىن ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرېدىن SHSH نى ئوقۇپ ئېلىش دېگەن تۈرنى ئېلىۋېتىڭ، دېگەن ئۇچۇر. يەنە بىرى بولسا، چېكىنگەندە hosts نى تەڭشىۋېتىش بولۇپ، بۇنى ئاساسى كۆزنەك ئىچىدىكى  Advanced نىڭ ئىچىدىن تەڭشەپ قويىمىز. رەسىمدىكىدەك:

بۇ يەرنى توغرىلاپ قويغاندىن كىيىن چوقۇم يەرلىكتە SHSH نى ساقلىۋالغان بولىشىمىز كېرەك. رەسىمدە مەن SHSH نى ساقلىغان ئورۇنغا D:\.shsh نى كۆرسىتىپ قويدۇم. بۇ يەرنى كۆرسىتىپ ئاۋۇ ئىككى يەرنى ئېلىۋەتكەندىن  كىيىن SHSH نى يەرلىكتىنلا ئېلىپ ئوقۇيدۇ. شۇڭا يەرلىكتە SHSH نى Save SHSH دېگەن جاينى بېسىپ زاپاسلىۋېلىشىڭلار لازىم. زاپاسلاش پۈتكەندىن كىيىن Start TSS Server نى بېسىپ سېستىما يېڭىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. مۇشۇ يەر ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم TSS Server is running دېگەنگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

شۇنىڭ بىلەن 1-مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. 2-مەسىلە ئالما مۇلازىمىتىېرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن يېڭىلاشنى رەت قىلىشى. بۇنى سېستىما چۈشۈرۈش سۆزلەنگەن يازمىغا ئوخشاش hosts دىكى ئالما مۇلازىمېتىر ئادرېسىنى Cydia نىڭكىگە ئۆزگەرتىۋېلىپ ھەل قىلدىم.

ھەر ئىككى مەسىلە ھەل بولدى. ئەمدى زاپاسلاپ بولغاندىن كىيىن يېڭىلاشنى باشلىساق بولىدۇ. يېڭىلاش ئۈچۈن iTunes تىن 恢复 دېگەن جاينى Shift بىلەن بېسىپ، 4.3.3 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتىپ بەردىم. چوقۇم Shift بىلەن بېسىش كېرەك. بولمىغاندا ئالما مۇلازىمېتىرىدىن ئەڭ يېڭى نەشىرىنىلا چۈشۈرۈپ شۇنى قاچىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

مۇھىم نوقتا

يېڭىلاپ بىر يەرگە كەلگەندە 1013 خاتالىقى چىقتى. بۇ خاتالىق چىققاندا ئايفوندا USB سىمىنىڭ iTunes قا ئۇلىغان بىر رەسىمى تۇرغان ھالەتتە قانداق قىلساق چېكىنمەي تۇرىۋالىدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئېيتىپ ئۆتەي:

بۇ چاغدا بۇ خاتالىق ئۇچۇرىنى ئۆچۈرىۋەتمەي تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلدىم. كۆپ قىسىم ئايفونداشلار مۇشۇنى ھەل قىلالماي كۆپ سۇئال سوراپ كەتتى.  ئاۋال بۇ ئادرىستىن Fixrecovery43 نى چۈشۈردۈم. ئىچىدىكى 1 تال DLL ھۆججىتىنى C:\Windows\System32 نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. كۆچۈرۈپ بولۇپ، iTunes قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى iTunes Helper.exe نى تېپىپ ئىجرا قىلدىم. بۇنى ئىجرا قىلغاندا ئايرىم كۆزنەك ئېچىلمايدۇ. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولغىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنى قوزغىتىپ بولۇپ FixRecovery43 نى ئاچتىم. بۇ چاغدا iTunes ئاپتۇماتىك تاقىلىپ كېتىدۇ. ئاندىن DOS كۆزنىكىدە 2 قۇر خەت چىقىىپ تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئايفوننىڭ قايتىش كونۇپكىسى بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇردۇم. ئايفون ئۆچكەندىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى دەرھال قويۇۋەتتىم. قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇردۇم. ئاندىن كومپىيۇتېر قاتتىق دېتال تاپقاندەك ئىنكاس قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بايىقى DOS ھالىتىدىكى كۆزنەك (يەنى ئىجرا بولىۋاتقان FixRecovery ) خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن مەشغۇلات ئايفوندا داۋاملىشىدىكەن. خۇددى redsn0w ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرغاندەكلا. تەخمىنەن 4~5 مىنۇتتىن كىيىن ئايفون ساق-سالامەت نورمال قوزغالدى. :cute:

يېڭى سېستىما قاچىلاپ تۇنجى قوزغالغاندا ئايفوننى ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاكتىپلاشتىن بۇرۇن پەقەت جىددى تېلىفۇن Emergency 紧急电话 غىلا تېلىفۇن قىلغىلى بولىدۇ. ئاكتىپلاشنى ئىچىگە كارتا سېلىپ تۇرۇپ iTunes قا چېتىپ ئاكتىپلايمىز.

ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفونداشلار دىققەت قىلىشى كېرەككى: ئاكتىپلىغاندا چوقۇم AT&T نىڭ كارتىسىنى سېلىپ تۇرۇپ ئاكتىپلاش كېرەك. ناھايىتى كۆپ قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كارتىسى بىلەنلا ئاكتىپلاپ ئاقىۋەت FaceTime ئىشلىمەيدىغان، PUSH يەنى 推送 ئىقتىدارى نورمال ئىشلىمەيدىغان چاتاقلارغا يولۇققان. بۇ بىردەك يۈز بەرگەن مەسىلە. شۇڭا چوقۇم ئايفوننى ئالغاندا بەرگەن AT&T  نىڭ كارتىسىنى سېلىپ ئاندىن ئاكتىپلاش كېرەك.

مېنىڭ ئۇ كارتام يۈتۈپ كەتكەن ئىكەن، توردا قارىسام 12 يۈەنگە ساتىدىكەن. كىراسى بىلەن 20 يۈەن ئەتراپىدا قولۇمغا تەگكۈدەك. شۇڭا سىرتقا چىقىپ تېلىفۇن بازىرىدىكى بىرىگە 10 يۈەنگە 1 قېتىم سېلىۋېلىپ ئاكتىپلىۋالدىم. ئاكتىپلاپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ كارتىسىنى سېلىپ قوزغىتىۋېدىم، سېگنالى چىقمىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا تېلىفونۇم نورمال قوزغالدى.

ئەلۋەتتە 1-بولۇپ قارايدىغىنىم مودىم نەشىرى. ئەگەر كۈنلۈك نورمال كۈچىنى كۆرسەتمەي مودىم نەشىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. چاپلاق بىلەن ئىشلەتمەي ئامال يوق. دەرھال قارىدىم. خۇداغا شۈكۈر، نەشىرى 4.3.3، مودىم نەشىرى يەنىلا 01.59.00  . نەشىرلەر ئارا نەچچە قېتىملاپ يېڭىلاپ كەپتىمەن. لېكىن بۇ سان ئېسىمدىن پەقەتلا چىكەتمەيدۇ. چۈنكى كارتا تونۇش تونىماسلىقى مۇشۇ سانغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. قۇلۇپى يوقلار قاراپ بېقىڭلار، 4.3 تىن يېڭى نەشىردىكى مودىم نەشىرىڭلار قانچە ئىكەن؟ شۇ چاغدا 01.59.00 دېگەن بۇ نەشىرنىڭ قانداق ساقلاپ كېلىنگەنلىكىنى، تولىمۇ كلاسسىك ئىكەنلىكىنى بىلىسلەر.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش

شۇنىڭ بىلەن 2-قىلىدىغان ئىشىم تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولدى. يانچۇغۇمدىن Android تېلىفۇننى ئېلىپ 3G تورىنى WiFi ئارقىلىق ھەمبەھرلەندىم. ئايفونىمدا شۇنىڭ تورى بىلەن http://jailbreakme.com نى ئاچتىم. Cydia نى ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم. مۇشۇنداق ئاسانلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۆزۈمنىڭ تېلىفونىدا 2-قېتىم ئىدى. ئىلگىرى يەنە مۇشۇ تور بەتتە Slide to Jailbreak (يانغا سۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ) دېگەن بىر ئۇسۇل چىققان. خۇددى ئايفوننىڭ قۇلۇپ ئېكرانىنى ئاچقاندەكلا. يانغا سۈرۈپ بىر ئازدىن كىيىن ئېكرانغا Cydia قاچىلىنىپ چىقاتتى.  شۇنداق قىلىپ بۇنى قاچىلاپ بولۇپ، مەنبەگە 威锋网 نىڭ مەنبەسى http://apt.weiphone.com نى قوشتۇم. ئەلۋەتتە ئەڭ دەسلەپ قاچىلايدىنىم قۇلۇپ يېشىدىغان ھەقسىز گۆھەر ultrasn0w بولىدۇدە. قاچىلاپ قايتا قوزغىتىم تولىمۇ ھاياجانلاندىم. چۈنكى سېگنال توپتۇلۇق چىقىپ 中国移动 دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

شۇنداق قىلىپ يېڭى سېستىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ قۇلۇپنى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ ساق-سالامەت ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم. ئۆيگە كېلىپ iTunes تىن بايا زاپاسلىۋالغان بويىچە قايتۇردۇم. ئايفونىم خۇددى بۈگۈن چۈشتىكىدەكلا پەچەت ئوڭشىلىپ بولدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھېلىھەم ساق ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن. قۇلۇپى بار ئايفونداشلار مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە 4.3.3 نى قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. 1013 خاتالىقىنى مۇشۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە قايتا-قايتا سىناپ كۆرۈڭلار. چوقۇم غەلبە قىلىسىلەر، ئىنشا ئاللاھ!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/updated-to-ios-4-3-3.html/feed 16
قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى كومپىيۇتېر بىلەن ئېۋەتكىڭىز بارمۇ؟ /wifi-sms.html /wifi-sms.html#comments Thu, 11 Aug 2011 06:10:41 +0000 پاسىبان /?p=2459 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى
无觅 ]]>

بەزىدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئايفوننى ئېلىپ ئۇچۇر ئېۋەتىش خوش ياقمايمۇ قالامدۇ؟ بەزىدە كومپىيۇتېردىكى بىر پاتمان مەزمۇنلارنى بىرسىگە ئۇچۇر ئارقىلىق ئېۋەتىش توغرا كەلگەندە ھەممە مەزمۇننى قولىڭىز بىلەن ئايفوندا يېزىش خوش ياقمايمۇ قالامدۇ؟ بۇ چاغدا كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاشنى ئويلاپمۇ قالغان بولغىيتىڭىز ھە؟ قېنى كېلىڭ، بۇ چۈشىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

WiFi SMS ناملىق بۇ ئەپ سىزگە بۇ توغرىسىدا ياردەم قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرغان بولىشىڭىز شەرت. چۈنكى بۇنى Cydia دىن قاچىلايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم مەنبە قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇ Cydia نىڭ ئۆزىدە بار بولغان BigBoss مەنبەسى ئىچىدە بار. شۇڭا بىۋاستە ئىزدەيدىغان جايدىن مۇشۇنداق ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ.

ئىسمىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇنى چوقۇم WiFi مۇھىتىدا ئىشلىتىسىز. يەنى سىزنىڭ ئايفونىڭىز ۋە كومپىيۇتېرىڭىز ئوخشاش WiFi تور مۇھىتىدا بولىشى شەرت. بۇنى SBSettings بىلەن بىللە قاچىلىدىغۇ دەيمەن(ئەلۋەتتە، ئىلگىرى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز يېڭىدىن قاچىلىمايدۇ. قاچىلىمىغانلارغا ئېيتتىم). شۇڭا ئېكراننىڭ ئۈستىدىكى ھالەت ستونىنى بىر سىيرىڭ. چىققان كۆزنەكتىن WiFi SMS نى قوغىتىڭ. ئاندىن شۇ كۆزنەكنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ WiFi IP ئادرېسى كۆرىنىدۇ(192.168.1.100 دېگەندەك). سىز مۇشۇ IP ئادرىسىنىڭ ئاخىرىغا:8080 نى قوشۇپ تور كۆرگۈچ بىلەن ئېچىڭ. مەسىلەن : 192.168.1.100:8080  بۇنى چوقۇم Internet Explorer دىن باشقا كۆرگۈچ ئارقىلىق ئېچىڭ. چۈنكى بۇ IE نى قوللىمايدۇ. 360, Maxthon دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى IE نىڭ چاپىنى خالاس. شۇڭا شۇنىڭ بىلەن ئاچساممۇ ئېچىلمىدىغۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭ. بۇ ئايرىم تور كۆرگۈ ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم FireFox ياكى Chrome ياكى بولمىسا كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغان سافارى. مۇشۇلار ئارقىلىق ئاچىسىز.

نېمىنى بايقىدىڭىز؟ ئايفونىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلار تور كۆرگۈڭىزنىڭ بېتىدە پەيدا بولدىمۇ؟ ئاستىغا يازىدىغان ئۇچۇرنى يېزىپ ئېۋەتىپ بېقىڭ. ئاۋازىمۇ ئايفونغا ئوخشاش تېخى!

بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ بايقىغان بىر مەسىلەم، ئىلگىرى ئۇچۇر ئېۋەتىپ باققان بىرەرسىگە ئۇچۇر يازغىلى بولىدىكەن. ئۆزىمىز يېڭىدىن ئۇچۇر يازىمەن دەپ يازالمايدىكەنمىز. يېڭىدىن يازىدىغان جاينى تاپالمىدىم. سىلەر تاپالىغان بولساڭلار ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، تەڭ پايدىلىنايلى!

سەمىمىي تەۋسىيە: IE نىڭ دەۋرى ئۆتتى. بولۇپمۇ IE 6 نىڭ. باشقىلار بۇنى ئاللىقاچان دەپنە قىلىپ يەرلىكىدە قويۇپمۇ بولغان ئىدى(بۇ يەردىن كۆرۈڭ). بىز بولساق بۇنى قەۋرىسىدىن تارتىپ چىقىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. مۇشۇ ئەبجەق تور كۆرگۈنى يەنە ئىشلىتىۋاتقانلارغا سەمىمىي تەۋسىيەرىم، ئاتەش تۈلكە (FireFox) ياكى گوگلنىڭ كروم كۆرگۈسىمۇ بەك پەچەت، سۈرئىتى بەك تېز. شۇنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار. مۇشۇ بلوگنى مۇشۇ پەچەت كۆرگۈلەر بىلەن كۆرسەڭلار بۆلەكچە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. IE دا يەنە باشقىچە كۆرىنىدۇ. دەۋرگە ماسلىشىپ زامانىۋى تور كۆرگۈنى ئىشلىتىڭ. ئايفونىڭىزغا لايىق تۈزۈكرەك كۆرگۈ ئىشلىتىڭ.

ئاتەش تۈلكىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەردىن تەدبىركارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قۇلاق سېلىپ كۆرۈڭ. يازمىنى تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقسىڭىز ئەبجەق IE دىن ئىلغار كۆرگۈچكە ئۆتىشىڭىزگە پايدىسى تېگىشى مۇمكىن.

Google Chrome نىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ تېز تور كۆرگۈ ئىكەنلىكىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. قانچىلىك تېزلىكىنى باشقىلار مۇنداق سىناق قىپمۇ بېقىپتۇ. (تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىمۇ يوللاپ قوياي.) بۇنى كۆرۈپ سىز يەنە ئاشۇ قوتۇر بىلەن تور بەت كۆرەمسىزكىن؟

كۆرگىنىڭىزدەك، باشقىلار بۇ تور كۆرگۈنىڭ سۈرئېتىنى ئاۋاز ۋە چاقماق بىلەن سېلىشتۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ 2 خىل تور كۆرگۈنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچىمەن. Google Chrome بىلەن بۇ بلوگنى بىر ئېچىپ كۆرۈڭلار. IE دىكىگە قارىغاندا رەتلىك، چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. بۇ بەتلا ئەمەس، باشقىلىرىمۇ شۇنداق. سىز زادى IE غا كۆنۈپ قېلىپ بۇنىڭغا ئالمىشالمىغۇدەكمەن دەپ قالسىڭىز بۇ بەتنى كۆرۈڭ. تەدبىركار سىزنىڭ كرومىڭىزنى IE غا ئوخشىتىۋېلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

ئاخىرىدا يەنە بىر ئەسكەرتىپ ئۆتەي. 搜狗, TT, 360, Maxthon دېگەندەك كۆرگۈلەر ئايرىم كۆرگۈ ئەمەس. ھەممىسى IE نىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغانلار. ئىچىنى چۇۋۇسىڭىز ھەممىسى IE نىڭ يادروسىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئېشەككە چاپاننىڭ قانچە چىرايلىقىنى ئېلىپ كەيدۈرسەكمۇ ئۇ يەنە ئېشەك، ئات بولالمايدۇ. قالغىنى سىزنىڭ تاللىشىڭىز. يازمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەم مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئېيتىپ قالدىم. ياخشى نەرسىدىن بىللە بەھرلىنىش لازىم ئەمەسمۇ؟

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/wifi-sms.html/feed 12
iPhone دا رەسىم تارتىشتىكى يىڭى بىر ئەپ Fast Snap /fast-snap.html /fast-snap.html#comments Sat, 02 Jul 2011 04:19:26 +0000 ROKR /?p=2256 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (2) (فىلىملىك)

ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرامسىز؟ بۇنى Cydia قۇرغۇچىسى سىزگە ئېيتىپ بەرسۇن!

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam
无觅 ]]>

ROKR يازمىسى

iOS 5 تىكى ئاۋاز كونۇپكىسى ئارقىلىق رەسىم تارتىش ئىقتىدارى مەندە تولىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شۇڭا iOS 4 تىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا رەسىمگە تارتقىلى بولامدىغاندۇ دىگەن خىيال مەندە ئىزدىنىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتىم. راستىنلا مۇشۇنداق بىر ياخشى ئەپ بار ئىكەن. شۇڭا بۇنى دوستلار بىلەن بىللە پايدىلانغۇم كەلدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا Cydia دىن پايدىلىنىمىز. Cydia غا apt.178.com دىگەن مەنبەنى قوشۇڭ. (Cydia غا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشنى بۇ يازمىدىن كۆرىۋېلىڭ)

مەنبە قوشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىزدەش رامكىسىغا fastsnap دىگەن ئىسىمنى يېزىپ ئىزدەڭ. ئىزدەش كونۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇنلا ئىزدەپ تېپىپ كۆزىڭىزگە تىققىلى تۇرىدۇ :razz: خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.

123

تاپقاندىن كىيىن تەرتىپ بويىچە قاچىلاڭ. ئىش تامام! ئەمدى رەسىم ئاپراتىغا كىرىپ رەسىمگە تارتىپ بىقىڭ.

بۇ ئەپ بولامدىكەن؟ ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئېكراننى باسىمەن دەپ قولىڭىز بىر ياققا قىيىپ كىتىدىغان ئەھۋاللاردىن تامامەن قۇتۇلالايسىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/fast-snap.html/feed 32
تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنى قاچىلىماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟ /uyghur-keyboard.html /uyghur-keyboard.html#comments Mon, 30 May 2011 13:27:31 +0000 پاسىبان /?p=2077 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش
无觅 ]]>

ئىلگىرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق بولغانلىقتىن پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى ئارقىلىق بولسىمۇ بۇ ئىشلارنى ئاز-پاز قولايلاشتۇرۇپ تۇرغان ئېدۇق. يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدىن Sazgum ئەپەندى ئەرەب يېزىقى كىرگۈزگۈچىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان، ئايفوننىڭ بارلىق خىزمەت دائىرىسىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىپتۇ.

بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفون بولىشى شەرت ئىكەن. قاچىلاشقا تەمىنلەنگەن بولاق DEB فورماتىدىكى Cydia قاچىلاش بولىقى بولۇپ، Cydia نىڭ ئاپتۇماتىك قاچىلاش رايونىغا ئۆزىمىز قوشۇپ قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەنمىز. بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈڭ.

  • Cydia دىن WinterBoard  دەيدىغان ئاساسى تېما ئىجرا قىلىش سۇپىسىنى تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ
  • 搜狗拼音输入法 ۋە 百度输入法 دېگەندەك كىيىن قوشقان كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ. بۇنى ئۇيغۇرچىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلاشقا بولىدۇ.
  • چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن Uyghur.deb ھۆججىتىنى iTools دېگەندەك قوراللار ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈڭ.
  • ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. قوزغاتقاندىن كىيىن Winterboard نىڭ تەڭشىكىنى ئچىڭ. Winterboard نى 设置 نىڭ ئىچىدىن، ياكى ئاساسى بەتكە قوشقان ئايكوندىن تاپالايسىز. ئۇنىڭ تەڭشىكىنى ئېچىپ  Select Themes نىڭ ئىچىدىن Uyghur دېگەننى تاللاپ Respring نى بېسىڭ.
  • ئاندىن …设置-通用-键盘-国际键盘-添加新键盘 دېگەننى بېسىپ يېڭى كونۇپكا تاختىسى قوشىدىغان تىزىملىكنى ئېچىڭ. بۇنىڭدىن 阿拉伯语 نى تاللاپ قوشۇپ بېرىڭ. قوشۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىچىدە يەنە بىر دانە كىچىك تاللاش تۈرىنىڭ ئىچىدە Uyghur دەپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى تاللاپ قويۇپ چېكىنىڭ.
  • ئەمدى خاتېرە دەپتەرمۇ ياكى قىسقا ئۇچۇرمۇ خالىغان جايغا كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ بېقىڭ. ئىش تامام!
  • ئەگەر ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەرپلىرى كۆرۈنمەستىن باسسىڭىز ھەرپ چىقسا ئاستىدا تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشتىكى يەنە بىر قاچىلاش بولىقى Keyboard Fixer دېگەن ياماقنى بايىقى ئۇسۇل بويىچە قاچىلىۋېتىڭ. يەنى iTools ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ ئايفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

بۇنى قاچىلاش بىر ئاز قولايسىزبولسىمۇ لېكىن پىدائىيلىرىمىزنىڭ بۇ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز! ئۇلار خېلىلا كۈچەپتۇ. ئۇلارغا كاتتا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز! ئىشلىرى تېخىمۇ يۈكسەلگەي!

مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى چۈشۈرۈڭ.

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يامىقى ۋە كونۇپكا تاختىسىنى ئوڭشاش يامىقى.

iTools نىڭ 0530 نەشىرى

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/uyghur-keyboard.html/feed 66
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (6) (فىلىملىك) /sbsettings.html /sbsettings.html#comments Sat, 28 May 2011 20:13:27 +0000 پاسىبان /?p=2070 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش
无觅 ]]>

Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئىلگىرى يوللىغان بىر يازمىمىزدا بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئايفونىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئايفونىنىڭ ئۈستى تەرەپنى بىر چەكسىلا بىر تىزىملىك پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدا 3G نىڭ، WiFi نىڭ، كۆكچىشنىڭ دېگەندەك دائىم ئىشلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈزچاتلىرى ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇنى سىزنىڭمۇ قاچىلىغىڭىز بارمۇ؟

يەنە دېسەك يەنە شۇ، Cydia غا 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇش لازىم. بۇ يازمىغا كىرىپ بۇ مەنبەنى قانداق قوشۇشنى ۋە Cydia ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز. قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان جايغا SBSettings دەپلا يېزىڭ. بۇنى تاپقاندىن كىيىن ئىلگىرىكى يازمىلاردىكىدەك تەرتىپ بويىچە قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن باش بەتكە ئايرىم ئايكون قوشمايدۇ. تەڭشەك ئورنىغىمۇ ئايرىم تۈر قوشمايدۇ. لېكىن سىز ئۈستى تەرەپتىكى ھالەت ستونىنى بىر قېتىم ئوڭ ياكى يولغا سۈرۈڭ. بۇ تىزىملىك چىقامدىكەن؟ باشقا جايلىرىنى ئۆزىڭىز ھەپىلىشىپ خاسلاشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىزگە ئىشلىمەيدىغان ئۈزچاتلار بوپقالسا چىقىرىۋەتسىڭىز، ياكى قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەمەلىي سىناقنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/sbsettings.html/feed 16
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (5)(فىلىملىك) /iprotect.html /iprotect.html#comments Sat, 28 May 2011 09:00:15 +0000 پاسىبان /?p=2066 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش
无觅 ]]>

تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئاتاپ يېزىپ كېلىۋاتقان يازمىلار يېقىندىن بۇيان ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىر مەزگىل توختاپمۇ قالدى. ئاخشام سىنغا ئېلىشقا ئازراق ۋاقىت چىقىرالاپتىكەنمەن، يەنە بۇ دەرسلىكنى تەييارلىدىم. ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىزدا باشقىلارنىڭ كۆرىشىنى خالىمايدىغان مەخپىي نەرسىلەر بوپقالسا بۈگۈنكى بۇ ياماق سىز ئۈچۈن تولىمۇ قوللىنىشچان.

بۇنىمۇ ئەلۋەتتە Cydia دىن چۈشۈرىمىز. سىز 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى ئىلگىرىكى يازمىلاردا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇسۇللار بويىچە قوشىۋالغان بولسىڭىز بولدى، قوشمىغانلارغا دەۋاتىمەن. بۇ يازمىغا كىرىپ بۇ مەنبەنى قانداق قوشۇشنى ۋە Cydia ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز. قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان جايغا iProtect دەپلا يېزىڭ. ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن Cydia رىڭىز خەنزۇچە بولسا 安装-确认 ئېنگلىزچە بولسا Install – Confirm دىگەن تەرتىپ بويىچە بېسىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمەلىي قاچىلاش ئۇسۇلى ۋە قاچىلىغاندىن كىيىنكى ئۈنۈمنى كۆرەي دېسىڭىز سىنغا مەرھەمەت!

نېمە؟ نېمە دېدىڭىز؟ راس دەيسىز. ئەگەر بۇ خالىغان ئەپلەرنى ئۆزىمىز تەڭشەپ قويۇپ، بىۋاستە يوشۇرالايدىغان كۆرۈنمەس قىلىۋېتەلەيدىغان بولسا ئىدى… ئۇ چاغدا تېخىمۇ مۇكەممەل بوپ كېتەتتى… ئىشىنىڭكى، ئىنشا ئاللاھ مۇشۇنداق نەرسىنى تاپقان چاغدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iprotect.html/feed 21
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (4)(فىلىملىك) /do-not-waste-jailbreak-4.html /do-not-waste-jailbreak-4.html#comments Wed, 18 May 2011 09:10:25 +0000 پاسىبان /?p=2022 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش
无觅 ]]>

مۇشۇ تېمىدىكى بىر قاتار يازمىلارنى كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كۆرىۋاتىدۇ. سىلەرگە پايدىسى ئوبدان تەگكەن بولسا مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىدىكى بىرقانچە ئەپلەر چوقۇم سىلەرگە ياقتى، شۇنداقمۇ؟ بۈگۈنكىسى ئۇلاردىنمۇ ئىسىل! ھەقىقەتەن پەچەت ئەپ! چۈنكى بۇ - راستىنلا پەچەت ئەپ!

قىستۇرما رەسىمگە قاراپ نېمىنى بايقىغاندەك قىلىسىز؟ بۇ ئايكونلار نېمىشقا بۇنچە قالايمىقاندۇ دەپ ئويلاۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ بۇنى قۇرۇق 2~3 پارچە رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى رەسىم بۇنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىن كېرەك! ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سىنغا مەرھەمەت!

يۇقارقى سىننى كۆرۈپ ئېنىق بىلەلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىڭىز تور سۈرئىتىڭىز يار بەرسە ئاستى تەرەپتىن سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى 超清 غا توغرىلاپ كۆرۈڭ. ناھايىتى ئوچۇق كۆرىنىدۇ. ئەگەر كۆرەلمىگەن بولسىڭىز ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي.

Cydia نى ئېچىپ 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى ئالدىنقى تېمىلاردىكى ئۇسۇل بىلەن، ياكى Cydia ھەققىدە چۈشەنچە دېگەن يازمىدىكى ئۇسۇل بىلەن قوشۇڭ. قوشۇپ بولغاندىن كىيىن ئىزدەيدىغان جايغا GraviBoard دەپ يېزىڭ. 2 دانە نەتىجە تېپىشى مۇمكىن. بىرسى Cydia Store دىكى نەتىجىسى. بۇ كۆك رەڭلىك بولۇپ، ھەقلىق . يەنە بىرى ئاق رەڭلىك بولۇپ، 威锋网 نىڭ مەنبەسىگە باشقىلار يېشىۋەتكەندىن كىيىن يوللاپ قويغان. بىز ھازىرچە ھەقسىزىنى ئىشلىتىپ تۇرايلى. ئۇنداقتا ئاستىدىكىسىنى تاللاپ قاچىلاڭ. قايتا قوزغىتىڭدە قاچىلاش تاماملانسۇن.

ئەمدى تەڭشەش تىزىملىكى 设置 نىڭ ئىچىگە قاراڭ. GraviBoard ۋە Activator دېگەن ئىككى دانە نەرسىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. Activator نى بۇ بىللە قاچىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. سىز ئۆزىڭىز بايا ئىزدىگەن GraviBoard نىڭ ئىچىنى ئېچىپ ئەڭ ئۈستىدىن قانداق قىلغاندا يۇقارقى ئۈنۈمنى قوزغىتىدىغانلىقىنى تاللاپ بېرىڭ. ئاستىدا بىر ئىككى خىل تاللاش تۈرلىرى باركەن. مەن ھەرخىل قىلىپ تەڭشەپ بېقىپ ئاخىرى يۇقارقى سىندىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىپ تەڭشىۋالدىم. ئۆزىڭىزنىڭ خالىغىنى بويىچە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. قوزغىتىش ئۈچۈن يۇقىرىدا تاللاپ قويغان مەشغۇلاتنى قىلىڭ. كىيىنكى قەدەم ھوزۇرلىنىش باسقۇچى! قېنى ئەمىسە!

* سىنغا Close on Home Button نى ئوقۇغاندا جىجىدا ئۇيغۇرچىلا ئوقۇپ قويۇپتىمەن. ئەيپكە بۇيرىمىغايسىلەر~

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/do-not-waste-jailbreak-4.html/feed 10
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (3) /do-not-waste-jailbreak-3.html /do-not-waste-jailbreak-3.html#comments Tue, 17 May 2011 10:45:13 +0000 پاسىبان /?p=2010 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش
无觅 ]]>

تۈرمىدىن قاچۇرۇش جۇڭگودا %90 لىك نەتىجە بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرسا كېرەك. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايفوننى بازاردىن ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ يوق ھېساپلاشماستىن بىلمەيلا ئىشلىتىۋېرىدىكەن. مەن بۇنداق ئادەمدىن خېلى كۆپلىرىنى ئۇچراتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ياخشى، قاچۇرغانكەن قاچۇرغاندەك ئىشلىتىپ ئاچچىقىنى چىقارغانمۇ ياخشى. تاز بولساڭ گەدەنگىچە

بۈگۈن دوسلار بىلەن بەھرلىنىدىغان يەنە بىر قىزىقارلىق ئەپ بار. ئەلۋەتتە، بۇمۇ Cydia دا. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بلوگدا قىستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېكران رەسىملىرىنى كۆرگەندە دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. مېنىڭكىدە ئۈستى تەرەپتە 中国移动 ياكى 中国联通 دېگەن جاينىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە پاسىبان دەپ يېزىلغان. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان بولساڭلار ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمگە قارىساڭلار بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ جايدا تېلگىراف شىركىتىنىڭ نامى بولىشى كېرەك. لېكىن بۇنى Cydia دىكى FakeCarrier دەيدىغان ساختا تېلگىراف نامىنى يازىدىغان ئەپ بار. بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن بۇ جايغا تولا كۆرۈپ زېرىكىپ كەتكەن ئۇ 4 تال خەتنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز چىرايلىق ئۇيغۇرچە خالىغانچە خەت يېزىۋالساق بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. بۇنى قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاشلا ئاددىي. ئاۋال Cydia نى ئاچىمىز. ئېنگلىزچە بولسا Manage دىن Source نى، خەنچە بولسا 管理 دىن 软件源 نى باسىمىز. مەنبەگە BigBoss نىڭ مەنبەسىنى قوشقانمۇ يوق قاراپ باقىمىز. ئەگەر قوشمىغان بولساق ئادرىس: http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/ نى قوشۇڭ. ئەگەر قوشۇپ بولغان بولساق، يۇقارقى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتمەي بىۋاستە ئىزدەيدىغان جايغا Fake Carrier دەپ ئىزدەڭ:

ئۈستىدىكى 1-رەتتە تېپىلغىنى شۇ. مەن قاچىلاپ بولغانلىقىم ئۈچۈن توغرا بەلگىسى چىقىدۇ. مۇشۇنى قاچىلىۋېتىڭ.

SpringBoard نى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ئاساسى بەتتە Fake Carrier نى ئايكونى پەيدا بولىدۇ. شۇنى بېسىپ ئىچىگە كىرىڭ. ئەڭ ئۈستىدىكى Fake Carrier دېگەن جايغا ئۈستىدىكى رەسىملەردىكىدەك خالىغانچە خەتلەرنى يېزىپ بولۇپ Set نى بېسىڭ. ئۆزگەردىمۇ؟ :-D Fake Time ۋە Show BatteryLevel دېگەن جايلىرى بۇرۇن ئىشلەيتتى. ۋاقىت ۋە باتارىيە دەرىجىسىنىمۇ ئۆ‍زگەرتكىلى بولاتتى. يېڭى نەشىرىدە بۇ ئىقتىدارلىرىنى ئېلىۋەتتىمۇ، ئىشلىمەس بوپقاپتۇ.

ئەمدى AT&T نىڭ نامىغا ئۆزگەرتىۋېلىپ «مەندە ئامېرىكىنىڭ كارتىسى بار جۇمۇ!» دەپ، «مارس تېلېگرافى» دەپ ئۆزگەرتىۋېلىپ يەنە بىرنېمىلەرنى دەپ دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە پو ئېتىپ يۈرمەڭ يەنە! :cute:

ئۇيغۇرچىنى قانداق يازدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەيدىغانسىز؟ ئەلۋەتتە پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى ئارقىلىق يازىمىز. ئادرېسى : /u/ بۇ ئەپمۇ ئۇيغۇرچە قوللايدۇ، ئەلۋەتتە.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/do-not-waste-jailbreak-3.html/feed 20
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (2) (فىلىملىك) /iphone-3d-slide-page-plugin.html /iphone-3d-slide-page-plugin.html#comments Mon, 16 May 2011 08:28:54 +0000 پاسىبان /?p=2004 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (3)

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى
无觅 ]]>

ئالدىنقى تېمىدا چەكسىز دوك ئايكونىنى قانداق قىلىدىغانلىق توغرىسىدا توختالغان ئېدۇق. Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ ئايفونىدا يەنە بىر خىل ئۈنۈم بار. بەت ئۆرۈگەندە قىستۇرما رەسىمگە ئوخشاش تولىمۇ چىرايلىق ئۈنۈم پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈنۈممۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىن قاچۇرغان iDevice لار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىزمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇ ئۈنۈمنى قوشمىسىڭىز ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغان بولىسىز!

بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا Cydia غا 威锋网 نىڭ مەنبەسى http://apt.weiphone.com نى قوشقان بولىشىڭىز كېرەك. قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان جايغا بىۋاستە Barrel دەپ يېزىڭ. 2 دانە نەتىجىنى تاپتىمۇ؟ 中文包 دېگەننى تاللىماڭ. تۈنۈگۈن تاللاپ قاچىلىسام ھەقلىق نەشىرنى ئوغرىلاپ ئىشلەتكەنلىكىمنى، سېتىۋالمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىمەس بولدى. شۇڭا ئۆزىنىلا قاچىلاڭ. خەنزۇچە تەرجىمە بولىقىنى چۈشۈرۈپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئىزدەپ تېپىپ بولغاندىن كىيىن Install – Confirm – Restart SpringBoard . ئەگەر Cydia خەنزۇچە بولسا 安装 – 确认 – 重启 SpringBoard دېگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

قاچىلاپ بولۇپ SpringBoard نى قايتا قوزغىتىدۇ. ئاندىن 设置 نىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز Barrel دېگەن نامدا بىر تىزىملىكنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ 10 نەچچە خىل بەت ئۆرۈش ئۈنىمى بار. شۇلاردىن ئۆزىڭىزنى ياقتۇرغىنىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇ ئەسلى Cydia Store دا 3.99 دوللاردىن سېتىلىدىغان ھەقلىق ئەپ بولۇپ، خەنلەر بۇنى يېشىۋېتىپ 威锋网 نىڭ مەنبەسىگە ھەمبەھرلەپ چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ئارتۇقچە ئېھتىياج بولمىسا خەنزۇچە بولىقىنى قاچىلىمىسىڭىز بولغۇدەك. ئۈلۈشكۈن بىرىگە قاچىلاپ بەرگەن ئېدىم، ھېچقانداق بولمىغان. بۈگۈن ئۆزۈمنىڭكىگە قاچىلىسام ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋېلىش ئۇچۇرى چىقىپ ئىشلىمەس بولدى. شۇڭا ئېنگلىزچە يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى ئىشلىتىش ياخشى تاللاش ئوخشايدۇ.

بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى سىن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار :

تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (1)

Cydia ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرامسىز؟ بۇنى Cydia قۇرغۇچىسى سىزگە ئېيتىپ بەرسۇن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-3d-slide-page-plugin.html/feed 7