پاسىبان كۇلۇبى » Apple | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم – ئالما دەۋرى /apple-age-movie.html /apple-age-movie.html#comments Wed, 02 Nov 2011 13:51:47 +0000 پاسىبان /?p=3255 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
apple-age-movie-01

پۈتۈن دۇنيادا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئالما تېلىفونى iPhone ئىنتايىن دەۋر سۈرۈپ كەتتى. بۇ تېلىفوننىڭ تەرەققىياتى، بازار تېپىشى، مودا بولىشى … ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ تېلىفوننى دەپ بەزىلەر بۆرىكىنىمۇ سېتىشتى. بەزىلەر يېڭى نۇسقىسىنى ساقلاش ئۈچۈن چىدىر تىكىپ ئايلار ساقلاشتى … ئىشقىلىپ، جوبس باشلىغان ئالما دەۋرى بىز ياشاۋاتقان دەۋرلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى …

iPhone نىڭ ئويۇنلىرى، قىزىقارلىق، قوللىنىشچان ئەپلىرى App Store دا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، iPhone بولغانلىقى ئۈچۈن بىكار قالغان ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە ئويۇن ئويناپ SONY PlayStation دەك ئويۇنچۇقلارغا ئېھتىياجىمىزمۇ چۈشمەي قېلىۋاتىدۇ. ئەتىگەن ئاخشاملاردا ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەپلىرى ئارقىلىق خەۋەر كۆرگىلى، مىكرو بلوگ ئەپلىرى ئارقىلىق بىكار قالغاندا بلوگ كۆرگىلى بولغانلىقتىن، سىرتقا چىققاندا بىزگە ئوبدانلا ھەمراھ بولىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق بىر قىزغىنلىق، مودا ۋە تەلپۈنۈش – دۆلىتىمىز رېژىسسورلىرىنى ئېلھامغا كەلتۈرۈپتۇ. رېژىسسور مۇشۇ دەۋردىكى قاتناشقۇچى بولمىش BrainWashed Fan لەرنىڭ ھېسسىياتى، پىسخىكىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى خېلى كۈزەتكەندەك قىلىدۇ. بۇ فىلىم بىزنى بۇ كىچىككىنە تېخنىكا مەھسۇلاتى سەۋەبلىك ئادىمىيلىقنى يوقاتماسلىققا، بۇ دۇنيانى پەقەتلا مودا قوغلىشىدىغان، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەر بىلەن توشقۇزىۋەتمەسلىككە، يوتقانغا بېقىپ پۇت ئۇزىتىشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتى قەدىر-قىممىتىمىزنىڭ نېمىلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەكلىكىمىزگە چاقىرىدىكەن.

فىلىمدە يۈز-ئابروينى دەپ ئۆزى بىلىپمۇ كەتمەيدىغان بىر تېلىفون ئۈچۈن بىر پاتمان پۇل خەجلەيدىغان بايۋەچچە، تاپقان تەرگىنىنى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشنى خالىماي مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى بىلەن ئوغلى ئۈچۈن iPhone سېتىۋالغان دادا، قىز دوست كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىدىغان» يىگىت تەسۋىرلىنىدىكەن.

ئاخىرىدا فىلىمنىڭ ئاساسلىق پىرسوناژى، Apple Store غا ئوخشىغان بىر كىچىك ئالما دۇككىنىدا ئىشلەيدىغان Apple Fan شىياۋمىنىڭ مائاشىدىن تاماق پۇللىرىنى تېجەپ، قىسىپ يۈرۈپ يىغىپ-تۆشەپ پۇل يىغىپ iPhone سېتىۋالغاندا باشقىلارنىڭ ئاللىقاچان يېڭى نۇسقىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىلىرىنى سېتىۋېتىشكە باشلىغانلىقى، بىچارە شىياۋمىنىڭ مەڭگۈ بۇ مودىغا ئەگىشىپ بولالمايدىغانلىقىدەك بىر مەزمۇنلار سۆزلىنىدىكەن.

قېنى بۇ فىلىمنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.

فىلىمنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سىز قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ بۇ خىل ھالەتكە سىز قانداق پوزىتسىيە تۇتىسىز؟

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/apple-age-movie.html/feed 20
2011 – يىللىق MacBook Air بىلەن تونۇشۇپ چىقامدۇق؟ /2011-new-macbook-air.html /2011-new-macbook-air.html#comments Thu, 27 Oct 2011 04:52:25 +0000 پاسىبان /?p=3198 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى
无觅 ]]>
2011 – يىللىق MacBook Air بىلەن تونۇشۇپ چىقامدۇق؟

MacBook Air نۆۋەتتە دۇنيادا ئەڭ نىپىز، ئەڭ يىنىك لەپتوپ بولۇش رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. IT ساھەسىدە MacBook Air بىلەن بەزىلەر Samsung نىڭ 9 تۈرىدىكى لەپتوپلىرىنى سېلىشتۇرۇپمۇ كۆرۈشتى. (بۇ ئۇلانمىنى بېسىپ شۇ يازمىغا بېرىڭ) بىز ئەمدى بۈگۈن مۇشۇ ئېسىل لەپتوپنىڭ يىللاردىكى نەشىرىگە قارىغاندا قانداق يېڭىلقلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقامدۇق؟

2011-يىللىق ئەڭ يېڭى MacBook Air نى باھالاش تەپسىلاتىنى بۇ سىندىن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقايلى.

MacBook Air نىڭ قۇتىسىدىن ئېچىش كۆرۈنىشى.

MacBook Air نىڭ Apple شىركىتى ئۆزى ئىشلىگەن ئېلانى

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/2011-new-macbook-air.html/feed 3
SAMSUNG 9 بىلەن MacBook Air نىڭ سېلىشتۇرما جېڭى /samsung-9-vs-apple-macbook-air.html /samsung-9-vs-apple-macbook-air.html#comments Mon, 03 Oct 2011 04:19:05 +0000 پاسىبان /?p=2853 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

كوچا بېشىدىكى سەنئەتكارنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ
无觅 ]]>

سامسۇڭ (SAMSUNG) شىركىتى ئالمىغا (Apple) يېقىندىن خىرىس قىلىۋاتقان «سابىق ھەمكارلاشقۇچىسى» . يېقىندا ئالما شىركىتى سامسۇڭنىڭ بەزى ئەقىللىق تېلفونلىرىنىڭ iPhone غا ئوخشىتىپ ياسالغانلىق ئۈستىدە شىكايەت قىلىپ يۈردى. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، سامسۇڭ قايتارما زەربە بەرمەكچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم پاتېنتلىرىغا ئالمىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەرز قىلماقچىمۇ بولۇشتى. بۇ ئىككى كارخانا ھېلىھەم مۇشۇنداق ئاداۋەتتە «ھەمكارلىشىپ» يۈرۈيدۇ.

سامسۇڭنىڭ 9 تىپىدىكى لەپتوپلىرى ئالمىنىڭ MacBook Air غا ئوخشاش ئىنتايىن نىپىز، يىنىك لەپتوپ بولۇپ، بۇنى IT ساھەسىدىكىلەر سېلىشتۇرۇپ ھەرخىل سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپتۇدەك. تۆۋەندە بۇ ئىككى ماھىرنىڭ بىرقانچە پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىننى كۆرۈپ باقايلى.

iPhone ۋە iPad تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.

بۇلارنىڭ سەپلىمە سېلىشتۇرمىسى:

سەپلىمىلەر Samsung Ultrathin 9 MacBook Air
CPU Core i5 (1.4GHz to 2.3GHz) 3MB L2 Core 2 Duo 1.86GHz
ئىچكى ساقلىغۇچ 4GB DDR3 2GB to 4GB DDR3
قاتتىق دېسكا 128MB SSD 128GB to 256GB
ئېغىرلىقى (قاداق) 2.89lbs 2.9lbs
سىنكارتا Intel HD GT2 (Inside the CPU, I wonder how it’ll do) nVIDIA GeForce 300M with 256MB shared off your main RAM
باتارىيەسى 6.5 Hours 7 Hours
ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەر USB 3.0 (I’m not sure of that myself), WiFi a/b/g/n, WiMaxi and Bluetooth 3.0 USB, SD card slot, WiFi a/b/g/n, Bluetooth 2.0
باھاسى (دوللار) Starting $1,599 Starting $1,299

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/samsung-9-vs-apple-macbook-air.html/feed 4