يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئالدىنقى يىلى تېخى يېڭىچە مەك سېستىمىسى Mac OS X Lion نى يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشكەن ئالما شىركىتى، يېڭى  iPhone, iPod touch, MacBook, iMac … قاتارلىق بىر قاتار ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان iOS سېستىمىسىنى، يەنە پات ئارىدا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان iPad 3 نى لايىھەلەش ۋە ياساش  ئالدىراشچىلىقىدا تۇرسىمۇ، يىپيېڭى سېستىما OS X Mountain Lion نى ئېلان قىلغۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىنى ئېلان قىلىندى

Pod2g نىڭ يېقىندىن بۇيان iOS 5.0.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خاككىر ھازىرچە iPhone 4S ۋە iPad 2 دىن باشقا iDevice لاردا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىنىقىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ جەرياننىڭ سىنىنى ئېلان قىپتۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

سىرىنىڭ يېڭى ئېلانى

ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاسلىق بار. بۇلار 90-يىلىدىن كىيىن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپلا تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئاددىيلىقنى ھەممە نەرسىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. مەھسۇلات چۈشەندۈرىدىغان ئېلانلىرىغا قارىساقمۇ ئارقا مەنزىرىسىدە ئارتۇقچە مەزمۇننى كۆرمەيمىز. بۇ خىل خاسلىق كىشىگە پاكىزە، ئازادىلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

world-most-expensive-iphone

ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارى بار. iPhone نىڭ ئۆزىنى قىممەت دەپ يۈرۈۋاتقىنىمىزدا مىليون دوللارنى پۇل ھېساپلىمايدىغان بايلارغا تېخىمۇ قىممەترەك، ئېغىزغا چىققۇدەك بىرەر باھاغا ئېگە تېلىفون بولمىسىمۇ بولمايدىكەن. ئەنگىلىيەلىك لايىھەلىگۈچى مۇشۇ بايلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت iPhone 4S نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالمىنىڭ ئابونتلىرىنى نائۈمىد قالدۇرغان 10 ئىشى

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىققان. ئالما شىركىتى كەتكۈزۈپ قويغان بۇ كەمچىللىكلەر تۈپەيلى بەلكى ناھايىتى نۇرغۇن مالىيە كىرىمىدىن قۇرۇق قالغان بولىشىمۇ مۇمكىنكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone 4S نىڭ ئوقتىن مۇداپىيە قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىغانلىقمۇ بۇ؟

RATEDRR دەيدىغان بىر كىشى بار. قورال-ياراقلىرىنىڭ تۈرىمۇ، ئوت كۈچىمۇ بەك كۈچلۈك. بۇ كاساپەت بىرەر بوتۇلكا، چالما-كېسەكنى نىشانلاپ يۈرمەي، بەزىلىرىمىز ئايلاپ پۇل يىغىپ ئاران تەستە ئالىدىغان iPhone, iPad دەيدىغان نەرسىلەرنى تېشىپ ئوينايدۇ. ئەمدى بۇ ساراڭ iPhone 4S تىن بىرنى مۇشۇنداق قىلىپ «ئېتىپ ئۆلتۈردى» .

داۋامىنى ئوقۇش »

jailbreak-ios5-01

ئالدىنقى يازمىمىزدا iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىقنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ھازىرچە بۇنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەپقاچتى گەپلەرگە قارىغاندا پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى مەن ئەزەلدىن تونۇشتۇرمايتتىم. لېكىن بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇشىمدا ئازراق سەۋەب بار.

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

يېڭى ئەۋلاد ئايفون iPhone 4S نىڭ بازاردىكى باھاسىمۇ بارغانسىرى چۈشكىلى تۇردى. ھازىرقى باھاسى 5500 يۈەندىن 7000 ھەتتا 8000 يۈەنگىچە بولىۋېتىپتۇ. باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ توردا سېتىلىش مىقدارىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. باھا راۋۇرۇس مۇقىملىشىپ بىز پۇل خەجلىگۈچە ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمىلەرنىڭ ئېيتىلغانلىقىنى تەپسىلىيرەك كۆرگەچ تۇرۇش نىيىتىدە بۇ سىننى يوللىدىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量



App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش