پاسىبان كۇلۇبى » چاپقۇر | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 فەرارى FF ! رىۋايەتلەردىكى Shooting Brake /201102011009.html /201102011009.html#comments Tue, 01 Feb 2011 17:47:03 +0000 پاسىبان /?p=1009 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى
无觅 ]]>

ياندىن قاراپ بۇنى BMW نىڭ Z3 Coupe غا ئوخشىتىپ قالغانسىز ھەقاچان؟ تېخىمۇ تەپسىلىيرەك قاراڭ. بەنداشلىرى، ئالدى لايىھەسى BMW نىڭ لايىھەسىگە ئوخشىمايدۇ. تاپالىدىڭىزما؟ چاقىغا قاراپ قايسى ماشىنىنى ئېسىڭىزگە ئالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق ! بۇ بولسا فەرارى FF ! بۇ بىز بۇرۇن داڭقىنى ئاڭلاپ باققان فەرارى Shooting Brake نىڭ دەل ئۆزى شۇ. مانا بۇ جەنۋە كۆرگەزمىسىدە بىر بىلەن يۈر كۆرۈشمەكچى بولغان فەرارى يېڭى ئەسىرى !

بۇ بىز بىلىدىغان ماتورى ئالدىدا ۋە ئالدى چاق قوزغىلىدىغان شەكىلدە ئەمەس، ماتورى ئالدىدا، تۆت چاق قوزغىلىدىغان شەكىلدىكى ئالاھىدە چاپقۇر! نامىدىكى FF بولسا Ferrari Four نىڭ قىسقارتىلمىسىدىن كەلگەن. بۇ 4 كىشىلىك ۋەياكى 4 چاق قوزغىلىدىغان دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

ماشىنىنىڭ رازمېرى 4907mm X 1953mm X 1379mm بولۇپ، فەرارى 612 دىن 30  مىللىمېتىر ئېگىز تۇرىدۇ. 450 لېتىر ھەجىمدىكى ئارقا ساندۇقى بار بۇ ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىنى تۈزلىۋېتىش ئارقىلىق ساندۇقىنى 800 لېتىر ھەجمگە ئېگە بولغىلى بولىدۇ. بۇ فەرارى تارىخىدىكى «ئەڭ» نىڭ بىرى. بۇنىڭدىن سىرت خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەت 6 خىل رەڭ تاللاشقا قويۇلغان.

FF بولسا Ferrari تارىخىدىكى تۇنجى 4 چاق قوزغىلىدىغان ماشىنا بولۇپ، بۇنىڭغا فەرارى 4RM دەپ (4 Ruote Motrici) نام بەرگەن. زاۋۇت تەرەپنىڭ دېيىشىچە 4RM نىڭ ئومومى ئېغىرلىقى باشقا 4 چاق قوزغىلىدىغان ماشىنىلارغا ئىشلەتكەن قوزغىلىش سېستىمىسىدىن 50 % يېنىك بولۇپ، FF نىڭ مۇكەممەل بولغان 47:53 نىسبەتتىكى ئېغىرلىق نىسبىتىنى ساقلاپ قالغان.

ماتور قۇۋۋىتى جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق فەرارى FF نىڭ ئومومى ماسسىسى 1790 كېلوگرام بولۇپ، 612 گە قارىغاندا 50 كېلوگرام يېنىك. بۇنىڭغا سېلىندىر ئىچىگە بىۋاستە پۈركۈيدىغان 6.3 لېتىرلىق V12 (يەنى V شەكىللىك 12 سېلىندىرلىق) ماتور سەپلەنگەن. بۇ ماتور 660 ئات كۈچىگە ئېگە. ئات كۈچى ۋە ماتور ماسسىسىنى نىسبەتلەشتۈرسەك 2.7 كېلوگرام ھەر ئات كۈچىگە ئېرىشىمىز. كورۇپكا قىسمىغا F1 غا ئىشلىتىلىدىغان قوش ئايرىغۇچلۇق كورۇپكا سەپلەنگەن بولۇپ، ماتورنىڭ تولغىنىش مومېنتى 69.69 كېلوگرام.مېتىر .  0-100 غا پەقەت 3.7 سېكونتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى 335 كېلومېتىر.

بەلكى بۇ قېتىم فەرارى ماشىنىسىغا Stop/Start ئاپتۇماتىك ئوت ئالدۇرۇش سېستىمىسىنى سەپلىشى، ماي سەرپىياتى جەھەتتە ھەر لېتىرغا 6.5 كېلومېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈشى مۇمكىن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى جەنۋە كۆرگەزمىسىدە كۆرگۈدەكمىز، ئىنشا ئاللاھ …

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102011009.html/feed 7
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پاجانى زوندانىڭ تەگلىك رەسىمى (25P) /20110114842.html /20110114842.html#comments Fri, 14 Jan 2011 15:43:05 +0000 پاسىبان /?p=842 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

قالتىس چاپقۇر – پاجانى C9 نىڭ تەشۋىق فىلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ
无觅 ]]>

بۈگۈن مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن تورنى ئارىلاۋېتىپ بۇ رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام خېلى سۈزۈك ئىكەن. چاپقۇرلارغا، بولۇپمۇ ماۋۇنىڭدەك تەلۋە چاپقۇرلارغا ئامراق دوسلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن. كىچىككىنە ماشىنا ئىچىگە پەقەت ئىككىلا ئادەم سىغسا، ئۇنى تارتىدىغىنى 700 ئاتنىڭ كۈچى بار ماتور بولسا، ماي تەپكىسىنى كۈچەپ بىر دەسسىسەك نېمە بولا ھە؟ :beauty:

مەنمۇ شۇنداق چوڭ ئات كۈچىگە ئېگە ماشىنىلارنىڭ قىزغىن ئىشتراكچىسى. مۇشۇ توغرىسىدا خەۋەرلەر بولسا كۆزۈم ئېيچىشقىچە كۆرۈپ كېتىمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلسا ھەرقايسىلىرى بىلەن شۇنداق بىر كۈنلەردە چاپتۇرۇپ بەسلىشىپمۇ قالارمىز …

* رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ. ئاندىن كونۇپكا تاختىسىدىكى ئوڭ ۋە سول كونۇپكىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق كىيىنكى ۋە ئالدىنقى رەسىملەرگە ئالماشتۇرالايسىز. رەسىم چوڭايغاندىن كىيىن مائۇس بىلەن ئىكراننىڭ خالىغان جايىغا سۆرەپ ئاپىرالايسىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114842.html/feed 4
يېڭى پاجانى ئىتالىيەدىكى زاۋۇتى ئەتراپىدا پەيدا بولدى /20110114835.html /20110114835.html#comments Fri, 14 Jan 2011 14:55:52 +0000 پاسىبان /?p=835 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارى
无觅 ]]>

پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

پاجانىنىڭ بۇ يېڭى چاپقۇرىغا مېرسدېس بېنزنىڭ AMG سپورت تەتقىقات بۆلۈمى ئالاھىدە ياساپ بەرگەن V12 ماتور سەپلەنگەن. ئات كۈچى 700 دىن ئارتۇق. تولغىنىش مومېنتى 102 كېلوگرام.مېتىر

پاجانىنىڭ زوندا دەيدىغان بىر ماشىنىسى بولىدىغان. 2005-يىلى بېيجىڭدا 864،000 دوللارغا كېلىشىپ سېتىلغان. شۇ چاغدىكى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىدى. شۇ قېتىملىق سودىدىن كىيىن پاجانى دېگەن بۇ ماركىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ماشىنىسى بولۇپ قالغان.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114835.html/feed 3
قالتىس چاپقۇر – پاجانى C9 نىڭ تەشۋىق فىلىمى /20110104629.html /20110104629.html#comments Tue, 04 Jan 2011 14:32:31 +0000 پاسىبان /?p=629 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

تەۋسىيە: رېتىنا ئىكرانغا ماس سۈزۈك ئويۇن – Van Pershing

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پاجانى زوندانىڭ تەگلىك رەسىمى (25P)

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارى
无觅 ]]>

پاجانى ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئارىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ باققانلار ناھايىتىمۇ ئاز، ھەتتا يوق بولىشى مۇمكىن. پاجانىنىڭ كۆپ ماشىنىسى يوق. لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرى بار. پات ئارىدا بازارغا سالماقچى بولغان تەلۋە ماشىنا C9 مۇ ئاشۇنداق «ئاز» ماشىنىلاردىندۇر.

پاجانىنىڭ مەن بىلىدىغان بىرلا ماشىنا تىپى بار. نامى زوندا (Zonda) . بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت نەچچىسىلا بار. شۇڭا بايا ئاۋۇ گەپنى كېسىپ ئېيتقىنىم ئىدى. ئۆتكەن كۈنلىرى ئۇنىڭ زوندا 750 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماشىنىسىنىڭ خەۋىرىنى كۆرگەن ئېدىم. ئۇنى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر بايغا ئالاھىدە ئاتاپ ياسىغان ئىكەن. بېنزنىڭ AMG  ماتور تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ ئۈچۈن  ئالاھىدە ياسىغان 12 سېلىندىرلىق ماتورنىڭ ئات كۈچى 750 كەن. بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت شۇ بىر دانىلا بار ئىكەن.

بۇ قېتىم ئېلان قىلماقچى بولغان C9 تىپىدىكى بۇ ماشىنىسىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. شىركەت تەرەپ پەقەت ناھايىتى قىسقا، ئامما ئۆزگىچە مەنىگە ئېگە تەشۋىق فىلىمىنى تارقىتىپتۇ. بۇنىڭ ئات كۈچى 700 دىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىنكەن. ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 1000 نىيۇتۇن.مېتىر . گەرچە 12 سېلىندىرنىڭ كۈچى يېتىشكەندەك قىلسىمۇ، يەنىمۇ يۇقىرى ئات كۈچىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن تۇربو (تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ)  تېخنىكىسىنى قوللىنىشى مۇمكىنكەن.  تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەشۋىق فىلىمى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110104629.html/feed 6