پاسىبان كۇلۇبى » مۇسابىقە | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 تەۋسىيە: يەنە بىر پەچچەت ئويۇن – دالا ۋېلىسىپىتى بۈگۈن ھەقسىز! /201103171401.html /201103171401.html#comments Thu, 17 Mar 2011 10:58:52 +0000 پاسىبان /?p=1401 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟
无觅 ]]>

چوڭ ھاسىلات بولمىش Xtreme Sports: Biker ناملىق 3D لىك دالا ۋېلىسىپىتى ئويۇنى بۈگۈن ھەقسىز تەمىنلەندى. ئويۇننى 1-شەخس كۆرۈنۈش يۈزى ھالىتىدە ئوينايدىغان بولۇپ، چىنلىقى ئاشۇرۇلغان. ئوينىغۇچى پەچەت خوتلۇق دالا ۋېلىسىپىتىنى تاغمۇ-تاغ چاپتۇرۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. Open Feint سۇپىسى ئارقىلىق نومۇرنى دۇنيا بويىچە رەتكە تىزغىلى بولىدۇ. Sport نى سۆيىدىغان بالىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز ھوزۇرلانغايسىلەر!

تەمىنلەنگەن مەيدان ئىچىدە پەقەت تاغ-دالىلارلا بولماستىن شەھەر كوچىلىرىمۇ بار. ئېغىرلىق سەزگۈچ ئارقىلىق كونترول قىلىمىز. تورموز ۋە خوتى ئىككى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بىرەر لاي-پاتقاقتىن ئۆتۈپ قالسا «يۈزىمىز»گە لاي چاچراپ كېتىدۇ. قولىمىز بىلەن «يۈزىمىز»نى ئېيتىۋېتىپ مۇسابىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھە؟

دۇنيا بويىچە ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى رەتكە تىزالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن يولغا ئوبدانراق قاراپ ھەيدەڭ.

رەسىملەر يەتمىسە سىننى بىر كۆرۈڭ. چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

ئويۇن ئىسمى : Xtreme Sports: Biker

ياسىغان شىركەت : Dirty Edge Ltd.

ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە

قوللايدىغان سۇپا: Open Feint

چوڭلۇقى : 56.2 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 2.2.1

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103171401.html/feed 3
تەۋسىيە: پەچچەت 3D مۇسابىقە ئويۇنى – Uber Racer 3D – Sandstorm /201103161386.html /201103161386.html#comments Wed, 16 Mar 2011 06:25:30 +0000 پاسىبان /?p=1386 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

سېستىما يېڭىلاشتىكى تەجرىبىلىرىم ( 1013خاتالىقىنى ھەل قىلىش)

ئايپەد ۋە ئايفون ئۈچۈن ئۆزگىچە ئويۇن – Crystal Dash (ئىچىدە يەنە 3 خىل ئويۇن ھەقسىز)

تەۋسىيە: كاللا ئىشلىتىدىغان يەنە بىر فىزىكىلىق پەچەت ئويۇن – Enigmo2
无觅 ]]>

مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلار بەكلا ئازغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ ئوغۇللار ئىچىدە. Uber Racer 3D – Sandstorm ناملىق مونو ئويۇن ھەقىقىي مەنزىرىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان 3D لىك دالا ماشىنا مۇسابىقە ئويۇنى. ماتورنىڭ شەھەر خارابىلىرى ئارىسىدا ئەتراپنى بىر ئېلىپ ھۆكۈرىگەن ئاۋازى بىلەن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانغان ئويۇن كۆرۈنۈشى سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. ئايپەد ۋە ئايفونىڭىز ئۈچۈن پەقەت 1 تاللا چۈشۈرسىڭىز يېتىدۇ. يەنە بىر Universal ئويۇنى!

ئويۇندا 10 خىل مەيدان تەمىنلەنگەن. سۈرەت كۆرۈنۈشلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەنگەن. ئاۋازى تېخى! ماشىنا يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان. سوقۇلۇش ئۈنۈملىرىمۇ خېلى پەچەت.

چىمپىيونلۇق تالىشىش تۈرىدە نەچچە ئونلىغان مۇسابىقە سىزنىڭ يېڭىشىڭىزنى كۈتمەكتە! ئىشىنىمەنكى بىر كىرىشىپ كەتسىڭىز نەچچە سائەت ۋاقتىڭىز كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.

بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال تېخنىكسى بىلەن ياسالغان. ئايپەد، ئايفون ۋە ئايتاچ قاتارلىق ئالمىلارنىڭ ھەممىسىگە چۈشىۋېرىدۇ. مۇشۇ بىرلا ئەپ بىلەن ھەممە ئالمىلىرىڭىزدا ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز. ھەقسىز ۋاقتىدا قولدىن بېرىپ قويماڭ~!

باشقىنى قويۇپ سىننى بىر كۆرۈڭ.

ئويۇن ئىسمى : Uber Racer 3D – Sandstorm

ياسىغان شىركەت : Mad Processor GmbH

ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە

چوڭلۇقى : 283 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 3.0

چۈشۈرۈش ئادرىسى : (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق)

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103161386.html/feed 3
ئويۇن ئويناپ ھەقىقىي ماشىنا ئۇتقىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا مەرھەمەت! /201103031237.html /201103031237.html#comments Thu, 03 Mar 2011 16:25:38 +0000 پاسىبان /?p=1237 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: يەنە بىر پەچچەت ئويۇن – دالا ۋېلىسىپىتى بۈگۈن ھەقسىز!
无觅 ]]>

بۇ چاقچاق ياكى قىزىقتۇرۇپ چېكىلىش سانىنى كۆپەيتىش ئەمەس. بۇ ھەقىقەت. GameLoft شىركىتىنىڭ ئويۇنلىرىنى ئايفونغا كونا بولسىڭىز چوقۇم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. ھەممىس دېگۈدەك پەچەت، شۇنداقمۇ؟ ئىلگىرى بىز ئاشخانا ئاچىدىغان ئويۇنىنى ھەقسىز تەمىنلىگەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان ئېدۇق. بۈگۈن ئۇلارنىڭ پەچەت ئويۇنى بولمىش Asphalt ناملىق مۇسابىقە ئويۇنىنىڭ بىرقىسمى بولغان Asphalt Audi RS 3 ناملىق ئويۇنىنى بىر ئالاھىدە پائالىيەت يۈزىسىدىن ھەقسىز تارقىتىپتۇ. بىز بۇ توپىلاڭدىن توغاچ بولسىمۇ ئوغۇرلىغاچ تۇرايلى.

Asphalt Audi RS 3 ناملىق بۇ ئويۇن Asphalt 6 نىڭ يادروسى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ئىچىدە پەقەت بىر ئىككى مەيدان ۋە مۇشۇ ئاۋدىلا بار. لېكىن بۇ ئاسفالىت 6 نىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا يېتىدۇ. ئەمما ئاساسى نوقتا بۇ ئەمەس. سىز بۇ ئويۇننى ئويناپ دۇنيادىكى نەتىجىڭىز ئالدىنقى قاتاردا بولسا سىزگە مونو ئاۋدى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ. :-D

GameLoft نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بار ئىكەن. مۇسابىقە نەتىجىسىنى دۇنيا بويىچە رەتكە تىزىدىكەن. كىم بىلىدۇ ئاۋدىنى سىز ئېپ كېتەمسىز تېخى. ئەگەر شۇنداق بوپقالسا ئۇنتۇپ قالماي ماشىنىڭىزنى بىر كۈن بېرىپ تۇراسىز. ئاۋدىنىڭ RS تىپلىق ماشىنىلىرى قانداق بىر ھەيدەپ باققۇم بار ئېدى.

مۇكاپات بويۇمى Audi A3 Sportback 2.0 TFSI quattro دىن 1 تۇياق. بۇ 200 ئات كۈچى جۇمۇ! تېخى زاۋۇتتىن بىۋاستە ئۆزگەرتىلگەن ئىقتىدار ئاشۇرۇش بولاقلىرى سەپلەنگەن. ئاۋدىنىڭ خاس تېخنىكىسى بولمىش quattro قوللىنىلغان. 4 چاق قوزغىلىدۇ. 18 سۇڭلۇق بەنداش، كېسنونلۇق چوڭ چىراق، پۈتۈن مەنزىرىلىك تۇڭلۈك، BOSE ياڭراتقۇ، S line خېتى ئويۇلغان ئاسكانتا ئىچكى بېزىلىش، ئاۋدى ماگىنىتلىق تىترەك پەسەيتكۈ، Acoustic ماشىنا توختىتىش سېستىمىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكىنىلەر سەپلەنگەن. گىرمانىيەدىكى باھاسى 49،950 ياۋرۇ. ئەگەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدا بۇ ماشىنىغا ۋاكالەتچىلىك قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرەلىگۈدەك سېتىش نوقتىسى بولمىسا، قىممىتى شۇ ماشىنا بىلەن تەڭ بولغان خالىغان بىر ئاۋدى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەنسىز. پەچەت …

مۇسابىقىگە قاتنىشى تەلىپى:

ئويۇننى ئېچىپ مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىنى باسىسىز. ئېچىلغان بەتكە Gameloft LIVE ھېساۋاتىڭىز بىلەن كىرىسىز. يوق بولسا ئورگان تور بېتىدىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. نەتىجىمىزنى بىرقانچە قېتىم يوللىساق بولىدۇ. لېكىن بىرەر پروگرامما ۋاستىسى ئارقىلىق يوللانغان ياكى ساختىلىق ئىشلەتكەن ئەھۋال كۆرۈلسە مۇسابىقە سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدىكەن.  مۇسابىقە مەيدانى باھاما بولۇپ، 3 مەيدان ئايلىنىشقا كەتكەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت بويىچە ھېساپلىنىدىكەن.

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئامېرىكىدىكى 50 شىتات، كانادا، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، شۋىتسىيە، شىياڭگاڭ، روسىيە بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، مېكسىكا، بېلگىيە، گوللاندىيە، جۇڭگو ۋە كورىيەدىن كەلگەن قورامىغا يەتكەن، پراۋىسى بار بولغان، يەرلىك دۆلەت قانۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان پۇقرا بولىشى كېرەك ئىكەن. پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن : GameLoft

ئويۇن ئىسمى : Asphalt Audi RS 3

ياسىغان شىركەت : GameLoft

ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە

چوڭلۇقى : 227 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103031237.html/feed 0
فورد فىيېستانىڭ دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى تەۋەللۇت قىلدى /20110118916.html /20110118916.html#comments Tue, 18 Jan 2011 14:26:08 +0000 پاسىبان /?p=916 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش
无觅 ]]>

فورد فىيېستانىڭ Fiesta RS تىپلىق دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقە ماشىنا كۆرگەزمىسى Autosport International Racing Car Show دە تۇنجى بولۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يېڭى مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ يوپۇقىنى فورد مۇسابىقە ئەترىتىگە تەۋە Mikko Hirvonen ئاچتى.

بۇندىن كىيىن بۇ ماشىنىمۇ ئاكىسى فوكۇسقا ئەگىشىپ دۇنيا ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى فېدراتسىيىسى FIA نىڭ (Federation of International Autosport) دۇنيا راللىي لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى WRC دا (World Rally Championship) مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە ئەترىتىنىڭ نامى «فورد ئەبۇزەبى دۇنيا راللىي ئەترىتى» دەپ بېكىتىلدى.

فورد ئۆتكەن يىل 9-ئايدا پارىژ كۆرگەزمىسىدە مۇشۇنداق بىر مۇسابىقە ماشىنىسى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. لىكىن، ئۇ چاغدىكى لايىھەدە ئازراق ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، فورد شىركىتىنىڭ ياۋرۇپا مۇسابىقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ : بىزنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىنى تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەنلىكىمىز، شۇنداقلا يېڭى مۇسابىقە ئەترىتىمىز قۇرۇلغانلىقتىن بۇرۇنقى لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. كېلەر ئاينىڭ 10~13 كۈنىدە شىۋىتسارىيەدە مۇسابىقىنى باشلايمىز، دېدى.

بۇ فىيېستا RS نىڭ 1.6 لىك ماتورىغا EcoBoost نىڭ تۇربوسى قوشۇلغان بولۇپ، 4 چاق قوزغىلىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. تېخىمۇ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110118916.html/feed 0
2011-يىللىق دىترويت ماشىنا كۆرگەزمىسى – كادىللاك Cadillac CTS-V Coupe /20110112789.html /20110112789.html#comments Wed, 12 Jan 2011 15:04:17 +0000 پاسىبان /?p=789 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

خوندا بىر قىسىم ئاككورد ۋە CR-V ماشىنىلىرىنى قايتۇرىۋالدى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش
无觅 ]]>

2011-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا ماشىنا كۆرگەزمىسى، يەنى دىترويىت ماشىنا كۆرگەزمىسى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى چوڭ ماشىنا تور بېكەتلىرى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تور ئەھلىنى تەمىن ئېتىشكە باشلىدى. رەسىمدىكى بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ كونا ماركىسى كادېللاكنىڭ SCCA World Challenge مۇسابىقىسىگە ئاتاپ ياسىغان CTS-V Coupe نامىدىكى مۇسابىقە ماشىنىسىدۇر.

كادىللاك ئالدىنقى ئايدا SCCA يەنى  Sports Car Club of America غا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ جەڭدە ئىشلىتىدىغىنى دەل CTS-V Coupe ناملىق مۇسابىقە ماشىنىسى ئىكەن. بۇ ماشىنا كادىللاك شىركىتىنىڭ Pratt &Miller شىركىتى بىلەن تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ مەيدانغا كەلگەن .

ماشىنىنىڭ ئارقا تەرەپىگە رەڭگارەڭ بويالغان رەڭلىك لايىھەنى قوللانغان بولۇپ، كىشىگە جانلىق سپورت تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.

ماشىنىنىڭ گەۋدىسىگە كاربون تالاسىدىن ياسالغان ماتىرىيال ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق تارتىدىغان يۈكنى تۆۋەنلەتكەن. شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن CTS-V Coupe غا كۆپ قىسىم ئايرودىنامىكىلىق قۇرۇلمىلار سەپلەنگەن. تەگلىك بىلەن ماشىنا گەۋدىسى ئارانلا بىرقانچە مىللىمېتىر كېلىدۇ.

V8 لىك 6.2 لېتىرلىق ماتورغا مېخانىكىلىق بېسىم ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.

ئەڭ دەسلەپتە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى فلورىدا شىتاتىنىڭ ساينت پېتىر شەھىرىدىكى مۇسابىقىسىدە قوللانماقچى ئىكەن. بۇ ماشىنىنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تلەكداشمىز!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110112789.html/feed 0
ئايفون ئۈچۈن يېڭى يىللىق يېڭى ئويۇن (2) /20110101550.html /20110101550.html#comments Sat, 01 Jan 2011 05:49:15 +0000 پاسىبان /?p=550 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟
无觅 ]]>

ئىلگىرى سىز مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى كۆپ قېتىم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. نەچچە خىلىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئويۇن ئىلگىرىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن «يېڭى ئويۇن» .   بۇنى ئىنتايىن ئىسىل مۇسابىقە ماشىنا ئويۇنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى پەقەت باشقىچىلا.

سىز مۇسابىقە ماشىنىسىنى باشقۇرۇپ ھەيدىمەيسىز. پەقەت خەرىتىگە قولىڭىز بىلەن سىزىش ئارقىلىقلا ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلەيسىز. سىزغان چاغدىكى سۈرئېتىڭىز ماشىنىڭىزنىڭ شۇ جايدىكى سۈرئېتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنى بىرلا ۋاقىتتا 3 ئادەم ئوينىغىلى بولىدۇ. تورلاشتۇرۇپمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ. بەلكى مەنمۇ سىز بىلەن مۇشۇ ئويۇننى بىللە ئويناپ قېلىشىمىز مۇمكىن. :-D

ئۆگەنمەك ناھايىتى ئاسان. ئاۋال قانچە ئادەم ئوينايدىغانلىقىنى ياكى توردا ئوينايدىغانلىقىمىزنى تاللاپ بېرىمىز. ئاندىن 1-ئويۇنچى ماشىنىسىغا يۆنىلىش سىزىپ بېرىدۇ. سىزغاندىكى سۈرئەت، ماشىنىنىڭ سۈرئېتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاندىن 2-ئويۇنچى، ئاندىن 3-ئويۇنچى سىزىدۇ. باشلاشنى باسقاندىن كېيىن ئۈچىڭلارنىڭ ماشىنىسى بايا سىلەر سىزىپ بەرگەن يول بويىچە مۇسابىقىنى باشلىۋېتىدۇ.

بۇ ناھايىتى ئوماق بىر ئويۇن. ئاۋازنىڭ يېقىملىقلىغى، ماشىنىنىڭ سىيرىلىشىنىڭ تەبىئىيلىكى كىشىگە ئۆزگىچە زوق بېرىدۇ. خوش، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي دەرھال چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئويۇن ئىسمى : DrawRace

ياسىغان شىركەت : RedLynx Ltd

ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە

قوللايدىغان سۇپا : ئاشۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرى

چوڭلۇقى: 14.5MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

ئەگەر سىزدە iTunes  ھېساۋاتى بولمىسا بۇ يەرنى كۆرۈپ دەرھال تىزىملىتىۋېلىڭ. كۇلۇبىمىز ۋاقىت بەلگىلەپ ھەقسىز ئىسىل App لەرنى سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110101550.html/feed 0