پاسىبان كۇلۇبى » مۇداپىئە | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 تەۋسىيە: مەن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن Sentinel 2 /sentinel2.html /sentinel2.html#comments Wed, 12 Oct 2011 04:14:49 +0000 پاسىبان /?p=3010 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : پەچەت مۇداپىئە ئويۇنى – Sentinel: Mars Defense

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>
Sentinel 2

 

ئەسلى «ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز» دېگەن يازمىدىن كىيىن، ھېچقانداق ئويۇننى تەۋسىيە قىلماي دېگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ماۋۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئېسىل ئويۇن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلغان ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئايرىم يازما يوللىدىم.

 

بۇ ئويۇن مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا كىرىدۇ. ئۆسۈملۈك ۋە مۇردا (植物大战僵尸 Plants VS Zombies) دەيدىغان بىر ئويۇن بار. مېنىڭچە بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن. شۇنداق ئوماق بىر ئويۇن. بۇمۇ ئاشۇ تۈرگە كىرىدىغان، دۈشمەنلەردىن مۇداپىئەدە تۇرۇپ ئىستېھكام قوغدايدىغان ئويۇننىڭ بىرى.

بەلكى بۇ ئويۇننى ئىلگىرى ئوينىغان بولىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى دەپ قارايمەن.

بۇ ئويۇننىڭ 1-سىگە قارىغاندا 2-سى ماڭا بەك ياقىدۇ. ھازىر 3-سىمۇ چىقىپتۇ. لېكىن 3-سىدە بىز بەك بوزەك بولۇپ كېتىدىكەنمىز.

دەسلەپ ئوينىغاندا بىزگە تەپسىلىي ئۆگىتىدۇ. ئويۇننىڭ ئويناش قائىدىسى، قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئالاھېدىلىكى، دۈشمەنلەرنىڭ ئالاھېدىلىكى دېگەندەك.

بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلارنى Game Center ياكى Open Feint ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ، نومۇرغا تىزغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق ئويۇندىن بىر ئارىيە كۆرۈپ باقايلى:

 

ئەپ ئىسمى : Sentinel 2

ساتقۇچى : Origin8 Technologies Limited

تۈرى : مۇداپىئە

چوڭلۇقى : 14.2 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/sentinel2.html/feed 4
تەۋسىيە : پەچەت مۇداپىئە ئويۇنى – Sentinel: Mars Defense /201102271184.html /201102271184.html#comments Sun, 27 Feb 2011 12:47:51 +0000 پاسىبان /?p=1184 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: مەن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن Sentinel 2

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life
无觅 ]]>

ئەڭ دەسلەپ ئايفون بىلەن ئۇچراشقان مەزگىللىرىم ئېدى. بۇ ئويۇنغا شۇنداق كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئايفوننى مۇشۇ ۋە يەنە مۇشۇنىڭدەك 1~2 خىل پەچەت ئويۇننى كۆرۈپ ئامراق بوپ قېلىپ سېتىۋالغان ئېدىم دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. بۇ ئويۇن ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان ئېدى. بۈگۈن Sentinel: Mars Defense نەشىرى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا ئامراق كىشىلەر چوقۇم چۈشۈرۈپ ئوينىشى لازىم بولغان پەچەت ئويۇن.

Sentinel نامىدىكى بۇ ئويۇننىڭ مارسىنى قوغداش دېگەن بۇ نۇسقىسىدىن باشقا يەرشارىنى قوغداش (iTunes تىن كۆرۈڭ) دېگەن يەنە بىر نەشىرى بار. مەن بۇنىڭغا بەكرەك ئامراق. لېكىن مارسنىڭمۇ يەنىلا پەچەت ئويۇن ھېساپلىنىدۇ. ئىككىسى كۆپ پەرق قىلمايدۇ. بىرىدە تاشقى پلانىت ئادەملىرى يەرشارىغا ھۇجۇم قىلسا بىز يەرشارىنى قوغدايدىغان بولۇپ رول ئالىمىز. مارىسنىڭكىدە بولسا بىز مارىسنى ئىنسانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايمىز.

ھەممە قوراللارنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھېدىلىكلىرى بار. بۇلارنى جايىدا ئىشلىتىپ ئوينىسىڭىز بۇ ئويۇننىڭ تولىمۇ پەچەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

ئويۇن ئىسمى : Sentinel: Mars Defense

ياسىغان شىركەت : Origin 8 Technologies Ltd.

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : OpenFeint

چوڭلۇقى : 12.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :


ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102271184.html/feed 0
جۇڭگوچە مۇداپىئە ئويۇنى – ئۈچ پادىشاھلىق قىسسىسى /201102031019.html /201102031019.html#comments Thu, 03 Feb 2011 15:01:58 +0000 پاسىبان /?p=1019 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك
无觅 ]]>

چاغانلىق سوۋغا سۈپىتىدە AppStore دا 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu نامىدىكى بۇ ئويۇننى ھەقسىز تارقىتپتۇ. ئويۇننىڭ لايىھەلىنىشىدە كۈچلۈك جۇڭگوچە پۇراق بار. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى تارىخقا قىزىقىدىغان ياكى مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا قىزىدىغان ئالمىداشلار سىناپ باقسا بولىدىغان ئويۇن. AppStore دا خېلى ياخشى باھالار بېرىلگەن ئىكەن. يەنە بىر بولىدىغان يېرى – رېتىنا ئېكران قوللايدۇ.

ئويۇندىكى يارقىن ئالاھېدىلىكلەر :

  • ئويۇن جۇڭگو تارىخىدىكى داڭلىق ئۈچ پادىشاھلىق قىسسىسى تارىخىىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان بولۇپ، لايىھەدە شۇ دەۋردىكى داڭلىق سانغۇنلارنىڭ خاس ئالاھېدىلىكى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز شۇ سانغۇنلارنىڭ ئالاھېدىلىكى بويىچە دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرىمىز.
  • قېلىچ، نەيزە، سوقماق ۋە ياچاق قاتارلىق قوراللار ئارقىلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق قەدىمىيلىك پۇرىقى كۈچەيتىلگەن.
  • 12 نەپەر داڭلىق سانغۇنلار بىزنىڭ سېپىمىزدە دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرىشىمىزغا ھەمدەمدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھېدىلىكى بولۇپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك مۇداپىئەگە ئېگە بولىمىز.
  • سانغۇنلارنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ
  • ئۆتكەلنى يېڭىپ ئۆتكەندىن كىيىن ھەرخىل مۇكاپاتلار بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.
  • 21 خىل ئۆتكەل 3 خىل قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن بىزنىڭ يېڭىپ ئۆتىشىمىزگە قالدۇرۇلغان.

بۇ ئويۇننىڭ ئايفوندىن باشقا ئايپەد نۇسقىسىمۇ بار. ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن تاللاپ چۈشىرىۋېلىڭ.

ئويۇن ئىسمى : 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu

ياسىغان شىركەت : Beijing Astepgame Co. Ltd

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

چوڭلۇقى : 128 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئايپەد ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ .

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102031019.html/feed 0
تەۋسىيە : يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مۇداپىئە ئويۇنى AutoRobot TD Defend and Defeat /20110115873.html /20110115873.html#comments Sat, 15 Jan 2011 14:19:38 +0000 پاسىبان /?p=873 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟
无觅 ]]>

بىر ئايفوندا ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان بىر ئويۇننى تېخى تۈنۈگۈن يوللاپ تۇرىۋېدىم، بۈگۈن مۇشۇنىڭدەك ئويۇندىن يەنە بىرسى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. بۇ  ئويۇننى گەرچە 1 ئايفوندا ئوينىمىغان بىلەن، كۆك چىش ياكى WiFi بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى AutoRobot TD Defend and Defeat . ئويۇننىڭ سۈزۈكلىكى ھەقىقەتەن يۇقىرى. ئايفون 4 كە ئۇيغۇن قىلىپ لايىھەلەنگەن يۇقېرى ئېنىقلىقتىكى HD ئويۇنى. ئويۇنخۇمارلار پۇرسەتنى چوقۇم ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئىككى ئايفون بولسا كۆك چىش ياكى WiFi سىمسىز تورى بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدىكەن. مەن ئويناپ باقمىدىم، ئەگەر شۇنداق بولسا چوقۇم بەك قىززىيدۇ.

60 ئۆتكەل، ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يۇقىرى سۈزۈكلۈك، iOS4 كە 100% ماسلىشىدىغان سىغىشىشچانلىق، ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش، ئارقا سۇپىدا ماي سەرپ قىلماسلىق، ھەرىكەت راۋانلىقى، ئايپود ئىچىدىكى مۇزىكىنى قويالايدىغان دېگەندەك مۇشۇنچىۋالا ئىقتىدارى بار ئىسىل ئويۇن! مەن تەۋسىيە قىلغان ئويۇنلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم. شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇردۇم.

ئويۇن ئىسمى : AutoRobot TD Defend and Defeat

ياسىغان شىركەت : Luke Yang

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى: 40.1  MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

* تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ياكى ئايپەد ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110115873.html/feed 1
تەۋسىيە ئويۇن – نىنجا توخۇلار /20110111768.html /20110111768.html#comments Tue, 11 Jan 2011 16:18:24 +0000 پاسىبان /?p=768 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

iPod touch 4 VS iPhone 4

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
بۇ ئويۇن بىر ئۆيدىكى چوشقا ۋە توخۇ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولۇپ بىز توخۇنىڭ رولىنى ئېلىپ «چوشقا» ئاتىمىز. ۋەقەلىكىدە چوشقىلار توخۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېسىل ئەڭگۈشتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا زەھەر قولىنى سالىدۇ. توخۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى بەختكە يارىشا ئامان قېلىپ، بۇ چوشقىلارغا قارىتا جەڭنى باشلايدۇ.

بۇ قېتىم ھەقسىز تارقاتقىنى 2-نەشىرى بولۇپ، 1-نەشىرى بىلەن كۆپ جايلىرى ئوخشىمايدۇ. بۇ ئويۇنمۇ مۇداپىئە ئويۇنلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. بىز ئاستى تەرەپتىكى توپنى باشقۇرۇش ئارقىلىق چوشقىلارنى توپ ئوقى بىلەن ئۆلتۈرۈپ يېقىن كەلتۈرمەيمىز.

ئويۇندا 3 خىل باشقۇرۇش ھالىتى، كۆپ خىل قورال، كۆپ خىل دۈشمەن بار. كۆرۈنۈشلىرى يېقىملىق. نېمىلا دېگەن بىلەن «چوشقا» ئۆلتۈرىدىغان ئويۇن بولسا قولدىن چىقارماي ئويناپ قويغۇلۇق :o))):

ئويۇن ئىسمى : Ninja Chicken 2

ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Game Center, OpenFeint

چوڭلۇقى : 22.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110111768.html/feed 3
تەۋسىيە : كلاسسىك ئويۇن – Tesla Wars (ئىچىدە ئايپەد نۇسخىسىمۇ بار) /20101223322.html /20101223322.html#comments Thu, 23 Dec 2010 12:07:49 +0000 پاسىبان /?p=322 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان مۇداپىئە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. سەرەڭگە كارتونلار ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشۇرۇلغان ئىلىكتىر مۇنارىغا ھۇجۇم قىلىشىدۇ. ھەر بىر مەيدان ئاياغلاشقاندا دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئېرىشكەن پۇلغا قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بۈگۈن Pavel Tarabrin ئايفون ۋە ئايپەد ھەرئىككى نۇسخىسىنى ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. ناھايىتى كەپسىز سەرەڭگە ئادەملەر ئوتتۇرىدىكى پاسىل تامغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ سۈرئىتى تىز، بەزىلىرىنىڭ قوللىرىدا كەكە-پالتا، بەزىلىرىنىڭ AK-47 ، بەزىلىرى بومبا يۈدىۋالسا، بەزەنلىرى سىنارەد… ئىشقىلىپ ھەرخىل شەكىلدىكى ئوماق سەرەڭگىچاقلار پاسىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز پاسىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىكتىر مۇنارى ئارقىلىق ئۇلارنى توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، مۇداپىئەدە تۇرۇش. نەچچە يۈز ئۆتكەل، 3 خىل ئويناش ئۇسۇلى بولۇپ يەنە ۋاقىت چەكلىمىسىز ئويناش ھالىتىمۇ بار. بۇنىڭدا تاكى ئوتتۇرىدىكى پاسىل تام بىتچىت بولغۇچە ئويناۋېرىسىز. تېخىمۇ كونكىرتنى ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈرۈپ ئويناپ سىناپ بېقىڭ.

ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. دۈشمەننى قولىڭىز بىلەن باسسىڭىز، ئېلىكتىر مۇنارىدىن توك چىقىپ ئۇلارنى توك سوقۇپ ئۆلتۈرىدۇ.  ئويۇننى توختۇتۇپ تۇرۇپ ھەرخىل ياردەمچى ئوق-دورىلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەر بىر ئۆتكەل ئاياغلاشقاندا پۇلغا مۇنارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى ياكى قورال-جابدۇقلارنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

ئەپچىل چارىلەر :

  • ھەر بىر مەيداندا مۇۋاپىق نەرسىلەرنى يېڭىلاشقا دىققەت قىلىڭ. ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئاشۇرۇپ تۇرمىسىڭىز دۈشمەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ ھەم كۈچىيىپ كېتىدۇ.
  • ھەر بىر ئۆتكەل باشلىنىشتىن بۇرۇن تامنىڭ قېنىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ۋاقتىدا رېمونت قىلىش كېرەك.
  • ئويۇن ئوينىلىۋاتقان پەيتتە ئېنىرگىيە ئۆزلۈكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنى سىز پۇلغا تولۇقلىمىسىڭىزمۇ تولۇقلاش سۈرئىتىنى يېڭىلاش ئارقىلىق تىزلەشتۈرسىڭىز شۇ كۇپايە.
  • راكىتا قويۇپ بېرىلگەندە سىز ئاسماندا تۇرۇپمۇ بومبىنى پاچاقلىۋىتەلەيسىز. بۇ راكىتا قويۇپ بېرىلگەندىن كىينكى ئەڭ قىيىن، لېكىن ئەپچىل مۇداپىئە ئۇسۇلى. چۈنكى ئۇ خېلى كۆپ قان سىيرىۋىتىدۇ.
  • ئاۋال ماي تۇڭى كۆتىرىۋالغان دۈشمەننى ئېتىڭ. ئۇ پارتىلاپ ئەتراپتىكىلەرنىمۇ زەخمىلەندۈرەلەيدۇ.

ئويۇندىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ ئۆتەيلى:

ياسىغان شىركەت :  Pavel Tarabrin

ئويۇن ئىسمى : Tesla Wars

ئويۇن تۈرى: مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى: 25.6 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101223322.html/feed 4