پاسىبان كۇلۇبى » كىنو | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون – رىيو (720P) /rio-movie-ug-subtitle-720p.html /rio-movie-ug-subtitle-720p.html#comments Tue, 13 Sep 2011 13:47:47 +0000 پاسىبان /?p=2730 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پاجانى زوندانىڭ تەگلىك رەسىمى (25P)

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق
无觅 ]]>

فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاخىرى كىرىشتۈرۈلۈپ تورغا يوللىنىپ بولدى. توردىن كۆرۈش نۇسقىسىنى شاھ بلوگى يوللاپ قويماقچى بولدى. بىز ھازىرچە 720P لىك RMVB نۇسقىسىنى چۈشۈرگەچ تۇرايلى.

فىلىمدىن كۆرۈنۈشلەر:

فىلىمنى DBank بوشلۇقىغا يوللىغاچقا 100 مېگابايتتىن ئوشۇق نەرسە يوللىيالمىدىم. شۇڭا 99 مېگابايتتىن 7 گە بۆلۈشكە توغرا كەلدى. تۆۋەندىكى ئادرېستن 720P لىك RMVB نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ:

چۈشۈرۈپ يېشىش ئۇسۇلى:

چۈشۈرۈش بېتىنى ئاچسىڭىز  Rio.pasiban.com.7z.001 دىن Rio.pasiban.com.7z.007 گىچە بولغان 7 دانە ھۆججەتنى كۆرىسىز.  ھەر بىرىنىڭ ئاخىرىدىكى 下载 نىڭ بېسىپ بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈڭ. ھەممىسىنى تولۇق چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنى ( مەسىلەن Rio.pasiban.com.7z.001 نى) يېشىمىز. ھەر بىرىنى ئايرىم ئايرىم يېشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە بىر يېرى، بۇ 7 ھۆججەتنىڭ ھەممىسى چوقۇم 1 مۇندەرىجىدە بولىشى كېرەك.

4.38 گېگابايتلىق 720P لىك MKV بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈش

يۇقارقىسىنى بەك سۈزۈك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاران 6 يۈز مېگابايت كېلىدىغان پرېسلانغان فىلىمدە. ئەگەر ماڭا ئوخشاش HD ھەۋەسكارلىرى بولسا بۇ فىلىمنىڭ BlueRay 720P لىك ئەسلى نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەپ قوياي. ئاندىن تەرجىمە قىلىنغان خەت ھۆججىتى SRT بىلەن قوشۇپ ئەڭ سۈزۈك ئۇيغۇرچە خەتلىك Rio نى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

Rio.2011.BluRay.720p.x264  4.38GB نى 迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.

تەرجىمە يېزىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ:

تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ

پاسىبان كۇلۇبىدىن چۈشۈرۈڭ

ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ سىز چۈشۈرگەن MKV ھۆججىتى بىلەن بىر مۇندەرىجىگە قويغاندىن كىيىن ھۆججەت ئىسمىنى ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىپ، KMPlayer دېگەندەك قويغۇچ ئارقىلىق قويسىڭىز خېتىنى ئاستىغا چىقىرىپ بېرىدۇ. خەت نۇسقىسى نورمال بولمىسا قويغۇچنىڭ تەڭشەيدىغان جايىدىن 字幕样式 دېگەن جايىدىن ئۇيغۇرچە فونتنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ (مەسىلەن UKIJ Tuz Tom نى تاللاپ قويۇڭ).

14-سېنتەبر يېڭىلانغىنى:

تورغا يوللىغىنى پارچىلىغىچە، يوللىغىچە بۇزۇلغان ئوخشايدۇ. مەن QQ邮箱中转站 گە يوللاپ قوياي. ئېلخەت ئادرىسىڭلارنى قالدۇرساڭلار شۇنىڭغا ئىۋەتىپ بېرەي. شۇ جايدىن چۈشۈرىۋېلىڭلار.

 

توردا كۆرۈش (ئايفون ۋە ئايپەد بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/rio-movie-ug-subtitle-720p.html/feed 49
نادىر كارتون رىيو تەرجىمە قىلىندى /rio-the-movie-has-been-translated.html /rio-the-movie-has-been-translated.html#comments Mon, 12 Sep 2011 07:34:13 +0000 پاسىبان /?p=2718 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

كوچا بېشىدىكى سەنئەتكارنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ
无觅 ]]>

ئالدىنقى بىر يازمىدا بۇ نادىر كارتوننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم بىلەن قوشۇپ بىر يازما يوللىغان ئىدىم. شۇ يازمىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن كونا كېسىلىم قوزغىلىپ، بۇنى قانداقلا بولمىسۇن بىر تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەپقالدىم. شۇنىڭ بىلەن 3 كۈن ھەپىلىشىپ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىشلەشكە تاپشۇردۇم.

بۇ نادىر كارتون برازىلىيەنىڭ چوڭ شەھىرى رىيودى ژانىيرونىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان بولۇپ، فىلىم باشتىن ئاخىر چىرايلىق كۆرۈنۈش، يۇمۇرىستىك ۋە رەڭگارەڭ گۈزەل قۇشلار، قىزغىن قايناق ھېسيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇزىكا بىلەن داۋام ئېتىدىغان بولۇپ، كىشىگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. بۇ يىلقى ئەڭ نادىر كارتون دېيىشكە بولىدۇ (ئەلۋەتتە بەزىلەر جانباز مۈشۈكئېيىق تەرەپدارى بولىشىمۇ مۇمكىن).

بۇ فىلىمنىڭ باش رولچىسى بلۇغا ئىجتىمائى ئالاقە تورى Social Network دېگەن فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى مارك زاكىربۇرگنىڭ رولىغا چىققان جېسىي ئېيسىنبۇرگ Jesse Eisenberg ئاۋاز بەرگەن.

بلۇنىڭ «لايىقى» جۇۋلغا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئەننى ھەزىۋەي Anne Hathaway ئاۋاز بەرگەن.

فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكىسى ئاللاھ خالىسا مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە تورغا يوللىنىدۇ. ئۇ چاغقىچە فىلىمگە ئاۋاز بېرىش، مۇزىكا ئىشلەش قاتارلىق بىر قاتار قىسقا فىلىملەرنى كۆرگەچ تۇرايلى.
بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى 1

ئاۋاز بېرىش كۆرۈنۈشلىرى

بۇ فىلىمنىڭ ۋەكىللىك مۇزىكىلىرىدىن I Wanna Party

فىلىم ئاخىرىدىكى يەنە بىر پەچەت ناخشا Telling The World

فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى شاھ بلوگىدا ئېلان قىلماقچى. ئاللاھ خالىسا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن 1-ۋاقىتتا كۇلۇپتىمۇ ئېلان قىلىمەن ھەم سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن. ياقتۇرغانلار ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر فىلىم. دىققىتىڭىز كۇلۇبىمىزدا بولسۇن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/rio-the-movie-has-been-translated.html/feed 6
2011-يىللىق يېڭى كارتون – RIO نى كۆرۈپ … /rio-the-movie.html /rio-the-movie.html#comments Sat, 03 Sep 2011 07:18:06 +0000 پاسىبان /?p=2652 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون – رىيو (720P)

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق
无觅 ]]>

ئەزەلدىن كارتون فىلىملەرگە ناھايىتى يېقىندىن دىققەت قىلىىپ كېلىمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو تۈرىم. بۇ يىل ئەتىيازدا قويۇلغان RIO نىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن، مېنىڭ تەبىئەتكە ۋە ئاشۇ ئوماق جانىۋارلارغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى.

فىلىمدىكى باش قەھرىمان بلۇ ئامازون ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ئەركىن ياشايدىغان شاتۇتى بولۇپ، فىلىمنىڭ بېشىدىلا ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئىنسانلار تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ شىمالى ئامېرىكىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. كىيىن لىندا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئەتىۋارلىق دوستىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن كىتاب دۇكىنىنى ئېچىشىپ بېرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە برازىلىيەلىك ئەتىۋارلىق قۇشلار تەتقىقات ئورنىدىكى بىر كىشى بلۇدىن ئىبارەت بۇ قۇش تۈرىنىڭ دۇنيادا پەقەت مۇشۇ بىر دانە ئەركەك جىنسلىقى قالغانلىقىنى، ئۇلار برازىلىيەدە چىشىدىن بىرنى تېپىپ قويغانلىقى، ئۇ ئىككىسىنى جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ نەسلىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتايىتەن برازىلىيەدىن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بلۇنىڭ رىئودى-ژانىرودىكى سەرگۈزەشتىلىرى باشلىنىدۇ. فىلىم باشتىن ئاخىرى يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق ھەم ئوماق كۆرۈنۈشلەر بىلەن داۋام ئەتكەچكە ئوغلۇممۇ بۇ كىنونى نەچچە ئون قېتىملاپ كۆرۈپ بولدى.

بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى: (ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ)

بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسى تېخى چىقىپ بولالمىدى. ئەگەر BD 1080P لىك نۇسقىسى چىقىپ قالسا ئاللاھ خالىسا چوقۇم ساقلاپ قويىمەن. تۆۋەندە بۇ كىنونىڭ 720P لىك سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي. سۈزۈك فىلىمگە ئامراقلارچۈشىرىۋېلىڭلار:

迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ.

كىچىكىمدىن ئائىلىدە باقىدىغان ئەرمەك ھايۋانلارغا بەك ئامراق بولغاچقا، بەكلا جىق ھايۋانلارنى بېقىپ بېقىپتىمەن. يېقىندا بىرزات ھەكىمنىڭ ئۆيدە بىر-ئىككى ئەرمەك ھايۋان بېقىپ قويسا پەرزەنتلەرنىڭ مېھر-مۇھەببەتلىك بولۇش پىسخكىسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، بىنا ئۆي بولسىمۇ مۈشۈك باققۇسى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئوغلۇمغا بىرەر خىل جانىۋارلارنىڭ ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەپقالدىم. دەل مۇشۇ پەيتتە بلۇ ئېسىمگە چۈشتى ۋە ئىلگىرى ماڭا بەكلا كۆنگەن بىر شاتۇتىم بولىدىغان، شۇ ئېسىمگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاتۇتىنى تاۋباۋ تورىدىن سېتىۋالدىم.

لېكىن بۇ شاكىچىكلەر بەكلا قورقۇنچاق كېلىدىكەن. جۇغى كىچىك بولغاچقىمېكىن، قېچىپلا يۈرۈيدۇ. قولغىمۇ تەستە كۆنىدىغان ئوخشايدۇ. ئالغاندىن كىيىن چوڭراقىنى ئالاي دەپ ئىزدەپ كۆرسەم چوڭراق شاتۇتىلارنىڭ باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن. گەپ قىلىدىغانلىرى تېخىمۇ شۇنداقكەن.

جۇغى چوڭلىرىدىن ئۈستىدىكى رەسىمدىكى رەڭدار تۇتىقۇش كۆپرەك ئۇچرايدىكەن. باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن 40~50 مىڭ يۈەنگىچە بار ئىكەن. كۆندۈرۈلگەنلىكى، گەپ قىلىش قىلالماسلىقى، رەڭلىرىگە قاراپ باھاسىمۇ ھەرخىل ئىكەن. بەزىلىرى گەپ قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ. بەدەن ئۇزۇنلىقى 70~100 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىكەن. بۇلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ ئۆزلىرى كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغاچقا ئېگىسىگە بەكلا يېقىن ئىكەن. 40~50 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن.

مۇشۇ كىنونىڭ تۈرتكىسىدە شاتۇتىغا يەنە بۆلەكچە ئىشتىياق باغلاپ قالدىم. روزا ھېيتتا دوستۇمنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىللە خاڭجۇ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىغا بېرىپ ئويناپ كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئەقىللىق جانىۋارلارنى خېلى ئوبدانلا كۆندۈرۈپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ بۇ خىل تۇتىقۇشنى قىممەت بولسىمۇ زادى بىر بېقىش قارارىغا كەلدىم. قىممەت ئالساق ساتقاندا يەنە قىممەت ئالىدىكەن ئەمەسمۇ.

ئەقىللىق جانىۋار شاتۇتىنىڭ بىر قانچە قىزىقارلىق ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

RIO فىلىمىدىكى سەلبى ئوبراز رولىنى ئالغان نايجىل ئىسىملىك ئاق تاجلىق شاھتۇتى «ئۇسۇل ئويناش ئىنسانلارنىڭ پاتېنتى ئەمەس» ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويدى. (03:25 تىكى جايى سىننىڭ يورۇق نوقتىسى، دىققەت قىلىڭ)

(ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)

سېنېگال شاتۇتىسى شاتۇتىلار ئىچىدە خېلى ئەقىللىقى بولۇپ بۇ ئېگىسىنىڭ مەشىق قىلدۇرىشى بىلەن ئىنتايىن چېچەن بىر جانىۋارغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ رەڭ تونۇشىغا قاراڭ. (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)

بۇ جانىۋارنىڭ ئەپچىللىك بىلەن «قارىغا ئېتىشىنى» كۆرۈڭ… (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)

بۇ جانىۋرا كىشىنىڭ بەكلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىكەن… (ئايپەد ۋە ئايفوندا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)

بۇنداق مەشىقلەرنى قانچە ئۇزۇندا قىلىپ بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ سىننى كۆرۈپ مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەقىللىق جانىۋارىم بولغان بولسا دەپ قالدىم … (ئايفون ۋە ئايپەدتە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.)

ئىلگىرى مودەن شاتۇتى دەپ ئاتىلىدىغان جۇغى كىچىك بىر شاتۇتى باققان ئىدىم. قەپەس ئوچۇق تۇراتتى. ئەتىگېنى ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ كەچتە كېلەتتى. دان ۋە سۇلىرىنى قەپىزى ئىچىگە سېلىپ بېرەتتىم. ماڭىمۇ شۇنداق كۆنگەن. ئۇنىڭغىمۇ ئەركىنلىك بېرەلىگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولغان ئېدىم. كىيىن مەھەللىمىزدىكى بىر كەپتەرۋاز تۇتىۋېلىپ يوقاتتى. بازارغا چىقسا 40~50 كويغا ئالمايدىغان قۇشنى نېمە قىلاركىن تاڭ، سوراپ كىرسەم بەرمەسلىكىنى بىلىپ كىرمەيلا قويدۇم. بىچارە قۇش شۇنىڭ بىلەن يوقىغان بولدى.

شۇ ئۆتمۈشلىرىمگە بلۇنىڭ كىنوسىنى قوشۇپ قايتىدىن شاتۇتى بېقىش، باققاندىمۇ چوڭراقىنى بېقىش ئويىغا كېلىپ قالدىم. ئارىمىزدا چوڭراق شاتۇتى بېقىپ باققىنىڭلار بارمۇ؟ قانداق تەسىرات ۋە تەجرىبەڭلار بار؟ ئورتاقلاشساق …

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/rio-the-movie.html/feed 4
نانىيا رىۋايىتى 1 /201104251610.html /201104251610.html#comments Tue, 26 Apr 2011 06:00:20 +0000 پاسىبان /?p=1610 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>

2-دۇنيا ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمدە كىچىك قىز لۇسىي مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناۋېتىپ باشقا بىر غايىۋانە بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاكا-ھەدىلىرىمۇ كىرىدۇ. گۈزەل نانىيا دۆلىتىگە پادىشاھ بولىۋالغان ئايال پېرخوننى تۆتەيلەن ئادىل پادىشاھ ئارسلاننىڭ ياردىمىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ نانىيالىقلارغا قايتىدىن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ كىنونىڭ ھەر بىر قىسمىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي كىنوخانىدا كۆرۈپ كەلدىم. ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىملارغا قىزىقىدىغان خاراكتىرىم بىلەن 1-سىنى تۇنجى قېتىم كىنوخانىدا كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن مەندە ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. شۇندىن بۇيان نەچچە رەت كۆرۈپ چىققىنىمقىمۇ بىلمەيمەن. بۇ كىنونىڭ 2-سى، يېقىندا 3-سىمۇ چىقتى. لېكىن يەنىلا 1-سىگە يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم. شۇ چاغلاردا قۇتياردىكى rock بىلەن تەرجىمە ئىشلىرىنى تاماملىغان ئىدۇق. ئارىلىقتا تور بىرمەزگىل تاقالغاندىن  كىيىن ئۇمۇ تەڭ غايىب بوپتۇ. مېنىڭ قاتتىق دېسكاممۇ يۈتۈپ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى يوقلا بولدى. بۈگۈن شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكى سەركەردىلەر بۇنى قايتىدىن روياپقا چىقاردى. گەرچە ھازىر 3-سىمۇ چىقىپ بولغان بولسىمۇ 1-سىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى يەنىلا يوق. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201104251610.html/feed 5