پاسىبان كۇلۇبى » قوللىنىشچان | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە! /gifts-for-qurban-eid.html /gifts-for-qurban-eid.html#comments Tue, 08 Nov 2011 02:19:00 +0000 پاسىبان /%da%be%db%90%d9%8a%d8%aa%d9%84%d9%89%d9%82-%d9%84%d8%a7%d8%b2%d9%89%d9%85%d9%85%db%87%d8%9f-%d9%85%d8%a7%d9%86%d8%a7-%d8%a6%db%95%d9%85%d9%89%d8%b3%db%95.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!
无觅 ]]>
قۇربان ھېيتلىق سوۋغا ئالغاچ كەلدىم!

ھېيتلىق سالام يوللاپ تۇتۇلۇپ قالدىم. تورداشلار ھېيتلىق يوقمۇ، دەپقالدى. ھېيتلىق قۇرۇق سالام ياقمىغانمۇ ئوخشايدۇ. قۇرۇم سالامنىلا يوللىماي 2 تال ئەپ بولسىمۇ ئالغاچ كەلدىم. ئويۇن دېگەن ساماندەك. لېكىن ئويۇنغا تۇتۇپ بېرىشتىن كۆرە قوللىنىشچان 3 ئەپنى تەۋسىيە قىلاي دېدىم. ئىشتاھانى يوغان ئېچىپ يازمىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئەمىسە!

汽车之家

1. 汽车报价

بۇ ئەپ 汽车之家 ئورگان تور بېكىتىنىڭ مەخسۇس ياسىغان پروگراممىسى بولۇپ، ھەرقايسى ماركىدىكى ماشىنىلارنىڭ باھاسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرىنى تور ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ. مەن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان تەۋسىيەلىك ئەپ.

ماشىنىلارنى ماركا بويىچە، باھا بويىچە ۋە باشقا شەرتلەر بويىچە ئىزدىگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، سۈزۈك رەسىملىرىنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن.

قۇربان ھېيتلىق سوۋغا ئالغاچ كەلدىم!

بۇ ئەپ ھەقسىز. بۇ جاينى بېسىپ بىۋاستە iTunes چۈشۈرۈش بېتىگە بېرىڭ.

The Converter

2. The Converter ئايلاندۇرغۇچ

مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايلاندۇرغۇچ. بۇنىڭ ئاساسەن ئايلاندۇرمايدىغان نەرسىسى ئاساسەن يوق. ئايلاندۇرىدىغان نەرسىلىرىنىڭ تۈرى، ئايلاندۇرۇش خىللىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. مۇشۇنداق 转换器 تۈرىدىكى ئەپلەرگە ئېھىتياجى بارلارغا 1-نومۇرلۇق تەۋسىيە ئەپ.

نېمىنى ئايلاندۇرىدىغان بولغىيتى دەپ قالمايلى، بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىغا بىرنى قوياپلا ئايلاندۇرىۋەتمەيدۇ. بەلكى دوللارنى يۈەنگە، يۈەننى لىراغا، سانتىنى مېتىرغا، توننىنى گرامغا، سېكونتنى يىلغا … مۇشۇنداق ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. ئىشقىلىپ، قۇرۇق گەپنىڭ پايدىسى، نوچى ئەپ!

رەسىمىدىن 2 تال كۆرۈپ باقايلى.

يۇقارقى رەسىمدىكى ئۇلىنىشنى بېسىپ 0.99 دوللارلىق باھادا ھەقلىق سېتىۋالىدىغان بەتكە بارالايسىز. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغانلار بوپقالسا يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي. بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.

AppBox Pro: A Swiss Army Knife for Your Digital Life

3. AppBox Pro

بۇ ئەپ خۇددى رەسىمدىكى شىۋىتسارىيە ھەربىي پىچىغىدەك «ئىچىدە ھەممە نەرسە بار» بىر ئەپ بولۇپ، ئىچىدە سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز چۈشىدىغان بىرەر نەرسە چوقۇم تېپىلىدۇ. مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەپنىڭ بىرى.

بۇنىڭ ئىچىدە باھا سېلىشتۇرۇش دەيدىغان بىر نەرسە بار. بۇنى ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىپ قويىمەن. يەنى، 3 كېلوگراملىق ياغنىڭ باھاسى 33 كوي بولسا، 5 كېلوگراملىقنىڭ 45 بولسا بۇنىڭ قايسىسى ئەرزان توختايدۇ، دېگەندەك ھېساۋاتنى چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. ئىشقىلىپ تاللا بازىرىدا ئىككى خىل مىقدار، ئىككى خىل باھادىكى نەرسىنى سېلىشتۇرۇشتا ئاشۇ ئىقتىدارى بەلەن ئىشلەيدۇ.

بۇ ئىقتىدارى بۇ ئەپنىڭ ئىچىدىكى 1 تال قورال خالاس. مۇشۇنداق قورالدىن جەمئىي 32 سى بار. شۇڭا دېدىمغۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە سىزگە ئىشلەيدىغىنى چوقۇم چىقىدۇ.

يۇقارقى رەسىملەرنى چېكىپ iTunes سېتىۋېلىش ئادرېسىغا بېرىڭ. باھاسى 1.99 دوللار. لېكىن مۇشۇ باھاغا ئەرزىيدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنىڭمۇ يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي. بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.

خوش ، ھېيتچە مۇشۇ 3 ئەپنى «خەجلەپ» تۇرۇڭلار. ئاللاھ نىسىپ قىلسا كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىمەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/gifts-for-qurban-eid.html/feed 11
تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ /quran-majeed.html /quran-majeed.html#comments Tue, 25 Oct 2011 04:00:16 +0000 پاسىبان /?p=3187 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

ئايفوندا TXT ھۆججىتى كۆرۈش دەرسلىكى (فىلىملىك)
无觅 ]]>
تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

App Store دا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەپلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇلارنىڭ سانى، تۈرى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇلارنىڭ قاتارىدا ئىسلامىي ئەپلەرنىڭ سانىمۇ ناھايىتى زور سالماقنى ئېگەللەيدۇ. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ ئەپنى مەن مۇشۇ تۈردىكى ئەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىل بىر ئەپ ھېساپلايمەن.

Quran Majeed دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ پاكىستان Pak Data Management Service شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان قۇرئان ئوقۇغۇچ بولۇپ، ئاۋازلىق ئوقۇش، تەرجىمىسىنى كۆرسىتىش، ئايەتنى خالىغانچە چوڭ-كىچىك كۆرسىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە.

ئاۋازلىق ئوقۇش Lite نۇسقىسىدا (سىناق نۇسقىسى) پەقەت ئابدۇراھمان سۇدەيس ۋە شۇرەيم دىن ئىبارەت ئىككى قارىنىڭ ئاۋازى تەمىنلىنىدۇ. تولۇق نۇسقىسى (ھەقلىق نۇسقىسى) دا جەمئىي 10 قارىنىڭ ئاۋازى تەمىنلىنىدۇ.

تەرجىمىسىنى كۆرسىتىشتە سىناق نۇسقىسىدا پەقەت سۈرە فاتىھەنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. تولۇق نۇسقىسىدا ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، تۈركچە، روسچە قاتارلىق 12 خىل تىلدا تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېنگلىزچە ۋە ئوردۇچە تەرجىمىسىنى ئاۋازلىق ئوقۇيدۇ.

ئايەتنى خالىغانچە چوڭ-كىچىك كۆرسىتىش دېگىنىمىزدە iPad ۋە iPhone نىڭ ئېكرانىغا ماس ھالدا ئايەتلەرنى چوڭ-كىچىك قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز. بۇ ئەپتە كىتاب شەكلىدىكى قۇرئانغا ئوخشاش مۇقىم بەت سانى يوق. چۈنكى ئايەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بەت سانى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى قۇرئاننى «قۇرئان مەجىد» دەيمىز. شۇڭا بۇ ئەپنىڭ ئىسمىغا بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇشۇ ئىسىمنى قويغان بولىشى مۇمكىن.

ماڭا ئەڭ يارايدىغان يېرىمۇ دەل مۇشۇ ئىقتىدارى. ياشقا چوڭلار ئۆزى خالىغان بىر شەكىلدە چوڭايتىپ خەتنى دانىمۇ-دانە چىقىرىپ ئوقۇسىمۇ، بىزدەك كۆزى ياخشىلار كىچىكلتىپ iPhone نىڭ ئېكرانىغا كىچىك سۈرىلەردىن 4~5 نى سىغدۇرىۋالساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئايەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېكراننىڭ تۈز ياكى يانتۇلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىشى پۈتۈنلەي بىزنىڭ قولىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن، لوپا ئەينەك ئەمدى چوڭ ئاپىلىرىمىزنىڭ قولىدىن يىراق بولىدۇ.

رەھمەتلىك چوڭ ئاپاممۇ ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇغاندا مۇشۇنداق لوپا ئەينەك ئىشلىتەتتى. ئەگەر ھېلىھەم ھايات بولغان بولسا iPad تىن بىرنى ئېلىپ مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسام قانچە دۇئا قىلىپ كېتەردى ھە؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن… ئاللاھ شۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن.

بۇ ئەپ Universal بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈشۈرىۋالغان بىر تال ئەپنىڭ ئۆزىنى iPad ئۈچۈن بىمالال قاچىلىيالايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەپ iPad تە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ. تۆۋەندىكىلىرى iPad تىكى كۆرۈنمە يۈزى.

بۇ ئەپنىڭ تولۇق نۇسقىسى 4.99 دوللار. سىناق نۇسقىسى ھەقسىز. مەن ھەر ئىككىسىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇراي. لازىملىق ئۇلىنىشتىن كىرىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئەپ ئىسمى : Quran Majeed

ساتقۇچى : Pakistan Data Management Services

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 32.6 MB

باھاسى : 4.99 دوللار

تولۇق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

سىناق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بۇ ئەپتە ھازىرچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق. بەلكى كىيىنكى نەشىرلىرىدە بۇ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ مۇمكىن. ئالاقىلىشىش ئىمكانى بارلار ياسىغان شىركەتكە، ئۇيغۇرچە قۇرئاننىڭ PDF ياكى DOC ھۆججىتىنى تەمىنلىيەلەيدىغانلارغا بۇنى ئىنكاس قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئەپنى مەيدانغا چىقىرىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەۋسىيە

ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا يەنە نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر تەۋسىيە قىلىندى. ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق بولغان، سىز ئۆزىڭىز ياخشى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەپ بولسا iTunes چۈشۈرۈش ئادرېسىنى، ياكى تولۇق ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. ھەممىمىز تەڭ پايدىلىنايلى.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/quran-majeed.html/feed 20
تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient /amazing-direction-app-orient.html /amazing-direction-app-orient.html#comments Sun, 23 Oct 2011 07:42:37 +0000 پاسىبان /?p=3158 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ - Orient

iPhone نىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىدىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بۇ ئەپ ئۆزىنىڭ سىغىمىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، ناھايىتىمۇ قوللىنىشچان ئىكەن. قوللىنىشچانلىقىغا باقماي، بۈگۈن يەنە ھەقسىز ئىكەن! لېكىن بۇ پۇرسەتنى كەتكۈزىۋەتسىڭىز دوللار خەجلىسىڭىزمۇ ئەرزىگۈدەك ئەپ ئىكەن.

بۇ شەرق-غەربنى كۆرسىتىدىغان كومپاس ئەمەس. بەلكى ئۆزىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىمىزغا ئاساسەن قەشقەر بىلەن ئاتۇشنى، خوتەن بىلەن ئاقسۇنى، ئالتاي بىلەن ئىلىنى، تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى؛ مەككە بىلەن مەدىنىنى، پارىژ بىلەن ئىستانبۇلنى، لوندون بىلەن نىيۇ-يوركنى، بېرلىن بىلەن رىيونى … كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.

كۆرسىتىش ئۈچۈن تور موھىتى بولىشى كېرەك ئەمەس. خەرىدىتىن كۆرسىتىشكە بەلكى تورغا ئۇلىنىشى شەرت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى ئاساسەن ئالدىن كىرگۈزۈپ قويۇلغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ئورنىمىزغا ئاساسەن ئەپ ئىچىدىلا ھېساپلاپ كۆرۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

بەلگىلەنگەن شەھەرلەرنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندىن سىرت بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە شۇ شەھەر بىلەن تۈز سىزىق بويىچە تۇتاشقان سىزىقنىڭ ئۇزۇنلىقى، ماشىنا بىلەن ماڭىدىغان تاشيولنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئايرۇپىلان بىلەن تۈپتۈز ئۇچساق شۇنچىلىك ئارىلىق ئۇچقاندىن كىيىن دېگەن جايغا بارىمىز.

ئەسلىدە بولمىغا بىرەر شەھەرنى، ئېنىقراق ئېيتساق ھەتتا بىرەر جاينى ئۆزىمىز خالىغانچە قوشۇپ قويالايدىكەنمىز. مەسىلەن، iPhone نىڭ ئورۇن بەلگىلىشى ھەممىمىزگە ئايان، ناھايىتىمۇ ئىنچىكە. بىز بىرەر دوستىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بەلگىلەپ قويغاندىن كىيىن، كېلەر قېتىم بېرىشقا توغرا كېلىپ، ئۆينى بىۋاستە تاپالمىغان ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ ئەتراپقا بىرىپ مۇشۇ ئەپنىڭ ياردىمىدە ئارىلىقنى ۋە تەرەپنى بەلگىلەپ تۇرۇپ ناھايىتى ئاسانلا تاپالايمىز.

بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق مەككە مۇكەررەمەدىكى مەسجىدىل ھەرەمنىڭ ئورنىنى قوشۇپ قويۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايىدىن قىبلىنىڭ 100% توپتوغرا ئورنىنى بىمالال تاپالايمىز. ھېچقانداق قوشۇمچە ئەپ ياكى ئۈسكۈنىنىڭ ھاجىتى يوق، قولىمىزدىكى iPhone غا مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپلا قىبلىنى تېپىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالىغۇدەكمىز.

يات شەھەرلەردە بولغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ قويۇپ، مۇساپىرچىلىق ھېجرانىدا پىغان تۇتقاندا، ئاشۇ تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ ئاتا-ئانمىزغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىساق … بۇنىڭدا بۆلەكچە بىر تۇيغۇ پەيدا بولىدىغۇ دەيمەن…

بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال ئەپ بولۇپ، iPhone ۋە iPad كە تەڭلا ماس كېلىدۇ. مۇشۇ دەرىجىدە قولاي، گۈزەل بىر ئەپنى قاچىلاپ قويماسلىققا يەنە قانداق باھانىڭىز بار؟ يەنە كېلىپ بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز! قېنى ئەمىسە!

ئەپ ئىسمى : Orient

ساتقۇچى : Sonic Vision Create Inc.

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 1.2 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/amazing-direction-app-orient.html/feed 19
ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ! /gplayer.html /gplayer.html#comments Wed, 19 Oct 2011 04:49:52 +0000 پاسىبان /?p=3130 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

قويغۇچلارنىڭ ئىسىملىرىنى تۇتماقمۇ تەس بوپكەتتى. TPlayer, OPlayer … توردىكى ھەقسىزلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىدا ئەلۋەتتە سەۋەبى بار. ياكى بولمىسا ئىقتىدارى تۆۋەن، ياكى بولمىسا قويۇدىغان نەرسىسى ئاز. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم GPlayer .

 

قويغۇچنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. بۇ iPhone نىڭ ئۆزىدىكى سىن قويغۇچ قويالمايدىغان ھەرخىل مېدىيا ھۆججەتلىرىنى قويالايدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنى iPhone ياكى iPad كە ئۇزىتىش ئۈچۈن پەقەت iTunes بولسىلا بولدى. ھەتتا بەزىلىرى WiFi ئارقىلىقمۇ يوللىيالايدۇ.

بۇ ئەپنى بۈگۈن ھەقسىز قىلىپ تارقاتقان ئىكەن. ۋاقىلىق ھەقسىز (ۋاقىتلىق ھەقسىز ئەپ بۈگۈن ھەقسىز، بەلكى ئەتىلا ھەق ئېلىشنى باشلىشى مۇمكىن بولغان ئەپ) ، لېكىن ھەقىقىي نەشىردىكى قويغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە كېلىپ iPad ۋە iPhone غا تەڭ ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال بولغانلىقى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.

بۇ ئەپنىڭ قوللايدىغان ھۆججەت فورماتلىرى:

✔ XVID/DIVX AVI, WMV, RMVB, ASF, H264, MKV, TS, M2TS…
✔ MP3, WMA, WAV, OGG, FLAC…
✔ SMI, ASS, SUB, SRT, TXT…

بۇ ئەپ تېخى Apple tv غا AirPlay ئارقىلىق سىن ئۇچۇرلىرىنى يوللىيالايدىكەن. ئېكران تاقالغان ھالەتتە سىن قويالايدىكەن. ئەپ ئىچىدە ھۆججەت ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش، كېسىپ-چاپلاش، ئىسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. فىلىمدىن قىسقا كۆرۈنۈش كۆرگىلى بولىدىكەن. سىن قويغاندا ئالدىنقى قېتىم كۆرۈپ بولغان جايدىن باشلايدىكەن. خەت ھۆججىتىنىمۇ قوللايدىكەن.

ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى – مۇشۇ بىر تال ئەپ ھەم iPhone غا، ھەم iPad كە ماس كېلىدىكەن. ئىككى نەرسە ئۈچۈن ئىككى خىلنى سېتىۋېلىش (ھازىر پەقەت ھەقسىز چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە) نىڭ ھاجىتى يوقكەن. ئۇنداقتا نېمىگە ساقلايسىز؟ ھەق ئېلىشتىن بۇرۇن دەرھال چۈشۈرىۋېلىڭ!

ئەپ ئىسمى : GPlayer

ساتقۇچى : Ginkgo Tech

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 11.8 MB

باھاسى : 0.99 دوللار

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/gplayer.html/feed 12
ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (4) – iWatermelon /amazing-app-iwatermelon.html /amazing-app-iwatermelon.html#comments Wed, 19 Oct 2011 03:40:11 +0000 پاسىبان /?p=3124 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ
无觅 ]]>
iwatermelon-01

راستىنى ئېيتسام بۇ ئەپنى دەسلەپتە كۆرۈپ كۈلۈپ تاشلىدىم. قىززىق ئەپلەر بولىدىكەن. بۇ ئەپنىڭ غەلىتىلىكىدىن راستىنلا تەۋسىيە قىلماي بولمىدى. بىزدە پەقەت iPhone بولسىلا باققاللاردىن خام كاۋا، خام تاۋۇزلارنى تاللاپ ئىلغىۋېتەلەيدىكەنمىز.  :o))):

بۇ ئەپنىڭ ئۆزىگە يارىشا خىزمەت پرىنسىپى بار ئىكەن. بىز iPhone دا بۇ ئەپنى ئېچىپ تاۋۇزنىڭ ئۈستىگە قويىدىكەنمىز. تاۋۇزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگىنى تاللاپ بەرگەندىن كىيىن تاۋۇزغا 3 قېتىم ئۇرىدىكەنمىز. تاۋۇزدىن چىققان ئاۋازنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ تاۋۇزغا نومۇر قويىدىكەن. 1 يۈرەك بوپقالسا بۇ تاۋۇزنى تاللىمىساقمۇ بولىدىكەن. ئەگەر 3 يۈرەك چىقىپ قالسا بۇ تاۋۇز ئاساسى جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى، تاتلىق تاۋۇز بولۇپ چىقىدىكەن.

ھەممىمىز بىلىمىز، ئەلۋەتتە بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %100 ئەمەس. ئادەملەرمۇ %100 توغرا تاپالمايدۇ ئەمەسمۇ. ئەمەلىي سىناقلاردىن بايقىلىشىچە 1 يۈرەك باھا بېرىلگەن تاۋۇزلارمۇ بەلكى ياخشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن. لېكىن 3 يۈرەك باھا بېرىلگەن تاۋۇز ئاساسەن ياخشى چىقىدىكەن. شۇڭا iPhone ىمىز بىزگە يامان تاۋۇز تاللاپ بەرمەيدىكەن دېسەك تامامەن بولغۇدەك. تۆۋەندە ئەمەلىي سىناقنى سىن ئارقىلىق كۆرۈپ چىقايلى.

بۇ خەۋەنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ.

بۇ ئەپنىڭ كارامىتىنى ئاساسەن كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن بىلدىڭىزغۇ دەيمەن. ئەڭ يېڭى نەشىرىدە كاۋىنىڭ ياخشى-يامىنىنىمۇ ئايرىپ بېرىدىكەن. بۇ ئەپ ئارقىلىق ئىچى بوش بىرەر نەرسىنىڭ (مەسىلەن، ئىچىملىك قۇتىسى، شىرە) ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ سىنىغاندا ئۆزگىچە جاۋابلارغىمۇ ئېرىشكۈدەكمىز. سىناپ باققۇلۇق.

مەن ئېنگىلىزچە نۇسقىسىنى تېپىپ بوشلۇققا چىقىرىپ قويدۇم. خەنچە نەشىرىنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ قويدۇم لېكىن قاچىلىمىدىم. ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئەپ ئىسمى : iWatermelon Deluxe

ساتقۇچى : LookAndFeel

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش، قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 12.8 MB

باھاسى : 0.99 دوللار

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى (ئېنگلىزچە) : بۇيەرنى بېسىڭ

يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى (مۇرەككەپ خەنچە) : بۇيەرنى بېسىڭ

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/amazing-app-iwatermelon.html/feed 10
ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (2) – ئالۋاستى گېتار /ghost-guitar.html /ghost-guitar.html#comments Thu, 13 Oct 2011 12:03:00 +0000 پاسىبان /?p=2991 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>
ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (2) – ئالۋاستى گېتار

سىز بىرەر گېتار مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارىڭىزچە قولىڭىزنى گىتار چالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ «تەڭكەش» قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ مېنىڭچە مۇزىكىغا ئىشتىياقى كۈچلۈكلەر مۇشۇنداق بوپكەتسە كېرەك. بۇ ئەپ سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قامدىيالىشى مۇمكىن.

GhostGuitar دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ سىزنىڭ قولىڭىزنى كۆرۈپ قولىڭىزنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن گېتار ئاھاڭلىرىنى تامامەن تولۇق چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. سىز گېتار چالماقچى بولسىڭىز نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ سېتىۋالمىسىڭىزمۇ، iPhone ىڭىز بولسا پەقەت 2 دوللار خەجلەپلە بۇ ئوقەتكە گېتار سەپلىيەلەيسىز.

بۇ ئەپ Microsoft نىڭ XBOX دىكى kinect نىڭ ئۇقۇمى بىلەن ئوخشايدۇ. بىز ئېكرانغا قاراپ قولىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرسەكلا، ئېكراندىكى چالغۇ-ئەسۋاب ياكى بىرەر ئويۇننى كونترول قىلالايمىز. ئۇنى قولىمىز بىلەن بېسىپ ياكى رول بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئۇقۇم سىزگە «كەلگۈسى دۇنيا» دېگەن فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىتىۋاتامدۇ؟ بەلكى شۇنداق زامانلار كېلىۋاتقان بولسا كېرەك.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بۇ ئەپنى جايىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى iPhone 4 ياكى iPad دېگەندەك ئالدىدا كامېراسى بولغان iDevice بولىشى كېرەك. بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز : iPhone ياكى iPad نى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ قويۇپ مۇقىم جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش. ئاندىن بىز چالماقچى بولغان مۇزىكىنى تاللاپ گېتار چېلىشنى باشلاپ كەتسەك بولدى. بۇ ئەپ ئېكراندا مەۋھۇم گېتاردىن بىرنى كۆرسىتىدۇ. بىز قولىمىزنى ئاشۇ گېتار ئۈستىگە ئەكىلىپ تەڭكەش قىلىپ چېلىپ چۈپكەتسەك بولغىنى. قىزىقمىكەن؟

بۇ ئەپ قارىماققا ھەر قېتىم چالغاندا iPhone نى بىر يەرگە ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن چالغىلى بولىدىغان «ئاۋارىچىلىق»نى پەش قىلىشىڭلار مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتىكى گېتارنىمۇ تەڭشىكىنى تەڭشىمىسە چالغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ چالغان ھالىتىمىزنى سىنغا ئېلىپمۇ قويالايدىكەنمىز.
بىر تال iPhone غا قاراپ «دىۋەڭ» گە ئوخشاش قولنى شىلتىپ يۈرسە غەلىتە تۇيۇلامدىكەن؟ لېكىن مۇشۇ iDevice نىڭ ئۆزگىچە ئالاھېدىلىكى ۋە قىزىقارلىقلىقى ئەمەسمۇ؟

 

 

 

بۇ ئەپنىڭ قانداقلىقىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈۋېلىڭ.


بۇ ئەپ iPad ۋە iPhone غا ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان ئىكەن. شۇڭا iPhone ۋە iPad ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەپ ئىسمى : Ghost Guitar

ساتقۇچى : Yonac Inc.© 2011

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 19.2 MB

باھاسى : 1.99 دوللار

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ghost-guitar.html/feed 7
ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (1) : Heart Rate /heart-rate.html /heart-rate.html#comments Tue, 11 Oct 2011 04:38:51 +0000 پاسىبان /?p=2986 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ تېلفۇن ئۇرۇشنى قولاي قىلغىلى بولىدۇ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>
ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (1) : Heart Rate

iPhone نى Steve Jobs ياساپ قويغىنى بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىشتا پروگراممېر ئاۋانگارتلار تولىمۇ چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ iPhone شۇ قەدەر قوللىنىشچان بىر نەرسىكى، سىز ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھېدىلىكلىرىنى مەڭگۈ توپمۇ-تولۇق بايقاپ ۋە ئىشلىتىپ بولالمايسىز.

 

مەن ئەڭ دەسلەپ بۇ ئەپنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈممۇ قولۇمدىكى بۇ ئوقەتنىڭ نەقەدەر كېڭەيتىشچانلىققا ئېگە ئىكەنلىكىدىن، ئەقىللىق پروگراممېرلارنىڭ ئەجرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.  بىز ئەمدى ئېلېكترو كاردىئوگرامما (心电图) غا چۈشۈش ئۈچۈن ئاتايىتەن دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئوخشايدۇ. قولىمىزدا iPhone بولسىلا يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى، رېتىمى دېگەن تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېگە بولالايدىكەنمىز.

بۇ ئەپنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىنى ئۆلچەشنى ئۆزۈم سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ باقتىم. ئىنتايىن توغرا چىقىدىكەن. باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇلارغا ناھايىتى توغرا سانغا ئېرىشىپتۇدەك.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئەپنى قوزغاتقىنىمىزدا iPhone 4 بولسا ئارقىدىكى چاقماقنى ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ ۋە DETECTING FINGER دېگەن ئۇچۇر كۆرىنىدۇ. بۇ بارماقنى سېزىۋاتقانلىق ئەسكەرتمىسى. بىز بۇ چاغدا كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزنى كامېراسىغا چاپلاپ تۇتىمىز. ئاندىن ئاپتۇماتىك ھالدا يۈرەك رېتىمىنى سېزىشكە باشلايدۇ. بارماقنى قويغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا ھەقىقىي يۈرەك سوقۇش رېتىمىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا تەبىئىي ھالەتتە يىنىكلا قويساق بولدى. بارماقنى مىدىرلاتماي بىر ئاز تۇرغاندىن كىيىن ئوڭۇشلۇق سېزىدۇ ۋە DETECTING FULSE دېگەن ھالەتكە ئۆتىدۇ. بۇ يۈرەك رېتىمىنى ئۆلچەشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئەسكەرتمە ئۇچۇرى. مىدىرلاتماي بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن يۈرەك سوقۇشتا ھاسىل بولغان ئەگرى سىزىقلارنى كۆرىمىز. ئېنىق بىر رېتىمغا ئېرىشكەندىن كىيىن بۇ ئەپ ئاپتۇماتىك ھالدا 10 سېكونت تەتۈر ساناشقا باشلايدۇ. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىڭىزغا ئېرىشىسىز. قايتىدىن تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز MEASURE نى باسسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز قولىڭىزغا قويماستىن باشقا بىر نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۆلچەپ كۆرۈڭ. ئېكراندا NO FULSE (يۈرەك رېتىمى يوق) دېگەن ئۇچۇر كۆرىنىدۇ. يەنە بىر قول بىلەن ئۆزىڭىز بېلىكىڭىزنى تۇتۇپ سىناپ كۆرۈڭ. پەرق ئاساسەن بەكلا ئاز چىقىدۇ. ھەقىقەتەن پەچچەت!

ئىلگىرى مەن بۇنداق نەرسىلەرگە ئاساسەن ئىشەنمەيتتىم. لېكىن بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى مېنى قايىل قىلدى. بۇنىڭ پرىنسىپى مۇنداقكەن. ئەپنى ئاچقىنىمىزدا بىزگە كۆرسەتمەستىن iPhone نىڭ كامېراسىنى قوزغىتىدىكەن. ئاندىن قولىمىزنى كامېراغا چاپلاپ تۇرساق قولىمىزنىڭ ئۇچىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يىنىك سوقۇشىدىن ھاسىل بولغان رەڭ ئۆزگىرىشىدىن بىلىدىكەن. بۇ iPhone 4 نىڭ چاقمىقىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ ئوچۇق پەرق قىلىنىدىكەن. بۇ پەرق كامېرا ئارقىلىق ئەپ ئىچىدىكى سەزگۈچكە كېلىپ ئانالىز قىلىنىپ، دەل شۇ ۋاقىتتىكى يۈرەك سوقۇش رېتىمىغا ئېرىشىلىدىكەن. پەچچەتمىكەن؟ ئەمدى ئىشەنگەنسىز؟ بۇ ھەقىقىي فىزىكىلىق ئۆلچەش بولۇپ، گۇمانلانغۇدەك يېرى يوقكەن. يەنە ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۆلچەش تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا iPhone 4 نىڭ چاقمىقى بولغانلىقتىن ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، نەتىجە ئاساسەن %100 توغرا ئىكەن. 3GS تە بەزىدە تاپالمايدىكەن. بەزىدە توغرا ئۆلچەيدىكەن.

ئۆزىڭىزنى قولىدىن كېلىدىغان يەنە بىر سىناقنى قىلىپ كۆرۈڭ. iPhone 4 نىڭ ئۆزىدىكى سۈرەتكە ئالىدىغان كامېراسىنى ئېچىڭ. ئاندىن فىلىمگە ئېلىش ھالىتىگە ئۆتۈڭ. ئاندىن چاقماقنى ئېچىڭ. ئاندىن ئاشۇ ئەپتىكىگە ئوخشاش قولىڭىزنى كامېراغا قويۇڭ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز يۈرەك سوقۇش رېتىمىڭىزغا ئاساسەن ئېكراندا رەڭ پەرقىنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنداقمىكەن؟ بۇ رەڭ پەرقىنى ئاۋۇ ئەپ پروگرامما تىلى ئارقىلىق چوڭايتىپ بىزگە يۈرەك سوقۇشنى ساناپ بېرىدىغان ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەپتۇ. پرىنسىپىنى ئەمدى تولۇق چۈشەنگەنسىز؟

 

 

 

 

ئەپ ئىسمى : Instant Heart Rate by Azumio

ساتقۇچى : Modula d.o.o. © azumio

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 5.6 MB

باھاسى : 0.99 دوللار

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

قۇربىتىڭىز يەتسە ھەقىقىي نۇسقىسىنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنىمۇ قالدۇراي.

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/heart-rate.html/feed 11
بۈگۈن Time to Cook ھەقسىزكەن /time-to-cook.html /time-to-cook.html#comments Sun, 09 Oct 2011 08:39:44 +0000 پاسىبان /?p=2975 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

iOS 5 كە تەييارلىق: iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iOS 5 نىڭ پەيزىنى سۈرەيلى! (پاسىبان كۇلۇبىدىن ROKR يازمىسى)

بۇنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ئايفوننى ئىسراپ قىپسىز
无觅 ]]>
Time to Cook

يازما نامىغا قاراپ ئالمىنىڭ ھازىرقى CEO سى Tim Cook نامىنى قويىۋاپتىغۇ دەپ قالغانسىز؟ بۇ ئەپنى ياسىغان پروگراممىر ئىسىمنى مەنچە قەستەن مۇشۇنداق ئالغان بولسا كېرەك. بۇ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋاقىت بەلگىلەپ قويىدىغان ئەسكەرتمىلىك سائەت ئىكەن. قوللىنىشچانلىققا ئېگە بۇ ئەپ بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ.

mzl.nhdoyxcu.175x175-75

بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە پروگراممىر قوشۇپ قويغان بىر قانچە خىل يىمەكلىكلەرنىڭ پىشۇرۇش ۋاقتى بېرىلگەن بولۇپ، بىز ئۇنى خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيمىز. بۇنىڭ مەنىسى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىمىز بويىچە ۋاقىت بەلگىلەپ، ھەم ئىسىم قويۇپ ئۆزگەرتەلەيمىز. مەسىلەن، پولو، دۈملىمە، كاۋا مانتىسى، بولاق مانتا … دېگەندەك ئۇيغۇرچە تائاملارنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىۋالساقمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان كىچىك رەسىملەرنى تاللىغىلى بولىدىكەن. قايسى خىلدىكى تاماقنى پىشۇرماقچى بولساق شۇنى باسساقلا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان ۋاقىتنى تەتۈر ساناشقا باشلايدىكەن.

IMG_1218

IMG_1220

بۇ ئەپ ئارقا سۇپىدىمۇ ئىجرا بولىۋېرىدىغان بولۇپ، مەن ئارقا سۇپىدىنمۇ ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ باقتىم. يەنىلا نورمال ئاۋازلىق ئەسكەرتتى. بۇنى ياسىغاندا بۇ تەرەپنىمۇ ئالاھىدە ئويلاشقاندەك قىلىدۇ. مەسىلەن تېلىفون كېلىپ سۆزلىشىۋاتقان چاغدىمۇ، ئەسكەرتمە يەنىلا كۈچىنى يوقاتمايدىكەن.

UI غىمۇ خېلى كۈچەپتۇ. قارىماققا تاماق ئۈستىلىدىكى ۋاقىت بەلگىلىگۈچكىلا ئوخشاشكەن.

دۇخوپكىدا ياكى قاسقاندا دۈملەيدىغان، پىشۇرىدىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز ھازىر ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.

 

ئەپ ئىسمى : Time to Cook

ساتقۇچى : Ali Karagoz

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 2.0 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/time-to-cook.html/feed 5
تەۋسىيە: رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ئەپ توپلىمى /photo-processing-apps.html /photo-processing-apps.html#comments Fri, 07 Oct 2011 06:32:51 +0000 پاسىبان /?p=2957 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئايفوننىڭ ئۆزگىچە تەگلىكىدىن بىرنەچچە تال
无觅 ]]>
رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپلەر توپلىمى

ئالدىنقى يازمىمىزدا ساياھەتكە چىققاندا ئىشلەيدىغان ئەپلەر دەپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئەپلەردىن نەچچىنى تەۋسىيە قىلىپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن رەسىمگە تارتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشىدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي.

 

ئەگەر قۇربىتىڭىز يەتسە ئەسلى نۇسقىسىنى ھەق تۆلەپ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىڭ. تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز ھەقسىزلىرىنى تور ئاختۇرۇپ تاپالايسىز. ئىزدەپ تېپىشىڭىزغا قولاي بولىشى ئۈچۈن خەنزۇچە ئىسمىنىمۇ قالدۇردۇم. شۇڭا مەن بىۋاستە بۇ يەردە ئېلان قىلىپ يۈرمەي. تەۋسىيە قىلىنغان ئۇلىنىشلارنىڭ ھەممىسى App Store دىكى سېتىۋېلىش ئادرېسى.

018

Color Splash 色彩大师
چوڭلىقى : 18.5 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار

02Photogene 图片精灵
چوڭلىقى : 4.1 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار

03

Fotolr 照片工坊
چوڭلىقى : 18.3 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز

05

PicTools 修图工具
چوڭلىقى : 5.6 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار

06

照片文件夹管理器
چوڭلىقى : 20.0 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار

04

PicFrame 照片分格处理
چوڭلىقى : 3.9 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار

07

Ps Express 媲美PS
چوڭلىقى : 24.9 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز

08

美图 GIF
چوڭلىقى : 7.7 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز

09

专业打码
چوڭلىقى : 1.2 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار

10

Brushes
چوڭلىقى : 5.7 مېگابايت
باھاسى : 4.99 دوللار

11

禅笔 Zen Brush
چوڭلىقى : 13.7 مېگابايت
باھاسى : 2.99 دوللار

12

SketchBook Mobile
چوڭلىقى : 10.1 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار

13

Photo Forge2
چوڭلىقى : 19.9 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار

14

iMovie
چوڭلىقى : 69.2 مېگابايت
باھاسى : 4.99 دوللار

15

Art Studio
چوڭلىقى : 5.3 مېگابايت
باھاسى : 2.99 دوللار

16

GIF 快手
چوڭلىقى : 8.2 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز

ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى تەۋسىيە قىلغان بىر ئەپمۇ بار ئىدى. بۇ يەرنى بېسىپلا شۇ ئەپكە بېرىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/photo-processing-apps.html/feed 5
ساياھەتكە چىققاندا ئەسقاتىدىغان iPhone ئەپ توپلىمى /ios-apps-for-travel-photography.html /ios-apps-for-travel-photography.html#comments Mon, 03 Oct 2011 08:51:01 +0000 پاسىبان /?p=2903 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ
无觅 ]]>
ios-apps-for-travel-01

ساياھەت بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ بىرى. رەسىمگە تارتىش بولسا بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولغاچ ساياھەتنىڭ ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلىكى. مۇشۇنداق گۈزەل مىنۇتلاردا ئايفونىمىزنى يېنىمىزدىن ئايرىمايمىز ئەلۋەتتە. لېكىن ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ئاپاراتنىڭ باشقا ئالاھىدە ئىقتىدار ياكى رەسىمگە ئۈنۈم قوشۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بولمىغانلىقتىن بەزى چاغلاردا تازا ھاجەتتىن چىقالماي قالىدۇ. تۆۋەندە مەن ئايفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بەزى ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلاي.

يېقىندىن بۇيان تۈرمىدىن قاچۇرماسلىق لازىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. مۇشۇ ئۇيغۇرچە فونتنى تونىتىدىغانلا ئىشنى دەپ قېلىۋاتىمەن، بولمىسا تارتىشقۇدەك باشقا نەرسەممۇ يوق ئىدى. قائىدىسى بويىچە ئىشلىتىشكە رازى ئېدىم. شۇڭا سىلەرگىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بولسىمۇ ھەممە ئەپلەرنىڭ بىۋاستە iTunes تىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنىلا قالدۇراي. يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى توردىن ئۆزۈڭلار ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرىۋېلىڭلار. بۇنىڭ يوللىرىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقاچان. 51ipa.com ، 威锋网 ۋە ئايفوننىڭ ئۆزىگە قاچىلايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق Crack App چۈشۈرۈش دېتالى Installous  دېگەندەك جايلاردىن تاپالايسىلەر. Installous نى Cydia دىن تېپىپ چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەپلەرنى iTools ئارقىلىق بىۋاستە كومپىيۇتېرغا چۈشۈرىۋېلغىلىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنچىلىك دەپ بەرسەم قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئىزىدىنىپ تېپىپ قاچىلىۋېلىڭلار.

 Camera360 – 手机摄影大师
چوڭلىقى : 24.9 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Panoramatic 360全景摄影
چوڭلىقى : 14.3 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار
TiltShift Generator 移轴
چوڭلىقى : 1.4 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Hipstamatic 创意相机
چوڭلىقى : 19.8 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار
Camera+ 超强相机
چوڭلىقى : 18.8 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Nabit 极速抓拍
چوڭلىقى : 11.1 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز
Dermandar 全景相机
چوڭلىقى : 2.6 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار
Magic Shutter 魔法快门
چوڭلىقى : 0.4 مېگابايت
باھاسى : 2.99 دوللار
KineticCam 智能动作捕捉
چوڭلىقى : 1.0 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Lomo 相机乐么
چوڭلىقى : 19.9 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز
Instagram分享拍照
چوڭلىقى : 10.9 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز
CamCam Pro 声控相机
چوڭلىقى : 2.3 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios-apps-for-travel-photography.html/feed 4