دۇنيادا پەرزەنت خۇشاللىقىدىن ئارتۇق خۇشاللىق، ئۇلارنىڭ قايغۇسىدىن ئارتۇق قايغۇ بولمىسا كېرەك. بۇنى پەقەت ئاتا-ئانا بولغۇچىلا بىلىدۇ. پەرزەنت ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا بايلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەن تىلەمچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالام سوراپتۇ:
-سېنىڭ ئۆيۈڭ بارمۇ؟
-بار.
-خوتۇن-بالىلىرىڭ بارمۇ؟
-بار.
-ئۇنداقتا سەن پېقىر ئەمەس ئىكەنسەن، قايتىپ ئاللاھتىن تىرىكچىلىك يولى سورىغىن، ئىزدەنگىن. پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالام مۇشۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار