بىر ئايفوندا ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان بىر ئويۇننى تېخى تۈنۈگۈن يوللاپ تۇرىۋېدىم، بۈگۈن مۇشۇنىڭدەك ئويۇندىن يەنە بىرسى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. بۇ  ئويۇننى گەرچە 1 ئايفوندا ئوينىمىغان بىلەن، كۆك چىش ياكى WiFi بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى AutoRobot TD Defend and Defeat . ئويۇننىڭ سۈزۈكلىكى ھەقىقەتەن يۇقىرى. ئايفون 4 كە ئۇيغۇن قىلىپ لايىھەلەنگەن يۇقېرى ئېنىقلىقتىكى HD ئويۇنى. ئويۇنخۇمارلار پۇرسەتنى چوقۇم ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشۈرىۋېلىڭ.

داۋامىنى ئوقۇش »

بىر مەزگىل بۇرۇن AppStore دا ئوت بولۇپ كەتكەن ئويۇن Angry Birds نۇرغۇنلىغان ئويۇنخۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ماۋۇسى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇن. لېكىن كۆرىنىشىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئويۇندا بىز بىر تال مەنچاناققا ئوخشايدىغان ماشىنا بىلەن تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىرىمىز. ئۇ ماشىنىمىزغا ھەرخىل نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئېتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرسەكلا بولىدۇ. ئۆلمىكى ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس. پەقەت سوقساقلا بولدى.

داۋامىنى ئوقۇش »

سىز مەيلى رادىئودا بولسۇن، مەيلى تېلىۋىزۇردا بولسۇن بىرەر جايدا بىر مۇزىكا ياكى ناخشىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، سىزگە يېقىپ قالسا شۇ ناخشىنىڭ نامىنى بىلىۋېلىپ،  توردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ ئاڭلاشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟  بىرەر كىشىدىن سوراي دېسىڭىز، شۇ ناخشىنى ئۆزىڭىز غىڭشىپ ئوقۇپ بېرىپ، ماۋۇ ناخشا قانداق ناخشا بولغىيتى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلسىڭىز بەزىدە زاڭلىققا ئۇچرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

بۈگۈنكى ماۋۇ App دەل سىزنىڭ بۇ غېمىڭىزنى يوق قىلىدۇ. Soundhound بولسا AppStore دىكى ئاۋازغا ئاساسەن ناخشا تاپىدىغان دېتاللار ئىچىدىكى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا تاپىدىغان بازىرى ئىتتىك دېتال. بۇ دېتال ئايفون، ئايتاچ، ئايپەدنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۈگۈنكى تەۋسىيە قىلىنغان نادىر ئويۇنىنىڭ ھەر ئىككىسى 3D لىك . مۇنۇسى تېخى تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدىغان 3D لىك بىليارت ئويۇنى. كۆرۈنۈشى رېتىنا ئېكران تەلىپى بويىچە ياسالمىغان بولسىمۇ خېلى بوپقويىدىكەن. 1 ئايفوندا 2 كىشى ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

Windows Me دىن باشلاپ سېستىمىنىڭ ئۆزىگە قوشۇۋەتكەن بىر ئويۇن بولىدىغان . ئىسمى Space Pinball 3D ئىدىغۇ دەيمەن. بۈگۈنكى تەۋسىيە ئويۇن Deep Pinball مۇ  شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. لېكىن ۋىندوۋستىكىسىگە قارىغاندا كۆرۈنۈشى گۈزەل، ھەرىكەتلىرى ئېنىق، ئاۋازى پەچەت سۈزۈككەن.  دەسلەپ دوللارغا ساتقان ۋاقىتلاردا پىنبال خۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ كلاسسىك 3D لىك پىنبال بولۇپ قالغان. بۈگۈندىن باشلاپ قىسقا مۇددەتلىك ھەقسىز تارقىتىپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

كۆرۈنمە يۈزۈى ئىنتايىن سۈزۈك بولغان بۇ ئويۇن ئايفون، ئايپەد ۋە ئايتاچلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئويۇن.  دەسلەپ چىققان ۋاقىتلاردا كۆپلەپ سېتىۋېلىنىپ AppStore دا  بازىرى ئىتتىك ئويۇن بولۇپ قالغان. ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇنلارغا ئامراقلارغا ئىسىل پۇرسەت.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئىلگىرى سىز مۇسابىقە ئويۇنلىرىنى كۆپ قېتىم ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. نەچچە خىلىنى ئويناپ باققانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. لېكىن بۇ ئويۇن ئىلگىرىكىلەرگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن «يېڭى ئويۇن» .   بۇنى ئىنتايىن ئىسىل مۇسابىقە ماشىنا ئويۇنى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى پەقەت باشقىچىلا.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان مۇداپىئە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. سەرەڭگە كارتونلار ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشۇرۇلغان ئىلىكتىر مۇنارىغا ھۇجۇم قىلىشىدۇ. ھەر بىر مەيدان ئاياغلاشقاندا دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئېرىشكەن پۇلغا قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بۈگۈن Pavel Tarabrin ئايفون ۋە ئايپەد ھەرئىككى نۇسخىسىنى ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش