ستىۋ جوبسنىڭ كىسەل ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئەگەشكۈچىلىرى بۇ كىشى توغرىسىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۈگۈن 56 ياشلىق ستىۋ جوبس ئالما باش شىركىتىدە پەيدا بوپتۇدەك. بۇ ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىرى ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولسا كېرەك.
4-ئاپرىل Dev team ئۆزىنىڭ دەھشەت سۈرئېتى بىلەن ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان iOS 4.3.1 نىڭ Jail Break (تۈرمىدىن قاچۇرۇش) قورالىنىڭ Windows ۋە Mac نۇسقىسىنى بىراقلا ئېلان قىلدى. لېكىن ھازىرچە iPad 2 گە كۈچى يەتمەيدىكەن. iPhone 4 ۋە 3GS ئابونتلىرى پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ Sn0wBreeze 2.5 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان Redsn0w بولۇپ، iOS 4.3.1 نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالايدۇ.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن i0n1c ئىسىملىك خاككىر بىر خۇشخەۋەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ تورغا بىر سىن يوللىغان بولۇپ، بۇ سىن iPod touch 4G iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى ئىدى. بۇ سىن (i0n1c (Stefan Esser نىڭ ئىلگىرى ئېيتقان iOS 4.3.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىش ۋەدىسىنىڭ ئورۇندىلىۋاتقىنىنى ئىسپاتلىدى.
ئالماخۇمارلار تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن تاختا كومپىيۇتېر 2-ئەۋلاد ئايپەد نۇسقىسى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا ۋاقتى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2 دە) سان-فرانسېسكودا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشمۇ ئاز ئەمەس. يېڭى ئايپەد تېخىمۇ چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى، تېخىمۇ سۈزۈك ئېكران، ئالما A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سۈزۈك كامىرا قاتارلىق يورۇق نوقتىلىرى بىلەن ئايپەدنىڭ ۋە ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار