نەچچە كۈندىن بۇيان مۇشۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ يانفون ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن يانفون تور بېتىنى كۆرگىنىمدە بىزنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق يانفوننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئەقلى ئىقتىدارى بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئېدىم. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن نەچچە كۈن بوپتۇ، بۇنىمۇ ھەل قىلىۋالدىم.
جۇڭگودىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكىدا 5-سىنتەبىر 5-ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىدىكەن دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن ئىدى. ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئىش قوشۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شىنجىندىكى 富士康 شىركىتى دۆلىتىمىزدە بولغانلىقتىن بۇنداق ئىچكى خەۋەرلەرنىمۇ تارقىمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈن 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ قۇتىسى تۇنجى بولۇپ تورغا يوللىنىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە ئەقىللىق تېلىفونلارنىڭ سەركىسى بولغان ئايفون دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىشى ئىنتايىن تېز ۋە قىزغىن بولىۋاتقان تېلىفون ھېساپلىنىدۇ. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ بازارغا سېلىنىشى گەرچە خېلىلا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، AT&T ۋە Verizon نىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا 9 ئاي ئىچىدە ئايفوننىڭ سېتىلىشى يەنىلا ياخشى بولۇپ، 55 مىليون 200 مىڭ دىن ئېشىپ كەتكەن.
ئالما شىركىتى بۈگۈن iPhone ، iPad ۋە iPod touch نىڭ 4.3.5 نەشىرىنى ئېلان قىلدى. تېخى ئېلان قىلغىنى ھەپتە بولمىغان 4.3.4 نەشىرىنى بىخەتەرلىك يوچۇقى سەۋەپلىك قىسقىغىچە نەچچە كۈن ئىچىدىلا يېڭىلاپ 4.3.5 نەشىرى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ھازىرغىچە ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە سېستىما يېڭىلاش ھېسابلىنىدۇ.
WWDC 2011 دا مەك سېستىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسقىسى بولمىش Mac OS X Lion 10.7 نۇسقىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن ئېدى. بۇ يېڭىچە «شىر» بۈگۈن ئالمىنىڭ مەك ئەپ دۇكىنىدا سېتىلىشقا باشلىدى. ئەڭ يېڭى نەشىردىكى مەك سېستىمىسىغا 250 دىن ئارتۇق يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىشلەر قوشۇلغان . باھاسى 29.99 دوللار. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندىن بۇيان بلوگ بەكلا تاشلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ يوقلاپ تۇرغان دوسلار ئالدىدا خىجىلمەن. يازىدىغانغا تېما بەكلا كۆپ. لېكىن ۋاقىت چىقماي قېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ يېڭىلىقلار يۈز بەردى. بۇنى ئەسلى كۆپچىلىك بىلەن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئويۇم بولسىمۇ ئىمكان بولماي قالدى. بۈگۈن 2 ئېغىز سۆزلەپ باقاي.
WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن iOS 5 نىڭ Beta سىناق نۇسقىسى تارقىتىلدى. پروگراممىلار ئۆزىنىڭ پروگراممىر كودى ئارقىلىق بۇ يېڭىلىقنى ئەڭ دەسلەپتە سىناش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇشتى. iEatApples يېڭى سېستىما iOS 5 تىكى يېڭىلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇدەك. ئۇلار تونۇشتۇرغان يېڭىلىق جەمئىي 154 خىل ئىكەن.
WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ئالمىدا يېڭىلىقلار خېلى كۆپ بولىۋاتىدۇ. خەۋەرلەردە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئىسمىنىڭ iPhone 4S دەپ بېكىتىلىپ بولغىنىنى ئېيتىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سىرتقى كۆرىنىشى خۇددى iPhone 3G بىلەن 3GS ئوخشىغاندەك iPhone 4 بىلەن 4S نىڭمۇ ئوخشايدىكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار