پاسىبان كۇلۇبى » تېز خەۋەر | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 iPhone 4S زادى قانداقتۇ؟ بىللە كۆرەيلىمۇ؟ /iphone4-vs-iphone-4s.html /iphone4-vs-iphone-4s.html#comments Sun, 16 Oct 2011 08:24:54 +0000 پاسىبان /?p=3093 دېگەن تۇيغۇنى بېرىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان تىپ» قا كىرمىسىڭىزلا iPhone 4S تاللاپ سېتىۋېلىش شەرتىگە تامامەن توشىدۇ. لېكىن، ئەڭ ئاخىرقى قارار ئەلۋەتتە سىزنىڭ تاللىشىڭىزدا. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر iPhone 4S نى، ئېنىق ئېيتقاندا Siri نى بوش چاغلىماڭبىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!iPhone 4S تە تارتىلغان سۈرەتكە نەزەر5-ئەۋلاد ئايفون iPhone 4S ئاخىرى ئېلان قىلىندىتېز خەۋەر: iTunes 10.5 beta نەشىرىدە iPhone 4S كۆرۈلدىئالما iPhone 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتتىبۇ iPhone 5 نىڭ قۇتىسىمىدۇ؟ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟جۇڭگو تېلېگرافى ئايفون 4 نى سېتىشقا باشلىدى | ئايفون راستىنلا مەخپىي ئىز قوغلامدۇ؟iPhone4 ۋە iPad 3G ئارقا سۇپىدا مەخپىي ئىز قوغلايدىكەنiOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى]]> iphone-4-vs-iphone-4s-01

iPhone ھەر يىلى بىردىن يېڭىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھەر بىر قېتىم يېڭىلانغاندا خۇددى 3-ئەۋلادتىن 4-سىگە يېڭىلانغاندەك زور دەرىجىدە يېڭىلىقنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. بۇ قېتىمقى يېڭىلىق مۇشۇ سەۋەبلىك كۆپ قىسىم دوستلىرىمىزنى ئۈمىدسىز قالدۇردى. iPhone 4S نىڭ سىرتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغىنى بىلەن قاتتىق دېتالدا ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىشلەر بار. بۇنى تۆۋەندە بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى.

iPhone 4S سىرتقى كۆرۈنۈشتە iPhone 4 بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشتە پەرقى ناھايىتى كىچىك. ئالاھىدىلىك جەھەتتە قانداق پەرق بارلىقىنى بىلمەكچى بولساق تۆۋەندىكى سىننى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

iPhone ۋە iPad  تە بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ

تۇنجى قېتىملىق iPhone 4S سېتىش 14-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باشلاندى. 15-ئۆكتەبر سىنا تورى ئىشخانىسىغا يېتىپمۇ كەپتۇ. يۇقىرىدىكى سىن دەل ئاشۇ يېڭى ئايفوننىڭ سېلىشتۇرمىسى. تۆۋەندە سىنا تورىدىكىلەرنىڭ بۇ يېڭى ئوقەتنى بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇپ چىققان رەسىملىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.

سىرتقى كۆرىنىشىگە قاراپ iPhone 4S ياكى iPhone 4 ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. iPhone 4 نىڭ لايىھەسىدە ئەقىللىق ئالمىچىلار قاتتىق مىتال ئانتېنىنى ئىچىگە ئېلىۋەتمەستىن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، قېلىنلىقىنى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا تېلىفوننى قوغداش رولىنىمۇ ئوينىغان.

 

 

 

iPhone 4S تىمۇ بۇ خىل لايىھە يەنە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپقان. لېكىن ئانتىنىنى بىر ئاز باشقىچە لايىھەلىگەن. بۇ لايىھە iPhone 4 بىلەن iPhone 4S نىڭ سىرتقى كۆرىنىشىدىكى كىچىككىنە پەرق شۇ بولۇپ، iPhone 4S نىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئۇلاشقان جاي يوق. يەنە ئاۋاز تەڭشەش كونۇپكىسى ئاستىغا تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر يۆتكىلىپتۇ.

 

 

 

 

 

ئۈستىدىكى رەسىمدىن سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان ئانتېنىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىدىڭىزغۇ دەيمەن؟

iPhone 4 نىڭ ئارقىسىدىكى A1332 دېگەن بۇ خەت iPhone 4S تە A1387 گە ئۆزگەرگەن.

 

 

ئىچىدىكى قاتتىق دېتاللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ئىچىنى ئېچىپ كۆرۈشكە توغرا كەلگۈدەك. بىز ئالما تەرەپ ئېيتقان 2 ھەسسە تېزلىك، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشتىكى 7 ھەسسە تېزلىك دېگەندەك بۇ سۈرئەتنى بەزى سىناقلار ئارقىلىق كۆرۈپ چىقالايدىكەنمىز.

 

iPhone 4 كە بەزىلەر  iOS 5 نى قاچىلىغاندىن كىيىن سەل ئاستىلاش بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ خەت باسقاندا كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان. لېكىن iPhone 4S تە بۇ خىل ئەھۋال پەقەتلا كۆرۈلمىگەن. ئېچىش ۋە چېكىنىشتە ھىچقانداق كېچىكىش يوق. شۇنداق راۋان ئىجرا بولغان.

iPhone 4S تە 无 SIM 卡 دەپ چىقىدىكەن. لېكىن 中国电信 نىڭ CDMA كارتىسىنى سالساق كارتىنى تونىمايدىكەن. 悲伤 گەرچە iPhone 4S قوش تور قوللىغىنى بىلەنمۇ بىز پەقەت GSM ۋە WCDMA كارتىسىنى سېلىپ ئىشلىتەلەيدىكەنمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا 中国移动 نىڭ G3 بولمىغان نورمال كارتىسى بىلەن 联通 نىڭ 3G كارتىسىنى ۋە ئادەتتىكى كارتىسىنى سېلىپ ئىشلىتەلەيدىكەنمىز. جۇڭگودىكى 中国移动 نىڭ G3 كارتىسى بىلەن 电信 نىڭ CDMA كارتىسىنى iPhone 4S يەنىلا قوللىمايدىكەن.

قېپىدىكى iCloud نىڭ بەلگىسى. iPhone 4S تىكى يەنە بىر ئوخشىماسلىق.

iPhone ۋە iPad تە بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

سىرى – iPhone 4S تىكى كوزىر ئالاھېدىلىك. بۇنى ئالدىنقى يازمىمىزدا تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۇ نى قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۈستىدىكى سىن ئارقىلىق يەنە بىر ئاز چۈشىنىپ ئۆتتۇق ھەقاچان.

    

سىرىدىن بەزىبىر پەلسەپىۋى سۇئاللارنى سورىغاندا ئۈستىدىكىدەك جاۋابلارغا ئېرىشىدىكەنمىز.

    

    

    

سىرى نۆۋەتتە ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچىدىن ئىبارەت 3 خىل تىلنىلا قوللايدۇ. ئالما ئورگان تەرەپ تور بېتىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا 2012- يىللىرى خەنچە قوللايدىكەن.

پەچەت يېرى، بۇ پەقەت WiFi دىلا ئىجرا بولىدىغان نەرسە ئەمەسكەن. سىنا دىكىلەرنىڭ سىناق قىلىشىچە 中国移动 نىڭ GPRS تورىدىمۇ ناھايىتى راۋان ئىشلىگەن. 10 قېتىملىق بۇيرۇق بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئېقىم مىقدارى سەرپ قىلغان.

يوللىغىنى ئاران 285 كېلوبايت. قوبۇل قىلغىنى بولسا ئاران 176 كېلوبايت بولغان. بۇ ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدىغان ئەھۋال. بىز قەيەردە بولساق، تېلىفونىمىز توردىلا بولسا سىرى بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالايدىكەن. يەنە كېلىپ ئېقىمنى ئىنتايىن ئاز سەرپ قىلىدىكەن. GPRS تە مۇشۇنچىلىك بولسا 3G تورىدا ئەلۋەتتە تېخىمۇ تېز بولىدۇ-دە!

iPhone 4S نىڭ كامېراسىنى ئالما تەرەپ چوڭ ئالاھېدىلىكنىڭ بىرى قىلىپ ئېلان قىلغان ئىدى. تۆۋەندىكىسى 5-ئەۋلاد iPhone دا تارتىلغان سۈرەت ئىكەن.

بۇ iPhone 4 تىكى ئۈنۈم

بۇ iPhone 4S تىكى ئۈنۈم

 

 

ئۈستىدىكى بۇ رەسىم iPhone 4 تە تارتىلغان. رەڭ بەكرەك قويۇق. يورۇقلۇق يېتەرلىك بولغان. ئاستىدىكىسى iPhone 4S تىكى تارتىلغان ئۈنۈم.

تۆۋەندىكىسى iPhone 4 تە تارتىلغىنى

بۇ iPhone 4S تىكى ئۈنۈم

تۆۋەندىكىسى iPhone 4 تە تارتىلغىنى

بۇ iPhone 4S تىكى ئۈنۈم

 

مانا مۇشۇنىڭدەك. ئومومى جەھەتتىن ئېلىپ ئيېتقاندا بۇ قېتىمقى يېڭىلىقلارنى يوققا چىقىرىۋەتكىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت سىرتقى كۆرىنىشىدە ئالدىنقىسىنىڭ ئىزىنى باسقانلا يېرى بار. لېكىن ئومومى جەھەتتە ئۇنى يىپيېڭى بىر ئەۋلاد iPhone دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئەگەر سىز سىرتىغا قاراپ باشقىلارغا« <ماۋۇ كىشىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى يېڭى ئايفونكەن> دېگەن تۇيغۇنى بېرىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان تىپ» قا كىرمىسىڭىزلا iPhone 4S تاللاپ سېتىۋېلىش شەرتىگە تامامەن توشىدۇ.

لېكىن، ئەڭ ئاخىرقى قارار ئەلۋەتتە سىزنىڭ تاللىشىڭىزدا.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone4-vs-iphone-4s.html/feed 9
شۇنداق، ئۇ كەتتى /we-lost-steve-jobs.html /we-lost-steve-jobs.html#comments Thu, 06 Oct 2011 07:17:52 +0000 پاسىبان /%d8%b4%db%87%d9%86%d8%af%d8%a7%d9%82%d8%8c-%d8%a6%db%87-%d9%83%db%95%d8%aa%d8%aa%d9%89.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن 无觅 ]]> We Lost Steve Jobs

بۈگۈن بىز دۇنيادىكى كاتتا كەشپىياتچىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۈگۈن ئالما شىركىتى خادىملىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بۇ كىشىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر سۈكۈتتە تۇرۇشتى… مېنىڭچە ئارتۇق سۆزنىڭ ھاجىتى يوق…

sss

 

ستىۋ . جوبس  1955-2011

ئالما بىر يىراقنى كۆرەر، يېڭىلىق ياراتقۇچى تالانت ئېگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. دۇنيا بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنساندىن ئايرىلدى. ئارىمىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلالىغانلار، ئۆزىنىڭ يېقىن بىر دوستىدىن ۋە ئۇلارغا يول كۆرسەتكۈچى ئۇستازىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت ئۇلا قۇرۇپ چىقالايدىغان شىركەت بولدى. ئۇنىڭ روھى – ئالما شىركىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسى يىلتىزى.

Steve Jobs نى ئەسلەيمىز!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/we-lost-steve-jobs.html/feed 30
5-ئەۋلاد ئايفون iPhone 4S ئاخىرى ئېلان قىلىندى /iphone-4s-now-hands-on.html /iphone-4s-now-hands-on.html#comments Wed, 05 Oct 2011 00:49:46 +0000 پاسىبان /5-%d8%a6%db%95%db%8b%d9%84%d8%a7%d8%af-%d8%a6%d8%a7%d9%8a%d9%81%d9%88%d9%86-iphone-4s-%d8%a6%d8%a7%d8%ae%d9%89%d8%b1%d9%89-%d8%a6%db%90%d9%84%d8%a7%d9%86-%d9%82%d9%89%d9%84%d9%89%d9%86%d8%af%d9%89.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

ئالما iPhone 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتتى

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>
iphone-4s-now-hand-on-01

كۆزىمىزنى تۆت قىلغان 5-ئەۋلاد iPhone بۈگۈن، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا تۈنۈگۈن iPhone 5 ئەمەس، iPhone 4S بولۇپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. راستىنى ئېيتسام بەك كۆپ تەسەۋۋۇرلارنى ئويلىۋالغانلىقىمدىنمىكىن، سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم. قېنى بىرلىكتە بۇ يېڭى iPhone نىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

        

iPhone 5 ئەمەس iPhone 4S

iPhone 4S نى ئېلان قىلىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 2011-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ شىنجاڭ ۋاقتى 5-ئۆكتەبر سائەت 0:00 گە توغرا كېلىدۇ. ئېلان قىلىش يىغىنى باشلانغىنى مانا ھازىر 6 سائەت بولدى. شۇنداق قىلىپ يېڭى ئەۋلاد ئايفونiPhone 4S بولۇپ دۇنياغا كەلگەن بولدى. يىغىنغا ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى Tim Cook رىياسەتچىلىك قىلدى. رىۋايەتلەردىكى iPhone 5 شۇنىڭ بىلەن يوققا چىققان بولدى.

ئاساسلىق سەپلىمىلىرى

ئىسمىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ھازىرقى iPhone 4 نىڭ ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان نۇسقىسىدەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا iPhone 4S تە قانداق يېڭىلىقلار بار؟ بۇرۇنقى قىياسلار توغرا چىققاندەك قىلىدۇ.

سېستىما : iOS 5

ئېكران : Retina ئېكران. كۆرسىتىش چوڭلىقى 960×640 پېكسىل

CPU : قوش نېگىزلىك A5 بىر تەرەپ قىلغۇچ

ئىچكى ساقلىغۇچ : ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەجەبا يەنىلا 512 مىدۇ؟

قاتتىق دېسكىسى : 16/32/64 گېگابايت. يېڭىدىن 64 لىكى ئېلان قىلىنىپتۇ.

كامېرا :  8 مېگاپېكسىل

باتارىيە : 3G تورىغا ئۇدا 8 سائەت چىقالايدۇ. تورغا ئۇدا 6 سائەت چىقالايدۇ. سۈرەتلىك فىلىم كۆرگەندە 10 سائەت يېتىدۇ. مۇزىكا ئاڭلاشقا بولسا 40 سائەت يېتىدۇ. نۆۋەتتە 1 تال باتارىيە بىلەن مۇشۇنچىلىك كۈچلۈك ئىقتىدار ۋە ئۇزاق ۋاقىتنى يەنە iPhone بېرەلىسە كېرە …

يېڭى ئالاھېدىلىكلىرى

  • قوش نېگىزلىك A5 CPU بۇرۇنقىغا قارىغاندا 2 ھەسسە ئاشۇرغان بولۇپ، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 7 ھەسسە ئاشۇرۇلغان.
  • 8 مېگاپىكسېللىك كامېراسىغا ئوپتىكىلىق تېخنىكا قوللىنىلغان. نۇر چەمبىرىكى تېخىمۇ چوڭايتىلغان. 1080P لىك فىلىمگە ئالالايدىغان بولغان. ئومومى ئىقتىدارى %60 ئاشۇرۇلغان. تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شاۋقۇن پەسەيتىش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان.
  • ئۇدا سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، iPhone 4 كە قارىغاندا %33 تېزلىتىلگەن. ئەڭ چوڭ سۈرەتكە تارتىش چوڭلىقى 3264×2448 ئىكەن. يورۇقلۇقى %73 كۈچەيتىلگەن.
  • iCloud ئىچىگە بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن iOS 5 تەمىنلەنگەن بولۇپ، سىمسىز ئۇزىتىش ئىقتىدارى بىلەن توردا ئۇچۇرلارنى ساقلاشقا تەمىنلىنىلگەن.
  • ئاۋازسىز كونترول قىلىش ئىقتىدارى Siri قوشۇلغان بولۇپ، تېلىفون ئۇرۇش، ۋاقىت سوراش … دېگەندەك ئاۋاز بىلەن كونترول قىلىدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلغان. ھازىرچە ئېنگىلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە قوللايدۇ.
  • ئەڭ پەچەت يېتى GSM/CDMA نى تەڭ قوللايدۇ. HSDPA ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىتقدارى 1 ھەسسە تېزلىتىلگەن. تېزلىكى 14.4 Mbps كە يېتىدۇ.
  • Bluetooth 4.0 سەپلەنگەن. دۇنيادا نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىدىكى كۆكچىش. گەرچە ئەڭ يېڭى بولسىمۇ، نوكىياغا ئوخشاش ھۆججەت ياكى MP3  دەپ خام خيال قىلماڭ 捧腹大笑
  • بۇرۇنقى iPhone 4 كە 8GB نۇسقىسى قوشۇلدى. ئامېرىكىدىكى باھاسى 99 دوللار.
  • iOS 5 نى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ چۈشۈرۈشكە باشلىساق بولىدىكەن.

سېتىلىش ۋاقتى ۋە باھاسى

iPhoen 4S ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئەڭ دەسلەپ 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ زاكاس ئالىدۇ. 14-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ. ئاق ۋە قارا رەڭ تەڭلا سېتىلىشقا باشلايدۇ. 16/32/64 نىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 199،299،399 دوللار. ئەڭ دەسلەپ، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق 22 دۆلەت ۋە رايوندا سېتىلىدىكەن. شىياڭگاڭ ۋە جۇڭگو ھازىچە يوق. بەلكى يىلى ئاخىرىدا كېلىشى مۇمكىن.

داۋامى بار، يەنە خېلىلا كۆپ. سەپەردە مۇشۇنچىلىك بوپقالدى. بۇ مەزمۇنلار داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ. دىققىتىڭلار مۇشۇ يەردە بولسۇن!


تۇتە ساراڭنى! جاھاندا كۆرمىگەن ئىشلارنى كۆرۈپ يۈردۈم. مۇشۇ ماقالىنى يوللايمەن دەپ ئايروپىلانىم ئۇچۇپ كېتىپ، مانا 2 يېرىم سائەت بولدى شۇنى ئوڭشايمەن دەپ ساراڭ بولۇپ يۈرۈيمەن. خۇداغا شۈكرى. ھەنىم بولسا چۈشتىن كىيىننىڭ ئايروپىلانىغا بولسىمۇ ئۈلگۈرۈپتىمەن. ئالدىدىكى مەزمۇنلارنى 10 مىنۇت بۇرۇن پۈتتۈرگەن بولسام مۇشۇ سەرسانچىلىقمۇ يوق. مەندىن نەسىھەت، ئايرۇپىلانغا ئەڭ ئاخىرىدا چىقىمەن دېسەڭلار دەڭلار. لېكىن ھېچ بولمىسا ئۆزۈڭلارنىڭ ئايرۇپىلانغا چىقىش ئىشىكى ئالدىدا بولسىمۇ ئولتۇرۇڭلار. مەن خالىيراق ئىكەن دەپ ئادەم يوق يەرگە كېتىۋېلىپ مۇشۇ سەرسانچىلىقنى كۆرۈپ يۈردۈم. بۇ ماقالە ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەت توختىدى … ھەي، ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز. رىسىق كۆتۈرۈلمىگەن دېگەن شۇ ئوخشايدۇ. ئايرۇپىلان چۈشتىن كىيىننىڭ، ئەمدى ئالدىرىماي خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىر يازاي.

 

ئەسكەرتىش: ئۈستىدىكى مەزمۇنلاردىمۇ ئازراق ئۆزگىرىشلەر بولدى.

يېڭى ئىقتىدارى Siri توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش فىلىمى:

 

iPhone 4S نىڭ چۈشەندۈرۈش فىلىمى

 

ھازىرچە ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ سۈزۈكرەك نۇسقىسى يوق ئىكەن. توردىن تاپالىسام يوللاپ قويىمەن. ئۇ چاغقىچە رەسىملەرنى كۆرگەچ تۇرايلى.

iphone-4s-pictures-01

iphone-4s-pictures-02iphone-4s-pictures-03

iphone-4s-pictures-04

iphone-4s-pictures-05

iphone-4s-pictures-06

iphone-4s-pictures-07iphone-4s-pictures-08iphone-4s-pictures-09iphone-4s-pictures-10iphone-4s-pictures-11iphone-4s-pictures-12iphone-4s-pictures-13iphone-4s-pictures-14iphone-4s-pictures-15iphone-4s-pictures-16iphone-4s-pictures-17iphone-4s-pictures-18iphone-4s-pictures-19iphone-4s-pictures-20iphone-4s-pictures-21iphone-4s-pictures-22iphone-4s-pictures-23iphone-4s-pictures-24iphone-4s-pictures-25iphone-4s-pictures-26iphone-4s-pictures-27

iphone-4s-pictures-28iphone-4s-pictures-29iphone-4s-pictures-30iphone-4s-pictures-31iphone-4s-pictures-32iphone-4s-pictures-33iphone-4s-pictures-34iphone-4s-pictures-35iphone-4s-pictures-36iphone-4s-pictures-37iphone-4s-pictures-38iphone-4s-pictures-39iphone-4s-pictures-40iphone-4s-pictures-41iphone-4s-pictures-42iphone-4s-pictures-43iphone-4s-pictures-44iphone-4s-pictures-45iphone-4s-pictures-46iphone-4s-pictures-47iphone-4s-pictures-48iphone-4s-pictures-49iphone-4s-pictures-50iphone-4s-pictures-51iphone-4s-pictures-52iphone-4s-pictures-53iphone-4s-pictures-54

iphone-4s-pictures-55iphone-4s-pictures-56iphone-4s-pictures-57iphone-4s-pictures-58iphone-4s-pictures-59iphone-4s-pictures-60iphone-4s-pictures-61iphone-4s-pictures-62iphone-4s-pictures-63iphone-4s-pictures-64iphone-4s-pictures-65iphone-4s-pictures-66iphone-4s-pictures-67iphone-4s-pictures-68iphone-4s-pictures-69iphone-4s-pictures-70iphone-4s-pictures-71iphone-4s-pictures-72iphone-4s-pictures-73iphone-4s-pictures-74iphone-4s-pictures-75iphone-4s-pictures-76iphone-4s-pictures-77iphone-4s-pictures-78iphone-4s-pictures-79iphone-4s-pictures-80iphone-4s-pictures-81

iphone-4s-pictures-82iphone-4s-pictures-83iphone-4s-pictures-84iphone-4s-pictures-85iphone-4s-pictures-86iphone-4s-pictures-87iphone-4s-pictures-88iphone-4s-pictures-89iphone-4s-pictures-90iphone-4s-pictures-91iphone-4s-pictures-92iphone-4s-pictures-93iphone-4s-pictures-94iphone-4s-pictures-95

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-4s-now-hands-on.html/feed 26
تېز خەۋەر: iTunes 10.5 beta نەشىرىدە iPhone 4S كۆرۈلدى /iphone-4s-in-itunes-105-beta3.html /iphone-4s-in-itunes-105-beta3.html#comments Sun, 02 Oct 2011 05:03:53 +0000 پاسىبان /?p=2899 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

iPhone 4S زادى قانداقتۇ؟ بىللە كۆرەيلىمۇ؟
无觅 ]]>
تېز خەۋەر: iTunes 10.5 beta نەشىرىدە iPhone 4S كۆرۈلدى

بۈگۈنكى كۈندە بىرەر ئاخبارات ۋاستىلىرى Apple نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى توغرىسىدا تەمىنلەنگەن كىچىككىنە يىپ ئۇچى ئۇلار ئۈچۈن ساپقا چىققۇدەك چوڭ خەۋەر مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە، ئەستايىدىللىقتا ئۇچىغا چىققان بىر پروگراممېر، جۈمە كۈنى ئېلان قىلىغان iTunes نىڭ beta نەشىرىدە iPhone 4S دېگەن بىر مەزمۇننى ئۇچرىتىپ قالىدۇ.

 

تېز خەۋەر: iTunes 10.5 beta نەشىرىدە iPhone 4S كۆرۈلدى

5-ئەۋلاد iPhone تارقىتىلىشقا ئازلا قالغان ۋاقىتتا تارقىتىلغان iTunes Beta نەشىرىدە چوقۇم ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بولىشى مۇمكىن ئىدى. AppleInsider بۇنى ئۆزى قېزىپ چىقىپتۇ.

بۇ رەسىمگە قاراپ بىزمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.  plist ھۆججىتى iOS تە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇچۇرلار ساقلانغان ھۆججەت.  رەسىمدىكى info.plist ھۆججىتى ئىچىگە قارىساق iPhone 4S دېگەن خەتنىڭ 2 جايدا بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنە كېلىپ CDMA نۇسقىسىدىكى iPhone ئىكەن.

بۇ يېرى بىر ئاز غەلىتە. ئەجەبا ئىلگىرىكى ئېيتىلىۋاتقان « CDMA ۋە GSM نى تەڭلا قوللايدىغان » دېگەن تور پاراڭلىرى ھەقىقەتمىدۇ؟ يەنە كېلىپ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى، بۇ ھۆججەت ئىچىدە iPhone 5 كە دائېر ھېچقانداق بىرەر نەرسە كۆرۈنمەيتتى.

ئانالېزچى  Ming-Chi Kuo نىڭ قارىشىچە iPhone 4S ھازىرقى iPhone 4 بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئارقا تەرەپتىكى ئەينەك ماتىرىيالىغا ئازراق ئۆزگەرتىدىكەن ۋە ئانتېنىسىنى باشقىدىن لايىھەلەيدىكەن. ئوخشاشلا ئاق ۋە قارا ئىككى رەڭلىك نەشىرى چىقىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %85 ىنى Foxconn 富士康، قالغان %15 ىنى 和硕 Pegaton ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

دېمەك يۇقارقىدىكىلەر ھەقىقەت بوپقالسا، 5-ئەۋلاد ئايفون، ئەينى ۋاقىتتىكى iPhone 3GS كە ئوخشاش قاتتىق دېتالنىلا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ھازىرغىچە ئاساسەن مۇقىملىشىپ بولغان قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرىدىن:

كامېرا : 8 مىليون پېكسېل ؛

CPU : ھازىرقى iPad 2 بىلەن ئوخشاش بولغان قوش نېگىزلىك A5 CPU ؛

ئىچكى ساقلىغۇچ : 1 GB ؛

ۋە ئۇنىڭدىن باشقا iOS 5 ۋە يېڭى ئانتېنا لايىھەسى بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى قاتتىق دېتال كۈچەيتىش Android نىڭ ھازىرقى بىر قىسىم تېلىفونلىرىدىكى قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلگەن.

بۇ خەۋەرلەرنى ئالدىنقى قېتىم تارقالغان «iPhone 5 نىڭ ئورالما قېپى» دىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق راستەك، يەنە بىر جەھەتتىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى باشقىلارنىڭ چىقارغان ئويۇنلىرىدەك … ئىشقىلىپ ھەقىقىي ئەھۋال ئىنشا ئاللاھ يەنە 2 كۈندىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ. شۇ چاغدا «لاي سۈزۈلۈپ تاش كۆرۈنگەندە» « ھە، ئەسلى مۇنداقكەندە! » دېمىسەك، كاللىنى قوچۇيدىغان خەۋەرلەر يامان بەك ئاۋۇپ كەتتى. قېنى، ئاللاھ خالىسا شۇ چاغمۇ بىر كېلەر …

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-4s-in-itunes-105-beta3.html/feed 6
ئالما iPhone 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتتى /iphone-5-conference-time.html /iphone-5-conference-time.html#comments Wed, 28 Sep 2011 10:21:47 +0000 پاسىبان /?p=2833 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

بۇ iPhone 5 نىڭ قۇتىسىمىدۇ؟

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر
无觅 ]]>

ئالما شىركىتى بۈگۈن 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتتى. The Loop تىكى Jim Dalrymple نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى بۈگۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تەكلىپنامە ئېۋەتكەن. تەكلىپنامىدە ئالما شىركىتىنىڭ كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 4-ئۆكتەبر ئېچىلىدىغانلىقىنى، يىغىن ئورنىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ Cupertino تىكى باش شىتابى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تەكلىپنامىنىڭ ماۋزۇرسى iPhone — Let’s talk iPhone بولۇپ، ئۈستىگە iOS تىكى خاس بولغان 4 دانە ئايكون ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىز گەرچە بۇلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسىنى بىلمىسەكمۇ، 4-ئۆكتەبر، يەنى سەيشەنبە كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايدىكەنمىز.

ئېلان قىلىنىش يىغىنى شۇ يەرنىڭ يەرلىك ۋاقتى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە ئەتىگەن سائەت 10 (شىنجاڭ ۋاقتى 4-كۈنى كېچە سائەت 11) دا باشلىنىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ يېڭى CEO سى تىم كوك Tim Cook رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.  Tim Cook نىڭ بۇ قېتىمقىسى تۇنجى قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزى باش رىياسەتچىلىك قىلىشى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى : iPhone — Let’s talk iPhone  يەنى«iPhone توغرىسىدا پاراڭلىشايلى» ئىكەن.

يىغىن ئورنىنىڭ Cupertino قىلىپ بېكىتىلىشىدە قانداق سەۋەب بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم. لېكىن ئىلگىرىكى بەزى خەۋەرلەردە ئالما شىركىتى Cupertino دە 4G تورى سېگنال مۇنارى ئورناتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىكەن. 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ بۇ يەردە ئېلان قىلىنىشى بەلكى iPhone 5 نىڭ 4G تورى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتتە تورغا چىقىشىنى نامايەن قىلىش بولسا كېرەك.

پەرەزلەردە 5-ئەۋلاد iPhone غا A5 CPU ۋە 8 مىليون پىكسېللىك كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، تېخىمۇ چوڭ ئېكرانغا ئىگە ئىمىش. يەنە بەزى پەرەزلەردە بولسا 5-ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنغاندىن باشقا 4-ئەۋلاد iPhone نىڭ ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان نۇسقىسى دەپ iPhone 4S نىمۇ ئېلان قىلىشى مۇمكىنكنەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق نىشان ئوتتۇرىھال سەۋىيەدىكى خېرىدارلار توپى ئىكەن.

كېلەر ھەپتىدىن بۇرۇن بىز ھېچنىمىنى ئېنىق بىلمەيمىز. بۇ يىل يازدا ئېچىلغان WWDC دا ئېيتىلغان يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ داۋامى نەچچە كۈندىن كىيىن بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان بولدى. ئاللاھ خالىسا 5-ئۆتەبر سەھەردە بۇ خەۋەرنى مەن تۇنجى بولۇپ سىلەرگە سۇنماقچى ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، 5-ئۆكتەبر مەن سەپەردە بولۇپ قالىدىغان بولدۇم. سەپەردە بوپقالساممۇ يازما يوللاشقا تىرىشىمەن. ئەگەر ئىمكان بولماي قالسا ئاللاھ خالىسا بىر كۈن كىيىن بولسىمۇ يوللاۋېرىمەن، ئىنشا ئاللاھ!  دىققىتىڭلار داۋاملىق كۇلۇبتا بولغاي.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-5-conference-time.html/feed 6
تېز خەۋەر – ستىۋ جوبس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى /steve-jobs-has-resigned.html /steve-jobs-has-resigned.html#comments Thu, 25 Aug 2011 15:52:07 +0000 پاسىبان /?p=2563 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

بۈگۈن سەھەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە شۈك بوپقالدىم. كاللامدا، ستېۋ جوبس ئەمدى قېرىپتۇ. ئەمدىلىكتە خىزمىتىدىن ھەقىقىي ئىستىپا بېرىپتۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئېراسى باشلىنىدىغان بوپتۇدە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

تۆۋەندىكىسى سىتىۋ جوبسنىڭ ئىستىپانامىسىنىڭ مەزمۇنى:

ئالما مۇدىرىيىتىگە:

مەن ئىلگىرى سىلەرگە مەن ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپەمنى ئادا قىلالمايدىغان ۋاقىتتا تۇنجى بولۇپ سىلەرنى خەۋەردار قىلىمەن، دېگەن ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ كۈن يېتىپ كەلدى. مەن ھازىر، ئۆزۈمنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا سورايدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن. ئەگەر مۇدىرىيەت قوشۇلسا، مەن مۇدىرىيەت رەئىسى بولۇپ يەنە ئالمىدا خىزمەت قىلىمەن. يېڭى ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مەن ئىلگىرىكى پىلانىمىز بويىچە تىم . كوكنى تەيىنلەشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئىشىنىمەن، ئالمىنىڭ كەلگۈسى – يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئېگە ۋە ئەقىللىق كوكنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ پارلاق. مەن كوكنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئالمىنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلبىسىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن. شۇنداقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنىنى بېغىشلايمەن.

مەن ئالمىدا ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئەزىز دوستلارنى ئۇچراتتىم. سىلەر بىلەن شۇنچە يىل بىللە خىزمەت قىلالىغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن. سىلەرگە رەھمەت!

ستېۋ جوبسنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ستىۋ . پاۋل . جوبس (Steve Paul Jobs) بۇ تارىخى شەخس 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سان-فرانسىسكودا تۇغۇلغان. بۇ يىل 56 ياش. ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى. ئىلگىرى پىكسار كارتون ستۇدىيىسىنى قۇرغان ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2006-يىلى پىكسارنى دېسنىي سېتىۋالغان بولسىمۇ ھېلىھەم مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە ئەڭ چوڭ شەخسىي پايچىكى. Macintosh, iPod, iPhone, iPad قاتارلىق دۇنيانى زىلزىلگە سالغان دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجادچىسى.

1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، پولشادىكى ئالىي مەكتەپتە پەقەت 1 مەۋسۇم ئوقۇغان.

1974-يىلى جوبس بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنى لايىھەلەيدىغان خىزمەت تاپقان.

1976-يىلى جوبس 21 يېشىدا 26 ياشلىق ستىفىن ۋوزناك (Stephen Gary Wozniak) بىلەن بىللە جوبسنىڭ ئۆيىدىكى ماشىنا ئامبىرىدا ئالما شىركىتىنى قۇرىدۇ. ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

1996-يىلىغا كەلگەندە جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىدىن قايتىپ كېلىدۇ.  1997-يىلى 9-ئايدا جوبس قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىدۇ.

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جوبس ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

ئالما شىركىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى

1977-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما شىركىتى رويىخەتكە ئېلىنىپ رەسمى قۇرۇلدى.

1980-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋال كوچىسىدا پاي چېكى بازارغا سېلىندى.

1983-يىلى ستېۋ جوبس بار ھاياتى كۈچىنى سەرپ قىلىپ شەخسلەر كومپىيۇتېر تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى.

1984-يىلى تۇنجى Mac كومپىيۇتېر بازارغا سېلىندى.

1985-يىلى NeXT شىركىتى قۇرۇلدى.

1986-يىلى جوبس Pixar نى قۇردى.

1993-يىلى NeXT نىڭ قاتتىق دېتال بۆلۈمى تاقالدى.

1995-يىلى ئويۇنچۇقلار ھېكايىسى دېگەن كارتون فىلىمنىڭ قاتتىق داڭقى چىقىپ كەتتى.

1996-يىلى ئالما شىركىتى NeXT نى سېتىۋېلىپ، جوبسنى ئالمىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.

1997-يىلى جوبس قايتىدىن ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدرىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى.

1998-يىلى iMac ئامېرىكا بازىرىدىكى كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان شەخسلەر كومپىيۇتېرى بوپقالدى.

1999-يىلى ئالما شىركىتى iBook، G4  ۋە iMacDV نى بازارغا سالدى.

200-يىلى ئالما شىركىتى چوڭ زىيات تارتتى. پاي چېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.

2001-يىلى تۈز ئېكرانلىق iMac بازارغا سېلىنىپ، 3 يىل بۇرۇن بازارغا سېلىنغان كونا نۇسقىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى.

2002-يىلى iPod نىڭ 2-ئەۋلاد نۇسقىسى بازارغا سېلىنىپ، Touch wheel دېگەن يېڭىچە بارماق سېزىش تېخنىكىسى بىلەن ياسالدى.

2003-يىلى تۇنجى 64 لىك شەخسلەر كومپىيۇتېرى Apple PowerMac G5 بازارغا سېلىندى.

2003-يىلى 3-ئەۋلاد iPod بازارغا سېلىندى. بىرلا ۋاقىتتا PC ۋە Mac نى قوللايدىغان بولدى. شۇنداقلا Firewire ئارقىلىق چاتمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

2004-يىلى جوبس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. ئالمىنىڭ پاي چېكى بازىرىدا يەنە چوڭ داۋالغۇش بولدى.

2004-يىلى iPod نىڭ 4-ئەۋلاد نۇسقىسى ئېلان قىلىنىپ، كىچىك iPod Mini دىكى Click Wheel تېخنىكىسى قوللىنىلدى.

2005-يىلى جوبس كېلەر قېتىمقى كومپىيۇتېردا intel CPU ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2005-يىلى 5-ئەۋلاد iPod ئېلان قىلىندى.

2005-يىلى iPod nano دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن نىپىز بولغان مۇزىكا قويغۇچ بازارغا سېلىندى.

2006-يىلى جوبس تۇنجى intel CPU ئىشلىتىلگەن iMac  ۋە MacBook Pro نى بازارغا سالدى.

2006-يىلى 2-ئەۋلاد iPod nano  ۋە iPod shuffle بازارغا سېلىندى.

2007-يىلى 3-ئەۋلاد iPod nano بازارغا سېلىندى.

2007-يىلى ستىۋ جوبس iPhone  ۋە يېڭىچە iPod نى ئېلان قىلدى.

2008-يىلى جوبس دۇنيادىكى ئەڭ نىپىز بولغان لەپتوپ MacBook Air نى ئېلان قىلدى.

2008-يىلى 3G تورىنى قوللايدىغان يېڭىچە ئايفون 2 بازارغا سېلىندى.

2008-يىلى 4-ئەۋلاد iPod nano ۋە iPod touch 2 نى ئېلان قىلدى.

2008-يىلى يىپيىڭى لايىھەدىكى MacBook ۋە MacBook Pro ئېلان قىلىندى. 24 سۇڭلۇق Apple LED Cinema Display ئېلان قىلىندى.

2009-يىلى 17 سۇڭلۇق MacBook Pro لەپتوپ بازارغا سېلىندى.

2009-يىلى 2-ئەۋلاد ئايفوننىڭ سۈرئېتى 2 ھەسسە تىزلىتىلىپ 3-ئەۋلاد iPhone 3GS ئېلان قىلىندى.

2009-يىلى يىپيېڭى iPod shuffle ، iMac ، Mac mini، Mac Pro ئېلان قىلىندى.

2010-يىلى تاختا كومپىيۇتېر iPad ئېلان قىلىندى.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى WWDC دا جوبس iPhone 4  نى ئېلان قىلدى. ئېكران چوڭلۇقى بۇرۇنقى 320*480 تىن 2 ھەسسە چوڭايتىلىپ 640*960 كە يەتكۈزۈلدى.

2001-يىلى 3-ئايدا iPad 2 ئېلان قىلىندى.

دىققەت قىلساق ھەر يىلى بىر يېڭىلىق. 2~3 يىلدا بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭى بىر مەھسۇلات. ئالمىنىڭ بۇ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇلارنىڭ «باش رېژىسسورى» ستىۋ جوبستىن ھەرگىزمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئالمىنىڭ جوبس دەۋرى ئاياغلىشىپ كوك دەۋرى باشلانغۇدەك. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟ ئەمدى ئالما يەنە بۇرۇنقىدەك مۇشۇنداق زور نەتىجىلەر بىلەن داۋام ئېتەلەمدۇ؟ بىزگە يەنە مۇشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىن ئېتەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تېنىمىزدا جېنىمىزدا ئامان قىلسىلا بۇ كۈنلەرنىمۇ كۆرەرمىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/steve-jobs-has-resigned.html/feed 3
پاسىبان كۇلۇبى QQ توپى توغرىسىدا بايانات /about-pasiban-qq-group.html /about-pasiban-qq-group.html#comments Thu, 11 Aug 2011 16:20:45 +0000 پاسىبان /?p=2481 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
پاسىبان كۇلۇبى QQ توپى قۇرۇلدى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ
无觅 ]]>

توپ قۇرۇلغان 2 كۈندىن بۇيان توپقا قوشۇلغان دوسلارنىڭ سانى 40 قا يەتتى. بۇ توپقا كۇلۇبىمىزدىكى ئايفون، ماشىنا، فوتوگرافىيە ھەۋەسكارلىرى يىغىلغان بولۇپ، قىزىقىشىمىزدا ئورتاقلىق بولغان دوسلارنى، ئورتاق پىكىردىكىلەرنى بىر يەرگە يىغىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان. قوشۇلغان بارلىق دوسلار ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىززەت-ئېكرام بىلەن چىرايلىق مۇنازىرىلىشىشى كېرەك. ئەخلاقسىز سۆزلەرنى ۋە رەسىملەرنى يوللىغۇچىلار بىردەك توپتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. مەدەنىي تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ULY نى قوللىنىڭ.


تۆۋەندە توپقا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن بىرقانچە پايدىلىق ئەسكەرتمە ئېيتىپ ئۆتەي. مۇشۇ توپنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن 4 مېنۇت ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ چىقىڭ.

1. iDevice (ئايفون، ئايپەد، ئايپود تاچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومومى ئاتىلىشى) ئىشلەتكۈچىگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرماي ئەسلى ھالەت بويىچە ئىشلەتسىڭىز سىزنىڭ ئۈسكىنىڭىزدىن ئاسانلىقچە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. كۆپ سۇئال سوراشتىن، ئۆزىڭىزگە كۆپ باش ئاغرىق تېپىۋېلىشتىن خالىي بولالايسىز.

2. ئىشلىتىش جەريانىدايولۇققان مەسىلىلەرنى 百度 ياكى گوگلدىن ئىزدەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھەرقانداق بىرەر خاتالىق ئۇچۇرى چىققان بولسا، دەل شۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش ماتورلىرىغا يېزىپ ئىزدىسىڭىز weiphone.com ياكى ptbus.com دېگەندەك چوڭ ئايفون مۇنبەرلىرىدىن جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدا ئەڭ تېز جاۋابقا ئېرىشىسىز. ئەگەر زادى تاپالمىسىڭىز ئاندىن بىزدىن ياردەم سوراڭ. بىز ئۆزىمىز بىلسەك بىلگەنچە، بىلمىسەك سىزگە ئوخشاشلا توردىن ئىزدەپ بېقىپ جاۋاب بېرىشقا تېرىشىمىز. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالماڭ.

3. زادى تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دېسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى. لېكىن ئەزەلدىن ئېيتىپ كېلىۋاتقان تەشەببۇس شۇكى، 91 غا ئوخشاش ئەخلەت چوماقچىلارنى ئىشلەتمەڭ. مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەڭ دېسە يەنە ئىشلىتىپ، 2 كۈندە ئايفون ئۇنداق بوپقالدى، مۇنداق بوپقالدى دېسىڭىز، سىزگە كىشىنى مەسخىرە قىلغاندەك تۇيۇلمامدۇ؟ بۇ بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئايفونىڭىزنى بۇزىدۇ دېسە يەنە كارىڭىز بولمىسا، باشقىلارنىڭمۇ سىز بىلەن كارى بولغۇسى كەلمەيدۇ. مانا مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمىدىن قاچۇرغان بولساقمۇ ئايفوندىن ھىچقانداق چاتاق چىقىپ باقماي شۇنداق راۋان ئىشلەپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى مەن 91 دىن يىراق تۇرىمەن. شۇڭا مەيلى ئەپ قاچىلاڭ، مەيلى مۇزىكا، مەيلى باشقا …… ھەممىنى iTunes ئارقىلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. باشقا ئېھتىياجنى iTools قا قالدۇرسىڭىز بولدى.

4. يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاتايىتىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا كاپشىپ چۈشەندۈرگەن بىر دەرسلىك بار(ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ). iDevice ئىشلەتكۈچى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن جىم ئولتۇرۇپ تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقىڭ. بۇ مېنىڭ ئەجرىمنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىزلا بولۇپ قالماي، سىزنىڭ نۇرغۇن سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب تېپىپ بېرىدۇ. مۇشۇ يېرىم سائەت ئىچىدە سىز كۆپ بىلىملەرگە ئېگە بولىۋالىسىز.

5. ئالدىراقسانلىق بىلەن سۇئال سوراشقا ئالدىرىماڭ. چۈنكى ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىش-ھەرىكىتى بولىشى مۇمكىن. سىزگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماسلىقى، سۇئالىڭىز جاۋابسىز قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىرىپ «خەزىنە» سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈڭ. شۇ جايدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىز بىلگەن بىرەر ياخشى ئەپ، ياخشى قورال ۋەياكى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان نەرسىلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يەر ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ.

6. توپتىكى ئىسمىڭىزنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ پاسىبان كۇلۇبىدا ۋەياكى تور دۇنياسىدا دائىم قوللىنىدىغان نامىڭىزغا ئۆزگەرتىۋېلىڭ. بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ سىزنى ئېسىدە تۇتىۋېلىشىغا پايدىسى تېگىدۇ.

7. توپتا ULY ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ULY بولسا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى Uyghur Latin Yeziqi  نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى. تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ماس ھەرپلەرنى تېپىۋېلىڭ:

ULY توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.

ئەگەر يەنە كۇلۇبىمىزدىن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ۋە ياكى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ئاللاھ خالىسا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشكە تېرىشىمەن.

پاسىبان كۇلۇبى QQ توپ نومۇرى: 114977078

مۇناسىۋەتلىك يازما : /pasiban-qq-group.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/about-pasiban-qq-group.html/feed 8
پاسىبان كۇلۇبى QQ توپى قۇرۇلدى /pasiban-qq-group.html /pasiban-qq-group.html#comments Wed, 10 Aug 2011 05:39:29 +0000 پاسىبان /?p=2455 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
پاسىبان كۇلۇبى QQ توپى توغرىسىدا بايانات

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تېز خەۋەر! ئايپەد 2 (iPad2) بۈگۈن ئېلان قىلىندى!
无觅 ]]>

ئۇقتۇرۇش! ئۇقتۇرۇش! پاسىبان كۇلۇبى QQ توپى قۇرۇلدى! ئايفونداشلار، ئالمىداشلار، ماشىناخۇمارلار، فوتوگراف ھەۋەسكارلىرى توپى قۇرۇلدى! 

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنداق بىر توپ قۇرۇش نىيىتىم بار ئىدى. پاسىبان كۇلۇبىدا سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلارغا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارنى بىر يەرگە جۇغلاش ئۈچۈن بۇ توپنىمۇ قۇرىۋالدۇق. توپتا ئاساسلىقى مۇشۇ ساھەلەردە پىكىر ئالماشتۇرىلىدۇ. سورايدىغان سۇئالىڭىز بولسا ئىلاج بار  «سۆز قالدۇرۇڭ» سەھىپىسىگە يېزىپ قالدۇرسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. بۇنىڭدا ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققانلار بۇنىڭدىن جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ.

توپ نومۇرى: 114977078  قوشۇلغۇچىلار پاسىبان كۇلۇبىنى ئەسكەرتىڭ.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭىلانغىنى:

بەزىلەر توپقا قانداق قوشۇلۇشنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز قوشىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز مېنىڭ QQ رىمدە بولىشىڭىز كېرەك. قانداق قوشۇلۇشنى بىلمىسىڭىز بۇنىڭدىن كۆرۈڭ:

ئاۋال دوست قوشىدىغان جاينى ئاچىسىز.

ئاندىن ئاستىدىكى سان تەرتىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.

نومۇرنى تولدۇرۇپ ئىزدەشنى باسسىڭىز بولىدۇ. تاپقاندىن كىيىن 加入该群 نى بېسىڭ.

ئاندىن كىم ئىكەنلىكىڭىزنى يېزىپ ئىلتىماس ئېۋەتىڭ. توردا بوپقالساملا قوشۇپ قويىمەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/pasiban-qq-group.html/feed 6
پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئايفون ئۇسلۇبى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى /pasiban-blog-iphone-themes.html /pasiban-blog-iphone-themes.html#comments Thu, 28 Jul 2011 05:12:10 +0000 پاسىبان /?p=2360 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك

تېز خەۋەر! ئايپەد 2 (iPad2) بۈگۈن ئېلان قىلىندى!
无觅 ]]>

نەچچە كۈندىن بۇيان مۇشۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ يانفون ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن يانفون تور بېتىنى كۆرگىنىمدە بىزنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق يانفوننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئەقلى ئىقتىدارى بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئېدىم. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن نەچچە كۈن بوپتۇ، بۇنىمۇ ھەل قىلىۋالدىم.

يانفوندا كىرگەندە باشقىچە ئۇسلۇب كۆرىنىشتىكى ئاساسى مەقسەتنى ئەلۋەتتە بىلىشىڭلار مۇمكىن. يانفون ئۇسلۇبىدا ئوشۇقچە نەرسىلەر بولمايدۇ. ئېقىم مىقدارى تېجىلىدۇ، ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.  ئاساسى بەتتە قىستۇرما رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغان بولغاچ  GPRS تە چىققاندىمۇ ئېقىم مىقدارىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىچكىرىلەپ ئوقۇماقچى بولساق ئاستى تەرەپتىكى «داۋامىنى ئوقۇش» دېگەن يەرنى بېسىپ يازما تەپسىلاتىنى كۆرىمىز.

بۇ يانفون ئۇسلۇبىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى مەزمۇن ۋە رەسىمنى يانفون ئېكرانىغا ماس ھالدا كىچىكلىتىپ كۆرسىتىدۇ. ئەسلى رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئۆزگەرگەچ ئېقىم مىقدارى يەنىلا ئاز كېتىدۇ.

ئەگەر سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئۇيغۇرچە فونت (بۇ يەرنى چېكىپ مۇناسىۋەتلىك يازمىغا بېرىڭ) قاچىلىغان بولسىڭىز مەزمۇنلار ئەرەپچىگە مايىل فونتتا ئەمەس، رەسىمدىكىدەك چىرايلىق ئۇيغۇرچە ھالەتتە كۆرىنىدۇ.

بەت ئۈستىگە دىققەت قىلسىڭىز ئىزدەش دېگەن جاينى كۆرىسىز. شۇ يەرنى چېكىپ بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىزدىيەلەيسىز. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئايفوندىكى ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسىنى ياكى كىيىن سىز ئۆزىڭىز قوشقان ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى (بۇ يەرنى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك يازمىغا بېرىڭ) ئىشلىتىپ يېزىڭ. خەنزۇچە ياكى 搜狗  كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق كىرگۈزسىڭىز ئېنگلىزچە ھەرپ چىقىدۇ. قايسىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا شۇنى كىرگۈزۈپ ئىزدىيەلەيسىز. كىرگۈزۈپ بولۇپ Go نى بېسىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

ئىزدەش دېگەن جاينىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلسىڭىز كىچىك بىر ئۈچبۇلۇڭ بار. شۇ يەرنى بېسىپ ھەرقايسىز تىزىملىكلەرنى كۆرەلەيسىز. ئاساسى تىزىملىكتە سۆز قالدۇرۇڭ بېتى، RSS ئوقۇغۇچ ۋە ئېلخەت ئەۋەتىش تىزىملىكلىرى بار. RSS نى ئالما RSS ئوقۇغۇچىسى ئارقىلىق ئوقۇيدىكەنسىز. ئاستىدىكى ئېلخەتنى باسسىڭىز بىۋاستە ئايفونىڭىز ئارقىلىق ماڭا ئېلخەت ئېۋەتەلەيسىز.

خەتكۈچ تىزىملىكىدە بلوگدىكى بارلىق خەتكۈچلەر ئىشىلىتلگەن سانىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىۋى بويىچە تىزىلىپ كۆرىنىدۇ. ئارقىدىكى سان شۇ خەتكۈچكە ماس كېلىدىغان يازمىنىڭ سانى.

كاتېگورىيە دېگەن تىزىملىك بىز نورمال كومپىيۇتېرىمىزدا كۆرىدىغان بەت ئۈستىدىكى تىزىملىكلەر شۇ. بۇنىڭدا شۇ كاتېگورىيەگە ماس يازمىلارنى كۆرەلەيسىز.

ئەگەر كۇلۇبىمىزنىڭ تىزىملاتقان ئەزاسى بولسىڭىز ئاخىرقى بۇ تىزىملىك تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن كۆرىنىدۇ. بۇ جايدىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ تىزىملاتقان ئۇچۇرلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز.

ئىنكاس يېزىش رايونىغىمۇ ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە يازالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز.

يانفون ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن پاسىبان كۇلۇبىنىڭ تۇغىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك بۇرۇنقىغا قارىغاندا رەڭگى قويۇقراق، ئوچۇقراق كۆرىنىدىكەن. بۇرۇنقى تىزلەتمىنى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ ئۇسلۇب سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. ئەگەر بايقىغان خاتالىقلار بولسا تەڭ ئوتتۇرىغا قويساڭلار، ئۆزۈم PHP, CSS تىللىرىنى بىلمىسەممۇ مۇشۇنچىلىك قىلىۋالدىم. ئەگەر قىلالىغۇدەك بولسام ئاللاھ خالىسا چوقۇم يەنە سىناپ كۆرىمەن.


* ئىنكاسلارنى كۆرۈش ئۈچۈن يازمىنىڭ ئاخىرىدىكى «مانچە دانە ئىنكاس بار» دېگەن يەرنى بېسىپ ئىنكاس رايونىنى ئېچىڭ.

* بىرەر يازمىنى ئېچىپ مەزمۇندىن ئاتلاپ بىۋاستە ئىنكاس رايونىغا بېرىش ئۈچۈن يازما ماۋزۇسىدىكى «ئىنكاسلارنى ئوقۇش» دېگەن يەرنى بېسىڭ.

* ئەگەر يانفون ئۇسلۇبىنى ياقتۇرمىسىڭىز ئەسلىدىكى كومپىيۇتېر ئۇسلۇبىغا قايتىپ زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەت ئايىغىدىكى «يانفوندا كىرىش» دېگەن جاينى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بىۋاستە قايتمىسا بەتنى بىر قانچە يېڭىلاپ باشقا يازمىنى ئېچىپ سىناپ كۆرۈڭ.

كومپىيۇتېر ئۇسلۇبىدىن يانفون ئۇسلۇبىغا كېلىش ئۈچۈن يەنە بەت ئايىغىدىكى يانفوندا كىرىش دېگەن جاينى تېپىپ ئېچىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

* بۇ ئۇسلۇب Google Android قىمۇ ئىشلەيدۇ.


كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/pasiban-blog-iphone-themes.html/feed 17
بۇ iPhone 5 نىڭ قۇتىسىمىدۇ؟ /is-this-iphone-5.html /is-this-iphone-5.html#comments Wed, 27 Jul 2011 15:12:28 +0000 پاسىبان /?p=2351 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟

ئالما iPhone 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى بېكىتتى

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>

جۇڭگودىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكىدا 5-سىنتەبىر 5-ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىدىكەن دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن ئىدى. ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئىش قوشۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شىنجىندىكى  富士康 شىركىتى دۆلىتىمىزدە بولغانلىقتىن بۇنداق ئىچكى خەۋەرلەرنىمۇ تارقىمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈن 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ قۇتىسى تۇنجى بولۇپ تورغا يوللىنىپ كەتكەن.

گەرچە 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ زادى قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالما تەرەپ ئېنىق بىرەر مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ ھەرقايسى قۇلىقى ئۇزۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بىزمۇ iPhone 5 توغرىسىدا بەزىبىر ئۇچۇرلارغا ئېگە بولۇپ يۈرۈپتىمىز. بۈگۈن جۇڭگودىكى بىر تورداش iPhone 5 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىنىڭ رەسىمىنى تورغا يوللىۋەتكەن.  بۇ رەسىمگە قاراپ 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. دېمەك، ئاز قالغان بولسا كېرەك …

بۇ رەسىمگە قاراپ iPhone 5 نىڭ 2 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نۇسقىسى بولىشى مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن، A ۋە B دېگەندەك. ھەتتا C نەشىرىمۇ بولىشى مۇمكىنكەن. بۇلارنىڭ قاتتىق دېتاللىرىدا پەرق كۆپ بولمىسىمۇ ئېكرانىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بار ئىكەن. بىر مەزگىل ئىلگىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى كىيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېكرانى چوڭ بولۇپ 4 سۇڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دېگەندەك خەۋەرلەرنى بەرگەن. بۇ  رەسىملەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق بۇ راستەك قىلىدۇ.

بۇ قىياسلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر قانچە پارچە رەسىمگە ئاساسەن قىلىنغان پەرەزلەر بولغاچ ئېنىق ئاساسى بارمۇيوق بىلمەيمىز. بەلكى ئاللاھ خالىسا كەلگۈسى 2 ئاي ئىچىدە ھەممە ئېنىق بولسا كېرەك. بىرلىكتە كۈتەيلى …

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/is-this-iphone-5.html/feed 7