مۇشۇ تېمىدىكى بىر قاتار يازمىلارنى كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كۆرىۋاتىدۇ. سىلەرگە پايدىسى ئوبدان تەگكەن بولسا مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىدىكى بىرقانچە ئەپلەر چوقۇم سىلەرگە ياقتى، شۇنداقمۇ؟ بۈگۈنكىسى ئۇلاردىنمۇ ئىسىل! ھەقىقەتەن پەچەت ئەپ! چۈنكى بۇ - راستىنلا پەچەت ئەپ!
تۈرمىدىن قاچۇرۇش جۇڭگودا %90 لىك نەتىجە بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرسا كېرەك. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايفوننى بازاردىن ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ يوق ھېساپلاشماستىن بىلمەيلا ئىشلىتىۋېرىدىكەن. مەن بۇنداق ئادەمدىن خېلى كۆپلىرىنى ئۇچراتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ياخشى، قاچۇرغانكەن قاچۇرغاندەك ئىشلىتىپ ئاچچىقىنى چىقارغانمۇ ياخشى. تاز بولساڭ گەدەنگىچە …
ئالدىنقى تېمىدا چەكسىز دوك ئايكونىنى قانداق قىلىدىغانلىق توغرىسىدا توختالغان ئېدۇق. Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ ئايفونىدا يەنە بىر خىل ئۈنۈم بار. بەت ئۆرۈگەندە قىستۇرما رەسىمگە ئوخشاش تولىمۇ چىرايلىق ئۈنۈم پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈنۈممۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىن قاچۇرغان iDevice لار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىزمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇ ئۈنۈمنى قوشمىسىڭىز ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغان بولىسىز!
سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن بۇ ئۇقۇمغا يېڭى ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئەگەر سىز ئالما مەھسۇلاتلىرىغا يېڭى بولسىڭىز بۇ ئاتالغۇ سىزنىڭ ئىزدىنىپ كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ سىزگە يېڭىچە بىر ئالما مەھسۇلاتى تەمىن ئېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئايفوننىڭ بۇ تەرەپلىرى بىلەن تازا ھەپىلىشىپ كېتىشنى خالىمىسىڭىز ۋەياكى بىلمىسىڭىز، سېستىمىدىن چاتاق چىقىش دېگەندەك بىرقىسىم ئەھۋاللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنىدىن ئەنسىرىسىڭىز سىزگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغان بولسىڭىز قېنى مەرھەمەت! ئايفونىڭىز پەقەت بۇنچىلىكلا ئەمەس! ئۇ ھەقىقەتەن ئىسىل!
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %10 iPhone ئىشلەتكۈچى iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرىدىكەن. ئەلۋەتتە، تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئالما ئورگان تەرەپ ئېتىراپ قىلمايدىغان 3-تەرەپ دېتاللىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن. ئالما شىركىتى ۋە لىيەنتوڭغا ئوخشاش ھوقوق بېرىلگەن ساتقۇچى ئورگانلار تۈرمىدىن قاچۇرغان iPhone ئۈچۈن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن. لېكىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنغا ئۇيغۇنلاشقاندىن بۇيان، Cydia غا ئوخشاش 3-تەرەپ پروگرامما سۇپىسى iPhone نى تېخىمۇ خاسلىققا ۋە رەڭدارلىققا ئېگە قىلىشنى خالايدىغان ئابونتلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى AppStore بوپقالدى! ئۇنداقتا Cydia نىڭ قۇرغۇچىسى (Jay Freeman(Saurik نىڭ iPhone ى زادى قانداقتۇ؟
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرغاندا قۇلۇپى بار ئايفونداشلارنىڭ TinyUmbrella ئارقىلىق مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قېلىپ يېڭىلاش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىمىز؟ بۈگۈن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئېلان قىلغان 4.2.1 نەشىرىدىكى بەزى يوچۇقلارنى ئالما يەنە ئالدىراپ-تېنەپلا 4.3.2 دەپ ئاتالغان يېڭى نەشىرنى ئېلان قىلىپ قايتا يامىدى. تام ئېگىزلىگەنسىرى ئىت يامانلىشىپتۇ دەپ، خاككىرلىرىمىزمۇ بوش كەلمىدى. يېڭى نەشىر ئېلان قىلىنىپ پەقەت قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە بۇنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى.
تۈنۈگۈن iOS 4.3.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كۆپ قىسىم ئالمىداشلارغا تولىمۇ كاتتا خۇشخەۋەر بولدى. لېكىن ھازىرچە 2 iPad گە ماس كەلمەيدىغانلىقى كىشىنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. لېكىن بۇنىڭغىمۇ ئاز قالغان بولسا كېرەك. بۇنىڭ ئۇسۇلى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن iOS 4.3.1 نىڭ ئايفون ئۈچۈن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشقاچ تۇرايلى.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار