پاسىبان كۇلۇبى » بىلىملەر | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى /cars-noun-explanation-torque.html /cars-noun-explanation-torque.html#comments Fri, 04 Nov 2011 14:26:21 +0000 پاسىبان /?p=3276 > ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ. ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا» يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ…  تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى: «ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم. يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان. بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟بالوندىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچەماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارىiOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشسىمسىز سىن ئۇزىتىش تېخنىكىسى WiDi نى بىلەمسىز؟Cydia ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچەيېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدىگەندە جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)كۆپلىگەن كىشىلەر ئالالايدىغان ماشىنا – SUZUKI SX4فوتوگرافىيە كەسپىي ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات2010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرىماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – ئات كۈچىiOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىش]]> ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات - تولغىنىش مومېنتى

«ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ» تېمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىلگىرىكى يازمىلاردا «ئات كۈچى» ۋە «چىقىرىش مىقدارى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ماشىنىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان ئاتالغۇ – تولغىنىش مومېنتى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماشىنىغا قىزىقىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. لېكىن كەسپىي، تېگىدىن جانلىق تونۇشتۇرالايدىغان، بارلىق ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى تېگى مەناسىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇپ چىققۇدەك، قىسقىسى – چاڭقىغان جايغا بارغۇدەك بىرەر تور بەت ياكى ئورگان يوق. مۇشۇ سەۋەبلىك بەزىبىر ماشىنا ئاتالغۇلىرىنى قانداق ئاتاش توغرىسىدا مەندە بىر ئاز سىقىنتىلىق مەۋجۇد.

ماشىنا چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. گەپنىڭ جىڭىنى قىلسام، ئىككى تۆت تال رەسىم چىقىرىپ قويۇپ، PV ياكى IP دىن پايدىلىنىپ ئېلاندىن پۇل تاپىدىغان ئاقماس تور بەتتىن باشقىسى ئەمەسكەن. گەپنى ئاچچىق قىلدىم. لېكىن راستىنى ئېيتتىم. بىكەت ئېگىسى كۆرگەن بولسا زادى شۇنداقمۇ يوق، ئۆزىدىن بىر سوراپ باقسا بولىدۇ.

چاڭقىغان جايغا بارىدىغان، ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرىدىغان، تېخنىكىلىق پارامېتىرلارنى بىر بىرلەپ يېشىپ بېرەلەيدىغان، كۆرۈرمەنلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بەت يوق بولغانلىقتىن، بولسىمۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ دەسلىۋېدىلا سىنا ياكى 汽车之家 غا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن.

يازمىنىڭ بېشىدا تېمىغا ھەم مۇناسىۋەتلىك، ھەم مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر ئېيتىلىپمۇ قالدى. لېكىن بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدىغان، مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇپ جانلىق ئېلىپ بارسا ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ھەم خەلققە نەپ بېرەلەيدىغان بىر ئىش. مۇشۇنداق ئويى بار قېرىنداشلىرىمىز يەنىمۇ تەپسىلىي ئويلىنىپ قويسا بولىدۇ. قوللايمەن.

خوش، ئەمدى يازمىنىڭ پوسكاللىسىغا كېلەيلى. ئاۋال بۇ فىزىكىلىق ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىۋېتەيلى.

ئۇقۇم

تولغىنىش مومېنتى ( خەنچە Niu Ju  扭矩 ، ئېنگلىزچە Torsional Moment ياكى Torque ) بولسا فىزىكا ئېلمىدىكى كۈچ مومېنتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. ئۇ شەيئىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچنى كۆرسىتىدۇ. ماتورنىڭ كۈچ مومېنتى بولسا ئەگرى ئوقتىن كەلگەن كۈچ مومېنتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردىكى مومېنت (كۈچ) تولغىنىش كۈچى. يەنى، ماتوردىن ئوق ئارقىلىق ئۇزىتىلغان كۈچنىڭ قانچىلىك كۈچ مىقدارىدا تولغىنىپ چاقنى ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر بىرلىك ھېسابلىنىدۇ.

قۇۋۋەت مۇقىم بولغاندا تولغىنىش مومېنتى بىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىشى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ماتور ئايلىنىشى بۇ چاغدا قانچە تىز بولسا، تولغىنىش مومېنتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا چوڭ بولىدۇ. بۇ پەقەت سېلىشتۇرما خالاس. چۈنكى ماتورنىڭ ئايلىنىشى بولسا قۇۋۋەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تولغىنىش مومېنتى ماشىنىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدىكى يۈك ئارتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاتالغۇ.

خەلقئارا بىرلىكى

تولغىنىش مومېنتى كۈچ ۋە كۈچ يەلكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. خەلقئارا بىرلىكى نىيۇتون.مېتىر N.m .ئۇنىڭدىن باشقا قاداق.فۇت lb-ft  ۋە كېلوگرام مېتىر kgm قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش. G=mg بولسا، g=9.8 دېسەك 1kg=9.8N بولىدۇ. دېمەك 1kgm=9.8Nm دېگەن گەپ.

چىگىش نوقتىنى يېشىش

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تولغىنىش مومېنتىنىڭ بىرلىكى نىيۇتون . مېتىر ياكى كېلوگرام مېتىر. يەنى 1 كېلوگرام كېلىدىغان نەرسىنى مۇشۇ كۈچ بىلەن 1 مېتىر ئارىلىققا ئىتتىرەلەيدۇ دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئۇنداق بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان 1300 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىلارنىڭ كۈچ مومېنتى ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1500 نيۇتون مېتىردىن ئارتۇق بولغاندا ئاندىن نورمال سۈرئەتتە ماڭالايدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. شۇنداقمۇ؟ مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

8-ئەۋلات خوندا Civic 1.8 نىڭ 4300 قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىدىكى تولغىنىش مومېنتى ئاران 173.5 Nm . ماشىنىنىڭ ئومومى ماسسىسى 1 توننىدىن ئارتۇق تۇرسا تولغىنىش كۈچى ئاران 173.5 Nm بولغان ماتور قانداق قىلىپ شۇنچە ئېغىر ماشىنىنى قوزغىتالايدىغاندۇ؟ بۇ سۇئال جايىدا سورالدى. بۇ مونۇ سەۋەبتىن :

ماشىنىنىڭ بىز بىلىدىغان <<خوت>> ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ.

ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا»

يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ… :-D

تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى:

«ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە.

مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم.
يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. :cool: مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان.

بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.

ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cars-noun-explanation-torque.html/feed 8
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىش /half-perfect-jailbreak-ios5.html /half-perfect-jailbreak-ios5.html#comments Tue, 01 Nov 2011 12:17:00 +0000 پاسىبان /?p=3242 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 4.2.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى

سېستىما يېڭىلاشتىكى تەجرىبىلىرىم ( 1013خاتالىقىنى ھەل قىلىش)
无觅 ]]>
half-jailbreak-ios5-01

iPhone نىڭ تۈرلىرى ئاۋۇغانسىرى، تۈرمىدىن قېچىشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. تامدىن ئارتىلىپ قېچىش، يەرنى كولاپ قېچىش، تامنى چېقىپ قېچىش، گۇندىپاينى جايلاپ قېچىش، دوختۇرنى كەلتۈرۈپ قېچىش … شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىككى كۈندىن بۇيان «يېرىم مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش» دەپ بىر نېمە چىقىپتۇ دەيدۇ …

half-jailbreak-ios5-02

ئالدىنقى يازمىلاردا ئېيتقاندەك، نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندا ئەڭ چوڭ كەمچىللىكى بىرەر قورالنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق قايتا قوزغىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلالمايدۇ. Cydia ئاتامانى Saurik مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى دەيدۇ. مۇنداقكەن.

بۇ ئۇسۇل iPad 2 ۋە iPhone 4S كە ماس كەلمەيدىكەن. ئاۋال iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرىمىز. (بۇ يازمىغا قاراڭ) ئاندىن Cydia غا بۇ مەنبەنى قوشىمىز. (مەنبە قوشۇشنى بىلمىسىڭىز بۇ يازمىدىن ئۆگىنىڭ)

http://thebigboss.org/semitether

ئاندىن SemiTether دەپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان iDevice ئەمدى يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىسىز ئۆزى قايتا قوزغىلالايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئۇچۇر يوللاش، قوبۇل قىلىش، تېلىفون ئۇرۇش دېگەندەك مەشغۇلاتلاردىن نورمال بولغاندىن سىرت كەمچىللىكى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئىكەن.

  • ئېلخەت Mail نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن؛
  • Safari نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن؛
  • Cydia نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن؛
  • تۈرمىدىن قاچۇرسا ئاندىن نورمال ئىشلەيدىغان ئەپلەر نورمال ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.

يۇقارقى خاتالىقلارنى redsn0w ئارقىلىق قايتا قوزغىتىۋەتسەك نورمال ئىشلەيدىكەن. بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

بۈگۈن Saurik مۇشۇ خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرىنى تۈزەپتۇدەك. ھازىرقى نەشىرى 0.9.1 بولۇپ، بۇ نەشىردە Mobile Substrate نىڭ ياردىمى بىلەن مۇقىملىقى ئېشىپتۇدەك.

half-jailbreak-ios5-03

Mobile Substrate دېگەن Cydia ئاتىسى Saurik نىڭ قولى بىلەن پۈتكەن، تۈرمىدىن قاچقاندا ئاندىن نورمال ئىشلەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان، ئادەتتە Cydia دا SBSettings, Winterboard دېگەندەك ئەپلەرنى قاچىلىغاندا بىللە قاچىلىنىدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇلارنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە چوڭ پايدىسى تېگىدىغان ياردەمچى سۇپا. بۇنى قاچىلىمىغان بولسىڭىز ئىزدەپ قاچىلىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام.

SemiTether نىڭ يېڭى نەشىرىدىمۇ مۇشۇ ئوقەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىكەن. مۇشۇ سەۋەبلىك يۇقارقى بەزى كەمچىللىكلەرنى تۈزەتكەن ئوخشايدۇ. يېڭى نۇسقىسىدا سافارىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولارمىش. ئۇلار ھازىر مۇشۇ جەھەتتە كۈچەپ، كىيىنكى نەشىرىدە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامۇكەممەلنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل 5.0 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بوپقالامدۇ يوق، بىلمىدۇق…

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/half-perfect-jailbreak-ios5.html/feed 19
سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟ /setup-siri-on-iphone4.html /setup-siri-on-iphone4.html#comments Mon, 31 Oct 2011 14:32:13 +0000 پاسىبان /?p=3237 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك
无觅 ]]>
iphone-4-set-siri-01

ئىككى كۈندىن بۇيان iOS 5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىسىمۇ تونۇشتۇرۇپ يۈرگىنىم ئەسلى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. مەقسەتكە كەلسەك، سىرى iPhone 4S نىڭ پاتېنتى ئەمەس. تۈرمىدىن قاچۇرساقلا، iPhone 4 كىمۇ ئەكىرىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىرچە نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈنمۇ بولىۋېرىدۇ.

دىققەت: تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلار سېستىمىنىڭ نېگىزىنى ئۆزگەرتىدىغان بولغاچقا سېستىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن. ئاۋال يازمىنى تولۇق بىر ئوقۇپ چىقىڭ، ئاندىن چاتاچ چىقسا ئۆزۈم ئېگە دىيەلىگەندە ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ. iPhone بۇزۇلسا كارىم يوق! :lol:

يۇقارقى سۈرەتتىكىسى خاككېرلارنىڭ iPhone 4 تىكى سىرىنىڭ ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرىگە مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۇلىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى. بۇنداق ئېيتىلىشىدە، دەسلەپتە سىرىنى iPhone 4 كە مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلىغان. لېكىن، ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئوقۇپ ئالالمىغان. بۇنداق بولغىنىدا سىرىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولماس ئىدى. ئەجەبا بىز iPhone 4 نى 4S قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىشلىتەرمىدۇق؟

خاككىرلارنىڭ جاپا چېكىشى بىلەن 4 تىكى سىرىنى ئالمىغا ئۇلاپ مىۋە بېرىشكە باشلاپ قويغانمۇ ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداقكەن.

ئاۋال بىزدە نامۇكەممەل بولسىمۇ، تۈرمىدىن قاچقان iPhone 4 ياكى iPod touch 4 بولىشى كېرەككەن. (iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بۇ يازمىدا بار) ئاندىن كومپىيۇتېرىمىزدا iFunbox ياكى iTools  تەك زىيارەتچى بولىشى كېرەككەن. iPhone غا Cydia دىن iFile دېگەن بۇ دېتالنى قاچىلاش لازىمكەن. بۇلار تەق بولغاندىن كىيىن سىرىنى بۇ جايدىن چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرنىڭ بىز بىلىدىغان جايىغا ساقلاپ قويۇپ قويىدىكەنمىز.

سىرى ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ.

چۈشۈرگەن ھۆججەتنى يېشىڭ. ئىچىدە iFunbox مۇ بار. بۇ خۇددى iTools نىڭ iPhone ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان ئىقتىدارىغا ئوخشايدىغان بىر قورال. مۇشۇ ئارقىلىق كۆچۈرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى AssistantServices.framework ئىسىملىك مۇندەرىجىنى iPhone ئىچىدىكى بۇ مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈڭ:

/System/Library/PrivateFrameworks/

SpringBoard_Assistant_pics دېگەن مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى (دىققەت: بۇ مۇندەرىجىنى ئەمەس، ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى) تۆۋەندىكى ئادرىسقا كۆچۈرۈڭ:

/system/library/coreservice/springboard.app

ئاندىن /system/library/coreservice/springboard.app نى تېپىپ، iPhone 4 ئابونتلىرى N90AP.plist ھۆججىتىنى، iPod touch ئابونتلىرى N81AP.plist ھۆججىتىنى تېپىڭ. iPhone دىكى iFile ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىيەلەيسىز. تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىپ ساقلاڭ.

ئەمەلىيەتتە چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن rar ھۆججىتىدە ئۆزگەرتىپ بولغان N90AP.plist ھۆججىتى بار. Restart SpringBoard يەنى  注销 قىلىپ، قوزغالغاندا قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ. سىرى قوزغالغاندۇ؟ مۇبارەك بولسۇن. ئەمدى 4S ئالمايمۇ سىرىدىن ھوزۇرلانغاچ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

  • ھۆججەت ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئەسلى ھۆججەتنى زاپاسلاپ قويۇڭ. چاتاق چىقىپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ.
  • SpringBoard_Assistant_pics مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرىمىز، مۇندەرىجىنى ئەمەس.
  • سېستىما ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش سېستىمىغا ئېغىر زىيان سېلىشى مۇمكىن. ئېھتىيات قىلىڭ. بىرەر مەسىلە كۆرۈلگىدەك بولسا ئۈلگۈرسىڭىز زاپاسلىۋالغان ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇڭ، كىيىن قوشقان ھۆججەتلەرنى كاللىڭىزنى يىغىپ تۇرۇپ ئۆچۈرىۋېتىڭ.

iPhone 4 كە سىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناق قىلغان كۆرۈنۈش

iPhone 4 كە سىرىنى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن پروگراممېر ستىۋىننىڭ iPhone 4 تىكى سىرىنى سىناق قىلغان كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ چىقايلى

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/setup-siri-on-iphone4.html/feed 34
iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش /non-perfect-jailbreak-ios5.html /non-perfect-jailbreak-ios5.html#comments Mon, 31 Oct 2011 04:44:16 +0000 پاسىبان /?p=3231 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى
无觅 ]]>
jailbreak-ios5-01

ئالدىنقى يازمىمىزدا iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىقنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ھازىرچە بۇنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەپقاچتى گەپلەرگە قارىغاندا پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى مەن ئەزەلدىن تونۇشتۇرمايتتىم. لېكىن بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇشىمدا ئازراق سەۋەب بار.

 

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى يەنىلا Redsn0w0.9.9b6 . بۇنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

b6 نۇسقىسى b4 نۇسقىسىدىكى بەزى BUG لارنى ئوڭشىغان بولۇپ، iOS 5 نى يەنىلا نامۇكەممەل قاچۇرالايدۇ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن، سېستىمىغا بەلگىلىك زىيىنى بولۇش ئېھتىمالى بولغان (سېستىمىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بەزى ئىقتىدارلار ئىشلىمەسلىكى، نورمال يۈرۈشمەسلىكى، بەزى ئىقتىدارلىرى يوقاپ كېتىشى دېگەندەك ئېھتىماللىقلار بار)، ئەڭ چوڭ پەرقى قايتا قوزغاتقاندا مۇشۇنىڭدەك دېتاللار ئارقىلىق قوزغىتىش لازىم بولىدىغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش، دېگەنلىك. شۇڭا بۇنى ئادەتتە مەن چۈشەندۈرۈپ كېتىشكە ئالدىرىمايتتىم.

لېكىن نەچچە كۈن ئىلگىرى iPhone 4S نىڭ پاتېنتى بولغان Siri نى خاككىرلار مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا iPhone 4 تە ئالما مۇلازىمېتىرىغا ئۇلاپتۇدەك. شۇنىڭ بىلەن سىرىمۇ iPhone 4 كە كۆچۈپ كەپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت بولىدىكەن. شۇڭا نامۇكەممەل بولسىمۇ، سىناشقا ئالدىراپ كەتكەنلەر تەمىنى تېتىغاچ تۇرامدىكىن دەپ بۇنى چۈشەندۈرۈپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

جاۋابكارلىق باياناتى

تۈرمىدىن قاچۇرۇش – خەتىرى بار مەشغۇلات. بۇ مەشغۇلاتتا سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كېتىشى، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىڭىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچنى بېسىشتىن بۇرۇن ئۇچۇرلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ. ئەگەر بىخەستەلىك قىلىپ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىز يوقاپ كەتسە ياكى تېلىفونىڭىز سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا بىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز. مۇشۇ ئاقىۋەتلەرگە ئۆزىڭىز ئېگە بولالىسىڭىز داۋامىنى ئوقۇڭ. ئەگەر ساغلام، قائىدە-يوسۇنى بىلەن ئىشلىتىمەن دېسىڭىز بۇنى بىز تولىمۇ قوللايمىز. تۈرمىدىن قاچۇرمايلا ئىشلىتىڭ.

يېشىشنى باشلىدۇق ئەمىسە

ئاۋال يېشىش دېتالى (تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى) نى چۈشۈرۈپ، SHSH نى زاپاسلاپ قويۇڭ. (بۇ يازمىدا تەپسىلاتى بار)

يېشىش دېتالى بار مۇندەرىجىگە iOS 5 نىڭ سېستىما بولىقىنى قويۇپ قويۇڭ. (بۇ يازمىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغاننى تاللىۋېلىڭ)

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىز iOS 5 نى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز قايتىدىن چۈشۈرۈشىڭىزنى ھاجىتى يوق.

iTunes 10.5 نى قاچىلىغان بولىشىڭىز كېرەك. تېخىچە تۆەن نەشىردىكى iTunes نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇ يازمىغا بېرىپ iTunes 10.5 غا يېڭىلىۋېلىڭ.

ئەگەر Win7 ئابونتلىرى بولسا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەك ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. RedSn0w.exe نىڭ 属性 دىن 兼容性 نى ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ قويىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

رەسىمدىكىسى b1 نۇسقىسى. چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگىنى بولسا b6 نۇسقىسى. ئەڭ يېڭى نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. يېڭى نەشىرىدىمۇ بۇ مەشغۇلاتلار ئوخشاش. بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش «Jailbreak» دېگەن جاينى تاللايمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

باسقاندىن كىيىن بۇ كۆزنەككە ئۆزگىرىدۇ

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇ چاغدا iPhone  ياكى iPad كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان، ئۆچۈرۈلگەن ھالەتتە بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن iPhone ياكى iPad كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان ھالەتتە ئۈستىدىكى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 5 سېكونت بېسىپ تۇرۇپ، ئىستىرىلكا چىققاندىن كىيىن يانغا سۈرۈپ ئۆچۈرسەك بولىدۇ.

ئاندىن ئالدىنقى يازمىدا ئېيتقاندەكلا DFU ھالىتىگە كىرىمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:

ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 2 سېكونت باسىمىز؛ 2 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي قايتىش كونۇپكىسى (ئاستىدىكى يۇمىلاق كونۇپكا) نى بىللە باسىمىز. 10 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويىۋېتىمىز، قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق باسىمىز. بۇ قېتىم قايتىش كونۇپكىسىنى 15 سېكونت باسىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

ئەگەر ئوڭۇشلۇق ھالدا DFU غا كىرسىڭىز يېشىش قورالى ئاپتۇماتىك تاپىدۇ. ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولمىسا قايتىدىن قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ئۈسكۈنە قايتا قوزغىلىدۇ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

قايتا قوزغىلىش جەريانىدا سېستىما نېگىزىغا مۇناسىۋەتلىك كودلارنى يازىدۇ.

كىيىنكى باسقۇچتا بۇ تاللاشلار ئارىسىدىن Cydia نى قاچىلاش دېگەن تۈرنى تاللايمىز.

next نى باسقاندىن كىيىن، كىيىنكى باسقۇچتا iPhone غا سېستىمىنى يۈكلەشكە باشلايدۇ.

بۇ مەشغۇلات ئاياغلاشقاندا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرىنىدۇ. سېستىما قايتا قوزغالغاندا ئېكرانغا Cydia نىڭ بەلگىسى قوشىلىدۇ.

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش تامام. ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كىيىن يېشىش قورالى redsn0w ئايفونىڭىزنى قوزغىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش. ئۆزى قوزغىلالماسلىقى مۇمكىن.

بۇ قورال ئارقىلىق قايتا قوزغىتىش ئۇسۇلى

بۇنىڭدىن Extras نى باسىمىز

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

تاللاش تۈرى ئىچىدىكى Just boot نى تاللايمىز

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇ جاي مەخسۇس قايتا قوزغىتىشقا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن. قايتا قوزغىتىش لازىم بولسا مۇشۇ يەردىن قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بەزى كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

1. Cydia نىڭ رەسىمى ئاق بولۇپ قالسا :

ھەل قىلىش چارىسى:  ئۈستىدىكى Just boot ئارقىلىق قايتا بىر قوزغىتىپ سىناپ كۆرۈڭ.

ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا 4 – ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قېتىم مەشغۇلات قىلىۋېتىپ ئاندىن يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ كۆرۈڭ.

2. Cydia دىن بىر نەرسە ئىزىدىگۈچە چېكىنىپ چىقىپ كەتسە:

ھەل قىلىش چارىسى:  خەنزۇچە كىرگۈزۈش تاختىسىنى تاقىۋېتىش ياكى ئېنگىلىزچىغا ئالماشتۇرىۋېلىش.

3. Cydia دىن بىر نەرسە ئىزدەپ تاپالماسلىق:

ھەل قىلىش چارىسى: بۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش.

4. Cydia ئىچىدە ھەرقايسى مەشغۇلاتلارنى قىلالماسلىق:

Openssh ۋە apt نى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلاش. SSH ئارقىلىق bash بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش.

ھازىرغىچە Cydia دىكى iOS 5 بىلەن سىغىشىدىغان دېتاللار

3G Unrestrictor
Dreamboard
Direct Closer Pro
FolderLock
DeleteMail
Five Icon Dock
PrefrenceLoader
Manual Correct
Fake Operator
afcadd
openssh
opensl
[PIRACY]
Fastr
EZdecline
Cyntact
ChatPic
App Switcher Rotator
App Switcher Brightness
barrel
fake clock
backgrounder
Winterboard (بەزىلەر SafeMode غا كىرىپ قالىدۇ دەپ ئىنكاس قىلغان، بەزىلەردە نورمال)
Firewall iP
FolderCloser
PictureMe
iFile
CyDelete
OpenSSH
iSHsh*t
TetherMe
Grooveshark
MarkThatMessage
Unlimtones
NoSpot
Lockdown Pro
iconmaker
Barrel
Anyring
Pandora skip hack
Cyntact

سىغىشمايدىغانلىقى ئىنكاس قىلىنغانلار

gridlock

SBSettings
Safari Download Manager
LiveClock
Covert
SwitcherMod
FBphotoSave
FBUploader
FolderEnhancer
PkgBackup
Infinifolders
AlertArtist
n64iphone
Iconoclasm
Colorkeyboard
Iphonedelivery
Dreamstore
Theme it
Mewseek pro
SB2Cloud
BiteSMS
Netflix

كىيىنكى يازمىدا iPhone 4 كە Siri نى قانداق ئېلىپ كىرىشنى تونۇشتۇرىمەن، ئىنشا ئاللاھ!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/non-perfect-jailbreak-ios5.html/feed 12
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش /ready-for-jailbreak-ios5.html /ready-for-jailbreak-ios5.html#comments Sun, 30 Oct 2011 08:41:12 +0000 پاسىبان /?p=3227 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 4.3.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى (رەسىملىك)

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 4.2.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى
无觅 ]]>
iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iPhone Dev Team نى iPhone ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلار بىلىمىز، تۈرمىدىن قاچۇرۇشتا چوڭ تۆھپە قوشۇۋاتقان خاككىرلار گورۇپپىسى. ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى RedSn0w 0.9.9b6 نى iOS 5 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تارقىتىشتى. بۇ نەشىردىكى يېڭى ئىقتىدار بولسا SHSH نى زاپاسلىيالايدۇ.

نېمە ئۈچۈن TinyUmbrella ئارقىلىق زاپاسلىماي بۇنىڭ بىلەن زاپاسلايمىز دېيىشىڭلار مۇمكىن. بۇندىن كىيىن قاچىلاش بولىقىنى Rendsn0w ئاپتۇماتىك تاللايدىكەن. SHSH نى زاپاسلىۋالغاندىن كىيىن، تۈرمىدىن قاچۇرغاندا بىۋاستە Cydia ياكى ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن ئوقۇپ ئالىدىكەن. يەنى، Rendsn0w ئۆزىدە SHSH نى زاپاسلاش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن. تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تېخىمۇ قولايلىق ياراتقان.

تۆۋەندە بىز بۇ ئوقەت ئارقىلىق SHSH نى زاپاسلاشنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقايلى. ئاۋال تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن RedSn0w 0.9.9b6 نى چۈشۈرۈڭ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

چۈشۈرۈپ ئۆزىمىز بىلىدىغان بىر مۇندەرىجىگە يېشىمىز. ئەگەر Win7 ئابونتلىرى بولسا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەك ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. RedSn0w.exe نىڭ 属性 دىن 兼容性 نى ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ قويىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

رەسىمدىكىسى b1 نۇسقىسى. چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگىنى بولسا b6 نۇسقىسى. ئەڭ يېڭى نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. يېڭى نەشىرىدىمۇ بۇ مەشغۇلاتلار ئوخشاش.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇنىڭدىن ئاستىدىكى باشقا دېگەن جاينى «Extras» تاللايمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇنىڭدىن SHSH blobs نى تاللاپ زاپاسلاش ئىقتىدارى ئىچىگە كىرىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى Fetch نى باسساق، iPhone ياكى iPad ىمىزنىڭ SHSH سىنى ئوقۇپ ئېلىپ Cydia مۇلازىمېتىرىغا يوللايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، iPhone ياكى iPad تاقالغان ھالەتتە كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان ھالەتتە ئۈستىدىكى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 5 سېكونت بېسىپ تۇرساق ئۆچۈرىدىغان جاي چىقىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە تۇرغاندىن كىيىن يۇقارقى مەشغۇلاتنى قىلىڭ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

ئاندىن يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى كۆزنەك چىقىدۇ. يۇقارقى تەلەپ ئورۇنلانغاندىن كىيىن next نى باسىمىز. خۇددى تۈرمىدىن قاچۇرغانغا ئوخشاش بۇنىڭغا ئەگىشىپ DFU ھالىتىگە كىرىمىز.

ئەگەر redsn0w ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇپ باققان بولسىڭىز بۇ مەشغۇلاتنى ئىلگىرى قىلىپ باققانغۇ دەيمەن. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:

ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 2 سېكونت باسىمىز؛ 2 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي قايتىش كونۇپكىسى (ئاستىدىكى يۇمىلاق كونۇپكا) نى بىللە باسىمىز. 10 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويىۋېتىمىز، قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق باسىمىز. بۇ قېتىم قايتىش كونۇپكىسىنى 15 سېكونت باسىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

ئاندىن iPhone ياكى iPad قايتا قوزغىلىدۇ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

قايتا قوزغىلىش جەريانىدا دېتالنىڭ SHSH سىنى ئوقۇپ ئالىدۇ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

مۇۋاپپىقىيەتلىك ئوقۇپ ئالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىگە ئوخشىغان ئەسكەرتمە ئۇچۇر چىقىدۇ. 1-قۇردىكى …accepted ## blobs… دېگەن جايغا دىققەت قىلسىڭىز، سىزنىڭ iPhone ىڭىزنىڭ Cydia مۇلازىمېتىرىدا قانچە دانە SHSH ساقلانغان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. مەسىلەن، رەسىمدىكىدە جەمئىي 16 سى بار ئىكەن.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

ئەگەر مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدىمۇ يوق، ئېنىقلىماقچى بولسىڭىز بۇنىڭغىمۇ بولىدۇ. ئۈستىدىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ. ECID دېگەن جايدا 3 دېگەن رەقەم بار ئىكەن. بۇ بىر ئازدىن كىيىن ئىشلەيدۇ.

redsn0w نىڭ باش بېتىگە بېرىپ يەنە SHSH blobs نىڭ ئىچىگە كىرىمىز. ئاندىن Query نىڭ ئىچىگە كىرىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇنى باسقاندىن كىيىن ECID نى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنى كىرگۈزۈپ OK نى باسىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

مۇلازىمېتىردىن ئوقۇپ ئالغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتمە ئۇچۇرى چىقىدۇ. بۇ سىزنىڭ iPhone ياكى iPad ىڭىزنىڭ Cydia مۇلازىمېترىدا ساقلانغان SHSH لىرى.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇ دېتال ئارقىلىق SHSH نى زاپاسلىۋالساق، redsn0w نىڭ مۇندەرىجە ئاستىغا SHSH ھۆججىتىنى ساقلاپ قويىدۇ. كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

مۇشۇنىڭدەك. بۇنىڭدا زاپاسلاش بۇرۇنقى TinyUmbrella دەك قولاي بولمىسىمۇ، تۈرمىدىن قاچۇرغىچە ياكى ياندۇرغىچە TinyUmbrella نىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجىمىز چۈشمەيدىكەن. ھەممىنى redsn0w ئۆزى قىلىپ كېتىدىكەن.

ھازىرقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى نامۇكەممەل بولغاچقا بۇنى تونۇشتۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمىدىم. لېكىن ئېھتىياجى بارلار سىناق قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن بولسىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويايمىكىن دەيمەن. ئاللاھ خالىسا ئەتىگىچە بۇ يازمىنى يېزىپ پۈتتۈرىمەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ready-for-jailbreak-ios5.html/feed 6
ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق /give-thanks-to-parents.html /give-thanks-to-parents.html#comments Sat, 29 Oct 2011 08:37:55 +0000 پاسىبان /?p=3216 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش
无觅 ]]>
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

ئاتا – ئانا ھەققىدە سۆز ئېيتىلغاندا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا قانداق بىر سىما پەيدا بولىدۇ؟ بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، ئاللاھ تائالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!

قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ھەر كۈن دادىلار كۈنى، ھەر كۈن ئانىلار كۈنى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆڭلى ئۆز ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھەر كۈنى خۇش تۇرىدۇ ۋە خۇش تۇرۇشى لازىم! چۈنكى دىنىمىز بىزگە مۇشۇنداق ئەمر قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئىنسانلار بولغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ)

ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول – قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدە تەربىيىلەپ قانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!»

رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر» (ئىسرا 17/23 – 25).

بەقەرە 2/83- ئايەت، نىسا4/36- ئايەت، ئەنئام 6/151- ئايەت، ئەنكەبۇت 29/8- ئايەت، لوقمان 31/14- ئايەت، ئەھقاف 46/15- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

بۇ ئايەتلەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن – بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.

ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى «قەزا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

2. ئاتا – ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.

3. ئاتا – ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.

4. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.

5. ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.

6. ئاتا – ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۈر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇش. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ).

7. ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.

ئەسكەرتىش: ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» بۇ ھەدىس ئۈچۈن (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد) قا قاراڭ.

مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).

8. باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

9. ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە 7- ھەقتە زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

10. ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش.

11. ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

12. ئۇلارنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.

مانا بۇلار، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلار. مانا بۇلار، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىزنىڭ زىممىزگە يۈكلەنگەن.

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن» (لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«بالا ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يۇقارقى مەزمۇنلارنىڭ كېلىش مەنبەسى

ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش

ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا دىنىمىز يۇقارقىدەك ئىش-ھەرىكەتلەرگە چاقىرىدىكەن. ئەمدى بىز بۇ سىننى كۆرۈپ باقايلى. مەنچە يۇقارقى مەزمۇنلار بولسا يىتەرلىكمۇ ئىدى. لېكىن بۇ سىن نەچچە يىل بۇرۇن ماڭا خېلى قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا ئويلىغان ئىدىم: بىز ئۆزىمىزنى بىر مۇسۇلمان سانايمىز. لېكىن بۇلارغا ئوخشاش دىنسىز دەپ تەرىپلىنىدىغان بىر مىللەت ئاتا-ئانا توغرىسىدا كىشىنى ئويلاندۇرغىدەك شۇ دەرىجىدە سۆزلەپتۇ. ئۇنداقتا بىز مۇشۇ سالاھىيىتىمىز بىلەن ئەلۋەتتە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز بۇنى ئويلىشىمىز لازىم. ئارتۇق سۆز ئىشەككە يۈك.

سىن ھەققىدە:
بۇ سىن پروفېسسور زوۋيۆ 邹越 نىڭ سوڭيۈەن تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە قىلغان نۇتۇقى بولۇپ، بۇ شۇ قېتىملىق نۇتۇقنىڭ ئاخىرى. بېشىدا دۆلەت ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. بۇسىننىڭ شۇ قىسمىغا قىزىققۇچىلار بۇ جايدىن كۆرۈڭلار.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/give-thanks-to-parents.html/feed 5
iTools, 同步推, 91 قاتارلىق چوماقچىلارنىڭ قوزغاتقۇچىسى /apple-mobile-device-support-file.html /apple-mobile-device-support-file.html#comments Sat, 22 Oct 2011 10:06:22 +0000 پاسىبان /?p=3155 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iTunes ھەققىدە قىسقىچە ساۋات (فىلىملىك)

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
iTools, 同步推, 91 قاتارلىق چوماقچىلارنىڭ قوزغاتقۇچىسى

كۆپ قىسىم كىشىلەر يازما تېمىسىدا ئېيتىلغان iPhone چوماقچىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلارنىڭ بۇنى ئىشلىتىشتىكى باھانىلىرى ھەرخىل. بەزەنلىرى ئىخچام، ئاددىي دېسە بەزەنلىرى ئەپ قاچىلاشقا قولاي، بۇرۇنقى قاچىلىغان نەرسىلەر يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ دېگەندەك … لېكىن بۇ نەرسىلەر ئۆزىدە iPhone ياكى iPad كە ئۇلايدىغان قوزغاتقۇچ پروگرامما بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كومپىيۇتېردا iTunes بولمىسا يەنە نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. بۈگۈن سىلەرگە بۇ چوماقچىلارنى iTunes قا بېقىندۇرمايدىغان يەنە بىر «چوماقچى» نى دەپ بېرەي. شۇ ئارقىلىق iTunes بولمىغان كومپىيۇتېردىمۇ ئوخشاشلا iPhone ياكى iPad كە نورمال ئۇلىيالايسىلەر.

 

تەۋسىيە

مەن ئۆزۈم iTools دېگەندەك بۇ نەرسىلەرنى پەقەت ھۆججەت كۆچۈرۈش ياكى ئاختۇرۇشقىلا ئىشلىتىمەن. باشقا ھەممە ئىشنى iTunes قا تاپشۇرىمەن. بۇنىڭدا ئەڭ بىخەتەر، مۇكەممەل، سېستىمىغا زىيانسىز، يەنە كېلىپ ھەر قېتىم ماسقەدەملىگەندە بىر قېتىمدىن زاپاسلاپ ماڭىدىغان بولغاچ، بىزنىڭ iPhone ىمىزنىڭ سېستىمىسىنى بىخەتەر بىر ھالەتتە ئىشلىتىپ ماڭالىشىمىزغا پايدىلىق. تەۋسىيە قىلىدىغىنىممۇ شۇ. لېكىن بەزى ئالمىداشلىرىمىز بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ iTools قا ئوخشاش 3-تەرەپ دېتاللىرىنى ئىشلىتىمەن دېسە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىشى.

نېمە ئۈچۈن iTools يەنىلا iTunes قا بېقىنىدۇ؟

يىغىپلا ئېيتساق بۇ ئوقەتلەرنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ Apple Mobile Device ىمىزنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسى ۋە ئۇلىنىش ئېغىزى يوق. شۇڭا iTools تەك ئارانلا 1~2 مېگابايت چوڭلۇقتا كېلىدۇ. بىز iTools نى بارماق دېسكىغا كۆچۈرىۋېلىپ باشقا كومپىيۇتېردا بەزى مەشغۇلاتلارنى قىلاتتىم دېسەك، ئەگەر ئۇ كومپىيۇتېردا iTunes بولمىسا بىزنىڭ iTools ىمىزمۇ گۆشىرىپ قاراپلا تۇرىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى مۇشۇ كومپىيۇتېرغا iPhone غا ئوخشاش Apple Mobile Device نىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلاپ بۇ ئىككى نەرسە ئارىسىدا كۆۋرۈك ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلالايمىز.

ئۇنداقتا بۇ كۆۋرۈك قەيەردە؟ قانداق سالىمىز؟

بۇ كۆۋرۈكنى بۇ 2 خىل ئۇسۇلدا تاپالايمىز.

1. بۇ قوزغاتقۇچ ئەمەلىيەتتە باشقا بىر يەردە ئەمەس. ھەممىمىز بىلىدىغان iTunes نىڭ قاچىلاش پروگراممىسى ئىچىدە بار. بىز ئالما تور بېكىتىدىن iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز. ئاندىن بۇ iTunesSetup.exe ناملىق قاچىلاش ھۆججىتىنى خۇددى پرېس ھۆججىتى rar نى يەشكەندەكلا Winrar دېگەندەك پىرېس يېشىش قوراللىرى ئارقىلىق ئاچىمىز. ( ئەمەلىيەتتە exe ناملىق ئىجرا ھۆججىتى ئىچىدە باشقا گەپ يوق، بۇ بىر يوغان نەرسە ئەمەس ، ناھايىتى كەلسە بىر توپلاپ قاچىلاش ھۆججىتى خالاس. (قەشقەر تەلەپپۇزىدە ئوقۇڭ)) ئاچقاندىن كىيىن ئىچىدە يەنە نەچچە دانە msi ھۆججىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز (بۇمۇ خۇددى exe دەك قاچىلاش ھۆججىتى. MicroSoft Installer دىن كەلگەن).

iTools, 同步推, 91 قاتارلىق چوماقچىلارنىڭ قوزغاتقۇچىسى

رەسىمگە قارىساق ھەممىنى بىلىمىز. بىز بۇلارنىڭ ئىچىدىكى AppleApplicationSupport.msi ۋە AppleMobileDeviceSupport.msi دېگەن بۇ ئىككى ھۆججەتنى تاللاپ ئۆزىمىز خالىغان بىر جايغا يېشىۋالىمىز. (دىققەت: مېنىڭ سېستىمام 64 بىتلىق سېستىما بولغانلىقى ئۈچۈن رەسىمدىكىدەك 2-ھۆججەتنىڭ ئاخىرىدا 64 دەپ رەقەم بار. iTunes نىڭ قاچىلاش ھۆججىتىدىمۇ 64 دېگەن ساننى كۆرىسىز. ئەگەر سىزنىڭ 32 لىك سېستىما (x86 لىك بىلەن ئوخشاش) بوپقالسا بۇ رەقەم يوق.) بىزگە لازىم بولىدىغان ھۆججەت دەل مۇشۇ ئىككى ھۆججەت شۇ.

2. مەن يەنىلا 1-خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدا بىز ئاشۇ 2 ھۆججەتنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسقىسىدىن پايدىلىنالايمىز. ئەگەر iTunes نىڭ قاچىلاش ھۆججىتى بەك چوڭكەن، ئۇنى چۈشۈرۈپ يېشىپ … بولغۇچە ئاۋارىچىلىقكەن دەپ قالساق، بۈگۈن (2011-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئالما تور بېكىتىدىن چۈشۈرىۋالغان مۇشۇ 2 ھۆججەتنىڭ ئايرىم نۇسقىسىنى تور دېسكىسىدىن چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

چوماق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش

32 بىتلىق سېستىما ئۈچۈن بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ. (كۆپ قىسىم سېستىمىلار مۇشۇ شەكىلدە)

64 بىتلىق سېستىما ئۈچۈن بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.

ئەڭ ياخشىسى 1-خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سېستىمىسىغا ماس كېلىدىغان نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ سېستىمىسى 32 لىك سېستىما بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېرىدىكى سېستىمىنىڭ 32 لىك ياكى 64 لىك سېستىما ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىڭىز:

1. ئۈستىدە ئېيتىلغان 1-ئۇسۇلنى قوللىنىڭ.

2. ھەر ئىككىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈڭ. ئەگەر ماس كەلمەيدىغان نۇسقىسى بولۇپ قالسا قاچىلاش جەريانىدا msi ھۆججىتى نورمال قوزغالماسلىقى مۇمكىن.

چوماقچىنى ئىشلىتىش

مۇشۇ 2 ھۆججەتنى ئايرىۋالغاندىن كىين (ياكى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن) قوش چېكىپلا سېستىمىغا (iPhone نىڭ ئەمەس، كومپىيۇتېردىكى سېستىمىڭىزغا) قاچىلىۋەتسەكلا ئىش تامام. ئەمدى كومپىيۇتېردا iTunes بولمىسىمۇ iTools دېگەندەك چوماقچىلىرىڭىز iPhone, iPad لەرنى پەرق ئېتەلەيدۇ، نورمال ئۇلىنىدۇ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/apple-mobile-device-support-file.html/feed 4
پورترېت سۈرەتكە ئېلىشتىكى 10 تېخنىكا /ten-tips-of-portrait-photography.html /ten-tips-of-portrait-photography.html#comments Tue, 04 Oct 2011 02:05:41 +0000 پاسىبان /?p=2908 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

فوتوگرافتا بولۇشقا تېگىشلىك 5 خىل ئادەت

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>
پورترېت ياساشتىكى 10 تېخنىكا

پورترېت (سىرتقى قىياپەت) سۈرەتكە تارتىش – فوتوگرافچىلىقنىڭ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئەڭ بىلىدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بۆلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. زاتۋورنى بېسىش تولىمۇ ئاسان. لېكىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. خەلقئارا سەھنىلەردە پورترېت سۈرەتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان كاتتا فوتوگرافلارنىڭ قانداق ئورتاقلىقى بار؟ نېمە شۇلارنى مۇشۇنداق مۇۋاپپىقىيەتكە ئېلىپ چىقالىدى؟ ئەمەلىيەتتە پورترېت ياساش سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس.

 

كەسىپتە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ھەرقانداق بىر فوتوگراف ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ئۆز كەسپىدە ئىزدىنىپ، ئۇچۇر توپلاپ، تەتقىق قىلىپ كاللا قاتۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. شۇڭا قاراپ ئولتۇرۇپ قالغۇدەك بىرەر پارچە رەسىمگە ھەرقانداق كىشى ئېرىشىۋەرمەيدۇ. لېكىن، ئاددىي ساۋات، قولاي مەشغۇلات ئارقىلىق مۇشۇنداق نەتىجىگە يېقىنلىشىش – بۇ چۈش ئەمەس.

1. ئېنىق، يارقىن باش تېما تاللاش

تارتماقچى بولغان سۈرەتتە ئېنىق، ئوچۇق ۋە سۈزۈك باش تېما ئەكس ئەتسۇن. ئادەم، شەيئى ۋەياكى ھايۋانات-ئۇچارقۇشلارمۇ؟ ئاۋال بۇ كاللىڭىزدا ئېنىق بولىشى كېرەك. بۇ ئېنىق بولغاندا سىز مۇشۇنى يارقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىسىز. سۈرەتتە مەزمۇن، ۋەقە بولىشىغا تېرىشىڭ. « مىكى-مىكى » لەرنى كاللىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ. بىر قېتىم بولمىسا ئىككىنجى قېتىم قىلىشقا تېرىشىڭ.

2. دىققەت قىلىش نوقتىسىنى تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش

بىزنىڭ تارتقان سۈرەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەڭ دەسلەپتە بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسى تېمىغا قارامدۇ-يوق؟ بىز مۇشۇنى ئويلاشقان ئاساستا مەنزىرىنى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك. بۇ سۈرەتتىكى مودېلنىڭ قولىدىكى ئەتىرگۈل ئاساسى تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش تولىمۇ ياخشى ياردەمچى بولغان. سۈرەتتە بۇ قىزنىڭ گۈزەللىككە ئېنتىلگەنلىكىدەك روھى قىياپەت ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

3. سۈرەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش

ئاساسى تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ياردەم قىلالمايدىغان، ھەتتا ئۇنى بۇرمىلاپ باشقا مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈپ قويىدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەرنى سۈرەتتىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز كېرەك. سۈرەتتىكىدەك كىچىك بالىنىڭ ئوماق، سەبىي چىراي ئىپادىسىنىلا قالدۇرۇڭ.

4. ئېلاجنىڭ بېرىچە تېما ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ قالسۇن

سىرتتا پورترېت ياسىغاندا ئەڭ ياخشىسى مودېل بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇپ تارتقىنىمىز ئەۋزەل. لېنزا ئىشلەتكەندىمۇ كەڭ بۇلۇڭلۇق لېنزىنى تاللىمايمىز. ئەگەر سۈرەتكە بەك ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىدىغان ئۈنۈم قوشماقچى بولساق ئۇ باشقا گەپ. سىرتتا ئەڭ ياخشىسى 80-90 مىللىمېتىرلىق فوكۇس ئارىلىقىنى ئىشلىتىپ تارتسا ياخشى.

5. ھاياتلىق ئىپادىسى ئەكس ئەتسۇن

سۈرەتكە تارتماقچى بولغان ئادەمنىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەتتە بولسىمۇ ئۆزگىچە تۈس قوشىدۇ. مەسىلەن، پىشانىسىنى تۇتۇش، يۈزىنى سىلاش، بېلىنى تۇتۇش، تەرىنى سۈرتۈش، تۈگمىسىنى ئېتىش، چېچىنى تۈزەشتۈرۈش … ئىشقىلىپ بىرەر ھەرىكەت ئىپادىسى نامايەن بولسا رەسىم ئۆلۈك چىقىپ قالمايدۇ. ھەتتا قولىدا بىرەر قورال-ياراق ئېلىپ تۇرغان ھالەتمۇ سۈرەتكە ھاياتلىق تۈسى قوشالايدۇ.

6. ئوبيېكت تېخىمۇ تەبىئىي بولسۇن

 

كىشىلەرنى سۈرەتكە تارتقاندا ئۇلارنىڭ تەبىئىي تۇرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىزلەر سۈرەتكە چۈشسەك كۆپرەك «ھەربىيچە» تۇرۇپ قويىمىز 大笑 بۇ بەكلا كونىلىق بوپقالدى. سۈرەتتىكى كىشىلەر ئۆزىنى قويىۋېتىپ ئەركىن-ئازادە تۇرغاندا ھېسسىيات يارقىن ئىپادىلىنىدۇ. بىز كونا شەكىلىدىكى «تاياقتەك تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش» ئىدىيىسىنى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز، ئۇلارغا «سۈرەتكە تارتىش» نى ئۇنتۇلدۇرىۋېتەيلى. ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ تۇرۇپ ئولتۇرۇش، تىك تۇرۇش، يۆلېنىش، بېلىنى ئېگىش، ئىشقىلىپ تەبىئىيلىكنى ساقلاشقا تېرىشساق، قانچە تەبىئىي قانچە راھەت بولسا سۈرەت شۇنچە جانلىق چىقىدۇ.

7. ئادەمنى مەنزىرىدىن ئايرىپ ئېلىۋېلىش

 

بۇ تېمىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئۇسۇلى بەكلا ئاددى. چوڭراق نۇر چەمبىرىكى ئىشلىتىش (4.0 ھەتتا 2.8)، ئۇزۇن فوكۇس ئارىلىقى ئىشلىتىش ياكى بولمىسا ئادەمنى مەنزىرىدىن يىراقراق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش.

8. قارشى بۇلۇڭلۇق بەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىش

 

يالغۇز كىشى سۈرەتكە ئالغاندا سۈرەتكە ئالغان شەيئى بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلىشى، بەدىئي تۈزۈلۈش تاللاشتا قارشى بۇلۇڭلۇق بەدىئىي تۈزۈلۈش قوللىنىشى ئەڭ ئاقىلانىلىك. بۇنىڭدا پورترېت شەكىل ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە ئازراق بوشلۇق ۋە يوچۇق قويۇپ قويۇپ، سۈرەتنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىش ھالىتىگە كەلتۈرەلەيمىز.

9. مودېلنى ئۆزگىچە بىر شەكىلدە تۇرغۇزۇش

 

بىز تولا ئاڭلايدىغان POSE دېگەن شۇ. بۇ ئۇسۇل مۇشۇنداق مودېلنى سۈرەتكە ئالغاندا ئىشلەيدۇ. بىز بىرەر شەكىلدە تۇرغان مودېلنى سۈرەتكە ئالغىنىمىزدا ئىلاج بار ئۇنىڭ باش ۋە مۈرىسىنى ئوخشاش بىر سىزىق ئۈستىدە، بەدىنىنى ئەگرى سىزىق ياكى باشقا تۈزسىزىق ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ ئالساق بولىدۇ.

10. يېرىم بەدەن ياكى باش سۈرەتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش

ئەگەر پورترېت ياسىماقچى بولغان پىرسوناژنىڭ كىيىم-كېچەك، تەققى-تۇرقى، مەيداندىكى ھەرخىل ئېلىمېنتلار ئاساسى تېما ياسىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېھتىماللىق بولۇپ، مەزمۇن ئىپادە قىلالمىغان ۋاقتىمىزدا، يېرىم بەدەن ياكى باش قىسمىنى تاللاپ سۈرەتكە ئېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا پىرسوناژنىڭ كۆزى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولىدۇ.

يۇقارقى ئۇسۇللار قىياپەت سۈرەتكە ئېلىشتىكى بىرقانچە كۆرسەتمە بولۇپ، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە ئىستىمال قىلىشقا ياكى پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىڭىز، تەجرىبىلەرنى يىغىنچاقلاپ ھەزىم قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. بۇ خاسلىقىڭىزنى باشقىلار ئېتىراپ قىلىپ باھا بەرگەن چاغدا سىز ھەقىقىي نەتىجە ياراتقان بولىسىز. ئۇ چاغقىچە بىز توختىماي ئۆگىنىپ، مەشىق قىلىپ تۇرايلى. بۇ ئۇسۇللارنى پەقەت تەكلىپ ياكى كىچىككىنە كۆرسەتمە دەپ چۈشۈنۈڭ. چوقۇم ھەربىر پارچە رەسىمدە مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قوللىنىمىز دېگەن گەپ ئەمەس. ئۇنداقمۇ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ten-tips-of-portrait-photography.html/feed 5
iTunes چۈشۈرۈش سۈرئېتىنى چاقماقتەك تېزلەتكۈڭىز بارمۇ؟ /upgrade-itunes-download-speed.html /upgrade-itunes-download-speed.html#comments Tue, 20 Sep 2011 07:03:46 +0000 پاسىبان /?p=2802 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 كە تەييارلىق: iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ
无觅 ]]>

iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes  ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.

ھازىر ئايفون ۋە ئايپەدتىكى ئويۇنلارنىڭ سەرخىللىشىشىغا ئەگىشىپ چوڭ ھەجىمدىكى نادىر ئويۇن ۋە ئەپلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى ئاران 20 كېلوبايتتىن چۈشۈرگىلى تۇرسا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپلا قويىدىغان گەپ. ئۇنداقتا بۇ ئوقەتنىڭ سۈرئېتىنى ئاشۇرۇشقا ئىمكان بارمۇ يوق؟

بىر ئامالى : جۇڭگودىكى مۇلازىمېتىرلارغا يوللاپ قويۇلغان «يېشىۋېتىلگەن» نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش. لېكىن بۇ بىۋاستە iTunes  نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئېتىنى يېڭىلىمايدىغان قارىسىغىلا تاپقان بىر ئامال. بۇ ئامال ئەمەلىيەتتە ئاقماس بىر ئامال!

ئەسلى Apple شىركىتى جۇڭگو بازىرىغا كىرمىگىنى بىلەن شىياڭگاڭغا بالدۇرلا كىرگەن ئىكەن ئەمەسمۇ. ئەگەر بىر چۈشۈرۈش مۇلازىمىتېرىنى شىياڭگاڭدىكى مۇلازىمېتىرغا توغرىلاپ قويساق ئۇ چاغدا ئامېرىكىغا قارىغاندا يېقىنراق بولغاچقا تېز سۈرئەت بىلەن چۈشۈرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ھەق ئالمايدىغان، زىيان قىلمايدىغان ئامال بولغاندىن كىيىن قېنى بىر سىناپ باقامدۇق؟

بۇ ئۇنچە بەك قىيىن ئەمەس، لېكىن سىناقتىن ئۆتكەن كۆرۈنەرلىك پەرقكە ئېگە بولغان بەلەن ئامال. تۆۋەندە باسقۇچلارنى كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە بىر-بىرلەپ قىلىپ چىقايلى. ئادەتتە بۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك توغرىلىغاندىن كىيىن iTunes تىن ئەپ چۈشۈرگەندە تورنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتىگە چىقىدۇ.

ئاۋال مۇلازىمېتىر سۈرئېتىنى ئۆلچەيدىغان بۇ دېتالنى چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈپ يېشىپ ئىچىگە قارىسىڭىز PingInfoView.exe دېگەن ئىجرا ھۆججىتىنى كۆرىسىز. ئۇنى ئېچىڭ.

چىققان كۆزنەكتىن OK نى بېسىڭ. ئاندىن بۇ دېتال سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزدىكى تور مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ ئالما مۇلازىمېتىرى بىلەن ئۇلىنىش ئەھۋالىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئاندىن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئوڭ-سولغا سۈرىدىغان جاينى ئوڭ تەرەپكە سۈرۈپ ئۈستىدىكى Average Ping Time دېگەن تىك رەتنى تېپىپ چىقىڭ. ئاندىن شۇ جاينى بېسىپ ساننى كىچىكتىن چوڭغا قارىتىپ تىزىڭ.

تىزغاندىن كىيىن ئەڭ ئۈستىدە Average Ping Time قىممىتى ئەڭ كىچىك بولغىنى تىزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، بۇ سانلىق قىممەت سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىز بىلەن ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرى ئارىسىدىكى ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىت قانچە كىچىك بولسا، سىزگە شۇنچە تېز ئۇلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ PING ۋاقتى. ئاندىن ئەڭ كىچىك بولغان شۇ مۇلازىمىتىرنى ئىككى قېتىم چەكسەك تەپسىلاتى چىقىدۇ.

ئاندىن بۇنىڭ IP ئادرېسىنى كۆچۈرىۋېلىڭ. ئادىن بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ hosts.rar  . بۇنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن يېشىپ ئىچىگە قارىسىڭىز hosts ناملىق بىر ھۆججەتنى كۆرىسىز. ئۇنى 记事本 بىلەن ئېچىڭ. ئاندىن Ctrl+H نى بېسىپ، ياكى 编辑 دىن 替换 نى باسسىڭىز ئالماشتۇرىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىچىدىكى IP ئادرېسىنى بايا بىز كۆچۈرىۋالغان ئادرېسقا ئالماشتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى بەكلا ئاددى. ئۈستىگە hosts ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى ئادرېسنى ئاستىغا ھېلىقى دېتالدىن كۆچۈرىۋالغان ئادرېسنى چاپلاپ 替换全部 باسساق بولدى. رەسىمگە قاراڭ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئادرېس بىز كۆچۈرىۋالغان ئادرېسقا ئالمىشىدۇ. ئاندىن بارلىق مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ئېلىڭ. (Ctrl+A ئاندىن Ctrl+C ) كۆچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ جاينى ئېچىڭ:

windows/system32/drivers/etc

بۇنىڭ ئىچىدە بايىقىغا ئوخشاشلا hosts دەيدىغان بىر ھۆججەتنى كۆرىسىز. ئەگەر سىز نەشىر تۆۋەنلەتكەن بولسىڭىز بۇ نەرسە بىلەن ھەپىلىشىپ باققانغۇ دەيمەن. بۇنى يەنە 记事本 بىلەن ئېچىڭ. ئاندىن ئەڭ ئاستىغا كېلىپ بايا كۆچۈرىۋالغان مەزمۇننىڭ ھەممىنى شۇ يەرگە چاپلاڭ.

ساقلاپ چېكىنىڭ (Win7 دە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئاچمىسىڭىز تەھرىرلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن). ئىش تامام. ئەمدى چۈشۈرۈپ بىر سىناپ بېقىڭ. مەن ئۆزۈم سىنىدىم. 500 كېلوبايتتىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن چۈشۈرىۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز تۈرمىدىن قاچۇرغان بولساق، ئايفون ۋە ئايپەدتىكى چۈشۈرۈش سۈرئېتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تېزلەشتۈرەلەيمىز. ئۇسۇلى ئوخشاش. بۇ يەردە iOS ئۈچۈن تەييارلانغان hosts ھۆججىتىنى تەمىنلىدىم. بۇنى چۈشۈرىۋېلىڭ hosts-ios.rar . ئاندىن يېشىپ ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئېچىپ بايىقى ئۇسۇل بويىچە ئادرېسنى بىزگە يېقىن مۇلازىمېتىرنىڭ ئادرېسىغا (بايا ھېلىقى دېتال ئارقىلىق تېپىپ كۆچۈرىۋالغان ئادرېسقا) ئالماشتۇرىمىز. (رەسىمنى چېكىپ چوڭايتىڭ)

ساقلاپ بولغاندىن كىيىن iFunbox ياكى iTools ئارقىلىق ئاساسى مۇندەرىجە ئاستىرىدىكى /etc دېگەن بۇ جاينى ئېچىڭ. ئىچىگە قارىسىڭىز hosts ھۆججىتىنى كۆرىسىز. (رەسىمنى چېكىپ چوڭايتىڭ)

بۇنى سىز بايا يېشىپ تەھرىرلىگەن ھۆججەتكە ئالماشتۇرىۋېتىڭ. كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قاپلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇنداق قىلىش بەلكى ئايفون ياكى ئايپەدنىڭ سېستىمىسىنى بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئەسلىدىكى hosts ھۆججىتىنى ئاۋال زاپاسلىۋېلىڭ. ناۋادا بۇزۇلۇپ كېتىپ قالسا ئەسلىدىكىسىنى قايتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

 

خوش، ئەمدى ئايفوننى قايتا قوزغىتىپ App Store دىن چوڭراق بىرەر نەرسە چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. نورمالدىكىگە قارىغاندا تېز چۈشىۋاتامدۇ؟

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/upgrade-itunes-download-speed.html/feed 19
ئايفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ياساش دەرسلىكى (فىلىملىك) /how-to-make-iphone-ring-tone.html /how-to-make-iphone-ring-tone.html#comments Sun, 18 Sep 2011 09:54:40 +0000 پاسىبان /?p=2779 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

ئايفوندا TXT ھۆججىتى كۆرۈش دەرسلىكى (فىلىملىك)
无觅 ]]>

ئايفون يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقىلفون بولغىنى بىلەن MP3 فورماتىدىكى ئاۋازنى بىۋاستە قوللىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياقتۇرغان مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ توغرىلىيالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتۇ. شۇڭا بۇ دەرسلىكنى پۈتتۈردۈم.

ئايفوننىڭ تېلىفون كەلگەندە چىقىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسۇن بولمىسۇن، iTunes ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت ئەمەس. لېكىن بىر شەرتى، فورماتى M4R، ۋاقىت ئۇزۇنلىقى 40 سېكونت ئىچىدە بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولسىلا ئۆزىمىز خالىغان مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ تەڭشىۋالالايمىز.

ئۇچۇر كەلگەندىكى ئاۋازنى تەڭشەش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەك. يەنە كېلىپ ئەسلىدىكى سېستىما تەمىنلىگەن ئاۋازنى قاپلىۋېتىدىغان ئىش. بۇنىڭ سېستىمىغا تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنى تەۋسىيە قىلمىدىم، ھەم چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم. خالىسىڭىز توردىن ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.

لازىملىق دېتاللاردىن Gold Wave ۋە 魔影工厂 لارنى بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.

يېشىش پارولى : www.pasiban.com

ئاۋاز ھۆججىتى ياساش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بۇ ئىككى دېتال بولىشى شەرت ئەمەس. ھەرقانداق ئاۋاز تەھرىرلەش دېتاللىرى بولسا بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئۆلچەملىك فورماتتىكى M4R غا ئالماشتۇرساقلا كۇپايە. يەنە يولۇققان مەسىلىلەر بولسا ئاستىدا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ.

يېڭىلانغان مەزمۇن:

ئۆزۈم ئىشلەپ قويغان 20 نەچچە تال قوڭغۇراق ئاۋازى بار ئىدى. شۇلارنى قالدۇرۇپ قوياي. خالىساڭلار ئىشلىتەرسىلەر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/how-to-make-iphone-ring-tone.html/feed 7