iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.
iPhone، iPod Touch، iPad قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنەڭلارنىڭ FaceTime دەيدىغان بىر جايىغا دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. بۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
ھەرقانداق بىر ئالما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر دانە Apple ID (ئالما كىملىكى) بولىشى كېرەك. بۇ كىملىك بىلەن ئالمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ھەقسىز ۋە ھەقلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى، ئالمىنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟
ئالدىنقى ھەپتە iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئەپنى تىزىپ چىقىپتۇمىش. سىز بۇلارنىڭ قايسىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىڭىز؟ قايسىسىنى كۆرۈپ باققان ئىدىڭىز؟ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەپلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تەۋسىيە قىلىنغان 10 ئەپ زادى قايسى، بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.
App Store دا رەسىمگە ئۈنۈم قوشىدىغان نەرسىلەر خېلىلا كۆپ. ھەقسىزلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈكلىرى ئاز. ياخشىراقلىرىنى بولسا «كۆك»كە ئالىدىغان گەپ. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز رەسىملىرىڭىزگە رەڭلىك ۋە رەڭسىز تېز سىزما ئۈنىمىنى سېكونت ئىچىدە قوشالايسىز. ئۆزگىچە سىدام سىزما ئۈنىمى لازىم بولسا بۇ ھەقسىز ئەپكە مۇراجىئەت قىلىڭ!
ئالدىنقى تېمىدا قوللىنىش توغرىسىدا 高德导航 نىڭ بىر قىسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۈرەتلىك كۆرۈپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈن بۇنىڭ داۋامىنى يوللاشقا نىسىپ بوپتۇ. ئاستىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار