talking-tom-and-ben-news-01

دورامچۇقلارنىڭ ئوماقلىقىدىن  بۇنى قاچىلىمايدىغانلار ئاساسەن ناھايىتى ئازغۇ دەيمەن. دورامچۇقلار ئائىلىسىدىكى يېڭىلىقلارنى كۇلۇبىمىزدا ۋاقتى-ۋاقتىدا سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنۇپ تۇرغان ئىدۇق. بۈگۈن كونا رەقىبلەر قايتىدىن بىر يەرگە كەپتۇدەك. كەلگەندىمۇ جامائەتچىلىككە ئاشكارا جايدا كەپتۇدەك …

داۋامىنى ئوقۇش »

iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

تۈنۈگۈن ئاخشام يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپچىلىك دوسلارنىڭ يېڭى سېستىمىغا قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار. يېڭى سېستىمىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كېچە سائەت 2 گىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (2) – ئالۋاستى گېتار

سىز بىرەر گېتار مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارىڭىزچە قولىڭىزنى گىتار چالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ «تەڭكەش» قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ مېنىڭچە مۇزىكىغا ئىشتىياقى كۈچلۈكلەر مۇشۇنداق بوپكەتسە كېرەك. بۇ ئەپ سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قامدىيالىشى مۇمكىن.

داۋامىنى ئوقۇش »

Siri

iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.

داۋامىنى ئوقۇش »

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

دىققەت قىلسام بۈگۈن (12-ئۆكتەبر) ھەممەيلەن iOS 5 نى ساقلاپ تاقىتىمىز تاق بولدى. راست ئەمەسمۇ! ئامېرىكا ۋاقتى بىزنىڭ دىيارىمىزدىكىگە قارىغاندا ئون نەچچە سائەت پەرق قىلغانلىقتىن بىزنى مۇشۇنداق تەقەززا قىلدى. مانا ھازىر (شىنجاڭ ۋاقتى 12-چىسلا كەچ سائەت 11 دىن 5 ئۆتكەندە) iOS 5 نىڭ ھەقىقىي نەشىرى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.

داۋامىنى ئوقۇش »

iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟

داۋامىنى ئوقۇش »

رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەپلەر توپلىمى

ئالدىنقى يازمىمىزدا ساياھەتكە چىققاندا ئىشلەيدىغان ئەپلەر دەپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئەپلەردىن نەچچىنى تەۋسىيە قىلىپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن رەسىمگە تارتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشىدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي.

داۋامىنى ئوقۇش »

تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش