پاسىبان كۇلۇبى » ئايپەد | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى /ios-5-0-1-available-to-download.html /ios-5-0-1-available-to-download.html#comments Fri, 11 Nov 2011 09:02:04 +0000 پاسىبان /ios-5-0-1-%d8%a6%db%90%d9%84%d8%a7%d9%86-%d9%82%d9%89%d9%84%d9%89%d9%86%d8%af%d9%89.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 كە تەييارلىق: iTunes 10.5 نى چۈشۈرۈڭ

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

نەچچە كۈندىن بۇيان ھېيتلىق پەتە تۈگىمەي قالدى. دىققەت قىلسام باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردىمۇ ھېيتلىق پەتە بىزلەردىكىدەك قويۇق ئەمەس ئىكەن. بۇ قېتىمقى پەتىدىن يەنە بايقىدىمكى، پەتە پەقەت قەشقەردىلا ئىكەن. باشقا شەھەرلەردە بىزلەردىكىدەك قوشنىمۇ قوشنا، تۇققانمۇ تۇققان، دوست-يار بۇرادەرلەر ئارىسىدا قويۇق پەتە ئوقۇشىمىز. شۇڭا نەچچە كۈندىمۇ تۈگىمىدۇ بۇ پەتە. پەتە ئوقۇغۇچە ئالمىخانلارغا iOS 5 نىڭ يېڭى نەشىرى 5.0.1 نى ئېلان قىلىشىپتۇ.

ئەسكەرتىش! مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرماقچى بولغانلار 5.0.1 گە يېڭىلىماي تۇرۇڭ!

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

بۇ قېتىمقى يېڭىلاش 5.0 نەشىر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق يېڭىلاش بولۇپ، يېڭى نەشىردە قىستۇرما رەسىدە كۆرسىتىلگەندەك تۆۋەندىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىتىپتۇ:

  • iPhone 4S نىڭ باتارىيەسىنىڭ تېز خوراش مەسىلىسى ھەل بولغان.
  • 1-ئەۋلاد iPad كە قول ئىشارىتى ئىقتىدارى قوشۇلغان.
  • 文稿云服务 دىكى كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلغان.
  • ئاۋسترالىيە ئابونتلىرى ئۈچۈن ئاڭلاپ يېزىش ئىقتىدارى مۇكەممەللىشىپ توغرا پەرق قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.

بۇ قېتىمقى يېڭىلاش قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر:

  • iPhone 4S
  • iPhone 4
  • iPhone 3GS
  • iPad 2
  • iPad
  • iPod Touch 4
  • iPod Touch 3

بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتىكى يەنە بىر يېڭىلق شۇكى، iOS 5 ئابونتلىرى كومپىيۇتېرغا ئۇلايدىغان سىمنى چۆرىۋېتىپمۇ سېستىما يېڭىلىيالايدىغان بوپتۇ. يەنە كېلىپ ھەر بىر قېتىم يېڭىلاشتا 6~7 يۈز MB بىر نەرسىنى چۈشۈرۈپ جاپا چەكمىسىمۇ بولىدىكەن. پەقەت 设置 نىڭ ئىچىدىكى 通用 غا كىرىپ 软件升级 نى بېسىپ يېڭى نەشىرنى تەكشۈرتسەكلا يېڭى نەشىرى بايقالسا ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتمە چىقىپ، يېڭى سېستىمىدىكى يېڭىلىقلارنى بىر قۇر كۆرسىتىپ چىقىدىكەن. بىز 下载并安装 نى بېسىپ ياماقنى چۈشۈرۈپ يېڭىلىساقلا كۇپايە ئىكەن.

يېڭىلاش جەريانى رەسىمدىكىدەك (رەسىم ئۈستىدىكى Carrier 运营商 ئىسىمى ئۆزگەرتىلگەن. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئەمەس) :

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

كېلىشىمنامىگە قوشۇلغاندىن كىيىن چۈشۈرۈشكە باشلايدىكەن.

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

چۈشىۋاتىدۇ…

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

تەييارلىق …

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

قاچىلاشنى باشلامسىز؟

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

يېڭىلاش جەريانىدا iTunes تىكىگە ئوخشاشلا ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرى ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىكەن.

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

يېڭىلاش تامام.

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

نەشىرىنى كۆرۈپ باقساق :

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

بۇ قېتىمقى نەشىرنىڭ نومۇرى 9A405 ئىكەن. بەزىلەر ئېيتقان iPhone 4S نىڭ باتارىيەسىنىڭ ئالما تەرەپ ئېيتقان ئىش ۋاقتى ئاللىقانداق نەچچە سائەت ئۇزارتىلغان ئىقتىدارغا ئېگە ئىكەنلىكىنىڭ پەقەت «پو ئاتقانلىق» ئىكەنلىكىنى ھەل قىلدىمۇ يوق، نەچچە كۈندىن كېيىن بىر كۆرۈپ باقىمىز. بۇ مەسىلە ھەممە كىشىدە ئورتاق كۆرۈنگەنمۇ ئەمەسكەن. بەزىلەرنىڭ يەنىلا نورمال ئىمىش. شۇڭاiPhone 4S ئالماقچى بولغانلار، ئىككىلەنمەي ئېلىۋېرىڭلار. بۇ قېتىم ئوڭشالمىسا 5.0.2 دە يەنە ئوڭشىشى مۇمكىن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios-5-0-1-available-to-download.html/feed 7
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى /uyghur-apps-in-app-store.html /uyghur-apps-in-app-store.html#comments Thu, 03 Nov 2011 11:14:36 +0000 پاسىبان /?p=3262 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (3) – توپ تېپىش

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ (4) – iWatermelon
无觅 ]]>
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

بىز ھەممىمىنىڭ ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغىنى، iPhone دا ئۇيغۇرچە فونتنىڭ بولىشى، ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بولىشى بولسا كېرەك. بۇلار بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزدا ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە بۇ ھەممەيلەندە ئورتاق. ھازىرغا قەدەر iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغىنى بىلەن، App Store دا كىتاب شەكلىدە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئەپتىن 2~3 ى بار ئىكەن.

توپلام دىگۈدەك ساماندەك كۆپ بولمىسىمۇ ئاشۇ ئۇيغۇر يىزىقىدا يېزىلغان ئەپلەردىن ئۆزۈم ئۇچراتقانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. ئەپ لوگوسىنى بېسىپ iTunes چۈشۈرۈش بېتىگە بېرىڭ.

مەدەنىيىتىمىزنىڭ پەزىلەت نەمۇنىلىرىدىن – ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت.

1. مەدەنىيىتىمىزنىڭ پەزىلەت نەمۇنىلىرىدىن – ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت.

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا دىنىمىز ئىسلامدىكى ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەتلەر، ئوسمانلى دۆلىتى ۋاقتىدىكى ئىبرەتلىك ھادىسىلەر، تەسىرلىك ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ، بولۇپمۇ دىنىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

بۇ ئەپ iPad كە ماس كېلىدۇ. iPhone نۇسقىسى يوقكەن. ئەپتىن كۆرۈنۈش:

پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەققىدە ھېكايىلەر

2. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەققىدە ھېكايىلەر

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا ھاياتىنىڭ ھەر بىر سەھىپىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىدىن بەزى قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇيسىز. بۇ كىتابتا جەمئى 17 پارچە ھېكايە بار. بۇ ھېكايىلەرنىڭ كۆڭلىڭىزگە تەسىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇيغۇرچە ئەپلەر ئىچىدە iPhone غا ماس كېلىدىغان بىر تاللا ئەپ بار ئىكەن. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى iPad ئۈچۈن ئىكەن. ھەر ئىككىسىگە ماس كەلگەن بولسا تولىمۇ گۈزەل بىر ئىش بولاتتى، ئەپسۇس …

ئەپتىن كۆرۈنۈش:

رەھمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان مۆجىزىلىرى

3. رەھمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان مۆجىزىلىرى

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىزلەر چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك سۈپەتلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان-كەرىمدىكى كۈنىمىزدە بايقالغان مۆجىزىلەر ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پەيغەمبىرىمىزنى ۋە قۇرئانىمىزنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلمەكچى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقسا، ئۆزىگە لازىملىق مۇھىم بىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ، ئىنشائاللاھ.

ئەپتىن كۆرۈنۈش:

045

4. ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېكايىلەر بىلەن 40 ھەدىس

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتاب بالىلارغا ھەدىس ئۆگىتىش مەقسىتىدە تەييارلانغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ھېكايىلەرگە ئامراقلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ھەر بىر ھەدىس مەزمۇنىغا مۇۋاپىق بىردىن ھېكايە، جەمئى 40 ھېكايە بايان قىلىنغان. بۇ ھېكايىلەردىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئىبرەت، تەربىيە ۋە ئەدەبىي زوق ئالالايسىز.

بۇ ئەپنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىدىم. چۈشەندۈرىشىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىن ئۇيغۇرچە بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلدىم. ئۆزۈمدە iPad بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىناق قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. ئۆزۈڭلار بىر قاراپ باقارسىلەر.

مېنىڭ گۈزەل دىنىم (1-، 2-قىسىم)

5. مېنىڭ گۈزەل دىنىم (1-، 2-قىسىم)

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

بۇ كىتابتا گۈزەل دىنىمىز ئىسلامدىكى ئىبادەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، 1-قىسىمدا ئىبادەت، پاكىزلىق، تاھارەت، غۇسۇل، تەيەممۇم ۋە ناماز توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بار. 2-قىسىمدا روزا، زاكات، ھەج ۋە قۇربانلىق ھەققىدە بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان مەلۇماتلار بار. قولىڭىزدىكى بۇ نۇسخا مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكى 1-2-قىسىم كىتاب بۇ يەردە بىرلەشتۇرۇلدى.

پەچەت ئەپنىڭ بىرى. كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

مېنىڭ گۈزەل دىنىم (3-، 4-قىسىم)

6. مېنىڭ گۈزەل دىنىم (3-، 4-قىسىم)

بۇ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:

قولىڭىزدىكى بۇ كىتابتا گۈزەل دىنىمىز ئىسلامدىكى ئىمان ئاساسلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، 1-قىسىمدا دىن، ئىمان، ئاللاھقا ئىمان ۋە پەرىشتىلەرگە ئىمان تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 2-قىسىمدا مۇقەددەس كىتابلارغا، پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە، قازا ۋە قەدەرگە (تەقدىرگە) ئىمان ئېيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى قىسىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخسى بولغان بۇ ئېلېكترونلۇق كىتاب مەخسۇس ئايفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلاندى.

يۇقارقى ئەپنىڭ ئاخىرى.

قۇرئان ئوقۇ

7. قۇرئان ئوقۇ

بۇ ئەپ قۇرئان كەرىم ئوقۇشلۇقى بولۇپ، ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆزئىچىگە ئالغان قىرىق نەچچە خىل تىلدىكى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى بىلەن بار. لېكىن شۇ ئاۋازى بىلەن چىقمايدىغانلا كەمچىللىكى بار. ئەپ بىر ئاز ئاددىي بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولغانلىقتىن تەۋسىيە قىلىشقا، چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. يەنە كېلىپ بۈگۈن تەۋسىيە قىلغان ئەپلەر ئىچىدە پەقەت مۇشۇلا ئۇنىۋېرسال. iPhone ۋە iPad نىڭ ھەر ئىككىسىگە ماس كېلىدۇ.

ئەپتىن كۆرۈنۈشلەر:

يۇقارقى ئەپلەر بىزدەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قاچىلاش لازىم بولغان ئەپلەر سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقى بولغان ئەپلەر مۇشۇلار ئىكەن. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ. ئەگەر كۇلۇبداشلار سىلەر يەنە باشقا ئەپلەرنى بىلسەڭلار ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە iTunes ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىلەر! ھەممىمىز تەڭ پايدىلانساق …

ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە ئەپ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىشىنى، قولىمىزدىكى ئامرىقىمىزغا پات ئارىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونتلارمۇ تەڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى، مۇشۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش قولىدىن كېلىدىغانلارنىڭ ئۆز كۈچىنى ئايىماي ئالما تەرەپ بىلەن ياكى پروگراممېرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر «ئالمىچىلىقى» غا ئۆز تۆھپىسىنى قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/uyghur-apps-in-app-store.html/feed 12
قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam /demon-camera.html /demon-camera.html#comments Tue, 01 Nov 2011 07:36:55 +0000 پاسىبان /?p=3248 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

رەسىمنى ھەرقىسىم ئۆزگەرتىدىغان ئەپلەر تولىمۇ كۆپ. Demon Cam ئىسىملىك بۇ ئەپ سۈرەتلىك، ھەرىكەتلىك بىر شەكلىدە ئادەم چىرايىنى غەلىتە مەخلۇققا ئوخشىتالايدىغان ئەپ ئىكەن. قارىماققىلا ساختىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئەپلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن بۇ ئەپنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى خېلىلا پەچەت. ھەممىدىم مۇھىمى – مۇشۇ پەچەت ئەپ بۈگۈن ھەقسىز!

 

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

رەسىمدىكىدەك، بۇ ئادەم چىرايىنى مۇشۇنداق جىن-ئالۋاستىلارنىڭكىگە ئوخشىتىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى بىر ئەپ. ئۇنىۋېرسال بولغانلىقى ئۈچۈن، iPhone ۋە iPad لەرگە تەڭلا ماس كېلىدۇ. ئايرىم چۈشۈرۈش ياكى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

بۇ ئەپنى ئەڭ ياخشىسى كىچىك بالا بار ئۆيدە ئېچىپ ئۇلارغا كۆسەتمىگەن ياخشى. ئۆتكەندە بىرەيلەن مۇشۇ ئەپ بىلەن ئۆزىنى بىر جىنغا ئوخشىتىۋېلىپ قىزىغا كۆرسىتىپ خېلى بىر ئىش تېرىپتۇدەك. شۇندىن بۇيان ئۇ قىزچاق دادىسىنىڭ چىرايىغىمۇ قارىيالماپتۇ.

بۇنداق قاپ يۈرەكلىك قىلماي، جايىدا كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئەپنىڭ تەشۋىق فىلىمىنى كىنو-فىلىملەرنىڭ تەشۋىق فىلىمىدەكلا ئىشلىۋېتىپتۇ. تەشۋىق فىلىمىگە Andrew Kramer رېژىسسورلۇق قىپتۇدەك. بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەپ ئىسمى : Demon Cam™

ساتقۇچى : Video Copilot

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 18.9 MB

باھاسى :  ۋاقىتلىق ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/demon-camera.html/feed 5
تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life /remix-your-life.html /remix-your-life.html#comments Sat, 29 Oct 2011 11:51:44 +0000 پاسىبان /?p=3224 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئايفونىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
تەۋسىيە : ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPhone دا ئاجايىپ-غارايىپ ئەپلەر ناھايىتىمۇ كۆپ. Remix your life ناملىق بۇ ئەپنى تۈردىكى ئەپلەرگە كىرەمدۇ يوق، يەنىلا ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ. لېكىن مەن مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ دەپ قارىدىم. چۈنكى بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى ئېچىپ باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەرسىلەرنى ياساپ چىقالايسىز. ياساپ چىقىش چىقالماسلىقىڭىز پەقەت سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزغا باغلىق.

Smule دېگەن بۇ نامنى بۇرۇن ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ مەندە بۇ شىركەت ياسىغان ھەر خىل ئەپلەر بار. بىز Smule ئارقىلىق iPhone ىمىزنى ھەرخىل چالغۇ ئەسۋابلىرىغا ئايلاندۇرالايمىز. بۇ شىركەت مۇشۇنداق مۇزىكا ئېلمىنتى بار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەپلىرىنى ياساپ ساتىدۇ. ئەپلىرىمۇ ناھايىتى بەك ئوماق.

بۈگۈنكىسى ئۇلارنىڭ تولىمۇ تەسەۋۋۇرغا تولغان بىر نەرسىسى بولۇپ، ….  بولدىلا! ئارتۇق گەپنى قىلماي، فىلىمنىلا كۆرۈڭ. ھەممىنى بىلىسىز!

خوش خەۋەر!

بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. ئەلۋەتتە iPhone ۋە iPad ھەر ئىككى نۇسقىسى ۋاقىتلىق ھەقسىزكەن. ئەگەر كۇلۇبقا ھەر ۋاقىت دىققەت بىلەن كېلىۋاتقان بولسىڭىز بۇ ئېسىل ئەپتىن ھەقسىز بەھرىمان بولغۇدەكسىز. قېنى ئەمىسە!

iPhone كۆرۈنمە يۈزى

تەۋسىيە : ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە : ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە : ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە : ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە : ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPad كۆرۈنمە يۈزى

بۇمۇ iPhone دىكىسىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. چىقارمايلا قوياي. iPad ىڭىزدا چۈشۈرۈپ ئۆزىڭىزلا كۆرمەمسىز!

ئەپ ئىسمى : MadPad – Remix Your Life

ساتقۇچى : Smule

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 19.6 MB

باھاسى :  ۋاقىتلىق ھەقسىز. (ھەقلىق باھاسى قانچە بولغىيتى؟  :evil:  )

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى( iPhone ) :

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى( iPad ) :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/remix-your-life.html/feed 14
تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ /quran-majeed.html /quran-majeed.html#comments Tue, 25 Oct 2011 04:00:16 +0000 پاسىبان /?p=3187 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ تېلفۇن ئۇرۇشنى قولاي قىلغىلى بولىدۇ

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!
无觅 ]]>
تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

App Store دا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەپلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇلارنىڭ سانى، تۈرى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇلارنىڭ قاتارىدا ئىسلامىي ئەپلەرنىڭ سانىمۇ ناھايىتى زور سالماقنى ئېگەللەيدۇ. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ ئەپنى مەن مۇشۇ تۈردىكى ئەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىل بىر ئەپ ھېساپلايمەن.

Quran Majeed دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ پاكىستان Pak Data Management Service شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان قۇرئان ئوقۇغۇچ بولۇپ، ئاۋازلىق ئوقۇش، تەرجىمىسىنى كۆرسىتىش، ئايەتنى خالىغانچە چوڭ-كىچىك كۆرسىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە.

ئاۋازلىق ئوقۇش Lite نۇسقىسىدا (سىناق نۇسقىسى) پەقەت ئابدۇراھمان سۇدەيس ۋە شۇرەيم دىن ئىبارەت ئىككى قارىنىڭ ئاۋازى تەمىنلىنىدۇ. تولۇق نۇسقىسى (ھەقلىق نۇسقىسى) دا جەمئىي 10 قارىنىڭ ئاۋازى تەمىنلىنىدۇ.

تەرجىمىسىنى كۆرسىتىشتە سىناق نۇسقىسىدا پەقەت سۈرە فاتىھەنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. تولۇق نۇسقىسىدا ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، تۈركچە، روسچە قاتارلىق 12 خىل تىلدا تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېنگلىزچە ۋە ئوردۇچە تەرجىمىسىنى ئاۋازلىق ئوقۇيدۇ.

ئايەتنى خالىغانچە چوڭ-كىچىك كۆرسىتىش دېگىنىمىزدە iPad ۋە iPhone نىڭ ئېكرانىغا ماس ھالدا ئايەتلەرنى چوڭ-كىچىك قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز. بۇ ئەپتە كىتاب شەكلىدىكى قۇرئانغا ئوخشاش مۇقىم بەت سانى يوق. چۈنكى ئايەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بەت سانى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى قۇرئاننى «قۇرئان مەجىد» دەيمىز. شۇڭا بۇ ئەپنىڭ ئىسمىغا بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇشۇ ئىسىمنى قويغان بولىشى مۇمكىن.

ماڭا ئەڭ يارايدىغان يېرىمۇ دەل مۇشۇ ئىقتىدارى. ياشقا چوڭلار ئۆزى خالىغان بىر شەكىلدە چوڭايتىپ خەتنى دانىمۇ-دانە چىقىرىپ ئوقۇسىمۇ، بىزدەك كۆزى ياخشىلار كىچىكلتىپ iPhone نىڭ ئېكرانىغا كىچىك سۈرىلەردىن 4~5 نى سىغدۇرىۋالساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئايەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېكراننىڭ تۈز ياكى يانتۇلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىشى پۈتۈنلەي بىزنىڭ قولىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن، لوپا ئەينەك ئەمدى چوڭ ئاپىلىرىمىزنىڭ قولىدىن يىراق بولىدۇ.

رەھمەتلىك چوڭ ئاپاممۇ ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇغاندا مۇشۇنداق لوپا ئەينەك ئىشلىتەتتى. ئەگەر ھېلىھەم ھايات بولغان بولسا iPad تىن بىرنى ئېلىپ مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسام قانچە دۇئا قىلىپ كېتەردى ھە؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن… ئاللاھ شۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن.

بۇ ئەپ Universal بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈشۈرىۋالغان بىر تال ئەپنىڭ ئۆزىنى iPad ئۈچۈن بىمالال قاچىلىيالايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەپ iPad تە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ. تۆۋەندىكىلىرى iPad تىكى كۆرۈنمە يۈزى.

بۇ ئەپنىڭ تولۇق نۇسقىسى 4.99 دوللار. سىناق نۇسقىسى ھەقسىز. مەن ھەر ئىككىسىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇراي. لازىملىق ئۇلىنىشتىن كىرىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئەپ ئىسمى : Quran Majeed

ساتقۇچى : Pakistan Data Management Services

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 32.6 MB

باھاسى : 4.99 دوللار

تولۇق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

سىناق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بۇ ئەپتە ھازىرچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق. بەلكى كىيىنكى نەشىرلىرىدە بۇ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ مۇمكىن. ئالاقىلىشىش ئىمكانى بارلار ياسىغان شىركەتكە، ئۇيغۇرچە قۇرئاننىڭ PDF ياكى DOC ھۆججىتىنى تەمىنلىيەلەيدىغانلارغا بۇنى ئىنكاس قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئەپنى مەيدانغا چىقىرىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەۋسىيە

ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا يەنە نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر تەۋسىيە قىلىندى. ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق بولغان، سىز ئۆزىڭىز ياخشى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەپ بولسا iTunes چۈشۈرۈش ئادرېسىنى، ياكى تولۇق ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. ھەممىمىز تەڭ پايدىلىنايلى.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/quran-majeed.html/feed 20
تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient /amazing-direction-app-orient.html /amazing-direction-app-orient.html#comments Sun, 23 Oct 2011 07:42:37 +0000 پاسىبان /?p=3158 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟
无觅 ]]>
تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ - Orient

iPhone نىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىدىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بۇ ئەپ ئۆزىنىڭ سىغىمىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، ناھايىتىمۇ قوللىنىشچان ئىكەن. قوللىنىشچانلىقىغا باقماي، بۈگۈن يەنە ھەقسىز ئىكەن! لېكىن بۇ پۇرسەتنى كەتكۈزىۋەتسىڭىز دوللار خەجلىسىڭىزمۇ ئەرزىگۈدەك ئەپ ئىكەن.

بۇ شەرق-غەربنى كۆرسىتىدىغان كومپاس ئەمەس. بەلكى ئۆزىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىمىزغا ئاساسەن قەشقەر بىلەن ئاتۇشنى، خوتەن بىلەن ئاقسۇنى، ئالتاي بىلەن ئىلىنى، تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى؛ مەككە بىلەن مەدىنىنى، پارىژ بىلەن ئىستانبۇلنى، لوندون بىلەن نىيۇ-يوركنى، بېرلىن بىلەن رىيونى … كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.

كۆرسىتىش ئۈچۈن تور موھىتى بولىشى كېرەك ئەمەس. خەرىدىتىن كۆرسىتىشكە بەلكى تورغا ئۇلىنىشى شەرت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى ئاساسەن ئالدىن كىرگۈزۈپ قويۇلغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ئورنىمىزغا ئاساسەن ئەپ ئىچىدىلا ھېساپلاپ كۆرۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

بەلگىلەنگەن شەھەرلەرنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندىن سىرت بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە شۇ شەھەر بىلەن تۈز سىزىق بويىچە تۇتاشقان سىزىقنىڭ ئۇزۇنلىقى، ماشىنا بىلەن ماڭىدىغان تاشيولنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئايرۇپىلان بىلەن تۈپتۈز ئۇچساق شۇنچىلىك ئارىلىق ئۇچقاندىن كىيىن دېگەن جايغا بارىمىز.

ئەسلىدە بولمىغا بىرەر شەھەرنى، ئېنىقراق ئېيتساق ھەتتا بىرەر جاينى ئۆزىمىز خالىغانچە قوشۇپ قويالايدىكەنمىز. مەسىلەن، iPhone نىڭ ئورۇن بەلگىلىشى ھەممىمىزگە ئايان، ناھايىتىمۇ ئىنچىكە. بىز بىرەر دوستىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بەلگىلەپ قويغاندىن كىيىن، كېلەر قېتىم بېرىشقا توغرا كېلىپ، ئۆينى بىۋاستە تاپالمىغان ۋاقتىمىزدا، ئاشۇ ئەتراپقا بىرىپ مۇشۇ ئەپنىڭ ياردىمىدە ئارىلىقنى ۋە تەرەپنى بەلگىلەپ تۇرۇپ ناھايىتى ئاسانلا تاپالايمىز.

بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق مەككە مۇكەررەمەدىكى مەسجىدىل ھەرەمنىڭ ئورنىنى قوشۇپ قويۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايىدىن قىبلىنىڭ 100% توپتوغرا ئورنىنى بىمالال تاپالايمىز. ھېچقانداق قوشۇمچە ئەپ ياكى ئۈسكۈنىنىڭ ھاجىتى يوق، قولىمىزدىكى iPhone غا مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپلا قىبلىنى تېپىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالىغۇدەكمىز.

يات شەھەرلەردە بولغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ قويۇپ، مۇساپىرچىلىق ھېجرانىدا پىغان تۇتقاندا، ئاشۇ تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ ئاتا-ئانمىزغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىساق … بۇنىڭدا بۆلەكچە بىر تۇيغۇ پەيدا بولىدىغۇ دەيمەن…

بۇ ئەپ ئۇنىۋېرسال ئەپ بولۇپ، iPhone ۋە iPad كە تەڭلا ماس كېلىدۇ. مۇشۇ دەرىجىدە قولاي، گۈزەل بىر ئەپنى قاچىلاپ قويماسلىققا يەنە قانداق باھانىڭىز بار؟ يەنە كېلىپ بۈگۈن بۇ ئەپ ۋاقىتلىق ھەقسىز! قېنى ئەمىسە!

ئەپ ئىسمى : Orient

ساتقۇچى : Sonic Vision Create Inc.

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 1.2 MB

باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/amazing-direction-app-orient.html/feed 19
تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ /amazing-app-for-children-sound-touch.html /amazing-app-for-children-sound-touch.html#comments Thu, 20 Oct 2011 07:13:46 +0000 پاسىبان /?p=3148 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>
تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

نەچچە كۈندىن بۇيان بىر نەچچە تال ئاجايىپ-غاارايىپ ئەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ چىقىپتىمەن. بۈگۈنكىسىنى ئۇنچە بەك ئاجايىپ بولمىسىمۇ، ئۇكىلىرى ياكى بالىلىرى بولغان ئالمىداشلارنىڭ قاچىلىشى مەنچە زۆرۈر بولغان بىر ئەپ. بۇ ئەپ زادى بولامدۇ يوق، ئۆزىڭىز بىرنېمە دەڭ ئەمىسە.

 

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

بۇ ئەپ ئىنتايىن ئاددىي. لېكىن رولىنى ئاددىي چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەپ كىچىك بالىلارغا ئىنتايىن ياقىدۇ. رەسىمدىكى رەڭلىك قونچاقلارنىڭ ئۈستىگە باسساق شۇنىڭ رېتىنا ئېكران ئۆلچىمىدە تارتىلغان سۈزۈك رەسىمى بىلەن ئاۋازى قوشۇلۇپ چىقىدۇ.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4 نىڭ Retina ئېكرانىغا ماسلاشقان سۈزۈك رەسىم بىلەن، رەسىمگە ماس بولغان سۈزۈك ئاۋاز بۇ ئەپنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. بىر خىل ھايۋاناتنى يەنە بىر قېتىم باسساق يەنە باشقا ئاۋاز ۋە رەسىم كۆرۈنىدۇ. يەنى ھەر بىر خىل ھايۋان ئىچىدە بىر قانچە خىل ئاۋاز ۋە رەسىم كىرگۈزۈلگەن. ئادەمگە زېرىكىشلىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

بۇ ئەپتە پەقەت ھايۋاناتلانىڭ ئاۋاز ۋە رەسىملىرى بولۇپلا قالماستىن قاتناش قوراللىرى، ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي سايمانلىرى … قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئىشقىلىپ كىچىك بالىلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدىغان ئوماق ئەپنىڭ بىرى.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

چالغۇ ئەسۋاب قاتارىدىكى ھەرخىل ئەسۋابلارنى باسقاندا ئۆزىگە يارىشا ناھايىتى مۇڭلۇق مۇزىكىلار چىقىدۇ.

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

قالدى گەپنى ئەپنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەپ ئەمەس. كىچىك بالىلار ئۈچۈن ياسىغان ئەپ ئەلۋەتتە ناھايىتى ئاددى بولىدۇ. پروگراممېرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەپ كىيىنكى نەشىرلىرىدە فىلىملىك قىلىپ ياسىلامىش. ئۇ چاغدا تېخىمۇ نوچى بولۇپ كەتسە كېرەك. بۇ ئەپ iPad ۋە iPhone ئۈچۈن ئورتاق ئۇنىۋېرسال ئەپ.

ئەپ ئىسمى : SoundTouch 触摸声音

ساتقۇچى : SoundTouch

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 156 MB

باھاسى : 2.99 دوللار (مېنىڭچە بۇ باھا ئەپنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى ۋە قىممىتىگە قارىغاندا كۆپ ئەرزان)

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/amazing-app-for-children-sound-touch.html/feed 12
ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ! /gplayer.html /gplayer.html#comments Wed, 19 Oct 2011 04:49:52 +0000 پاسىبان /?p=3130 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ تېلفۇن ئۇرۇشنى قولاي قىلغىلى بولىدۇ

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>
ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

قويغۇچلارنىڭ ئىسىملىرىنى تۇتماقمۇ تەس بوپكەتتى. TPlayer, OPlayer … توردىكى ھەقسىزلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىدا ئەلۋەتتە سەۋەبى بار. ياكى بولمىسا ئىقتىدارى تۆۋەن، ياكى بولمىسا قويۇدىغان نەرسىسى ئاز. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم GPlayer .

 

قويغۇچنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. بۇ iPhone نىڭ ئۆزىدىكى سىن قويغۇچ قويالمايدىغان ھەرخىل مېدىيا ھۆججەتلىرىنى قويالايدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنى iPhone ياكى iPad كە ئۇزىتىش ئۈچۈن پەقەت iTunes بولسىلا بولدى. ھەتتا بەزىلىرى WiFi ئارقىلىقمۇ يوللىيالايدۇ.

بۇ ئەپنى بۈگۈن ھەقسىز قىلىپ تارقاتقان ئىكەن. ۋاقىلىق ھەقسىز (ۋاقىتلىق ھەقسىز ئەپ بۈگۈن ھەقسىز، بەلكى ئەتىلا ھەق ئېلىشنى باشلىشى مۇمكىن بولغان ئەپ) ، لېكىن ھەقىقىي نەشىردىكى قويغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە كېلىپ iPad ۋە iPhone غا تەڭ ماس كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال بولغانلىقى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.

بۇ ئەپنىڭ قوللايدىغان ھۆججەت فورماتلىرى:

✔ XVID/DIVX AVI, WMV, RMVB, ASF, H264, MKV, TS, M2TS…
✔ MP3, WMA, WAV, OGG, FLAC…
✔ SMI, ASS, SUB, SRT, TXT…

بۇ ئەپ تېخى Apple tv غا AirPlay ئارقىلىق سىن ئۇچۇرلىرىنى يوللىيالايدىكەن. ئېكران تاقالغان ھالەتتە سىن قويالايدىكەن. ئەپ ئىچىدە ھۆججەت ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش، كېسىپ-چاپلاش، ئىسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. فىلىمدىن قىسقا كۆرۈنۈش كۆرگىلى بولىدىكەن. سىن قويغاندا ئالدىنقى قېتىم كۆرۈپ بولغان جايدىن باشلايدىكەن. خەت ھۆججىتىنىمۇ قوللايدىكەن.

ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى – مۇشۇ بىر تال ئەپ ھەم iPhone غا، ھەم iPad كە ماس كېلىدىكەن. ئىككى نەرسە ئۈچۈن ئىككى خىلنى سېتىۋېلىش (ھازىر پەقەت ھەقسىز چۈشۈرسىڭىزلا كۇپايە) نىڭ ھاجىتى يوقكەن. ئۇنداقتا نېمىگە ساقلايسىز؟ ھەق ئېلىشتىن بۇرۇن دەرھال چۈشۈرىۋېلىڭ!

ئەپ ئىسمى : GPlayer

ساتقۇچى : Ginkgo Tech

تۈرى :قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 11.8 MB

باھاسى : 0.99 دوللار

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى :

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/gplayer.html/feed 12
دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك /talking-tom-and-ben-news.html /talking-tom-and-ben-news.html#comments Mon, 17 Oct 2011 03:58:24 +0000 پاسىبان /?p=3102 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>
talking-tom-and-ben-news-01

دورامچۇقلارنىڭ ئوماقلىقىدىن  بۇنى قاچىلىمايدىغانلار ئاساسەن ناھايىتى ئازغۇ دەيمەن. دورامچۇقلار ئائىلىسىدىكى يېڭىلىقلارنى كۇلۇبىمىزدا ۋاقتى-ۋاقتىدا سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنۇپ تۇرغان ئىدۇق. بۈگۈن كونا رەقىبلەر قايتىدىن بىر يەرگە كەپتۇدەك. كەلگەندىمۇ جامائەتچىلىككە ئاشكارا جايدا كەپتۇدەك …

تام ئۆيگە ئېگە بولغاندىن كىيىن كەپسىز بەن ئۇنى تولىمۇ بەسىرەمجان قىلىپ يۈرەتتى. بۇ خوشنىلار ھازىر تېلىۋېزىيە ئىستانسسىدا خىزمەت تېپىپتۇدەك.

بۇلار ئۆزىچە خەۋەرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كېتىدىكەن. خەۋەر مەزمۇنىنى ئەلۋەتتە بىز ئۆزىمىز قارار قىلىمىز. بىز ئۆزىمىز خەۋەر قىلغان مەزمۇنلارنى بۇ ئىككى كەپسىزنىڭ ئورۇنلىشىدا سىنغا ئالالايمىز.

بۇ كەپسىزلەر تېلىۋېزور ئېكرانىدىمۇ كەپسىزلىكىنى تاشلىمايدىكەن. بىرى گەپ قىلسا يەنە بىرى زاڭلىق قىلىۋاتقان. تۇرۇپ – تۇرۇپ مۇشتلىشىپ كېتىۋاتقان … ئاستىدىكى تېلىۋېزورنىڭ رەسىمى بار جاينى بېسىپ ئۆزىمىز سىنغا ئېلىپ ئاستىدىكى ئېكراندا كۆرىنىدىغان يەرگە بايا ئالغان سىننى ئالماشتۇرىۋالالايمىز.

نەدىلا بولسا بىر-بىرىگە قاپقان قۇرۇپ توختىمايدىكەن. ئۇرۇشۇپ، جىدەللىشىپ، خەۋەر تارقىتىۋاتقان كامېرانىمۇ ئۆرۈپ … ئىشقىلىپ بۇ دورامچۇقلار يەنە ئوماقلىقىنى يوقاتمىغان.

بۇنى App Store دىن ھەقسىز چۈشۈرىۋالالايمىز. ھەقسىز نۇسقىسىدا بەن تامنى بوزەك قىلىدۇ. تام بىچارىنى بىز پۇل خەجلەپ سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۆچ ئالدۇرالايمىز.

بۇنى سېتىۋېلىش ئالمىنىڭ يېقىندا پاتېنت دەۋاسى قىلىۋاتقان In App Purchasing دېگەن ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن. تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئاۋال بۇ ئەپنى چۈشۈرۈشڭ.

ئەپ ئىسمى : Talking Tom & Ben News

ساتقۇچى : Outfit7 Ltd.

تۈرى : دورامچۇق ، كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 48.9 MB

باھاسى : ھەقسىز

iPhone نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

iPad نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :

يېشىش ئۇسۇلى

بۇلارنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن iTools ئارقىلىق تۆۋەندىكى مۇندەرىجىنى ئېچىڭ.

var / mobile / applications / Talking Tom & Ben News  / Documents

بۇ جايغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتنى چىقىرىپ قاپلىۋەتسەك ئىش پۈتىدۇ.

ئەگەر ئۈستىدىكى ئادرىسقا 文件系统 已越狱 دىن كىرسىڭىز Appilication نىڭ ئاستىدا 9ED1F8B3-11CE-47D2-A20F-4E10B1744585 دېگەندەك مۇندەرىجە چىقىۋېلىشى مۇمكىن. سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ سان-سىفىرلارنى ئەپ ئىسمىغا ئايلاندۇرۇپ ئاسانلا تاپالايسىز (iTools ئارقىلىق):

文件管理 نى باسسىڭىز ئوڭ تەرەپتە (程序(用户 دەپ بىر جاي بار. شۇنى باسقاندىن كىيىن قاچىلىغان ئەپنىڭ ئىسمى يۇقىرىدىكى سان-سىفىر شەكلىدە ئەمەس، ئەپ ئىسمى ھالەتتىلا كۆرىنىدۇ. سىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى Talking News نىڭ ئىچىنى ئاچسىڭىزلا بايىقى Documents دېگەن مۇندەرىجىنى تاپالايسىز. بۇ تولىمۇ ئاسان بىر ئۇسۇل.

يېشىش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ

iPhone نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى.

iPad نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى.

باشقا دورامچۇقلارنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن كۆرۈۋېلىڭ.

Talking Ben

Talking Tom Cat 2

Talking Dinosaur

Talking LadyBug

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/talking-tom-and-ben-news.html/feed 7
iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر /ios-5-screen-shot.html /ios-5-screen-shot.html#comments Fri, 14 Oct 2011 08:34:00 +0000 پاسىبان /ios-5-0-%d8%af%d9%89%d9%86-%d8%a8%d9%89%d8%b1-%d8%a6%d9%89%d9%83%d9%83%d9%89-%d9%be%d8%a7%d8%b1%da%86%db%95-%d8%b1%db%95%d8%b3%d9%89%d9%85%d9%84%db%95%d8%b1.html بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ساياھەتكە چىققاندا ئەسقاتىدىغان iPhone ئەپ توپلىمى

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى
无觅 ]]>
iOS 5.0 دىن بىر – ئىككى پارچە رەسىملەر

تۈنۈگۈن ئاخشام يېڭى سېستىما ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۆپچىلىك دوسلارنىڭ يېڭى سېستىمىغا قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە مەنمۇ بار. يېڭى سېستىمىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى بىر كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كېچە سائەت 2 گىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، مۇۋاپپىقىيەتلىك قاچىلاپ سىناپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلىدىم.

 

تۆۋەندە بۇ يېڭى سېستىمىدىن قاچىلىغۇسى بولسىمۇ قاچىلىيالماي تۇرغان، ماڭا ئوخشاش قۇلۇپى بار ئايفونداشلار بىر ئالدىن كۆرگەچ تۇرسۇن دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. يازمىدا ئەڭ دەسلەپكى قوزغالغاندىكى ھالەتتىن باشلاپ ھەرخىل ئىقتىدارلارنى بىرقۇر سىناپ ئۆتۈش جەريانى تەپسىلىي رەسىمگە تارتىلغان. قېنى، بىر باشتىن كۆرۈپ چىقايلى.

ئىلاۋە: iOS 5 نىڭ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان سېستىما بولىقىنى بۇ جايدىن تېپىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئاۋال بۇنىڭ سىنىنى كۆرۈپ باقايلى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ios-5-screen-shot.html/feed 18