ئايفوننىڭ ئىچىدە iPod بار بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان RMVB, FLV, AVI, MOV قاتارلىق فورماتتىكى سىنلارنى قويالمايدۇ. ئىلگىرى OPlayer دېگەن بىر ھەقلىق قويغۇچ بولىدىغان. ئۇمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى. لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇنى ھازىر App Store دىن قانۇنلۇق ھالدا ھەقسىز چۈشۈرەلەيسىز.
نەچچە كۈندىن بۇيان مۇشۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەلدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ يانفون ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلىگەن يانفون تور بېتىنى كۆرگىنىمدە بىزنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق يانفوننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئەقلى ئىقتىدارى بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئېدىم. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن نەچچە كۈن بوپتۇ، بۇنىمۇ ھەل قىلىۋالدىم.
جۇڭگودىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكىدا 5-سىنتەبىر 5-ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىدىكەن دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن ئىدى. ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئىش قوشۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شىنجىندىكى 富士康 شىركىتى دۆلىتىمىزدە بولغانلىقتىن بۇنداق ئىچكى خەۋەرلەرنىمۇ تارقىمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈن 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ قۇتىسى تۇنجى بولۇپ تورغا يوللىنىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە ئەقىللىق تېلىفونلارنىڭ سەركىسى بولغان ئايفون دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىشى ئىنتايىن تېز ۋە قىزغىن بولىۋاتقان تېلىفون ھېساپلىنىدۇ. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ بازارغا سېلىنىشى گەرچە خېلىلا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، AT&T ۋە Verizon نىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا 9 ئاي ئىچىدە ئايفوننىڭ سېتىلىشى يەنىلا ياخشى بولۇپ، 55 مىليون 200 مىڭ دىن ئېشىپ كەتكەن.
App Store دا رەسىمگە ئۈنۈم قوشىدىغان نەرسىلەر خېلىلا كۆپ. ھەقسىزلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈكلىرى ئاز. ياخشىراقلىرىنى بولسا «كۆك»كە ئالىدىغان گەپ. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز رەسىملىرىڭىزگە رەڭلىك ۋە رەڭسىز تېز سىزما ئۈنىمىنى سېكونت ئىچىدە قوشالايسىز. ئۆزگىچە سىدام سىزما ئۈنىمى لازىم بولسا بۇ ھەقسىز ئەپكە مۇراجىئەت قىلىڭ!
ئايفوننىڭ ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى خېلى بوپ قويىدۇ. ئۆزىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان ئاۋاز سۈزۈش قۇرۇلمىسى بار. ئاستى ۋە ئۈستىدىكى 2 مىكروفۇن ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلىيالايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى بۇ قورال بولسا مۇخبىرلارغا ۋەياكى ئالاھىدە ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت ئاۋاز سېگنالى پەيدا بولغاندىلا ئاندىن ئاۋازغا ئېلىشقا باشلايدۇ.
ئايفوننى ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇ نەرسە ئارقىلىق بىز خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بەزىلىرىگە ئاغزىمىز ئېچىلىپلا قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر ئېگىزنى پاكار قىلىدىغان، سېمىزنى ئورۇن قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇزۇننى قىسقارتىدىغان ئەپ!
iPhone نىڭ 1- ۋە 2-ئەۋلاد نۇسقىسىنىڭ ياڭراتقۇسى بەكلا ئاجىز ئىدى. 3-ئەۋلاد ئايفوندا ئاۋازى خېلىلا كۈچەيدى. 4-سىدە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن بۇ يەنىلا يەتمەيدۇدە. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشقا قۇربىتىنىڭ يەتمىگەنلىكى ئەمەس. ئەلۋەتتە باتارىيەنىڭ ئۇزۇنغا يېتىشىنى ئويلىشىش مۇھىم. بۇ نوقتىنى ئويلاپ يەتكەن ئەقىللىق كىشىلەر iBamboo Speaker دەيدىغان يېشىل «كاناي» ياساپ چىقىپتۇ…
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار