iPhone 4S ئېلان قىلىنغان چاغدا ئۇلار 12-چىسلا iOS 5.0 نى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى. بۈگۈن بۇ كۈنمۇ كەلدى. يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن بەھرلەنمەكچى بولغان ئالمىداشلار (قۇلۇپى يوق بولسىلا) دەرھال چۈشۈرۈشكە ئالدىراۋاتىدىغۇ دەيمەن؟
iPhone نى Steve Jobs ياساپ قويغىنى بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىشتا پروگراممېر ئاۋانگارتلار تولىمۇ چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ iPhone شۇ قەدەر قوللىنىشچان بىر نەرسىكى، سىز ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھېدىلىكلىرىنى مەڭگۈ توپمۇ-تولۇق بايقاپ ۋە ئىشلىتىپ بولالمايسىز.
يازما نامىغا قاراپ ئالمىنىڭ ھازىرقى CEO سى Tim Cook نامىنى قويىۋاپتىغۇ دەپ قالغانسىز؟ بۇ ئەپنى ياسىغان پروگراممىر ئىسىمنى مەنچە قەستەن مۇشۇنداق ئالغان بولسا كېرەك. بۇ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋاقىت بەلگىلەپ قويىدىغان ئەسكەرتمىلىك سائەت ئىكەن. قوللىنىشچانلىققا ئېگە بۇ ئەپ بۈگۈن ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ.
ئالدىنقى يازمىمىزدا ساياھەتكە چىققاندا ئىشلەيدىغان ئەپلەر دەپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئەپلەردىن نەچچىنى تەۋسىيە قىلىپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن رەسىمگە تارتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشىدىغان ئەپلەردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلاي.
ساياھەت بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ بىرى. رەسىمگە تارتىش بولسا بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولغاچ ساياھەتنىڭ ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلىكى. مۇشۇنداق گۈزەل مىنۇتلاردا ئايفونىمىزنى يېنىمىزدىن ئايرىمايمىز ئەلۋەتتە. لېكىن ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ئاپاراتنىڭ باشقا ئالاھىدە ئىقتىدار ياكى رەسىمگە ئۈنۈم قوشۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بولمىغانلىقتىن بەزى چاغلاردا تازا ھاجەتتىن چىقالماي قالىدۇ. تۆۋەندە مەن ئايفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بەزى ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلاي.
تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.
iPhone، iPod Touch، iPad قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنەڭلارنىڭ FaceTime دەيدىغان بىر جايىغا دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. بۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار