پاسىبان كۇلۇبى » ئارامبەخش | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 2 نەپەر پەچچەت Universal ئويۇن بۈگۈن سەھەردە ھەقسىز ھوزۇرۇڭلاردا… /201103181406.html /201103181406.html#comments Fri, 18 Mar 2011 04:10:52 +0000 پاسىبان /?p=1406 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك
无觅 ]]>

ئەتىگەندە قارىسام بۇ ئىككى ئويۇننى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. ھەر ئىككىلىسى Universal بولۇپ، ئايفون، ئايتاچ ۋە ئايپەد ھەممىسىگە ئورتاق. بىرى 3D لىك جەڭ ئويۇنى. 使命召唤 گە ئوخشاش ئۇنداق ھوزۇرنى بېرەلمىسىمۇ دەمال شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنە بىرسى بولسا 2D لىك بولغىنى بىلەن ناھايىتىمۇ قىزىقارلىق ئويۇن. ھەر ئىككىلىسى ساقلاپ قويىدىغان ياخشى ئويۇنلار ئىكەن.

ئاۋال OverKill ناملىق 3D لىك ئويۇندىن باشلايلى. بۇ ئويۇن Craneballs شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، 3D لىك جەڭ ئويۇنلىرى تۈرىگە تەۋە. ئويۇندا 12 خىل خالىغانچە يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان نادىر قوراللار تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىز CS تە ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان AK-47, M16, RPG قاتارلىق قوراللارمۇ بار.

ئاران 12 خىلمىدۇ دەپ قالماڭ. ئۇنى سىز تۇتقۇچ، قارغا ئالىدىغان ئەينەك، شازا قاتارلىق جايلىرىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 100 نەچچە خىل ئوخشىمىغان قورال ھاسىل قىلالايسىز. ئۆزىڭىزگىلا تەۋە بولغان خاس قورال ئىشلىتەلەيسىز.

ئويۇندا 30 خىل دەرىجە بار. ئالما ئورگان تەرەپنىڭ ئويۇن سۇپىسى Game Center نى قوللايدۇ. ئويۇندا 84 خىل ھاسىلات (Game Center دىكى نومۇر ھېساپلايدىغان بىرلىك) سىزنىڭ ئېرىشىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ…

بۇ ئويۇندىن قىسقا فىلىم كۆرۈپ باقايلى


2-ئويۇن 3D لىك ئەمەس. لېكىن ناھايىتى قىزىقارلىق بىر خىل ئويۇن. فىزىكىلىق ئېلىمېنتلىرى تولۇق. ئويۇن ئالەم بوشلۇقىدا داۋام ئېتىدۇ. شەيئىلەرنىڭ تارتىشىش قانۇنىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىزنىڭ شارىڭىز ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرقايسى پلانىتلار ئارا توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلىشى كېرەك.

ئايلىنىۋاتقاندا سىز چوقۇم پەيتىنى ياخشى تاللاپ ئېكرانغا بىر چېكىپ شارىڭىزنى ھازىرقى پلانېتتىن ئاجرىتىپ ئالىسىز. ئەگەر شار ئايلىنىپ ئاستىدىن كۆتۈرىلىۋاتقاندا چېكەلىسىڭىز ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. ئەگەر ئاستىغا چۈشىۋاتقان چاغدا بولسا پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ، دېگەن گەپ.  ئىشقىلىپ بەكلا قىزىقارلىق ئويۇن. Game Center نى قوللايدۇ.  قېنى قانچىلىك ئۇزاققا بارالايسىزكىن كۆرۈپ باقامدۇق؟

بۇ ئويۇننىڭمۇ قىسقا فىلىمىنى بىر كۆرەيلى


ئويۇن ئىسمى : Overkill

ياسىغان شىركەت : Craneballs

ئويۇن تۈرى : جەڭ

قوللايدىغان سۇپا: Game Center

چوڭلۇقى : 73.4 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 3.1.3

چۈشۈرۈش ئادرىسى :



ئويۇن ئىسمى : Gravity Gambit HD

ياسىغان شىركەت : Half Fast Games

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش، كۆڭۈل ئېچىش

قوللايدىغان سۇپا: Game Center

چوڭلۇقى : 42.9 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 3.0

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103181406.html/feed 7
ئايپەد ۋە ئايفون ئۈچۈن ئۆزگىچە ئويۇن – Crystal Dash (ئىچىدە يەنە 3 خىل ئويۇن ھەقسىز) /201103141357.html /201103141357.html#comments Mon, 14 Mar 2011 12:35:37 +0000 پاسىبان /?p=1357 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

ئايفوننىڭ ئۆزگىچە تەگلىكىدىن بىرنەچچە تال

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient
无觅 ]]>

بۇ بىر قاراشقا 连连看 گە ئوخشاپ كېتىدىغان، يەنە بىر قاراشقا 泡泡堂 غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئويۇن. قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن ئوينىسا خېلى يامان ئەمەس ئويۇن. كونكىرتنى قىلىپراق ئېيتقاندا بۇ ئويۇن Bejeweled گە ئوخشاپ كېتىدىغان يوقۇتۇش ئويۇنى.

تۆت بۇلۇڭدا ئوخشاش بولغان كرىستال بولسا ئاندىن يوقايدۇ. ئويۇندا ۋاقىت ئاستىلىتىش، قايتا تىزىش، بومبا ۋە چاقماق قاتارلىق قوراللار بار. ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ.

بۇ ئويۇندىمۇ 2 خىل ئويۇن ھالىتى تەمىنلەنگەن. جان ساقلاش ھالىتى ۋە تىز سۈرئەت ھالىتى. سۈرئەت ھالىتىدە 1 مىنۇت ئىچىدە سىزنىڭ قانچىلىك نەرسىنى يوقىتالايدىغانلىقىڭىزنى ھېساپلاپ نومۇر بېرىدۇ. جان ساقلاش ھالىتىدە بولسا مەخلۇقلار چىقىۋېرىدۇ. داۋامى سىزنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىڭىزغا باغلىق.

ئويۇننىڭ كۆرۈنىشى ھەرھالدا يامان ئەمەس. ئارامبەخش تۈرىدىكى ئويۇنلارغا ئامراق بۇرادەرلەرنىڭ ساقلىۋالىدىغان ئوبدان ئويۇنى.

ئويۇن ئىسمى : Crystal Dash

ياسىغان شىركەت : HuaXu LLC

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 13.5 MB

ئايفون چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئايپەد چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ياسىغۇچى شىركەتنىڭ سېتىش سۇپىسىغا قالدۇرغان سۆزىنى سىلەرگە قالدۇرۇپ قوياي. ئۇلار دەيدۇ: بىزنىڭ ھەرقايسى ئويۇن ۋە دېتاللىرىمىز «ئاق مەشۇقلار كۈنى» ئىچىدە 2 كۈن ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بىز ئاپەت يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈندە تاماشا قىلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بىزنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىمىز شۇكى، مۇشۇ نەرسىلەرگە ھەقسىز ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپەت رايونى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە قىلىپ بېرىشىڭلار، ھېچ بولمىسا بىر ئېغىز سۆز بولسىمۇ قىلىپ قويۇشۇڭلار ئۈچۈن. سىز ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. دۇنيانىڭ ئىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. سىز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىز تورنىڭ خالىغان بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا ئۆزىڭىزنىڭ بەخت تىلىكىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. بىز ئاخىرىدا نەچچە كۈندىن بۇيان تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، لىۋان، جۇڭگو ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇۋېلىشىغا، بالدۇرراق بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا قايتىشىغا دۇئا قىلايلى! قولنى-قولغا تۇتاشتۇرايلى!

بۇ شىركەتنىڭ باشقا ئويۇنلىرى (ھازىر ھەقسىز):

1. Crystal Soul

2. Castles Conqueror

3. Good Santa Bad Santa

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103141357.html/feed 0
سوقما توپ (بوۋلىڭ) چى مايمۇنلار /201103011215.html /201103011215.html#comments Tue, 01 Mar 2011 16:30:38 +0000 پاسىبان /?p=1215 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

ئايفوننىڭ باتارىيەسىدىن يەنە قاقشامسىز؟
无觅 ]]>

سوقما توپ (بوۋلىڭ) بىر خىل يىنىك ۋە راھەت تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر يەرگە كەلسەك ئانچە-مۇنچە بېرىپ ئويناپ قويىدىغان توپ تۈرىمىز. بۇنىڭ ئويۇنلىرىمى App Store دا خېلى قارشى ئېلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئەمەلىيەتتىكى سوقما توپنى ياقتۇرسىڭىز Tiki 10 Pin Gold ناملىق بۇ ئويۇننىمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

ئويۇن 5 نەپەر مايمۇننىڭ باش رول ئېلىشى بىلەن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، توپنى باشلىغاندا ئېتىش كۈچى ۋە ئاتىدىغان جاينى مۇۋاپىق تەڭشەپلا ئوينايمىز. يەككە ئادەم ۋە ئىككى كىشى بىللە ئوينىغىلى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى ناھايىتى تىزلا ئۆگىنىپ كېتىسىز.

ئويۇننىڭ قىسقا فىلىمىنى كۆرۈپ باقايلى

ئويۇن ئىسمى : Tiki 10 Pin Gold

ياسىغان شىركەت : Half Fast Games

ئويۇن تۈرى : توپ ، ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 19.3 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201103011215.html/feed 0
ناھايىتى ئوماق رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنى Drawing Book Jigsaw /201102271154.html /201102271154.html#comments Sun, 27 Feb 2011 03:51:51 +0000 پاسىبان /?p=1154 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ
无觅 ]]>

نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن ئاخىرى خىزمەت ئورنىمغىمۇ يېتىپ كەلدىم. بۈگۈن ئەتىگەن قارىسام ماۋۇ پەچەت ئوماق ئويۇن ھەقسىز تارقىتىلىپتىكەن. كۆرىنىشى ناھايىتى ئوماق ھەم بەك چىرايلىقكەن. بۇ مەنبەنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بالىڭىزنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان پەچەت ئويۇننى كەتكۈزۈپ قويمىغايسىز.

مونو ئويۇننىڭ باشقا ئالاھىدە تەرىپى يوق. ئادەتتىكى رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنلىرى بىلەن ئوخشاش. لېكىن بىر ئالاھىدە يېرى، رەسىملىرى ناھايىتى ئوماق بولغان ماي بوياق بالىلار رەسىملىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ تولىمۇ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.

كىرىشتۈرگەن مۇزىكىلىرىنى دېمەڭ تېخى. ئىشقىلىپ ئويۇن باشتىن ئاخىر ناھايىتى يىنىك، لەرزان، يېقىملىق ھوزۇر بېرىدۇ.

مۇشۇنداق ئوماق ئويۇننى ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى ئېنىقلىقتا ياسىمىسا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە! ئەسلى ئايپەد ئۈچۈن لايىھەلىگەن چوڭ رەسىملەر ئايفونىڭىزدا رېتىنا ئېكران ئۆلچىمى بويىچە ناھايىتى سۈزۈك كۆرىنىدۇ.

بۇ ئويۇن ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، ئالما مەھسۇلاتى ئىچىدىكى ئايتاچ، ئايفون، ئايپەدلەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشىۋېرىدۇ. ئايپەد ئۈچۈن ئايرىم چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. خوش، ئەمدى گەپنى سىزدىن ئاڭلايمىز.


ئويۇن ئىسمى : Drawing Book Jigsaw

ياسىغان شىركەت : Black Box Studio

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 16.1 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102271154.html/feed 3
ئايفون ۋە ئايپەد ئۈچۈن نادىر ئويۇن Facebrick /201102071043.html /201102071043.html#comments Mon, 07 Feb 2011 16:43:27 +0000 پاسىبان /?p=1043 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى

iPod touch 4 VS iPhone 4

ئايفوننىڭ 9 ئاي ئىچىدە قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئايفوننىڭ ئۆزگىچە تەگلىكىدىن بىرنەچچە تال
无觅 ]]>

Facebrick ناملىق بۇ ئويۇن ئەقىل سىناش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، كۆرۈنۈش يۈزى خېلى سۈزۈك. ئومومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى ياخشى ھېساپلىنىدىغان ئەقىل سىناش ئويۇنى دېيىشكە بولىدۇ. ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسىنى چاغانلىق ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپتۇ. چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىدىغان ئويۇنكەن.

ئويۇندا بىز تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە كاتەكچىلەرنى سىزىمىز. پەقەت بىرلا تەلەپ بار. سىزغان تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىدا ئوخشاش رەڭلىك كاتەكچە بولسىلا ئىچىدىكى ھەممە كاتەكچىلەر يوقايدۇ. قانچە چوڭ سىزالىسىڭىز شۇنچە كۆپ نومۇرغا ئېرىشىسىز.

سىز ئېكراندىكى بارلىق چىراي ئىپادىسى بار كاتەكچىلەرنى يوقىتىپ بولغاندا كېيىنكى ئۆتكەلگە كىرەلەيسىز.


ئويۇن ئىسمى : Facebrick

ياسىغان شىركەت : GUANGZHOU YINGZHENG INFORMATION TECH.CO.,LTD.

قوللايدىغان سۇپا : Game Center

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 26.1 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئايپەد ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ .

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102071043.html/feed 1
تەۋسىيە : كلاسسىك ئويۇن – ئالتۇن كان ئىشچىسى /201102071036.html /201102071036.html#comments Mon, 07 Feb 2011 15:59:08 +0000 پاسىبان /?p=1036 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

iPod touch 4 VS iPhone 4

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

ئايفوننىڭ باتارىيەسىدىن يەنە قاقشامسىز؟
无觅 ]]>

ئالتۇن كان ئىشىچىسى ناملىق بۇ ئويۇن بەلكى سىز بۇرۇن بىر مەزگىل ياقتۇرۇپ ئوينىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، بۇ خېلى كۆپ كىشىلەر ئىچىدە ناھايىتى كلاسسىك دەپ قارىغان ئويۇننىڭ بىرى. بۇنىڭ كومپىيۇتېردا ئوينايدىغان فلەش نۇسقىسىمۇ بولىدىغان. يەنە ئاندرويد ۋە نوكىيا تېلفۇنلىردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلار بار. مەيلى قايسىدا بولسۇن، بۇ يەنىلا ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇن.

سىز بۇ ئويۇننى ئويناشقا بەلكى خېلىلا پىششىققۇ دەيمەن، ئوينىمىغانلار ئۈچۈن بىر قۇر ئېيتىپ ئۆتەي.

ئويۇندا ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزىمىز ۋە دىتىمىز. ئىلمەك جايىغا كەلگەندە ئېكراننىڭ خالىغان يېرىگە باسىسىز، ئاستىدىكى ئۇچرىغان نەرسىنى قىسىپ ئېلىپ چىقىدۇ. قانچە چوڭ ئالتۇننى ئالالىسىڭىز شۇنچە كۆپ پۇل تاپالايسىز. ھەر بىر ئۆتكەلدە بىزگە ئالدىن نىشانلاپ بېرىلگەن پۇل بار. قازغان ئالتۇننىڭ قىممىتىنى شۇ پۇلدىن ئاشۇرالىساق ئۆتكەلدىن ئۆتەلىگەن بولىمىز. كىيىنكى ئۆتكەل بۇ ئۆتكەلگە باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ قېتىم ئوشۇقراق تاپسىڭىز كىيىنكى ئۆتكەلدىن ئۆتىشىڭىزگە پايدىلىق.

ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئۆتكەندە قېزىش جابدۇقلىرى ساتىدىغان دۇكاندىن لازىمەتلىك سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بومبا، كۈچ قوشىدىغان دورا، تەلەي سۈيى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كىيىنكى مەيداندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى خەنچە، چۈشەندۈرىشىدىن ئوقۇپ بىلىۋالالايسىز.

`

ئويۇن ئىسمى : 黄金矿工

ياسىغان شىركەت : Colorme(Beijing)Info Tech Co.,Ltd

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 5.5 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/201102071036.html/feed 0
ئەقىل سىناش ئويۇنى – Jewelry Bubble /20101225359.html /20101225359.html#comments Sat, 25 Dec 2010 15:08:16 +0000 پاسىبان /?p=359 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماتىماتىكىلىق ئەقىل سىناش ئويۇنى Math Race

تەۋسىيە : ئەڭ قوللىنىشچان ئايفون دېتالى SoundHound

iPhone 4S ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرىلىشى
无觅 ]]>

Jewelry دېگەن نامنى ئاڭلاپلا ئالماسقا مۇناسىۋەتلىك ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز ھەقىچان. بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ كۆرىنىشىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن ئويۇنخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئويۇن مۇشۇ تۈردىكى ئالماس ئويۇنلىرىنىڭ ئىچدە AppStore دىكى ياخشى ئويۇن سانىلىدۇ. 3 تىن ئارتۇق ئوخشاش رەڭلىك ئالماس بىر يەرگە كەلسە پارتىلايدۇ. ئىكراندىكى ھەممە ئالماسلار تۈگىگەندە بىر ئۆتكەل تامام بولغان بولىدۇ. ئىككى خىل قارغا ئېلىش ئۇسۇلى بار. ئۆزىنىڭ ھەجمىمۇ كىچىك. كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق بۇ ئويۇن تەتىل كۈنلىرىڭىزدىكى ئارامبەخش ئويۇنلارنى بىرى بوپقالغۇسى. ھەقسىز ۋاقتىدا چۈشۈرىۋېلىپ مېغىزىنى چېقىڭ.

ئويۇن كۆرۈنىشىدىن ئۈزۈندىلەر :

ئويۇن ئىسمى : Jewelry Bubble

ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش، ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 9.8 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101225359.html/feed 3