پاسىبان كۇلۇبى » ئات كۈچى | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارى /cars-emission.html /cars-emission.html#comments Mon, 10 Oct 2011 13:04:23 +0000 پاسىبان /%d9%85%d8%a7%d8%b4%d9%89%d9%86%d8%a7-%d8%a6%d8%a7%d8%aa%d8%a7%d9%84%d8%ba%db%87%d9%84%d9%89%d8%b1%d9%89%d8%ba%d8%a7-%d8%a6%d9%89%d8%b2%d8%a7%da%be%d8%a7%d8%aa-%da%86%d9%89%d9%82%d9%89%d8%b1.html > ، << پالانچىنىڭ دادىسىنىڭ 150 لىك سۇزۇكىسى بار>> … دېگەندەك ئىشلار ئارىمىزدا قىززىق تېما ئېدى. ئۇ چاغا بەزىلەر بۇنى ماتورنىڭ ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، 250 لىك دېگىنى 25 ئات كۈچىگە ئېگە، دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى، دېيىشەتتى. لېكىن مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى سىز ماڭا ئىشىنىڭ! ئۇ بولسا ئاشۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 250 لىك ياماخا دېگىنى 250 مىللىلېتىرلىق ياماخا ماتورنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق تەرىقىدە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ. چىقىرىش مىقدارىنى قانداق پەرق قىلىمىز؟ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولسا ئەڭ مۇھىم پارامېتىر بولۇپ، ماتورنىڭ ئات كۈچىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنى ماتورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ماشىنىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىساق ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ قىزىل بايراق دەيدىغان بىر ماشىنىسى بار. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى CA7202 دېگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئالدىدىكى CA بولسا بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7 بولسا پىكاپ شەكىللىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ، ئوتتۇرىدىكى 20 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولۇپ 2.0 لىك ماتور بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىكى بىر خانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرسە بولىدۇ. باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئالدىدا ئىككى ھەرپ، ئارقىدا 4 خانە سان بولغان بولسا سىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پەرقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بەزى شىركەتلەر 4 خانە ساننىڭ ئارقىغا MT ياكى AT دېگەن ھەرپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. MT بولسا قول خوتنى، AT بولسا ئاپتۇماتىك خوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بىۋاستە ھەجمىنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇزۇكىنىڭ 羚羊1300 ماشىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 1300 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىرلىك مىللىلېتىر (ml) ياكى كۇپ سانتىمېتىر (cc) بولىدۇ. بەزى ماشىنىلاردىكى چىقىرىش مىقدارىنى بىلىش ئۇسۇللىرى چىقىرىش مىقدارىنى بەزى شىركەتلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭدا مۇقىم بىر فورمۇلا ياكى قانۇنىيەت يوق. بۇنىمۇ زاۋۇت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مىسالغا ئالساق، BMW نىڭ BMW325i دىگەن ماشىنىسىدىكى ئالدىدىكى 3 دېگەن ھەرپ ماشىنىسىنىڭ تۈرى، ئارقىسىدىكى 25 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى. يەنى 3 تۈرىدىكى 2.5 لېتىرلىق (بۇ چوقۇم 2.5 لېتىرلىقمۇ ئەمەس. بەزىدە 2.3 لېتىرلىقنى 25 دەپ ئالىدۇ. بەزىدە 3.0 لىكنى 35 دەپ ئالىدۇ) ماتور سەپلەنگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. BMW318i بولسا 3 تۈرىدىكى 1.8 لېتىرلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. BMW530i بولسا 5 تۈرىدىكى 3.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، ۋە 760 Li بولسا 7 تۈرىدىكى 6.0 لىك ماتور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يەنە بىر قانچە ئالاھىدە تۈرلىرى بار، مەسىلەن X5 ، X6, Z4 دېگەندەك. بۇلارنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كەينى تەرىپىدىن ياكى يان تەرىپىدىن يېزىلغان 3.0 ، 4.2 دېگەندەك رەقەملەردىن بىلەلەيمىز. بېنزىنىڭ يەنە باشقىچە بولۇپ، ئالدىدىكى ھەرپ تۈرىنى، ئارقىدىكى رەقەم ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، S 350 بولسا S تۈرىدىكى 3.5 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، S 500 بولسا S تۈرىدىكى 5.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، E 240 بولسا E تۈرىدىكى 2.4 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ماشىنىلاردا ماتورىنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى لېتىر بىرلىكى بويىچە يېزىپ قويىدۇ. كىيۇ-كىيۇنىڭ ئارقىدىكى 0.8 دېگىنىمۇ شۇ. ئۇنىڭ 3 تال پورشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 800 مىللىلېتىر. يەنە بىر خىلى 1.1 لىك، يەنە بىر خىلى بولسا 1.3 لىك. ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەندۈرىمىز. ماي سەرپىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ماي سەرپىياتى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق. گەرچە ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بېنزىننى مۇقىم قىلىپ فورمۇلاغا سالغىلى بولغىنى بىلەن شوپۇرنىڭ، ئەمەلىي شارائىتنىڭ، ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقىنىڭ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ … قاتارلىق بىرقاتار ئېلمىنتلارنىڭ بەلگىلەنگەن فورمۇلاسى بولمايدۇ. شۇڭا مانچە لېتىرلىق ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى مانچىلەك دەيدىغان فورمۇلانىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش. پەقەت، چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى چوڭراق بولىدۇ دېگىنىلا بولىدۇ خالاس. چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى 1 لېتىرلىقتىن تۆۋەن بۇنى ئېنىقلا شەھەرنىڭ كىچىك ئەرمەكلىرى دېيىشقا بولىدۇ. جۇغى كىچىك، سەرپىياتى تۆۋەن، تاشقى كۆرىنىشى مودىغا ماسلاشقان. بۇ ماشىنىلار قىزلارغا، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەنلەر. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىشى ئاز بولغانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز توختىماستىن ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ياسىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ماشىنا. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئېگىزرەك بىر يەرگە چىقسىڭىز، سىز <<سېتىۋالغىنىم قوڭغۇزمۇ ياكى ماشىنىمۇ؟>> دەپ قالىسىز. بۇ چاغدا سىزگە پەقەت بىر ئېغىز سۆز كۇپايە — سەبر ! ماس كېلىدىغان ئوبىكت : يېڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر، قىزلار، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كارخانىچىلار ۋەكىللىك ماشىنىلار : ئاۋتو، كىيۇ-كىيۇ، SPAKE   1.3 لېتىرلىق ھازىرقىدەك ماي باھاسى قىممەت ۋاقتىدا ماي سەرپىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي بولمايدۇ. بۇمۇ كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ياكى بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ تۈردىكى ماشىنىلىرى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلار بار. لېكىن ئىھتىياج بۇنىڭغا كۆپلەپ چۈشىۋاتقان، ھۆكۈمەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تۈر بۇ بولغاچقا، ھازىر 20 گە يېقىن ماشىنا تىپى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. فىئات، دەيخاتسۇ، تويوتا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. ماس كىلىدىغان ئوبىكت : ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئاز مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار، ماي سەرپىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭئەن بىنبىن، يېڭى ۋىئوس، كىيا تۇلپار، لىفەن 520 … 1.4~1.5 لېتىرلىق بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنى شەھەرنىڭ ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1.4 لېتىرلىق ماشىنىلارنىڭ تۈرلىرى بىر ئاز كۆپ. 1.5 لىكنىڭ ئازراق. شەھەردە كۆپ قىسىم يوللاردا 40~50 كېلومىتىرلىق چەكلىمە بار، بەزى جايلاردا بولسا 60 ، ناھايىتى ئاز قىسىم جايلاردا 80. 60 ئەتراپىدىكى بۇ سۈرئەت دەل مۇشۇ دائىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ماي تېجەيدىغان سۈرئىتى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ماشىنىلار << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماشىنا تۈرىدۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا يۇقىرى. ماس كېلىدىغان ئوبىكت : << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماتورنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭچىڭ پوچى ئېيىق، چېۋرولىت 乐风 ، ستروئىت C2 ، پەيجوت 206، خوندا فىت … 1.6 لېتىرلىق بۇ خىلىدىكى ماتورنى ئەڭ بازارلىق ماتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلار بېخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن، ئىچكى بېزىلىش ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەشەمەتلىككە قاراپ ماڭغان ماشىنا تۈرى. بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ خىلدىكىسى. ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنىڭ دەرۋازىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل. باھاسىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئىستىمالچىلارغا كەڭ تاللاش پۇرسىتى بار. بۇمۇ بۇخىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. ماس كېلىدىغان ئوبىكت : بېخەتەرلىك ۋە ماتور كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ۋەكىللىك ماشىنىلار : جېتتا ، بورا، پولو، گول، سايل، ئېكسېل، 307 ، ئېلەنترا، فەملىي … 1.8 لېتىرلىق بۇ خىلدىكى ماشىنىنى بولسا شەھەرنىڭ سەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى چوڭ، ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت، كەڭرى-تاشا، تاشقى كۆرىنىشى كۆركەم، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى، باشقۇرۇش قولاي بولۇشتەك بىر قاتار ئۈستۈن بولغان ئالاھېدىلىككە ئېگە بولغاچقا، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيتىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بىر خىل تىپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ماي سەرپىياتى جەھەتتە بىر ئاز پەرق قىلىدۇ. لىكىن ھەيدىگۈچى تەجرىبىلىك بولسا 8~9 لېتىر دىن ئاشۇرماي ھەيدىگىلى بولىدۇ. ماس كېلىدىغان ئوبىكت : ھۆكۈمەت ئىشى، ياخشىراق ئائىلە ماشىنى قىلىشنى ئويلايدىغانلار… ۋەكىللىك ماشىنىلار : كوروللا، فوكس ، ئېلەنترا ، ئېكسېل … بۇنىڭدىن يۇقىرى ھەجىمدىكى ماشىنىلار ئاساسەن ئوتتۇرا-ئالىي قاتلامدىكى ماشىنىلار بولۇپ، ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلىدىغان، چاپتۇرۇپ ئوينايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى ماس قەدەمدە چوڭىيىپ ماڭىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەت ماشىنىلارنىڭ ماتورى ئاساسەن 3.0 ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىم كۈچى ئىسراپ بولۇپلا ماڭىدىغان گەپ. ھازىرغا قەدەر 200 ئات كۈچىدىن ئارتۇق كۈچكە ئېگە ماشىنىنى، راللىي مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان چاغدا باشقۇرالايدىغان ئادەمدىن جۇڭگودا بىرسى بار دېسە مەن ئىشەنمەيمەن. ئىسراپ بولىدۇ دېيىشىمدىكى ئاساسىمنى بىلگەنسىز؟ مەنبەسى : ئىزدىنىشتىكى ئىلگىرىكى يازمام. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتىماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچەبالوندىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – ئات كۈچىياشلارنىڭ پەچچەت تاللىشى – ئېكسېل XT 1.6Tكۆپلىگەن كىشىلەر ئالالايدىغان ماشىنا – SUZUKI SX42010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرى2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولوiOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش iPhone 4S نى، ئېنىق ئېيتقاندا Siri نى بوش چاغلىماڭBMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندىBMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى]]> ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ - چىقىرىش مىقدارى

كۇلۇب يېڭىدىن قۇرۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كىيىنلا ماشىنا ساھەسىدە بىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئاتالغۇ – ئات كۈچى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. (بۇ جاينى بېسىپ شۇ يازمىغا بېرىڭ) بۈگۈن بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان «1.8 لىك ماشىنىكەن ماۋۇ» دېگەندەك جۈملىلەردىكى ئاشۇ ساننىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا، يەنى چىقىرىش مىقدارى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

 

ئۇقۇم

چىقىرىش مىقدارى 排量 Car Emission بولسا سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش ساھەسىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، پورشىننىڭ ئىچىدە كلاپان شەكىللىك ئوق بولىدۇ، ئۇ ئوق پورشىننىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىدىن ئۈستىگە بېرىپ كېلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان چىقىرىش مىقدارى بولسا، ئوقنىڭ پورشىننىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىن ئەڭ تۆۋەن قىسمىغا چۈشكىچە بولغان ئارىلىقىغا سىغىدىغان ئاقما جىسىمنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر دانە پورشىننىڭ چىقىرىش مىقدارى. ئەگەر بىر ماتوردا بىرقانچە پورشىن بولسا، ھەرقايسى پورشىننىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسى بۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى چىقىرىش مىقدارى دېگەندىن، سىغدۇرۇش مىقدارى دېگەن تۈزۈكرەك.

2011款宝来Sportline 1.4TSI手动

مەسىلەن، ئۈستىدىكىسى بولسا ۋولكسۋاگېننىڭ بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياسىغان بورا دېگەن ماشىنىسىنىڭ 1.8 لېتىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتورى. بۇنىڭدا 4 تال پورشىن بار بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ تەخمىنەن 450 مىللىلېتىر كېلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ماتورى 1.8 لېتىرلىق بولغان بولىدۇ.

ئوغۇللار بەكرەك بىلىشى مۇمكىن، موتىسىكلىتنى 250 لىك، 150 لىك، 100 لىك دەپ قويىدىغان. ھازىرمۇ شۇنداق ئاتايمىز. كىچىمىزدە <<تۈنۈگۈن ئاكامنىڭ 250 لىك ياماخاسىنى ئېچىقىپ يېرىم كۈن چاپتۇرۇپ ئويناپتىمەن>> ، << پالانچىنىڭ دادىسىنىڭ 150 لىك سۇزۇكىسى بار>> … دېگەندەك ئىشلار ئارىمىزدا قىززىق تېما ئېدى. ئۇ چاغا بەزىلەر بۇنى ماتورنىڭ ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، 250 لىك دېگىنى 25 ئات كۈچىگە ئېگە، دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى، دېيىشەتتى. لېكىن مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى سىز ماڭا ئىشىنىڭ! ئۇ بولسا ئاشۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 250 لىك ياماخا دېگىنى 250 مىللىلېتىرلىق ياماخا ماتورنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق تەرىقىدە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ.

چىقىرىش مىقدارىنى قانداق پەرق قىلىمىز؟

ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولسا ئەڭ مۇھىم پارامېتىر بولۇپ، ماتورنىڭ ئات كۈچىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنى ماتورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ماشىنىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىساق ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ قىزىل بايراق دەيدىغان بىر ماشىنىسى بار. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى CA7202 دېگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئالدىدىكى CA بولسا بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7 بولسا پىكاپ شەكىللىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ، ئوتتۇرىدىكى 20 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولۇپ 2.0 لىك ماتور بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىكى بىر خانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرسە بولىدۇ. باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئالدىدا ئىككى ھەرپ، ئارقىدا 4 خانە سان بولغان بولسا سىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پەرقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بەزى شىركەتلەر 4 خانە ساننىڭ ئارقىغا MT ياكى AT دېگەن ھەرپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. MT بولسا قول خوتنى، AT بولسا ئاپتۇماتىك خوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بىۋاستە ھەجمىنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇزۇكىنىڭ 羚羊1300 ماشىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 1300 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىرلىك مىللىلېتىر (ml) ياكى كۇپ سانتىمېتىر (cc) بولىدۇ.

بەزى ماشىنىلاردىكى چىقىرىش مىقدارىنى بىلىش ئۇسۇللىرى

چىقىرىش مىقدارىنى بەزى شىركەتلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭدا مۇقىم بىر فورمۇلا ياكى قانۇنىيەت يوق. بۇنىمۇ زاۋۇت ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

مىسالغا ئالساق، BMW نىڭ BMW325i دىگەن ماشىنىسىدىكى ئالدىدىكى 3 دېگەن ھەرپ ماشىنىسىنىڭ تۈرى، ئارقىسىدىكى 25 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى. يەنى 3 تۈرىدىكى 2.5 لېتىرلىق (بۇ چوقۇم 2.5 لېتىرلىقمۇ ئەمەس. بەزىدە 2.3 لېتىرلىقنى 25 دەپ ئالىدۇ. بەزىدە 3.0 لىكنى 35 دەپ ئالىدۇ) ماتور سەپلەنگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. BMW318i بولسا 3 تۈرىدىكى 1.8 لېتىرلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. BMW530i بولسا 5 تۈرىدىكى 3.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، ۋە 760 Li بولسا 7 تۈرىدىكى 6.0 لىك ماتور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يەنە بىر قانچە ئالاھىدە تۈرلىرى بار، مەسىلەن X5 ، X6, Z4 دېگەندەك. بۇلارنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كەينى تەرىپىدىن ياكى يان تەرىپىدىن يېزىلغان 3.0 ، 4.2 دېگەندەك رەقەملەردىن بىلەلەيمىز.

بېنزىنىڭ يەنە باشقىچە بولۇپ، ئالدىدىكى ھەرپ تۈرىنى، ئارقىدىكى رەقەم ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، S 350 بولسا S تۈرىدىكى 3.5 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، S 500 بولسا S تۈرىدىكى 5.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، E 240 بولسا E تۈرىدىكى 2.4 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ماشىنىلاردا ماتورىنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى لېتىر بىرلىكى بويىچە يېزىپ قويىدۇ. كىيۇ-كىيۇنىڭ ئارقىدىكى 0.8 دېگىنىمۇ شۇ. ئۇنىڭ 3 تال پورشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 800 مىللىلېتىر. يەنە بىر خىلى 1.1 لىك، يەنە بىر خىلى بولسا 1.3 لىك. ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەندۈرىمىز.

ماي سەرپىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ماي سەرپىياتى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق. گەرچە ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بېنزىننى مۇقىم قىلىپ فورمۇلاغا سالغىلى بولغىنى بىلەن شوپۇرنىڭ، ئەمەلىي شارائىتنىڭ، ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقىنىڭ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ … قاتارلىق بىرقاتار ئېلمىنتلارنىڭ بەلگىلەنگەن فورمۇلاسى بولمايدۇ. شۇڭا مانچە لېتىرلىق ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى مانچىلەك دەيدىغان فورمۇلانىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش. پەقەت، چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى چوڭراق بولىدۇ دېگىنىلا بولىدۇ خالاس.

چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى

1 لېتىرلىقتىن تۆۋەن

بۇنى ئېنىقلا شەھەرنىڭ كىچىك ئەرمەكلىرى دېيىشقا بولىدۇ. جۇغى كىچىك، سەرپىياتى تۆۋەن، تاشقى كۆرىنىشى مودىغا ماسلاشقان. بۇ ماشىنىلار قىزلارغا، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەنلەر. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىشى ئاز بولغانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز توختىماستىن ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ياسىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ماشىنا. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئېگىزرەك بىر يەرگە چىقسىڭىز، سىز <<سېتىۋالغىنىم قوڭغۇزمۇ ياكى ماشىنىمۇ؟>> دەپ قالىسىز. بۇ چاغدا سىزگە پەقەت بىر ئېغىز سۆز كۇپايە — سەبر !

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : يېڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر، قىزلار، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كارخانىچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : ئاۋتو، كىيۇ-كىيۇ، SPAKE

 

1.3 لېتىرلىق

ھازىرقىدەك ماي باھاسى قىممەت ۋاقتىدا ماي سەرپىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي بولمايدۇ. بۇمۇ كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ياكى بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ تۈردىكى ماشىنىلىرى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلار بار. لېكىن ئىھتىياج بۇنىڭغا كۆپلەپ چۈشىۋاتقان، ھۆكۈمەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تۈر بۇ بولغاچقا، ھازىر 20 گە يېقىن ماشىنا تىپى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. فىئات، دەيخاتسۇ، تويوتا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.

ماس كىلىدىغان ئوبىكت : ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئاز مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار، ماي سەرپىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭئەن بىنبىن، يېڭى ۋىئوس، كىيا تۇلپار، لىفەن 520 …

1.4~1.5 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنى شەھەرنىڭ ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1.4 لېتىرلىق ماشىنىلارنىڭ تۈرلىرى بىر ئاز كۆپ. 1.5 لىكنىڭ ئازراق. شەھەردە كۆپ قىسىم يوللاردا 40~50 كېلومىتىرلىق چەكلىمە بار، بەزى جايلاردا بولسا 60 ، ناھايىتى ئاز قىسىم جايلاردا 80. 60 ئەتراپىدىكى بۇ سۈرئەت دەل مۇشۇ دائىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ماي تېجەيدىغان سۈرئىتى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ماشىنىلار << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماشىنا تۈرىدۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا يۇقىرى.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماتورنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭچىڭ پوچى ئېيىق، چېۋرولىت 乐风 ، ستروئىت C2 ، پەيجوت 206، خوندا فىت …

1.6 لېتىرلىق

بۇ خىلىدىكى ماتورنى ئەڭ بازارلىق ماتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلار بېخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن، ئىچكى بېزىلىش ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەشەمەتلىككە قاراپ ماڭغان ماشىنا تۈرى. بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ خىلدىكىسى. ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنىڭ دەرۋازىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل. باھاسىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئىستىمالچىلارغا كەڭ تاللاش پۇرسىتى بار. بۇمۇ بۇخىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : بېخەتەرلىك ۋە ماتور كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : جېتتا ، بورا، پولو، گول، سايل، ئېكسېل، 307 ، ئېلەنترا، فەملىي …

1.8 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىنى بولسا شەھەرنىڭ سەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى چوڭ، ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت، كەڭرى-تاشا، تاشقى كۆرىنىشى كۆركەم، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى، باشقۇرۇش قولاي بولۇشتەك بىر قاتار ئۈستۈن بولغان ئالاھېدىلىككە ئېگە بولغاچقا، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيتىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بىر خىل تىپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ماي سەرپىياتى جەھەتتە بىر ئاز پەرق قىلىدۇ. لىكىن ھەيدىگۈچى تەجرىبىلىك بولسا 8~9 لېتىر دىن ئاشۇرماي ھەيدىگىلى بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : ھۆكۈمەت ئىشى، ياخشىراق ئائىلە ماشىنى قىلىشنى ئويلايدىغانلار…
ۋەكىللىك ماشىنىلار : كوروللا، فوكس ، ئېلەنترا ، ئېكسېل …

بۇنىڭدىن يۇقىرى ھەجىمدىكى ماشىنىلار ئاساسەن ئوتتۇرا-ئالىي قاتلامدىكى ماشىنىلار بولۇپ، ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلىدىغان، چاپتۇرۇپ ئوينايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى ماس قەدەمدە چوڭىيىپ ماڭىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەت ماشىنىلارنىڭ ماتورى ئاساسەن 3.0 ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىم كۈچى ئىسراپ بولۇپلا ماڭىدىغان گەپ. ھازىرغا قەدەر 200 ئات كۈچىدىن ئارتۇق كۈچكە ئېگە ماشىنىنى، راللىي مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان چاغدا باشقۇرالايدىغان ئادەمدىن جۇڭگودا بىرسى بار دېسە مەن ئىشەنمەيمەن. ئىسراپ بولىدۇ دېيىشىمدىكى ئاساسىمنى بىلگەنسىز؟

مەنبەسى : ئىزدىنىشتىكى ئىلگىرىكى يازمام.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cars-emission.html/feed 5
ياشلارنىڭ پەچچەت تاللىشى – ئېكسېل XT 1.6T /good-choice-for-those-who-love-sports-car.html /good-choice-for-those-who-love-sports-car.html#comments Sat, 30 Apr 2011 16:52:37 +0000 پاسىبان /?p=1647 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (6) (فىلىملىك)
无觅 ]]>

ماتورنىڭ ئات كۈچى بىلەن ھېساپلېشىپ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىۋار بەرگەندىن بۇيان بېكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدىغان بوپقالغان ئىدىم. چۈنكى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى (ئات كۈچى) نى سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ ماتورلىرى خېلىلا ئارقىدا ئېدى. لېكىن ئات كۈچى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ماينىمۇ ئاز يېمەيتتى. شۇڭا بۇنىڭ ماشىنلىرى مېنىڭ تاللاش تەرتىۋىمدە ئارقا رەتكە تىزىلاتتى. لېكىن ئېكسېل XT پەيدا بولغاندىن كىيىن مەندىكى بۇ قاراش مۇتلەق ئۆزگەردى.

سىرتقى كۆرىنىشىگە نەزەر

سىرتىدىن قاراشقا ياۋرۇپاچە پۇراق چىقىدىغان يېڭىچە ماشىنا گەۋدىسى كىشىگە چاپقۇرلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ماشىنا لايىھەلىنىشىدىنلا سپورت (تەنھەرىكەت) تۈرىدىكى ماشىنىلارغا خاس ئۇسلۇب بويىچە لايىھەلەنگەن.

بۇ ماشىنىنىڭ ئەسلى لايىھەسى OPEL نىڭ لايىھەسى. دىققەت قىلغان بولساڭلار OPEL نىڭ ASTRA دېگەن ماشىنىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش (بۇ ئادرىستىن بۇ ماشىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز).

سىرتقى قىياپىتىنى مۇشۇنداق ئوخشىتىپ ياسىسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاشلا ياساپتۇ. بىر قېلىپنىڭ ماشىنىلىرى ئىكەن. ئالدى كۆرۈنىشىدە ئالدى تور قىسمى يېڭى ئەۋلاد بېكنىڭ خاس بولغان بىردەك لايىھەلىرى بويىچە ياسالغان. ئەگەر ئېكسېل GT (بۇ 3 ساندۇقلۇق نۇسقىسى) نى كۆرسە رېگالمۇ ياكى ئېكسېلمۇ پەرق قىلغىلى بولمىغۇدەك ئوخشاش ئىكەن.

ماشىنىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 4،419 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 1،814 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى بولسا 1،487 مىللىمېتىر. بۇ ئۇزۇنلۇق ئوخشاش تۈردىكى گولفقا قارىغاندا بىر ئاز ئارتۇقچىلىققا ئېگە. ئوق ئارىلىقى 2،685 مىللىمېتىر بولۇپ، ئارقا رەتتە ئولتۇرغان ئادەم ئۇنچە تار ھېس قىلمايدۇ.

ئىچكى بېزىلىشىگە نەزەر

ئىچكى بېزىلىشى مۇشۇ باھادىكى ماشىنىلارغا قارىغاندا بەك ناچار دېگۈدەك ئەمەس. ھازىرقى ئېقىمغا تامامەن ماسلاشقۇدەك يېڭىچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ماشىنىغا سپورت ئېلىمېنتلىرىنى كۆپلەپ سىڭدۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئۆزىدىن كۆك نۇر چىقىرىدىغان كۆرسىتىش ئېكرانى سپورت ھالىتىگە ئۆتكەندىن كىيىن دەرھال قىزىل نۇر ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ.

بۇ كىشىگە ياشلاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىقنى، ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ-قۇۋۋەتنى ئەسلىتىدۇ.

مەركىزىي كونترول رايونى بەزى ماشىنىلاردە ئۇنچە قالايمىقان ئەمەس. گەرچە 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە باھادىكى ماشىنا بولسىمۇ، ئوڭ ۋە سول تەرەپ تېمپىراتۇرىسىنى ئايرىم تەڭشىگىلى بولىدۇ.

يان تەرەپكە ئىشلىتىلگەن مېتال پارقىراقلىققا ئېگە ئىشىك تۇتقۇچلىرى ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلاردىكىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ باھا ئىچىدە بۇ خىل سەپلىمە خېلى يامان ئەمەس ھېساپلىنىدۇ.

ئورۇندۇق ۋە ئىچ بوشلۇقى

بايا ئېيتقاندەك 4 مېتىر 40 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان 2 ساندۇقلۇق ماشىنا ئۇنچە كىچىك ۋە تار بولمايدۇ.

ئارقا تەرەپتىكى مىھمانلارغىمۇ ئوخشاشلا ئىستاكان ۋە جەينەك قويىدىغان ئورۇن جايلاشتۇرۇلغان.

نەرسە-كېرەك ساقلاش بوشلۇقلىرى

گەرچە 2 ساندۇقلۇق ماشىنا بولسىمۇ ئارقا تەرەپ بوشلۇقى يەنىلا چوڭ

ماتورنىڭ ئات كۈچى ۋە تەگلىك پارامېتىرلىرى

باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا «پولات چاپقۇر» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ماشىنا نېمىشقا بۇنچە قارشى ئېلىنىپ بۇ نامغا ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇنى ئەلۋەتتە ماتورىدىكى قۇۋۋەتتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

4 سېلىندىرلىك، تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ (Turbo) ئورۇنلاشتۇرۇلغان 1.6 لېتىرلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 136 كېلوۋات بولۇپ، ئات كۈچىگە سۇندۇرغاندا 183 ئات كۈچى بولىدۇ. بۇ ھازىرچە ئەسلى زاۋۇتتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى بويىچە رەتكە تىزىلغاندا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان قۇۋۋەت. بۇ دەل تۆۋەن ئېنىرگىيە سەرپىياتى بىلەن چاياندەك قۇۋۋەتكە ئېگە ماشىنىغا ئېرىشىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. تېمىنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قويغانلىقىمنى ئەمدى بىلگەنسىز؟

ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى ۋە ماتورى سپورت ماشىنىغا خاس بولسىلا كۇپايە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى مۇرەككەپ شارائىتلاردا شۇنىڭغا كۆرە كونتورللىقىنى ساقلىيالىشىدا. ئېكسېلنىڭ ئالدى تەرەپكە ئىشلەتكەن ئاسمىسى ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان مەكفورسىن شەكلىدىكى مۇستەقىل ئاسما بولۇپ، ئارقا تەرەپتىكى بېرىكمە تولغىنىش كۈچىلىك كۆۋرۈكلۈك ئاسما ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سىلكىنىشتىن ساقلىغۇچ پۇرژىنىسى ۋە ئارقا تەرەپ ئاسمىسىدىكى پولاتنىڭ قاتتىقلىقى نورمالدىكىگە قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50% ۋە 30% كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ سپورت ھالىتىدە ماشىنىنىڭ كونتروللىقىغا بۆلەكچە كۈچ قوشۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان.

سىناش جەريانلىرى

تىزلىنىش سىنىقىدا ئېكسېل XT نىڭ 1.6T لىق نۇسقىسى 8.2 سېكونتلۇق پەچەت نەتىجە ياراتتى

0-60 كېلومېتىرغىچە 3.7 سېكونت، 0-100 گە 8.2 سېكونت سەرپ قىلغان.

100 كېلومېتىرلىق تورمۇز سىنىقىدا 39.4 مېتىر نەتىجە ياراتتى. بۇ نەتىجە ئەلا نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇنى 22.5 سانتىمېتىرلىق چاقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك.

ماي سەرپىيات سىنىقى XT نىڭ بىر تۇققىنى بولغان 3 ساندۇقلۇق ئېكسېل GT دە ئېلىپ بېرىلغان. 1.8 لېتىرلىق بۇ ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى 100 كېلومېتىرغا 7.16 لېتىر بولۇپ چىققان.

شاۋقۇن سىنىقىدا نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولغان. يەنى، ماتور قوزغىتىلغان تىنچ ھالەتتە 46.6 دېتسىبىل، 60 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە 61.1 دېتسىبىل، 80 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە 64.3 دېتسىبىل، 120 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە بولسا 70.2 دېتسىبىل بولغان.

ئىچكى بوشلۇقىغا تەپسىلىي نەزەر سالغىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈدەكمىز. بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر كېلىدىغان كىشى شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندا باش تەرەپتىن يەنە 1 مۇشت پاتقىدەك ئارىلىق قالغان.

بۇ ماشىنا سپورت نۇسقىسىدىكى ماشىنا بولغانلىقتىن ئورۇندۇقنىڭ ئوراش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، سپورت ماشىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە نامايەندە قىلغان. لېكىن ئورۇندۇقنى كەينىگە ياتقۇزىدىغان تۇتقۇچىنىڭ قولنى قىسىۋېلىش ئىھتىمالى بار ئىكەن.

يان تەرەپ تۇتقۇچ خېلىلا كەڭ ۋە ئۇزۇن بولۇپ، بويى ئېگىزرەك كىشىنىڭ قولىنى خاتىرجەم قويسىمۇ چانمىغۇدەك ھالەتتە ئىكەن. تېرىنىڭ ماتىرىيالى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، راھەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىكەن.

ئالدى تەرەپتە 3 دانە ئىستاكان قويۇش ئورنى بار بولۇپ، بۇ جەينەك قويىدىغان جاينىڭ ئۇزۇنلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە بۇ جاينى قىسقا ۋە ئۇزۇن قىلىپ تەڭشىگىلى بولسىمۇ ئۇزۇن قىلىپ جەينەك قويىدىغان قىلىپ تەڭشىگەندە ئەڭ ئىچىدىكى ئىستاكان ئورنى «غايىب» بولىدىكەن.

ئارقا تەرەپ ئورۇندۇقتىكى بوشلۇق تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە. پۇت ئارىلىقى ئالاھىدە كەڭمۇ ئەمەس. كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ باش تەرىپى تاقىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، باش قىسمى ئالاھىدە ئېگىزرەك قىلىپ لايىھەلەنگەن.

ئارقا ساندۇقىنىڭ ئەھۋالى رەسىمدىكىدەك. ئارقا ئورۇندۇقنى تۈزلىۋەتسەك تۈپتۈز تۇرماستىن ئازراق ئېگىز-پەس بوپقالىدىكەن. ئۈستىدە بىر ئىلغۇ بار. بۇ جايغا ئاپاراتقا ئوخشاش نازۇكراق نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇشقا بولىدۇ.

ساندۇقنىڭ بۇلىڭىدا يەنە بىر ئىلغۇ بار بولۇپ، نەرسىلەرنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ساندۇقنىڭ سول تەرىپىدە توك يول لېنىيەسى بار. ئوڭ تەرەپتە يەنە كىچىك تەكچە بار بولۇپ، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى سېلىپ قويغىلى بولىدۇ.

سىرتقى يۈزىنىڭ چوڭلۇقىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن ئېنىق كۆرەلەيسىز.

ئېكسېل XT نىڭ 1.6T لىك نۇسقىسىغا ئىشلەتكەن چاق GoodYear نىڭ 225/50R17 لىك چاق. بەنداش 5 تاياقلىق 5 بولتىلىق بەنداش. قاراشقا ئۇنچە بەك سپورت تۇيغۇسى بەرمىسىمۇ خېلىلا چىرايلىق.

ئالدى ۋە كەينى تەرەپ ئاسمىسى بايا ئېيتقاندەك 2 خىل ئاسما.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنىڭ سەۋەبى سپورت ھالىتىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان كونترول ھالىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن. بۇنى زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشەندۈرسەك، ماشىنا جىددى بۇرالغاندا قارشى تەرەپكە چۈشىدىغان كۈچنى ئوتتۇرىدىكى كۆۋرۈك ئوقى ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپكە ئۇزىتىپ بېرىپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇدە، ماشىنىنىڭ ئېغىشى ئازلايدۇ. دېمەك بۇنىڭدا كونترول ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.

تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر سىن كۆرۈپ باقايلى:

ماشىنا باھاسى

ئېكسېل XT نىڭ 6 خىل تۈرى بار. زاۋۇت بېكىتكەن باھالىرى تۆۋەندىكىچە:

1.6L قول خوت. ماتورى: 1.6L   ئات كۈچى : 121  باھاسى : 134 مىڭ 9 يۈز.

1.6L ئاپتۇماتىك خوت. ماتورى: 1.6L   ئات كۈچى : 121  باھاسى : 149 مىڭ 9 يۈز.

1.6T ئاپتۇماتىك خوت ئادەتتىكى تىپلىق. ماتورى: 1.6T  ئات كۈچى : 183  باھاسى: 171 مىڭ 5 يۈز.

1.6T ئاپتۇماتىك خوت ھەشەمەت تىپلىق. ماتورى: 1.6T  ئات كۈچى : 183  باھاسى: 181 مىڭ 5 يۈز.

1.8L ئاپتۇماتىك خوت ئادەتتىكى تىپلىق. ماتورى: 1.8L   ئات كۈچى : 146  باھاسى : 159 مىڭ 5 يۈز.

1.8L ئاپتۇماتىك خوت. ماتورى: 1.8L   ئات كۈچى : 146  باھاسى : 186 مىڭ 9 يۈز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/good-choice-for-those-who-love-sports-car.html/feed 12
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پاجانى زوندانىڭ تەگلىك رەسىمى (25P) /20110114842.html /20110114842.html#comments Fri, 14 Jan 2011 15:43:05 +0000 پاسىبان /?p=842 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

قالتىس چاپقۇر – پاجانى C9 نىڭ تەشۋىق فىلىمى

BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى
无觅 ]]>

بۈگۈن مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن تورنى ئارىلاۋېتىپ بۇ رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام خېلى سۈزۈك ئىكەن. چاپقۇرلارغا، بولۇپمۇ ماۋۇنىڭدەك تەلۋە چاپقۇرلارغا ئامراق دوسلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن. كىچىككىنە ماشىنا ئىچىگە پەقەت ئىككىلا ئادەم سىغسا، ئۇنى تارتىدىغىنى 700 ئاتنىڭ كۈچى بار ماتور بولسا، ماي تەپكىسىنى كۈچەپ بىر دەسسىسەك نېمە بولا ھە؟ :beauty:

مەنمۇ شۇنداق چوڭ ئات كۈچىگە ئېگە ماشىنىلارنىڭ قىزغىن ئىشتراكچىسى. مۇشۇ توغرىسىدا خەۋەرلەر بولسا كۆزۈم ئېيچىشقىچە كۆرۈپ كېتىمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلسا ھەرقايسىلىرى بىلەن شۇنداق بىر كۈنلەردە چاپتۇرۇپ بەسلىشىپمۇ قالارمىز …

* رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ. ئاندىن كونۇپكا تاختىسىدىكى ئوڭ ۋە سول كونۇپكىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق كىيىنكى ۋە ئالدىنقى رەسىملەرگە ئالماشتۇرالايسىز. رەسىم چوڭايغاندىن كىيىن مائۇس بىلەن ئىكراننىڭ خالىغان جايىغا سۆرەپ ئاپىرالايسىز.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114842.html/feed 4
يېڭى پاجانى ئىتالىيەدىكى زاۋۇتى ئەتراپىدا پەيدا بولدى /20110114835.html /20110114835.html#comments Fri, 14 Jan 2011 14:55:52 +0000 پاسىبان /?p=835 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە
无觅 ]]>

پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

پاجانىنىڭ بۇ يېڭى چاپقۇرىغا مېرسدېس بېنزنىڭ AMG سپورت تەتقىقات بۆلۈمى ئالاھىدە ياساپ بەرگەن V12 ماتور سەپلەنگەن. ئات كۈچى 700 دىن ئارتۇق. تولغىنىش مومېنتى 102 كېلوگرام.مېتىر

پاجانىنىڭ زوندا دەيدىغان بىر ماشىنىسى بولىدىغان. 2005-يىلى بېيجىڭدا 864،000 دوللارغا كېلىشىپ سېتىلغان. شۇ چاغدىكى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىدى. شۇ قېتىملىق سودىدىن كىيىن پاجانى دېگەن بۇ ماركىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ماشىنىسى بولۇپ قالغان.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110114835.html/feed 3
قالتىس چاپقۇر – پاجانى C9 نىڭ تەشۋىق فىلىمى /20110104629.html /20110104629.html#comments Tue, 04 Jan 2011 14:32:31 +0000 پاسىبان /?p=629 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پاجانى زوندانىڭ تەگلىك رەسىمى (25P)

تەۋسىيە: رېتىنا ئىكرانغا ماس سۈزۈك ئويۇن – Van Pershing
无觅 ]]>

پاجانى ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئارىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ باققانلار ناھايىتىمۇ ئاز، ھەتتا يوق بولىشى مۇمكىن. پاجانىنىڭ كۆپ ماشىنىسى يوق. لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرى بار. پات ئارىدا بازارغا سالماقچى بولغان تەلۋە ماشىنا C9 مۇ ئاشۇنداق «ئاز» ماشىنىلاردىندۇر.

پاجانىنىڭ مەن بىلىدىغان بىرلا ماشىنا تىپى بار. نامى زوندا (Zonda) . بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت نەچچىسىلا بار. شۇڭا بايا ئاۋۇ گەپنى كېسىپ ئېيتقىنىم ئىدى. ئۆتكەن كۈنلىرى ئۇنىڭ زوندا 750 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماشىنىسىنىڭ خەۋىرىنى كۆرگەن ئېدىم. ئۇنى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر بايغا ئالاھىدە ئاتاپ ياسىغان ئىكەن. بېنزنىڭ AMG  ماتور تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ ئۈچۈن  ئالاھىدە ياسىغان 12 سېلىندىرلىق ماتورنىڭ ئات كۈچى 750 كەن. بۇ ماشىنىدىن دۇنيادا پەقەت شۇ بىر دانىلا بار ئىكەن.

بۇ قېتىم ئېلان قىلماقچى بولغان C9 تىپىدىكى بۇ ماشىنىسىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن. شىركەت تەرەپ پەقەت ناھايىتى قىسقا، ئامما ئۆزگىچە مەنىگە ئېگە تەشۋىق فىلىمىنى تارقىتىپتۇ. بۇنىڭ ئات كۈچى 700 دىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىنكەن. ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 1000 نىيۇتۇن.مېتىر . گەرچە 12 سېلىندىرنىڭ كۈچى يېتىشكەندەك قىلسىمۇ، يەنىمۇ يۇقىرى ئات كۈچىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن تۇربو (تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ)  تېخنىكىسىنى قوللىنىشى مۇمكىنكەن.  تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەشۋىق فىلىمى.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110104629.html/feed 6
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – ئات كۈچى /20110101568.html /20110101568.html#comments Sat, 01 Jan 2011 12:53:54 +0000 پاسىبان /?p=568 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە
无觅 ]]>

مەيلى ماشىنىسازلىق ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى ئېلىكتىر ساھەلىرىدە بولسۇن، قۇۋۋەت ئېيتىلىدىغان جايلاردا «ئات كۈچى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. ئات كۈچى ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ ئوموملاشقان، يېشى ئەڭ چوڭ بولغان، ھەمدە تا ھازىرغىچە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئەڭ  قېرى  بىرلىكلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

ئات كۈچى بايا ئېيتقىنىمىزدەك قۇۋۋەت بىرلىكى. قىسقارتىلمىسى HP بولۇپ، بۇ ئېنگلىزچىدىكى HorsePower  دەىن كەلگەن.  بۇ كەڭ قوللىنىلىدىغان ساھەلەردىن ماشىنا سانائىتى، ئىچىدىن يانىدىغان دېۋىگاتىللار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ئىشلىتىدىغان قۇۋۋەت بىرلىكىدىن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋات ۋە كېلوۋات بۇ ئىككىسى بار.

ئات كۈچى نېمىگە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ؟

بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن 1 ئات كۈچىنى مىسال قىلىپ ئېيتساق، 1 ئات كۈچى – 75 كېلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر جىسىىمنى بىر سېكونت ئىچىدە 1 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرەلىگەندىكى قۇۋۋەتكە تەڭ. بۇ مېتىر سېستىمىسىدىكى ھېساپلاش ئۇسۇلى. بىز دەپ ئۆتكەن HP  مېتىر سېستىمىسىدىكى ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.  مېخانىكىدىكى ھېساپلاش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا بىر كۈچ مەنبەسى 200 قاداق ئېغىرلىقتىكى جىسىمنى بىر مېنۇت ئىچىدە 165 ئېنگلىز چىسى ئېگىزلىككە كۆتۈرەلىگەندە بۇ كۈچ مەنبەسى ئېگە بولغان ئات كۈچى 1 بولىدۇ. بۇنى قىسقارتىپ PS ياكى HP-M دەپ ئاتايمىز.

ئات كۈچى بىلەن ۋات ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بولىدۇ؟

ئات كۈچى بايا ئېيتقىنىمىزدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ. بۇنى مۇقىم بولغان ۋاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ھېساپلاش كېرەك:

1) مېتىر سېستىمىسى بويىچە ھېساپلاش:

1 ئات كۈچى = 745.69 ۋات (يەنى 0.746 كېلوۋات)

1 كېلوۋات =  1.34 ئات كۈچى

2) مېخانىكىدىكى ھېساپلاش ئۇسۇلى

1 ئات كۈچى = 735.5 ۋات (يەنى 0.735 كېلوۋات)

1 كېلوۋات = 1.36 ئات كۈچى

بىر ئات كۈچىنىڭ قانچە ۋاتقا تەڭ بولىدىغانلىقىنى جەيمىس ۋات (James Watt) ئىسىملىك بۇ كىشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھور ماشىنىسى بىلەن ئاتنىڭ خىزمەت ئۈنىمىگە ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىپ كىشىلەرگە ئېلان قىلغان ئىكەن.

ئات كۈچىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى يۇقىرىدىكى ئىككىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئېلكىتىر ئىلىمى ۋە سۇيۇقلۇق بېسىمىدىكى 1 ئات كۈچى 746 ۋاتقا تەڭ.

بىز كۇلۇبىمىزدا ماشىنا ساھەسىدە كۆپرەك توختىلىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مېتىر سېستىمىسىنى ئىشلىتىمىز. تۆۋەندە  بىز كۆپ ئۇچرىتىدىدىغان بىرقانچە خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ ئات كۈچىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمەن.

نومۇر ماشىنا تىپى ماتور ھەجمى (لېتىر) قۇۋۋىتى (كېلوۋات) ئات كۈچى
1 سانتانا 3000 1.8 70 94
2 ۋولكسۋاگېن  گولف 1.6 ۋە1.4T 77 ، 96 103 ، 129
3 فەرارى ئىتالىيە 4.5 425 570
4 ئاۋدى A6 2.0T 125 168
5 ئاۋدى Q7 3.0 ۋە 3.7 200 ، 206 268 ، 276
6 خوندا فىت 1.4 ۋە 1.5 73 ، 88 98 ، 118
7 خوندا سۋىك 1.8 103 138
8 BMW X5 3.0T ۋە 4.4T 225 ، 300 301 ، 402
9 خان تاجى 2.5 ۋە 3.0 142 ، 167 190 ، 224
10 لەند كرۇيزىر 4.0 ۋە 4.7 179 ، 202 236 ، 270

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ.

يازما ئادرىسى : /20110101568.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110101568.html/feed 3
2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولو /20101229484.html /20101229484.html#comments Wed, 29 Dec 2010 11:33:31 +0000 پاسىبان /?p=484 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : 3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇس (TOYOTA PRIUS)

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life
无觅 ]]>

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يىپيېڭى پولو كەڭ جامائەت ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ پولو 5-ئەۋلاد بولۇپ، كونكىرتنى باھا ۋە پاسونلىرىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى پولوغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ئىككى خىل ماتور، 5 خوتلۇق قولخوت ۋە 6 خوتلۇق ئاپتۇماتىك خوت سەپلەنگەن 7 خىل پاسونى بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆرسەتمە باھاسى 85 مىڭ 9 يۈز يۈەندىن 123 مىڭ 9 يۈز يۈەنگىچە.

2011 نۇسخىدىكى 5-ئەۋلاد پولونى شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن ئەسلى پۇراق بويىچە گىرمانىيەدىن كىرگۈزۈپ جۇڭگۇ بازىرىغا خاس قىلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، يېڭى نۇسخىسىنىڭ  تاشقى كۆرىنىشىگە خاسلىققا ئېگە ئېلمىنتلار كۆپ قوشۇلغان. بۇ كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىلىرى ئىچىدە  نەپس ماشىنا ھېساپلىنىدۇ.

7خىل پاسونىنىڭ باھاسى بىز بايا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ھەر خىل قاتلامدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىمالال قاندۇرالايدۇ.  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان 8 خىل رەڭنى تاللىيالايمىز. ئىچكى بېزىلىشىمۇ ئىنتايىن نەپس بولۇپ، قارا رەڭلىك ۋە ئاق رەڭلىك ئىككى خىل بېزەك يەنە بىزنىڭ تاللىشىمىزغا قالدۇرۇلغان.

بۇ ماشىنا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ياخشى ماشىنا ئالماقچى بولغانلارغا يەنە بىر تاللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. بۇ خىل رىقابەت كۈچىگە تولغان ماشىنا ئالدىدا فورد فيېستا، خوندا فىت، تويوتا يارىس دېگەندەك رىقابەتچىلىرىگە بىر ئاز بىسىم چۈشۈشى مۇمكىن.

گىرمانىيە پۇرىقى بىلەن جۇڭگۇ ئىستىمالچىلىرىغا خاسلاشتۇرۇپ ياسالغان بۇ مەھسۇلات كۆركەم تاشقى كۆرۈنۈش، ئۇزۇن يىللىق ئىشەنچلىك ماركا،  راھەت بوشلۇق، مۇكەممەل كونترول، يۇقىرى تېخنىكىدىكى يۈرۈشلۈك سەپلىمىلەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى گىرمانىيە ماشىنا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ياسالغان 5-ئەۋلاد پولو چوقۇم كۆپ قىسىم ۋولكىسۋاگېن ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالايدۇ.

بۇ نۇسخىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ ئادىتى بويىچە ۋولكىسۋاگېننىڭ بەلگىسى بار يەردىن ئاچىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. سەپلەنگەن قويغۇچى CD/MP3/WMA تىپىدىكى دېسكىلارنى ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا AUX-in  ئېغىزى بار بولۇپ ئايفونغا ئوخشاش 3.5 مىللىمېتىرلىق ئېغىزى بولغان ھەرقانداق قويغۇچتىن چىققان ئاۋازنى ماشىنا ياڭراتقۇسىغا يوللىغىلى بولىدۇ. يەنە SD كارتا ئوقۇيالايدۇ.

چوڭ چىرىقىنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئەگىلگەندە بۇرۇلغان تەرەپنى ئالدىن يورۇتۇپ كېچىدە يول يۈرۈشتە تېخىمۇ بىخەتەر بولغان شارائىتقا ئېگە قىلىدۇ. ئېلىكتىر سېستىمىلىرىدىن ABS+EBD+CBC دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى بار. 4 تەرەپتە رادارلىق سىگنال قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.  6 دانە بىخەتەر ھاۋا خالتىسى بار. مانا بۇ ھەقىقى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ياسالغان ئىسىل ماشىنا – 5-ئەۋلاد پولو.

1.4 لېتىرلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 63 كېلوۋات، ئات كۈچى 85 ، 1.6 لېتىرلىقىنىڭ 77 كېلوۋات، 103 ئات كۈچى ئىكەن.

راستىنى ئېيتسام شەخسىي قارىشىم بويىچە  بۇ ئات كۈچى ھەقىقەتەن تۆۋەن. 1.4 لىك ماتورنىڭ 100ئات كۈچىدىىن ئاشىدىغانلىرى بار. ئاددىسى مېنىڭ ھازىر ھەيدەۋاتقان چاڭچىڭ ماركىلىق ماشىنىنىڭ تويوتادىن «ئىلھام» ئېلىپ ئۆزى ياسىغان 1.5 لىك ماتورنىڭ قۇۋۋىتىمۇ 105 ئات كۈچى، بۇ 1.6 لىك ۋولكىسۋاگېن ماتورنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك دېگەن گەپ. ۋولكىسۋاگېننىڭ ھەممە يېرى خو قولدەك ماشىنا. لېكىزەەەە ماتورغا كەلگەندە ياپونغا، ياكى ئۆزىگە  يېقىنراق BMW ياكى بېنزغا يېتىشەلمىدى ياكى يېتىشكىسى كەلمەي «خاسلىقى» نى ساقلاپ كەلدى.

بىچارە سانتانا تا ھازىرغىچە سېتىلىۋاتىدۇ، 1.8 لىك ماتورنىڭ ساقال-سۇمبىتى بىلەن ئات كۈچى 90 غا بارمايدۇ. مانا مۇشۇمۇ ۋولكسۋاگېننىڭ خاسلىقى بولسا كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ۋولكسۋاگېن سپورت تۈرىدىكى ماشىنىلارنى باشقا ماركىلارغا قارىغاندا كېچىكىپرەك تەتقىق قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئېسىل سپورت ماشىنىلىرىدىن CC ، گولف GTI، بورا R، يەنە چاپقۇرىدىنScirocco  قاتارلىق ماشىنىلىرىمۇ پەچەت. بۇ چاپقۇر  1.4 لىك قوش تۇربېنلىق . بۇ ماشىنا چاپقۇر ئالغۇسى بار، لېكىن  بېنزىننى ئازراق كۆيدۈرۈشنى خالايدىغانلارغا ئىسىل تاللاش.

ئەلۋەتتە،ئات كۈچىنى ئۇنچە قوغلىشىپ كەتمەيدىغانلارغا پولو ئوخشاش تۈردىكىلەرگە نىسبەتەن ئاقىلانە تاللاش بولالايدۇ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101229484.html/feed 0
2010-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى : لېكساس IS-F /20101225367.html /20101225367.html#comments Sat, 25 Dec 2010 17:04:55 +0000 پاسىبان /?p=367 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : تويوتا توكلۇق ئۇقۇم ماشىنىسى FT-EVII

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : 3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇس (TOYOTA PRIUS)

2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولو
无觅 ]]>

2010-يىللىق گۇاڭجۇئاپتوموبىل  يەرمەنكىسى باشلانغىلى بىر قانچە كۈن بولدى. مەن مۇشۇ يەرمەنكىنى ئىز قوغلاپ ئىسىل ياكى يېڭى ماشىنىلار بولسا تونۇشتۇرۇش ئويۇم بار ئېدى. ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ ئىكەن بۇيىل. ئىشلىرىم ئالدىراش بوپ كېتىپ ھەم  يېڭىياچىلىقتا يېتىشىپ بولالماي قالدىم.

ئات كۈچى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېگە ئەمەس ۋاقىتلىرىمدا پەقەت تاشقى كۆرىنىشىگىلا ئېتىۋار بېرەتتىم. بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچەم چوڭقۇرلىغاندىن بۇيان كوچىدا مۇشۇنداق ماشىنىلارنى كۆرسەم ئىشتىياق بىلەن قاراپ كېتىمەن.

بىر قېتىم شۇنداق بىر پۇرسەت بولۇپ، ماشىنا ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كېچىدە تاغقا مۇسابىقىلەشكىلى چىقىپ قالدۇق، ئۇ كۈنى مەن ئەترەتتىكى يېقىنراق ئۆتىدىغان بىرىنىڭ ماشىنىسى بىلەن بارغان ئېدىم. ئۇنىڭ ماشىنىسى سۇبارۇنىڭ 9-ئەۋلات STI بولۇپ 2.5T لىك ماتورىنىڭ ئات كۈچى 300،  قوزغىلىش شەكلى AWD لىق  4 چاق تەڭ قوزغىلىدىغان، سۇبارۇ ۋېرتىكال بوكسىر ماتور ئىدى. كاساپەت قوزغالغاندىكى بەدەننى كەينىگە چاپلىشى ھېلىھەم ئېسىمدە. ئايرۇپىلاندىمۇ ئۇنداق ئىندىكىپ كەتمىگەنتىم. شۇندىن بۇيان مۇشۇنداق كۈچتۈڭگۈر ماشىنىلارنى كۆرسەم تەپسىلي قاراپ كېتىمەن. ماۋۇمۇ ئاشۇ سۇبارۇنىڭ «نەۋرە ئاكىسى» بولغان لېكساسنىڭ «قوتاز ماتور» ماشىنىلىرىنىڭ بىرى.

لېكساسنىڭ IS-F تىپىدىكى بۇ ماشىنا – يۇقىرى ئىقتىدارلىق سپورت ماشىنىسىغا تەۋە  بولۇپ، ئاساسلىق رىقابەت ئوبىكتى – BMW M3 ، بېنز C63 AMG دىن ئىبارەت. ھەممىسى 1 مىليون يۈەن ئەتراپىدىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك سپورت پاسونىدىكى ماشىنىلار. IS-F نىڭ  تەخمىنەن سېتىلىش باھاسى 900 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە. مۆلچەر بويىچە  بازارغا سېلىنىش ۋاقتى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا بولىشى مۇمكىن.  بۇ ماشىنا رىقابەتچىلىرى بولغان BMW M3 ۋە بېنز C63 AMG غا ئوخشاش، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئوتتۇرا يۇقىرى قاتلامدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ لايىھەلىگەن ماشىنا بولۇپ، سىرتقى كۆرىنىشى، تەگلىك ۋە ماتور قىسمىغا ئالاھىدە ئىشلەنگەن سپورت يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرى ئات كۈچى، كۈچلۈك بولغان تولغىنىش مومېنتى ۋە تىز سۈرئەتكە چىدامچان تەگلىك سېستىمىسىنى سەپلىگەن.

ئىلگىرى نىيۇبۇرگرىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سىناقلاردا، كۈچتۈڭگۈر ماتور قۇۋۋىتى،  ئىنچىكىلىكى يۇقىرى بولغان كونتروللىقى بىلەن مۇكەممەل بىرلىشىپ، يۇقىرى قاتلامدىكى سپورت ماشىنىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان ئىدى.

ياماخا F1 ماتور گوروپپىسى مەخسۇس  بۇ ئىسىل سپورت ماشىنىغا ئاتاپ ياسىغان 5.0 لىك V8 ماتورغا ماگنىي ۋە ئاليۇمىن قېتىشمىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلگەن.

ماتورنىڭ مىنۇتىغا 6600 نى ئايلانغاندىكى قۇۋۋىتى 310 كېلوۋات (415 ئات كۈچى) ، 5200 نى ئايلانغاندا 503 نىيۇتۇن.مېتىرلىق تارتىش كۈچى بېرەلەيدۇ. 0-100 كېلومېتىرلىق سۈرەتكە چىقىش ئۈچۈن پەقەت 4.8 سېكونتلا كېتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 270 كېلومىتىر\سائەت.

1.5 توننا كېلىدىغان مۇشۇ كىچىككىنە ماشىنىنى  415 «نەپەر» ئات تارتسا قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئات كۈچىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى تەخمىنى ھالدا تەسەۋۋۇر قىلالىغان بولىمىز. 1 ئات ھەرقانچە تىز چاپسا 50 كېلومېتىر ياكى 60~70 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپىدۇ، لېكىن بۇنچىۋالا ئاتنى بىللە چېتىپ سۆرەتسەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاستىراق سۆرىشى مۇمكىن. لېكىن، ماتورغا ئۇلانغان كورۇپكا ئىچىدىكى شېستىرىنلارنىڭ كۈچنى ھەرخىل ئۆزگەرتىشى بىلەن ئات كۈچىنى، ئېھتىياجىمىز بويىچە يۇقىرى سۈرئەتكە (مەسىلەن ئۈستىدىكى ماۋۇ لېكساس ۋە ئۆيىمىزدىكى ماشىنىمىز) ياكى يۇقىرى تارتىش كۈچى (مەسىلەن، تراكتور، چوڭ يۈك ماشىنىلىرى) گە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

بىز ھەممىمىز بىلىدىغان «ئەرشىبا» تراكتور ئاران 28 ئات كۈچى ئىدى. لېكىن ئاشۇنچىۋالا ئېغىر ئەمگەككە يارايدۇ. 90 ئات كۈچى بار سانتانا بولسا ئۇنىڭ تارتىپ ماڭغان نەرسىسىنىڭ يېرىمىنىمۇ مىدىرلىتالماسلىقى مۇمكىن. مانا بۇ ئۈستىدىكى ئاۋۇ جۇملە سۆزنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر.

* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. يازما ئادرىسى:

/20101225367.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101225367.html/feed 0