پاسىبان كۇلۇبى » ئاتالغۇ | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى /cars-noun-explanation-torque.html /cars-noun-explanation-torque.html#comments Fri, 04 Nov 2011 14:26:21 +0000 پاسىبان /?p=3276 > ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ. ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا» يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ…  تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى: «ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم. يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان. بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟بالوندىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچەماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارىiOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشسىمسىز سىن ئۇزىتىش تېخنىكىسى WiDi نى بىلەمسىز؟Cydia ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچەيېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدىگەندە جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)كۆپلىگەن كىشىلەر ئالالايدىغان ماشىنا – SUZUKI SX4فوتوگرافىيە كەسپىي ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات2010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرىماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – ئات كۈچىiOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىش]]> ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات - تولغىنىش مومېنتى

«ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ» تېمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىلگىرىكى يازمىلاردا «ئات كۈچى» ۋە «چىقىرىش مىقدارى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ماشىنىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان ئاتالغۇ – تولغىنىش مومېنتى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماشىنىغا قىزىقىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. لېكىن كەسپىي، تېگىدىن جانلىق تونۇشتۇرالايدىغان، بارلىق ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى تېگى مەناسىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇپ چىققۇدەك، قىسقىسى – چاڭقىغان جايغا بارغۇدەك بىرەر تور بەت ياكى ئورگان يوق. مۇشۇ سەۋەبلىك بەزىبىر ماشىنا ئاتالغۇلىرىنى قانداق ئاتاش توغرىسىدا مەندە بىر ئاز سىقىنتىلىق مەۋجۇد.

ماشىنا چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. گەپنىڭ جىڭىنى قىلسام، ئىككى تۆت تال رەسىم چىقىرىپ قويۇپ، PV ياكى IP دىن پايدىلىنىپ ئېلاندىن پۇل تاپىدىغان ئاقماس تور بەتتىن باشقىسى ئەمەسكەن. گەپنى ئاچچىق قىلدىم. لېكىن راستىنى ئېيتتىم. بىكەت ئېگىسى كۆرگەن بولسا زادى شۇنداقمۇ يوق، ئۆزىدىن بىر سوراپ باقسا بولىدۇ.

چاڭقىغان جايغا بارىدىغان، ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرىدىغان، تېخنىكىلىق پارامېتىرلارنى بىر بىرلەپ يېشىپ بېرەلەيدىغان، كۆرۈرمەنلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بەت يوق بولغانلىقتىن، بولسىمۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ دەسلىۋېدىلا سىنا ياكى 汽车之家 غا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن.

يازمىنىڭ بېشىدا تېمىغا ھەم مۇناسىۋەتلىك، ھەم مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر ئېيتىلىپمۇ قالدى. لېكىن بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدىغان، مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇپ جانلىق ئېلىپ بارسا ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ھەم خەلققە نەپ بېرەلەيدىغان بىر ئىش. مۇشۇنداق ئويى بار قېرىنداشلىرىمىز يەنىمۇ تەپسىلىي ئويلىنىپ قويسا بولىدۇ. قوللايمەن.

خوش، ئەمدى يازمىنىڭ پوسكاللىسىغا كېلەيلى. ئاۋال بۇ فىزىكىلىق ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىۋېتەيلى.

ئۇقۇم

تولغىنىش مومېنتى ( خەنچە Niu Ju  扭矩 ، ئېنگلىزچە Torsional Moment ياكى Torque ) بولسا فىزىكا ئېلمىدىكى كۈچ مومېنتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. ئۇ شەيئىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچنى كۆرسىتىدۇ. ماتورنىڭ كۈچ مومېنتى بولسا ئەگرى ئوقتىن كەلگەن كۈچ مومېنتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردىكى مومېنت (كۈچ) تولغىنىش كۈچى. يەنى، ماتوردىن ئوق ئارقىلىق ئۇزىتىلغان كۈچنىڭ قانچىلىك كۈچ مىقدارىدا تولغىنىپ چاقنى ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر بىرلىك ھېسابلىنىدۇ.

قۇۋۋەت مۇقىم بولغاندا تولغىنىش مومېنتى بىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىشى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ماتور ئايلىنىشى بۇ چاغدا قانچە تىز بولسا، تولغىنىش مومېنتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا چوڭ بولىدۇ. بۇ پەقەت سېلىشتۇرما خالاس. چۈنكى ماتورنىڭ ئايلىنىشى بولسا قۇۋۋەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تولغىنىش مومېنتى ماشىنىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدىكى يۈك ئارتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاتالغۇ.

خەلقئارا بىرلىكى

تولغىنىش مومېنتى كۈچ ۋە كۈچ يەلكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. خەلقئارا بىرلىكى نىيۇتون.مېتىر N.m .ئۇنىڭدىن باشقا قاداق.فۇت lb-ft  ۋە كېلوگرام مېتىر kgm قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش. G=mg بولسا، g=9.8 دېسەك 1kg=9.8N بولىدۇ. دېمەك 1kgm=9.8Nm دېگەن گەپ.

چىگىش نوقتىنى يېشىش

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تولغىنىش مومېنتىنىڭ بىرلىكى نىيۇتون . مېتىر ياكى كېلوگرام مېتىر. يەنى 1 كېلوگرام كېلىدىغان نەرسىنى مۇشۇ كۈچ بىلەن 1 مېتىر ئارىلىققا ئىتتىرەلەيدۇ دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئۇنداق بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان 1300 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىلارنىڭ كۈچ مومېنتى ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1500 نيۇتون مېتىردىن ئارتۇق بولغاندا ئاندىن نورمال سۈرئەتتە ماڭالايدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. شۇنداقمۇ؟ مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

8-ئەۋلات خوندا Civic 1.8 نىڭ 4300 قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىدىكى تولغىنىش مومېنتى ئاران 173.5 Nm . ماشىنىنىڭ ئومومى ماسسىسى 1 توننىدىن ئارتۇق تۇرسا تولغىنىش كۈچى ئاران 173.5 Nm بولغان ماتور قانداق قىلىپ شۇنچە ئېغىر ماشىنىنى قوزغىتالايدىغاندۇ؟ بۇ سۇئال جايىدا سورالدى. بۇ مونۇ سەۋەبتىن :

ماشىنىنىڭ بىز بىلىدىغان <<خوت>> ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ.

ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا»

يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ… :-D

تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى:

«ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە.

مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم.
يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. :cool: مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان.

بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.

ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cars-noun-explanation-torque.html/feed 8
iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش /non-perfect-jailbreak-ios5.html /non-perfect-jailbreak-ios5.html#comments Mon, 31 Oct 2011 04:44:16 +0000 پاسىبان /?p=3231 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

بىزنى تەقەززا قىلغان iOS 5 مانا!

iOS 4.3.1 نەشىرى ئېلان قىلىندى. يېڭىلىق ئەلۋەتتە بار. قۇلۇپى يوق ئالمىداشلار يىڭىلىسا تامامەن بولىدۇ
无觅 ]]>
jailbreak-ios5-01

ئالدىنقى يازمىمىزدا iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىقنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ھازىرچە بۇنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەپقاچتى گەپلەرگە قارىغاندا پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى مەن ئەزەلدىن تونۇشتۇرمايتتىم. لېكىن بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇشىمدا ئازراق سەۋەب بار.

 

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى يەنىلا Redsn0w0.9.9b6 . بۇنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

b6 نۇسقىسى b4 نۇسقىسىدىكى بەزى BUG لارنى ئوڭشىغان بولۇپ، iOS 5 نى يەنىلا نامۇكەممەل قاچۇرالايدۇ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن، سېستىمىغا بەلگىلىك زىيىنى بولۇش ئېھتىمالى بولغان (سېستىمىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بەزى ئىقتىدارلار ئىشلىمەسلىكى، نورمال يۈرۈشمەسلىكى، بەزى ئىقتىدارلىرى يوقاپ كېتىشى دېگەندەك ئېھتىماللىقلار بار)، ئەڭ چوڭ پەرقى قايتا قوزغاتقاندا مۇشۇنىڭدەك دېتاللار ئارقىلىق قوزغىتىش لازىم بولىدىغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش، دېگەنلىك. شۇڭا بۇنى ئادەتتە مەن چۈشەندۈرۈپ كېتىشكە ئالدىرىمايتتىم.

لېكىن نەچچە كۈن ئىلگىرى iPhone 4S نىڭ پاتېنتى بولغان Siri نى خاككىرلار مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا iPhone 4 تە ئالما مۇلازىمېتىرىغا ئۇلاپتۇدەك. شۇنىڭ بىلەن سىرىمۇ iPhone 4 كە كۆچۈپ كەپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت بولىدىكەن. شۇڭا نامۇكەممەل بولسىمۇ، سىناشقا ئالدىراپ كەتكەنلەر تەمىنى تېتىغاچ تۇرامدىكىن دەپ بۇنى چۈشەندۈرۈپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

جاۋابكارلىق باياناتى

تۈرمىدىن قاچۇرۇش – خەتىرى بار مەشغۇلات. بۇ مەشغۇلاتتا سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كېتىشى، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىڭىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچنى بېسىشتىن بۇرۇن ئۇچۇرلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ. ئەگەر بىخەستەلىك قىلىپ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئۇچۇرلىرىڭىز يوقاپ كەتسە ياكى تېلىفونىڭىز سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا بىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز. مۇشۇ ئاقىۋەتلەرگە ئۆزىڭىز ئېگە بولالىسىڭىز داۋامىنى ئوقۇڭ. ئەگەر ساغلام، قائىدە-يوسۇنى بىلەن ئىشلىتىمەن دېسىڭىز بۇنى بىز تولىمۇ قوللايمىز. تۈرمىدىن قاچۇرمايلا ئىشلىتىڭ.

يېشىشنى باشلىدۇق ئەمىسە

ئاۋال يېشىش دېتالى (تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى) نى چۈشۈرۈپ، SHSH نى زاپاسلاپ قويۇڭ. (بۇ يازمىدا تەپسىلاتى بار)

يېشىش دېتالى بار مۇندەرىجىگە iOS 5 نىڭ سېستىما بولىقىنى قويۇپ قويۇڭ. (بۇ يازمىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغاننى تاللىۋېلىڭ)

ئەسكەرتىش: ئەگەر سىز iOS 5 نى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز قايتىدىن چۈشۈرۈشىڭىزنى ھاجىتى يوق.

iTunes 10.5 نى قاچىلىغان بولىشىڭىز كېرەك. تېخىچە تۆەن نەشىردىكى iTunes نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇ يازمىغا بېرىپ iTunes 10.5 غا يېڭىلىۋېلىڭ.

ئەگەر Win7 ئابونتلىرى بولسا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەك ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. RedSn0w.exe نىڭ 属性 دىن 兼容性 نى ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ قويىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

رەسىمدىكىسى b1 نۇسقىسى. چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگىنى بولسا b6 نۇسقىسى. ئەڭ يېڭى نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. يېڭى نەشىرىدىمۇ بۇ مەشغۇلاتلار ئوخشاش. بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش «Jailbreak» دېگەن جاينى تاللايمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

باسقاندىن كىيىن بۇ كۆزنەككە ئۆزگىرىدۇ

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇ چاغدا iPhone  ياكى iPad كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان، ئۆچۈرۈلگەن ھالەتتە بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن iPhone ياكى iPad كومپىيۇتېرغا ئۇلانغان ھالەتتە ئۈستىدىكى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 5 سېكونت بېسىپ تۇرۇپ، ئىستىرىلكا چىققاندىن كىيىن يانغا سۈرۈپ ئۆچۈرسەك بولىدۇ.

ئاندىن ئالدىنقى يازمىدا ئېيتقاندەكلا DFU ھالىتىگە كىرىمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:

ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى 2 سېكونت باسىمىز؛ 2 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي قايتىش كونۇپكىسى (ئاستىدىكى يۇمىلاق كونۇپكا) نى بىللە باسىمىز. 10 سېكونتتىن كىيىن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى قويىۋېتىمىز، قايتىش كونۇپكىسىنى داۋاملىق باسىمىز. بۇ قېتىم قايتىش كونۇپكىسىنى 15 سېكونت باسىمىز.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

ئەگەر ئوڭۇشلۇق ھالدا DFU غا كىرسىڭىز يېشىش قورالى ئاپتۇماتىك تاپىدۇ. ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولمىسا قايتىدىن قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كىيىن ئۈسكۈنە قايتا قوزغىلىدۇ.

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

قايتا قوزغىلىش جەريانىدا سېستىما نېگىزىغا مۇناسىۋەتلىك كودلارنى يازىدۇ.

كىيىنكى باسقۇچتا بۇ تاللاشلار ئارىسىدىن Cydia نى قاچىلاش دېگەن تۈرنى تاللايمىز.

next نى باسقاندىن كىيىن، كىيىنكى باسقۇچتا iPhone غا سېستىمىنى يۈكلەشكە باشلايدۇ.

بۇ مەشغۇلات ئاياغلاشقاندا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرىنىدۇ. سېستىما قايتا قوزغالغاندا ئېكرانغا Cydia نىڭ بەلگىسى قوشىلىدۇ.

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش تامام. ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كىيىن يېشىش قورالى redsn0w ئايفونىڭىزنى قوزغىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش. ئۆزى قوزغىلالماسلىقى مۇمكىن.

بۇ قورال ئارقىلىق قايتا قوزغىتىش ئۇسۇلى

بۇنىڭدىن Extras نى باسىمىز

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

تاللاش تۈرى ئىچىدىكى Just boot نى تاللايمىز

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق - SHSH نى زاپاسلاش

بۇ جاي مەخسۇس قايتا قوزغىتىشقا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن. قايتا قوزغىتىش لازىم بولسا مۇشۇ يەردىن قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بەزى كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

1. Cydia نىڭ رەسىمى ئاق بولۇپ قالسا :

ھەل قىلىش چارىسى:  ئۈستىدىكى Just boot ئارقىلىق قايتا بىر قوزغىتىپ سىناپ كۆرۈڭ.

ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا 4 – ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قېتىم مەشغۇلات قىلىۋېتىپ ئاندىن يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ سىناپ كۆرۈڭ.

2. Cydia دىن بىر نەرسە ئىزىدىگۈچە چېكىنىپ چىقىپ كەتسە:

ھەل قىلىش چارىسى:  خەنزۇچە كىرگۈزۈش تاختىسىنى تاقىۋېتىش ياكى ئېنگىلىزچىغا ئالماشتۇرىۋېلىش.

3. Cydia دىن بىر نەرسە ئىزدەپ تاپالماسلىق:

ھەل قىلىش چارىسى: بۇ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش.

4. Cydia ئىچىدە ھەرقايسى مەشغۇلاتلارنى قىلالماسلىق:

Openssh ۋە apt نى ئىزدەپ تېپىپ قاچىلاش. SSH ئارقىلىق bash بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش.

ھازىرغىچە Cydia دىكى iOS 5 بىلەن سىغىشىدىغان دېتاللار

3G Unrestrictor
Dreamboard
Direct Closer Pro
FolderLock
DeleteMail
Five Icon Dock
PrefrenceLoader
Manual Correct
Fake Operator
afcadd
openssh
opensl
[PIRACY]
Fastr
EZdecline
Cyntact
ChatPic
App Switcher Rotator
App Switcher Brightness
barrel
fake clock
backgrounder
Winterboard (بەزىلەر SafeMode غا كىرىپ قالىدۇ دەپ ئىنكاس قىلغان، بەزىلەردە نورمال)
Firewall iP
FolderCloser
PictureMe
iFile
CyDelete
OpenSSH
iSHsh*t
TetherMe
Grooveshark
MarkThatMessage
Unlimtones
NoSpot
Lockdown Pro
iconmaker
Barrel
Anyring
Pandora skip hack
Cyntact

سىغىشمايدىغانلىقى ئىنكاس قىلىنغانلار

gridlock

SBSettings
Safari Download Manager
LiveClock
Covert
SwitcherMod
FBphotoSave
FBUploader
FolderEnhancer
PkgBackup
Infinifolders
AlertArtist
n64iphone
Iconoclasm
Colorkeyboard
Iphonedelivery
Dreamstore
Theme it
Mewseek pro
SB2Cloud
BiteSMS
Netflix

كىيىنكى يازمىدا iPhone 4 كە Siri نى قانداق ئېلىپ كىرىشنى تونۇشتۇرىمەن، ئىنشا ئاللاھ!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/non-perfect-jailbreak-ios5.html/feed 12
ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە /spark-plug.html /spark-plug.html#comments Fri, 21 Oct 2011 05:32:09 +0000 پاسىبان /?p=3152 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى
无觅 ]]>
ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

سىۋىچ ( ئېنگلىزچە Spark Plug، خەنچە 火花塞 ) بولسا ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ ئىش ئىشلەش دەۋرىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۈسكەنە بولۇپ، بۇ نەرسە قىسىلغان ھاۋا بىلەن يېقىلغۇنىڭ ئارىلاشمىسىنى ئوت ئالدۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئوت ئالغاندىن كىيىنكى پارتىلاش مىخانىك كۈچ ھاسىل قىلىپ پورشىننى ئارقىغا قايتۇرىدۇ. شۇڭا سۋىچنى ئىش ئىشلەش باسقۇچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەيمىز.

 

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

دىۋىگاتېلدا ھاۋا كىرىش ئېغىزى ئېچىلىپ ئوق كەينىگە تارتىلىپ ھاۋا بىلەن يېقىلغۇنى سۈمۈرىدۇ، ئاندىن كلاپانلار ئېتىلىدۇ، ئوق يېقىلغۇ بىلەن ھاۋانى قىسىدۇ. بېسىم ئارتىلىپ تېمپراتۇرا ئاشقاندا، سۋىچ يۇقىرى بېسىمدا يېقىلغۇغا توك ئۇچقۇنى ئاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېقىلغۇ كۆيۈپ ئوقنى ئارقىغا ياندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ئېنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ.

سۋىچ تۈرى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى

كۆپ ئۇچرايدىغان سىۋىچلار ماتىرىيالىغا قاراپ ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى سىۋىچ، پلاتىنالىق سىۋىچ، ئىرىدىيلىق سىۋىچ.

زاۋۇتتىن سەپلەنگەن سىۋىچ نىكىل – مانگان بېرىكمە مىتالىدىن ياسالغان . بۇ ئادەتتىكى سىۋىچ دىگەن شۇ. ئادەتتە ئۇنى 10 مىڭ كېلومېتىر ياكى 1 يىلدا تەكشۈرۈپ ئالماشتۇرۇش لازىم. پلاتىنالىق سىۋىچ بولسا 100 مىڭ كلومېتىرغا يېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا تەتقىقاتچىلار ئىرىدىيلىق سىۋىچمۇ پلاتىنالىق سىۋىچقا ئوخشاش يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاشتى.

يۇقىرىقىدەك ئاز ئۇچرايدىغان مىتاللارنى ئىشلىتىشتىكى سەۋەپ، قىسىلغان يېقىلغۇ بىلەن ھاۋانى ئوت ئالدۇرىدىغان بۇ نەرسە 900 سېلسىيە گرادۇس شارائىتىدا خىزمەت قىلىدۇ. نىكىلنىڭ ئىرىش نوقتىسى 1500 گرادۇس ئەتراپىدا بولغاچقا بۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. پلاتىنانىڭ بولسا 2000 گرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مىتالدىن ياسالغان سىۋىچ نىكىلدىن ياسالغىنىدىن كۆپ ياخشى، ھەم مۇقىم.

سۋىچنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى

بۇنىڭ تىمپىراتۇرىغا چىداملىق بولىشىدىن سىرت، يالقۇننى جايىغا ئاتالىشى ۋە تولۇق قويۇپ بىرىشىغا قاراپ ئىقتىدارى بەلگىلىنىدۇ. يەنە ئالدىنقى تىمىدا ئېيتقاندەك، يۇقىرى سۈرئەت ۋە يۇقىرى تىزلىنىش تەلەپ قىلىنسا ئەلۋەتتە بۇنىمۇ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇنداقتا سىۋىچنى ئالماشتۇرۇشقا قانداق نەرسىلەرنى ئالماشتۇرىمىز؟ قاندىغىغا ئالماشتۇرىمىز؟

ئادەتتە سىۋىچنى خىزمەت تېمپىراتۇرىسىغا ئاساسەن تىپقا ئايرىيمىز.  سىۋىچ تاللىغاندا ئادەتتە ماتورنىڭ قىسىش نىسبىتى (压缩比)غا ئاساسەن تاللىنىدۇ. قىسىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ماتورغا سوۋۇتۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سىۋىچ تاللىنىدۇ. بازاردىكى سېتىلىدۋاتقان سىۋىچلارنىڭ ئۆلچىمى 5 گرادۇستىن 13 گرادۇسقىچە بولۇپ، زاۋۇتنىڭ سەپلىگىنى 6~7 گرادۇسقىچە بولىدۇ. بۇ سىفىرلار سىۋىچنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، سانلىق قىممىتى قانچە چوڭ بولسا سىۋىچنىڭ سوۋۇتۇش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ياسىلىشى ئىنچىكە-نەپس. ماتور يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا ئوتنى دەل جايىغا ئېتىش، تولۇق ئېتىش، ئوت سۈپىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ماتورنىڭ كۈچىنىڭ تولۇق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

سىۋىچنى ئالماشتۇرغاندا ئىقتىدارىغا ماس ھالەتتىكى سىۋىچنى تاللاش زۆرۈر. ئەگەر تۆۋەن قىسىش نىسبىتىدىكى ماشىنىغا يۇقىرى گرادۇسلۇق سىۋىچنى تاللىۋالسا تۆۋەن سۈرئەتتە ئوت ئېتىش مۇقىم بولماسلىق، ماتور ئوت ئېلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باھاسى قانچە قىممەت، ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانسىرى ماشىنىڭىز شۇنچە ياخشى ئىشلەيدۇ دىگەن گەپ ئەمەس. ئادەتتە دۆلىتىمىزگە 7 ياكى 8 بولغان سىۋىچ بولسا يېتىدۇ. 9 ياكى يۇقىرىسىنى ئىسسىق بەلباغدىكى مۇسابىقە ماشىنىلىرغا ئىشلىتىش ماس كېلىدۇ. ماتىرىيالىنىڭ قانداق بولىشىغا كەلسەك، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزىڭىز قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.

يەنە ئەسكەرتىشكە تېگىشىلىكى شۇكى، سىۋىچ ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ ماس كېلىشى، ماشىنىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە ماي تىجەپ بېرىدۇ.

سۋىچنىڭ بۇزۇلىشى

سۋىچنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 15 مىڭ كېلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك (ياخشى سۈپەتلىك) سۋىچنىڭ ئۆمرىمۇ 30 مىڭ كېلومېتىر بولىدۇ. سۋىچ خىزمەت قىلىدىغان مۇھىتنىڭ تېمپىراتۇرىسى داۋاملىق 500~600 سېلسىيە گرادۇس بولغانلىقتىن بۇنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ماتورنىڭ خىزمەت ئۈنىمىگە، ئۆمرىگە ۋە ماي ئىقتىسادچانلىقىغا پايدىلىق. ئەگەر تېمىپراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ناچار سۋىچ ئىشلەتكەندە سۋىچنىڭ خىزمىتى ماتورنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشماي چالا-پۇلا ئاتقان ئوتلىرى بىلەن ماتورنى يەنە ئەخلەتكە توشقۇزىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.

ئەگەر ماتورنىڭ ئوت ئېلىشى ياخشى بولماسلىق، يېقىلغۇغا ناچار يېقىلغۇ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى سۋىچنىڭ تېمپىراتۇرىسى نورمال خىزمەت مۇھىتىدىكىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا كاربون تەركىبلىك ئەخلەت (ئاساسلىقى تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان كاربون بېرىكمە قالدۇقلىرى) يىغىلىۋېلىپ، سۋىچ ئۇچىغا قاپلىشىپ تۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. سۋىچنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان «بۇزۇلىشى» مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. بۇنىڭ چارىسى سۋىچنى چىقىرىپ تازىلاپ تۇرۇش ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلەتلەرنى تازىلاشنىڭ يەنە بىر خىل ئەپچىل چارىسى شۇكى، ماتورنى 4 مىڭ ئەتراپىدا ئۇدا نەچچە مېنۇت ئايلاندۇرۇش. بۇنىڭدا يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەر يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيۈپ، بېسىم بىلەن مورىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.

داڭلىق ماركىلىق سۋىچلاردىن مىسال

1. ياپونىيە DENSO 电装

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

2. ياپونىيە NGK

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

3. ئامېرىكا CHAMPION 冠军

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

4. گىرمانىيە BOSCH 博世

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/spark-plug.html/feed 4
iPhone 4S نى، ئېنىق ئېيتقاندا Siri نى بوش چاغلىماڭ /do-not-look-down-on-siri.html /do-not-look-down-on-siri.html#comments Wed, 12 Oct 2011 23:09:25 +0000 پاسىبان /?p=3023