3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇسنى ئېلىكتىر مەنبەگە چېتىپ تۇرۇپ توك قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ ماشىنا مۇنەۋۋەر بولغان HYBRID، يەنى «ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك» ماشىنا ھېساپلىنىدۇ. پرىيۇس دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ئىدى. ھەممە يەردە ئېنىرگىيە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ماركىدىكى ماشىنىلار ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ياساش يولىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى ۋە قويۇپ بولدى. مەسىلەن، ھەشەمەت تىپىدىكى ماشىنىلاردىن لېكساسنىڭ LEXUS LS 600hL، بېنزنىڭ M-BENZ S400 HYBRID ، ئوتتۇرا قاتلامدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ماشىنىلاردىن دۆلىتىمىزدە ياساۋاتقان خوندا سۋىك، تويوتا كەمرىي قاتارلىقلارنىڭمۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك تىپىدىكى ماشىنىلىرى بار. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار