ئالدىنقى ھەپتە iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئەپنى تىزىپ چىقىپتۇمىش. سىز بۇلارنىڭ قايسىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىڭىز؟ قايسىسىنى كۆرۈپ باققان ئىدىڭىز؟ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەپلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تەۋسىيە قىلىنغان 10 ئەپ زادى قايسى، بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.
iPhone دا QQ غا چىقىۋاتقانلار بىلەتتى. ئىلگىرىكى ئايفون ھەتتا كىچىك بىر پارچە رەسىمنىمۇ ئىۋەتەلمەيتتى. بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ 微信 نى قوشۇپ ئىشلىتىپ ھېرىپ كېتەتتى كىشى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان QQ نىڭ 2011 نۇسقىسىنى ئاشكارا سىناش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ بۈگۈن App Store دا سېتىشقا باشلاپتۇدەك. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقسىز!
پاراڭلىشىش قوراللىرىنىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ. قېرىشقاندەك كىيۇ-كىيۇنىڭ ئايفون نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى تازا مۇكەممەل ئەمەس. ئاۋازلىق پاراڭلاشقىلى تېخى بولمايدۇ. سۈرەتلىك تېخى … بۈگۈن يەنە قايتا بىر تونۇشتۇرماقچى بولغۇن بۇ ئەپ تولىمۇ قولايلىق بولۇپ، ھىچ كۈچىمەيلا ئاۋازىڭىزنى نەچچە ئون ئادەمگە ئاڭلىتالايسىز. نۆۋەت سىزگە تەگسىلا «رادىئو ئاڭلىتىش ئۆيى» سىزگە تەۋە بولغاندەكلا پاراڭ سالالايسىز.
iPTT ناملىق بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز دۇنيادىكى ھەرقانداق جايدىكى ئادەم بىلەن تورلا بولسا پاراڭلىشالايسىز. بۇ خۇددى رادىئوغا ئوخشاشلا دولقۇننى تەڭشەپ قوبۇل قىلىپ ئاڭلىغاندەكلا بىر ئىش. لېكىن بۇ رادىئونىڭ تارقاتقۇچىسى خالىغان بىر كىشى بولالايدۇ. سىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تور بولىشى كېرەك. ئەگەر ئايلىقى كۆتۈرىگە ئېلىۋېلىنغان 3G ئابونتى بولسىڭىز، سىرتقا چىققاندا دوسلىرىڭىز بىلەن ھەقسىز پاراڭلىشىدىغان ئىنتايىن قولاي بىر نەرسە بولىدۇ.
يېقىندا باھالاش تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار
راستىنلا قولىنىشچان ئەپ ئىكەن. ئىشلەش پىرىنسىپى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.
مېنىڭ يۈرىكىم 77 بىلەن 78 ئارىلىقىدا سوقتى.
سىز پەرۋاز دېگەن شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ قارىسام IP رىڭىز ئوخشاشكەن. مەن سىزگە جاۋاپ بېرىپ بولدۇم. ئاشۇ ئىنكاس يازغان يازمىدىكى ئۇسۇل بىلەن ...
مەن سېستىمىنى 4.2.1 كۆتەرمەكچىدىم ليكىن 1015 خاتالىقى چقىۋالېدى ئېغىركورمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئايپەد نىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسى ۋە 360 نىڭ تور كۆرگۈچلىرىدە باشقا تور بەتلەرنورمال پەقەت مۇشۇ بىلوگلا نورمال ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزنىڭ 3GS بولسا قورقماي يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى مېنىڭ يازمىدا يازغان ئۇسۇلىم بىلەن ئوخشاش بولىشى، چوقۇم 4.3.3 نىڭ SHSH ...
مەن سېستىمىنى ٤.٢.١ كۆتەرمەكچىدىم ليكىن 1015 خاتالىقى چقىۋالېدى ئېغىركورمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان مىنىڭ تىلفۇنۇم3gs. ئامىركا نۇسخسى سېستىما نەشرى 4.1 ئىكەن جىدەيسى06.15.00 مەنمۇ نەشىرنى 4.3.3گە كۆتەرسەم بۇلامدۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قارشى ئالىمەن
قاتتىق دېتالدىكى يېڭىلىق لازىم بولسا (تېز CPU، سۈزۈك كامېرا دېگەندەك) 5-سىنى (iPhone 4S نى) ئېلىڭ. ئەگەر iOS 5.0 گىلا قىزىقسىڭىز ...