پاسىبان كۇلۇبى » يەككە رېفلېكس | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 پارچە-پارچە رەسىملەردىنمۇ قاملاشقان قىسقا فىلىم ئىشلەش مۇمكىن /gun-fights-film.html /gun-fights-film.html#comments Sun, 31 Jul 2011 03:09:10 +0000 پاسىبان /?p=2382 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

ئاتا ئانا ھەققىدە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان نۇتۇق

رىۋايەتلەردىكى ئايفون 5 نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى مۇشۇمىدۇ؟
无觅 ]]>

كەسپىي فوتوگراف ئاپاراتلىرى بولغان يەككە رېفلىكىسنىڭ زاتۋور ۋاقتىنى نەچچە ئون سېكونت، ھەتتا نەچچە مىنۇت تەڭشىگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن تەڭشەش ئارقىلىق ئاپاراتنىڭ ئالدىدا ھەرخىل رەڭدە نۇر تارقىتىدىغان نەرسىلەرنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگىچە رەسىملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەنمۇ ئىلگىرى ئاپاراتنىڭ ئالدىدا ئايفوننىڭ چاقمىقىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ خەت يېزىپ باققان ئېدىم.

مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قاتار رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق فىلىم ئىشلەش بۇلارنىڭ خىيالىغا قانداق كەلدىكىن، قاملاشقان بىر ئېتىشۋازلىق فىلىمى پەيدا بوپتۇ. فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر كارتون فىلىمدىكىدەك ناھايىتى ئوماق، ئوبرازلىق بولۇپ،  ئاۋازمۇ ناھايىتى ياخشى ماس كەلگەن.

ئايفون، ئايپەدتە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.


 

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/gun-fights-film.html/feed 0
فوتوگرافتا بولۇشقا تېگىشلىك 5 خىل ئادەت /20110129995.html /20110129995.html#comments Sat, 29 Jan 2011 17:35:51 +0000 پاسىبان /?p=995 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

فوتوگرافىيە كەسپىي ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات

تەۋسىيە: رېتىنا ئىكرانغا ماس سۈزۈك ئويۇن - Van Pershing

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ
无觅 ]]>

سۈرەتكە تارتىش بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇنداق ئاددىي ئۇقۇم بولماسلىقى كېرەك. كەسپىي فوتوگرافنىڭ ئۆزىگە يارىشا يېتىلدۈرگەن ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ئادەتلىرى بولىدۇ. ئۇلار مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن بولغانلىقتىن ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك فوتو سۈرەتچىلىك كەسپى تارىخىغا ئېگە بولغانلىقتىن بۇ ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. لېكىن بىزگە ئوخشاش بوۋاق دەۋرىدىكى ھەۋەسكارلار بۇ ئادەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. كۆپ سۈرەتكە تارتىش

زادى قانچىلىك بولسا كۆپ بولغان بولىدۇ؟ بۇنىڭ چېكى يوق. كۆپ رەسىمگە تارتىش نېمە كۆرسە قالايمىقان تارتىۋېرىش ئەمەس. بۇ پەقەت مەشىق قىلىش بولۇپ، سىزنىڭ فوتو سۈرەتچىلىكتىكى ئىقتىدارىڭىزنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ سانىنى تەخمىنەن ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 30 پارچە دەپ بېكىتىۋالساق بولىدۇ.

سىز پەقەت مۇشۇ مىقدارنى ئۆزىڭىزگە نىشان بېكىتىۋالسىڭىز، ھەر كۈنى مەقسەتلىك، بىرەر تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارتىش ئۈچۈن ئاپاراتنى قولىڭىزغا ئالىسىز. مۇشۇ ھېساپ بويىچە 1 يىلدا تەخمىنەن 10 مىڭ پارچە رەسىمگە تارتقان بولىسىز. سىز مۇشۇ ساننى ساقلاپ قالالىسىڭىز، قولىڭىزدىن فوتوگرافنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرغان بولىدۇ.

يەنە بىر ئىشنى مىسالغا ئالساق، سىز بىر يىلدا ئاپاراتىڭىزنى تەخمىنەن 1000 يۈەن ئارقىغا دەسسىدى دەپ پەرەز قىلىڭ. دېمەك سىز 1000 يۈەنگە 10 مىڭ پارچە رەسىمنى سۈرەتكە ئالغان بولىسىز. ئۇنداقتا ھەر بىر پارچە رەسىمىڭىز 1 مودىن توغرا كەلگەن بولىدۇ. بۇ سان كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزگە ئانچە قىممەت ئەمەس. مۇشۇنداق ئويلىساق، يەككە رېفلېكىسمۇ قىممەت ئەمەس.

2. كۆپ كىتاب كۆرۈش

بىر دانە ئىسىل فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى توپلىمى – بىر ھەۋەسكار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان ماتىرىيالدۇر. بۇ ماتىرىيالنىڭ كونكىرتنى نامى ۋە تۈرى پەقەت ئۆزىڭىزگە ھاۋالە. ئۆزىڭىز توردىن ياكى يەرلىك كىتابخانىلاردىن ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

سىز كىتاب كۆرگەندە داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ ئەسەر تاللاشتىكى ماھارىتىنى تەپسىلىي كۈزىتىڭ. ئەسىرىڭىز تېمىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ يېرىمىنى ھەل قىلغانلىقىڭىز. سىز ئۆز ئەسىرىڭىز ئۈچۈن ئويلىغان خىيالىڭىز ۋە مۇددىئايىڭىزنى باشقىلار رەسىمىڭىزنى بىر كۆرۈپلا بىلەلىسۇن. ئەگەر سىز مەلۇم بىر  مۇددىئا بويىچە رەسىمگە تارتقان بولسىڭىز بۇنى شۇ رەسىمدىن بىلمەك قىيىن ئەمەس.

مىسالغا ئالساق، سىز ئايالىڭىز ۋە بالىڭىزنى سۈرەتكە تارتقاقچى بولسىڭىز سىز ئۇنىڭدىن قايسى نەرسىنى ئاساسى تېما قىلماقچى؟ ئايالىڭىزنىڭ نازاكىتىنىمۇ؟ بالىڭىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنىمۇ؟ سەبى – گۆدەكلىكىنىمۇ؟ بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن سىزنىڭ تارتقان رەسىمىڭىزدىن باشقىلار كۆرۈپلا سىز ئويلىغاندەك ئويغا كېلەلىشى كېرەك.

قاملاشقان بىر كىتابنى تولۇق كۆرۈپ چىقسىڭىز سىزدە مەلۇم يورۇقلۇقتا قايسى خىل يورۇقلۇق تەڭشىكىنى ئىشلىتىشكە بولغان دەسلەپكى تونۇش شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە سىز EV نى + ياكى – قىلىپ تەڭشەشنى، نوقتا بەلگىلەپ نۇر سېزىش ياكى پۈتۈن دائىرىلىك نۇر سېزىش قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.

3. ئۆزىڭىزگە بىرەر تېما تاللىۋېلىڭ

بىز مەقسەتلىك سۈرەتكە تارتىشىمىز كېرەك. خۇددى بايا دېگەندەك قولىمىزغا ئاپاراتنى ئېلىپلا نېمە كۆرسەك شۇنى رەسىمگە تارتساق، بىر قاتار مەنىسىنى چۈشۈنۈپ بولمايدىغان «ئەخلەت» ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر بىز بىرەر تېمىنى تاللىۋالساق سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا ئىلاجىنى قىلىپ ئاشۇ تېمىنى يورۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن «گەپ قىلىدىغان تىلى بار» رەسىم دۇنياغا كېلىدۇ.

بىر تېمىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن سىز بەلكى 40 پارچە رەسىمگە تارتىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداقمۇ؟ ئەمدى سىز ئاشۇ 40 پارچە رەسىمىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئاساسى تېمىڭىز يورۇتۇپ بېرىلگەنمۇ يوق؟ بەلكى بىر يەرلىرى كەمدەك قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟ سىز يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ تېما ئۈچۈن 20 پارچە رەسىمنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. شۇنداق 20 پارچە رەسىم تامامەن يېتىدۇ. يەنە بىر مەزگىللەر ئۆتكەندە بولسا 10 پارچىلا يىتىدىغانلىقىنى بايقايسىز. سىز ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەندە بولسا پەقەت 1 پارچە رەسىمدىلا نەچچە ئون بەتلىك ماقالىلاردا نامايان قىلىنىدىغان مەزمۇنلانى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە سىزنىڭ ئاشۇ تېمىڭىز ئۈچۈنمۇ پەقەت 1 پارچىلا رەسىم كۇپايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. سىز مۇشۇ 1 پارچە رەسىمنى تارتىپ چىقالىغىنىڭىزدا، مۇبارەك بولسۇن! سىز پىشىپ يېتىلگەن بولىسىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن بىر جەريان كېتىدۇ. بۇ جەريان ھېلىھەم بىزنىڭ ئورتاق بېسىپ ئۆتىشىمىزنى كۈتمەكتە!

4. كۆپ رەسىم كۆرۈش

دۇنيادىكى داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ تارتقان رەسىملىرىنى كۆپ كۆرۈش، ئۇلارنىڭ شۇ رەسىمنى تارتقاندىكى ھېسياتىنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلاش، باشقىلارنىڭ تېما تاللاشتىكى ماھارىتىدىن پايدىلىنىش، نۇر بېرىش ۋە پەيت تاللاش … بۇلارنى بىز پەقەت كۆپلەپ ياخشى ئەسەرلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ھېس قىلالايمىز. نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ نادىرلىقى زادى قەيەردە؟ ئاپتورنىڭ مۇشۇ رەسىمنى تارتقىچە كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى زادى قايسى ئورۇن؟ بۇنى كۆپ تەپەككۇر قىلىش لازىم. رەسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى لاياقەتلىك چىقىش چىقماسلىقىدىكى چوڭ ئامىل. نادىر ئەسەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتە تەلىپى خېلى يۇقىرى.

بېسىپ 2~3 كۈندە 1 توم كىتابنى تۈگىتىش شەرت ئەمەس. بوش ۋاقىت چىققاندا سەنئەتتىن ھوزۇرلانغاندەك ھوزۇرلىنىپ، ھەر بىر پارچە رەسىم ئۈستىدە ئازراقتىن مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىمىزدە بۇ ئادەتنىڭ پايدىسىنى ئەلۋەتتە كۆرىمىز.

5. رەسىملىرىمىز ئۈستىدە پات-پات يەكۈن چىقىرىپ تۇرۇش

مىسالغا ئالساق، سىز بىر يىل ئىچىدە تارتقان ئاشۇ 10 مىڭ پارچە رەسىمىڭىز ئىچىدە ئۆچۈرىۋېتىش توغرا كەلسە زادى قايسىلىرىغا ئەڭ قىيمايسىز؟ شۇ رەسىمگە نېمە ئۈچۈن قىيمايسىز؟ سىز شۇ رەسىمنى تارتقۇچە قايسى تېمىنى ئويلاپ تارتقان ئېدىڭىز؟ شۇ تېمىڭىز رەسىمدە زادى ئېنىق نامايەن بولدىمۇ يوق؟ بۇلارنى ئويلاپ پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك. بۇ ئادەت بۇ كەسىپتە ئىلگىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى شوتىسى.

ئەگەر سىز تەپسىلىي كۈزەتسىڭىز سىز بىرەر تېما ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ تارتقان سۈرەتلىرىڭىز ئىچىدە ناھايىتى كۆپ قىسىم رەسىملەرنىڭ ئۆچىرىۋەتسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. بەلكى سىز شۇ تېمىدىكى رەسىملىرىڭىزنى كىيىنچە ياراتماي قايتا رەسىمگە تارتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ھالەت ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋېرىپ، ھەتتا ئاخىرىغا كەلگەندە ئەڭ دەسلەپتىكى رەسىملىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋەتسىمۇ بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز چوڭ بولغان ھالىتىڭىزدە بالىلىق دەۋرىڭىزدىكى بەزى قىلىقلىرىڭىزدىن كۈلگىڭىز كەلگەندەك ھېسياتقا كەپقالىسىز.

سىز ئىلگىرى تارتقان سۈرەتلىرىڭىزگە سەپ سېلىپ قاراپ بېقىڭ. سىز كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا قايسى دائىرىدىكى فوكۇس ئارىلىقىنى كۆپ قوللىنىدىكەنسىز؟ قايسى نۇر چەمبىرىكىنىچۇ؟ ئادەمنى كۆپ تارتامدىكەنسىز ياكى مەنزىرىنىمۇ؟ ھەرىكەتلىك شەيئىلەرنمۇ ياكى تىنچ شەيئىلەرنىمۇ؟ بۇلارنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىققىنىڭىزدا سىز تەبىئىي ھالدا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئاپارات ياكى لېنزىنى تېپىپ چىقالايسىز. مۇشۇ ئارقىلىق سىز مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئىزدەيسىز. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا سىزدە بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

خوش، سىز فوتوگراف ئۈچۈن يەنە قانداق ئادەتلەرنى مۇھىم دەپ قارايسىز؟ بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىز ئۈچۈن ئىنكاسىڭىزغا قاراپ قالدۇق.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110129995.html/feed 0
فوتوگرافىيە كەسپىي ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات /20110106688.html /20110106688.html#comments Thu, 06 Jan 2011 14:58:42 +0000 پاسىبان /?p=688 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

فوتوگرافتا بولۇشقا تېگىشلىك 5 خىل ئادەت

تەۋسىيە: ئاجايىپ ئېسىل ئەپ – Orient

ئادىل ئىسمائىل فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى
无觅 ]]>

فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە بىز ناھايىتى كىيىن كىرگەن كەسىپ بولغاچقا ئاساسەن ھەممە ئاتالغۇلار بىزگە ناتونۇش، ياكى بىر ئاڭلاپلا چۈشۈنەلىگۈدەك ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

1. زاتۋور

ئاپاراتنى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەت ئوبىكتىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن باسىدىغان ئاشۇ كونۇپكا دەل زاتۋور شۇ. بۇنى خەنچە 快门 دەيدۇ. خەتچە تەرجىمە قىلساق «تىز ئىشىك» دېگەن مەنا چىقىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاتايمىز؟ چۈنكى زاتۋورنى بىر قېتىم باسقىنىمىزدا سۈرئەت سەزگۈچنىڭ ئالدىدىكى «ئىشىك» ناھايىتى تىز سۈرئەتتە بىر قېتىم ئېچىلىپ-يېپىلىدۇ. ئېچىلىپ يېپىلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنى زاتۋور ۋاقتى، ياكى نۇر بېرىش ۋاقتى دەپ ئاتايمىز. بۇنىڭ ۋاقىت ئۇزۇنلىقى ئاپاراتنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ ئۇزۇنى بىرقانچە سېكونتتىن قىسقىسى 1/4000 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا  بولىدۇ.

بۇنىڭ مەنىسى، زاتۋور كونۇپكىسىنى باسقاندىكى شۇ پەيتتە سەزگۈچنىڭ  ئىشىكى ئېچىلىپ 4000 دەن 1 سېكونت ئىچىدە يېپىلىپ بولىدۇ. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلساق بۇنىڭ نەقەدەر تىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا تىز سۈرئەتلىك زاتۋور تىز سۈرئەتتىكى شەيئىنىڭ  ھەرىكىتىنى ئېنىق تۇتىۋالالايدۇ.

كېىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقى، ئۇچىۋاتقان تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ پالىقى، شامالدۇرغۇچنىڭ پالىقى قاتارلىقلارنىڭ تىز زاتۋور ئارقىلىق تارتقان چاغدىكى رەسىمىگە قارىساق جىم تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالىمىز.

ئوخشىمىغان تەلەپكە ئاساسەن ئوخشىمىغان زاتۋور تىزلىكىنى تەڭشەپ تارتىش ئۈچۈن ئاپاراتنىڭ T ياكى Tv دېگەن جايىغا ئەكىلىپ سۈرەتكە تارتىمىز.

رەسىم ئۇچۇرلىرى ئارىسىدا سېكونت بىرلىكى بىلەن بېرىلگەن قىممەت دەل زاتۋور ۋاقتى ياكى نۇر بېرىلىش ۋاقتى بولۇپ، 1/200 سېكونت، ياكى 1 سېكونت دېگەندەك ھالەتتە ئۇچرايدۇ.

2. نۇر چەمبىرىكى

نۇر چەمبىرىكى بولسا زاتۋور ئېچىلغاندا قانچىلىك نۇرنىڭ سەزگۈچكە چۈشۈدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان قىممەت بولۇپ، زاتۋور ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتىلغان.  ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى چوڭ بولغانسىرى ئېچىلىش مەيدانى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. 1 گە يېقىنلاشقانسىرى تولۇق ئېىچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەزگۈچكە كىرىدىغان نۇر كۆپىيىدۇ، رەسىم يورۇق تارتىلىدۇ.

رەسىمدىكىدىكى ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكىسى چوڭ نۇر چەمبىرىكى، ئاستىدىكىسى كىچىك نۇر چەمبىرىكى. كۆزنىڭ يوغان ياكى كىچىك ئېچىلىشى بىلەن رەسىم سەزگۈچكە كىرىدىغان نۇرنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى كونترول قىلىمىز.

رەسىملەرنىڭ ئاستىغا رەسىم ئۇچۇرلىرى يېزىلغان بولسا ئۇنىڭ ئارىسدىكى ??F دېگىنى دەل نۇر چەمبىرىكىنىڭ قىممىتى بولىدۇ. مەسىلەن، F22 , F10,  F5.6 دېگەندەك.


3. فوكۇس نوقتىسى

فوكۇس نوقتىسى -  ئاپاراتنىڭ سۈرەتكە تارتىشىدىكى مەركىزى نوقتا.  فوكۇس نوقتىسى سۈرەتكە تارتماقچى بولغان جىسىمنىڭ دەل ئۆزىگە توغرىلانمىسا تېما ئوچۇق يورىتىلماي مەركىزىي ئىددىيە باشقا نەرسىگە يۆتكىلىپ كېتىدۇ.

ئائىلىدىكى ئاپاراتلاردا فوكۇس نوقتىسىدىكى يورۇقلۇققا ئاساسەن ئاق بالانىس تەڭشىلىدۇ. بۇنداق ئاپاراتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە فوكۇس نوقتىسى ئاپاراتنىڭ ئاپتۇماتىك ئىقتىدارى ئارقىلىق توغرىلىنىدىغان بولۇپ، قول ئارقىلىق توغرىلىغىلى بولمايدۇ. كەسپىي يەككە رېفلېكىسنىڭ ئاپتۇماتىك فوكۇس توغرىلاش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەزىدە قول بىلەن توغرىلاشقىمۇ توغرا كېلىدۇ.

ماۋۇ رەسىمدىكى ئاساسى تېما ۋە  فوكۇس نوقتىسى ئوخشاشلا ماشىنا، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايال كىشى خۇنۈك كۆرۈنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئەقىلگە ئۇيغۇن. خۇددى بىز قولىمىزغا بىر كۆزىمىزنى يۇمىۋېلىپ قارىغىنىمىزدا قولىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەنزىرە خۇنۈك كۆرۈنگەندەك. كەسپىي ئاپاراتلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. ئەگەر ئائىلىۋى ئاپارات بىلەن بۇ مەنزىرىنى تارتقان بولساق ئايال كىشى بۇنچىۋالا خۇنۈكلىشىپ كەتمەيتىدە، تېمىنىڭ ئوبرازلىقىغا دەخلە يېتەتتى.

4. فوكۇس ئارىلىقى

فوكۇس ئارىلىقى بولسا لېنزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق يىراق-يېقىننى تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىكى ئىككى لېنزا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. فوكۇس ئارىلىقى قانچە ئۇزۇن بولسا، يىراقتىكى جىسىم شۇنچە يېقىن كۆرىنىدۇ. يەككە رىفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان 18-135 مىللىمېتىر، 24-105 مىللىمېتىر، 70-300 مىللىمېتىر دېگەنلەر ئاشۇ لېنزىنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان  فوكۇس ئارىلىقى ھېساپلىنىدۇ. بىرلىكى مىللىمېتىر. رەسىم ئۇچۇرلىرى ئارىسىدا مۇشۇ بىرلىك بويىچە قەيت قىلىنىدۇ.

5. ئاق بالانىس

ئاق بالانىس دېگىنىمىز – ئاپاراتنىڭ ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ ھەرخىل رەڭلەرنى ئاجىزلىتىش ياكى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەڭشەپ بالانىسلاشتۇرىدىغان ئىقتىدار. ئاق بالانىسنىڭ ئاپاراتتا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان بىرقانچە خىل تاللاش تۈرى بولىدۇ. مەسىلەن، قۇياش نۇرى، تۇتۇق ھاۋا، قۇياش نۇرىلىق لامپا، ئۆي ئىچى … دېگەندەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە بۇنى خالىغانچە تەڭشىۋالساق، ياكى قولىمىز ئارقىلىق ھەر قايسى قىممەتلەرنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك فوتوگرافلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى.

رەسىمدىكىسى ھەرخىل ئاق بالانىس تەڭشىكى ئاستىدىكى ئوخشاش رەسىمنىڭ رەڭ ئۈنۈملىرى.

6. نۇر بېرىش

نۇر بېرىش (曝光) ئاپاراتنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ ئېكسپوزىتسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنى يورۇقلۇق يېتىشمىگەندە ئاپاراتنىڭ ئۆزىدىكى بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە يورۇقلۇق قوشۇش ياكى زىيادە يورۇق مەنزىرىدە نۇر بېرىلىشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق يوللار بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.بۇنىڭ قىممىتى 2-  دىن 2+ ئارىسىدا بولىدۇ. بىرلىكىنى EV  دەپ ئاتايمىز.

مەسىلەن، سىز ئاپئاق قارنى رەسىمگە تارتىپ باققان بولىسڭىز بىلىسىز. قارنىڭ ئاقلىقىغا ئاساسەن ئاپارات ئاپتۇماتىك ھالدا ئاق بالانىسنى يورۇق ئاق جىسىمغا ئاساسەن قاراڭغۇراق تەڭشەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارنىڭ رەڭگى سېرىق ياكى سۈترەڭ، ئىشقىلىپ ئاق كۆرۈنمەيدۇ. سىز بۇ چاغدا مۇۋاپىق ھالدا نۇر بېرىش ئارقىلىق ئاقايتىپ ھەقىقى ئاپئاق قار ئۈنىمىگە يېتەلەيسىز.

7. ISO نۇر سېزىش دەرىجىسى

ISO نىڭ قىممىتى 100, 200, 400, 800, 1600, 3200, 6400  شەكلىدە بولۇپ، بۇمۇ ئاپاراتنىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىدار. نورمالدا ئىلاج بولمىغاندا يۇقىرى نۇر سېزىمچانلىقنى تاللاپ رەسىمگە تارتىمىز. چۈنكى بۇنىڭ قىممىتى يۇقىرىلىغانسىرى پىكسېل چىكىت سانى ئازلاپ كېتىدۇدە،  رەسىمنىڭ سۈزۈكلىكىگە بەلگىلىك تەسىر يېتىدۇ. يورۇقلۇق يېتىشمىگەندە چاقماق بېرىش، ياكى ئاپاراتنى مۇقۇملاشتۇرۇپ قويۇپ ئۇزۇن زاتۋور ۋاقتى بېرىش ئارقىلىق يورۇقلۇق كۆپەيتسەك بولىدۇ. ISO  نىڭ 800 دىن ئاشمىغىنى ئەۋزەل.

رەسىمدىكىسى ھەر قايسى قىممەتتىكى ئۈنۈمنىڭ  سېلىشتۇرمىلىرى.  رەسىمدىكى ماۋۇ كىچىككىنە ئورۇن چوڭ رەسىمنىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىدىكى كىچىك جاي، تولۇق رەسىم ئەمەس. ئۈنۈمنى تېخى ئوچۇق كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كىچىك جاينى چوڭايتىپ سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.

ئەسلى رەسىم

ISO 100

ISO 200

ISO 800

ISO1600

رەسىمگە قارايدىغان بولساق بۇنىڭ نېمە مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز.

8. نۇر ئۆلچەش نوقتىسى

نۇر ئۆلچەش نوقتىسى دېگىنىمىز ئاپاراتنىڭ ئىكرانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىنىدىغان، بەزىسى غىچ شەكلىدە، بەزىسى چاسا كەلگەن دائىرىگە ئېلىنغان رايوندىكى مەلۇم بىر نوقتىنى كۆرىسىتىدىغان بولۇپ، ئاپارات مۇشۇ نوقتىنىڭ ئەمەلى يورۇقلۇقىغا ئاساسەن يورۇقلق تەڭشەيدۇ. بۇ نوقتىنى ئۆزى بەلگىلەشكىمۇ، ۋە ئاپاراتقا ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

بۇ نۇقتىغا ئاساسەن ئاپارات پۈتكۈل سانلىق مەلۇماتلارنى ھېساپلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ISO، تىزلىك، نۇر چەمبىرىكى، ئاق بالانىس ھەممىسى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇلارنىڭ قانداق بولىشى، نۇر ئۆلچەش نوقتىسىنىڭ قەيەرگە مەركەزلەشكەنلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

مەسىلەن سىز كەينى يورۇقلۇقى كۈچلۈك بولغان جايدا بىر ئادەمنى رەسىمگە تارتسىڭىز، ئادەتتە ئاپارات كەينىدىكى يورۇقلۇقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يورۇقلۇق تەڭشەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ يۈزى قاراڭغۇ چىقىپ قالىدۇ. سىز بۇ چاغدا نوقتىنى ئادەمنىڭ يۈزىگە تەڭشەپ زاتۋورنى يېرىم باسسىڭىز، باشقا تەڭشەكلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ماس ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىايسىز. چۈنكى ئادەمنىڭ يۈزى ئارقا مەنزىرىگە نىسبەتەن قاراڭغۇ بولغاچقا ئاپارات شۇنىڭغا ئاساسەن يورۇقلۇق بېرىدۇ.  بۇ چاغدا ئۇ ئادەمنىڭ يۈزى ئوچۇق كۆرىنىدۇ.

فوتوگرافىيەگە دائىر تېمىلار بەكلا قول تۇتقاچقا شۇنچە سائەت ئولتۇرۇپ بۈگۈن بىرلا تېما يوللاپتىمەن. بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي. ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدە يوق بولغان يېڭى ئاتالغۇلار بولسا ۋاقتىدا ئىزاھلاپ ماڭىمەن، ئىنشا ئاللاھ.

ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، باشقا جايدا ئېلان قىلمىغايسىز. بۇ تېمىنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىشىڭىزنىمۇ خالىمايمەن.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20110106688.html/feed 4
لېنزا ئۈستىگە يېزىلغان خەت ۋە سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسى (1) /20101230523.html /20101230523.html#comments Thu, 30 Dec 2010 12:34:29 +0000 پاسىبان /?p=523 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
قورقۇنۇشلۇق ئەپ Demon Cam

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

سۈرەتكە تارتىش ناھايىتى ئاسان، ھەم ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان
无觅 ]]>

يەككە رېفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىدە مەنىسىنى بىلىپ بولمايدىغان ھەرخىل خەتلەر، سان-سىفىرلار بار. ئىقتىدارىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئاساسەن لېنزا ئۈسىتىدىمۇ نەچچە خىل كونۇپكىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ مەنىسى زادى  نېمە؟ قايسى خىلدىكى لېنزا بىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە جاۋاپ لېنزىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئاشۇ سان-سىفىرلاردىنلا كېلىدۇ.  مەن بۈگۈن بۇ توغرىسىدا بىر – ئىككى ئېغىز بىلجىرلاپ باقاي.

ئاۋال كانوننىڭ لېنزىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

رەسىمدىكىسى كانوننىڭ EF 70-200mm 1:2.8 L IS II USM تىپلىق لېنزىسى. ماۋۇ خەتلەرنى ئوقۇمايلا ئۆتۈپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق، بىر قاراشقا قالايمىقانلا بىر نەرسىدەك. لېكىن، ھەر بىر ھەرپنىڭ ئايرىم مەنىسى بار.

مەسىلەن، ئۈستىدىكى رەسىمدە  كۆك رەڭدە دائىرىگە ئەپقويغان CANON ZOOM LENS EF 70-200mm 1:2.8 L IS II USM دېگەن بۇ «جۈملە» سۆزدىكى  CANON ئەلۋەتتە لېنزىنىڭ ماركىسىنى بىلدۈرسە، ZOOM LENS دېگىنى فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى EF بولسا ئاپاراتقا ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ تىپىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى كانوننىڭ EF  ئېغىزلىق ئاپاراتىغا ماس كېلىدۇ دېگەن گەپ.

بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىغىنى كانوننىڭ يەنە بىر خىل EF-S ئېغىزلىق دەپ ئاتىلىدىغان لېنزىسى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ئېغىزلىق لېنزىنىڭ پەرقى بولسا:

EF ئېغىزلىق لېنزا، پۈتۈن مەنزىرىلىك ئاپاراتلارغا، 35 مىللىمېتىرلىق نىگاتىۋلىق ئاپاراتقا، x1.6 لىك APS-C  مەنزىرىلىك ئاپاراتلارغا چۈشىدۇ. مەسىلەن: EOS 5D Mark II  ياكى EOS 550D .

ئەمدى EF-S ئېغىزلىقىچۇ دېگەندە،  بۇنى پەقەت x1.6 لىك APS-C  مەنزىرىلىك ئاپاراتلارغىلا  سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەنى، EOS 550D غا چۈشىدۇ، EOS 5D Mark II گە چۈشمەيدۇ.

EF نىڭ كەينىدىكى 70-200  دېگىنى 70 مىللىمېتىردىن 200 مىللىمېتىرغىچە بولغان فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارىلىقىغا ئېگە دېگەن مەنىدە.  يەنى بۇ مۇقۇم فوكۇسلۇق ئەمەس، بەلكى بايا دېگەندەك «فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان» ZOOM LENS .

1:2.8  دېگىنى يورۇقلۇق چەمبىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېچىلغاندىكى قىممىتى 2.8 دېگەن مەنىدە. يورۇقلۇق چەمبىرىكىنىڭ ئەڭ قىسقا فوكۇس ئارىلىقى بولغان 70 مىللىمېتىر دائىرە ئىچىدە 2.8 قىممەتنى ساقلىيالىشى مۇشۇ لېنزىنىڭ ئىسىللىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ خېلى چوڭ قىممەت. نورمالدا ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ ئاران 5 بولاتتى. (يورۇقلۇق چەمبىرىكىنىڭ قىممىتىدىكى سان قانچە كىچىك بولسا چەمبىرەكنىڭ ئېچىلىش ھەجمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ تەتۈر تاناسىپ) ئاللاھ نىسىپ قىلسا يورۇقلۇق چەمبىرىكى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىمىز.

قىزىل بويالغان L بولسا ئېنگلىزچىدىكى Luxury دىن كەلگەن. يەنى بۇ لېنزىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ھەشەمەت، ئىسىل ۋە ياكى ئالىي دەرىجىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە L بولغان لېنزىنىڭ ئۇچىدا بىر تال ئىنچىكى قىزىل سىزىق بولىدۇ.  رەسىمدىكى  تىپلىرى يېزىلغان مىتال چەمبىرەكنىڭ ئاستىدىكى قىزىل چەمبىرەك ئاشۇ شۇ.

IS بولسا IMAGE STABILIZER نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،  لېنزا تىترەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، سۈرەت مۇقۇملاشتۇرۇش ئالاھېدىلىككە ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. IS بولغان لېنزا بىلەن IS بولمىغان لېنزىنىڭ باھاسىمۇ خېلى پەرق قىلىدۇ. كانوننىڭ IS جەھەتتىكى تېخنىكىسى ماشتاق ! (خو قولۇمنى كۆردۈڭلار ھەقىچان)

II  بولسا ئىككىنجى ئەۋلاد ئىكەنلىكىنى ،  ئەڭ ئاخىرىدىكى USM  دېگىنى  Ultra Sonic Motor نى بىلدۈرىدۇ. يەنى فوكۇس نوختىسىنى توغرىلاشتا ئىشلەيدىغان ماتور ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ماتور دېگەن گەپ.  USM  لىك لېنزا ھەقىقەتەن نوچى. فوكۇس توغرىلاش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، ھەم ماتورنىڭ ئاۋازى غىژىلداپ  ئاڭلىنىپمۇ يۈرمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئاۋۇ خەت بولسا دەل بىز دەۋاتقان USM شۇ.

سېرىق رامكىدىكىسى 70-200 مىللىمېتىر دائىرىدىكى فوكۇس ئارىلىقىنى  كۆرسەتكۈچ  كۆزنىكى. قارا رامكىدىكى فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىش تۇتقۇچى، ئاق رامكىدىكىسى بولسا IMAGE STABILIZER نىڭ بەلگىسى. يەنى IS  بولۇپ، لېنزىنىڭ سۈرەت مۇقۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

رەسىمدىكى بۇ لېنزىنى خەنچە 小小白 دەپ ئاتىۋالىدۇ.  يېڭىسىنىڭ باھاسى 16 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. بۇ لېنزا بىلەن تارقان سۈرەتلەرنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.

باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى :

/20101230523.html

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101230523.html/feed 3
سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (2) /20101224336.html /20101224336.html#comments Fri, 24 Dec 2010 15:33:43 +0000 پاسىبان /?p=336 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

تەۋسىيە : ئاجايىپ – غارايىپ ئەپ (5) Remix your life

تەۋسىيە: App Store دىكى پەچەت ئەپ

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ
无觅 ]]>
سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) دېگەن تېمىمىزدا ئالدىنقى 3 تۈرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈنكىسى كۇلۇبىمىزدا ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىشىدىغىنىمىز ۋە كەسپىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن بولغان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات.  بۇ ئەمدى قانداق گەپتۇ؟ ئىسمىغا قارىساق دەماللىققا بىرنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى. مۇخبىرلارنىڭ قولىدا ياكى كەسپىي فوتوگرافلارنىڭ قولىدا لېنزىلىرى ئۇزۇن بولغان يوغان، ئېلىپ يۈرۈشكە بىر ئاز ئەپسىز ئاپاراتلارنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئاپارات قارا بولسا  لېنزىسىنىڭ بەزىلىرى ئاق، بەزى لېنزىلار يوغان كۆزلۈك دىقماق بولسا، بەزەنلىرى ئاپاراتتىن ئىككى ھەسسە يوغان. بىز دەۋاتقان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات دېگەن دەل مۇشۇ شۇ. خەنچە بۇنى单镜头反光   دەيدۇ. قىسقارتىپ单反  دەپ قويىدۇ. ئېنگىلىزچىسى «SLR» ، يەنى Single Lens Reflex دەپ ئاتايدۇ. بىز بۇنى قىسقارتىپ «تاق رېفلېكس» ياكى «يەككە رېفلىكىس» دەپ ئاتايمىز.

بىز ئەمدى بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ كونكىرتنى جاۋاپقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار گوگلدىن ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. مەن ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيتسام، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان 3 خىلدىكى ئۇ ئاپاراتلارنىڭ كۆزى بولغان «لېنزا» لىرىنى، زاۋۇتتىن چىقىشتىلا مۇقۇم قىلىپ ئورنىتىۋەتكەن. ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇراتتىم دەپ ئىچىنى چۇۋۇپ كۆزىنى چىقىرىۋالسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئاپاراتنىمۇ ئالماشتۇرىۋېتىڭ.  تاق رېفلىكىسنىڭ بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىمىز بويىچە لېنزا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمىز. بۇ ئۇقۇمنى مۇشۇ مەنىدە چۈشەنسەك تامامەن بولىدۇ.

ئادەتتە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان  ئەڭ ئەرزان يەككە رېفلىكىسنىڭ باھاسى 4000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ 50 مىللىمېتىرلىق مۇقۇم فوكۇسلۇق لېنزا سالساقمۇ 5 مىڭ يۈەنگە بېرىپ قالىدۇ. بۇ ئاپاراتنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن  بىرئاز قىممەت.  لېكىن، بۇ ئاپارات بىلەن تارتقان سۈرەت بىلەن ئائىلىۋى ئاپاراتتا تارتقان سۈرەتنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ يەتكىنىمىزدە، بۇ پۇلنىڭ ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

1. ئىچىدىكى سۈرەت سەزگۈچنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە.

سىفىرلىق ئاپاراتقا نىسبەتەن سۈرەت سەزگۈچ ئەڭ مۇھىم زاپچاس. ئۇنىڭ چوڭلۇقى سۈرەتنىڭ سۈزۈكلىكى ۋە ئېنىقلىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى دەرىجىدىكى سۈزۈكلۈكتىكى رەسىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت پىكسېل سانىنىڭ يۇقىرى بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ «يۈرىكى» دە. پىكسىېلنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئوخشاتساق، سۈرەت سەزگۈچىنى CPU غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ھەر ئىككىلىسى يۇقىرى بولغاندا ئاندىن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەيلى CCD ياكى CMOS سەزگۈچ بولسۇن، ئەڭ ئادەتتىكى يەككە رېفلىكىسنىڭ ئىشلەتكەن سۈرەت سەزگۈچى ئەڭ قممەت ئائىلىۋى ئاپاراتنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ. چوڭلۇقى ھەتتا 4~5 ھەسسىسىگىمۇ توغرا كېلىدىغانلىرى بار. بۇخىل ئالاھېدىلىك يەككە رېفلېكىسنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتىرىۋىتىشىنىڭمۇ بىر سەۋەبى.

2. لېنزا ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ.

سىفىرلىق ئاپارات بولسا ئېلىكتىر، نۇر، مىخانىزىمنى بىر گەۋدە قىلغان نۇر سېزىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە يۇقىرى تېخنىكىدا نەپس ئىشلەنگەن، چاڭ-توزانلاردىن خالىي ئوپتىكىلىق ئەينەكلەردىن ياسالغان لېنزا لازىم. بۇ نەرسە تەسۋىرنىڭ سۈزۈك ياكى خۇنۈك، ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ چىقىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھەرخىل ھەرياڭزا لېنزىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىشلەيدىغان جايى بولىدۇ. كەسپى فوتوگرافلار كۈندە نەچچە قېتىم لېنزا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسە پاتىدىغان سومكىلىرىدا كېمىدە زاپاس 2 خىل لېنزا بولىدۇ.  مۇشۇ خىلدىكى كەسپىي تەلەپنى قاندۇرىدىغىنى يەنىلا خالىغانچە لىنزا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان «يەككە رېفلېكىس» تۇر.  قايسى خىلدىكى لېنزىلارنىڭ قانداق جايغا ئىشلىتىلىشى، لېنزا ئۈستىدىكى سان-سىفىرلارنىڭ نېمە مەنە بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ خالىسا كېيىنكى كۈنلەردە تەپسىلىي توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

3. ئىنتايىن تىز بولغان ئىنكاس.

ئادەتتىكى ئاپاراتنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئاپاراتنى قولىمىزغا ئېلىپ ئاۋۇ ۋېلىسىپىتتىكىلەرنى يېقىنلىتىپ تارتقانغا كەتكەن ۋاقىتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئىشىنىمەنكى ئائىلىۋى ئاپارات 1 نى تارتىپ ساقلاپ بولغۇچە،  يەككە رېفلېكىس كېمىدە 20 پارچە تارتىپ بولىدۇ. بەلكى بۇ چاغدا بۇلار كۆزىڭىزدىن غايىب بولغان بولىشى مۇمكىن. سىز قىسقىغىنە مۇشۇ پەيتتە، ئائىلىۋى ئاپاراتتا يا 3 پارچە يا 4 پارچە، تېخى بەزەنلىرىنىڭ فوكۇس نوختىسى باشقا جايدا بولغان رەسىمگە ئېرىشىسىز. يەككە رېفلىكىستا بولسىچۇ؟ 20 پارچە رەسىم ئىچىدە كېمىدە 15 پارچىسى سىزگە «مۇنەۋۋەر ئەسەر»گە ماتىرىيال بولالايدۇ. سىز مۈشۈكنىڭ يۈگرەۋاتقىنىنى ياكى قۇشلارنىڭ ئۇچۇۋاتقىنىنى سۈرەتكە تارتىپ باققانمۇ؟ ھەرىكىتى تىزرەك بولغان بىرەر شەيئىنى سۈرەتكە تارتىپ باققان بولسىڭىز چوقۇم بىلىسىز، ئائىلىۋى ئاپارات مەيلى فوكۇس نوختىسىنى تېپىپ توغرىلاش بولسۇن، مەيلى فوكۇس ئارىلىقى ئۆزگەرتىش بولسۇن، مەيلى سۈرەتنى ساقلىغۇچقا ساقلاش جەھەتتە بولسۇ، ئەڭ مۇھىمى بولمىش زاتۋورنى باسقان ھامان تەسۋىر ھاسىل قىلىش جەھەتتە بولسۇن، تاق رېفلىكىستىن ناھايىتىمۇ يىراقتا تۇرىدۇ. تاق رېفلىكىسنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز بۇ نۇختىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز. بۇ ئاپارات، بىز سۈرەتكە تارتقان ۋاقتىمىزدا « بۇ شەيئىنى سۈرەتكە تارتىشتىكى ئەڭ ياخشى پەيت دەل مۇشۇ شۇ» دەپ قارار قىلىپ زاتۋورنى باسقان ۋاقتىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلىۋەتمەي، ناھايىتىمۇ تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇپ پەيتىنى قولدىن بېرىۋەتمەيدۇ. ئاستىدىكى رەسىم بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. (بۇ رەسىمنى ئايالىم تارتقان جۇمۇ :o))): )

4. مۇكەممەل بولغان ئۆزلۈك كونترولى.

گەرچە ھازىرقى ئاپاراتلارنىڭ ئاپتۇماتىك ئىقتىدارلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، مۇھىتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئېرىشمەكچى بولغان سۈرەت ئۈنىمىنىڭ ھەرخىل بولىشى سەۋەپلىك بەزى جايلاردا ئاپاراتقا «ئىشىڭنى قىل» دەپ قويۇپ، ھەر خىل قىممەتلەرنى ئۆزىمىز تەڭشەپ سۈرەتكە تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى بىر ئوبدان ABS+EBD سېستىمىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ھېچقانداق ئېلىكترونلۇق ياردەمچى سېستىمىلارنىڭ ياردىمىسىز «راللىي» مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدىگەندەكلا بىر ئىش. چۈنكى ئاشۇ ماشىنىلارنىمۇ بەزىدە چاقنى سىيرىشقا، يەنە بەزىدە كونتروللىقىنى يوقاتقۇزۇپ ھەيدەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەتتا تېخنىكىسى ئۈستۈنرەك شوپۇر بولسا ھەرقانداق ABS ياكى EBD دىنمۇ ياخشىراق كونترول قىلالىشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭكدەك، بەزى فوتوگرافلار ئۆزى تەڭشەپ تارتقان سۈرەتكە قارىغاندا ئاپتۇماتىك تارتقاندىكى سۈرەتتە ئوبرازنىڭ ئېنىق ئىپادە قىلىشىدا زور پەرقنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

5. ئاساسى تېما ئېنىق ئىپادە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار – خۇنۈكلەشتۈرۈش

بۇ رەسىمدىن كۆرەلىگەن بولسىڭىز كېرەك. بۇ رەسىمدە فوكۇس نوختىسى ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاۋۇ بىر قانچە تال گۈلگە مەركەزلەشكەن. يەنى بۇنىڭدىكى ئاساسى تىما ئاشۇ، ئەتراپتىكىلىرى بولسا ئاساسى تېمىنى يورۇتۇپ بەرگۈچى قوشۇمچە «پىرسوناژلار» دۇر.  ئەگەر بۇ رەسىمنى ئادەتتىكى ئائىلىۋى ئاپاراتتا تارتقان بولساقچۇ؟ ئۇ چاغدا باشتىن بوياق ھەممە يەر «ئاساسى تېما» ھالەتتە ئەكس ئېتەتتىدە، بىر پارچە «تېمىسىز» رەسىم مەيدانغا كېلەتتى. مەيلى ئالدى مەنزىرە بولسۇن، مەيلى ئارقا مەنزىرە بولسۇن، ئوخشاشلا «سۈزۈك» كۆرىنىۋېلىپ تېمىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادە قىلالمايدۇ. ئەگەر يەككە رېفلېكستا  بولسىچۇ؟ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ، «خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان» لېنزىنىڭ تۆھپىسى. شۇڭا بۇ ئىقتىدار يەككە رېفلىكسنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھېدىلىكى ھېساپلىنىدۇ.

6. مول بولغان قوشۇمچە سايمان-جابدۇقلار.

يەككە رېفلىكىسنىڭ ئائىلىۋى ئاپاراتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكى شۇكى – ئۇنىڭ چەكسىز كۈچەيتىش بوشلۇقى بار. خالىغانچە ئۆزگەرتىپ خالىغانچە ئىقتىدار قوشقىلى بولىدۇ. يىراقنى بەكرەك يېقىنلاشتۇرالمايدىغان لېنزا بولسا ھەسسىلەندۈرش مەخسۇس لېنزىسى بار، ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يىراقنى تېخىمۇ يېقىنلىتالايدىغان قىلالايسىز.

چاقماق كۆپىنچە كەسپىي تىپتىكىلىرىدە بولمايدۇ.  دەسلەپكى قەدەمدىكى تاق رېفلىكىسلاردا بولىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ كۈچى يېتىشمەيدۇ. بۇ چاغدا تېخىمۇ چوڭ بولغان چاقماققا ئېھتىياجىڭىز چۈشىدۇ. ئائىلىۋى ئاپاراتتا چاقماقنى بىر قېتىم چېقىپ تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىپ ئىككىنجى سۈرەتنى تارتقۇچە 5~10 سېكونت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.  مەن ئالدىنقى قېتىم ئۈسىتىدىكى 430EX تىپلىق ئاۋۇ چاقماقنى ئىشلىتىپ ئۈزۈلدۈرمەي  ئارقا-ئارقىدىن 10 نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتتىم. ھەر بىر قېتىمدا مۇزدەك يېقىلالىدى. ھەرگىزمۇ2  پارچە رەسىم تارتقۇچە نەچچە سېكونت ساقلىتىدىغان ئىش يوقكەن. مۇشۇ چاقماق بىلەن 10 سېكونتتا ھەر بىر قېتىم چاقماق يېقىپ تۇرۇپ 25 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ.

يەنە تېخىمۇ ئۇزاق ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاپاراتنىڭ ئاستىغا يەنە بىرتال باتارىيە چۈشىدىغان تەگلىك قوشۇۋالغىلىمۇ بولىدۇ. زاتۋور ئۇزارتقۇچ، تىزگىنەك، مىكرو ئارىلىق چاقمىقى قاتارلىق مول بولغان قوشۇمچىلار، بۇنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بىزگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. مانا بۇلار، يەككە رېفلىكىسنىڭ گەرچە قىممەت بولسىمۇ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدىكى سەۋەپ.

بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئاللاھ خالىسا سىلەر بىلەن كېيىنچە يەنە باشقا نادىر مەزمۇنلىرىمىزئارقىلىق ئورتاقلىشامىز.

تېمىنى باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى :

/20101224336.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/20101224336.html/feed 2