ئۇقۇم ماشىنىسى بىر زاۋۇتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن ياسالغان، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان، دۇنيادا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىدا ياسىلىدىغان نادىر تۈر، ئىسىل ئەسەردۇر. ئۇقۇم ماشىنىسى ئەڭ ئاۋال يەرمەنكىلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. يەرمەنكىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقۇم ماشىنىلىرى ئەڭ تېز بولغاندا 2 يىلدىن كىيىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بەزىلىرى شۇ ھالەتتە نادىر ئەسەر سۈپىتىدە قېپقالىدۇ. رەسىمدىكى 10 ئۇقۇم ماشىنىسى 2010-يىلى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ماشىنىلار ئىچىدىن تاللانغان 10 نادىر ماشىنا بولۇپ باھالانغانلىرى.
ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.
BMW نىڭ ھەشەمەت تىپىدىكى ماركا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ماركىنىڭ خېرىدارلىرىغا 1 دانە ئايپەد ئەلۋەتتە چوڭ مەسىلە ئەمەس. لېكىن، ئايپەدنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنى قايسى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. شۇڭا BMW بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئاتاپ يۇمتال ۋە قويىدىغان دەستەك لايىھەلەپتۇ.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يىپيېڭى پولو كەڭ جامائەت ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ پولو 5-ئەۋلاد بولۇپ، كونكىرتنى باھا ۋە پاسونلىرىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى پولوغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ئىككى خىل ماتور، 5 خوتلۇق قولخوت ۋە 6 خوتلۇق ئاپتۇماتىك خوت سەپلەنگەن 7 خىل پاسونى بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆرسەتمە باھاسى 85 مىڭ 9 يۈز يۈەندىن 123 مىڭ 9 يۈز يۈەنگىچە. داۋامىنى ئوقۇش »
بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …
3-ئەۋلاد تويوتا پرىيۇسنى ئېلىكتىر مەنبەگە چېتىپ تۇرۇپ توك قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ ماشىنا مۇنەۋۋەر بولغان HYBRID، يەنى «ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك» ماشىنا ھېساپلىنىدۇ. پرىيۇس دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ئىدى. ھەممە يەردە ئېنىرگىيە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ماركىدىكى ماشىنىلار ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك ماشىنا ياساش يولىغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى ۋە قويۇپ بولدى. مەسىلەن، ھەشەمەت تىپىدىكى ماشىنىلاردىن لېكساسنىڭ LEXUS LS 600hL، بېنزنىڭ M-BENZ S400 HYBRID ، ئوتتۇرا قاتلامدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ماشىنىلاردىن دۆلىتىمىزدە ياساۋاتقان خوندا سۋىك، تويوتا كەمرىي قاتارلىقلارنىڭمۇ ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك تىپىدىكى ماشىنىلىرى بار. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار