شەھەر كوچىلىرىدا قىستاڭچىلىق بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزى ئىخچام، چاققانغىنە كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار بىزنىڭ ياخشى تاللىشىمىز بولالايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئالالايدىغان ماشىنىلار تېمىسىدا ئالدىنقى قېتىم سۇزۇكى SX4 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئېدىم. بۇ قېتىمقىسى شۇنىڭ بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولغان خوندانىڭ فىت دېگەن ماشىنىسى.
تېخى ئەمدىلا ئاياقلاشقان دىترويىت كۆرگەزمىسىدىن كىيىنلا ئۇلىشىپ جەنۋە ماشىنا كۆرگەزمىسى باشلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق قاتناشقۇچى شىركەت-كارخانىلار جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ھەقىقەتەن ئالدىراشلا بىر يىل باشلىنىپ كەتتى. چۈنكى جەنۋەدە كۆرگەزمە ئاياقلاشقاندا 4-ئايدا يەنە شاڭخەيدە كۆرگەزمە باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئەڭ داڭلىق فرانكفورد ماشىنا كۆرگەزمىسى. مونوسى مازدانىڭ جەنۋە كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇقۇم ماشىنىسى Minagi ئىكەن.
فورد فىيېستانىڭ Fiesta RS تىپلىق دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقە ماشىنا كۆرگەزمىسى Autosport International Racing Car Show دە تۇنجى بولۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يېڭى مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ يوپۇقىنى فورد مۇسابىقە ئەترىتىگە تەۋە Mikko Hirvonen ئاچتى.
ماشىنىنى بەزىبىر تېخنىكىلىق كەمچىللىك سەۋەبىدىن قايتۇرىۋالىدىغان بەزىبىر خەۋەرلەرنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. بەلكى ئۆتكەن يىلى شىمالى ئامېرىكىدىكى تويوتانىڭ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىغانلىق خەۋىرىنى جىق ئاڭلاپ كەتتۇق. يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكىدا يەنە خوندا شىركىتىنىڭ 2010-يىلى ئىشلەپچىقارغان خوندا ئاككورد ۋە CR-V تىپىدىكى ماشىنىلار ماتورى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىش سەۋەپلىك قايتۇرىۋېلىنىدىكەن. داۋامىنى ئوقۇش »
كۆپلىگەن ماشىنا ئىستىمالچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ بىر جايىدا بوغۇلۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان، يېڭى – يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىستەيدىغان ئىستىمالچىلارنىڭ، ئازدۇر-كۆپتۈر چىگرا ئاتلاپ بۇياق-بۇياققا بېرىش ئستىكى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ماشىنا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىشتىكى كۆۋرۈك، ئەركىن ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قورالدۇر.
2011-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا ماشىنا كۆرگەزمىسى، يەنى دىترويىت ماشىنا كۆرگەزمىسى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى چوڭ ماشىنا تور بېكەتلىرى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تور ئەھلىنى تەمىن ئېتىشكە باشلىدى. رەسىمدىكى بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ كونا ماركىسى كادېللاكنىڭ SCCA World Challenge مۇسابىقىسىگە ئاتاپ ياسىغان CTS-V Coupe نامىدىكى مۇسابىقە ماشىنىسىدۇر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆيدە بولالماي قېلىپ، بلوگ تاشلىنىپ قالدى. كەپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت.
بۈگۈن تور بەتلەرنى ئاقتۇرۇپ قارىسام GMC نىڭ Sierra HD Concept دېگەن ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەسىملىرىنى ئېلان قىپتۇ. بەزىلىرىنى ئېكران تەگلىكى قىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
سىمسىز توك قاچىلاش ئىلگىرى بىزلەرگە چۈش ئىدى. چۈنكى ھاۋانىڭ توك ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇ جەھەتتە ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەممىباپ ئاپتوموبىل زاۋۇتى بۈگۈن بۇ ساھەنىڭ باشلامچى كارخانىسى بولغان POWER MAT شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپتۇدەك.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار