پاسىبان كۇلۇبى » ماشىنا | ئايفون | ماشىنا | فوتوگرافىيە | Fri, 11 Nov 2011 09:07:03 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى /cars-noun-explanation-torque.html /cars-noun-explanation-torque.html#comments Fri, 04 Nov 2011 14:26:21 +0000 پاسىبان /?p=3276 > ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ. ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا» يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ…  تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى: «ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە. مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم. يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان. بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟بالوندىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچەماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارىiOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشسىمسىز سىن ئۇزىتىش تېخنىكىسى WiDi نى بىلەمسىز؟Cydia ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچەيېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدىگەندە جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)كۆپلىگەن كىشىلەر ئالالايدىغان ماشىنا – SUZUKI SX4فوتوگرافىيە كەسپىي ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات2010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرىماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – ئات كۈچىiOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلىش]]> ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات - تولغىنىش مومېنتى

«ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ» تېمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىلگىرىكى يازمىلاردا «ئات كۈچى» ۋە «چىقىرىش مىقدارى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ماشىنىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان ئاتالغۇ – تولغىنىش مومېنتى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماشىنىغا قىزىقىش دولقۇنى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ. لېكىن كەسپىي، تېگىدىن جانلىق تونۇشتۇرالايدىغان، بارلىق ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى تېگى مەناسىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇپ چىققۇدەك، قىسقىسى – چاڭقىغان جايغا بارغۇدەك بىرەر تور بەت ياكى ئورگان يوق. مۇشۇ سەۋەبلىك بەزىبىر ماشىنا ئاتالغۇلىرىنى قانداق ئاتاش توغرىسىدا مەندە بىر ئاز سىقىنتىلىق مەۋجۇد.

ماشىنا چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. گەپنىڭ جىڭىنى قىلسام، ئىككى تۆت تال رەسىم چىقىرىپ قويۇپ، PV ياكى IP دىن پايدىلىنىپ ئېلاندىن پۇل تاپىدىغان ئاقماس تور بەتتىن باشقىسى ئەمەسكەن. گەپنى ئاچچىق قىلدىم. لېكىن راستىنى ئېيتتىم. بىكەت ئېگىسى كۆرگەن بولسا زادى شۇنداقمۇ يوق، ئۆزىدىن بىر سوراپ باقسا بولىدۇ.

چاڭقىغان جايغا بارىدىغان، ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرىدىغان، تېخنىكىلىق پارامېتىرلارنى بىر بىرلەپ يېشىپ بېرەلەيدىغان، كۆرۈرمەنلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بەت يوق بولغانلىقتىن، بولسىمۇ مەن دېگەن نەرسىلەرنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ماشىنىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ دەسلىۋېدىلا سىنا ياكى 汽车之家 غا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمەن.

يازمىنىڭ بېشىدا تېمىغا ھەم مۇناسىۋەتلىك، ھەم مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر ئېيتىلىپمۇ قالدى. لېكىن بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدىغان، مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇپ جانلىق ئېلىپ بارسا ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان، ھەم خەلققە نەپ بېرەلەيدىغان بىر ئىش. مۇشۇنداق ئويى بار قېرىنداشلىرىمىز يەنىمۇ تەپسىلىي ئويلىنىپ قويسا بولىدۇ. قوللايمەن.

خوش، ئەمدى يازمىنىڭ پوسكاللىسىغا كېلەيلى. ئاۋال بۇ فىزىكىلىق ئاتالغۇغا ئىزاھ بېرىۋېتەيلى.

ئۇقۇم

تولغىنىش مومېنتى ( خەنچە Niu Ju  扭矩 ، ئېنگلىزچە Torsional Moment ياكى Torque ) بولسا فىزىكا ئېلمىدىكى كۈچ مومېنتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. ئۇ شەيئىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچنى كۆرسىتىدۇ. ماتورنىڭ كۈچ مومېنتى بولسا ئەگرى ئوقتىن كەلگەن كۈچ مومېنتىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردىكى مومېنت (كۈچ) تولغىنىش كۈچى. يەنى، ماتوردىن ئوق ئارقىلىق ئۇزىتىلغان كۈچنىڭ قانچىلىك كۈچ مىقدارىدا تولغىنىپ چاقنى ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر بىرلىك ھېسابلىنىدۇ.

قۇۋۋەت مۇقىم بولغاندا تولغىنىش مومېنتى بىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىشى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ماتور ئايلىنىشى بۇ چاغدا قانچە تىز بولسا، تولغىنىش مومېنتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا چوڭ بولىدۇ. بۇ پەقەت سېلىشتۇرما خالاس. چۈنكى ماتورنىڭ ئايلىنىشى بولسا قۇۋۋەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. تولغىنىش مومېنتى ماشىنىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدىكى يۈك ئارتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاتالغۇ.

خەلقئارا بىرلىكى

تولغىنىش مومېنتى كۈچ ۋە كۈچ يەلكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. خەلقئارا بىرلىكى نىيۇتون.مېتىر N.m .ئۇنىڭدىن باشقا قاداق.فۇت lb-ft  ۋە كېلوگرام مېتىر kgm قاتارلىق بىرلىكلىرىمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش. G=mg بولسا، g=9.8 دېسەك 1kg=9.8N بولىدۇ. دېمەك 1kgm=9.8Nm دېگەن گەپ.

چىگىش نوقتىنى يېشىش

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تولغىنىش مومېنتىنىڭ بىرلىكى نىيۇتون . مېتىر ياكى كېلوگرام مېتىر. يەنى 1 كېلوگرام كېلىدىغان نەرسىنى مۇشۇ كۈچ بىلەن 1 مېتىر ئارىلىققا ئىتتىرەلەيدۇ دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئۇنداق بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان 1300 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىلارنىڭ كۈچ مومېنتى ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 1500 نيۇتون مېتىردىن ئارتۇق بولغاندا ئاندىن نورمال سۈرئەتتە ماڭالايدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. شۇنداقمۇ؟ مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

8-ئەۋلات خوندا Civic 1.8 نىڭ 4300 قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتىدىكى تولغىنىش مومېنتى ئاران 173.5 Nm . ماشىنىنىڭ ئومومى ماسسىسى 1 توننىدىن ئارتۇق تۇرسا تولغىنىش كۈچى ئاران 173.5 Nm بولغان ماتور قانداق قىلىپ شۇنچە ئېغىر ماشىنىنى قوزغىتالايدىغاندۇ؟ بۇ سۇئال جايىدا سورالدى. بۇ مونۇ سەۋەبتىن :

ماشىنىنىڭ بىز بىلىدىغان <<خوت>> ئورۇنلاشتۇرۇلغان <<كورۇپكا>> قىسمى بولىدۇ. شۇنداققۇ؟ مۇشۇ كۈچكە ئېگە ماتورنى مۇشۇ كورۇپكا ئاشۇنداق گېگانت كۈچ قىلىپ ئۇزىتىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇچىسى 变速箱 . بەلكىم بۇنىڭ مەنىسىدىن بىلگەنسىلەر. بۇ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى دېگەن مەنىدە. بۇ خىزمەت كورۇپكىنىڭ ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماتورنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى بىر قاتار چىشلىق چاقلار ئارقىلىق نەچچە ھەسسە كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئېگە قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.  خۇددى غالتەكنى نەچچە رەت يۇقىرى-تۆۋەن تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىزچاق نەچچە يۈز كېلوگرام كېلىدىغان كالىنى كۈچىمەيلا كۆتىرىۋەتكەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا 170 كېلوگرام كۈچكە ئېگە ماتور 1700 كېلوگرام كېلىدىغان ماشىنىنى 200 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە چاپتۇرالايدۇ.

ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك «تېخنىكا»

يۇقارقى مەزمۇنلار مېنىڭ بۇرۇنقى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يوللىغان تېمامدىن تولۇقلىنىپ ئېلىندى. مەن شۇ يازمىدا ئېيتمىغان يەنە بىر سىرنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنىغا ئامراق يىگىتلەر بىلىشكە تېگىشىلىك كىچىككىنە تېخنىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. كۇلۇب زىيارەتچىلىرىگە ئىچىمىزدە بارنى تۆكۈۋاتىمىزغۇ ئىشقىلىپ… :-D

تولغىنىش مومېنتىنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن تېپىپ قارىساڭلار ئۇنىڭ يېزىلىش فورماتى بۇ شەكلىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا ئۈستىدىكى 8-ئەۋلاد Civic نى مىسالغا ئالايلى. شۇنىڭ تولغىنىش مومېنتى دېگەن جايدا 173.5Nm@4300rpm دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى:

«ماتور 4300 قېتىم ئايلانغاندا (rpm دېگەن قېتىم ھەر مېنۇت دېگەن گەپ. يەنى ماتور كۆرسىتىش ستىرىلكىسى 4.3 كە كەلگەندە ماتورنىڭ ھەر مىنۇتتا 4300 نى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مومېنت قىممىتى 173.5 نىيۇتون مېتىر بولىدۇ» دېگەن مەنىدە.

مۇشۇ سان-سىفىرنىڭ ئۆزى بولسىلا سىز مۇشۇ ماشىنىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ھالدا، ناھايىتى تېزلا چاپتۇرۇپ مېڭىشتىكى ھالقىنى بىلىپ ئالالايسىز. نېمىشقا دەمسىز؟ ھۇشيار بولسىڭىز سەۋەبىنى مەن ئۈستىدىكى ئابزاستا ئېيتىپ بولدۇم.
يەنى، ماتور ئايلىنىپ 4300 گە كەلگەندە ماشىنىنىڭ تارتىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ۋارقىرىتىپ 5~6 مىڭغا چىقىرىۋەتسەكمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە تارتىش كۈچى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. 4300 لىك ئايلىنىش سۈرئېتىدە ماتور ئەڭ كۈچلۈك تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 2-خوتقا تەخمىنەن .5 مىڭ 5 يۈز قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇڭ، خوت ئالمىشىپلا ماتورنىڭ ئايلىنىشى يەنە 4 مىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. بۇ دەل ماتورنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بېرىدىغان ئايلىنىش سۈرئىتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىدۇ. سىز يەنە 5 مىڭ 5 يۈزگە چىققاندا 3-خوتقا سېلىڭ، بۇ چاغدا 3-خوتقا چۈشۈپ يەنە ماي باسقاندا 4300 ئەتراپىدا ئايلىنىپ مېڭىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە چاياندەك تارتىپ ماڭىدۇ. :cool: مانا بۇ چاپتۇرۇپ ئويناشقا ئامراق يىگىتلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان تېخنىكا شۇ. بۇنى راللىي مۇسابىقىسىدە كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن بۇنى مەن راللىي ئۆگەنگەندە ئەمەس، ئۆزۈم ئىزدىنىپ، ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋالغان.

بۈگۈنكى يازمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى ئۈستىدىكى ئابزاستا دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ماشىنىغا قىزىقسىڭىز، قىزىققاندىمۇ سىرتقى كۆرىنىشى بىلەنلا ئۆرىلىشىدىغان، ماتور قىسمى بىلەن چاتىغى يوق «قىز مىجەز ماشىنا ھەۋەسكارى» بولمىسىڭىز بۇ يازما سىزگە ئەڭ ياخشى بىر بىلىم بىلەن تەمىنلىدى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.

ئەمدى سىز ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى ياكى توردىكى تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرى ئارىسىدىن بىر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى تولغىنىش مومېنتى قانچە ئىكەن؟ ئەڭ ياخشى خوت ئالماشتۇرۇش ئايلىنىش ۋاقتى قانچە بولىدىكەن؟ ئۈستىدىكى ئابزاس بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىنكاستا بىر چۈشەندۈرۈپ كۆرۈڭ.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cars-noun-explanation-torque.html/feed 8
ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە /spark-plug.html /spark-plug.html#comments Fri, 21 Oct 2011 05:32:09 +0000 پاسىبان /?p=3152 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

2010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرى
无觅 ]]>
ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

سىۋىچ ( ئېنگلىزچە Spark Plug، خەنچە 火花塞 ) بولسا ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېلنىڭ ئىش ئىشلەش دەۋرىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئۈسكەنە بولۇپ، بۇ نەرسە قىسىلغان ھاۋا بىلەن يېقىلغۇنىڭ ئارىلاشمىسىنى ئوت ئالدۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئوت ئالغاندىن كىيىنكى پارتىلاش مىخانىك كۈچ ھاسىل قىلىپ پورشىننى ئارقىغا قايتۇرىدۇ. شۇڭا سۋىچنى ئىش ئىشلەش باسقۇچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەيمىز.

 

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

دىۋىگاتېلدا ھاۋا كىرىش ئېغىزى ئېچىلىپ ئوق كەينىگە تارتىلىپ ھاۋا بىلەن يېقىلغۇنى سۈمۈرىدۇ، ئاندىن كلاپانلار ئېتىلىدۇ، ئوق يېقىلغۇ بىلەن ھاۋانى قىسىدۇ. بېسىم ئارتىلىپ تېمپراتۇرا ئاشقاندا، سۋىچ يۇقىرى بېسىمدا يېقىلغۇغا توك ئۇچقۇنى ئاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېقىلغۇ كۆيۈپ ئوقنى ئارقىغا ياندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ئېنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ.

سۋىچ تۈرى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى

كۆپ ئۇچرايدىغان سىۋىچلار ماتىرىيالىغا قاراپ ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى سىۋىچ، پلاتىنالىق سىۋىچ، ئىرىدىيلىق سىۋىچ.

زاۋۇتتىن سەپلەنگەن سىۋىچ نىكىل – مانگان بېرىكمە مىتالىدىن ياسالغان . بۇ ئادەتتىكى سىۋىچ دىگەن شۇ. ئادەتتە ئۇنى 10 مىڭ كېلومېتىر ياكى 1 يىلدا تەكشۈرۈپ ئالماشتۇرۇش لازىم. پلاتىنالىق سىۋىچ بولسا 100 مىڭ كلومېتىرغا يېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا تەتقىقاتچىلار ئىرىدىيلىق سىۋىچمۇ پلاتىنالىق سىۋىچقا ئوخشاش يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاشتى.

يۇقىرىقىدەك ئاز ئۇچرايدىغان مىتاللارنى ئىشلىتىشتىكى سەۋەپ، قىسىلغان يېقىلغۇ بىلەن ھاۋانى ئوت ئالدۇرىدىغان بۇ نەرسە 900 سېلسىيە گرادۇس شارائىتىدا خىزمەت قىلىدۇ. نىكىلنىڭ ئىرىش نوقتىسى 1500 گرادۇس ئەتراپىدا بولغاچقا بۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. پلاتىنانىڭ بولسا 2000 گرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مىتالدىن ياسالغان سىۋىچ نىكىلدىن ياسالغىنىدىن كۆپ ياخشى، ھەم مۇقىم.

سۋىچنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى

بۇنىڭ تىمپىراتۇرىغا چىداملىق بولىشىدىن سىرت، يالقۇننى جايىغا ئاتالىشى ۋە تولۇق قويۇپ بىرىشىغا قاراپ ئىقتىدارى بەلگىلىنىدۇ. يەنە ئالدىنقى تىمىدا ئېيتقاندەك، يۇقىرى سۈرئەت ۋە يۇقىرى تىزلىنىش تەلەپ قىلىنسا ئەلۋەتتە بۇنىمۇ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇنداقتا سىۋىچنى ئالماشتۇرۇشقا قانداق نەرسىلەرنى ئالماشتۇرىمىز؟ قاندىغىغا ئالماشتۇرىمىز؟

ئادەتتە سىۋىچنى خىزمەت تېمپىراتۇرىسىغا ئاساسەن تىپقا ئايرىيمىز.  سىۋىچ تاللىغاندا ئادەتتە ماتورنىڭ قىسىش نىسبىتى (压缩比)غا ئاساسەن تاللىنىدۇ. قىسىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ماتورغا سوۋۇتۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سىۋىچ تاللىنىدۇ. بازاردىكى سېتىلىدۋاتقان سىۋىچلارنىڭ ئۆلچىمى 5 گرادۇستىن 13 گرادۇسقىچە بولۇپ، زاۋۇتنىڭ سەپلىگىنى 6~7 گرادۇسقىچە بولىدۇ. بۇ سىفىرلار سىۋىچنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، سانلىق قىممىتى قانچە چوڭ بولسا سىۋىچنىڭ سوۋۇتۇش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ياسىلىشى ئىنچىكە-نەپس. ماتور يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا ئوتنى دەل جايىغا ئېتىش، تولۇق ئېتىش، ئوت سۈپىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ماتورنىڭ كۈچىنىڭ تولۇق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

سىۋىچنى ئالماشتۇرغاندا ئىقتىدارىغا ماس ھالەتتىكى سىۋىچنى تاللاش زۆرۈر. ئەگەر تۆۋەن قىسىش نىسبىتىدىكى ماشىنىغا يۇقىرى گرادۇسلۇق سىۋىچنى تاللىۋالسا تۆۋەن سۈرئەتتە ئوت ئېتىش مۇقىم بولماسلىق، ماتور ئوت ئېلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باھاسى قانچە قىممەت، ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانسىرى ماشىنىڭىز شۇنچە ياخشى ئىشلەيدۇ دىگەن گەپ ئەمەس. ئادەتتە دۆلىتىمىزگە 7 ياكى 8 بولغان سىۋىچ بولسا يېتىدۇ. 9 ياكى يۇقىرىسىنى ئىسسىق بەلباغدىكى مۇسابىقە ماشىنىلىرغا ئىشلىتىش ماس كېلىدۇ. ماتىرىيالىنىڭ قانداق بولىشىغا كەلسەك، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزىڭىز قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.

يەنە ئەسكەرتىشكە تېگىشىلىكى شۇكى، سىۋىچ ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ ماس كېلىشى، ماشىنىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە ماي تىجەپ بېرىدۇ.

سۋىچنىڭ بۇزۇلىشى

سۋىچنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 15 مىڭ كېلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك (ياخشى سۈپەتلىك) سۋىچنىڭ ئۆمرىمۇ 30 مىڭ كېلومېتىر بولىدۇ. سۋىچ خىزمەت قىلىدىغان مۇھىتنىڭ تېمپىراتۇرىسى داۋاملىق 500~600 سېلسىيە گرادۇس بولغانلىقتىن بۇنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ماتورنىڭ خىزمەت ئۈنىمىگە، ئۆمرىگە ۋە ماي ئىقتىسادچانلىقىغا پايدىلىق. ئەگەر تېمىپراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ناچار سۋىچ ئىشلەتكەندە سۋىچنىڭ خىزمىتى ماتورنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشماي چالا-پۇلا ئاتقان ئوتلىرى بىلەن ماتورنى يەنە ئەخلەتكە توشقۇزىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.

ئەگەر ماتورنىڭ ئوت ئېلىشى ياخشى بولماسلىق، يېقىلغۇغا ناچار يېقىلغۇ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى سۋىچنىڭ تېمپىراتۇرىسى نورمال خىزمەت مۇھىتىدىكىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا كاربون تەركىبلىك ئەخلەت (ئاساسلىقى تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان كاربون بېرىكمە قالدۇقلىرى) يىغىلىۋېلىپ، سۋىچ ئۇچىغا قاپلىشىپ تۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. سۋىچنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان «بۇزۇلىشى» مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. بۇنىڭ چارىسى سۋىچنى چىقىرىپ تازىلاپ تۇرۇش ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلەتلەرنى تازىلاشنىڭ يەنە بىر خىل ئەپچىل چارىسى شۇكى، ماتورنى 4 مىڭ ئەتراپىدا ئۇدا نەچچە مېنۇت ئايلاندۇرۇش. بۇنىڭدا يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەر يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيۈپ، بېسىم بىلەن مورىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.

داڭلىق ماركىلىق سۋىچلاردىن مىسال

1. ياپونىيە DENSO 电装

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

2. ياپونىيە NGK

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

3. ئامېرىكا CHAMPION 冠军

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

4. گىرمانىيە BOSCH 博世

ماشىنا ماتور قىسمىدىن - سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/spark-plug.html/feed 4
ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – چىقىرىش مىقدارى /cars-emission.html /cars-emission.html#comments Mon, 10 Oct 2011 13:04:23 +0000 پاسىبان /%d9%85%d8%a7%d8%b4%d9%89%d9%86%d8%a7-%d8%a6%d8%a7%d8%aa%d8%a7%d9%84%d8%ba%db%87%d9%84%d9%89%d8%b1%d9%89%d8%ba%d8%a7-%d8%a6%d9%89%d8%b2%d8%a7%da%be%d8%a7%d8%aa-%da%86%d9%89%d9%82%d9%89%d8%b1.html > ، << پالانچىنىڭ دادىسىنىڭ 150 لىك سۇزۇكىسى بار>> … دېگەندەك ئىشلار ئارىمىزدا قىززىق تېما ئېدى. ئۇ چاغا بەزىلەر بۇنى ماتورنىڭ ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، 250 لىك دېگىنى 25 ئات كۈچىگە ئېگە، دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى، دېيىشەتتى. لېكىن مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى سىز ماڭا ئىشىنىڭ! ئۇ بولسا ئاشۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 250 لىك ياماخا دېگىنى 250 مىللىلېتىرلىق ياماخا ماتورنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق تەرىقىدە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ. چىقىرىش مىقدارىنى قانداق پەرق قىلىمىز؟ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولسا ئەڭ مۇھىم پارامېتىر بولۇپ، ماتورنىڭ ئات كۈچىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنى ماتورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ماشىنىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىساق ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ قىزىل بايراق دەيدىغان بىر ماشىنىسى بار. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى CA7202 دېگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئالدىدىكى CA بولسا بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7 بولسا پىكاپ شەكىللىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ، ئوتتۇرىدىكى 20 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولۇپ 2.0 لىك ماتور بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىكى بىر خانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرسە بولىدۇ. باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئالدىدا ئىككى ھەرپ، ئارقىدا 4 خانە سان بولغان بولسا سىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پەرقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بەزى شىركەتلەر 4 خانە ساننىڭ ئارقىغا MT ياكى AT دېگەن ھەرپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. MT بولسا قول خوتنى، AT بولسا ئاپتۇماتىك خوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بىۋاستە ھەجمىنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇزۇكىنىڭ 羚羊1300 ماشىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 1300 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىرلىك مىللىلېتىر (ml) ياكى كۇپ سانتىمېتىر (cc) بولىدۇ. بەزى ماشىنىلاردىكى چىقىرىش مىقدارىنى بىلىش ئۇسۇللىرى چىقىرىش مىقدارىنى بەزى شىركەتلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭدا مۇقىم بىر فورمۇلا ياكى قانۇنىيەت يوق. بۇنىمۇ زاۋۇت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مىسالغا ئالساق، BMW نىڭ BMW325i دىگەن ماشىنىسىدىكى ئالدىدىكى 3 دېگەن ھەرپ ماشىنىسىنىڭ تۈرى، ئارقىسىدىكى 25 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى. يەنى 3 تۈرىدىكى 2.5 لېتىرلىق (بۇ چوقۇم 2.5 لېتىرلىقمۇ ئەمەس. بەزىدە 2.3 لېتىرلىقنى 25 دەپ ئالىدۇ. بەزىدە 3.0 لىكنى 35 دەپ ئالىدۇ) ماتور سەپلەنگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. BMW318i بولسا 3 تۈرىدىكى 1.8 لېتىرلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. BMW530i بولسا 5 تۈرىدىكى 3.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، ۋە 760 Li بولسا 7 تۈرىدىكى 6.0 لىك ماتور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يەنە بىر قانچە ئالاھىدە تۈرلىرى بار، مەسىلەن X5 ، X6, Z4 دېگەندەك. بۇلارنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كەينى تەرىپىدىن ياكى يان تەرىپىدىن يېزىلغان 3.0 ، 4.2 دېگەندەك رەقەملەردىن بىلەلەيمىز. بېنزىنىڭ يەنە باشقىچە بولۇپ، ئالدىدىكى ھەرپ تۈرىنى، ئارقىدىكى رەقەم ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، S 350 بولسا S تۈرىدىكى 3.5 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، S 500 بولسا S تۈرىدىكى 5.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، E 240 بولسا E تۈرىدىكى 2.4 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ماشىنىلاردا ماتورىنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى لېتىر بىرلىكى بويىچە يېزىپ قويىدۇ. كىيۇ-كىيۇنىڭ ئارقىدىكى 0.8 دېگىنىمۇ شۇ. ئۇنىڭ 3 تال پورشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 800 مىللىلېتىر. يەنە بىر خىلى 1.1 لىك، يەنە بىر خىلى بولسا 1.3 لىك. ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەندۈرىمىز. ماي سەرپىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ماي سەرپىياتى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق. گەرچە ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بېنزىننى مۇقىم قىلىپ فورمۇلاغا سالغىلى بولغىنى بىلەن شوپۇرنىڭ، ئەمەلىي شارائىتنىڭ، ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقىنىڭ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ … قاتارلىق بىرقاتار ئېلمىنتلارنىڭ بەلگىلەنگەن فورمۇلاسى بولمايدۇ. شۇڭا مانچە لېتىرلىق ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى مانچىلەك دەيدىغان فورمۇلانىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش. پەقەت، چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى چوڭراق بولىدۇ دېگىنىلا بولىدۇ خالاس. چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى 1 لېتىرلىقتىن تۆۋەن بۇنى ئېنىقلا شەھەرنىڭ كىچىك ئەرمەكلىرى دېيىشقا بولىدۇ. جۇغى كىچىك، سەرپىياتى تۆۋەن، تاشقى كۆرىنىشى مودىغا ماسلاشقان. بۇ ماشىنىلار قىزلارغا، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەنلەر. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىشى ئاز بولغانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز توختىماستىن ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ياسىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ماشىنا. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئېگىزرەك بىر يەرگە چىقسىڭىز، سىز <<سېتىۋالغىنىم قوڭغۇزمۇ ياكى ماشىنىمۇ؟>> دەپ قالىسىز. بۇ چاغدا سىزگە پەقەت بىر ئېغىز سۆز كۇپايە — سەبر ! ماس كېلىدىغان ئوبىكت : يېڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر، قىزلار، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كارخانىچىلار ۋەكىللىك ماشىنىلار : ئاۋتو، كىيۇ-كىيۇ، SPAKE   1.3 لېتىرلىق ھازىرقىدەك ماي باھاسى قىممەت ۋاقتىدا ماي سەرپىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي بولمايدۇ. بۇمۇ كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ياكى بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ تۈردىكى ماشىنىلىرى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلار بار. لېكىن ئىھتىياج بۇنىڭغا كۆپلەپ چۈشىۋاتقان، ھۆكۈمەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تۈر بۇ بولغاچقا، ھازىر 20 گە يېقىن ماشىنا تىپى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. فىئات، دەيخاتسۇ، تويوتا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. ماس كىلىدىغان ئوبىكت : ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئاز مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار، ماي سەرپىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭئەن بىنبىن، يېڭى ۋىئوس، كىيا تۇلپار، لىفەن 520 … 1.4~1.5 لېتىرلىق بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنى شەھەرنىڭ ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1.4 لېتىرلىق ماشىنىلارنىڭ تۈرلىرى بىر ئاز كۆپ. 1.5 لىكنىڭ ئازراق. شەھەردە كۆپ قىسىم يوللاردا 40~50 كېلومىتىرلىق چەكلىمە بار، بەزى جايلاردا بولسا 60 ، ناھايىتى ئاز قىسىم جايلاردا 80. 60 ئەتراپىدىكى بۇ سۈرئەت دەل مۇشۇ دائىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ماي تېجەيدىغان سۈرئىتى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ماشىنىلار << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماشىنا تۈرىدۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا يۇقىرى. ماس كېلىدىغان ئوبىكت : << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماتورنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭچىڭ پوچى ئېيىق، چېۋرولىت 乐风 ، ستروئىت C2 ، پەيجوت 206، خوندا فىت … 1.6 لېتىرلىق بۇ خىلىدىكى ماتورنى ئەڭ بازارلىق ماتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلار بېخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن، ئىچكى بېزىلىش ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەشەمەتلىككە قاراپ ماڭغان ماشىنا تۈرى. بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ خىلدىكىسى. ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنىڭ دەرۋازىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل. باھاسىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئىستىمالچىلارغا كەڭ تاللاش پۇرسىتى بار. بۇمۇ بۇخىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. ماس كېلىدىغان ئوبىكت : بېخەتەرلىك ۋە ماتور كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ۋەكىللىك ماشىنىلار : جېتتا ، بورا، پولو، گول، سايل، ئېكسېل، 307 ، ئېلەنترا، فەملىي … 1.8 لېتىرلىق بۇ خىلدىكى ماشىنىنى بولسا شەھەرنىڭ سەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى چوڭ، ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت، كەڭرى-تاشا، تاشقى كۆرىنىشى كۆركەم، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى، باشقۇرۇش قولاي بولۇشتەك بىر قاتار ئۈستۈن بولغان ئالاھېدىلىككە ئېگە بولغاچقا، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيتىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بىر خىل تىپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ماي سەرپىياتى جەھەتتە بىر ئاز پەرق قىلىدۇ. لىكىن ھەيدىگۈچى تەجرىبىلىك بولسا 8~9 لېتىر دىن ئاشۇرماي ھەيدىگىلى بولىدۇ. ماس كېلىدىغان ئوبىكت : ھۆكۈمەت ئىشى، ياخشىراق ئائىلە ماشىنى قىلىشنى ئويلايدىغانلار… ۋەكىللىك ماشىنىلار : كوروللا، فوكس ، ئېلەنترا ، ئېكسېل … بۇنىڭدىن يۇقىرى ھەجىمدىكى ماشىنىلار ئاساسەن ئوتتۇرا-ئالىي قاتلامدىكى ماشىنىلار بولۇپ، ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلىدىغان، چاپتۇرۇپ ئوينايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى ماس قەدەمدە چوڭىيىپ ماڭىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەت ماشىنىلارنىڭ ماتورى ئاساسەن 3.0 ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىم كۈچى ئىسراپ بولۇپلا ماڭىدىغان گەپ. ھازىرغا قەدەر 200 ئات كۈچىدىن ئارتۇق كۈچكە ئېگە ماشىنىنى، راللىي مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان چاغدا باشقۇرالايدىغان ئادەمدىن جۇڭگودا بىرسى بار دېسە مەن ئىشەنمەيمەن. ئىسراپ بولىدۇ دېيىشىمدىكى ئاساسىمنى بىلگەنسىز؟ مەنبەسى : ئىزدىنىشتىكى ئىلگىرىكى يازمام. كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتىماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچەبالوندىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – ئات كۈچىياشلارنىڭ پەچچەت تاللىشى – ئېكسېل XT 1.6Tكۆپلىگەن كىشىلەر ئالالايدىغان ماشىنا – SUZUKI SX42010-يىللىق 10 نادىر ئۇقۇم ماشىنىلىرى2010-يىللىق گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى : يىپيېڭى پولوiOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش iPhone 4S نى، ئېنىق ئېيتقاندا Siri نى بوش چاغلىماڭBMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندىBMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى]]> ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ - چىقىرىش مىقدارى

كۇلۇب يېڭىدىن قۇرۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كىيىنلا ماشىنا ساھەسىدە بىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئاتالغۇ – ئات كۈچى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. (بۇ جاينى بېسىپ شۇ يازمىغا بېرىڭ) بۈگۈن بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان «1.8 لىك ماشىنىكەن ماۋۇ» دېگەندەك جۈملىلەردىكى ئاشۇ ساننىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا، يەنى چىقىرىش مىقدارى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

 

ئۇقۇم

چىقىرىش مىقدارى 排量 Car Emission بولسا سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش ساھەسىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، پورشىننىڭ ئىچىدە كلاپان شەكىللىك ئوق بولىدۇ، ئۇ ئوق پورشىننىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىدىن ئۈستىگە بېرىپ كېلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان چىقىرىش مىقدارى بولسا، ئوقنىڭ پورشىننىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىن ئەڭ تۆۋەن قىسمىغا چۈشكىچە بولغان ئارىلىقىغا سىغىدىغان ئاقما جىسىمنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر دانە پورشىننىڭ چىقىرىش مىقدارى. ئەگەر بىر ماتوردا بىرقانچە پورشىن بولسا، ھەرقايسى پورشىننىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسى بۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى چىقىرىش مىقدارى دېگەندىن، سىغدۇرۇش مىقدارى دېگەن تۈزۈكرەك.

2011款宝来Sportline 1.4TSI手动

مەسىلەن، ئۈستىدىكىسى بولسا ۋولكسۋاگېننىڭ بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياسىغان بورا دېگەن ماشىنىسىنىڭ 1.8 لېتىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتورى. بۇنىڭدا 4 تال پورشىن بار بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ تەخمىنەن 450 مىللىلېتىر كېلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ماتورى 1.8 لېتىرلىق بولغان بولىدۇ.

ئوغۇللار بەكرەك بىلىشى مۇمكىن، موتىسىكلىتنى 250 لىك، 150 لىك، 100 لىك دەپ قويىدىغان. ھازىرمۇ شۇنداق ئاتايمىز. كىچىمىزدە <<تۈنۈگۈن ئاكامنىڭ 250 لىك ياماخاسىنى ئېچىقىپ يېرىم كۈن چاپتۇرۇپ ئويناپتىمەن>> ، << پالانچىنىڭ دادىسىنىڭ 150 لىك سۇزۇكىسى بار>> … دېگەندەك ئىشلار ئارىمىزدا قىززىق تېما ئېدى. ئۇ چاغا بەزىلەر بۇنى ماتورنىڭ ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، 250 لىك دېگىنى 25 ئات كۈچىگە ئېگە، دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى، دېيىشەتتى. لېكىن مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى سىز ماڭا ئىشىنىڭ! ئۇ بولسا ئاشۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 250 لىك ياماخا دېگىنى 250 مىللىلېتىرلىق ياماخا ماتورنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق تەرىقىدە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ.

چىقىرىش مىقدارىنى قانداق پەرق قىلىمىز؟

ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولسا ئەڭ مۇھىم پارامېتىر بولۇپ، ماتورنىڭ ئات كۈچىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنى ماتورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ماشىنىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىساق ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ قىزىل بايراق دەيدىغان بىر ماشىنىسى بار. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى CA7202 دېگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئالدىدىكى CA بولسا بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7 بولسا پىكاپ شەكىللىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ، ئوتتۇرىدىكى 20 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولۇپ 2.0 لىك ماتور بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىكى بىر خانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرسە بولىدۇ. باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئالدىدا ئىككى ھەرپ، ئارقىدا 4 خانە سان بولغان بولسا سىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پەرقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بەزى شىركەتلەر 4 خانە ساننىڭ ئارقىغا MT ياكى AT دېگەن ھەرپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. MT بولسا قول خوتنى، AT بولسا ئاپتۇماتىك خوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بىۋاستە ھەجمىنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇزۇكىنىڭ 羚羊1300 ماشىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 1300 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىرلىك مىللىلېتىر (ml) ياكى كۇپ سانتىمېتىر (cc) بولىدۇ.

بەزى ماشىنىلاردىكى چىقىرىش مىقدارىنى بىلىش ئۇسۇللىرى

چىقىرىش مىقدارىنى بەزى شىركەتلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭدا مۇقىم بىر فورمۇلا ياكى قانۇنىيەت يوق. بۇنىمۇ زاۋۇت ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

مىسالغا ئالساق، BMW نىڭ BMW325i دىگەن ماشىنىسىدىكى ئالدىدىكى 3 دېگەن ھەرپ ماشىنىسىنىڭ تۈرى، ئارقىسىدىكى 25 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى. يەنى 3 تۈرىدىكى 2.5 لېتىرلىق (بۇ چوقۇم 2.5 لېتىرلىقمۇ ئەمەس. بەزىدە 2.3 لېتىرلىقنى 25 دەپ ئالىدۇ. بەزىدە 3.0 لىكنى 35 دەپ ئالىدۇ) ماتور سەپلەنگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. BMW318i بولسا 3 تۈرىدىكى 1.8 لېتىرلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. BMW530i بولسا 5 تۈرىدىكى 3.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، ۋە 760 Li بولسا 7 تۈرىدىكى 6.0 لىك ماتور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يەنە بىر قانچە ئالاھىدە تۈرلىرى بار، مەسىلەن X5 ، X6, Z4 دېگەندەك. بۇلارنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كەينى تەرىپىدىن ياكى يان تەرىپىدىن يېزىلغان 3.0 ، 4.2 دېگەندەك رەقەملەردىن بىلەلەيمىز.

بېنزىنىڭ يەنە باشقىچە بولۇپ، ئالدىدىكى ھەرپ تۈرىنى، ئارقىدىكى رەقەم ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، S 350 بولسا S تۈرىدىكى 3.5 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، S 500 بولسا S تۈرىدىكى 5.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، E 240 بولسا E تۈرىدىكى 2.4 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ماشىنىلاردا ماتورىنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى لېتىر بىرلىكى بويىچە يېزىپ قويىدۇ. كىيۇ-كىيۇنىڭ ئارقىدىكى 0.8 دېگىنىمۇ شۇ. ئۇنىڭ 3 تال پورشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 800 مىللىلېتىر. يەنە بىر خىلى 1.1 لىك، يەنە بىر خىلى بولسا 1.3 لىك. ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەندۈرىمىز.

ماي سەرپىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ماي سەرپىياتى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق. گەرچە ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بېنزىننى مۇقىم قىلىپ فورمۇلاغا سالغىلى بولغىنى بىلەن شوپۇرنىڭ، ئەمەلىي شارائىتنىڭ، ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقىنىڭ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ … قاتارلىق بىرقاتار ئېلمىنتلارنىڭ بەلگىلەنگەن فورمۇلاسى بولمايدۇ. شۇڭا مانچە لېتىرلىق ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى مانچىلەك دەيدىغان فورمۇلانىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش. پەقەت، چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى چوڭراق بولىدۇ دېگىنىلا بولىدۇ خالاس.

چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى

1 لېتىرلىقتىن تۆۋەن

بۇنى ئېنىقلا شەھەرنىڭ كىچىك ئەرمەكلىرى دېيىشقا بولىدۇ. جۇغى كىچىك، سەرپىياتى تۆۋەن، تاشقى كۆرىنىشى مودىغا ماسلاشقان. بۇ ماشىنىلار قىزلارغا، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەنلەر. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىشى ئاز بولغانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز توختىماستىن ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ياسىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ماشىنا. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئېگىزرەك بىر يەرگە چىقسىڭىز، سىز <<سېتىۋالغىنىم قوڭغۇزمۇ ياكى ماشىنىمۇ؟>> دەپ قالىسىز. بۇ چاغدا سىزگە پەقەت بىر ئېغىز سۆز كۇپايە — سەبر !

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : يېڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر، قىزلار، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كارخانىچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : ئاۋتو، كىيۇ-كىيۇ، SPAKE

 

1.3 لېتىرلىق

ھازىرقىدەك ماي باھاسى قىممەت ۋاقتىدا ماي سەرپىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي بولمايدۇ. بۇمۇ كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ياكى بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ تۈردىكى ماشىنىلىرى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلار بار. لېكىن ئىھتىياج بۇنىڭغا كۆپلەپ چۈشىۋاتقان، ھۆكۈمەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تۈر بۇ بولغاچقا، ھازىر 20 گە يېقىن ماشىنا تىپى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. فىئات، دەيخاتسۇ، تويوتا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.

ماس كىلىدىغان ئوبىكت : ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئاز مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار، ماي سەرپىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭئەن بىنبىن، يېڭى ۋىئوس، كىيا تۇلپار، لىفەن 520 …

1.4~1.5 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنى شەھەرنىڭ ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1.4 لېتىرلىق ماشىنىلارنىڭ تۈرلىرى بىر ئاز كۆپ. 1.5 لىكنىڭ ئازراق. شەھەردە كۆپ قىسىم يوللاردا 40~50 كېلومىتىرلىق چەكلىمە بار، بەزى جايلاردا بولسا 60 ، ناھايىتى ئاز قىسىم جايلاردا 80. 60 ئەتراپىدىكى بۇ سۈرئەت دەل مۇشۇ دائىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ماي تېجەيدىغان سۈرئىتى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ماشىنىلار << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماشىنا تۈرىدۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا يۇقىرى.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماتورنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭچىڭ پوچى ئېيىق، چېۋرولىت 乐风 ، ستروئىت C2 ، پەيجوت 206، خوندا فىت …

1.6 لېتىرلىق

بۇ خىلىدىكى ماتورنى ئەڭ بازارلىق ماتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلار بېخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن، ئىچكى بېزىلىش ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەشەمەتلىككە قاراپ ماڭغان ماشىنا تۈرى. بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ خىلدىكىسى. ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنىڭ دەرۋازىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل. باھاسىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئىستىمالچىلارغا كەڭ تاللاش پۇرسىتى بار. بۇمۇ بۇخىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : بېخەتەرلىك ۋە ماتور كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : جېتتا ، بورا، پولو، گول، سايل، ئېكسېل، 307 ، ئېلەنترا، فەملىي …

1.8 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىنى بولسا شەھەرنىڭ سەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى چوڭ، ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت، كەڭرى-تاشا، تاشقى كۆرىنىشى كۆركەم، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى، باشقۇرۇش قولاي بولۇشتەك بىر قاتار ئۈستۈن بولغان ئالاھېدىلىككە ئېگە بولغاچقا، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيتىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بىر خىل تىپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ماي سەرپىياتى جەھەتتە بىر ئاز پەرق قىلىدۇ. لىكىن ھەيدىگۈچى تەجرىبىلىك بولسا 8~9 لېتىر دىن ئاشۇرماي ھەيدىگىلى بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : ھۆكۈمەت ئىشى، ياخشىراق ئائىلە ماشىنى قىلىشنى ئويلايدىغانلار…
ۋەكىللىك ماشىنىلار : كوروللا، فوكس ، ئېلەنترا ، ئېكسېل …

بۇنىڭدىن يۇقىرى ھەجىمدىكى ماشىنىلار ئاساسەن ئوتتۇرا-ئالىي قاتلامدىكى ماشىنىلار بولۇپ، ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلىدىغان، چاپتۇرۇپ ئوينايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى ماس قەدەمدە چوڭىيىپ ماڭىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەت ماشىنىلارنىڭ ماتورى ئاساسەن 3.0 ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىم كۈچى ئىسراپ بولۇپلا ماڭىدىغان گەپ. ھازىرغا قەدەر 200 ئات كۈچىدىن ئارتۇق كۈچكە ئېگە ماشىنىنى، راللىي مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان چاغدا باشقۇرالايدىغان ئادەمدىن جۇڭگودا بىرسى بار دېسە مەن ئىشەنمەيمەن. ئىسراپ بولىدۇ دېيىشىمدىكى ئاساسىمنى بىلگەنسىز؟

مەنبەسى : ئىزدىنىشتىكى ئىلگىرىكى يازمام.

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/cars-emission.html/feed 5
BMW X6 نىڭ Hybrid نۇسقىسىنى ياساش بېكار قىلىندى /bmw-x6-active-hybrid-cancelled.html /bmw-x6-active-hybrid-cancelled.html#comments Wed, 05 Oct 2011 02:29:00 +0000 پاسىبان /?p=2925 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
BMW 5 نىڭ 535 ئات كۈچىلىك Hybrid ماشىنىسى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

BMW ئۇقۇم ماشىنىسى Vision Efficient Dynamics دۈبەيدە

ياشلارنىڭ پەچچەت تاللىشى – ئېكسېل XT 1.6T
无觅 ]]>
BMW X6 Active Hybrid Cancelled

Hybrid نىڭ نېمىلىكىنى بىلىسىلەر. ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك دېگەن مەنىدە. BMW نىڭ دالا چاپقۇرى X6 نى مۇشۇنداق ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك قىلىپ لايىھەلىگەندىن كىيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كېچىلگەن ئىكەن. بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟

Hybrid ئېنىرگىيە تېجەشتىكى ئىسىل تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر ھەرقايسى ماشىنا ياساش كارخانلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتىدۇ. BimmerFile نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق بىر خەۋەر بېرىلگەن:

ئەگەر سىز تېز سۈرئەت ۋە يۇقىرى ئىقتىدارنى قوغلىشىدىغان، دۇنيادىكى پەقەت 10 نىڭ بىرىنىڭ ئېگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشى بولسىڭىز، تېزدىن شۇ جايدىكى BMW سېتىش دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭ. چۈنكى 480 ئات كۈچى، 780 نىيۇتن . مېترىلىق تولغىنىش مومېنتىغا ئېگە دالا چاپقۇرى BMW X6 ActiveHybrid تۇيۇقسىز ئىشلەپچىقىرىش ھاياتىنى ئاياغلاشتۇردى.

ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك Hybrid ماشىنىلارنىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن پەچەت، كۈچلۈك. لېكىن خېلىلا ئېغىر. BMW X6 نى مىسالغا ئالساق Hybrid لىقى نورمالدىكىسىگە قارىغاندا 400 قاداق (181 كېلوگرام) ئېغىر.

مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى BMW X6 ActiveHybrid نورمال نەشىردىكى V6 ياكى V8 لىك ماتورلۇق نۇسقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا شەھەر ئەتراپىدىكى خىلۋەت جايلاردا ھەيدىگەندە ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرەلمەيدىكەن. ئۇنداقتا نۇرغۇن پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ بۇ ماشىنىنى سېتىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى قالدى؟ مۇشۇ سەۋەبلىك BMW تەرەپ مەغلۇب بولغان بۇ تۈرنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشنى قارار قىلغان.

تۆۋەندە دۇنيادا پەقەت نەچچىسىلا بار بولغان بۇ دالا چاپقۇرىنىڭ 46 پارچە تەگلىك رەسىمىنى تەمىنلىدىم. ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ تەگلىك قىلىۋالساڭلار بولىدۇ.

查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册查看相册

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/bmw-x6-active-hybrid-cancelled.html/feed 11
كىچىك ئائىلىگە باپ ئىخچام ماشىنا – Hyundai i30 /hyundai-i30.html /hyundai-i30.html#comments Thu, 29 Sep 2011 02:00:53 +0000 پاسىبان /?p=2635 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

دورامچۇق ئىت-مۈشۈكلەرنىڭ جېڭى يەنە باشلىنىپتۇدەك

ماشىنا ماتور قىسمىدىن – سۋىچ ھەققىدە چۈشەنچە
无觅 ]]>

كىچىك، ئىخچام تۈرىدىكى ماشىنىلار مەيلى يېڭى ماشىنا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە بولسۇن، 2-قول ماشىنا بازىرىدا بولسۇن ئەڭ كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدىغان تۈر. نۆۋەتتە 50 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ماشىنىلار كوچىدىمۇ، بازاردىمۇ جىق. بۈگۈن مۇشۇ كاتېگورىيىگە كىرىدىغان ماشىنىدىن بىرنى، يەنى Hyundai i30 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

北京现代i30外观实拍图

قارىماققا ياۋروپا ماشىنىلىرىغا خاس ئالاھېدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھاندەينىڭ بۇ كىچىك ماشىنىسى سىرتقى كۆرىنىشىدىن BMW نىڭ 1 تۈرىگىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ. يېقىندىن بۇيان كورىيەنىڭ ماشىنىلىرى لايىھەدە چوڭ ئىنقىلاب ئېلىپ باردى.

北京现代i30到店实拍图片-外观

يېقىندىن بۇيان لايىھەلىنىۋاتقان كورىيە ماشىنىلىرىدە بۇرۇنقىدەك مىجىق، سەت لايىھەلەر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. باشتىن-ئاخىر ئۇلاشقان سىزىقچە لايىھەلىرى ياۋرۇپا ماشىنىلىرىن ئېلھام ئالغاندەكلا. ھايدەينىڭ يېڭى ئېلەنترا، سوناتالىرى، كىيانىڭ K3, K5, K7 لىرى نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ ئۆزىلا. لايىھەدە گەپ يوق ئىدى.

北京现代i30到店实拍

بۇ ماشىنىنىڭ 2007-يىللىق فرانكفورت ماشىنا كۆرگەزمىسىنىڭ رېژىسسورى لايىھەگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ماشىنىلاردىكى ياۋرۇپاچە پۇراق مۇشۇ كىشىنىڭ لايىھەسىدىن يۇققان بولىشى مۇمكىن. بۇ ماشىنىنىڭ ئوق ئارىلىقى 2.65 مېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 ساندۇقلۇق ماشىنا ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئىچ بوشلۇقى ھەر ھالدا خېلى چوڭ.

北京现代i30到店实拍

بۇ ماشىنىنىڭ ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت ئەمەس، لېكىن ئاددى بولۇپ ئۆزگىچە ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىچكى بېزىلىشگە قارىساق بۇنىڭ ئاكىسى ئېلەنترانىڭ 2 ساندۇقلۇق نۇسقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

北京现代i30到店实拍图片-内饰

بېزىلىشى ئاددى بولسىمۇ، كېتەرلىك نەرسىلەرنى يەنە تاپقىلى بولىدۇ. رولىدا ئاۋاز كونترول قىلىدىغان كونۇپكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

北京现代i30到店实拍图片-内饰

كۆرسىتىش ئېكرانى. بۇنىڭدىمۇ ئارتۇقچە ھەشەم-دەرەملەر يوق. لېكىن لازىملىق نەرسىلەر يەنىلا كەم ئەمەس.

北京现代i30到店实拍图片-内饰
كۆرسىتىش ئېكرانىنىڭ چىرىقى بولىدىكەن.

北京现代i30到店实拍

مەركىزى كونتروللاش رايونى. بۇ يەردىكى نەرسىلەرمۇ سېممېترىك ھالدا لايىھەلىنىپتۇ. خۇددى ئوتتۇرىغا بىر تال ئەينەك قويۇپ قويغاندەكلا.

北京现代i30到店实拍图片-内饰

بۇ ماشىنىنىمۇ ئاپتۇماتىك خوتلۇقى بار. ئېھتىياجغا قاراپ تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

北京现代i30内饰实拍图

ئەلۋەتتە، قول خوتلىقىمۇ كام ئەمەس.

北京现代i30到店实拍

ئادى رەتتىن بىر كۆرۈنۈش. خېلىلا كۆركەمدەك قىلامدۇ نېمە؟

北京现代i30到店实拍图片-内饰
تۆت ئەينەكنىڭ ھەممىسى توكلۇق چىقىپ چۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتىغۇ 30 مىڭنىڭ يۇقىرىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى شۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇ بىر بولۇشقا تېگىشلىك سەپلىمە بولغانلىقتىن بىر كۆرسىتش كېرەك ئەلۋەتتە.

北京现代i30到店实拍图片-内饰

ھازىرقى مودا بولىۋاتقان يەنە بىر سەپلىمە – تۈڭلۈك

北京现代i30到店实拍图片-内饰
ماۋۇ نەرسە مېنىڭچە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىر نەرسە. ئۆزىنىڭ خۇنى تايىنلىق بولسىمۇ، ناھايىتى ئەپلىك. مۇشۇ نەرسە بولسا مەن ماشىنا ھەيدىسەم ئىنتايىن راھەت ھېس قىلىمەن. بىر قولۇمدا ماشىنا ھەيدەپ كۆنۈپ قالغاچقا ئوڭ قولۇمنى قويىدىغان جاي تاپالماي ئىچىم سىقىلىپ قالىدۇ. بۇ ماشىنىدا لايىھەلىنىشىدىلا بار ئىكەن.

北京现代i30到店实拍

iPhone, iPod touch, iPad لەردىكى 3.5 مىللىمېتىرلىق قۇلاقلىق سالىدىغان جايغا ئوخشايدىغان AUX ئىسىملىك بۇ «ئوقەت» نىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بۇ ئورۇنغا ھەر ئىككى ئۇچى مۇشۇنداق بولغان سىم كېتىدۇ. بىر ئۇچىنى iPhone غا ئۇلاپ يەنە بىر ئۇچىنى بۇ يەرگە ئۇلىساق، ئايفون خۇددى قۇلاقلىق تونۇغاندەك ئۆزىدىكى ئاۋازنى ماشىنىغا يوللايدۇ. ئەلۋەتتە، ماشىنىدا خۇددى رادىئو ۋە CD نى تاللىغانغا ئوخشاش AUX نى تاللىساق ئاندىن بۇ ئاۋازنى ماشىنىنىڭ ياڭراتقۇسىدىن چىقىرىدۇ. بەلەن نەرسە. مەن داۋاملىق ماشىنىدا ئايفونۇمدىكى ناخشىلارنى مۇشۇنداق ئاڭلاپ ماڭىمەن. لېكىن تېلىفون كەلسە مىكروفۇنى بولمىغانلىقتىن سىمىنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن پاراڭلىشىدىكەنمەن.

北京现代i30到店实拍
ماشىنىنىڭ چوڭ-كىچىلىكىنى ماۋۇ رەسىمدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

图片详解北京现代i30外观

ئالدى تەرەپتىكى تۇمان چىرىقى ئوتتۇرا تورسىمان قىسمى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى پارقىراق مېتال رەڭدە بولۇپ، ھەشەمەت كۆرۈنىدۇ.

图片详解北京现代i30外观

ئالدى تورنىڭ ماۋۇ لايىھەسىدىن ياۋرۇپا پۇراپ تۇرىدىكەن.

图片详解北京现代i30外观

ھازىرى ماشىنىلاردا ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېگىز ئورۇنلاشقان تورموز چىرىقى مودا بوپكەتتى. ماۋۇ كىچىك ھاندەيچاقمۇ مودىدىن قالماپتۇ مانا.

图片详解北京现代i30外观

ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن سەپلىمە ئاز ئەمەس. زاۋۇتتىكى ئەسلى لايىھەدىمۇ ئارقا خوتقا سالغاندا دەرھال خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىدىغان بىخەتەرلىك رادارى سەپلەنگەن ئىكەن. ئاددى بولسىمۇ، مۇھىم نەرسىلەر يەنىلا تولۇقكەن.

图片详解北京现代i30外观

بۇرۇنقى تۇلپار دەيدىغان بىر ئۇرۇق-تۇققىنى بار ماۋۇ ماشىنىنىڭ. كۆزى ئاشۇ سەت ماڭنۇرغىلا ئوخشايتى. چىراق دېگەننى مانا مۇنداق يىگەن-ئىچكەندەك لايىھەلىمەمدۇ دەيمەن.

图片详解北京现代i30外观

بايا BMW نىڭ 1 تۈرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ دەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئېدۇق. ئوخشامدۇ ئوخشىمامدۇ بىر قاراپ باقايلى قېنى.

图片详解北京现代i30外观

ماشىنىنىڭ گەۋدە قىسمىنىڭ چىرايلىق لايىھەلىنىشىنى پەچەت كاستىيۇم كىيگەن كىشىگە ئوخشاتساق، چاقى ۋە بەندىشىنى ئاياغقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئاياغ ياراشمىسا كىيىم كېچەكمۇ پەقەت ئاچمايدۇ. بۇ شۇمتەكنىڭ بەندىشى ماڭا تولىمۇ ياقتى. 16 سۇڭلۇق بەنداشتىن سپورت پۇراپ تۇرىدىكەن. چاقىغا ئەلۋەتتە ۋەتەنپەرۋەر كورىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ كۇمھوسىنى ئىشلىتىدۇدە.

图片详解北京现代i30外观

ھاندەي ھازىرقى ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن VVT نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنى دەسلەپ تويوتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن. ئەمدى تاس قېلىۋاتىدۇ ھېندىستاننىڭ تاتاسىمۇ ئىشلەتكىلى. تەرەققى قىلسا مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

图片详解北京现代i30外观

پارقىراق مىتال رەڭدىكى تۇتقۇچ ماشىنىغا بۆلەكچە ئىسكەت بېرىدۇ جۇمۇ.

图片详解北京现代i30外观

ھەممىسى ئالىي ماشىنىلارنى دورىغىلى تۇردى. شەكلىنى BMW غا ئوخشاتسا بۇرۇلۇش چىرىقىنى BENZk غا.

图片详解北京现代i30外观

چىراقنى لايىھەلىگۈچىگە خۇدا بىر بەرىكەت بەرگەن كىشىكەنمۇ دەيمەن، كەينىدىكى چىراقنىمۇ يامان بەك بەرىكەتلىك لايىھەلەپتۇ. ئەپسۇس، يوپيورۇق يانىدىغان LED قىلىۋەتكەن بولسا …

图片详解北京现代i30外观

ئادەمنىڭ يۈرىكى بولسا، ماشىنىنىڭ ماتورى بار. ماتور ماشىنىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ، ھەقىقەتەن تولىمۇ چوڭ بىۋاستە ئامىل. مونو ھاندەيچاققا 2 خىلى ماتور سەپلەنگەن ئىكەن. بىرى، قىزلارغا ماس كېلىدىغان 1.6 لىك ماتور بولۇپ، 123 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 4200 نى ئايلانغاندا 155 كېلوگرام.
يەنە بىرى ئوغۇللار ئۈچۈن 2.0 لىك ماتور سەپلەنگەن نۇسقىسى بولۇپ، 143 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 4200 نى ئايلانغاندا 186 كېلوگرام.

图片详解北京现代i30发动机

ئالدى رەت ئورۇندۇق قارىماققا سپورت ماشىنىلىرىنىڭكىگىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

图片详解北京现代i30内饰

كەينى رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشقا ئىستاكان ۋە جەينەك قويىدىغان يەرمۇ كام ئەمەسكەن. بۇ ماشىنا گەرچە كىچىك تىپتىكى ماشىنا بولسىمۇ، لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن تاپقىلى بولىدىكەن.

图片详解北京现代i30内饰

ماشىنا كىچىك بولغىنى بىلەن، ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇقنى پەچەت تۈزلىۋەتكىلى بولىدىكەن. بۇ كىشىگە بۆلەكچە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەسلىدىكى 307 لېتىرلىق بوشلۇق، ئارقا ئورۇندۇقنى ياتقۇزىۋەتكەندىن كىيىن 1217 لېتىرغا چوڭىيىپتۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى سەپەرگە چىققاندا بۇ يەرگە يوتقاندىن بىرنى ئېلىۋېلىپ ئانا-بالا ياتسىمۇ بولامدۇ نېمە؟

图片详解北京现代i30内饰

ئارقا رەتتىكى بوشلۇقنى ئەمەلىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈش

图片详解北京现代i30内饰

ھاندەي i30 نىڭ تىزلىنىش سىنىقىدا (0 سۈرئەتتىن 100گە چىقىش سىنىقى) 9.6 سېكونت نەتىجىگە ئېرىشىلگەن. بۇ 2.0 لىك ماتوردىكى نەتىجە بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى ماشىنىلاردىن فورد فوكۇس 9.4 سېكونت، پېژۇت 307 9.3 سېكونت، سىتروئېن س كۇۋاترو 世嘉 بولسا 9.8 سېكونت ئىكەن. ھاندەي i30 نىڭ نەتىجىسىنى خېلى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن مېنىڭ شەخسەن قارىشىمدا، 2.0 لىككە قارىغاندا 1.6 لىكنىڭ يەنە كۈچى بار ئىكەن.

新浪试驾北京现代i30动态实拍

تورموز سىنىقىدا بولسا نەتىجە تازا كۆرۈنەرلىك ئەمەس. نەچچە قېتىملاپ سىناشتا (100 سۈرئەتتە تورموزلا 0 گە چۈشكۈچە كەتكەن ئۇزۇنلۇق) 45.2 مېتىر بولۇپ چىققان. بۇ نەتىجە كىشىنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

新浪试驾北京现代i30动态实拍

2.0 لىك نۇسقىسىنىڭ ماي سەرپىيات سىنىقىدا 100 كېلومېتىرغا 7.55 لېتىر ماي سەرپ قىلغان. بۇ تەجرىبە بىر قەدەر راۋان بولغان يولدا سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر داۋاملىق يول قىستاڭ بولىدىغان جايلاردا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن 1 لېتىردىن 2 لېتىرغىچە قوشۇلىشى مۇمكىن.

بۇ ماشىنىنىڭ شاۋقۇن يوقىتىش ئىقتىدارىنى خېلىلا ياخشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ماتور ئوت ئېلىنغان چاغدا ئاران 46.3 دېتسىبېل. 120 كېلومېترىلىق سۈرئەتتە 72.1 دېتسىبېل چىققان. تەپسىلاتىنى رەسىمدىن كۆرۈڭ.

ھاندەي i30 نىڭ 1.6 لىك ۋە 2.0 لىك نۇسقىلىرى بار. بۇلارنىڭ باھالىرىنى ئايرىم-ئايرىم تىزىپ چىقايلى. ئاۋال 1.6 لىكنىڭ باھاسىنى تىزىپ چىقايلى:
قول خوت راھەت تىپلىق: 99 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوت راھەت تىپلىق: 109 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
قول خوت ئالىي تىپلىق: 112 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوت ئالي تىپلىق: 120 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
قول خوت ھەشەمەت تىپلىق: 120 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوت ھەشەمەت تىپلىق: 129 مىڭ 8 يۈز يۈەن.

2.0 لىكىنىڭ پەقەت 2 خىل تۈرى بار بولۇپ، ئۇلار:
قول خوتلىقى: 131 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوتلىقى: 141 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
Hyundai i30 نىڭ رىقابەتچى ماشىنىلىرىدىن بىر ئىككىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بۇ ماشىنىنى ئويلاشقانلار بۇلارنىمۇ ئويلاشسا تامامەن بولىدۇ.
1. نىسسان تىدا

2011款骐达1.6T高清到店实拍

2011款骐达1.6T高清到店实拍

2. پېژۇت 307

新标致307三厢外观整体

新标致307三厢外观整体

3. فورد فوكۇس

2011款福克斯两厢2.0自动运动型外观

2011款福克斯两厢2.0自动运动型外观

4. سىتروئىن س كۇۋاترو 世嘉

2011款世嘉两厢实拍

2011款世嘉两厢实拍

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/hyundai-i30.html/feed 2
NFS نى ئوينىسىڭىز بوپتۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلمىغان ياخشى ئىدى… /nfs-true-version.html /nfs-true-version.html#comments Sat, 30 Jul 2011 04:46:54 +0000 پاسىبان /?p=2371 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ئايفوننى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەن

دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

iOS 5 نى نامۇكەممەلمۇ ئەمەس، مۇكەممەلمۇ ئەمەس بىر نېمە قىلىش

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش
无觅 ]]>

NFS ئويۇنىنى بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ياقتۇرمايدىغىنىمىز يوققۇ دەيمەن. بۇ ئويۇننىڭ 9-نەشىرى Need For Speed Most Wanted دىن باشلاپ ئەمەلىيەتچانلىقى بەكلا كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. لېكىن ھەر قانداق بىر يېڭى نەشىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئويۇننىڭ بېشىدىكى «بۇ پەقەت ئويۇن، ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا قاتناش قائىدىسگە رىئايە قىلىپ ئاستا مېڭىڭ. تاسمىنى تاقىۋېلىڭ» دېگەندەك بۇ سۆز-ئىبارىلەر ئۆزگەرگىنى يوق. بەزەنلەر بۇنىڭغا تازا ئېتىبارسىز قارىغاندەك قىلىدۇ

باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ھەقىقىي تۇرمۇش نەشىرىدىكى NFS ئىكەن. بۇنداق ھەيدىگۈچى قانداق بىر قاپيۈرەكتۇر دېيىشىڭىز مۇمكىن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ بىر ئايال كىشى ئىكەن. (34 سېكونتتىكى ۋاقىت بۇ سىننىڭ يورۇق نوقتىسى)

ئايفون ۋە ئايپەد تە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ.


كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/nfs-true-version.html/feed 3
ئايفوننى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەن /iphone-play-nfs-14.html /iphone-play-nfs-14.html#comments Wed, 22 Jun 2011 11:18:43 +0000 پاسىبان /?p=2198 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
دۆلىتىمىز ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئالما دەۋرى

ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

سىرىنى iPhone 4 كە سۆرەپ ئەكىرەيلىمۇ؟

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش

Apple نىڭ Steve Jobs نى خاتىرىلەش مۇراسىمى
无觅 ]]>

iPhone نىڭ بىز بىلمەيدىغان، ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قوللىنىشچانلىقى بار. بىز تېخى بۇنىڭ ناھايىتىمۇ ئاز بىرقىسمىنى ئاڭلىغان ۋە ئىشلىتىۋاتقان بولىشمىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە خەنلەر تاماق قۇتىسىنىڭ ئاغزىغا iPhone نى باغلاپ NFS 14 ئويۇنىدىكى بۇگاتىنى چاپتۇرغىلى تۇرۇپتۇ…

بۇلارنىڭ كاللىسى بەكلا ئىشلەپتۇ. ئايفوننى تاماق يەپ بولۇپ تاشلىۋېتىدىغان تاماق قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ياپىدىغان «تۇۋاق» قا باغلاپ رول ياساپتۇ. ئاندىن ئۇنى مەلۇم بىر ئەپ ئارقىلىق ئايفوننى NFS تىكى ماشىنىنىڭ رولىغا ئايلاندۇرۇپتۇدە، بۇ «ئۆزگىچە» رول بىلەن بۇگاتىلارنى چاپتۇرۇپ يۈرۈپتۇ

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/iphone-play-nfs-14.html/feed 7
دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنىلارنىڭ قانداق زاۋۇتتىن چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ /ultimate-factory-bugatti.html /ultimate-factory-bugatti.html#comments Mon, 13 Jun 2011 06:00:30 +0000 پاسىبان /?p=2153 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

ئۇنىۋېرسال قويغۇچ بۈگۈن ھەقسىز! بازار چاققاننىڭ!

تەۋسىيە: بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئېسىل ئەپ

فورد فىيېستانىڭ دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى تەۋەللۇت قىلدى
无觅 ]]>

بۇ – ئىنژىنىرلىق ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەسەر! بۇ – سائىتىگە 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن «ئۇچىدىغان» سەنئەت بويۇمى! بۇنىڭ بىر بۆلىكى ئايرۇپىلان، بىر بۆلىكى ئاپتوموبىل. بۇ مىتال ۋە پلاستىك ئېلىمېنتلارنىڭ سۈرئەت بىلەن يۇغۇرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن دۇنيادا پەقەت 300 دانىلا بار. مانا بۇ – دەھشەت قىممەتلىكىگە ماس كەلگۈدەك دەھشەت ماشىنا – بۇگادى ۋېيرون!

بىز ئىلگىرى بۇگاتى ( BUGATTI ) دېگەن بۇ نامنى چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ماشىنىنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا دېگەن نام بىلەن ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق، بۇ ماشىنا ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا.

بۇگاتى ئىتالىيەنىڭ ماركىسى بولۇپ، بۇنىڭ زاۋۇتى فرانسىيەدە. بۇ ماركا گىرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتىگە تەۋە. شىركەت قۇرغۇچىسى Ettore Bugatti ماركىغا ئۆزىنىڭ نامىنى بەرگەن. بۇگادى ۋېيروننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 25 مىليون خەلق پۇلى بولۇپ، بۇ تېخى باشلىنىش باھاسى. قوشۇمچە ئالىدىغان نەرسىلىرى بىلەن تەخمىنەن 30 مىليوندىن ئاشىدۇ. 2008-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى شاڭخەي دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزىدە 2 ھەپتە كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كىيىن 43 مىليون يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىلغان. بۇ ماشىنىنىڭ قىسقىچە پارامېتىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

ماركا : Bugatti 布加迪

باھاسى : 25 مىليوندىن باشلىنىدۇ

ئۆلچىمى : 4462mm*1998mm*1204mm

ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى : 407km/h

0-100 تىزلىنىش : 2.5 سېكونت

قوزغىلىش شەكلى : ماتور ئوتتۇرىدا، 4 چاق قوزغىلىدىغان.

تورموز : شامال ئۆتۈشىدىغان چاق-چۇق تورموز

ئېغىرلىقى : 1888 كېلوگرام

ماي باك ھەجمى : 100 لېتىر

ئورۇندۇق : 2

ماتور ھەجمى : 8 لېتىر

ئات كۈچى : 1001 HP

مانا يۇقارقىدەك. بۇنىڭغا 16 سېلىندىرلىق 8.0 لىك ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر 4 سېلىندىرغا 1 دىن تۇربو قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 4 دانە تۇربو بار. بۇ ماشىنىنى بۇگاتى ۋېيرون 16.4 دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب. 16 بولسا سېلىندىر سانىغا، 4 بولسا تۇربو سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماتورى 7996 cc بولۇپ، پەقەت 1000 ئايلىنىش سۈرئىتىدىلا 730 نىيوتۇن . مېتىرلىق تولغىنىش مومېنت كۈچى بېرەلەيدۇ. ماتور ئايلىنىپ 2200 گە كەلگەندە 1250 نىيۇتۇن . مېتىرلىق تولغىنىش مومېنتقا چىقىپ تاكى 5500 گىچە داۋاملىشىدۇ. ماتورى مۇشۇنداق كۈچلۈك بولغانلىقتىن تىنچ سۈرئەتتىن 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىشىغا پەقەت 2.5 سېكونت ۋاقىت كىتىدۇ. 200 لىك سۈرئەتكە بولسا 7.3 سېكونت، 300 لىك سۈرئەتكە 16.7 سېكونت (مېنىڭ ماشىنام بۇنچىلىك ۋاقىتتا ئاران 120 گە چىقىدۇ:evil: ) ۋاقىت كېتىدۇ! 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە بولسا 55.6 سېكونت ۋاقىت كېتىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن مۇشۇنچىلىك ۋاقىت كەتسىمۇ يەنىلا 400 دېگەن مۇشۇ سۈرئەتكە چىقالايدۇ! نۆۋەتتە بۇ سۈرئەتكە چىقىدىغان ماشىنىدىن پەقەت مۇشۇ بىرلا. ۋېيروننىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 407 كېلومېتىر.

بۇگاتى ۋېيروننىڭ بىر ئىككى پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى

بۇ ئەڭ دەسلەپكى بۇگاتى بىلەن ھازىرقى بۇگاتى

خوش، مانا مۇشۇنداق پەچەت ماشىنا زادى قانداق زاۋۇتتىن چىقىدىغاندۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز مېڭىڭ، تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ماشىنىنىڭ زاۋۇتىنى بىر زىيارەت قىلىپ كېلەيلى!

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/ultimate-factory-bugatti.html/feed 12
كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA (داۋامى) /good-choice-for-little-family-lova-2.html /good-choice-for-little-family-lova-2.html#comments Mon, 23 May 2011 04:45:45 +0000 پاسىبان /?p=2050 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

iOS 5 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش
无觅 ]]>

ئادىنقى يازمىدا لوۋاغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر ئارقىلىق تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ماشىنىنىڭ ئەمەلىي سىناق ۋە باھالاش ئېلىپ بارغاندىكى سۈرەتلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى.

ئارقا تەرەپ ساندۇقىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساندۇققا بىرەر نەرسىنى قويۇپ سىناپ بېقىش كېرەك. چوڭراق چامداندىن 2 سى راۋۇرۇس پاتقۇدەك

ساندۇقىنىڭ ئىچىگە بېشىمىزنى بەكرەك تىققاندا مونۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدىكەن. قارىساق ياڭراتقۇسى سىرتتىلا تۇرىدىكەن. قارىماققا سەل قوپال

رولغا قارىساق سېگنال بېرىدىغان جاينى 2 گە بۆلۈپ كىچىك-كىچىكتىن قىلىپ ئىككى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ مېنىڭ ئەڭ خوشۇم يوق ئۇسلۇب. ماڭا رولنى خالىغان جايىنى باسسام سېگنال بېرىلمىسە سېگنال بەرگەندەك ھاردۇقۇم چىقمايدىكەن. بۇنىڭ رولىنى تېرە بىلەن ئوراپ چىققان بولۇپ، قارىماققا خېلى يامان ئەمەس.

تۈنۈگۈن ئېيتقاندەك، كۆرسەتكۈچ ئەسۋاپلىرىنىڭ لايىھەلىرى خېلىلا ئۆزگىچە، لېكىن ئۆزىدىن نۇر تارقاتمىغانلىقى ئۈچۈن كۈندۈزدە سەل قاراڭغۇ كۆرۈنىدىكەن. پەقەت كەچلىك چىراق ياكى چوڭ چىراقنى ياققاندا ئاندىن بۇ جاينىڭ چىرىقى يانىدىكەن.

بىخەتەرلىك تاسمىنى ئېلىپ قويغۇچە ئارىلىق تار بولغانلىقتىن يان تەرەپنى سىزىۋېتىدىكەن.

قاملاشقان يېرى، بۇ جاينى باسساقلا ساندۇقى خېلى چوڭ ئېچىلىدىكەن. بەزى ماشىنىلاردىكىدەك ئازراقلا كۆتۈرۈلۈپ تۇرمايدىكەن.

1.75 مېتىر كېلىدىغان ئادەم ئولتۇرغاندىكى ئارىلىق بۇ ھالەتتە. بوشلۇقىنى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.

ئاچقۇچ سالىدىغان جايغا كىچىككىنە لامپا ئورنىتىپ قويسا كېچىدە خېلى قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ پۈتۈپ چىقىشى شۇنداق ئەرزان نەرسە. لېكىن لوۋادا بۇ چىراق يوق ئىكەن.

ئالدىدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسە قويىدىغان ئورۇنلار

كەينىدىكى ئىستاكان قويىدىغان جايغا ئىچىملىك قويغاندا ئاسانلا يىقىلىپ كېتىدىكەن. كونسىرۋا قويۇشقا لايىھەلىگەن بولسا كېرەك

بايىقى ئادەمنىڭ ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ھالىتى. يەنىلا كىچىك ماشىنىدە …

ئىچكى بېزىلىشىدىكى كۈمۈش رەڭلىك بۇ جاي خېلىلا تۈس قوشقان بولۇپ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

سىرتقى كۆرىنىشى ۋە ئۆلچىمى

لايىھە دەسلىۋىدىلا راھەتلىكنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەگىلگەندە ناھايىتى يۇمشاق ھېس قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ سپورت لەززىتىنى سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ

14 سۇڭلۇق 12 تاياقلىق ئاليۇمىن بەنداش. چاقىنىڭ پارامېتىرىنى ھېلىقى يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە ھېساپلاپ كۆرۈڭلار. بۇ خىل چاق ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى چاق تۈرىگە كىرىدۇ.

ماي قاچىلايدىغان جايىنى شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىدىكى يەرنى تارتىپلا ئاچقىلى بولىدۇ.

بوشلۇق جەھەتتە يەنە ئازراق كەمچىللىكلەر بار ئىكەن. ئالدى ئىشىكتىكى جايغا پەقەت گېزىت-ژورنال ياكى CD قويۇپ قويسا بولغۇدەك. باشقا نەرسە پاتمايدىكەن.

ئورۇندۇقنىڭ بۇ يېرىگە ئەگەر بىرەر ئىشكاپ قويۇلغان بولسا ….

ئارقا ئىشىكتە ھېچنىمە يوق …

ماي سەرپىيات سىنىقىدا تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كۆرۈلگەن.

بۇ سىناق 1.6 لىك ئاپتۇماتىك خوتلۇق نەشىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 100 كېلومېتىرغا 7.9 لېتىر ماي سەرپ قىلغان. بۇ بەك تۆۋەن سەرپىياتمۇ ئەمەس

تىزلىنىش سىنىقىدا نەتىجە تۆۋەندىكىدەك.

نېمىلا دېگەن بىلەن 1.6 لىك ئاپتۇماتىك خوت. كۆپ ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئورنى يوق. سىناق نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، 60 لىق سۈرئەتكە 5.33 سېكونتتا، 100 لىك سۈرئەتكە 12.4 سېكونتتا چىققان.

100 لىك سۈرئەتتە تورموز سىنىقىدا نەتىجە بەك ياخشىمۇ ئەمەس. بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى

نەتىجىگە قارىساق 46.6 مېتىر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ 1.6لىك ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئۈستىدە قىلىنغان سىناق. بۇ نەتىجىنى ناچار دېيىشكە بولىدۇ. چاق بەلكى بۇنىڭدىكى چوڭ ئامىل بولسا كېرەك. ئەمدى 1.6لىك قول خوت ۋە 1.4 لىك قول خوت ئۈستىدە قىلىنغان سىناققا قارايدىغان بولساق

بۇنىڭ نەتىجىسى 40 ۋە 42 مېتىر بولۇپ چىققان. ھەر قايسى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەلىپىگە يارىشا خالىغان نۇسقىسىنى ئالسا بولىدۇ.

يېڭى لوۋانىڭ نۆۋەتتە 4 خىل نۇسقىسى بار. بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا:

2010 نەشىرلىك 1.4 لىك قول خوت. باھاسى : 81 مىڭ 9 يۈز يۈەن.

2010 نەشىرلىك 1.4 لىك ئاپتۇماتىك خوت. باھاسى : 89 مىڭ 9 يۈز يۈەن.

2010 نەشىرلىك 1.6 لىك قول خوت. باھاسى : 93 مىڭ 9 يۈز يۈەن. (تۇڭلۈكى بار)

2010 نەشىرلىك 1.6 لىك ئاپتۇماتىك خوت. باھاسى : 101 مىڭ 9 يۈز يۈەن. (تۇڭلۈكى بار)

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/good-choice-for-little-family-lova-2.html/feed 5
كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA /good-choice-for-little-family-lova.html /good-choice-for-little-family-lova.html#comments Sun, 22 May 2011 05:23:41 +0000 پاسىبان /?p=2043 بۇ يازمىلارغىمۇ ئىشتاھايىڭىز بولىشى مۇمكىن
كىچىك ئائىلىلەر ئۈچۈن دەسلەپكى تاللاش – چېۋرولېت LOVA (داۋامى)

ھېيتلىق لازىممۇ؟! مانا ئەمىسە!

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات – تولغىنىش مومېنتى

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

iOS 5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا تەييارلىق – SHSH نى زاپاسلاش
无觅 ]]>

دىيارىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. كوچىدىكى ماشىنىلارغا قارىساق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماشىنىلاردىن كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارغىچە بولغان بۇ قاتلام ئەڭ كۆپ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ. 1~2 پەرزەنتلىك ئائىلە ئۈچۈن ئىخچام، قولاي، ماي سەرپىياتى تۆۋەن ھەم رېمونت قىلىش چىقىملىرى ئاز بولغان ماشىنا ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشى بولالايدۇ.

بۇ ماشىنا ئەڭ دەسلەپ قولۇمغا چۈشكەن ۋاقتى سىڭلىمنىڭ توي كۈنى ئېدى. ماشىنىلارنى تىزىپ رەتلەش، يول باشلاش، تەرتىپكە سېلىشتەك «كاتتا ۋەزىپە» ماڭا كەپقالغان ئىكەن. لېكىن ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسى باشقىلارغا لازىم ئىكەن. شۇڭا بىرەيلەن بۇ ماشىنىنىىڭ ئاچقۇچىنى بەردى ۋە مۇشۇ ماشىنىدا بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى تاماملىشىمنى ئېيتتى. بۇ چاغدا مەن «ئاغىينەڭ بارمۇ» دېسە «بار» دېگۈدەك يوغان-يوغان ئاداشلىرىمدىن 4 نى سېلىۋالغان ئىدىم. ئەمدى ئۇلارنى بۇ «پىكاپ»قا چىقىرىپ قانداق سۆرەپ بولارمەن دەپ ئەندىشىدە قالدىمدە؟ يەنە كېلىپ ھېلى ئالدى، ھېلى كەينىگە چېپىپ يۈرۈيدىغان ئىش. خىيالىم بۇ ماشىنىنىڭ قۇۋۋىتى بۇنىڭغا يار بېرىش-بەرمەسلىكىدە قالدى. ئىلاجسىز ئۇلارنى بۇ ماشىنىغا ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىنى باشلىۋەتتىم.

ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندا دەسلەپ ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قىستاڭچىلىقمۇ ھېس قىلمىدىم. مەن ئىچىنى بەكلا كىچىك دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئورۇندۇقنىڭ ۋە ماشىنىنىڭ ئومومى ھالىتى ماڭا خېلى يۇمشاق، راھەت تۇيغۇ بەردى. بۇ ماشىنىغا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچەمدە خېلى ئۆزگىرىش بولدى. توي ماشىنىلىرىنىڭ ئالدى-كەينىگە تولا بېرىپ-كېلىپ ھېس قىلدىم. ماتور كۈچى ئويلىغىنىمدىن كۆپ ياخشى، كۈچلۈك ئىكەن. بۇ چاغدا كىچىكلىكىدىن ئەنسىرىگەن، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ئاددىي چاغلىغان بۇ ماشىنا ماڭا خېلى ياخشى تەسىر قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى بېزىلىشى ۋە باشقا جايلىرىغا تەپسىلىي زەن سېلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدىم. قىسقىغىنە بىرەر سائەتلىك سىناقتىن كىيىن ھېس قىلدىمكى، مۇشۇ ئىقتىدارىغا بېقىپلا بۇ ماشىنىغا ئۆز باھاسىغا يۈز كېلەلەيدىغان ماشىنا دەپ باھا بېرىشكە بولاتتى. خۇلاسە كالام – بۇ ماشىنا ئويلىغىنىمدىن كۆپ ياخشى ئىكەن.

سىرتقى كۆرىنىشى

ئالدى تەرەپ تور يېڭى نۇسقىسىدا خېلى چىرايلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلىپتۇ. ماركا بەلگىسى روشەن ئىپادىلەنگەن.

چوڭ چىرىقىمۇ بىر قاراشقا جەمەتى بولغان كرۇزنىڭ چىراقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

6 لىك بەنداش ماشىنىغا چىرايلىق تۈس قوشالىغان. بۇ بەنداش خېلى چىرايلىق ئىكەن.

كۆرۈش ئەينەكلىرى ئوخشاش رەڭلىك. قاراشقا ئورۇق، كىچىك كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇنچە «چۈپەي» ئەمەس

ئارقى تەرەپتىكى ماركا ۋە زاۋۇت ئىسمى يېزىلغان جاي ماشىنىنىڭ ئەسلى رەڭگى بويىچە سىرلانغان. كىشىگە ئالا-چىپار تۇيغۇ بەرمەيدۇ

تۇمان چىقىرىنىڭ ئورپ تۇرغان بۇ جايمۇ ئالدى تورى بىلەن ئوخشاش قىلىپ لايىھەلەنگەن

ئىچكى بېزىلىشى

لايىھەسى خېلىلا سىپتا. كشىگە تۆۋەن دەرىجىلىك ماشىنىدەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ.

تۇتقۇچدىكى، رولدىكى ۋە خوتتىكى جايلارغا سەپ سالساق رەڭ ئېلىمېنتلىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

رولى چېۋرولېت ئائىلىسىدىكىلەرگە ئورتاق. شۇ پۇراقنى ئەسلىتىدۇ.

كۆرسەتكۈچ ئەسۋاپلىرىنىڭ لايىھەلىرىمۇ چىرايلىق. خاسلىققا ئېگە

ئۆزى ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك ماشىنا بولسىمۇ ئاپتۇماتىك خوت نۇسقىسى كەم ئەمەس.

يان تەرەپتىكى كەينىنى كۆرۈشا ئەينەكلىرىنى ئاپتۇماتىك تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ساندۇقنى مانا مۇشۇ جاينى بېسىپلا ئاچالايدىكەنسىز.

تۇڭلۈك 1.6 لىك نۇسقىلىرىدا بار ئىكەن

تۇتقۇچىدا ئاسما ئوكۇل ئاسىدىغان جايمۇ كەم ئەمەسكەن

گىرىم ئەينىكى

AUX ئېغىزى بار بولۇپ، باشقا ئاۋاز چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاۋازىنى سىملىق ئۇلىغىلى بولىدۇ

خوتنىڭ ئالدىغا مەخپىي ئورۇنلاشقان 2 دانە ئىستاكان دەستىسى.

ئورۇندۇق ۋە بوشلۇقى

ئارقا رەت ئورۇندۇق

شوپۇر ئورۇندۇقى

سىرتتىن قارىغاندا ئىچى ئۇنچە ئاددىيمۇ ئەمەس

ئالدى رەتتىكى نەرسە-كېرەك ساندۇقى بەك چوڭ دېگۈدەكمۇ ئەمەسكەن

ئىشىككە ئورۇنلاشقان گېزىت ۋە كىتاب-ژورنال قويىدىغان ئورۇن

ساندۇق قارىماققا چوڭمۇ ئەمەستەك. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلە كىچىك تىپتىكى ماشىنىدە

لېكىن بۇنداق قىلغاندا خېلى كۆپ بوشلۇق قوشۇلىدىكەن.

ئالدى تەرەپتە يەنە بۇندا جايمۇ بار ئىكەن.

ئادەم ئولتۇرغاندىكى ھالەت

شوپۇر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندا

ئولتۇرغاندا باش بىلەن تورۇسنىڭ ئارىلىقى خېلى بار بولۇپ، قىشتا قۇلاقچا-تۇماق بىلەن چىقىپ قالساقمۇ بەك قىستىلىپ قالمىغۇدەكمىز

ئالدە رەتتىكى پۇت ئارىلىقى

ئارقا رەتتىكى پۇت ئارىلىقى

ماتور ۋە تەگلىك

لوۋاغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئات كۈچى 94 ۋە 106. قۇۋۋىتى بولسا 69 ۋە 78 كېلوۋات. بۇ خىل قۇۋۋەتنى بىر قەدەر يۇقىرى دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بىرسى 1.6 لىك نۇسقىسىغا تۇربو ئورۇنلاشتۇرۇپ ئات كۈچىنى 150 تىن ئاشۇرغان ئىكەن. ئەڭ يۇقىرى ماتور ئايلىنىشى مىنۇتىغا 6200 قېتىم. بۇ چاغدا ئات كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. تولغىنىش مومېنتىنىڭ بولسا 1.4 لىكنىڭ 3200 دە، 1.6 لىكنىڭ 3600 دە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

ئاسمىسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكىسى مەكفورسىن شەكلىدىكى مۇستەقىل ئاسما. ئارقا تەرەپتىكىسى كۆۋرۈكلۈك ئاسما.

ئاپتۇماتىك خوتنىڭ 4 خوتلۇق، قول خوتنىڭ 5 خوتلۇق كورۇپكا ئىكەن. 1.4 لىك 1.6 لىكنىڭ ئوخشاش.

بۇرۇلۇش ياردەمچىسى بولسا شېستىرىنلىق مايلىق بۇرىغۇچ ئىكەن.

ئارقا تەرەپ ئاسمىسى

بۈگۈن ۋاقىت مۇشۇنچىلىك يار بەردى. ئاللاھ خالىسا ئەتە ئەمەلىي سىناق رەسىملىرى بىلەن تەپسىلىي قىلىپ داۋاملاشتۇرىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟

]]>
/good-choice-for-little-family-lova.html/feed 4