ئالدىنقى كۈنى PaPaBong ناملىق ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇننى تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۈگۈنكىسى App Store دىكى مۇشۇ ساھەدە يول ئاچقۇچى، ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇن.

داۋامىنى ئوقۇش »

Pah دەيدىغان ئويۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئويۇننى ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئويناش بىزگە كۆپ يېڭىلىق ئىدى. Pah بۇ ئېرىقنى ئېچىپ بەرگەندىن بۇيان خېلى كۆپ قىسىم پروگراممىرلار بۇ يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىكەن. بۈگۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغان Pa Pa Bong مۇ دەل مۇشۇنىڭ مەھسۇلى!

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفونىڭىزغا دورامچۇقلار ئائىلىسىدىن ھېچ بولمىسا بىرەر دانە بولسىمۇ قاچىلانغانغۇ دەيمەن؟ بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ خانقىزمۇ ناھايىتى ئوماق دورامچۇقنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە مەن بىلىدىغان دورامچۇقلار ئىچىدە ئەڭ ئوماق قىز جىنسىدىكى دورامچۇق ھېساپلىنىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

دورامچۇق مۈشۈك تام – دورامچۇقلار ئارىسىدا ئەڭ بۇرۇن چىققان ۋە ئەڭ يۈز تاپقان ئەرمەك ھايۋان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ مۈشۈكنى Outfit7 شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ مۈشۈك خەلقئارادا چوڭ يۈز تېىپىپ كوچىدىكى سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەشەمەت ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇدەك…

داۋامىنى ئوقۇش »

ئەتىگەندە قارىسام بۇ ئىككى ئويۇننى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. ھەر ئىككىلىسى Universal بولۇپ، ئايفون، ئايتاچ ۋە ئايپەد ھەممىسىگە ئورتاق. بىرى 3D لىك جەڭ ئويۇنى. 使命召唤 گە ئوخشاش ئۇنداق ھوزۇرنى بېرەلمىسىمۇ دەمال شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. يەنە بىرسى بولسا 2D لىك بولغىنى بىلەن ناھايىتىمۇ قىزىقارلىق ئويۇن. ھەر ئىككىلىسى ساقلاپ قويىدىغان ياخشى ئويۇنلار ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

بىر پارچە رەسىمىنىڭ ئۈستىگە باشقا رەسىمدىن بىرنى قاپلاپ، چىرايلىق قىلىپ بېزەپ بىرسىگە ئىۋەتىپ بەرسىڭىز ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ ئاستىغا بىرەر مەخپىيەتلىكنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمايدۇ. بەزى مەخپىي رەسىملەرنى Secret Photo ناملىق بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ  ساقلاپ قويسىڭىز ياكى دوستىڭىزغا ئىۋەتىپ بەرسىڭىز باشقىلار چوقۇم بۇنى ئاسانلىقچە بايقىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تېشى بىلەن ئىچى باشقا – باشقا

داۋامىنى ئوقۇش »

ھەممىمىزگە مەلۇم. ئايفون 4 نىڭ ئېكرانى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈزۈك ئېكران ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئىكراننى رېتىنا (Retina) ئېكرانى دەيمىز. HD بولسا High Definition نىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ، خەت مەنىسى بويىچە ئېيتساق يۇقىرى ئېنىقلىق دېگەن مەنا چىقىدۇ. رېتىنا ئېكرانى دەل HD ئېكران. ماۋۇ ئويۇنمۇ ئايفون 4 نىڭ رېتىنا ئېكرانىنى قوللايدىغان HD ئويۇنكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۆسۈملۈك بىلەن مۇردا ئويۇنى بەكلا مودا بوپ كەتكەن ئېدى. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆزگىچە ئويۇن ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

گىرمانىيە FDG يانفون ئويۇنى ئىشلەش شىركىتىنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن بىر قانچە ئويۇنلىرى ئاجايىپ بازار تاپقان ئىدى. مۇزىكىلىرى ئىنتايىن يىنىك، ھەرىكەتلىرى شۇنداق ئوماق بۇ ئويۇن ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئويۇنى بولۇپ، ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئادەمنىڭ راستىنلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان پەچەت ئويۇنكەن. كۆرىنىشى رەڭگارەڭ ھەم بەكلا سۈزۈك. سىزمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش